360بىلەن تېڭشۈن ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنى قىسقارتىپ 3Q توقۇنۇشى دەپ ئاتالدى.
360 نىڭ تېڭشۈننى بازار تەقسىماتىدىن قالايمىقان پايدىلىنىش توغرىسىدىكى دەۋاسىغا بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىدە ئۇچۇق سوت ئىچىلىپ بىر تەرەپ قىلىندى.
تېڭشۈن بىلەن 360 نىڭ ئۆز-ئارا قارشى تەرەپتىن ناھايىتى يۇقىرى سوممىلىق تۆلەم تەلەپ قىلىشى يەنى ،360 نىڭ 150 مىليون تۆلەم تەلىپى ،تېڭشۈننىڭ 125 مىليون تۆلەم تەلىپى جۇڭگو ئىنتېرنېت تورى تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ دەۋا بولۇپ قالدى.بىرىنچى قېتىملىق كېسىم بۈگۈن ئىجرا قىلىنىدۇ.
مۇخبىر تۈنۈگۈن ئىككى تەرەپنى زىيارەت قىلغان چاغدا ،تېڭشۈننى مەركەز قىلغان بەزى سوئاللار قىزىق تېمىغا ئايلاندى،مەسىلەن ،تېڭشۈننىڭ ئىككىدىن بىرنى تاللىشى چەكلەش خاراكتېرلىك سودىمۇ ؟تېڭشۈننىڭ نامۇۋاپىق بولغان سېتىش قىلمىشى بارمۇ يوق ...دېگەندەك .ئىككى تەرەپ ئۇتتۇرسىدا ئىختىلاپ يەنىلا چوڭ.
بۈگۈن گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى دەۋاگەر بېيجىڭ چىخۇ 360 پەن تېخنىكا شىركىتىنىڭ جاۋابكار تېڭشۈن پەن تېخنىكا شىركىتى (شېنجېن شەھەرلىك كومپيۇتېر مەشغۇلات سىستېمىسى چەكلىك شىركىتى)ئۈستىدىن سۇنغان ئەرزىگە قارىتا بىرىنچى كېسىم چىقاردى.
تېڭشۈننىڭ ئىككى تەرەپ تۇنجى قېتىملىق ئۇچرىشىشىدا غەلىبىنى قۇلغا كەلتۈرۈشى
ئىككى شىركەت ئوتتۇرىسىدىكى كۈچ سىنىشىش سوتتا ئازراقمۇ توختاپ قالغىنى يوق ،ئۆتكەن يىلى 9-ئايدىن باشلاپ بېيجىڭ شەھەرلىك ئىككىنچى ئوتتۇرا دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى 360 شىركىتىنى تېڭشۈننىڭ QQ مەھسولاتلىرىغا قارىتا نامۇۋاپىق گەپ سۆز ئۇيدۇرۇپ چىقىرىپ تۇئىرا بولمىغان رىقابەت ئىلىپ باردى دەپ ،360 شىركىتىنى ناماقۇل بۇلۇپ ئەپو سوراشقا ۋە تۈلەم تۆلەشكە بۇيرىغان ئىدى.شۇڭا بۇ تۇنجى قېتىملىق تىركىشىشىش تېڭشۈننىڭ غەلىبىسى بىلەن ئاخىرلاشتى.
لېكىن ئىككى تەرەپ تېخىمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك سوتقا ئەرز قىلىشى ئارقىلىق ،4-ئاينىڭ 13ئۈنى 360 شىركىتى تېڭشۈننى QQ قوراللىرىدىن پايدىلىنىپ بازار تەقسىماتىنى بۇزۇش ،ئابونتلار ئىشلىتىۋاتقان 360 دېتالىنى مەجبۇرى يۇيۇپ تاشلاش دېگەندەك جىنايەتلەر بىلەن گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىگە مونوپولىغا قارشى تۇرۇش ئەرزى سۇندى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تېڭشۈن شىركىتىمۇ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە 360 شىركىتى ئۈستىدىن ئەرز سۇندى ،ئەرز قىلىش سەۋەبى بولسا ›360 كۇكۇ قوغدىغۇچى‹ دېتالى تېڭشۈن شىركىتىنىڭ QQ مەھسۇلاتلىرىنىڭ مۇلازىمىتىگە ،بىخەتەرلىكىگە دەخلى تەرز قىلىپ ،تېڭشۈننىڭ كەسىپ كۆپەيتىشىگە ،سودا پۇرسىتىگە ،ئېلان كىرىمىگە تەسىر كۆرسەتتى... دېگەندەك . لېكىن 360 شىركىتىنىڭ باش شىركىتى گۇاڭدۇڭدا بولمىغاچقا ،ئىگىلىك ھوقۇقنى باشقۇرۇش دائىرىدىن چەتنەپ كەتتى دەپ تۇرۇۋالدى.
دېلوغا چېتىشلىق پۇل سوممىسىدىن قارىغاندا ،360 بىلەن تېڭشۈننىڭ ئوتتۇرىسىدىكى يۇقىرى تۆلەم سوممىسى يەنى ،360 نىڭ 150 مىليون تۆلەم تەلىپى ۋە تېڭشۈننىڭ 125 مىليون تۆلەم تەلىپى جۇڭگو ئىنتېرنېت تورى تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ بىر قېتىملىق دېلو بولۇپ قالدى .
ئىككى تەرەپ يۇقىرى دەرىجىلىك مۇتەخەسسىسلەرنى تەكلىپ قىلدى.
بۇ دېلو 3Q توقۇنۇشىدىن كېيىنكى تۇنجى قېتىملىق قانۇنىي كېسىم ،ھەم شۇنداقلا گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ تۇنجى قېتىملىق مونوپولىغا قارشى تۇرۇشقا چېتىشلىق دېلو ،شۇڭا بۇ دېلونىڭ نەتىجىسى مۇشۇ تۈردىكى ساھەگە بولغان تەسىرى ئىنتايىن چوڭ.دۆلەت ئىچىدىكى ئىنتېرنېت ساھەسىدىكى مونوپولىغا قارشى تۇرۇش ،ناتوغرا رىقابەتكە قارشى تۇرۇشقا قارىتا چىقىرىلغان قانۇن نىزاملارنى ئىجرا قىلىشتا قانۇنىي ئەھمىيەتكە ئىگە.
360 شىركىتىنىڭ تېڭشۈننىڭ ئۈستىدىن سۇنغان ئەرزى بۇ ئىككى شىركەتنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتىغا ناھايىتى زور تەسىر كۆرسىتىدىغان بولغاچقا ،ئىككى تەرەپ يۇقىرى دەرىجىلىك مۇتەخەسسىسلەرنى تەكلىپ قىلدى ھەم سوتنىڭ ماقۇللىشىغا ئېرىشتى.
360 شىركىتى تەكلىپ قىلغان مۇتەخەسسىس ئەنگلىيىلىك دراۋىد. سىتالىبۇلاس.ئۇ ئىلگىرى ئەنگىلىيە لوندون ئادىل سودا ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولغان ،ھازىر ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ بىردىن بىر رىقابەت قانۇنى ۋە ئىقتىسادتىن پىكىر بېرىش ئورنى RBB نىڭ مەسلىھەتچىسى. تېڭشۈننىڭ تەكلىپ قىلغىنى بولسا جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئۇچۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ باش كاتىپى جىياڭ چى پىڭ .ئۇ جۇڭگو ئىنتىرنىت ساھاسىدىكى قانون نىزاملارغا ئىنتايىن پىششىق.
ئىككى تەرەپ سوتتا ....
360 نىڭ ئەرىز تەلىپى
تېڭشۈن شىركىتىنى دەرھال بازار تەقسىماتىنى نازارەت قىلىش قىلمىشىنى توختىتىش ،QQ ئابونتلىرىنىڭ 360 نى ئىشلىتىشىگە توسقۇنلۇق قىلىشنى توختىتىش ،بىخەتەرلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىگىلىۋېلىشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشىنى توختىتىش ....تېڭشۈن شىركىتىنىڭ ئەپو سوراپ 150 مىليون خەلق پولى تۆلەم تۆلەپ بېرىشى قاتارلىق تەكلىپلەرنى ئۇتتۇرىغا قويدى.
تېڭشۈننىڭ ئەرز تەلىپى
360 نىڭ كۇكۇ قوغدىغۇچىسى ھەم شۇنىڭغا ئوخشايدىغان مەھسۇلاتلىرىنى توختىتىش،125 مىليون خەلق پۇلى تۆلەم تۆلەش .
3Q توقۇنۇشىغا قارىتا كەسپى زاتلار مۇنداق دەپ قارىدى : بۇ دېلوغا ھۆكۈم قىلىشنىڭ مۇنداق ئۈچ خىل نۇقتىسى بار .بىرىنچىسى ،دۇنيادىكى مۇشۇ ساھەنىڭ بازىرىنى ئېنىق ئايرىش،كېيىنكىسى ،تېڭشۈننىڭ بازار تەقسىمات ئورنىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ،يەنە بىرسى ،تېڭشۈننىڭ ئىككىدىن بىرنى تاللىشى .
بىرىنچى خىل كۆز قاراش
تېڭشۈننىڭ ئىككىدىن بىرنى تاللىشى بازارنى چەكلىگەنلىكىمۇ؟
360 شىركىتى : تېڭشۈننىڭ ئابونتلارنىڭ 360 دېتالىنى مەجبۇرى ھالدا يۇيۇۋىتىشكە مەجبۇرلاش قىلمىشى ‹ مونوپولىغا قارشى تۇرۇش قانۇنى ›نىڭ 17 -ماددىسى 1-تارماق 4 تۈرىگە ئاساسەن سودىنى چەكلەش قىلمىشى ھېسابلىنىدۇ ، 17 -ماددىسى 1-تارماق5 تۈرىگە ئاساسەن تەقسىمات ئورنىنى چەكلەش ۋە تىجارەتچىلەرنىڭ سېتىشنى چەكلەش قىلمىشىدۇر.تېڭشۈننىڭ ئىككىدىن بىر نى تاللاش (360 نى تاللامسىز ياكىQQنىمۇ )ئۇسۇلى بازار تەقسىماتىنى بۇزغانلىق.
تېڭشۈن تەرەپ: 360 نىڭ‹ سىغدۇرمىدى › دېگىنى ئورۇنلۇق ئەمەس .ھەم ئۇلار ئېيتقاندەك ‹ مونوپولىغا قارشى تۇرۇش قانۇنى ›نىڭ 17 -ماددىسى 1-تارماق 4 تۈرىگە كىرمەيدۇ.
بىرىنچىدىن: ‹ مونوپولىغا قارشى تۇرۇش قانۇنى ›دا ئېيتىلغان نامۇۋاپىق ئۇسۇللار ئارقىلىق سودىنى چەكلەش قىلمىشى بۇ خىل ۋەزىيەتكە ماس كەلمەيدۇ.ئۇرۇنىسىز .
ئىككىنچىدىن :جاۋابكارنىڭ قىلمىشى ئورۇنلۇق قىلمىش .ئەڭ دەسلەپتە QQ دېتاللىرى 360 نى يەكلىشىنى بولسا دەۋاگەرنىڭ باشتا بەزى دېتاللار ئارقىلىق بۇزغۇنچىلىق قىلمىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان .دەۋاگەر ئۆزىنىڭ دېتاللىرى ئارقىلىق QQ دېتاللىرىنى بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئۇرۇنغان ،شۇڭا بىز سىغدۇرماسلىق ئۇسۇلىنى قوللاندۇق .بۇ بىر خىل يوللۇق قوغدىنىش .
دەۋاگەرنىڭ 2010-يىلى11-ئاينىڭ 13 -كۈنى ئۇچۇر بىخەتەرلىك مەركىزىگە سۇنغان ئەرزىدە مۇنداق يېزىلغان :360 نىڭ كۇكۇ قوغدىغۇچىسى مۇنداق تۆت خىل ئىقتىدارغا ئىگە. QQ دىن مۇداپىئەلىنىش ،QQ نىڭ دەرىجە ئۈسۈشىگە يول قويماسلىق ،تېڭشۈن كۆرگۈچنى 360 كۆرگۈچكە ئالماشتۇرۇۋېلىش ،QQ نى زاپاس ساقلاش .
تۆۋەندىكىلەر تېڭشۈن بىلەن 360 نىڭ توقۇنۇش تارىخى
2010 -يىلى 9-ئاينىڭ 27 -كۈنى 360 تېڭشۈننى شەخسىي مەخپىيەتلىككە تاجاۋۇز قىلىدۇ دېگەن .
2010 -يىلى 10 -ئايدا تېڭشۈن 360 نى ناتوغرا رىقابەت ئىلىپ باردى دەپ ئەرز قىلدى .
2011-يىلى 9 -ئاينىڭ ئاخىرى بېيجىڭ شەھەرلىك ئىككىنچى ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى 360 نىڭ قىلمىشىنى ناتوغرا رىقابەت قىلمىشى دەپ تېڭشۈنگە 400 مىڭ يۈەن تۆلەم تۆلەشنى جاكارلىغان .
2012-يىلى 4-ئاينىڭ 13-كۈنى 360 تېڭشۈننىڭ ئۈستىدىن يەنە بىر قېتىم ئەرز سۇنۇپ 150 مىليون تۆلەم تەلەپ قىلدى.
شۇ كۈنى تېڭشۈنمۇ 360 مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئۈستىدىن ئەرز سۇنۇپ 125 مىليون تۆلەم تەلەپ قىلدى .
2012 -يىلى 4-ئاينىڭ 18 -كۈنى گۇاڭدۇڭ يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى بۇ دېلوغا ئۇچۇق كېسىم چىقاردى
شىنخۇا تورى