شامالغا ئىلتىجا
سەلكىن شامال دىرىزەمنى چەكتى ئاۋايلاپ،
ھالىم كۆرۆپ دىدى كۆڭلۈڭ نەسەۋەب مىسكىن.
دىلىم سۇنۇق يار ئىشقىدا كۆڭلۈم پەرىشان،
دەتلىرىمگە دەرمان تېپىپ بىرەلەمسىكىن.
ئېلىپ كېلەي دىدى شامال يارنىڭ ھىدىنى ،
دىدارىنى كۆرگەندەك بول ھىدىنى پۇراپ،
بايان ئەيلە دىيەلمىگەن يۈرەك سۆزۈڭنى،
دەرتلىرىڭنى بايان قىلاي يولىنى توراپ.
بىلمەس ئىدىم مۇھاببەتنى سىنى كۆرمەستە،
ئازاپ نىمە ، ھىجران نىمە ، چۇشەنمەيتتىم ھەم.
تەنھالىغىم ھەمرا ئىدى ھايات يولۇمغا
سىنى كۆردۈم يۈرۈگۈمگە كىرىۋالدى بىر غەم.
ئاشۇ كىچە ئېيىتتىم ساڭا يۈرەك سۆزۈمنى،
تامچە يامغۇر گۇۋاھ ئىدى مىنىڭ سۆزۈمگە.
ئىشىق يولى بالدۇر ئاڭا ساقلا ، دىدىڭ سەن ،
بىر باقمىدىڭ ئاشۇ نۇرسىز ئويچان كۆزۈمگە.
يىللار ئۆتتى دىدارىڭسىز سارغىيىپ كەتتىم،
ئەقىدەمنى ئۈزمىدىم ھەم تاش بولۇپ قاتتىم.
يوللىرىڭغا ئۈمۈد بىلەن قارىدىم نىگار ،
سىغىنغاندا خىيال سۈرۈپ مۇڭلارغا پاتتىم.
ئېيىتقىن شامال سۆزلىرىمنى نىگار ئاڭلىسۇن،
چىن يۈرەكنىڭ نىداسىدىن دىلى يۇمشىسۇن.
بارغىن دىگىن سەۋدا يىگىت كۆزى تۆت بولدى،
ئىنتىزاتمەن يوللىرىغا ھالىمىنى بىلسۇن،
قولۇڭغا تۇتقۇزاي گۈلۈم قوش پىچاق،
قولۇڭغا تۇتقۇزاي گۈلۈم قوش پىچاق،
يىرىپ كۆر كۆكسۈمنى سۆيگۈ بارمىكەن.
تۇتۇپ باپ گۈپۈلدەپ سوققان يۈرەكنى
قولۇڭنى چوغ كەبى كۆيدۈرەمدىكەن.
چىداپ تۇر جىسمىمدا يانغان يالقۇن ئۇ،
تىتىپ باق بىر مىنۇت ئازاپلىرىمىنى.
ئەسكە ئال خارلانغان ئەقىدەمنى ھەم
تەلمۈرۈپ يولۇڭغا قاراشلىرىمىنى .
كۈل بولۈپ كەتمىدى جىسىمىم ئۇ ئوتتا،
بىر سىنىڭ سىمايىڭ قەلبىمدە بولغاچ.
ئۆچمىدى ۋەلىكىن ئۇلغايدى ھەسسە.
ئوتلىرىڭ دەرتلىرىڭ قەلبىمگە تولغاچ.
مەن مۇڭلۇنۇپ ئېيىتقان شۇناخشا
مەن مۇڭلۇنۇپ ئېيىتقان شۇناخشا،
ئارامىڭنى بۇزدىمۇ ئاخشام ؟
ئەسلىمىگە خىيالغا سىلىپ
مۇڭلاتتىمۇ ئازاپلىق ناخشام .
تىكىستىگە گۇۋاھچىسى ئاي ،
دىرىزەڭدىن سوغۇق باقتىمۇ؟
مۇزىكىسى سەلكىن شاماللار،
ئاي يۈزۈڭنى سىيلاپ قاچتىمۇ؟
مەن مۇڭلىنىپ ئېيتقان شۇ ناخشا،
بايان ئەيلەر دەردىمنى ساڭا.
ناخشا ئەمەس يۈرەك سۆزۈم ئۇ ،
يۈرۈگۈمدە ئېقىۋاتقان لا ۋا !
مەنبە :ئۆز قەلىمىم(مۇھەممەد رېيىم ئوت)