مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 644|ئىنكاس: 1

ﺟﯩﺒﺮﺍﻥ ﺧﯩﻠﯩﻞ ﺟﯩﺒﺮﺍﻧﻨﯩﯔ (ﺩﺍﻧﯩﺸﻤﻪﻥ) ﺩﯨﻦ ﺋﯜﺯﯛﻧﺪﻩ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48414
يازما سانى: 69
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6299
تۆھپە نۇمۇرى: 638
توردا: 500 سائەت
تىزىم: 2011-7-19
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 07:59:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ﺟﯩﺒﺮﺍﻥ ﺧﯩﻠﯩﻞ ﺟﯩﺒﺮﺍﻧﻨﯩﯔ (ﺩﺍﻧﯩﺸﻤﻪﻥ) ﺩﯨﻦ ﺋﯜﺯﯛﻧﺪﻩ.

ئېھ دوستلىرىم، سەپداشلىرىم! مەزھەپچىلىك، گورۇھۋازلىق ئەۋج ئالغان، دىن دىيانەتتىن يىراقلاشقان بىچارە مىللەتكە ئىچ ئاغرېتىڭلار! رەخت توقۇماي كېيم كېيدىغان، يەر تېرىماي نان يەيدىغان، مېۋە سىقماي شاراب ئىچىدىغان بىچارە مىللەتكە ئىچ ئاغرىتىڭلار!
زوراۋاننى قەھرىمان ھېسابلايدىغان، باسمىچىنى غەمگۇزار چاغلايدىغان بىچارە مىللەتكە ئىچ ئاغرىتىڭلار!
چۈشلىرىدە ھەۋەسنى مەنسىتمەيدىغان، ئويغانغاندا بولسا ئۇنىڭغا تېزلىنىدىغان بىچارە مىللەتكە ئىچ ئاغرىتىڭلار! تاۋۇتنى كۆرمىگىچە ياش تۆكمەيدىغان، خارابىلاردىن پەخىرلىنىپ، بوينىغا قىلىچ تەگمىگۈچە كۆزىنى ئاچمايدىغان بىچارە مىللەتكە ئىچ ئاغرىتىڭلار!
سىياسئونلىرى تۈلكە، پەيلاسوپلىرى دەججال، سەنئەتكارلىرى مايمۇن بىچارە مىللەتكە ئىچ ئاغرېتىڭلار!
داقا-دۇمباق بلەن قارشى ئالغان رەھىبىرىنى ئسقىرىت بىلەن ئۇزىتىپ قويۇپ، يەنە بىرەيلەننى ناغرا- سۇناى بىلەن قارشى ئالىدىغان بىچارە مىللەتكە ئىچ ئاغرىتىڭلار!
ئاقىللىرى قىرىپ كۆز - قۇلىقىدىن كېتىپ قالغان، ئەركەكلىرى چىمىلدىقتىن چىقالماى ياتقان بىچارە مىللەتكە ئىچ ئاغرىتىڭلار ! گورۇھ - مەزھەپلەرگە پارچىلىنىپ ھەر بىرى ئۆزىنى «خەلق» دەۋالغان بىچارە مىللەتكە ئىچ ئاغرىتىڭلار!

مۇھەببەت سىلەرنى چاقىرغاندا گەرچە مەنزىل مۈشكۈل ھەم ئەگرى - توقاي بولسىمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىڭلار.
مۇھەببەت قانىتى سىلەرنى ئوراپ ئالغاندا گەرچە ئۇنىڭ پەيلىرى ئارىسىغا يۇشۇرۇنغان تىرناقلىرى سىلەرنى پارە-پارە قىلىۋەتسىمۇ ئۇنىڭغا بويسۇنۇڭلار.
مۇھەببەت سىلەرگە گەپ قىلغاندا ئۇنىڭ ئاۋازى خۇددى شىمال شامىلى باغلارنى خازان قىلغاندەك شېرىن چۈشلىرىڭلارنى بەربات قىلىۋەتسىمۇ ئۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىڭلار.
«دانىشمەن» 87 -بەت
قاراڭلار! ئۇلۇغ پادىشاھنىڭ قىزى ئۇيقۇدىن ئويغاندى، شايى كۆينىكىنى كەيدى، ئالتۇن- بىزەكلىرىنى تاقىدى، چاچلىرىغا ئېپار چاچتى، تىرناقلىرىغا خېنە سۈردى، بالىكوندىن باغچىغا چۈشتى، ئالتۇن كەشىنىڭ جىيەكلىرىدە شەبنەم تامچىلىرى يالتىرايتتى.
مەلىكە باغچىدا كېچە جىمجىتلىقىدىن سۆيگۈ ئىزدەيتتى. بىراق شاھ ئاتىسنىڭ شۇنچە چوڭ دۆلىتىدە ئۇنى سۆيىدىغان بىرمۇ كىشى يوق ئىدى.
ئېسىت، دىھقان قىزى بولۇپ قالسىچۇ كاشكى!
كەڭ دالىدا پادا بېقىپ كەچتە ئۆيگە قايتسا، يالىڭاياق پۇتلىرى توپلارغا مېلەنسە، كىيم - كېچەكلىرىدىن ئۈزۈمنىڭ ھىدى گۈپۈلدەپ تۇرسا، نىھايەت كېچە پەرىلىرى ئەتراپى ئالەمگە قاناتلىرىنى يايغاندا تۇيدۇرماستىن پادىلىرىنى ھەيدەپ دەريا بويىغا بارسا، ئۇيەردە ئۇنى سۆيگەن يىگىتى ساقلاپ تۇرسا نېمىدىگەن ياخشى بولاتتى -ھە ...!
«دانىشمەن» 476-بەت
دۇنيا ئۈچۈن ئۆلمەيدىغاندەك ئىشلە، ئاخىرەت ئۈچۈن ئەتە ئۆلىدىغاندەك ئىشلە.
سۆيگۈگە تويۇنغان مېھنەت دېگەن نېمە؟
يۈرەك تالالىرىڭدىن مەشۈت تارتىپ يېپەك توقۇغىن، ئۇنىڭدىن خۇددى مەشۇقىڭ كىيىم كېيىدىغاندەك.
ئېرادە - ئېتىقاد تاغلىرىڭدىن تاش ئويۇپ ئېمارەت سالغىن، ئۇنىڭدا خۇددى مەشۇقىڭ ئارام ئالىدىغاندەك.
ئەقىدە - ئىخلاس بىلەن ئورۇق چاچ، شاد -خۇراملىق بىلەن يىغىۋال، خۇددى ئۇنى مەشۇقىڭ ئالدىغا داستىخان قىلىدىغاندەك.
شۇ چاغدىلا بارلىق مېھنەتلىرىڭنى ئۆز روھىڭنىڭ تىنىقلىرى بىلەن سۇغارغان بولىسەن، ئىشنىشىڭ كېرەككى پاكلارنىڭ روھى سەن بىلەن بىرگە، دائىما سېنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ سېنى خىيال قىلىپ تۇرىدۇ.
«دانىشمەن» 98-بەت
ئۆز ئارا مۇھەببەتلىشىڭلار، ئەمما مۇھەببەتنى كىشەنلەپ قويماڭلار، بەلكى مۇھەببەت روھىڭلارنىڭ قىرغاقلىرى ئارىسىدا ئۆركەشلەپ تۇرىدىغان دېڭىز بولسۇن. بىر-بىرىڭلارنىڭ جامىنى تولدۇرۇڭلار. ئەمما بىر جامدىن تەڭ ئىچمەڭلار، بىر-بىرىڭلارغا نان سۇنۇڭلار، ئەمما بىرناننى تەڭ چىشلىمەڭلار.
بىرگە ناخشا توۋلاڭلار، بىرگە ئۇسسۇل ئويناڭلار، بىر ئۆمۈر خۇشال ئۆتۈڭلار. ئەمما مۇستەقىل ياشاڭلار. مىسالى گېتتارنىڭ تارىلىرى ئايرىم تۇرىدۇ-يۇ، ئەمما ھەممىسى بىر ئاھاڭنى تەڭ كۈيلەيدۇ. «دانىشمەن» 88- بەت.
                          مەنبەسى: كىتابتىن

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Tughrul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-24 09:37 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 71880
يازما سانى: 299
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4034
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 15 سائەت
تىزىم: 2011-12-25
ئاخىرقى: 2012-8-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 02:05:39 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جىبران خىلىل ئۆتۈپ كەتكەن ئازغۇن تەلۋە كالۋا شائىر بۇ گۇينى غەرپلىكلەر بەك ماختايدۇ
بۇ گۇينىڭ شىئىرلىرى ئادەمنى ھاراقتىن بەك مەست قىلىدۇ
غەرپنىڭ تالانتلىق غالچىسى بۇ

بىرگە بىرنى قوشسا ئىككى بولىدۇ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش