مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 560|ئىنكاس: 4

قەرز (ھېكايە ) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36126
يازما سانى: 144
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 2175
تۆھپە نۇمۇرى: 310
توردا: 1656 سائەت
تىزىم: 2011-4-2
ئاخىرقى: 2012-6-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 07:57:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

قەرز

ھېكايە
سەئىدە زۇنۇنوۋا ( ئۆزبەكىستان )

ئۆزبەكچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى : ئېرپان


ياز ئاخىرلىشىپ كۈز يەرگە ئەمدى قەدەم باسقان چاغ.ئاسمان تىنىق، سۇلار شىۋىرلىمايدۇ. غوزەكلىرى تېخى ئۇيقۇسىدىن ئويغانمىغان توم يېشىل پاختىزارلىق ئۇستىدىكى نۇرلارمۇ، ھاۋامۇ شۇنچە سالقىن ھەم جىمجىت جىمىرلاپ تۇرىدۇ. يولدىن تىنماي ئۆتۇۋاتقان ماشىنىلارنىڭ ئايىقى ئۇزۇلمىسىمۇ، ئەمدىلا شاۋقۇنلۇق شەھەردىن ئايرىلغان ئابدۇراخمان ئۈچۈن بۇ جاي تولىمۇ جىمجىت تۇيۇلماقتا ئىدى. يېڭى–يېڭى مەنزىرلەردىن ھۆزۇرلىنىپ كېتىپ بارغاچقىمۇ ياكى بالىلىق چاغلىرىدا يۈرگەن يوللار، ئوينىغان جايلار ئېسىگە كەلدىمۇ، يۈرىكىنى ئۆرتەپ تۇرغان غەشلىكلەر يوقالغاندەك بولۇپ خېلى يېنىكلەپ قالدى.
قاتتىق ئاغرىغاندىن كېيىن نېمىشقىدۇر دائىم يېزىسىنى ئەسلەيدىغان بولۇپ قالغان ئىدى. لېكىن كىمنىڭ ئالدىغا بارىدۇ،ئۇ جايدا ھازىر ھېچقانداق تۇققىنىمۇ يوق. ئاتا-ئانىسى ئۆلۈپ كەتكەن،يېزىدا ھازىر كىچىك چاغلىرىدا ئويناپ چوڭ بولغان قايسى دوستلىرى بار ئۇنىمۇ بىلمەيدۇ. ئارىدىن ئوتتۇز–قىرىق يىل ئوتتى ئۇ بارسىمۇ قانچىسى ئۇنى تونۇيدۇ. لېكىن، ئۇنىڭ كۆڭلى دائىم يېزىسىنى تارتىپلا تۇراتتى. دائىم يېزىدا ئۆتكەن بالىلىقى ھەققىدە تولا گەپ قىلىدىغان، شۇ چاغلاردا بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئىنچىكىلىك بىلەن ئەسلەيدىغان بولۇپ قالغان ئىدى. بىر كۈنى ئانىسىنىڭ ئاشقاپاق سامسىغا بەك ئۇستىلىقى ھەققىدە سۆزلەپ كەتتى .
-    جىلتىسىنى يۈپقا يېيىپ، يوغان–يوغان قىلىپ ئاچچىق سامسا قىلىپ بېرەتتى. ئىچىدىكى ئۇششاق قەلەمپۇرلار كۆرۈنۈپ تۇراتتى. ھەرقېتىم نان ياقتىمۇ، يا پىياز سامسىسى، ياكى بولمىسا ئاشقاپاق سامسىسى يېقىپ بېرەتتى.
-    يامان جىق دەپ كەتتىڭىز دادا – دېدى كىتاپ ئوقۇپ ئولتۇرغان قىزى – ئاپام شۇنداق شېرىن گۆش سامسىسى قىلىپ بەرسىمۇ يەنە شۇ ئاشقاپاق سامسا ئاغزىڭىزدىن چۈشمەيدۇ.
قول ئىشى قىلغاچ بىردەم–بىردەم تېلۋىزورغا قاراپ قويۇپ ئولتۇرغان ئايالى قىزىغا بىر قاراپ قويدى –دە، ئۇنىڭغا ئۆرۈلۈپ قارىدى .
-    يېزىغا بىر بېرىپ ئايلىنىپ كەلسىڭىز بولاتتى–دېدى يۇمشاق مېھرىبان ئاۋازدا–خالىسىڭىز مەن سىز بىلەن بىرگە باراي.
-    كىمنىڭكىگە بارىمەن؟– دېدى ئابدۇراخمان بىردىن بوشىشىپ .
-    كوچىدا قالماسسىز ، ئۇ يەردىمۇ ئادەم جىققۇ.
ئابدۇراخمان ئۇندىمىدى.يېققىندىن بېرى ئۇ شۇ چاغدىكى خولۇم –خوشنا، دوستلىرى بىلەن ئالاقە قىلىپ تۇرمىغانلىقىنى تولا ئويلايدىغان بولۇپ قالغان ئىدى. بالىلىرى ئۇنڭ بۇ كەيپىياتىنى قانداقمۇ چۈشەنسۇن؟ ئاۋات سەھەردە، ناھايىتى قولايلىق، ئازادە ئۆيلەردە ياشاۋاتقان بىر ئادەمنىڭ، تاملىىرىغا قاپاق پىلەكلىرى ياماشقان پەس ھويلىلارنى، پاشىدىن ئۆزىنى قورىغان سىيىر-قويلارنى،توپا ئۆرلەپ تۇرغان چىغىر يوللارنى، بىر تال لىمنى كۆۋرۈك قىلغان ئاشۇ يېزىنى ئويلاش بەلكىم ناشۈكۈرلىكتۇر. ئەمما  ئاشۇ يوللاردا ئۇنىڭ بالىلىقى، قايناۋاتقان سۈتتەك بىغۇبار، تېنچ ھاياتى ئاشۇ يېزىدا ئۆتكەن ئىدى. ئادەم قېرىغانسېرى ياشلىققا ئالاقىدار بولغان بارلىق نەرسىلەرنىڭ سېھرى كۈچى ۋە جەزبىدارلىقى ئېشىپ بارىدىكەن ئەمەسمۇ. يىللار ئۆتكەنسېرى يۈرەكتىكى ئىنتىلىش،سېغىنىش بارغانچە كۈچىيىدىكەن.
پويىزدىن چۈشۈپ ئۇنىڭ ماشىنىغا چىققۇسى كەلمىدى.قولىدىمۇ يۈكى يوق ئىدى،سومكىسىغا پەقەت بىر تال كۆڭلەك بىلەن بىر تال ئاسما مايكا،بىر تال لۇڭگە ۋە پايپاقلا سېلىۋالغان ئىدى. ئۇ چوڭ يولىنىڭ پىيادىلەر يولىدا ئالدىرماي كېتىپ باراتتى. قۇياش سەل قىيسايغان بولسىمۇ لېكىن ئىسسىق خېلى بار ئىدى،يول چېتىدە شاقىراپ ئېقىۋاتقان ئېرىق بويىدىكى تاللاردىن مەيىن شامال يۈزلەرگە ئۇرۇلۇپ ئادەمگە ھۆزۇر بېرەتتى.ئابدۇراخمانغا يېزىسى يىراقلاپ كەتكەندەك بىلىنۋاتاتتى.بەزىدە ئادىشىپ قالمىغاندىمەن ھە؟ دەپ بىردەم تىڭىرقاپ تۇرۇپ قالاتتى،يەنە يېزىنى مولچەرلەپ داۋاملىق ماڭاتتى.
دەرەخلەرى چەڭزە بولغان قېلىن دەرەخلىق ئىچىدىكى چايخانىدا ئادەملەر شالاڭ ئىدى. بىر سۇپىدا ئىككى بوۋاي پاراڭ سېلىشىپ ئولتۇراتتى،يولۇچى بولسا كېرەك بىر ياش ئېرىق بويىدا‹‹جىگۇلى ››ماركىلىق ماشىنىسىنى يۇيۇۋاتاتتى،ئېرىق لېۋىگە ئاغزى ئوچۇق چەينەك بىلەن چاي قۇيۇلغان بىر چىنە تۇراتتى.ئابدۇراخمان بوۋايلارغا سالام بېرىپ ئۆتكەچ يەنە بىر سۇپىنىڭ لېۋىگە كېلىپ ئولتۇردى. ئوتتۇرا ياش، بۇرۇتلۇق چايخانە ئىگىسى بىر كۆرپىنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى .
-    كېلىڭ مېھمان– دېدى ئېھتىرام بىلەن– سىزنى كۆرۈپ خۇش بولدۇق .
-    ئاۋارە بولمىسىڭىزىمۇ بولاتتى .
-    قارا چاي كەلتۇرەيمۇ ؟ يېشىل چايمۇ ؟
-    قايسىلا بولسا بولىۋېرىدۇ .
چايخانىچى پەتنۇستا ئاق قەنت،ئىككى تال يۇمشاق نان، چەينەك ۋە چىنە ئېلىپ كەلدى. چايخانە ئاچقان ئادەم سىرتتىن كەلگەن ئادەمنى دەرھال بىلىۋالىدۇ ھەم ئۇلارغا ئالاھىدە مېھماندوستلىقىنى ئىپادىلەپ كۆڭلىنى ئېلىشقا ئۇرىنىدۇ. دىقماققىنە كەلگەن بىرى قوغۇن ۋە ئۈزۈم سېلىنغان تەخسە كۆتۈرۈپ كەلدى.
-    رەھمەت، بولدى ئاۋارە بولماڭ.
-    بۇنىڭ نىمىسى ئاۋارچىلىق دەيسىز،يول غەمنى ئالىدۇ ،سىز يىراقتىن كەلگەندەك قىلىسىز شۇنداقمۇ ؟
-    شۇنداق، تاشكەنتتىن كەلدىم .
شۇ چاغدا يولدىن ھەممە يېرى گۈل ۋە لېنتىلار بىلەن بېزەلگەن‹‹ ۋولگا››ماركىلىق ماشىنا باش بولۇپ بەش ئالتە ماشىنا ئۇچقاندەك ئوتۇپ كەتتى.چىرايلىق ياسىنىشقان ياشلارنىڭ چىرايى يالت قىلىپ ئۆتۈپ كېتىشتى.
-    خۇدا ساقلىسۇن بۇلارنى–دېدى چايخانىچى ئالقانلىرىنى بىر–بىرىگە ئۇرۇپ خۇش بولۇپ–ماشىنىنى ھېلىمۇ كېلىننىڭ ئۆزى ھەيدىمەپتۇ .
    بوۋايلارنىڭمۇ، ماشىنا يۇيۇۋاتقان يىگىتنىڭمۇ كۆزلىرى شۇ ياقتا ئىدى.
-    بۈگۈن توي – دېدى چايخانىچى – ئىككىسىلا داڭدار كىشىلەرنىڭ بالىلىرى، ئىككىسىنىڭلا ماشىنىسى بار. ئۆلگۈر قىز ماشىنىنى شۇنداق ھەيدەيدىكى ئۇچىدۇ زادى. ئۇ ماشىنا ھەيدەپ ئۆتسە ھەممىنىڭ كۆزى شۇنىڭدا. ئاجايىپ زامانلار بولىۋاتىدۇ.بۇرۇن توت ئېتى بار ئادەمنىڭ بۇرنىدىن قۇرت چۇشەتتى.ھازىر بۇ ماشىنلارنى توقسەن ئات كۈچىگە دەڭ دەمدۇ ئىشقىلىپ؟
ئابدۇراخمان ئۇنىڭ گېپىگە كۈلۈپ قويدى .
-    قايسى يېزىدىن ئۇلار ؟
-    مۇشۇ يەرلىك ئۈچ قۇدۇقلۇق، سەلىيەخان بارغۇ ئاۋۇ گۇرۇي، شۇلارنىڭ جەمەتىدىن .
ئابدۇراخماننىڭ نېمىدۇر بىر نەرسىنى ئەسلىمەكچى بولغاندەك كۆزلىرى قىسىلدى.
-    سەلىيەخان ... فامىلىسى نېمە ؟
-    بالتېيېۋا. تونامسىز؟‹‹ قىزىل يۇلتۇز ››نىڭ رەئىسى .
-    ئابدۇراخمان قول ياغلىقى بىلەن تەرلەپ كەتكەن بوينى ۋە يۈزلىرىنى سۇرتۇپ باشقا گەپ قىلماي جىمىپ قالدى. ئۇ تونۇيدىغان سەلىيەخاننىڭ فامىلىسى ئۇنداق ئەمەس ئىدى.گېزىتلەردىمۇ بىر–ئىككى قېتىم كۆرگەن بولسىمۇ ئانچە ئېرەن قىلىپ كەتمىگەن ئىدى. تۇرمۇشقا چىققاندۇر، بەلكى فامىلىسىنى ئۆزگەرتكەندۇر ، دەپ ئويلىدى ئۇ .
-    ئۇ قەيەرلىك ئۆزى ؟
-    مۇشۇ يەرلىك .
-    ئۆيى بۇ يەردىن يىراقمۇ ؟
-    ھە، خېلى بار ھوي جىيەنباي ئۆيگە كېتەمسىز ؟
ماشىنىسىنى يۇيۇپ بولۇپ تىك تۇرغانچە چاي ئىچىۋاتقان يىگىت ئۇنىڭ قاراپ باش لىڭشىتتى.
-    مېھماننى ئالغاچ بارمامسىز ؟
-    بولىدۇ بولىدۇ .
ماشىنا تۈپتۈز ئاسفالىت يولدا ئۇچقاندەك كېتىپ باراتتى. ئەمدى دالىمۇ تۇگەپ يولنىڭ ئىككى چېتىگە بىر خىلدا خىشتىن سېلىنغان ئۆيلەر كۆرۈنۈشكە باشلىدى.
-    مەھەلە بەك ئۆزگۈرۈپ كېتىپتۇ–دېدى ئابدۇراخمان.جىيەنباي يالت قىلىپ ئۇنىڭغا بىر قاراپ قويدى.
-    بۇرۇن سىز كەلگەنمۇ بۇ يەرگە ؟
ئۇ يېنىڭ ئۇھسىنىپ قويدى، لېكىن جاۋاپ بەرمىدى.
-    كەچۇرۇڭ، كىمنى ئىزدەپ كەلگەن ئىدىڭىز ؟
-    ئۆزەممۇ بىلمەيمەن.
ماشىنا رولدىن قېچىپ سەل سىلكىنىپ كەتتى. جىيەنباي بىردەم – بىردەم كۆزىنى يولدىن ئېلىپ ئۇنىڭغا ھەيرانلىق بىلەن قاراپ قوياتتى ئۇنىڭدىن بىرنەرسىلەرنى سورىماقچى بولاتتى–يۇ جۇرئەت قىلالمايتتى.
-    مەن ئەسلى مۇشۇ يەرلىك سىز ياشكەنسىز بىلمەسلىكىڭىز مۇمكىن مەن ئابدۇخېلىل دېگەن كىشىنىڭ ئوغلى بولىمەن،ئۇزۇن بولدى مەن بۇ يەردىن كەتكىنىمگە قېرىغاندا بۇ يەرلەرنى سېغىنىپ قالدىم .
-    ئۇنداق بولسائۇدۇل بىزنىڭ ئۆيگە بارايلى، دادام چوقۇم خۇش بولىدۇ
-    رەھمەت
تاملىرى يېڭى ئاقلانغان، دەرۋازىسىمۇ يېڭى سىرلانغان چوڭ دەرۋازا ئالدىغا نۇرغۇن كىشىلەر يىغىلىشىپ تۇرۇشاتتى. تال سايىسىنىڭ ئاستىغا يېڭى ماشىنىلار قاتار تىزىپ قويۇلغان بولۇپ، چوڭ–كىچىك بالىلار شۇ يەردە ئويناپ يۇرەتتى. جىيەنباي ماشىنىنى سىلكىتىپ توختاتتى .
-    كىرمەي ئۆتۈپ كەتسەك خاپا بولىدۇ ، بىر پىيالىدىن چاي ئىچىمىز ئەمدى.
ئاق يەكتەك كەيگەن ئوتتۇرا ياشلىق بىر كىشى بىلەن ياش بىر يىگىت ماشىنىنىڭ يېنىغا كېلىشتى.
-    كېلىڭلار، كېلىڭلار، قېنى ئىچكىرىگە
-    ياخشى مېھمان ئاش ئۇستىگە دەپتىكەن، مېھمان باشلاپ كەلدىم – دېدى جىيەنباي كۈلۈپ .
ساھىپخانلارنى ئۇلارنى ھۆرمەت بىلەن ئىچكىرىگە باشلىدى.چوڭ ئازادەھۆيلىغائۇستەل–ئورۇندۇقلار قويۇلغان،ھۆيلىنىڭ يۇقۇرىسىدىكى چوڭ ئايۋاندا ئاياللار كۆرۈنۈپ تۇراتتى،ئۇزۇم بارىڭى ئاستىدىكى سۇپىدا سازەندىلەر ساز چېلىپ ناخشا ئېيتىۋاتاتتى،ياش يىگىتلەر مېكرافون ئورنۇتۇش،دەرەخلەرگە سىم تارتىپ لامپۇچكا ئورنىتىش بىلەن ئاۋارە ئىدى. بىردەمدىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئالدىغا داستىخان سېلىنىپ تاماق كەلتۇرۇلدى .
-    بايىقى ماشىنىلارنى تونىدىڭىزمۇ ؟ - دېدى جىيەنباي .
-    ھە، شۇلار شۇكەندە – دېدى ئابدۇراخمان. ئۇ بىرەر تونۇش چىقىپ قالامدىكىن دەپ ئەتراپقا كۆز يۇگۇرتۈشكە باشلىدى. دەرۋازا ئالدىدا قارا ئەتلەس كۆينەك كەيگەن تولغان بىر ئايال پەيدا بولدى. ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن ئەر – ئاياللار ئۇنىڭ يېنىغا كېلىشتى. ئۇ قولىدىكى قەغەزگە ئورالغان نەرسىنى ئاياللارىن بىرىگە بېرىپ ، باشقىلار قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتى .
-    تويلار مۇبارەك – دېيىشتى ھەممىسى خۇشال ئاۋازدا .
ئابدۇراخمان ئەمدى ئۇنى تونىغان ئىدى،ئاشۇ سەلىيە شۇ ئىكەن. بۇرۇن نازۈككىىنە قىز ئىدى،ئەمدى سەمىرىپ يەلكىلىرى كەڭ، سۆلەتلىك ئايال بولۇپ كېتىپتۇ. ئۇنىڭ بېشىدىكى ھاۋا رەڭ رومالىنىڭ ئاستىدىن ئاق ئارىلىغان چاچلىرى كۆرۈنۈپ تۇراتتى.سەمىرىپ كەتكەنلىكتىنمۇ يۈزىدىكى سۇ چېچەك ئورنى كۆرۇنمەي قالغان ئىدى.ئابدۇراخمانغا چۆرىسىنى ئىنچىكە قۇرۇق باسقان كۆزلىرى يەنە بۇرۇنقدەكلا كۆرۈندى.ئۇ بۇرۇنقىدەكلا يەنە جۇشقۇن، تېتىك تۇرۇپتۇ دەپ ئويلىدى ئابدۇراخمان. سەلىيە تۇرغىنىچە يېنىدىكى ئاياللار بىلەن پاراڭلىشىپ تۇراتتى. ئابدۇراخماننىڭ ئۇنىڭغا تىكىلىپ قاراپ قالغانلىقىنى كۆرگەن جىيەنباي :
-    رەئىسىمىز – دېدى پەس ئاۋازدا .
-    چاقىرىپ بېرەلەرسىزمۇ ؟
-    ئەلبەتتە–جىيەنبەك دىككىدە ئورنىدىن تۇردى–دە،ئايالنىڭ ئالدىغا بېرىپ بىرنەرسىلەر دېدى.ئايال باش لىڭشىتتى، كەينىدىن ئۇ ئولتۇرغان تەرەپكە قاراپ قويدى. ئايال گېپىدىن توختاپ يەنە بىر قارىدى. ئابدۇراخمان ئورنىدىن تۇردى. سەلىيەخان ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭغا تىكىلىپ قارىدى.
-    ئابدۇراخمان ؟ - ئۇ كۆرۈشۈشكە قول ئۇزاتتى – بۇ راس سىزمۇ ؟
-    شۇنداق، مەن شۇ – دېدى كۈلۈپ ئابدۇراخمان .
-    باركەنسىزغۇ !
-    يوقاپ كەتكەن يۇرتلىقىڭىزنى مەن تېپىپ كەلدىم جۇمۇ ئاچا– دېدى جىيەنبايمۇ كۈلۈپ .
-    يوقالغان دەيسىزغۇ، سۇغا چۈشۈپ كەتكەندەك دەڭ .
-    ئۆينى، ھويلىنى ھەممىنى تاشلاپلا كەتتىڭىز–دېدى سەلىيەخان ھال–ئەھۋال سورۇشۇپ بولغاندىن كېيىن–باشتا مەيلى نىمە بولسۇن چىرىقى يېنىپ تۇرسۇن دەپ، قايتىپ بەرگەنلەرگە بەردۇق، كېيىن يولغا كىرىپ ھەممىسى چېقىلىپ كەتتى .
-    سىزلەرنىڭمۇ چېقىلدىما ؟
-    شۇنداق باشقا جايغا كۆچۈپ كەتتۇق .
-    ئانىڭىز ياخشى تۇرغاندۇ ؟
-    قېرىپ قالدى ھازىر.دائىم سىزنىڭ گېپىڭىزنى قىلىپ ھېچ ئېسىدىن چىقارمىدى.ھېلى ئۆزىمۇ كېلىپ قالىدۇ – ئۇنىڭ كۆزى دەرۋازىدىن كىرىپ كەلگەن ئىگىز بويلۇق ، تېرىسى قارا كىشىگە چۈشتى، قولى بىلەن ئىما قىپلىپ–بالتايېف – دەپ چاقىردى .
بالتايېف گالىپە ئىشتىنىغا چۈشۈپ تۇرغان ئاق كۆڭلىكىنىڭ پەشلىرىنى ئوڭشاپ، پوتىسىنى ئوڭشىغىنىچە سەلىيەخاننىڭ يېنىغا كەلدى.
-    بۇ كىم؟ تونۇپ بېقىڭچۇ؟- دېدى ئايال ئابدۇراخماننى ئىشارە قىلىپ. ئىككىلىسى بىر–بىرىگە ئۇزاق قارىشىپ كەتتى، بىردىنلا قۇچاقلىشىپ كەتتى .
-    يا پانا ! ئاسماندىن چۈشتىڭمۇ ، يەردىن ئۇندىڭمۇ ؟
بىردەمدە بۇ خەۋەر توي ئەھلىگە يېتىپ بولدى .
-    ئابدۇخېلىلنىڭ ئوغلى ئىكەن .
-    ھە، ئابدۇراخمانما ؟ ئۇ ھاياتمىكەن ؟
بۇ گەپلەر ئۇنىڭ قۇلىقىغا كىرىپ تۇراتتى، ھېلىدىن–ھېلىغا تونۇغانلار كېلىپ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشەتتى. بىر بوۋاي كۆز يېشى قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈپ ئۇنى سۆيۈپ كەتتى.
-    بار ئىكەنسەنغۇ بالام-بەلبىغىنىڭ ئۈچى بىلەن كۆزلىرىنى سۇرتۇپ.ئادۇراخمانغا بوۋاي تونۇشتەك بىلىندى، دادىسىنىڭ دوستلىرى بولسا كېرەك .
سەلىيەخان ئاياللار يېىنىدىن قايتىپ كېلىپ :
ـ ئاپامغا دېدىم ، ئۇ سەن بىلەن كۆرۈشۈشكە  ئالدىراپ ئۆزى كەلدى – دېدى .
ئابدۇراخمان ھاسسىسىغا تايىنىپ ئىڭىشكىنىچە بۇ ياققا قاراپ كېلىۋاتقان موماينى كۆرۈپ ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇنىڭ ئالدىغا باردى
-    ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم
موماي ئۇنىڭغا زەڭ سېلىپ بىردەم قاراپ تۇردى. ئۆزىگە ئىڭشىپ تۇرغان ئابدۇراخماننىڭ بوينىدىن قۇچاقلاپ قاتتىق يىغلاپ كەتتى. ئۇنىڭ ھاسسى قولىدىن يەرگە چۈشۈپ كەتتى. موماي كەڭ يەڭلىرى ئىچىدىكى ئورۇق،ئاجىز قوللىرىنى ئابدۇراخماننىڭ بوينىدىن ئاجراتتى .
-    خۇداغا شۇكرى ، تىرىك ئىكەنسەن . خۇداغا شۇكرى
-    ئۆزىڭىزچۇ ياخشى تۇردىڭىزمۇ موما ؟
- دائىم چۈشلىرىمگە كىرەتتىڭ– موماي ئۇنىڭ يەلكىلىرىنى سىلاپ چىرايىغا زەڭ سېلىپ قارىدى. ئاناڭ بىلەن قانچىلىك ياخشى ئۆتكەن ئىدۇق.سەن بار تۇرۇپ شۇنچە ئۇزۇنغىچە بۇ يەرلەرگە كەلمىدىڭ ، بۇ يەرلەردىن كۆڭلۇڭ قاپتۇ –دە .
ئابدۇراخمان نېمە دېيىشىنى بىلمەي ھاياجان ۋە ئەندىشىدىن يۈزلىرى قىزىرىپ كەتتى. موماي ئۇنى ئۇنتۇپ قالماپتۇ، دائىم سېغىنغىدەك، ئۇنى كۆرگۇسى كېلىدىكەن.ئابدۇراخماننىڭ دىمىقىغا ئانىسىنىڭ دىمىقى ئۇرۇلغاندەك بولۇپ كۆزلىرىگە ياش كەلدى. سەلىيەخان موماينى زورلاپ نېرىغا ئېلىپ كەتتى .
-    ئۆيگە بارغىن، پاراڭلىشىمىز، دىدارىڭغا قانمىدىم بالام .
-    بارىمەن، چوقۇم بارىمەن .
-    بارىدۇ، ئەلبەتتە بارىدۇ.
بالتايېۋ ھەممە دوسلىرىغا خەۋەر بېرىۋاتكەن ئىدى، ھەممىسى يىغىلىشتى. ئۇلار شۇنى ئۇرۇشقا بېرىپ قايتىپ كېلەلمىگەن دوستلىرى ھەققىدە ئۇۇزن پاراڭ قىلىشتى .
يار–يار، ئويۇن–كۈلگە داپ، ناغرا – سۇناي ساداسى ئىچىدە كېلىن كۆچۈرۈپ كېلىندى. ئۇلار بۇنىڭغا بىردەم قاراپ تۇرۇپ تاماشا قىلىشتى –دە،يەنە ئۆز سۆھبىتىگە چۈشۈپ كېتىشتى. تونۇش–بىلىشلەرنىڭ ھەممسى ئۇنى ئۆيلىرىگە تەكلىپ قىلىپ ئېلىپ كەتكۇسى بار ئىدى . لېكىن  ئۇنىڭ بۈگۈن يالغۇز قالغۇسى بار ئىدى.بالىلىقى ئۆتكەن، ئاتا –ئانىسىنىڭ قەدەم ئىزلىرى تەككەن شۇ كوچىلاردا يالغۇز يۇرگۇسى،قەلبىنى لەرزىگە سالغان، ئۆزىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتكەن مانا بۇ ئادەملەر ھەققىدە يالغۇز ئولتۇرۇپ خىيال سۇرمەكچى ئىدى. ئۇ ھازىر قەرزگە پاتقان ئادەمدەك نەگە قېچىشىنى بىلمەي قالغان ئىدى. ئۇنىڭ كۆڭلى يالغۇزلۇقنى خالاپ قالغان ئىدى. ئۆزىدىن ھېساپ ئالماقچى ئىدى. توي تۇگۇشى بىلەن ھەممىسى كوچىغا چىقىشتى،باشقىلار رەئىس ئالدىدا گەپ قىلىشتىن ئەيمەندىمۇ جىم تۇرۇشاتتى.بالتايېف ماشىنىنىڭ رولىغا ئولتۇردى.سەلىيەخان ئابدۇراخماننىڭ ئۇنىڭ يېنىغا تەكلىپ قىلىپ ئۆزى كەينىدىكى ئورۇندۇققا چىقتى. ئۇزاتقىلى چىققانلار نائىلاج ئەتە كۆرۈشەيلى دېيىشىپ قېلىپ قېلىشىتى.
-    بىر ئىلتىماسىم بار–دېدى ئادۇراخمان ئىلتىجا قىلغان ئاھاڭدا – مېھمانخانىغا بارسام .
-    بۇ نېمە دېگىنىڭىز ؟
-    جان دوستۇم، سەلىيەخان بىر كۈن ماڭا رۇخسەت بېرىڭ .
بالتايېف ھەيرانلىق ئىچىدە خوتۇنىغا قارىدى. سەلىيەخان ئابدۇراخماننىڭ ئۆزىگە يېلىنىش نەزىرىدە قاراۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ يەلكىسىنى قىسىپ قويدى .
-    بولىدۇ – دېدى كېيىن .
ماشىنا دەرۋازىدىن كىرىپ ئىگىز كۆتۇرۇلگەن ئۇزۇم بارىڭى ئاستىدىن ئۆتۈپ، ھويلىنىڭ مەيدانىغا كېلىپ توختىدى. چوڭ باغنىڭ كەينىدىكى ئىككى قەۋەتلىك بىنانىڭ ئەتراپى پۇتۇنلەي ئايۋانلىق كارىدور ئىدى. كارىدورغا ئورنىتىلغان لامپۇچكىدىن باغ ئىچى خىرە يورۇپ تۇراتتى.
-    شاكىرجان !
-    لەببەي، كېلىڭلار ئاچا–ئىچكىرىدىن جۇغى كىچىككرەك بىر كىشى چىقىپ ئۇلار بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى – قېنى كېلىڭلار – دېدى ئۇ يەنە قولىنى كۆكسىگە قويۇپ.
-    ئەتىگىچە مېھماننى سىزگە تاپشۇرىمەن. مېھماننى زېرىكتۇرۇپ، چارچىتىپ قويمايسىز .
-    باش ئۇستىگە .
ئابدۇراخمان شۇ كېچە تۈزۈك ئۇخلىمىدى. يەنە كېلىپ ئۇ تولىمۇ خشال ئىدى. ئاتا –ئانىسىنىڭ نەپسى كېلىپ تۇرغان بۇ ھاۋا ئۇنىڭ يادىغا ئۇلارنى ئەسلىتەتتى. شاكىرجان چاي دەملەپ كىردى، ئۇستەل ئۇستىگە ھەر خىل نازۈ –نېمەتلەرنى تىزدى، بىردەم پاراڭلىشىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن ، دەم ئېلىڭ دەپ چىقىپ كەتتى. ئۇ چىرايلىق ياغاچ كارۋاتقا سېلىغان ئەتلەس يوتقاننىڭ بىر پېشىنى قايرىدى – يۇ،ياتمىدى،ھويلىغا چىقتى. كۆكتە يۇلتۇزلار جىمىرلاپ تۇراتتى،مەيىن شامال سوقاتتى،ياپراقلار بىردەم پىچىرلىغاندەك ، بىردەم كۈلگەندەك ئاۋاز چىقىرىپ شىلدىرلايتتى،يىراقتىن     چېكەتكىلەرنىڭ چىرىلدىشى، پاقىلارنىڭ كۇرۇلدىشى ئاڭلىنىپ تۇراتتى.بۇلارنىڭ ھەممسىى ئۇنى خىيال دۇنياسىغا چىقىرماقتا ئىدى.
سەلىيە بىلەن ئۇلار تام خوشنا ئىدى. ئۇلار دالىدا بىرگە سىيىر بېقىپ، مەكتەپكە بىللە بېرىپ چوڭ بولغان ئىدى. ئابدۇراخماننىڭ ئۇرۇشقا كەتكەن دادسىنىڭ قارا خېتى كەلدى. ئانىسى بۇ دەرتنى كۆتۈرەلمىدى. يالغۇز قالغان ئابدۇراخمانغا سەلىيەنىڭ ئانىسى  غەمخورلۇق قىلىپ ھالىدىن خەۋەر ئالدى، ئۇنىڭ كۆڭلىنى كۆتۈرۈشنى ئويلايتتى. لېكىن ئابدۇراخمان بۇ يەرگە سىغمىدى. ئۆيگە كىرسىلا ئانىسى ئۇنىڭغا قاراپ كېلىۋاتقاندەك،ئۇنىڭغا قاراپ تۇرغاندەك بىلىنىپ يالغۇز ئۆز ئۆيىگە كىرەلمەيتتى. كېيىن بۇ يەردىن كېتىپ قالدى،نېمە ئىش بولسا شۇنى قىلدى يۈك توشۇدى،كۆمۇر توشىدى، كېيىن ئايلىنىپ تاشكەنتكە بېرىپ قالدى.شۇ يەردىن ھەربىيگە ئەسكەرلىككە باردى،كېيىن قايتىپ كېلىپ تاشكەنتتە ئىشقا ئورۇنلاشتى.ياخشى ئادەملەرنىڭ مەسلىھەتى بىلەن دەسلەپ كېچىلىك مەكتەپتە، كېيىن ئالى مەكتەپ ئوقۇدى. شۇ يەردە ئۆيلىنىپ ئۆي- ئوچاقلىق بولۇپ تەشكەنتتە تۇرۇپ قالدى. ھازىر ئۇنىڭ تەڭتۇشلىرى نەۋرە كۆرۈپتۇ، لېكىن ئۇ كېيىنرەك ئۆيلەنگەنلىكى ئۈچۈن، ھېلىغىچە بىرەر بالىسىنىڭ تويىنى قىلمىغان ئىدى. سەلىيەمۇ نەۋرىلىك بولدۇم دېدىغۇ. شۇ چاغلاردا ئۇ تولىمۇ نازۈك بىر قىز ئىدى. ئۇلارنىڭ ئانىلىرى بىر – بىرىنى ۋاي قۇدام دېيىشەتتى .
بالتايېف ...ئۇ ئېرىنىڭ فامىلىسىگە ئۆتكەن ئىكەندە .
ئۇ يوتقانغا كىرىپ ياتقاندا خورازلار چىللاشقا باشلىدى.
دەسلەپ ماشىننىڭ ئاۋازى ، كەينىدىن ئىشىك  قاراسلاپ ئېچىلىپ يېپىلدى،كىملەرنىڭدۇر ئاۋازى ئاڭلاندى. ئابدۇراخمان كۆزىنى ئاچتى، ئۇپۇق ئاقىرىشقا باشلىغان ئىدى. بىردەمدىن كېيىن سەھەرنىڭ جىمجىتلىقىنى يەنە ماشىنىلارنىڭ ئاۋازى بۇزۇشقا باشلىدى. ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ دەرىزدىن دەرۋازا تەرەپتىن بۇ ياققا كېلىۋاتقان كىچىك ماشىنىلارنى كۆردى. ئۇ لۇڭگىسىنى مۇرىسىگە تاشلاپ يۇيۇنغىلى چىقتى. شاكىرجان يۇگرەپ  ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى .
-    ياخشى ئارام ئاپسىزمۇ ؟
-    رەھمەت . بىرەرسى ئىزدەپ كەلدىمۇ ؟
-    رەئىس ئاچام قانال تەرەپكە ئېرىقلارنى كۆرگىلى كەتتى، بىردەمدە كېلىمەن،ساقلاپ تۇرسۇن دېدى . بالدۇرلا تۇرۋاپسىزغۇ ؟  
-    شۇ ئەتراپتا ساي بار ئىدى .
-    ھە، بار .
-    ئۇنىڭ كەينىدە چوڭ بىر قەبرىستانلىق بار ئىدى .
-    ھازىرمۇ بار .
ئابدۇراخمان يۇيۇنۇپ كىيىنىپ چىقتى .
-    مېھمان نەگە ماڭدىڭىز ؟
-    بىردەمدە كېلىمەن .
-    ناشتا قىلىۋالسىڭىز بولاتتى–شاكىرجان بىردىنلا بىر نەرسىنى چۈشەندى بولغاي ئارتۇق گەپ قىلمىدى.
-    قايتىپ كېلىپ ناشتا قىلىمەن.
ئۇ قەبرىستانلىققا يېتىپ بارغاندا ئەتراپ خېلىلا يورۇپ كەتتى. قۇرۇپ كەتكەن ئوت – چوپلەرنى بېسىپ قەبرە ئارىلاپ يوقۇرىغا ئۆرلەپ چىقىشقا باشلىدى. توپىلىككە چىققاندىن كېيى قايسى تەرەپكە مېڭىش كېرەكلىكىنى ئويلاپ ئەتراپقا قارىدى. بەزى قەبرىلەرگە مەرمەردىن قەبرە تېشى قويۇلغان بەزىلىرىدە ھېچقانداق نەرسە قويۇلمىغان ئىدى. بەزى قەبرىلەرگە تاش،خىش قويۇپ بەلگە سېلىپ قويغان ئىدى. ئۇ ئۆزى پەرەز قىلغان جايغا كەلدى.شۇنچە يىل ھېچكىم كەلمىگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئىزى قالمىغانمىدۇر،دەپ ئويلايتتى–يۇ،كۆزلىرى بىلەن يەنە ئىزلەيتتى. چۆرىسى پەنجىرلىك قىلىنغان كىچىك بىر قەۋرىدىكى خەتلەرگە كۆزى چۈشتى.قەبرىدىكى ئىسىم بىلەن فەمىلىسى دەل ئانىسىنىڭ ئىدى.ئۇنىڭ ئۆزى شۇغۇ ! ئۇ يەنە قەبرىدىكى خەتكە قارىدى. تۇغۇلغان يىل، ۋاپات بولغان يىل ئوخشاش. كىم؟ كىم قىلغان بۇنى؟ ئۇ يەنە ئەتراپقا قارىدى.كۆز ياشلىرى ئۇنىڭ بوغۇزىنى بوغدى. قەبرە ئالدىغا تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ قالدى. ئۇنىڭ كۆز ئالدىغا ئانىسىنىڭ يۈزىدىكى ھەربىر قورۇق ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇراتتى..
-    ئانا،جېنىم ئانا، مەن كەلدىم. مېنى كەچۈرۈڭ. مەنمۇ ئوغۇل بولدىممۇ. مېنى كەچۈرۈڭ ئانا ...
ئۇنىڭ بۇ تەرەپكە كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن شەيىخ بوۋاي ئۇنىڭغا قاراپ تۇرغىلى خېلى ئۇزۇن بولغان ئىدى. ئابدۇراخماننىڭ خېلىغۇچە قەبرە ئالدىدىن تۇرمايۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تامىقىنى قىرىپ يوتىلىپ ئاستا ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى. تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ قۇرئان تىلاۋەت قىلىشقا باشلىدى. دۇئادىن كېيىن يۈزىنى سىپاپ بۇ ناتونۇش ئادەمگە سۇئال نەزىرىدە قارىدى .
-    بۇ قەبرىنى كىم قوپۇردى، بىلەمسىز ؟
-    بىلىمەن، رەئىس قوپارغۇزدى، سىز نىمىسى بولىسىز؟-ئابدۇراخمان جاۋاپ ئورنىغا كىچىك خۇرسىنىپ بېشىنى ئەگدى.
-    تۇرۇڭ، ئۇزاق ئولتۇرۇپ كەتتىڭىز. قانداق قىلىمىز دۇنيانىڭ ئىشلىرى شۇنداق ئىكەن- ئابدۇراخمان ئورنىدىن تۇرى–يۇ، يەنە يۈرۈكى ئېزىلىپ ئارقىسىغا قاراپ قويدى.
-    ئەنە،رەئىسنىڭ ئۆزىمۇ كېلىۋاتىدۇ–دېدى شەيىخ بوۋاي.ئابدۇراخمان ئالدىراپ پەسكە قارىدى. ساي بويىدا ھاۋا رەڭ ماشىنا تۇراتتى، سەلىيەخان ئەتلەس كۆينىكىنىڭ ئېتىكىنى بىر قولى بىلەن سەل كۆتۈرۈپ بۇ ياققا قاراپ چىقىپ كېلىۋاتاتتى .


تەرجىمە مەنبە : ئۆزبەكچە ئەدەبىيات تور بېكىتى


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   eerpan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-24 08:37 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76572
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 155
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 44 سائەت
تىزىم: 2012-2-26
ئاخىرقى: 2012-6-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 08:33:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالامەت يىزىپ سىز جۇمۇ رەخمەت  قولىڭىز غا دەت كەلمىسۇن

پاك ياشا ئويغۇر قىزلىرى !!!

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79223
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2 سائەت
تىزىم: 2012-4-22
ئاخىرقى: 2012-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 11:23:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
tabhakiyik يوللىغان ۋاقتى  2012-4-24 08:33 PM
ئالامەت يىزىپ سىز جۇمۇ رەخمەت  قولىڭىز غا دەت كەلمىسۇن{ ...

توۋا ، تەرجىمە دىسە ،يېزىپسىز دەپ يۈرگەن .

ئى اللاھ ،ئىمانىمنى مۇستەھكەم قىلغىن ،ئامىن !!!

پاك ياشا ئويغۇر قىزلىرى !!!

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79223
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2 سائەت
تىزىم: 2012-4-22
ئاخىرقى: 2012-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 11:25:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھېكايىنىڭ ۋەقەلىكىگە كىرىپ كىتىپ ئابدىراخمان بىلەن بىللە بالىلىقتىكى دوستلار بىلەن ھال -مۇڭ بۇلىشىپ ،قەبرىستانلىقتا يىغلاپ سالغىلى تاسلا قالدىم . ھەقىقەتەن تەسىرلىك ،ئەمەلىيەتچانلىقى كۈچلۈك ،يېقىشلىق بىر ھېكاينى تەرجىمە قىلىپسىز قېرىندىشىم !
اللاھ قەلەم قۇۋۋىتىڭىزگە دەرد بەرمىسۇن !ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر !

ئى اللاھ ،ئىمانىمنى مۇستەھكەم قىلغىن ،ئامىن !!!

سەن قانچە كۈچلۈك بولساڭ زىممەڭ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43367
يازما سانى: 58
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 422
تۆھپە نۇمۇرى: 10
توردا: 1805 سائەت
تىزىم: 2011-6-6
ئاخىرقى: 2012-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 05:54:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ قەرىز بەك جىق قەرىز ئىكەن ...........................

جانلا بۇلىدىكەن چۇقۇم ئۆلىدۇ! ھەرمىنۇت،ھەرسىكىنۇت ھەممىمز ئۈچۈن مۇھىم!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش