مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 26110|ئىنكاس: 235

«تولغىما ئۇسۇل كۇلۇبى» دىكى قىزلار...   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76230
يازما سانى: 123
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3522
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 49 سائەت
تىزىم: 2012-2-19
ئاخىرقى: 2014-12-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 11:07:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  «تولغىما ئۇسۇل كۇلۇبى»''慢摇吧'' دىكى قىزلار...
ساناپ باقسام ئۈرۈمچى دېگەن چوڭ شەھەردە بىلىم ئېلىش ئىستىكىدە تۇرۋاتقىلى بەش يىل بولاي دەپتۇ، «كۆرگىنىڭدىن كۆپتۈر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ » دېگەندەك نى-نى ئىشلارنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولدۇم.
  ئەلۋەتتە،چوڭ شەھەرنىڭ”چوڭچىلىقى“ باردە. مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا بىر ئاغىنەمنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە دوستلىرىمنىڭ زورلىشى ئاستىدا ئۈرۈمچىدىكى بىر ”كېچە بولماس“ «تولغىما ئۇسۇل كۇلۇبى» نى زىيارەت قىلىشقا "مۇيەسسەر" بولدۇم.
   «تولغىما ئۇسۇل كۇلۇبى»نىڭ ئىچىگە كىرىشىم بىلەن ھەرخىل چىراق نۇرى كۆزۈمنى ئالا-چەكمەن قىلۋەتتى. دوستلىرىم بىلەن 400سومغا بىر جوزىغا ئورۇنلاشتۇق. 400سومغا نېمە كەلدى دېمەمسىلەر؟ 6 بوتۇلكا قىزىل چاي ئىچىملىكى، دوستلىرىمنىڭ دېيىشىچە «چەتئەل» نىڭ بولغان بىر بوتۇلكا ھاراق، يەنە كىچىك بىر نەچچە تەخسىدە ئۇششاق-چۈششەك نەرسىلەر.... ھەسسىنەي، ئىسسىت 400 سوم پۇل، ئەمدى ئامال يوقتە. سىرتتا بولسا 400 سومغا خېلى قۇۋۋەتلىك نەرسىلەرنى يەپ، خوشال-خورام ئولتۇراتتۇق. «بوپتىلا» دېمەي نېمە ئامال؟
  400 سومغا ئىچىم ئېچىشىپ تۇرغاندا، يېنىمىزدىكى جوزىدىكى قىزلارنىڭ ھاراقنى بىر-بىرىگە كۆز-كۆز قىلغاندەك ئىچىشلىرى، چىلىم دېگەن بىر نەرسىنى ئۆزىچە ”ھوزۇلىنىپ“ چېكىشلىرى ئوغامنى قاينىتىپ، ئورۇندۇقتا تىكەن باردەك قىمىرلاپ ئولتۇرالماي قالدىم.
  «تولغىما ئۇسۇل كۇلۇبى»دىكى قىزلارنىڭ كىيىنىشلىرىنى دېمەيلا قوياي، خۇددى ئۆزىنىڭ بەدىنىنى مۇسابىقىگە چۈشۈرگەندەك ئوچۇق كىيىنىشلىرى، كىچىككىنە سەھنىدە ئۆزىنى بازارغا سالغاندەك تانسىلارنى ئويناشلىرى، قۇلاقنى يوپۇرۇپ ئېتىۋالسىمۇ ھازىرلا قۇلاق پەردىسنى يىرتىۋېتىدىغاندەك ئۈنلۈك جاز مۇزىكىسى ۋە ياكى ئاللىكىملەرنىڭ سەت توۋلاشلىرى ئىچىمنى ئېلەشتۈرۈپلاۋاتتى.
   ئۇيغۇر قىزلارنىڭ بۇنداق بولۇپ كېتىشىنى ئەڭ ئاۋۋال ئۆزىنى «مانا مەن » دەپ سانايدىغان يىگىتلىرىمىزدىن كۆردۈم. توغرا، يىگىتلەر كەلگۈسىنىڭ ئانىسى بولغان مۇشۇ قىزلارغا ئۆزىنىڭ يىگىتلىك جاسارىتى ۋە غورورى بىلەن «قايتىڭ قىزچاق» دېيەلىگەن بولساق، بۇ قىزلار مۇشۇ يەرگە كېلەرمۇ؟ قىلالىغان بولسام ئىدى، ھەممىسنى تارتىپ ياتاقلىرىغا،ئۆيلىرىگە ئاپىرىپ قويغان بولاتتىم، ئەمما مەن تولىمۇ ئاجىز بىر بەندە.
  ئەي قىز، ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟ نى-نى يىگىتلەرنى ھەسرەتتە قويغۇدەك ئەشۇ ئاي كەبى چىرايىڭىز، ئويماقتەك لەۋلىرىڭىزنى ھاراق توشقۇزۇلغان رومكىلارغا تەككۈزگەندە ئىچىڭىز ئۆرتىمەمدۇ؟ كەلگۈسىدىكى ھالال جۈپتىڭىزگە قانداق باش كۆتۈرۈپ قارىيالايسىز؟ تىزىڭىزدىن ئاشمايدىغان كۆينەكلەر بىلەن ياتلار ئالدىدا يۈرسىڭىز بەك ”خوشال“ بولامسىز؟
  بىلەمسىزكىن؟ «ھايات» دېگەن سۆز ئالدىنقى «ھايا» سۆزى بىلەن ئۆز مەنىسنى تاپىدۇ. مەن تولىمۇ، تولىمۇ ئاجىزمەن. پەقەت ئۆزۈمنىڭ قەلىمى ئارقىلىق بۇ «ئىلغار مەدەنىيەتلەر» گە قارشى تۇرالايمەن.
  ئۆزلۈك قىرغاقلىرىدا ئۆزىمىزنى يوقىتىپ قويمايلى، ھەر قاچان ئۆزىمىزگە «مەن كىم؟ مەن نىمە ئۈچۈن ياشايمەن؟ » دېگەن سۇئالنى قويۇپ تۇرايلى. ئىمان، ھايانى ئۆزىمىزدىن ئايرىماي، پاك كەلگەن دۇنيادىن پاك كېتەيلى.
                                            
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-25 04:56 AM  


ئۆتمۈشكە رەخمەت ، بىزگە دۈشمەن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12462
يازما سانى: 1998
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18575
تۆھپە نۇمۇرى: 2246
توردا: 7556 سائەت
تىزىم: 2010-10-2
ئاخىرقى: 2015-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 01:02:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەللىرى خاڭيوسىراپ كەتكەن ...

ئەقىلسىز دوستۇڭدىن ئەقىللىق دۈشمىنىڭ ياخشى ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33216
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4388
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 1187 سائەت
تىزىم: 2011-3-9
ئاخىرقى: 2014-9-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 01:03:04 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئادەمنى ئويغا  سالغىدەك ياخشى تېما يوللاپسىز ................

ئىنساننى ياراتقۇچى بىر ئاللا !

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26107
يازما سانى: 2209
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14029
تۆھپە نۇمۇرى: 682
توردا: 7877 سائەت
تىزىم: 2011-1-13
ئاخىرقى: 2015-1-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 01:07:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر شۇنداق ئويناپ قىرىغاندا قانداق قىلىدۇ...ياش چوڭايغاندا قانداق قىلىدۇ شۇ چاغدا  ئاپلا دەيدۇ ئورنىغا كەلمەيدۇ...بالدۇراق كاللىسىنى سىلكىسە بولتى شۇندالا...سىلكىتىپ قويدىغان ئوغۇللامۇ ئازلاپ كەتتى ھەيـــى...

تەۋبىكار

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66
يازما سانى: 2745
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 23196
تۆھپە نۇمۇرى: 951
توردا: 1616 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 01:08:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇڭا پۇل تاپمايامەن . بۇ پۇل شەيتاننىمۇ تولغىما ئۇسۇلغا سالالايدىكەن ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77851
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4126
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 123 سائەت
تىزىم: 2012-3-24
ئاخىرقى: 2015-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 01:18:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‹‹ئىنسان بەدىندە بىر پارچە گۆش بار .ئەگەر ئۇ ياخشى بولسا پۈتۈن بەدەن ياخشى بولۇدۇ.ئەگەر ئۇ بۇزۇلسا پۈتۈن بەدەن بۇزۇلۇدۇ. ئاگاھ  بۇلۇڭلار،ئۇبولسىمۇ قەلىپتۇر›› رەسۇلىمىزنىڭ مۇبارەك سۆزىگە دىققەت قىلىڭلار...‹‹قەلىپ›› دىمەك ئەقىدە دىمەكتۇر. ‹‹ ئەقىدە››نىڭ يوقىلىشى،بۇزۇلىشى ئەبجەشلششى-جەميەتتە ئاپەت خاراكتىرلىك بوھرانلارنى كەلتۈرۈپ چىقىردۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73887
يازما سانى: 965
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5057
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2084 سائەت
تىزىم: 2012-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 01:31:04 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزقاچانمۇ تۇغۇلغان كۈن ئولتۇرۇشى ،قاتار چاي يەنە بىرنىمە چاي ..............دىگەندەك ئولتۇرۇشلاردىن قۇتۇلامىز ،بىزنىڭ دىيارىمىزغا قاچانلارداكىملەر تەرىپىدىن ئېلىپ كىرىلگەن بولغېيتى مۇشۇنداق ئىشلار ،ھەيرانمەن بەزىلەرنىڭ ناماز ئوقۇشقا ۋاقتى يوقكەن ،ئولتۇرۇشلارغا باركەن .كەيىپ-ساپاغا پۇلى باركەن خەيرى ئىھسان قىلىشقا يوقكەن .بەزىلەرنىڭ بولسا تىللىرى قۇرئان ئايەتلىرىنى ئۈگۈنۈشكە ،ئوقۇشقا كەلمەيدىكەن ،ناخشا ئوقۇسا شۇنداق راۋان.......
قېرىندىشىم قولۇمدىن كەلسە ھەممىسىنى ياتاقلىرىغا،ئۆيلىرىگە ئاپىرىپ قوياتتىم دەپسىزسۆزىڭىزگە ئاپرىن .لىكن سىزنىڭ قولىڭىزدىن ئۇنداق قىلىش كەلمىسىمۇ شۇنداق يەرلەرگە بارماسلىق كىلىدۇ ،ھەممەيلەن ئۆزىمىزدىن باشلىساق بۇ ئىشلارمۇتۈگەپ كىتەر بىر كۈنلەردە .

ئاز بولسىمۇ ھالالدىن يەيمەن !!!!!قۇدرەتلىك مېھرىبان اللەھىم ئۆزۈڭنىڭ ھالال نىئمەتلىرى ئارقىلىق مېنى ھارامدىن بىھاجەت قىلغىن.https://uyghur-archive.com/misranim/static/image/smiley/default/misranim1 (6).gif

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 62783
يازما سانى: 147
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3959
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1209 سائەت
تىزىم: 2011-10-29
ئاخىرقى: 2012-8-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 02:40:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن گەپ قىلماي ،،،

نىمىلا دىگەن بىلەن  بىكار ،،
ئۇلار  ھازىر  شۇ   يەردە  ،،
بۇنى  كۆرگىلى  ۋاقتى  يوق  تۇرسا !

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
Davan_Axkuqi + 20 ھى...ھى...جىڭ گەپ

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 20   باھا خاتىرىسى

تاشپاقا مۇنبىرى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8592
يازما سانى: 446
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9676
تۆھپە نۇمۇرى: 392
توردا: 2691 سائەت
تىزىم: 2010-8-31
ئاخىرقى: 2015-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 03:53:35 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نەخ بىر يىلنىڭ ئالدىدىكى مۇشۇ كۈندە ئۈرۈمچىدە ئىدىم ، ئوقۇۋاتقان بىرمۇنچە دوسلىرىم بىلەن ئۇچراشسام دائىم مەنياۋبا دا ئۇنداق ئوينىدۇق ، بۇنداق ئوينىدۇق دەپ ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ماختىناتتى ، كەمىنىمۇ قىزىقىپ بىرنەچچە ئاغىنىلىرىمنى چاقىرىپ بار چىقىمنى ئۆزەم چىقىرىپ ئويناپ كېلىدىغانغا پۈتۈشكەن ، جەنۇبى قوۋۇق (نەنمېن نى شۇنداق دەيمىزما) تەرەپتە بىرى باركەن ئۇيغۇرلار كۆپ كىرىدۇ دەپ باشلىدى ، ئىچىدە كۆرگەنلىرىمنى دېمەيلا قوياي ، شۇنىڭدىن بېرى ئۈرۈمچىدە تۇرغان دېگەن بىريەردە تۇرسۇن ، ئۈرۈمچىدە ئوقۇغان دېگەنلەردىنمۇ خۇدۇكسىنىدىغان بولاپ كەتتىم . !~~!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 71638
يازما سانى: 1167
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 113
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1312 سائەت
تىزىم: 2011-12-24
ئاخىرقى: 2014-12-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 04:31:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي تىللاڭلار ئۈرۈمچىنى تازا تىللاڭلار ... باشقا يەردە ئۇنداق يەر يوقمىكەن ؟ باشقا يەردە كىرگەنلەر كۆزىنى يۇمۇپلا ئۈرۈمچىدە كىرگەن بولىۋالىدىكەن ، ھازىر ئۇنداق يەر نەدە يوق ؟؟ شۇ يەرگە كىرگەننىڭ ھەممىسى ئۈرۈمچىلىكمىكەن ؟ شۇنداق يەرگىمۇ ئۆزىدىن ئۆزى خۇدۈكسىرەپ ‹‹ ‹ شە › چە يۈرەيلى ‹ شە › گە كەلگەندىكىن › دەپ 180 گرادۇس ئۆزگىرەيدىغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى قىلىشىدۇ .شۇ يەرنىڭ سودىسىنى ئوبدان قىپ بېرىدىغانمۇ يەنە شۇ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى . ئوقۇغۇچىلار كىملەر ؟ يەنە شۇ ۋەتەننىڭ ھەممە يېرىدىن كەلگەنلەر .
ئىشقىپ ئۈرۈمچىدە ھەممە نېمە بار ، توخو سۈتىدىن باشقا ھەممە نېمە تېپىلىدۇ ، گەپ سىزنىڭ نېمىنى ئىشلىتىپ ، نېمىنى تاشلىشىڭىزدا ، قانداق يولغا ماڭدىڭىز ، نېمە ئىش قىلدىڭىز ھەممىنى ئۆزىڭىزدىن كۆرۈڭ . ‹ ئۆزىنى سورىغان خاننىڭ ئالدىغا بارماپتۇ › دېگەن گەپ بار . ئۆزىڭىزنى چىڭ تۇتسىڭىزلا بولدى . چۈنكى ئوينايدىغانلارمۇ ئويناپ توختايدۇ بىر كۈنى ، توختىمايدىغانغا تەربىيە ئىشلىگەننىڭ ، مۇشۇ مۇنبەردە گەپ قىلغاننىڭ زىيىنى باركى پايدىسى يوق .

ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
hasratlik + 10 توغرا دەيسىز ،ئۈرۈمچى.
akkls1 + 111 تەپەككۇرى كۈچلۈك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 121   باھا خاتىرىسى

توختىخاچام بۇرۇتلۇق ، قاق جىگدىسى قۇرۇتلۇق. تور ئىسمىم بەك مەتو .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش