مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2725|ئىنكاس: 48

تېلفۇندىن چىققان تېراگىدىيە(ھىكايە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74534
يازما سانى: 41
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 225
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 29 سائەت
تىزىم: 2012-2-2
ئاخىرقى: 2012-6-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 01:36:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تېلفۇندىن  چىققان تېراگىدىيە(ھىكايە)

شۇڭقار قادىر

تېلفۇننىڭ يىقىمسىز سايرىشى ماينۇرنى يەنە بىر قېتىم ھودۇقتۇردى.

-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم؟

قارىشى تەرەپتىن سەت خىقىرغان ئاۋاز ئاڭلاندى.ئاندىن مەس بىر ئەرنىڭ ئاۋازى كاراڭ-گۇرۇڭ چىقىشقا باشلىدى.-ماينۇرەممۇ سەن جىنىم؟ نەرلەردە نىمە قىلىپ يۇرسەن ھوي!؟ قۇربانكاڭ تېلفۇن قىلمىسا  تېلفۇن قىلىش خىيالىڭ يوقتەكلا! بۈگۈن مەن سەل ياشىغان دىگىنە، يىنىمدا پۇل تۇگەپ قالدى، شۇڭا سىنى ماڭغا بىرە مىڭ يۇەن ئىلىپ چىقىپ بىرەمدىكىن دەپ.....- مەس ئەرنىڭ گېپى ئۇزۇلدى، ماينۇر غەزەپتىن يىرىلغۇدەك بولۇپ، تىتىرگەن قوللىردا  تېلفۇننى قۇلقىغا ئىلىپ بىرىپ:

-سىز تېخى بەش كۈن بۇرۇن مەندىن ئۇچ مىڭ يۇەن ئىلىپ، مىنى ئىككىنجى ئىزلىمەسلىككە قەسەميات قىلۋاتقان ئىدىڭىزغۇ؟! مانا ھازىر مىنى قېيناۋاتسىز. سىزنىمۇ ئەركەك دېگىلى بولامدۇ؟!سىز ئادەممۇ نىمە؟ مىنى بوزەك چاغلاپ قالدىڭىز ما؟!...

-نىمە قەسەم ئۇ؟! پۇل چىقارمىساڭ ھى؛ىقى ئىشنى ئىرىڭغا ئىيىتىپ چاۋىڭنى چىتقا يايماي يەنە!

-بولىدۇ، مەن ھازىر 500يۇەن بىرىپ تۇراي، قالغىنى كىيىن بىر گەپ بولار

ئاردىن ھەپتە ئوتۇپ بىر كەچلىكى ماينۇرنىڭ تېلفۇنى يەنە سايرىدى. بىراق ماينۇر پەقەتلا تېلفۇننى ئىلىشنى خالىماي بېسۋەتتى.بۇچاغدا بىر ئائىلدى ئۈچ كىشى تاماق يەپ تېلۋۇزۇر كۆرۇپ ئولتۇراتتى. بۇ خىل ئەھۋال داۋاملاشقىلى ئۇدا ئىككى كۈن بولغاچ ماينۇرنىڭ يولدىشى ئەركىننىڭ دېققىتىنى تارتتى.

-نىمىشقا تېلفۇن ئالمايسەن، نىمە تېلفۇن بۇ؟-سوردى ئايالىغا قاراپ.

-بىرسى خاتا ئۇرۇپ قالغان چىغى، مۇشۇنداق ئاۋارە قىلىپ تۇرۋاتىدىغۇ.-دىدى ماينۇر سەل ئوڭايسىزلىنىپ.

شۇنداق ئىشمۇ بولامدۇ؟ ئەكىلە مەن كۆرۇشۇپ باقاي، قانداق گۇي بۇ؟!

تېلفۇننىڭ سايرىشى بىلەن ئەركىن ئايالى ماينۇرنىڭ قولدىن تېلفۇننى كۇچەپ تارتىپ ئالدى ۋە قوبۇللاش كونۇپكىسنى باستى.«ماينۇر دىگەن بۇزۇق تېلفۇننى ئالمايدىغان بولۇپ كەتتىڭما؟! تولا ئاچچىغىمنى كەلتۇرمە جىمۇ!....» ئەركىن تېلفۇننى كۈچەپ ماينۇر تەرەپكە ئاتتى. ماينۇر ئۆزىنى قاچۇرۋىلىشقا ئاران ئۇلگۇردى.‹‹تاڭ›› قىلغان ئاۋاز بىلەن تېلفۇن تامغا تىگىپ پارە-پارە بولۇپ گىلەم ئۇستىگە چۇشتى. ماينۇر ‹‹خۇدا! ئۆزۇڭ بار!..››دىگەنچە ئىچكىرىكى ئۆيگە كىرىشكە ئۈلگۈردى.

قاتتىق تاياققا بەرداشلىق بىرەلمىگەن ماينۇر ھەممىنى ئىقرا قىلىشقا مەجبۇر بولۇپ، ئىرىنىڭ پۇتىغا ئېسىلىپ، يېغلا يالۋۇرغانچە ئوتكەن ئىشلارنى بايان قىلىشقا باشلىدى.


ماينۇر ئىككى يىل مۇقەددەم دوسلىرى بىلەن چاي ئويناپ كەچ ئۆيگە قايتىپ ماڭدى، سورۇننىڭ خۇشكەيىپ ھالىتىنى ئويلاپ ناخشا غېڭشىپ كىتۋاتقىندا مۇشۇ يۇرتنىڭ لۇكچىكى ئاتالغان قۇربان بىلەن دوقارىشىپ قالغان.قۇربان سەك كەيىپ بولۇپ ماينۇرغا قاراپ:

-خانقىز بەكلا گۈزەل بولۇپ كىتىپسىزغۇ!... مىنى راسا بىر خۇشال قىلمامسىز؟... بىزنىڭ مەھەلنىڭ گۈلى جىمۇ سىز! كىلىڭ، پەيزى قىلمايمىزمۇ....

ماينۇر قىچىشقا ئۇرنۇپ ياندىكى ئوستەڭ بويغا قىچىشقا ئۇرۇنۋىدى، كاج تەقدىر، ئۇ قۇرۇپ كەتكەن دەرەخ كوتكىگە پۇتلىشىپ يىقىلىپ چۇشتى، ئۇ ھۇشۇنى يىغىپ بولغىچە قۇربان كۇچلىك قوللىرى بىلەن ئۇنى قاماللاپ، ئۇدۇل كەلگەن جايىغا سويۇپ، بىردەمدىلا قولى كالتا ئىشتىنغا بىرىپ بولدى.

بۇ دەل7-ئاينىڭ پىژغىن ئىسسىق بولغان كۈنلەرنىڭ بىرسىى بولۇپ، ھەممە يەر دىمىق ئىدى. قۇربان ماينۇرنىڭ ئائىلسىنىڭ يۇز-ئابرويىغا بەكلا ئەھمىيەت بىردىغان كىشلەر ئىكەنلىكىنى بىلگەچكە، مۇشۇنى باھانە قىلىپ، بۇ ئىككى يىل جەريانىدا ماينۇرنى دائىم قاقتى-سوقتى قىلاتتى.ماينۇر بۇنداق نۇمۇسلۇق ئىشنى ئىچىگە تىنىپ، بىرسىگە، ھەتتا ئاتا-ئانسىغىمۇ تىنالماي، يولدىشى ئەكبەرنىڭ ئالدىدا گۇناكارلاردەك ھېس قىلىپ يۇرۋاتاتتى. مۇشۇ ئىش سەۋەبلىك يولدىشنىڭ بىلىپ قىلىپ 14ياشلىق ۋە سەككىز ياشلىق ئوغلىنىڭ يېتىملىك ئازاۋى تارتىپ قىلىشىنى خالىمايتى.

شۇنىڭ ئۈچۈن قۇرباننىڭ يولسىز تەلەپلىرنى بىر-ئىككى قىتىم ئورۇندىغاندىن كىيىن، ئاستا-ئاستا قۇرباننىڭ بۇنداق قىلمىشغا كۆنۇپ قالدى. بولۇپمۇ يولدىشى ئۆيدە يوق، ھاراق ئىچىپ سىرىتلاردا قونۇپ قالغاندا ئەۋجى ئىلۋاتقان ئاياللىق ھېسياتى تەبېئىيلا قۇرباننىڭ شۇ كۈندىكى قىلقىنى خالايدىغان بولۇپ قالدى. بۇنداق چاغلاردا ماينۇر:«ئىرىم سىرىتلاردا ئاشنا تۇتۇپ ئوينىسا بولدىكەن، مەن بۇنداق قىلسام نىمە بولۇپتۇ، پۇل بار، ھوقۇق بار ماڭغا نىمە كەمچىل؟.... شۇ بىر بەدىنىمنى سىيلاپ، ھېسياتىمنى ئۇرغىتىدىغان بىر ئەر كەمچىل. ئىرىم ئەترەتنىڭ سىكىرتارى دەپ، سىرىتلاردا ئاشنا تۇتۇپ، مىنى ئويلاپ قويمايدۇ، مەن بىر ئائىلە ئۈچۈن، بالا بېقىش ئۈچۈن يارالغاندەك ئولگۇدەك ئىشلەيمەن، ھۆكۇمەت خىزمىتىنى قىلمىسام تېخى! مەنمۇ كۈنلىرىمنى مۇشۇنداق خۇشال ئوتكۇزەيچۇ؟ قۇربان ھاراقكەش بولغان، مىنىڭ پۇلۇمنى خەجلىسىمۇ ماڭغا بەكلا قىزغىن مۇئامىلە قىلىپ، ھارغان يىرىمغا باردى. ئاللاھ ئىگەم شاپائەتلىك، بۇنداق ئىشلىرىمنى كەچۇرۋىتەر....كىيىن توۋە قىلىپ، گۇناھىمنى يۇيۇشقا تىرىشارمەن....» دەپ تەسەللى بىرىپ يۇرەتتى. لىكىن بۇ بىر ھەپتىدىن بىرى ئىرى قىيىشقاندەك سايلام، يۇقۇردىن  چۇشىدىغان پاكلىق قۇرلىشى باھالاشنى كۇتۋىلىش ئۈچۈن، سىرىتلارغا كەم چىقىدىغان، چىقسىمۇ  بىردەمدىلا پەيدا بولۇپ ئۆيگە بىكىنىپ ئولتۇردىغان بولۋالدى. شۇڭلاشقا يانفۇننى ئۆي ئىچىدە ئىلىش تولمۇ بىئەپ بولۇپ قىلۋاتاتتى. مانا ھازىر مۇشۇنداق بىر ئىش يۇز بىرىپ، ئىرىغا يالۋۇرۇپ، ئاللادىن ئاسانلىق تېلەپ، لاغىلداپ تېتىرەپ تۇرغان ئىدى.

-جۇشقۇن سەن تېزدىن سەمەت قاۋان بىلەن مەنسۇر بوغالتىرنى چاقىرىپ كەل، تېلفۇن قىلسام ھېچبىر ئۇلانمايدا!  ئىچىمنى سىقىلىپ تۇرغاندا،-

ماينۇرنىڭ ئىرى چوڭ ئوغلىنى بۇيرۇپ ئىشىكتىن چىقارغاندىن كىيىن، ماينۇرغا يۇزلەندى-دە:

-سەن قانجۇقنى قۇرئان ساۋادى بار، ئاللاھ يولنى بىلدۇ دىسەم، قىلۋاتقان ئىشلىرىڭنى قارا!؟ سەن ھازىر ئۆينىڭ تېلفۇندىن قۇربان كالاچقا تېلفۇن قىل، پۇلنى ناھىيە سىرىتىدىكى جىغانلىق يىندا ئۇچۇرشۇپ بىردىغانلىقىڭنى ئېيىت!... بىر سائەتتىن كىيىن ئۇچۇرىشايلى دە!....- ماينۇرنىڭ ئېرىننىڭ ئىغىزدىن گەپ ئۇزلۇپ-ئۇزلۇپ چىقۋاتاتتى، ئاچچىغى يانمىغانلىقتىن، پۇت-قوللىرى تېتىرەپ، كاللسى گاراڭشىپ، بىر نەرسىلەرنى چېقىپ، تامغا باركۈچى بىلەن مۇشلايتى، ئاخىردا ئايالغا قاراپ ھوكۇرگەنچە تامغا ئىسىپ قويغان ئاتا تەۋەرۇك پىچاقنى سۇغۇرۇپ ئالدى-دە،بۇلۇڭغا  مۇكچىيىپ كىرگىلى توشۇك ئىزلەۋاتقان ئايلىغا ئىتىلىپ بىرىپ، كانىيغا پىچاقنى سۇركەپ، تېلفۇننىڭ يىنىغا ئىلىپ بىرىپ:

-قىنى تېلفۇن قىل دەيمەن؟... مەن بايا دېگەن سۆزنى ئىيتىپ، ئۇنى ناھىيە سىرىتىغا چاقىر! بولمىسا مۇشۇ يەردە سېسىق جىنىڭنى خۇدا ئالغىچە مەن ئىلىپ بولماي يەنە....

-قۇر... قۇربانكاممۇ؟ مەن پۇلنى جى...غانلىقتا بەرسەم....

- پەيزىڭ تۇتۇپ قاپتۇ-دە! مەيلى، مەن بىردەمدە يىتىپ بارمەن، سىنى خۇشال قىلۋىتىپ ياندىكەنمەن-دە! -قارىشى تەرەپتىن ئاۋاز ئىنىق ئاڭلىنىپ تۇرۋاتاتتى.

تېلفۇن تېزلام قويۋىتىلدى. بۇچاغدا ئېگىز، قاۋۇل كەلگەن سەمەت قاۋان بىلەن ۋېجىك كەلگەن مەنسۇر بوسۇغىدا پەيدا بولۇپ، گېنرالدىن بۇيرۇق كۇتۋاتقان قوغدىغۇچىدە:« ئەسسسالام سىكىرتار، نىمە تاپشۇرۇق باركىن، باھالاشنىڭ تەييارلىقى پۇتۇپ قالدى، كۆرۇپ يوليۇرۇق بىرەملا؟» دىدى بوغالتىر، سىكىرتارنىڭ چىراينىڭ تۇتۇلغان ھالىتىگە قاراپ.

-ھازىر ماشىناڭ تەيياردۇ؟ بىريەرگە بارمىز.

-تەييار، ئىشىك ئالدىدىلام، مەن قوزغاتقاچ تۇرايمۇ؟

-شۇنداق قىل، بىر يەرگە بارمىز!

ناھىيە سىرىتىدىكى جىغانلىق بىر كەنىت ئىسمى بولۇپ، يەنە بىر يېزىغا تۇتشىدىغان ئارلىققىچە كەڭ كەتكەن سايلىق كۆزگە تاشلىنىپ ياتاتتى.

جۇدەنگۇ، قارامتۇل كەلگەن، ئوتتۇرا بوي بىر كىشى يان يول ياقىسىدا، بىر كىمنى ساقلاپ تاقەتسىزلەنگەندەك، ئورە تۇرۇپ بولالماي، قىر يىنىدىكى تاشتا ئولتۇرۇپ، موخۇركىسىغا ئوت ياقتى. موخۇركا يىرىملاشمايلا قارا رەڭلىك بىر كىچىك ماشىنا ئۇنىڭ يىنىدە توختىدى ۋە« توختاخۇن ماشىنىغا چىقسىلا، بىر سورۇنغا نەغمە قىلىپ بىردىكەنلا» دەپ بوغالتىر ئۇنى ماشىنىغا تارتى. قۇربان:

-مەن، ،مەن بىرسىنى.....- بۇچاغدا سەمەت قاۋان ئۇنى كىچىك بالنى كوتەرگەندە كوتۇرۇپ، ماشىنىغا باستى-دە، ماشىنا قوزغالدى.

-مانا مىنىڭ ئايالىمغا چىقىلغان، پوغۇرلۇق قىلغىنىڭغا...- سىكىرتار مۇشتىنى تۇگۇپ، غەزەپ بىلەن ئۇنىڭ يۇزگە سالدى. ۋايجانلاش، قالايمىقان مۇش-تىپىل ئىچىدە ياتقاندا، ماينۇرنىڭ ئىرى قولغا ئىلناشقان چوڭ تاش بىلەن قۇرباننىڭ بىشىغا «جاق» سالدى. قۇربان بىر-ئىككىنى خىقىراپ، ھارام قالغان كالدەك قاتتىق بىر تېنىپ جىم بولدى. ئۇلار ئۈچ كىشى شۇ چاغ ئىسىنى يېغىپ، ئۇنىڭ تىنقىنىڭ توختاپ قالغانلىقىنى بايقىدى.

-سىكىرتار ئۇ... ئۇ ئولۇپتۇ. قانداق قىلمىز؟! -دىدى چىرايى سارغايغان بوغالتىر غل-غال تېتېرەپ.

-بۇنى كۈمۇپ، ئاستا ھېچنىمىنى بىلمەس بولۋالايلى، قىنى سەن سەمەت. يۇلغۇنلۇق يان تەرەپنى چۇڭقۇر كولا، تېز بول. ما تېلفۇننىڭ سايراپ توختىمىغىننى...

ئۇلار ئىشلىرنى تۇگۇتۇپ، ماينۇرنىڭ ئۆيگە يىغىلىپ، كىيىنكى ئىشلارنى مۇزاكىرە قىلىشقاندا چوڭ ئوغلى ۋەلىنىڭ چىرايى ئوڭۇپ، كالپۇكلىرى كوكۇرۇپ كىتۋاتاتتى. ئۇ ئورۇندۇققا قىيسالغاندا، شىرەدىكى چىنە يەرگە چۇشۇپ «چاڭ..چۇڭ» قىلغان ئاۋاز بىلەن سىكىرتار ئوغلىغا قاراپ قويۇپ ماينۇرغا:

-بۇنىڭ ھەممىسى سىنىڭ سەۋەنلىگىڭ! ماڭا چىقىپ باللارنى ئورۇنلاشتۇر،- بۇيرۇق بىرۋىتىپ، ئەتتىكى يېغىننىڭ ئىشنى ئويلاشقا ئوتتى.

ئىككى كۈن ئوتكەندە، ناھىيە، ۋېلايەت ساقچىللىرى بىرلىشىپ، قۇربانىڭ سىرلىق يوقۇلۇپ، جىغانلىقتىن  ئۆلگى چىقانلىقىنى ئېيتىپ ئەنزە تەكشۇرگىلى مۇشۇ ئەترەتكە  سەككىز نەپەر ساقچى چۇشتى. بۇلارنىڭ ئىچىدە رازېۋىتكا ئەتىرىتىنىڭ باشلىقى غوپۇرمۇ بار ئىدى.

-بۈگۈن چارچاپ قالدىڭلار، بىزنىڭ ئۆيدە كەچلىك تاماقنى يەپ، ئاندىن تەكشۇرۇشنى باشلىشاڭلارمۇ بولار؟-دىدى سىكىرتار

-بۇمۇ بولىدىغان تەكلىپ غوپۇركا-ئارزىگۈل ئىسىملىك ئايال ساقچى گەپ قاتتى،-ئەمەلدارلار قول ئوچۇق كىلدۇ، بىرىپ سەھرانىڭ لەغمىنىگە ئىغىز تەگمەيلىمۇ؟

سىكىرتار سەل ھودۇقتى، لىكىن چاندۇرماي:

-بەلەن گەپ، سىزلەردەك خەلىقنىڭ غىمىنى يەيدىغان ئىزىز مېھمانلارنى كۇتۇش بىزنىڭ شەرىپىمىز.

غوپۇر ئارزىگۈلغا ھومۇيۇپ قاراپ قويدى، ئاندىن بىرتال سىگارتنى چىقىرىپ قاتتىق پۇۋلەپ، ھاجەتخانا تەرەپكە يول ئالدى.

- ئانا ساقچى ماشىنىسى كىلۋاتىدۇ، نەگە قاچارمىز؟..- ھودۇققان، تېتېرگەن ماينۇرنىڭ چوڭ ئوغلى يۇگۇرۇپ ئۆيگە كىرگەندە ماينۇر لەغمەنگە پىلتە قىلۋاتاتتى.

-مەيلى قوزام، سىز ئىچكىركى ئۆيدە تېلۋۇزۇر كۆرگەچ تۇرۇڭ، ھېچ ئىش بولمايدۇ،-ماينۇر ئوغلىنى بەزلىگەن بولسىمۇ، ئۆزنىڭ پۇت-قوللىرى كالۋالىشىپ، ھېچبىر ئىشى قولاشماي قىلۋاتاتتى.

- ماۋۇ سەمەت نەگە كەتتى ئەمدى،-سىكىرتار ئالدىراپ، داسقاننى ئۆزى سىلىپ، مەزە ئىلىپ كىرگىلى مىڭۋىتىپ، ئوغلىنى چاقىردى:

- ئەركىن ،سەن ساقچى ئاكاشلارغا سۇ بەرگەچ تۇر ئوغلۇم

ئەركىن چىلاپچىدا سۇ ئىلىپ كىرگىچە، بوسۇغىغا پۇتلىشىپ، سەنتۇرلىپ كەتتى، سۇ بەرگۇچە قوللىرى تىتىرەپ، قولاشماي قىلۋاتاتتى. ماينۇر چاي چەينىكىنى كوتۇرۇپ كىرگىچە، نەچچە ھودۇقۇپ ھىلى چەينەكنى، ھىلى پىيالنى يەرگە تاشلاپ كىتۋاتاتتى. بۇنىڭغا دەسلەپ دېققەت قىلمىغان غوپۇرنىڭ بۇ ئىش دىققىتىنى تارتى-دە، سۈرلىك ئاڭدا:

-نىمە چاينى شىمىمغا توكىسەن، سىنىڭ بۇ ئەنزە بىلەن چىتىشلىقىڭ بارمۇ نىمە؟...

ئەركىن « سىنىڭ چىتىشلىقىڭ بامۇ...» دىگەننى ئاڭلاپ، ئاپتۇنى تاشلاپ سىرىتقا ئۆزنى ئاتتى.

ھۇشيار كەلگەن ساقچىلار نەق مەيداندا ئەركىننى سوراق قىلىشقا باشلىدى.

«ھاياتلىق ئۆزنىڭ نۇرمال يولدىن چىققاندا ، تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز مۇشۇنداق يامان ئاقىۋەتتىنى كەلتۇرۇپ چىقىردۇ. بىزلەردىكى بۇرۇنقى ھايا، نۇمۇس، ئادىمىيلىك نەرلەرگە غايىپ بولۇپ، نىملەر بىزلەرنى تىپىۋالدى-ھە!...» غوپۇر شۇلارنى ئويلاپ، ج خ ئىدارىسىدىن سوت مەھكىمىسگە قاراپ يول ئالدى.

...

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-25 06:10 PM  


نېمىلەرنى ئويلا

دائىملىق ئــەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12654
يازما سانى: 1158
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8088
تۆھپە نۇمۇرى: 251
توردا: 2904 سائەت
تىزىم: 2010-10-4
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 02:28:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نەپسى - شەيتانى غالىب كەلگەن ئىكەن ماينۇر خېنىمنىڭ ............شەيتاننىڭ كەينىگە كىرگەنلەرنى شۇنداق تىراگىدىيەلەر كۈتىۋالىدۇ ................................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77848
يازما سانى: 135
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1737
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 80 سائەت
تىزىم: 2012-3-24
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 02:40:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق ئايالمۇ ئاللا يولىنى تۇتۇپتىمىش...مۇشۇنداقلا سەۋەبىدىن قىز-ئوغۇللارمۇ بىر-بىرىگە ئىشەنمەس،ياغلىق چەككەنلەرنىڭ كۇرسى چۇشۇرۇپ يوق قىلىپ بېرىۋاتىدۇ...جان چىكەتسىمۇ،توينىڭ ئالدىدا ھەممە گەپنى دىسە دەيمەن ...مەنغۇ تېخى توي قىلمىدىم.بۇنداق پوقى جىقلاردىن خۇدا ساقلىسۇن...

چەكلەنگەن ئەزا

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78512
يازما سانى: 130
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 409
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 152 سائەت
تىزىم: 2012-4-8
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 02:46:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇفففففف.......:«ئىرىم سىرىتلاردا ئاشنا تۇتۇپ ئوينىسا بولدىكەن، مەن بۇنداق قىلسام نىمە بولۇپتۇ، پۇل بار، ھوقۇق بار ماڭغا نىمە كەمچىل؟.... شۇ بىر بەدىنىمنى سىيلاپ، ھېسياتىمنى ئۇرغىتىدىغان بىر ئەر كەمچىل. ئىرىم ئەترەتنىڭ سىكىرتارى دەپ، سىرىتلاردا ئاشنا تۇتۇپ، مىنى ئويلاپ قويمايدۇ، مەن بىر ئائىلە ئۈچۈن، بالا بېقىش ئۈچۈن يارالغاندەك ئولگۇدەك ئىشلەيمەن، ھۆكۇمەت خىزمىتىنى قىلمىسام تېخى! مەنمۇ كۈنلىرىمنى مۇشۇنداق خۇشال ئوتكۇزەيچۇ؟ قۇربان ھاراقكەش بولغان، مىنىڭ پۇلۇمنى خەجلىسىمۇ ماڭغا بەكلا قىزغىن مۇئامىلە قىلىپ، ھارغان يىرىمغا باردى. ئاللاھ ئىگەم شاپائەتلىك، بۇنداق ئىشلىرىمنى كەچۇرۋىتەر....مانا بۇ شەيتانى سۆزلەر ئاياللارنىڭ <<تالاغا>> قاراپ قېلىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەپلىرى....ۋە شەيتاننىڭ.........بۇنداق ئاياللارنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بەرگەيسەن ئې اللا....

چەكلەنگەن ئەزا   سۆز قىلىش چەكلەندى!   قۇلۇپلانغان
تەۋپىق ئىسلام تورى www.tewpik.com

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79144
يازما سانى: 537
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2302
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 364 سائەت
تىزىم: 2012-4-21
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 02:51:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
«ئىرىم سىرىتلاردا ئاشنا تۇتۇپ ئوينىسا بولدىكەن، مەن بۇنداق قىلسام نىمە بولۇپتۇ، پۇل بار، ھوقۇق بار ماڭغا نىمە كەمچىل؟.... شۇ بىر بەدىنىمنى سىيلاپ، ھېسياتىمنى ئۇرغىتىدىغان بىر ئەر كەمچىل. ئىرىم ئەترەتنىڭ سىكىرتارى دەپ، سىرىتلاردا ئاشنا تۇتۇپ، مىنى ئويلاپ قويمايدۇ، مەن بىر ئائىلە ئۈچۈن، بالا بېقىش ئۈچۈن يارالغاندەك ئولگۇدەك ئىشلەيمەن، ھۆكۇمەت خىزمىتىنى قىلمىسام تېخى! مەنمۇ كۈنلىرىمنى مۇشۇنداق خۇشال ئوتكۇزەيچۇ؟ قۇربان ھاراقكەش بولغان، مىنىڭ پۇلۇمنى خەجلىسىمۇ ماڭغا بەكلا قىزغىن مۇئامىلە قىلىپ، ھارغان يىرىمغا باردى. ئاللاھ ئىگەم شاپائەتلىك، بۇنداق ئىشلىرىمنى كەچۇرۋىتەر....
ساپلا سېرىغ ھېكايە بۇپتىغۇ بۇ .....

ھەددى - ھېساپسىز مال دۇنيانىڭ كەينىدە ، ھەمىشە بويۇنغا پاتقۇدەك گۇناھ - جىنايەتلەر ماراپ تۇرىدۇ .

ئاتۇش ۋاسكىتبول

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26880
يازما سانى: 2117
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1999
تۆھپە نۇمۇرى: 754
توردا: 1395 سائەت
تىزىم: 2011-1-19
ئاخىرقى: 2012-6-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 02:52:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمە دەي ؟ نىمە دىسەم بولار ؟
مۇشۇنداق تېمىلارنى ئوقۇمىسام دەيمەن . توي قىلماي تۇرۇپلا تۇرمۇشقا بولغان قىزغىنلىقىم بىراقلا چۈشۈپ كېتىدۇ . شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇنىڭغا گۇمان بىلەن قارايدىغان بولۇپ قالىمەن .
بۇ ھىكاينى ئوقۇپ ئاۋۇ ئەخمەق نادان خوتۇنغا نىمە دىيشىمنى بىلەلمىدىم .

تۈگەشسە يۈرگۈم ، ساقتۇر قۇرالىم . يېقىلدىم ۋە لېكىن مەغلۇب بولمىدىم .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10410
يازما سانى: 638
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6621
تۆھپە نۇمۇرى: 304
توردا: 1750 سائەت
تىزىم: 2010-9-15
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 03:25:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توۋا....ئاللاھ ھەممىزنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بەرسۇن!!
ما ئايالنىڭ قىپ يۇرگەن ئىشىنى ،ئەر كىشى بىلەنمۇ تەڭ بۇلامدۇ،يەنە كىلىپ مۇشۇنداق ئىشتا،بىر قىسىم مۇشۇنداق ئاياللا ،ئاياللارنىڭ «ئاياللىق ئوبراز»نى يەرگە ئۇرۋاتىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11537
يازما سانى: 366
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7094
تۆھپە نۇمۇرى: 697
توردا: 3039 سائەت
تىزىم: 2010-9-25
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 03:35:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇبارەك ئىسلام دىنىمىز چىن دىلىمىزدىن ، ھىدايەتىمىز يۈرىگىمىزدىن، ھايا -نومۇس ۋۇجۇدىمىزدىن  
ئورۇن ئالسۇن ئاللاھىم!!!

سەن  مېنىڭ ھەققىمدە  نىمىنى  ئويلساڭ ,   اﷲ  ساڭا شۇنىڭ  ئىككى ھەسسسىنى  بەرسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67489
يازما سانى: 338
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 644
تۆھپە نۇمۇرى: 50
توردا: 133 سائەت
تىزىم: 2011-11-29
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 03:39:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭ پۇلۇمنى خەجلىسىمۇ ماڭغا بەكلا قىزغىن مۇئامىلە قىلىپ، ھارغان يىرىمغا باردى. ئاللاھ ئىگەم شاپائەتلىك، بۇنداق ئىشلىرىمنى كەچۇرۋىتەر....
   

ھەي   ،  نىمىشقىمۇ  ئۇنداق  ئويلىغانسەن ،  تىخې ئاللانى  شىپى  كەلتۈرۈپ ......   

ۋاقىت  ئۆتمەكتە   بىزلەرگە   باقماي،
جاھانغا نەزەر سال قورساقنى باقماي.
تەكەببۇر  بولمىغىن  دەۋىر  ئالدىدا
كەمسىتمە بىراۋنى ،ھالىڭغا  باقماي .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75996
يازما سانى: 87
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 305
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 40 سائەت
تىزىم: 2012-2-16
ئاخىرقى: 2012-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 04:12:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەركىن دىگەن ماۋۇ پىرسۇناژ نەدىن قۇشۇلۇپ قالدى ؟

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش