ئوت ئىچىدىكى ئىلياستىن-- سەرگەندار بالىلارغىچە
ئاپتورى: ئاتامان
ئېلاۋە: يېقىندىن بېرى توردا بالىلارنىڭ ھەرخىل كېسەل ۋە ئاپەتلەرگە يولۇققان ۋەقەلىرى كۆپيىپ،جەمئىيەتتىن ياردەم ۋە ساخاۋەت تەلەپ قىلدىغان ئەھۋال كۆپەيدى. خەلقمىز ئۆز ئارا ئۇيۇشقاك،كۆيۇمچان،ھېسداشلىققا باي ئىنسانپەرۋەرلىكى بىلەن بۇنداق جىددى مۇھتاجلىقلارغا قاراپ تۇرماي ياردەم قىلىىپ ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلماقتا. بۇ ماقالىدا سوغۇققانلىق ھەم ھېسداشلىق ئومۇميلىق نۇقتىسدا تۇرۇپ بالىلار پاجئەسنىڭ سەۋبلىرى تەھلىل قىلنغان.{كۆپچلىكنىڭ تەنقىدى پىكىر بېرشنى قارىشى ئالىمەن.}
يېقىندا توردا ئۈرۇمچىدە مەلۇم ئاشخانىدا ئىشلەمچلىك قىلىدىغان ئىلياس تۇرسۇننىڭ ئوتتا كۆيۇپ كەتكەن تەۋسيلىك فىلىمنى كۆرۇپ قالدىم .بۇنى كىيۇ كىيۇ توپمىدا ئاق كۆڭۈل بىرەيلەن ئەۋەتكەن ئىكەن. فىلمنىڭ بېشدا خەنزۇچە خەتلىك بىر قانچە جۈملە يېزلىپتۇ:
گۈزەل شىنجاڭدا ئاتا ئانسغا ئېغىرچلىقنى سالماسلىق ئۈچۈن ھۆنەر ئۆگەنمەكچى بولغان بىر بالا ئوت ۋەقەسىدە پۈتۈن ئەزايى كۆيۇپ كەتكەن..
ئاندىن بالىنىڭ ئاتا-ئانسى ۋە قايسى بىر ۋاسكتوبۇل كۇلۇبىدىكى بىر ئاقكۆڭۈل ياش نەق مەيداندا زىيارەت قىلىپ ،كەڭ جەمئىيەتنىڭ ئىقتسادى ياردەم،ساخاۋەت ئارقىلىق بالىنى قۇتقۇزۇش ئىلتجاسىنى بىلدۇرۇپتۇ. بالا بولسا "دۇكان ۋە ئەتراپتىكىلەرنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن خەتەرگە قارىماي ئوت ئۆچۇرۇش جەريانىدا پۈتۈن بەدىنى كۆيۇپ كەتكەنلىكدەك " تەسرلىك " ئىش ئىزلىرى بولغاچقا بۇ قەھىرىمان ئۆسمۈرگە "ھاياتىغا قارىماي ئوت ئۆچۇرگەن" بىخەتەرلىك ئۈچۈن ئۆزنى ئوتقا تاشلىغان ئەزىمەت "دېگەندەك ناملارنى بېرشمىز مۇمكىن.بەلكىم ئىلياسجان ساقايسا ھەممەيلەن : قەھىرىمان! ديېشى مۇمكىن .ھالبۇكى ئىلياسجاننىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ئۇنداق ياخشى ئەمەس. ئۇنىڭ ئەھۋالى ئېغىر ،كۆيۈك پۇتۇن بەدەنگە تارقىغان، ئۇنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن يۈز نەچچە مىڭ يۈۋەن تاپشۇرۇش كېرەك. فىلىمنى كۆرۇپ تولىمۇ ئېچىندىم.بۇنداق پاجىئەلىك ۋەقەلەر يۈرىكى بار ھەر قانداق ئادەمنىڭ ئىچىنى ئېچىشتۇرىدۇ.ھېسداشلىق قىلش تۇيغۇسىدا بالىغا ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسگە ياردەم قىلىش ئويىغا كېلىمىز ئەلۋەتتە. ئېھتمال ھەممەيلەننىڭ ياردىمى بىلەن ساخاۋەتىلىك قوللارنىڭ ياردىمىدە ئىلياسجان ساقىيپ كېتەر. شۇنىڭ بىلەن بىللە بىز يەنە تالايلىغان ئىلياسجانلارنىڭ بۇنداق ئەسلىدە دۇچ كىلشكە تېگشلىك بولمىغان قىسمەتلىرى توغرىسىدا توختالماي تۇرالمايمىز. بۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئوت ۋەقەسىنى بىر قانچە نۇقتىلاردىن تەھلىل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
فىلىمدىن شۇنى بىلدىمكى بالىنىڭ ئاتا-ئانسى قەشقەر بەشكىرەمدىن ئۈرۇمچىگە جان بېقىش ئۈچۈن كەلگەنلەر بولۇپ دادىسى قۇرۇلۇش ئورۇنلىرىدا ئىشلەيدىكەن،ئايالى بولسا ئاشىخانىلاردا قاچا-قۇچا يۇيۇپ ئىشلەيدىكەن. ۋەقەگە ئۇچرىغان ئىلياسجان بولسا قەشقەردە ئوقۇۋاتقان بولۇپ ئاتا-ئانسى ئۇنى مەكتەپتنىڭ چىقىرۋلىپ ئۈرۈمچىگە ئىلىپ كەلگەن. بالىنى مەكتەپ بېرىشكە ئىقتسادى يېتشمىگەن. بالا ئۆيدە بىكار بولغان. بالىنىڭ مەكتەپتىن چىقىرۋلىنشى بىر مەسىلە دەپ چىكىت ئۇرۇپ ئۆتۈپ كېتىپ تۇرايلى ،دىمەك ئۈرۇمچىگە كېلنىگەن ئىلياسجانمۇ ھۆنەر ئۆگىنىپ ئائىلىسنى قامداشقا قاتناشقان .بۇيەردە ئاتسىنىڭ بالىنىڭ ئىشلەمچلىك قىلىشىنىڭ سەۋەبى توغرىسدا "بىرەر ھۆنەرگە بەرسەم كېينكى تۇرمۇشتا قېينالماي ئۆتەرمۇ دېگەن ئويدا بولدۇم"" بالام ئۆزىمۇ دادا،مەن مەكتەپتە ئوقاي دېسەم ئىقتساد بولمىغاندىن كېيىن ھۆنەر ئۆگىنەي دېدى"دېگەن ئىككى جۈملە سۆزلا كۇپايە قىلىدۇ. . بالىنىڭ ئاقكۆڭللىكى،كۆيۇمچانلىقىدا گەپ يوق؛بالىلار ئاتا-ئانىسىغا نسېبەتەن ئەڭ كۆيۇمچاندۇر.
ئەمدى بىرىنچى نۇقتا، ئىلياسجان مەكتەپتىن چىقىرلىغان. بۇ بىرىنچى مەسىلە بولۇپ ناۋادا ئۇ قەشقەر بەشكېرەمىكى مەكتەپتە داۋاملىق ئوقۇيالىغان بولسا ئۈرۈمچىگىمۇ كەلمگەن، ئىشلەمچىلىك قىلىپمۇ يۈرمىگەن ۋە ھېلىقى ئوت ئاپتىدە يۈز كۆزلىرى كۆيۇپ كەتمىگەن بولاتتى.ناھايىتى ئەپسۇسكى ئوقۇش يېشدىكى بىر بالىنىڭ مەكتەپتىن چىقىرلىۋالغانلىقى ئىلياسجاننىڭ ئائىلسىنىڭ نامراتلىقنىڭ دەستدىن سەۋەبدىن بولسا يەنە بىرسگە مائارىپىمىزدىكى ئاجىزلىقنى ئىپادىلەپ تۇرۇپتۇ؛ ئوقۇش يېشدىكى بالىلارنىڭ ئوقۇيالماسلىقى ۋە سەرگەندار بالىلارنىڭ كۆپلەپ بارلىققا كېلىشدەك پاجئەلەردە بىزگە بالىلارنى قوغداشنىڭ نەقەدەر مۇھىلىقنى بۇنىڭغا پۈتۈن جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلمىسە بولمايدىغانلىقنى ئىنىق تونۇتىدۇ. ناۋادا ھەممىنى ھەر كىمنىڭ ئۆزىگە تاشلاپ قويغاندا بۇنداق سەرگەندار بالىلارنىڭ ھەرخىل قسمەتلەرگە دۇچ كېلشىنى تىزگنلىگىلى بولمايدىغان دەرىجىگە ئاپىرىپ قويىدۇ.
ئىككىنچىدىن ئىلىياسجان خۇددى نۇرغۇن سەرگەندار بالىلاردەكلا ئۈرۇمچىگە كەلدى. ئەمەلىيەتتە بۇ ئائىلىدە ئۇنىڭدىن باشقا بالا يوق. شۇنداق تۇرۇقلۇق ئاتا ئانسى ھۆنەر ئۆگتىشنى باھانە قىلىپ ئۇنى ئىشلەمچلىك قىلىشقا مەجبۇرلىغان.بۇ يەردە بالنىڭ تەبئىي ھالدا ھۆنەر ئۆگىنش ئارزۇسى بارلىقى ھېسابقا ئېلىش ئاقمايدىغان بىر ئىش. ھەر بىر ئاتا ئانىنىڭ بالىلارنى بېقىش مەجبۇرىيتى بولىدۇ. بولۇپمۇ قورامىغا يەتمگەن بالىلارنى ئۆز ئاتا ئانسى بولۇشى سۈپتىدە مەكتەپ بېرلمگەندىن كېيىن ھېچ بولمىغاندا مەيلى قانچلىك قېينچلىق تارتسۇن چوقۇم بېقش مەجبۇرىيتىنى ئۆتەش كېرەك . ئائىلسنىڭ قېينچلىقى بالىنى ئىشقا سېلىشنىڭ سەۋەبى بولسا ھەرگىز بولمايدۇ.
ئۇچنىچى نۇقتا، بالىلارنىڭ ھۆنەر ئۆگىنشى ___ماھىيەتتە بالىلارنى ئىزىشنىڭ قورالى. ھۆنەر دېگەننى كىشى ئەقىلگە كېلىپ قورامىغا يەتكەندە ئۆگىندۇ. شۇنداقلا ھۆنەر ئۆگىنش_ئىشلەمچلىك قىلىش دېگەنلىك ئەمەس. مەلۇم ئىقتساد تۆلەپ مەلۇم ساھەدىكى كىشنىڭ ياكى شۇ كەسىپ ئەھلىگە ھەق تۆلەپ ئۇنىڭ مەشغۇلات،ئىشلەپچىقىرىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىنى ئۆگىنش جەريانىنى ئاندىن ھۆنەر ئۆگىنىش دەيمىز. بۇ مەكتەپتە ئوقۇشقا سەل ئوخشاش لىكىن مۇنتىىزىم بولمىغان تەربىيلىنش دېگەنلىكتۇر. ھالبۇكى ئىلياسجاننىڭ ئائىلسنىڭ ئىنتايىن نامرات تۇرۇپ ئۇنى ھەق تۆلەپ ھۆنەرگە بېرەلشى مۇمكىن ئەمەس. ئىلياسجان پەقەت ئائىلىسىغا يۈك بولۇپ قالارمەنمۇ دېگەن ساددا خىيالىدا ئاز -تولا كىرىم قىلىش مەقستىدە باشقىلارغا ياللانما ئىشىچى بولۇشقا قوشۇلغان. بۇنى ھەرگىزمۇ نورمال ھۆنەر ئۆگىنش ئارزۇسى دېگىلى بولمايدۇ.
مەيلى ساخاۋەتلىك قوللار يادەم قىلسۇن ھېلىقى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بۇ مەسئۇلىيەتنى بىرىنچى بولۇپ ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. ئۇنداق بولمايدىكەن قانۇننىڭ جازاسىغا ئۇچرايدۇ. چۈنكى قورامىغا يەتمگەنلەرنى ئىشلىتىش ئەمگەك قانۇنىغا خىلاپ قىلمىش. قارىغاندا دىيارىمىز شىنجاڭدا قورامىغا يەتمىگەنلەرنى ئىشلىتىش ئەھۋالى ئېغىر ئوخشايدۇ. بالىلارنى قانداقتۇر ھۆنەر ئۆگتىش باھانسىدا ياللانما ئەمگەكلەرگە مەجبۇرىي سېلىش.ئاتالمىش"ئائىلسىنى قامداش"قا قاتناشتۇرۇش ماھىيەتتە قانۇنسىزلىك ھېسابلىندۇ. مۇشۇنداق سەرگەندار بالىلارنى قانۇن ئارقىلىق قوغداش،ئاسراش ۋە تەربىيلەپ ئۆزگەرتىش بالىلارنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۇش ،خورلىنىش ۋە پاجىئەلەرگە دۇچار بولۇشتىن ساقلاشنىڭ زۆرۇر ۋاستىسى. بۇ نۆۋەتتە بەك تەكىتلنىۋاتقان__ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭمۇ زۆرۇر تەلىپى .
ئەھۋال شۇنداق بولغان ئىكەن.بالىلارنى ئاتالمىش قەھرىمانلىق قىلشقا،ئوت ئىچىدە يۈز كۆزىنى كۆيدۇرۋىلىشقا،تىلەمچلىك قىلشقا،ئوغرى يانچۇقچلىق قىلشقا ،زەھەر سېتىشقا سەۋەب بولغۇچىلار دىن بولۇشقا سەۋەب بولۇشقا ھېچقانداق ھەققىمىز يوق.بالىلار ساغلام ئۆسۈپ يېتلىشى كېرەك. ئۇلاربىزنى ئەمەس بىز ئۇلارنى بېقشىمىز كۆز قاراق بولۇشمىز كېرەك. ئۇلارنىڭ ئاساسى ھوقۇق مەنپەئەتىگە دەخلى-تەرۇز يەتكۇزۇش ئېغىر جىنايەت.
خىياتچلىكتۇر. ئاخىردا ئىلىياسجاننىڭ ساخاۋەتىلىك كىشلەرنىڭ ياردىمىدە تېزراق ساقىيپ كېتىشنى ۋە كىشلەرنىڭ ئۇنىڭغا ياردەم قولىنى سۇنۇشنى ئۈمىد قىلمەن.
مۇناسۋەتلىك فىلىم:
http://v.youku.com/v_show/id_XMzg0ODI3NzI0.html
مەنبە: توققۇزتارا مۇنبىرى
http://www.tokuztara.com/forum.php?mod=viewthread&tid=251,
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا soygum تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-25 12:55 PM