مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1066|ئىنكاس: 13

پۇقرالىق ھوقۇقى ھەققىدە ھېكايىلەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32830
يازما سانى: 281
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9838
تۆھپە نۇمۇرى: 1679
توردا: 6339 سائەت
تىزىم: 2011-3-6
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 11:24:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

پۇقرالىق ھوقۇقى ھەققىدە ھېكايىلەر


ئابلاجان تۇردى



«ئاقلىنىش ھوقۇقۇم چەكلەندى»


قاتىل دەپ ئەيىپلەندى، سوتلاندى. ئاقلىغۇچى ئادۋۇكاتنى سوت بېكىتىپ بەردى. ئادۋۇكات جاۋابكارنى سوتتا كۆردى. جاۋابكار ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىندى. ئادۋۇكات ۋاكالىتەن نارازىلىق ئەرز سۇندى، نارازىلىق ئەرزنى جاۋابكار كۆرۈپ باقمىدى. 2- سوتتا باشقا ئادۋۇكاتقا ھاۋالە قىلدى، ئىناۋەتسىز دېدى. سوت مەھكىمىسى ئەسلىدىكى ئادۋۇكاتنى بېكىتىپ بەردى. نارازىلىق ئەرز رەت قىلىندى. بۇ ترىنىداد ۋە توباگودا بولغان ئىش.

كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى كومىتېتىغا ئەرز سۇندى. ئاقلىنىش ھوقۇقۇم چەكلەندى، دېدى. ھەيئەتلەر دېيىشتى: ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىدىغان دېلولاردا ئاقلىغۇچى بېكىتىپ بېرىش شەرت. جاۋابكار سوت بېكىتكەن ئادۋۇكاتنى رەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق. جاۋابكار ئۆزى تاللىغان ئادۋۇكاتنى سوتنىڭ رەت قىلىش ھوقۇقى يوق. جاۋابكارنىڭ ئاقلىنىش ھوقۇقى چەكلەنگەن. ئادىل سوتلىماي تۇرۇپ، ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغان، بۇ-جاۋابكارنىڭ ھاياتلىق ھوقۇقىغا چېقىلغانلىق.

جاۋابكار ئۆزىنى ئۆزى ئاقلايدۇ، ئاقلىغۇچى ئاقلىسىمۇ بولىدۇ. ئاقلىنىش ھوقۇقى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق قانۇن ھۆججەتلىرىدە بەلگىلەنگەن، دۆلەت ئىچى قانۇنلىرىدىمۇ بەلگىلەنگەن.

جانباقتى ئادۋۇكاتلارمۇ بار، پاكىتقا كۆز يۇمىدۇ، قانۇننى كۆرەلمەيدۇ، ھەقنى سۆزلىمەيدۇ. ئاقلىغۇچىمۇ بولىدۇ، سوتتىن بۇرۇن جاۋابكار بىلەن كۆرۈشەمدۇ-كۆرۈشمەمدۇ، پاكىتقا، قانۇنغا قاراپ ئاقلامدۇ ياكى سوتچىنىڭ، يەنە بىرسىنىڭ ئاغزىغا قاراپ ئاقلامدۇ، ئىشقىلىپ ئاقلايدۇ. ئۆزىنى سودىيە، ئادۋۇكات ساناپ يۈرگەن ئەركەكلەر ئاقلاش ھوقۇقى تولۇق ئىشقا ئاشماي، جاۋابكار ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنسا، ھاياتلىق ھوقۇقىغا چېقىلغانلىق بولىدىغانلىقىنى بىلىپ قويسا بولىدۇ.



ھامىلدار ئايالغا ئۆلۈم جازاسى يوق


زەھەر ئېلىپ-سېتىش بىلەن مال-دۇنياغا كۆمۈلۈپ كەتكەنلەر كۆپ، تەلىيى تەتۈر كېلىپ، ئېتىلىپ كەتكەنلەرمۇ كۆپ.

ئۇ شۇ يولغا قانداق مېڭىپ قالغان، بۇ نامەلۇم. ئاخىرى تۇتۇلدى. زەھەر-خرويىن ئېلىپ-سېتىۋاتقاندا تۇتۇلدى. ساتقان زەھەر ئاز ئەمەس، 717 گىرام.

تۇتۇلۇپ ئەتىسى قاماقخانىدىن قاچتى. تۆت ئاي ئۆتكەندە يەنە تۇتۇلدى. بۇ قېتىم ھامىلدار بولۇپ كەلدى. ھامىلە چۈشۈرىۋېتىلدى. يەنە قاچتى، يەتتە يىلدىن كېيىن يەنە تۇتۇلدى.

سوتقا ئەيىبلەندى. سوتلاندى. ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلىندى. نارازىلىق ئەرز سۇندى.  «قامالغاندا ھامىلدار ئىدىم، ئۆلۈم جازاسى بېرىشكە بولمايتتى»، دېدى.

يۇقۇرى سوت ھۆكۈم چىقاردى: سوت قىلىنغاندا ھامىلىدار ئايالغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلمەيدۇ. قامالغان ۋاقتمۇ سوت قىلىنغان ۋاقتقا تەۋە بولىدۇ. قامالغان مەزگىلدە مەيلى بويىدىن ئاجراپ كەتسۇن ياكى ھامىلىنى چۈشۈرىۋەتسۇن، ئۆلۈم جازاسى بېرىلمەيدۇ. جاۋابكار ۋە ئاقلىغۇچىنىڭ پىكرى يوللۇق. ئەسلى ھۆكۈم كۈچتىن قالدى، جاۋابكار مۇددەتسىز قامالسۇن. بۇ شەنشى دېگەن يەردە بولغان ئىش.

سوت قىلغاندا ھامىلدار ئەمەس، دەپ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغان غوجاملار يەنە بىلىپ قويسا بولىدۇ، جىنايەت سادىر قىلغاندا قورامىغا يەتمىگەن (18 گە كىرمىگەن)لەرگىمۇ ئۆلۈم جازاسى يوق. سوت قىلغاندا 18 گە توشۇپ بوپتۇ، دەپ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىپ يۈرۈشمىسۇن يەنە.



«سۈكۈت قىلىش ھوقۇقۇڭ بار»


ئۇ ئادەتتىكى كىتابپۇرۇش ئىدى. سېتىۋاتقان كىتابلار ئارىسىدىن چەكلەنگەن كىتابلارنى تېپىۋېلىشتى. شۇ كىتابلاردا پادىشاھنىڭ سىياسەتلىرىگە قارشى گەپلەر بارمىش. كىتابپۇرۇش تۇتۇلدى، ئەيىبلەندى، سوتلاندى.

گۇناھسىز مەن، دېدى. نۇرغۇن سۇئال سورالدى، لام-جىم دېمىدى. سودىيە غەزەپلەندى، دەررە ئۇرۇشقا بۇيرۇدى. جازا چوڭ مەيداندا ئىجرا قىلىندى. كۆرۈپ تۇرغان ئاۋام: ئادىل سوت شۇنداق بولامدۇ؟ سۈكۈت قىلىش قانۇندا چەكلەنمىگەن، سۈكۈت قىلىش گۇناھ ئەمەس، دېيىشتى. بۇ 300 يىللار ئىلگىرى ئەنگىلىيەدە بولغان ئىش.

كۆپ ئىنقىلاپلار بولدى. سۈكۈت قىلىش ھوقۇقى قانۇنلاشتى. ساقچىلار ئادەم تۇتقاندا: «سۈكۈت قىلىش ھوقۇقۇڭ بار» دەيدىغان بولدى. سوراقتا قىيناش، ئىقرارغا قىستاش نۇرغۇن ئەللەردە چەكلەندى.

ئىنسانىي ھەق-ھوقۇق ۋە كىشىلىك قەدىر-قىممەت بولغان ئەللەردە ئەركىن، بەختلىك ياشاۋاتقان كىشىلەر بۇنداق ھېكايىلەرنى ئوقۇپ يۈرمەسلىكى مۇمكىن. لېكىن، بەزى يەرلەردە يەنىلا ئوقۇلىۋاتىدۇ...


مەنبە: قەلەم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   noshirwan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-24 11:25 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30164
يازما سانى: 566
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4554
تۆھپە نۇمۇرى: 797
توردا: 3169 سائەت
تىزىم: 2011-2-12
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 07:14:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
«ھوقۇق» دىگەن نىمە؟ مەن ئۇنتۇپ قالدىم

ئوۋچىنىڭ ئوقياسى بولسا،كىيىكنىڭ خۇداسى يوقمىكىن!

تىمتاس لېرىكا

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72723
يازما سانى: 1014
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1253
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 183 سائەت
تىزىم: 2012-1-7
ئاخىرقى: 2012-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 08:05:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوقۇپ قويسا بولغۇدەك ھىكايىلەركەن .  ئەدەپسىزلىك بولسىمۇ سوراپ  باقسام ، بۇ ھىكايىلەرنى ئۆزىڭىز توقوپ يازدىڭىزمۇ يا مەلوم ماتىريالدىن تەرجىمە قىلىپ چىقاردىڭىزمۇ!! مەنبەسىغۇ قەلەم دەپ ئەسكەرتىپسىز لېكىن مەزمونىغا قارىسام مەن بىر خەنزۇچە ماتىريالدىن كۆرگەندەك تۈرىمەن شۇڭا سورىغانتىم

ھايا يوقالسا ، بالا كېلىدۇ!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32830
يازما سانى: 281
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9838
تۆھپە نۇمۇرى: 1679
توردا: 6339 سائەت
تىزىم: 2011-3-6
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 09:27:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئايچىن يوللىغان ۋاقتى  2012-4-25 08:05 AM
ئوقۇپ قويسا بولغۇدەك ھىكايىلەركەن .  ئەدەپسىزلىك بولسى ...

توقۇلما ئەمەس، ھەقىقىي دېلو مىساللىرى خام ماتىرىيال قىلىندى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   noshirwan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-25 09:30 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67489
يازما سانى: 338
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 642
تۆھپە نۇمۇرى: 50
توردا: 133 سائەت
تىزىم: 2011-11-29
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 10:08:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنى خىلى  ئويغا  سىلىپ  قويدى...................

ۋاقىت  ئۆتمەكتە   بىزلەرگە   باقماي،
جاھانغا نەزەر سال قورساقنى باقماي.
تەكەببۇر  بولمىغىن  دەۋىر  ئالدىدا
كەمسىتمە بىراۋنى ،ھالىڭغا  باقماي .

ھەقىقى جەسۇر بولۇش ئۈچۈن

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48523
يازما سانى: 1106
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2470
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 511 سائەت
تىزىم: 2011-7-20
ئاخىرقى: 2012-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 11:16:03 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاۋۇنىڭدەك ئىپلاس ھامىلدار ئاياللارنى چاناپ تىلا قىلىۋەتسە بولىدۇ

ئاڭلا دۇنيا، مەن چوڭ بولدۇم! ياق سەن تېخى كىچىك، ئىمىزگەڭنى ئىمىپ جىم يات!...دەيدۇ ناتونۇش بىرى

كۈچىمىز يەتمىگە

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 42256
يازما سانى: 238
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1679
تۆھپە نۇمۇرى: 447
توردا: 2864 سائەت
تىزىم: 2011-5-27
ئاخىرقى: 2012-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 12:49:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇرۇن  بىر مەملىكەت بارئىكەن  پادىشاھسى ئادىل، ئەمما قول ئاستىدىكى ئاتارمەن چاپارمەنلەرئۆزى قىلغان ناھەق ئىشنى پۇقرالار يۇقۇرىغا مەلۇم قىلماقچى بولسا  پوقرانىڭ يولىنى سىم تۇساقلار بىلەن توسۇپ قويدىكەن  شۇنچە تىرشىپ ناھەقچىلىكنى مەلۇم قىلماقچى بولساڭ ،يۇلۇڭ شۇنچە تار بۇلۇپ كىتىدىكەن ،ھەتتا ئەرىز قىلىپ غىپپىدە ماڭساڭ ..بىردەمدە سەن بىكەتكە بېرىپ بولغۇچە ئالدىڭدا ياساۋۇل يا ئەمىر غۇجاملا ساقلاپ تۇرىدىكەن........ئىش يوغۇناپ ئىشتانغا پاتمىغاندا جىدەل چىقىدىكەن.خەلق نۇرغۇن جاپادا قالىدىكەن..ئىش قاملاشمىغىلى تۇرسا  بىرسى چىقىپ دەۋانى سورايدىكەن شۇنىڭ بىلەن شۇ ئىشقا مەسئۇل خادىم ئىشتىن بوشتلىدىكەن ياكى يوتكىلىپ كىتىدىكەن.....پەقەت بىرلا ئادەمنى تاكىدىن چىقرىپلا شۇنچىۋالا ئىشنى يىغىشتۇردىكەن... كىيىن ئۇنىڭ ئورنىغا شۇنىڭغا ئوپمۇ ئوخشاشتىن  يەنە بىرسى تەيىنلىنىدىكەن...خەلىق يەنە باشتىن باشلاپ ئەرىزگە ئاتلىنىدىكەن....كىيىن پوقرالا ئەرىز قىلىش ئۈچۈن يولغا چىقسا قۇلىغا سىم كىسىدىغان ئامبۇرنى ئېلۋالدىغان بولۇپتۇ........ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ARAL52 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-25 12:57 PM  


كۈچىمىز يەتمىگەنىگە سەل تۇرۋالساق پۇرسەت كىلىدۇ.ئەمما قىلالايدىغان ئىشنى كىچىكتۈرسەك چاتاق .......................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78832
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 121
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 44 سائەت
تىزىم: 2012-4-14
ئاخىرقى: 2012-6-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 01:03:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنىڭ نۇرغۇرن ئادەملىرىمىزقۇران كەرىمد ەقەيىت قىلىنغان‹جەننەت قىلىچ ئاستىدا›دىگەن ھىكىمەتنىڭ مەنىسىنى چۈشەنمىسەكېرەك.

ئۆزۈڭنى كىم چاغلىدىڭ؟

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33503
يازما سانى: 129
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1825
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 496 سائەت
تىزىم: 2011-3-12
ئاخىرقى: 2012-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 02:03:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغانلار ھوقۇقتىن سۆز ئاچمىغاي.

ۋىدا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39897
يازما سانى: 169
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 891
تۆھپە نۇمۇرى: 2
توردا: 112 سائەت
تىزىم: 2011-5-7
ئاخىرقى: 2012-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 02:26:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەرھەق،،،،،،،،،،،،،،،،،،،

زۇلفى
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش