(1)
بىر قىز ئىدى
قەلەمىي
چېچى سۇمبۇل قويۇق قارا قاش لېۋى جىننەستە بىر قىزتى .
دەقىقە ئۇز چىراي بىرلە تۇتار گۈلدەستە بىر قىزتى .
قوياشتەك نۇر چېچىپ كەتكەن پاراڭلاشقان سەبىي دىللار
جىمىلەرگە چاچار ئاپتاپ سەھەر گۈلشەندە بىر قىزتى .
شوراپ كەمپۈت ناۋات قاننى ئۆسۈپ چوڭ بولدىمۇ بەلكىم .
ئەجەپ تاتلىق شىرىن سۆزلۈك دىلى شىككەستە بىر قىزتى .
بىلىمگە ئاشىنا قەلبى بولۇپ يېڭلىققا بەك ئاشىق ،
ئەقىلگە پاسبان يۈرىكى سوقار ئۆزلۈكتە بىر قىزتى .
ئەقىلنى لال قىلار ئىدىلەر كۆزىدىن چاقنىغان بىر سىر،
تېپىلماس ھېچ جاھاندىن بىر پەرى گۈللۈكتە بىر قىزتى ...
(2)
گۇناھ ئەمەس - ئىشەنگىن ماڭا
قەلەمىي
ئاستا -ئاستا كەلدىڭ يېنىمغا،
كۈتمەكتىمەن ئېسىل بىر جاۋاب .
ئۈزۈلمەيدۇ يەرنىڭ ئاستىدىن ،
كۆزۈم ساڭا مەنلىك قاراپ .
تۇتماق بولىمەن ئاپئاق قولۇڭنى ،
خىيالىمدا مەھكەم قۇچاقلاپ .
گۇناھ ئەمەس -ئىشەنگىن ماڭا ،
پاك سۆيگۈمنى قويغىن ئۇلۇغلاپ .
(3)
ئەي سۆيۈملۈك ئەقىللىق قىزچاق
قەلەمىي
ئەي سۆيۈملۈك ئەقىللىق قىزچاق
خىيالىمنى ئوۋلىغان قىزچاق .
دىيەلەمسەن <<ئۆمۈرلۈكۈم سەن >>؟
قەلبىم سۆيگۈ سورىغان قىزچاق ؟
----------------------
ئەي سۆيۈملۈك ئەقىللىق قىزچاق ،
ئۆز-ئۆزىدىن سۆيۈنگەن قىزچاق ؟
تۇتاي دەيمەن پاك پاكىز يۈرەك ،
قۇبۇل ئەتكىن كۆيۈنگىن قىزچاق ؟
(4)
ئالدىراپلا دەۋەتمە خوشنى
قەلەمىي
ئەسلىگەندەك يايرىڭنى يىگىت ،
ئەسلىدىڭمۇ مىھرىبانىڭنى ؟
سېغىنغاندۇ ئۇلارمۇ بەلكىم ،
بېرىپ قويغىن ئىختىيارىڭنى .
..........................
ئاناڭ شۇ تاپ ئېتىز قىرىدا ،
داداڭ بەلكىم قاتقاندۇ قوشنى .
پاراڭلاشساق دەيدۇ بەك ئۇزۇن،
ئالدىراپلا دەۋەتمە<< خوش>> نى .
(5)
ئايلانغانمەن بەلكىم دېڭىزغا ،
قەلەمىي
ئايلانغانمەن بەلكىم دېڭىزغا ،
سەن مىھرىمدە جۇلالىغان ئاي .
چىرمىۋالدىڭ ئۈچەي باغرىمنى ،
تىتۋەتسەڭمۇ دىمەيمەن ئاھ ۋاي ..
------------------------
كەتكىن شىرىن ئاقماس خىياللار ،
چۈشلىرىمدىن ئويغىنۋالاي مەن .
ئەخلاق ۋىجدان غۇرۇر بۇلقىدا،
چۆمۈلۈپ راسا تولغىنۋالاي مەن .
(6)
سۈرىتىڭگە يېنىشلاپ قاراپ
قەلەمىي
سۈرىتىڭگە يېنىشلاپ قاراپ ،
كەلسىكەن دەپ يۈرىمەن دائىم .
بىللە ئاقساق تۇرمۇش دېڭزىدا ،
ئەقىدەڭگە قىلىمەن تازىم .
----------------------
سۈرىتىڭگە يېنىشلاپ قاراپ ،
تۇرغان پېتىم تۇرۇپ قالىمەن .
لىڭشىمايدۇ ھەتتا پۇت-قولۇم ،
گەپ سۆزۈمدىن ئېزىپ سالىمەن .
-------------------------
سۈرىتىڭگە يېنىشلاپ قاراپ ،
لەۋلىرىڭگە سۆيۈپ كېتىمەن .
بىرگە بولۇپ چوقۇم بىر كۈنى ،
ھەممىگە تەڭ كۆنۈپ كېتىمەن.
(7)
يوق
قەلەمىي
ئى يارەن بىلدىڭمىكىن يۈرىكىم كېسەل داۋاسى يوق ،
لالىزار باغنىڭ ماڭا چۆلچىلىك ئەھبارى يوق .
مېنى دەر كۆرگەن كىشى مەجرۇھ كېسەل بىمار بىتاپ،
ئېتىبار سەندىن بۆلەك دوختۇر تىۋىپ غەمخارى يوق .
نىھايەت ياربەرسە كۈن كەلسەڭ يېنىمغا نىم بولاي ،
ئۇز گۈزەل ھۆسنىڭگە مەندەك ئاشىقى بىقرارى يوق .
راھىتىم بولدى جاپا بىر سېنى كۆرمەك بولۇپ ،
خەيرىيەت ئاۋازلىرىڭغا مەن كەبىي ئەسرارى يوق .
ئومۇقۇم جانىم مېنى تارتىۋال ئوت دېڭزىدىن .
شارقىرار كۆز يامغۇرى جاننىڭ ئاڭا چىدارى يوق .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kalamiy تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-25 01:59 PM