مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 289|ئىنكاس: 4

كەتمەنباي: ھەقىقىي يىلتىز [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14908
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5682
تۆھپە نۇمۇرى: 255
توردا: 1 سائەت
تىزىم: 2010-10-22
ئاخىرقى: 2012-6-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 08:53:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ھەقىقىي يىلتىز


ساداقەتجان ھاجى




ئەي قېرى دەرەخ، قۇرىغان شاخلىرىڭنى چاتىۋەت. سارغايغان يوپۇرماقلىرىڭنى تۆكۈۋەت. نادانلىق - سېنىڭ شېخىڭ ئەمەس. رەزىللىك - سېنىڭ يوپۇرمىقىڭ ئەمەس. چۈشكۈنلۈك - سېنىڭ مىۋەڭ ئەمەس. ئەگەر سەندە قايتىدىن كۆكلەش ئارزۇسى بولسا، ئىشىنىمەنكى يۈرىكىڭ يەنە كۆكلەيدۇ. چىرايلىق چېچەكلىرىڭ يەنە ئېچىلىدۇ. مىۋىلىرىڭ يەنە جىلۋە قىلالايدۇ. چۈنكى سېنىڭ چۇڭقۇر يىلتىزىڭ بار.
سەن ھەقىقەتەن بۈيۈك بىر مەۋجۇداتسەن. چۈنكى سېنىڭ تومۇرۇڭدا ئېقىۋاتقان قان ئانا زىمىننىڭ يۈرىكىدىن كەلگەندۇر. سېنىڭ يۈرىكىڭدىن كۆلەۋاتقان ئارزۇ-ئارمان شاخلىرى بولسا بىپايان ئاسمانغا ئىنتىلگەندۇر ۋە ئۇنىڭ باغرىدا پەرۋاز قىلىۋاتقان ئەركىن قۇشلارغا ھەۋەس قىلغاندۇر.
سەن ھەقىقەتەن بۈيۈك بىر مەۋجۇداتسەن. چۈنكى سەن ئەسىرلەردىن بىرى بۇ چۆل-باياۋاندا بىر مۆجىزىدەك ياشاپ كەلدىڭ. تالاي-تالاي بورانلار سانسىز قىتىم قەددىڭنى ئېگىپ، شاخلىرىڭنى سۇندۇرغان چاغدىمۇ يىلتىزىڭنى قۇرۇتالمىدى. سەن بۇ زىمىندا تۇرۇپ مۇقەددەس قۇياشنىڭ نۇرغۇن قىتىم زۇلمەت قەپىزىدىن ئۇچۇپ چىققانلىقىغا شاھىد بولدۇڭ. سېنىڭ غازاڭ دوزىخىغا چۈشكەن چاغلىرىڭمۇ بولغان ئىدى. لېكىن چۇڭقۇر يىلتىزىڭ ھامان پىنھان ياشنىغان. ئۈمىدۋار يۈرىكىڭ ھامان چېچەكلەشكە تەييار تۇرغان... خۇددى بۈگۈنكىدەك ھايات-ماماتلىق تاللاش سېنىڭ بېشىڭغا نۇرغۇن قىتىم كەلگەن...
ئەي قېرى دەرەخ، بۇ زىمىن، بۇ ئاسماننىڭ تارىخى سېنىڭ ھەقىقىي يىلتىزىڭدۇر. بۇنداق يىلتىزنىڭ قۇرۇپ كېتىشى ئەسلا مۈمكىن ئەمەس!
لېكىن شۇنىسى ئېنىقكى، ئەگەر سەن چۇڭقۇر يىلتىزىڭغا ئىشىنىپ ھارام شاخلىرىڭنى پۇتاپ تۇرمىساڭ، بۇ بىپايان زىمىن ۋە چەكسىز ئاسماندىن زىيادە ئۈمىد كۈتسەڭ، چۇقۇم قۇرۇپ قاخشال بولىسەن. ئاندىن پەقەت ياشاش ئىستىكىدىلا بولىۋاتقانلارنىڭ ئوتىنى ئۇلغايتىدىغان ئوتۇن، قازىنىنى قاينىتىدىغان ئوت بولىسەن...

(1997-يىل 2-ئاي. قەشقەر)
★★★★★
(بۇ نەسىر «تۇرپان» ژورنىلىنىڭ 1999-يىللىق 1-سانىدا ئىلان قىلىنغان)
★★★★★

تۇغرۇل _ ﻗﻪﻳﺴﻪﺭ ﻗﯘﺵ

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئىشچان باشقۇرغۇچى ئەستايىدىل باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34
يازما سانى: 409
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18584
تۆھپە نۇمۇرى: 927
توردا: 2208 سائەت
تىزىم: 2010-5-19
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 09:33:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سالام كەتمەنباي ! كەلگەن قەدىمىڭىزگە  مەرھابا!
ئېسىل ئەسەرلىرىڭىزنىڭ مۇنبىرىمىزدىن ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن .

قۇياش يېيىشكە بولمايدىغان نان ، ۋەتەن بېرىشكە بولمايدىغان جان .

باغراش كاككۇكى!!!

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34870
يازما سانى: 800
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 7726
تۆھپە نۇمۇرى: 1872
توردا: 323 سائەت
تىزىم: 2011-3-22
ئاخىرقى: 2012-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 11:58:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سالام كەتمەنباي رەھمەت تېمىڭىزغا.....

ئېقى قەغەز قارسى سىياھ، سەن قەلبىمدە ئۆسكەن گىياھ. مۇھەببەتنىڭ يوللارىدا، بولالامسەن ماڭا ھەمراھ.511 باغراش كاككۇكى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23812
يازما سانى: 179
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3532
تۆھپە نۇمۇرى: 210
توردا: 503 سائەت
تىزىم: 2010-12-25
ئاخىرقى: 2012-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 03:12:46 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇئەلەيكۇم . كەتمەنباي ! كەلگەن قەدىمىڭىزگە  مەرھابا!
تېمىڭىزغارەھمەت ئېسىل ئەسەرلىرىڭىزنىڭ مۇنبىرىمىزدىن ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن .

ئالامەت858

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14908
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5682
تۆھپە نۇمۇرى: 255
توردا: 1 سائەت
تىزىم: 2010-10-22
ئاخىرقى: 2012-6-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 10:44:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام Tughrul

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام kakkuk11

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام tanha858

ئاللاھ سىلەرنى ياخشى تىلەكلىرىڭلارغا يەتكۈزسۇن!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش