|
|
|
|
ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى شىنجاڭ مائارىپ ئۇچۇر تورىدا ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە «مەكتەپنى تەسىرلەندۈرگەن شەخس» نى باھالاش-تاللاش يۈزىسىدىن توردا ئاشكارە بىلەت تاشلاش پائالىيىتىنى ئۇيۇشتۇردى. بۇ پائالىيەتكە شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلاردىن 100 نامزات تاللانغان بولۇپ، بىلەت تاشلاش ئارقىلىق ئون مۇنەۋۋەر شەخسنى تاللاپ بېكىتىدىكەن. ھازىر بىلەت تاشلاش ئاخىرقى باسقۇچقا كىرگەن بولۇپ، 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى ئاخىرلىشىدىكەن.
بۇ قېتىمقى «مەكتەپنى تەسىرلەندۈرگەن شەخس» نامزاتلىرى تىزىملىكىدە شىنجاڭ مائارىپ ئىنستىتۇتىنىڭ تىپىك مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىسى، فىلولوگىىيە پەنلىرىنىڭ دوكتورى، دوتسېنت ئابدۇرېشىت ھېلىمھاجى مۇئەللىممۇ بار. ئابدۇرېشىت مۇئەللىم ئادىمىيلىك يولىدىكى ئانا يۇرتقا، ئەل-ئاۋامغا بولغان ئەمەلىي چوڭقۇر مېھرى-مۇھەببىتى، ھەرقانداق كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان ئىلغار ئىش-ئىزلىرى بىلەن ئۆزى خىزمەت قىلىۋاتقان مەكتەپتىلا ئەمەس، ئاپتونوم رايون بويىچىمۇ ئەڭ يۇقىرى شان-شەرەپلەرگە ئېرىشكەن. ئۇ، غوللۇق مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى بولۇپلا قالماي، ئاپتونوم رايون بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتىدىكى نەمۇنە، ئۇمىد قۇرۇلىشىدىكى ئون چوڭ ساخاۋەتچى، باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىپ كېلىۋاتقان ئەخلاق نەمۇنىسى. ئابدۇرېشىت مۇئەللىمنىڭ ئايلىق مائاشى 2000 يۈەن ئەتراپىدا بولسىمۇ، ئاپتونوم رايونلۇق خەير-ساخاۋەت جەمئىيىتىنىڭ ئىستاتىكا قىلىشىچە، 2006 -يىلدىن ھازىرغا قەدەر بولغان يەتتە يىل ئىچىدە ياردەمگە مۇھتاج بولغان كىشىلەر ئۈچۈن ئىللىق كوڭلىنى نامايان قىلىپ، 50 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق ئىئانە قىلغان. ئۇ يەنە «شىنجاڭ ئىللىق ماكان تور مەكتىپى» (www.illikmakan.com) نى قۇرۇش يولىدا يۈكسەك مەسئۇلىيەت بىلەن ئىش كۆرۈپ، كەڭ تورداشلار ئۈچۈن تور يۈزىدىكى ئىللىق ئائىلە يەنى ئىلىم يۇرتىنى روياپقا چىقاردى. ئەۋلادلىرىمىزنىڭ گۈزەل ئەتىسى ئۈچۈن، كېچە-كۈندۈز تىرىشىپ ئىزدىنىپ كېلىۋاتىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭ بىۋاستە ئالاقە قىلماقچى بولسىڭىز 315041169qq: بىلەن ئالاقىلاشسىڭىزمۇ بولىدۇ. تورداشلارنىڭ مائارىپ سېستېمىسىدىكى تۆھپىكار باغۋەن، ئېسىل پەزىلەتلىك ساخاۋەتچى، يېتىم-يېسىر، ئاجىزلارنىڭ شەپقەتچى ئاتىسى __
ئابدۇرېشىت مۇئەللىمگە بېلەت تاشلىشىنى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىمىز!
http://www.xjedu.gov.cn/jgsz/sxzzgzc/pingxuan/11013.htm
姓名:阿布都热西提·艾力木阿吉 编号:069 推荐单位:新疆教育学院
بېلەت تاشلاش بېكىتىگە كىرگەندىن كېيىن 2-بەت سول تەرەپ ئاستىدىن سانىغاندا 3-قۇر سول تەرەپ چەتتىكى رەت نومۇرى 069 بولغان ئابدۇرېشىت مۇئەللىمنىڭ ئىسمىنىڭ ئالدىدىكى كاتەكچىگە چېكىپ، توغرا بەلگىسىنى قويۇپ، شۇ بەتنىڭ ئەڭ ئاستىدىكى提交 دېگەن خەتنى چېكىۋەتسىڭىزلا بىلەت تاشلىغان بولىسىز. ھەر سائەتتە بىر بىلەت تاشلىيالايسىز، بىلەت ئىناۋەتلىك بولماي قالسا، بىكەت ئادرېسىنى يېڭىلاپ تۇرۇپ تاشلىغايسىز، قوللىغىنىڭىزغا ئالاھىدە رەخمەت ئېيتىمىز!
|
|
|
|
|
|