مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2291|ئىنكاس: 24

كاتتايلاق خەلق ناخشىسى «روزىلەم» نىڭ بايانى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78449
يازما سانى: 412
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 13671
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1214 سائەت
تىزىم: 2012-4-6
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 07:50:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

كاتتايلاق خەلق ناخشىسى «روزىلەم» نىڭ بايانى

روزىلەم ئوبدان بالا،

ئاشنى ئوبدان ئېتىدۇ.

روزىلەمنىڭ دەردى ماڭا،

ئۆمۈر بويى يېتىدۇ.

ئاللا ،ئاللا روزىلەم،

ساڭا دەرد، ماڭا ئەلەم.

راۋابىم بار ۋە لېكىن،

چالاي دېسەم تارى يوق.

روزىلەمنىڭ دەردىدە،

يۈرىكىمنىڭ ھالى يوق.

ئاللا،ئاللا روزىلەم،

ساڭا دەرد، ماڭا ئەلەم...

تەڭرى تېغىنىڭ شىمالىي ھەم جەنۇبىدا ياشاپ كېلىۋاتقان، ھەمدە باشقا جاي، باشقا ئەللەردىكى ھەر بىر ئۇيغۇرغا دىگۈدەك تونۇش بولغان « روزىلەم » دېگەن بۇ ناخشا يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان  چوڭ-كىچىك سورۇن، توي- مەشرەپ ۋە سەھنىلەردە ئىزچىل ئېيتىلىپ كەلمەكتە. بۇ ناخشا ئاللىقاچان كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى. مەيلى ئېيىتقۇچىلار، مەيلى ئاڭلىغۇچىلارغا بولسۇن يالقۇنلۇق ھېسىيات، شېرىن تۇيغۇلارنى ھەدىيە قىلدى.

« رۇزىلەم » دېگەن بۇ  ناخشا خەلقى ئەمگەكچان، ئاق كۆڭۈل، مېھمان دوست خۇشچاقچاق، راستچىل كاتتايلاق خەلقى ئارىسىدا بارلىققا كېلىپ ، رايۇنىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تارقالغان. بۇ ناخشىنىڭ كېلىپ چىقىش ئەھۋالغا قىزىققۇچىلارنىڭ ھوزۇرىغا مەزكۇر  راست ئىشلار خاتىرىسىنى سۇنىمىز. ئەسەرنى يېزىش جەريانىدا ئۇلار بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ۋەقەلەرنى ئەينەن خاتىرىگە ئېلىشنى ئالدىنقى شەرت قىلىپ قەلەم تەۋرەتتۇق. شاھىدلار بىلەن قايتا-قايتا سۆزلىشىش ئارقىلىق چىنلىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشقا تىرىشتۇق.

روزىلەم ئۈسەن  بۇ يىل 73 ياش، ھازار قوغان كەنت 4-مەھەللىدە ئولتۇرۇشلۇق.  5بالىسى، 14 نەۋرىسى،  6  ئەۋرىسى بار.

ئابلىمىت قۇناخۇن ( ئابلىمىت غەزەل) بۇ يىل 77 ياش. ھازىر چوقچا كەنت ئاياغ چوقچا مەھەللىدە ئولتۇرۇشلۇق. 6  بالىسى، 13 نەۋرىسى، 3 ئەۋرىسى بار.

ئاشۇ ھېكايىلارنى مەزكۇر كىتاپقا كىرگۈزۈش ئويىدا يېزىقچىلىق گۇرۇپىمىز ئەزالىرى ئۇلار بىلەن تەكرار كۆرۈشكەن بولساقمۇ، ئىلگىرىكى تالاي ئاپتۇرلارغا ئوخشاش بىردەك رەت قىلىشقا ئۇچىرىدۇق. بىزنىڭ قايتا-قايتا ئۇرۇنىشلىرىمىز، چۈشەندۈرۈشلىرىمىز كۈچىنى كۆرسەتتىمۇ ئۇلار ئاخىر ئېغىز ئاچتى. بىزنى، شۇنداقلا كىتاپخانلارنى مىرادىغا يەتكۈزگەن، سۆزلەپ كېتىۋېتىپ ئىختىيارسىز كۆزلىرىگە ياش ئالغان ئابلىمىت غەزەلگە مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرۈش بىلەن بىللە، روزىلەم ھەم ئۇنىڭ ئاقىل پەرزەنتلىرىگە چىن كۆڭلۈمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز.

(1)

1951-يىلى، يازلىق قوغۇنلار پىشىشقا باشلىغان بىر چۈش پەيتى، ئۈسەن موللامنىڭ قىزى رۇزىلەم غەلۋىر سوراپ قوشنىسى قۇناخۇنلارنىڭ ئۆيىگە كىرىپ كەلدى. روزىلەم كىرگەندە، قۇناخۇن ئائىلىسىدىكىلەر يېڭىلا ئۈزۈلگەن، پىشىپ ۋايىغا يەتكەن كۆكچە قوغۇننى پىچىپ يەپ ئولتۇرىشاتتى. روزىلەم قۇناخۇننىڭ زورلىشى بىلەن قوغۇندىن ئىككى تىلىم يېدى- دە، غەلۋىرنى ئېلىپ چىقىپ كەتتى. روزىلەمنىڭ ئەدەپلىك، قائىدىلىك ئىش- ھەركىتى، گەپ- سۆزلىرىدىن سۈيۈنگەن قۇناخۇن «قوشنىمىز ئۈسەن موللامنىڭ قىزى ئوڭلۇق چوڭ بولۇپتۇ جۇمۇ؟ » دېگىنىچە ئابلىمىتنىڭ كۆزلىرىگە مەنىلىك قاراپ قويدى. خېلىدىن بىرى روزىلەمگە دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان ئابلمىتنىڭ يۈرىكى دادىسىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاش بىلەن يەنە بىر قېتىم خوشال تىپىچەكلىدى. ئابلىمىتنىڭ روزىلەمگە كۆڭۈل ئىزھار قىلىش ئۈچۈن  پۇرسەت ئىزدەپ يۈرگىنىمۇ ئۈزۈن بولغان ئىدى. دادىسىنىڭ مەنىلىك قارىشى ئۇنىڭ غەيرىتىگە غەيرەت قوشتى. بۇ ئابلىمىتنىڭ ئەمدىلا خەت تارتىشقا باشلىغان بۇرۇتلىرى بۇغداي ئۆڭ چىرايى، دىقماقراق كەلگەن ئۇستىخىنىغا خويمۇ ياراشقان، 17 ياشقا كىرگەن مەزگىللىرى ئىدى. ئابلىمىت خۇشخۇي يىگىت  بولۇپ، قاپقارا قاشلىرى ئۆزىگە بەكمۇ يارىشاتتى. دائىم دىگۈدەك بەلباغ باغلاپ، بەلبېغىغا سۈڭەك ساپلىق پىچاق ئېسىپ  يۈرەتتى. ئابلىمىت بىلەن روزىلەم  بىر مەھەللىدە بىرگە ئويناپ چوڭ بولغان بولسىمۇ، يۇرتتا بويىغا يەتكەن قىزلارغا بولغان باشقۇرۇش قاتتىق بولغانلىقتىن يېقىندىن بۇيان تالا-تۈزگە كۆپ چىقماس بولۇپ قالغان ئىدى. ئەمما روزىلەم بەزى بىر ھەركەتلىرىدىن ئابلىمىتنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى چاندۇرۇپ قويىۋاتاتتى. بۇنى تۇيۇپ قالغان ئابلىمىتنىڭ ئىشەنجى بولسا كۈندىن- كۈنگە ئاشماقتا ئىدى.  ئابلىمىت دائىم روزىلەمنى ئويلايتتى. مۇڭدىشىش، سىردىشىشنى ئىستەيتتى. روزىلەممۇ پات-پات قوشنىسىنىڭ بۇ قارىقاش، قاڭشارلىق، ئوتتۇرا بوي كەلگەن ئوغلىنى ئەسلەپ قالاتتى.

ئۇلار  ئۇچرىشىپ قېلىشقانلىرىدا مەڭدەپ قېلىشاتتى، سۆزلەرگە گەپ تېپىلمايتتى.  ئابلىمىتنى بولسا روزىلەم يېنىدىن كەتكەندىن كېيىن قۇياش پېتىپ كېتىۋاتقاندەك، تۇلۇنئاي ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندەك بىر تۇيغۇ قاتتىق قىينايتتى. يۈرىكى سۇغۇرۇلۇپ كېتىۋاتقاندەك بىر خىل ئازاپ ئىچىدە  پېتىپ كېتىۋاتقان  شۇ قوياشنىڭ، ئۈتۈپ كېتىۋاتقان شۇ تۇلۇن ئاينىڭ ئارقىسىدىن تىكىلگىنىچە تۇرۇپ كېتەتتى. كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن سىرلىرىنى قەلبىگە سىغدۇرالمىغان ئابلىمىت، روزىلەمنى قۇشاققا قېتىپ، ناخشا قىلىپ ئوقۇدى. ئۇنىڭ خىيالىدا روزىلەم، چۈشلىرىدە روزىلەم ئىدى. روزىلەمنىڭ پىراقى ئۇنىڭغا ئارامىلىق بەرمەيۋاتاتتى. رۇزىلەم ئۇنى قىينايتى... رۇزىلەم ئۇنىڭغا دەم خۇشاللىق، دەم قايغۇ-ھەسرەت ئاتا قىلاتتى:

روزىلەم ئوبدان بالا،

شاتاۋادا كۆڭلىكى.

بىر-بىرىگە تەلپۈنەر،

ئىككىمىزنىڭ يۈرىكى.

ئاللا، ئاللا روزىلەم،

قوينىڭ بالىسى قوزىلەم.

يول بويىدىكى ھويلا،

ئادەم چۈشكەن دەڭ ئىكەن.

روزىلەمنى ماڭا بەرسە،

بويى بويامغا تەڭ ئىكەن.

ئاللا، ئاللا روزىلەم،

قوينىڭ بالىسى قوزىلەم.

چاپىنىمىنىڭ يىڭىنى ،

تاپالمىدىم،ساپالمىدىم.

روزىلەم يادىمغا يەتسە،

تولغىنىپ ياتالمىدىم.

ئاللا، ئاللا روزىلەم،

قوينىڭ بالىسى قوزىلەم.

كۆرسەم سېنى ھەر قېتىم،

يۈرەككە ئوت كېتىدۇ.

مېنىڭ دەردىم روزىلەم،

ساڭا قاچان يىتىدۇ؟

ئاللا، ئاللا روزىلەم،

قوينىڭ بالىسى قوزىلەم.

شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە روزىلەمنىڭ دادىسى ئۈسەن موللام بىلەن ئابلىمىتنىڭ دادىسى قۇناخۇن تىجارەت بىلەن ئۈچتۇرپانغا كېتىپ قالىدۇ. پۇرسەتنىڭ كەلگەنلىكىنى پەمىلىگەن  ئابلىمىت ئەمدى ئۇچۇق ئاشكارا روزىلەم توغرىسىدا  قوشاق قېتىپ،ناخشا ئوقۇشقا باشلايدۇ. بەزى كېچىللىرى ئۈسەن موللامنىڭ ئۆيى ئەتىراپىنى تىمىسقىلاپ يۈرىيدۇ.

ھويلامدىكى ئۈژمىنىڭ،

بىر شېخى راۋاپ بولدى.

روزىلەمنىڭ دەردىدە،

يۈرىكىم كاۋاپ بولدى.

ئاللا ،ئاللا رۇزىلەم،

قوينىڭ بالىسى قۇزىلەم.

يۇقۇرىسى شامالخانا،

يار بۇرنىمغا پۇرايدۇ.

روزىلەمخان قىز بالا،

چىلگە قوغۇن پۇرايدۇ.

ئاللا ،ئاللا رۇزىلەم،

قوينىڭ بالىسى قۇزىلەم.

قانداقمۇ ئوتنى پاختىنىڭ ئىچىدە ساقلىغىنى بولسۇن؟ بۇ ناخشا بارا –بارا مەھەللىدىن –مەھەللىگە تارقىلىپ ، ئېغىزدىن-ئېغىزغا كۆچۈپ ، يۇرتتىن-يۇرتقا ھالقىپ، ئەمگەك قىزىغان   ئېتىز-ئېرىق  بويلىرىدا،چوڭ-كىچىك يىغىلىشلاردا،  ئەمگەك مەيدانلىرىدا،ھاشارلاردا  ھەممە ئادەم ئوقۇيدىغان ناخشىغا ئايلىنىدۇ. ئابلىمىت بىلەن رۇزىلەم توغرىسىدىكى سۆز-چۆچەكلەرمۇ كۈندىن-كۈنگە كۆپۈيىدۇ. « روزىلەم بىلەن ئابلىمىت بىر-بىرىنى ياخشى كۆرۈپ قاپتۇ يەي...»، « ئابلىمىت روزىلەمنى ئۆلگىدەك ياخشى كۆررەرمىش...»،« روزىلەممۇ ئابلىمىتكە مەيلى بارلىقىنى ئېيتىپتۇ »،« خۇدايىم توۋا،بۇ نېمە ئىش ئەمدى؟ ،نىكاھ قىلماي پىنھانلاردا ئۇچرىشىپ يۈرىيمىش...». بۇنىڭدەك پىتنە-پاسات،ئۆسەكلەردىن  ئەنسىرەپ قالغان روزىلەمنىڭ ئانىسى تاجىخان بىر كۈنى ئۇنى چاقىرىپ  ئالدىدا ئولتۇرغۇزۇپ سورايدۇ.

- قىزىم،راستىڭنى دە، ئابلىمىت بىلەن نېمە مۇناسىۋىتىڭ بار؟ ئۇنى ياخشى كۆرەمسەن؟

-ھىچ...مەن...-روزىلەم كۈتۈلمىگەن بۇ سۇئالدىن تىل چاينايدۇ.

-ئۇنداق بولسا كوچىدىكى گەپلەر نەدىن تارالدى؟

-...

- گەپ قىلمايسەنغۇ؟ شامال چىقمىسا دەرەخ لىڭشىمايدۇ، كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرىپ، بىزنى يەرگە قارىتىدىغان ئىشلارنى قىلىپ سالما، بالام.

-...

ئۇنىڭ گەپ قىلماي جىم تۇرىۋېلىشىدىن كۆڭلىنى بىلىپ يەتكەن تاجىخان باشقا گەپ قىلماي ياندىكى ئۆيگە چىقىپ كېتىدۇ. قىز، ئوغوللار بويىغا يەتسە ياتلىق قىلىش، ئۆيلەپ قويۇش  ئەجداتلاردىن داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان  ئۇلۇغ ئەنئەنە. بالا –چاقىللىرىنى ئۆي-ئوچاقلىق قىلىش ئاتا-ئانىلار ئۈچۈن قەرز، ئەلبەتتە. لېكىن ئەلمىساقتىن بىرى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان قائىدە-يۇسۇنلىرىمىزنى بۇزۇپ خەقنىڭ مازىقىغا، ھاقارىتىگە قالسا بولمايدۇ-دە!

تاجىخانمۇ قىزىنىڭ كۆڭلىگە ئازار بېرىشنى خالىمايتتى. قىزى توغرۇلۇق بولمىغۇر گەپ- سۆزلەرنىڭ كۆپۈيۈپ كېتىشىنى تېخىمۇ خالىمايتتى. بۇلارنىڭ جەمەتى تۇتسا سېپى بار، يۈز- ئابرويلۇق جەمەت بولۇپ،  ھەر بىر ھەركەت، گەپ –سۆزلەرگە قاتتىق دىققەت قىلمىسا بولمايتتى. بۇ دۇنيادا ئادەم ئۈچۈن يۈز- ئابىرويى تۈكۈلۈپ كېتىشتىنمۇ ئارتۇق خورلۇق بولمايدۇ-دە؟ شۇلارنى خىيالىدىن ئۆتكۈزگەن ئانا  ناخشا ئوقۇغىنىچە ئۆيىگە كىرىپ كېتىۋاتقان ئابلىمىتىنى توۋلايدۇ:

-ھوي ئابلىمىتجان، ئابلىمىتجان!

-ھە! –ئابلىمىتنى قورقىنىچ باسىدۇ.

-ئۆيگە كىرىڭە بالام،سىزگە دەيدىغان گىپىم بار.

ئابلىمىت سەل تارتىنىپقىنا ئۈسەن موللامنىڭ ئۆيىگە كىرىپ كېلىدۇ.« تاجىخان ئاچام تازا بىر ئەدىپىمنى بىرىدىغان بولدى-دە؟ ›› دەپ ئويلايدۇ ئۇ.

-روزىلەم، ھوي روزىلەم- تاجىخان قىزىنى توۋلايدۇ.

-ھە، ئانا نىمە گەپ؟ - ياندىكى ئۆيدىن روزىلەمنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىدۇ. ئابلىمىتنىڭ يۈرىكى ئەنسىزلىك ھەم شادلىق ئىچىدە تېخىمۇ دۈپۈلدەپ سوقۇشقا باشلايدۇ. « ئىككىمىزنى يۈزلەشتۈرۈپ تازا بىر ئەدەپلەيدىغان بولدى –دە؟ ھەي ئېسىت، نىمىشقىمۇ كىرگەندىمەن».

ئۆز ئۆيىدە ئابلىمىتنى كۆرگەن روزىلەم ،نېمە قىلارنى بىلمەي بىر پەس تۇرۇپ قالدۇ.

- نىمىگە ھاڭۋېقىپ تۇرىسەن؟ ئابلىمىتنىڭ تېگىگە كۆرپە سال. -تاجىخاننىڭ بۇ سۆزى بىلەن پەگادىلا خىيالغا پاتقان ئابلىمىت ئەندىكىپ ئىسىگە كەلدى-دە، رۇزىلەمگە بىر قاراپ ئىختىيارسىز تىترەشكە باشلىدى.

-ئولتۇرىڭە، بالام ئابلىمىت - دېدى تاجىخان روزىلەم تۆرگە سالغان ئىككى قات  كۆرپىنىڭ ئۈستىنى ئىما قىلىپ، ئابلىمىت قورۇنۇپقىنا كۆرپە ئۈستىدىن جاي ئالدى. تاجىخان روزىلەمنى ئابلىمىتنىڭ قولىغا سۇ بىرىشكە بۇيرۇپ قويۇپ ، ئۆزى داستىخان راسلاپ كىرىش ئۈچۈن ياندىكى ئۆيگە چىقىپ كەتتى. روزىلەم  چىلاپچا بىلەن چەينەكنى كۆتۈرۈپ كىرىپ،قورۇنۇپقىنە ئابلىمىتنىڭ قولىغا سۇ تەڭلىدى. ئابلىمىت ئۇنىڭ كۆزىگە بىر قاراپ قويۇپ سۇغا قول سۇندى. ئەمما ئابلىمىتمۇ، روزىلەممۇ ھىچنېمە دېيىشمدى. شۇ تاپتا روزىلەم ياپراقتەك تىترەۋاتاتتى. ئابلىمىت گەپ قىلمىغان بىلەن رۇزىلەمدىن كۆزلىرىنى ئۈزەلمەي قالغان ئىدى. « ئادەم كۆرمىگەن بىزەڭ » دىدى روزىلەم پىسىڭڭىدە كۈلۈپ قويۇپ. دەل شۇ چاغدا داستۇرخانغا ئورالغان ناننى كۆتۈرگىنىچە تاجىخان كىرىپ كەلدى. روزىلەم ھودۇققىنىچە ئابلىمىتنىڭ قولىغا سۇ قۇيدۇم دەپ دولىسى قوشاش جەينىكىگە قۇيىۋەتتى. بۇ ئىشنى كۈرۈپ تاجىخان  داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالىدى. ئارقىدىن كۈلۈپ تاشلىدى، ئۆزىنىڭ قىلىقىدىن ئىزا تارتىپ كەتكەن روزىلەم قولىدىكى لۇڭگىنى ئابلىمىتنىڭ تىزغا ئارتىپ قويۇپلا چىقىپ كەتتى.   

-بالام ئابلىمىتجان، روزىلەم ئىككىڭلارغا ئىسسىق ئۆتۈشۈپ قالغاندەك تۇرىدۇ، ئۇنى سىزگە ياتلىق قىلاي. ناخشا ئوقۇپ يۈرمەڭ،سەت تۇرىدىكەن. ئۈسەن دادىڭىز كەلگەندە مەسلەھەتلىشىپ، مۇۋاپىق بىر پەيتنى تاللاپ بېشىڭلارنى  قوشۇپ قويايلى،قانداق...؟-دەيدۇ تاجىخان.

تاجىخاننى بۇنداق دەر دەپ ئويلىمىغان ئابلىمىتىنىڭ خۇشاللىقى يۈرىكىگە پاتماي قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن قوقاس ئىچىدىكى چوغ گۈلخانغا ئايلىنىپ، يۈرىكى ھېلىلا كۆكرەك قەپىزىدىن چىقىپ كېتىدىغاندەك سوقۇشقا باشلايدۇ. ھاياجىنىنى باسالمىغان ئابلىمىت، ئۈسەن موللامنىڭ ھويلىسىدىن چىقىپلا يەنە ناخشا باشلايدۇ:

يار، ئۆيۈڭگە بارغاندا،

سۇ ئەپكەلدىڭ چەينەكتە.

مەن قولۇمنى تەڭلىسەم،

قۇيىۋەتتىڭ جەينەككە.

ئاللا ،ئاللا روزىلەم،

قوينىڭ بالىسى قۇزىلەم.

ئەمدى ئەتىياز بولدى ،

كەمبىغەللەر نېمە يە؟

تاجىخان ئاچام بىرەي دېدى،

ئۈسەن موللام نېمە دە؟

ئاللا ،ئاللا روزىلەم،

قوينىڭ بالىسى قۇزىلەم.

ئۇنى ئۇزۇتۇپ چىقىپ، كەينىمگە ياناي دەپ تۇرغان تاجىخاننىڭ بىردىنلا جۇدۇنى تۇتۇپ،ئۆتى يېرىلاي دىدى.

-ھۇ بېشىڭنى يەيدىغان يىتىم ئوغلاق،بىرەي دەۋاتسام قارا ئادەمنى زاڭلىق قىلىپ...

تۆگە ياتتى ئورنىدا،

قوڭغىرىقى بوينىدا.

ئۆلۈپ كەتسەم ئارمان يوق،

روزىلەمنىڭ قوينىدا.

ئاللا ،ئاللا روزىلەم،

قوينىڭ بالىسى قۇزىلەم.

كۈزدە ئۈزگەن قۇناقنىڭ،

بوڭگىسى راۋاپ بولدى.

رۇزىلەمنىڭ دەردىدە ،

يۈرىكىم كاۋاپ بولدى.

ئاللا ،ئاللا روزىلەم،

قوينىڭ بالىسى قۇزىلەم.

ئابلىمىتنىڭ ناخشا ئاۋازى ھويلىسىدا ئاچچىقىنى باسالماي ئۆزىنى تىللاۋاتقان تاجىخاننىڭ ئاۋازىنى بېسىپ كەتتى.«نومۇستىن ئۆلتۈرىدىغان بولىدىغۇ بۇ شۇم، ئۆز ئانىسى باققان بولسا قانداق چوڭ بولاتتىكىن بۇ تۇز كور، دەيۈز؟ بەرمەيمەن دىدىممۇ مەن؟ قوشنا بولغاندىن كېيىن ئارلىق يېقىن،كېسەل-ئاغرىق بولۇپ قالساق قىزىمىز غىپپىدە كىرىپ ھالىمىزدىن خەۋەر ئالىدۇ دەپ ئويلاپ يۈرسەم، بۇنى قارا؟» تاجىخان شۇنداق دەپ غۇتۇلدىغىنىچە ئۆيگە كىرىپ كەتتى. ئاچچقىنى ئىچىگە سىغدۇرالمىغان تاجىخان ئارقىدىن قوشنىسىنىڭ ئۆيىگە چىقىپ ،ئابلىمىتىنى تازا بىر ئەدەپلەپ قويۇپ كىرمەكچىمۇ بولدى. ئەمما نىيىتىدىن ياندى. «ئالدىراڭغۇلۇق شەيتاننىڭ ئىشى» ئۇ ئىشنى يەنىمۇ چوڭايتىۋېلىشتىن قورقۇپ قالغان ئىدى. توغرىسى ئۇ ئابلىمىتنى قىزىغا تازا باپ كېلىدۇ دەپ قارايتتى. چۈنكى ئابلىمىت ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا چوڭ بولغاچقا خۇي- پەيلى تاجىخانغا بەش قولدەك ئايان ئىدى. ئىپىدە لايىق قىزنىڭ يۆلەنچۈكى ھەم بەختى ئەمەسمۇ.

كۈنلەر شۇ تەرىقىدە ئۆتىۋەردى. ئابلىمىتنىڭ ناخشىلىرى كۈندىن–كۈنگە يېڭىلىنىپ، كۈندىن- كۈنگە كۆپۈيۈپ، ھەممەللە ئاسمىنىدا ياڭراپ تۇرىدىغان بولدى. ئۇنىڭ ئاۋازى ئەزەلدىن شۇنداق يېقىملىق بولۇپ ، ناخشا ئۇقۇشقىلا يارالغاندەك قىلاتتى.

ئەمدى ئۇ يۇرت خەلىقى تەرپىدىن ئابلىمىت قۇناخۇن دىيىلمەستىن «ئابلىمىت غەزەل» دەپ ئاتىلىدىغان بولدى..

روزىلەمنىڭ ئۆيىگە،

كۈندە كىرگۈم كېلىدۇ.

روزىلەمنى گۈل قىلىپ،

چىكەمگە قىسقۇم كېلىدۇ.

ئاللا ،ئاللا روزىلەم،

قوينىڭ بالىسى قوزىلەم.

ئاقىدىكى تىرەكنى،

كېسىۋالدىم كەكىلەپ.

سەن ئالامسەن بۇ جاننى،

كۆرۈشكەندە ئەركىلەپ.

ئاللا ،ئاللا روزىلەم،

قوينىڭ بالىسى قوزىلەم.

(2)

قۇناخۇن ئۈسەن موللام بىلەن ئۈچتۇرپانغا تىجارەتكە چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ئابلىمىتنىڭ ئۈگەي ئانىسى ھەۋىخاننىڭ خورىكى تېخىمۇ ئۆسۈپ كەتتى. ئۇ ھە دىسىلا ئابلىمىتنى ئىشقا بۇيرۇپ، پەقەت ئاراملىق بەرمەيتتى. يوقۇلاڭ باھانە سەۋەپلەربىلەن ئۇنىڭ كۆڭلىگە ئازار بېرەتتى. يۈرىكىنى يارا قىلاتتى. ئابلىمىتمۇ بوش كەلمەي، ئۇنىڭ بىلەن قارىشىلىشاتتى. ئۈگەي ئانىسىنىڭ روزىلەم بىلەن ئۇچرىشىشىغا بار كۈچى بىلەن قارىشىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىپ قالغان ئابلىمىت ئۇنى نەچچە قېتىم سىلكىۋەتتى. شۇنداقتىمۇ ئۇلار بىر ئاماللارنى قىلىشىپ ئۇچرىشىپ گۇڭۇر-مۇڭۇر بولۇپ ،كۆڭۈل غەشلىكىنى تۈگىتىشەتتى.

ئۈگەي ئانىسىغا شۇنچە يېقىنچىلىق قىلىۋاتسىمۇ، ئۆزىگە نىمىشقا شۇنچە ئەسكى مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى بىلەلمىگەن ئابلىمىت كۈنلەرنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئۈگەي ئانىسىغا ئۆچ بولۇپ كەتتى. ئۇنى كۆرسىلا تىنى تىكەنلەشكەندەك بولاتتى:

پا-پا پاشىنىڭ دەردى،

سالجا كانىنىڭ دەردى.

ئەجەپمۇ يامان ئىكەن،

ئۈگەي ئانىنىڭ دەردى.

ئاللا ،ئاللا روزىلەم،

قوينىڭ بالىسى قوزىلەم.

ئاش بەرسە سۈيۈق بەردى،

نان بەرسە كۈيۈك بەردى.

بۇ دەرتلەر كىمنىڭ دەردى؟

ئۈگەي ئانىنىڭ دەردى.

ئاللا ،ئاللا روزىلەم،

قوينىڭ بالىسى قوزىلەم.

مەن بىتەلەي بولغاچقا،

قالدىم ئۈگەينىڭ قولىغا.

ئۆز ئانامغا ئېيتىڭلار،

مېنى ئالسۇن قولىغا.

ئاللا ،ئاللا روزىلەم،

قوينىڭ بالىسى قوزىلەم.

ئۇ پات-پات ئىچىدىكى ئاچچىقنى تۈگىتىش، ئۈگەي ئانىسىنىڭ ئارامىنى بۇزۇش ئۈچۈن شۇنداق ناخشىلارنىمۇ ئوقۇپ قوياتتى. بۇنىڭدىن  قاتتىق جىلە بولغان ھەۋىخان ئۇنىڭ كۆزلىرىگە يەۋىتىدىغاندەك ئەلپازدا سەت قارايتىيۇ،چىش يېرىپ بىر نېمە دېيەلمەيتى. بۇ خوتۇننىڭ قاپىقى يامان بولۇپ، ئابلىمىتقا تولىمۇ سوغوق تىگەتتى. ئابلىمىت چوڭ بولۇپ قالغاچقا ئەمدى ئۇ يەر،بۇ يەرلىرىنى چىمداپ كۆكەرتىش، ئۇرۇشتىن ھەزەر ئەيلەيدىغان بولۇپ قالغان ئىدى. ئۇ شۇنچىلىك بولغىچە  ئۈگەي ئانىنىڭ دەردىنى ئاز تارتتىمۇ؟ دادىسى كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرىپ، مۇشۇ خوتۇنغا بۇزۇلۇپ،ئانىسىنىڭ خېتىنى بەرگەندە ئۇ تېخى بىر ياشتا ئەمەسمىدى؟ بىچارە كۆرمىگەننى كۆرۈپ چوڭ بولدى. ئەمدى ئۈگەي ئانىنىڭ دەردى ئۈستىگە ئاشىقلىق دەردى قوشۇلدى. ئۇ بۇ دۇنيا دەرت تارتىش ئۈچۈنلا كەلگەن بولغىيمىدى؟ ئۇنىڭمۇ كۈلۈپ-يايرايدىغان،بەخت پەيزىنى سۈرىدىغان چاغلىرى بولۇرمۇ؟

ئابلىمىت بىلەن روزىلەم ئۈچۈن كۆرىشىشكە ئەڭ قۇلايلىق جاي مەھەللىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان،  تۆت ئەتراپىنى ئادەمنىڭ قۇچىقى يەتمەيدىغان سۆگەتلەر ئوراپ تۇرغان كۆل بويى ئىدى. ئابلىمىت ئاتنى سۇغارغىنى چىقسا، روزىلەم سۇ ئېلىپ كىرىش ئۈچۈن كوزىنى يۈدۈپ كېلەتتى. ئات سۇغا قانمايتتى،كوزا سۇغا توشمايتتى. كۆل بويىغا سۇغا كىلىۋاتقانلار ئۇلارنى كۆرۈپ،  ئارامىنى بۇزغىسى كەلمەي  كۆرۈنمەستىن ئارقىلىرىغا يېنىشاتتى. بەزى قۇلاق كەستىلەر تۇيدۇرماستىن كېلىپ ئۇلارنىڭ گېپىنى تىڭشايتتى.

كۈنلەر ئۆتمەكتە. قەلىبلەر بىر-بىرىگە تەلپۈنمەكتە، ئابلىمىتنىڭ چۇڭقۇر مۇھەببەت بىلەن تولغان ناخشىللىرى تەرەپ-تەرەپتە ياڭرىماقتا ئىدى:

ئېتىم سۇغا قانمايدۇ،

كوزاڭ سۇغا توشمايدۇ.

ئۈگەي ئانام تىللىسا،

سېنىڭ ئاناڭ قاخشايدۇ.

ئاللا،ئاللا روزىلەم،

ئوتى يامان قوزىلەم.

يا ئانامدىن ئېيتماپتۇ،

يا دادامدىن ئېيتماپتۇ.

تەتۈر ئىكەن پىشانەم ،

سەن ياخشىدىن  ئېيتماپتۇ.

ئاللا ، ئاللا روزىلەم،

ساڭا دەرد، ماڭا ئەلەم...

بىر كۈنى رۇزىلەم بىلەن ئابلىمىت كۆل بويىدا يەنە ئۇچىرىشىپ قالدى. روزىلەم سۇ ئالغىنى ، ئابلىمىت ئېتىنى سۇغارغىنى چىققان ئىدى. ئۇلار بىر-بىرىدىن تارتىنىپقىنە تىنچ-ئامانلىق سوراشقاندىن كېيىن بىردەم مۇڭدىشىپ قايىتىشتى. ئۆيى بىر يەردە بولغاچقا قايتار يولىمۇ بىر ئىدى. ئابلىمىت ئېتىنى يىتىلىگىنىچە روزىلەمدىن بەش،ئالتە قەدەم ئالدىدا  گەپ-سۆزسىز كېتىۋاتاتتى. روزىلەم ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كېلىۋاتاتتى. ئابلىمىت يەنە ناخشا باشلىدى :

تۇمۇچۇقىم سايرايدۇ،

كىچىككىنە قەپەزدە.

جانۇ-تىنىم كۆيەدۇ،

سەن يارىمنى كۆرگەندە.

ئاللا ،ئاللا روزىلەم،

قوينىڭ بالىسى قوزىلەم.

دەردى يوق دەمسەن مېنى،

باردۇر دەردنىڭ بارچىسى.

يۈرىكىمنى تىلىدۇ،

قايغۇ-ھىجران قايچىسى.

ئاللا ،ئاللا روزىلەم،

قوينىڭ بالىسى قوزىلەم.

ئۆستەڭ بويىدا سوگەت،

ئېرىق بويىدا جىگدە.

جېنىم  ئەجەپ قىينىلار،

سەن يارىمنىڭ دەردىدە.

ئاللا ،ئاللا روزىلەم،

قوينىڭ بالىسى قوزىلەم.

سەبرىنىڭمۇ چېكى بار،

تاقىتىممۇ تۈگىدى.

دادام دېگەن باغرى تاش،

ئۆيلەپ قوياي دېمىدى.

ئاللا ،ئاللا روزىلەم،

قوينىڭ بالىسى قوزىلەم.

ئۇلار دەم سۆھبەت، دەم ناخشا- قوشاقلار بىلەن بولۇپ ئايرىلىدىغان يولغا كىلىپ قالغانلىقىنىمۇ تۇيماي قېلىشىتى. ئۇلارنىڭ شۇ تاپتىكى ھالى ئىككى دۇنيا بىر-بىرىنى چىللاپ سايرىشىدىغان زەينەپ بىلەن كاككۇكنىڭ ھالىغا بەكمۇ ئوخشاپ قالغان ئىدى. ئابلىمىتنىڭ ئېتىمۇ گويا ئىگىسىنىڭ دەردىنى چۈشەنگەندەك ئەمدى تولىمۇ مۇلايىم بولۇپ قالغان ئىدى. ئات ئارقىسىغا پات-پات قاراپ قويۇپ كىرىپ كېتىۋاتقان روزىلەمنىڭ ئارقىسىدىن بىر ھازا مۆلۈلدەپ قاراپ  تۇردى –دە، خىيالغا پېتىپ قالغان ئابلىمىتنى تۇمشۇقى بىلەن نۇقىدى. چۈچۈپ ئىسىگە كەلگەن ئابلىمىتنىڭ كۆزلىرىگە ئىچ ئاغرىتقاندەك بىر خىل تۇيغىدا قارىدى. ئابلىمىتنىڭ كۆزلىرىگە مۆللىدە ياش كەلدى-دە، ئېتىنىڭ پىشانىسىنى مېھرى بىلەن سىيلاپ، يايلىسىنى بارماقلىرى ئارىسىغا ئېلىپ تاراشقا باشلىدى.

- مېنىڭ دەردىمنى باشقىلار سەنچىلىك چۈشەنسە نىمە دېگەن ياخشى بولاتتى-ھە؟- ئۇ  شۇنداق دېگىنىچە قەدەملىرىنى يۆتكىدى. ئۇنىڭ قەدەملىرى خۇددى تاش ئېسىپ قويغاندەك ئېغىر ئىدى. ئاتمۇ خۇددى ئابلىمىتنىڭ شۇ تاپتىكى ھالىنى چۈشەنگەندەك بېشىنى تۈۋەن سالغىنىچە ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ئەگەشتى.

(3)

ئۈچ تۇرپانغا تىجارەت بىلەن چىقىپ كەتكەن ئۈسەن موللام بىلەن قۇناخۇن قايتىش سەپىرىدە ئاقمەتكە كېلىپ،بىر كۈن ئارام ئېلىپ ئاندىن كېيىن سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇش مەقسىدىدە شۇ يەردە  قونۇپ قالدى. گۇرۇچ ۋە باشقا لازىمەتلىكلەر ئارتىلغان ئات- ئىشەكلەرمۇ داۋاملىق مېڭىۋىرىشكە چىدمايتتى. كاتتايلاقنىڭ شىمالىدىكى ئىككى تەرىپى تاغ بىلەن قاپلانغان  سوغۇن دىگەن بۇ يەردە يەنە توغرا سۇ، لاچىن ئۇۋىسى دېگەندەك يەرلەرمۇ بولۇپ، بىر نەچچە ئائىلە بىرگە ياشايتتى. بۇ يەر چارۋا بېقىشقا تولىمۇ ماس كېلەتتى. ئۇلار چارۋىچىلىق بىلەن تىرىكچىلىك قىلاتتى. قويلىرىنى تاغنىڭ تەسكەيلىرىگە ھەيدىۋىتىپ، ئىگىز تاغنىڭ ئۈسىتگە چىقىۋالغان بىر بالىنىڭ ناخشىسى ئۈسەن موللامنىڭ دىققىتىنى تارتتى:

مەن بازارغا بارمايمەن،

ياندا پۇلۇم يوق مېنىڭ.

روزىلەمدەك يايرىم بار،

مەڭگۈ كۆڭلۈم توق مېنىڭ.

ئاللا ،ئاللا روزىلەم،

ساڭا دەرد،ماڭا ئەلەم.

ئۈسەن موللام ئوچاقنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا پادىچى بالا ئوقۇغان «روزىلەم » دېگەن ناخشىنىڭ ئاھاڭىغا غىڭشىپ قويدى ۋە يېنىدا ئولتۇرغان قۇناخۇنغا قاراپ:«ئەجەپمۇ يېقىملىق،مۇڭلۇق ناخشىكىنە بۇ » دىگىنىچە ساقاللىرىنى بارماقلىرى بىلەن تاراشقا باشلىدى.

ئۈسەن موللام يۇرتقا كەلگەندىن كېيىن ئۆزى ياقتۇرۇپ قالغان ھېلىقى ناخشىنى قىزى روزىلەمگە ئاتاپ ئابلىمىتنىڭ ئېيتقانلىقىنى ئۇققاندىن كېيىن قاتتىق ئاچچىقلاندى. «سەن قىزىڭغا ئاگاھ بولماي نېمە قىلدىڭ » دەپ خوتۇنى تاجىخاننى راسا ئەدەپلىدى. تاجىخان قورقتى، ئىرىگە بولغان ئىشلارنى دىيەلمىدى. روزىلەمگە بولغان نازارەتچىلىك ئەمدى تېخىمۇ كۈچەيدى. روزىلەم سىرىتقا چىقسىلا سىڭلىسى نادىرخان ئۇنىڭغا سايىدەكلا ئەگىشەتتى. نادىرخان  دادىسىنىڭ بۇيرۇقىنى جاندىل بىلەن ئادا قىلاتتى.

يۇقىرىدىن كەلگەنسەن،

جىگدىگە يۆلەنگەنسەن.

مېنى قىيناپ روزىلەم،

نېمىشقىمۇ تۆرەلگەنسەن.

روزىلەمما-روزىلەم،

ساڭا دەرد ،ماڭا ئەلەم.

ئايمۇ چىقىپ ئۆرلىدى،

كۈنمۇ چىقىپ ئۆرلىدى.

ئۈگەي ئانام نائەھلى،

ماڭا كۆڭۈل بۆلمىدى.

روزىلەمما-روزىلەم،

ساڭا دەرد، ماڭا ئەلەم...

ئۈسەن موللام ئائىلىسىنىڭ  قىلىپ يۈرگەن ئىشلىرى، قۇناخۇن ئائىلىسىنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويدى. قۇناخۇن ھۈسەن موللامنىڭ قىزىنى بۇ قەدەر باشقۇرىشىنى ئۇلارنىڭ ئۆزىنى «بىزنىڭ خىلىمىز بولالمايدۇ» دېگىنى دەپ چۈشەندى. شۇڭا ئوغلى ئابلىمىتنىڭ زارلاشلىرىغا پىسەنت قىلمىدى. ھەمدە خوشنىلاردىن ھۈسەن موللام ئائىلىسىگە گەپ بېرىپ، ئەلچى كىرگۈزۈش ئۇياقتا تۇرسۇن، بوسۇغىسىغىمۇ قەدەم باسمايدىغانلىقىنى بۇرۇتۇپ قويدى.

خوتۇنىنىڭ « قاپ يۈرەك»لىك بىلەن يېلىنىپ-يالۋۇرۇشلىرىدىن باغرى يومشىغان ھۈسەن موللام ئاخىرى قىزىنى ئابلىمىتقا ياتلىق قىلىشقا قوشۇلدى ۋە يېقىنلىرى ئارقىلىق « قۇناخۇنلار ئۆيگە ئەلچى كىرگىزسۇن،بالىلارنىڭ بېشىنى قېتىپ قويايلى » دەپ گەپ بەردى. بىراق ئابلىمىتنىڭ دادىسى مەنمەنچى، جايىل ئادەم بولغاچقا« چىقامدىكەنمەن تېخى، ئىلگىرى نەچچە رەت چىقاي دىمىدىممۇ؟ قىزىنى بەرگۈسى بولسا ئۈسەن موللام ئۆزى ئالدىمغا كىرسۇن » دىدى. بۇنى ئاڭلاپ ئۈسەن موللامنىڭ قۇيۇق چېچى تىك تۇردى. « نىمە ئادەمنى كۆزگە ئىلمايدۇ  بۇ بىر نىمىلەر ،شۇنداقمۇ ئانى تاپقان بارمۇ؟ قايسى دادا‹ قىزىمنى ئوغلۇڭغا بىرەي› دەپ بارىدۇ دەيمەن؟ بولدى،نېمە بولسا بولسۇن ئۇلارغا بىرىدىغان قىزىم يوق» دەپ تاشلىدى بۇنىڭ بىلەن ئەزەلدىنلا ئىناق ئۆتۈپ كېلىۋاتقان قوشنىلارنىڭ ئوتتۇرىسغا سوغوقچىلىق چۈشۈپ قالدى. ئۇچرىشىپ قالسا تەتۈر قارىشىدىغان بولدى. ئابلىمىت بىلەن روزىلەمنىڭ ئازاپلىق كۈنلىرى ئەمدى رەسمىي باشلاندى. رۇزىلەم سۇغىمۇ چىقماس بولدى. ئات سۇغارغىنى كۆل بويىغا  بارغان ئابلىمىت رۇزىلەمنىڭ يولىغا ئۇزاقتىن- ئۇزاق  تەلمۈرەتتى.

ئۈسەن موللام كىشلەرنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر، ئۇقۇمۇشلۇق ئادەم ئىدى. ئۇ يېقىنلارنىڭ نەسىھەتى ۋە تاپا- تەنىلىرى بىلەن ئېغىر بويىنى يېنىك قىلىپ قۇناخۇن ئائىلىسىگە كىرىپ كەلدى. ھۈسىيىن موللام كىرگەندە قۇناخۇن ھويلىسىدا ئوتۇن يېرىپ ئولتۇراتتى.

-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قوشنام،قانداقراق...

-مانا مۇشۇنداقراق...- قۇناخۇننىڭ گەپنىڭ بىلىگە تىپىپلا قىلغان سوغوقلىقى ئۈسەن موللامنىڭ جان-جېنىدىن ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ ، خورلۇققا چىداپ يەنە ئېغىز ئاچتى:

-قوشنام،باللىلارنىڭ ئىشى...

-ھەئە،ئۇقتۇم .

-شۇلارنىڭ ئارزۇسىدەك...

- ئەمدى بولدى !

ئۈسەن موللام ئېغىر خورلۇق ئىچىدە يېنىپ كىرىدى.شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتكە پۈتۈنلەي دەز كەتتى.

بىر چىڭقى چۈشتە تاسادىبىي  ئۇچىرىشىپ قالغان روزىلەم بىلەن ئابلىمىت تۈن يېرىمىدا بىرگە قاچماقچى بولۇپ پۈتۈشتى. روزىلەم قايتىپ كىرگەندىن كېيىن تەييارلىق قىلىپ، نامازشام بىلەن كىيىملىرى چىگىلگەن بوقچىنى تونۇرغا تىقىپ قويىدى. بۇنى  كۆرۈپ قالغان ئۈسەن موللامنىڭ ئىنىسى مۇھەممەد تاماكىچىنىڭ خوتۇنى ئازىخان ئەھۋالنى ئۈسەن موللامغا دەپ قويۇپ چىقىپ كەتتى. ئۈسەن موللامنىڭ قاتتىق ئاچچىقى كەلگەن بولسىمۇ، ئۆزىنى زورىغا بېسىۋېلىپ، خوتۇنىنى چاقىردى:

-ئانىسى، ھوي ئانىسى!

-نېمە؟

-تونۇرغا بىر قاراپ باققىنا.

-نېمىشقا ئەمدى؟

-قارا دېگەندىكىن، قارىمامسەن! ئېغىزى ئوچۇق تۇراتتى بايا، يېپىپ قويۇپ كىرگىن . ھاۋا بۇزۇق تۇرىدۇ ،يامغۇر يېغىپ قالمىسۇن؟ ئىچىگە قارىۋىتىپ ياپقىن جۇمۇ؟! ئالىمادىس بىرەر مۆشۇك ئىچىگە كىرىۋالغان بولسا ئۆلۈپ قالمىسۇن، ھەقىچان دۇتى ئېتىكتۇ؟

-شامال دارىپ قالدىمۇ نېمە ماۋۇ ئادەمگە ؟ ھاۋا ئوپ-ئۇچۇق تۇرسا يامغۇر يېغىپ قالمىسۇن دەيدىيا؟ توۋا خۇدايىم،-تاجىخان غۇدىرىغىنىچە چىقىپ تۇنۇرغا قارىدى-دە،ھەممىنى چۈشەندى. ئۇ تونۇرنىڭ ئاغزىنى يېپىپ قويۇپ ھىچنېمە بولمىغاندەك ئارقىسىغا ياندى. لېكىن سەل ئەنسىرەپمۇ قالدى « دادىسى بىلىپ قالغاندىمۇ؟ مېنى سىناۋاتامدۇ نېمە؟ نىمە بولسا ،بولمامدۇ . قىزىمنى بۇنچە قىيناپ نېمە قىلاي،قاچالىسىلا قاچسۇنا. ئات قوشنام تاجىخان بىلەن ئىككى قات چېغىمىزدىلا ‹ بىرىمىز ئوغول ،بىرىمىز قىز تۇغۇپ قالساق قۇدىلىشىپ،ئىناق ئۆتەيلى›دەپ ۋەدىلەشكەن. ۋەدەمگە ئەمەل قىلاي ،بالىلارمۇ ئۆز بەختىنى تاپسۇن. ئۇلارغا خۇدا سالغان بۇ ئىسسىقچىلىققا سوغاق سۇ سەپسەم ۋاختانى- ۋاخ كېلىپ ئۇۋالىنى تارتىپ قالماي يەنە...» تونۇر بېشىدىن ئۆيگە كىرگىچە تاجىخان شۇلارنى ئويلاپ ئۈلگۈردى.

-بىرەر نەرسە يوقتۇ؟

-ياق.

ئۈسەن موللام دەسلا ئورنىدىن تۇردى-دە،سىرتقا چىقىپ كېتىپ ھايال بولمايلا  ھېلىقى بوقچىنى كۆتۈرۈپ كىردى ۋە خوتۇنىغا قارىتىپ ئاتتى

-«ئىت ۋاپا،خوتۇن جاپا »دېگەن مۇشۇ ! مېنى خەلىقى- ئالەم ئالدىدا رەسۋا قىلاي دەمسەن؟ سەن بۇلارنى بىلىسەن،بىلىپ تۇرۇپ نىمىشقا يوشۇرىسەن دەيمەن؟ مېنى ئۆلسۇن دەۋاتامسەن-يا؟!

-ئۇنداق دىمىسىلە دادىسى...

-ئۇنداق بولسا نىمىشقا بۇنى كۆرمەس بولىۋالدىڭ؟

-بالىلارغا ئىچىم ئاغرىپ شۇ...

-بولدى،بولدى قىل! سېنىڭغۇ ئىچىڭ ئاغىرىپتۇ خەقنىڭ ئىچى ئاغىرىدىمۇ؟ بۈگۈندىن باشلاپ قىزىڭ سىرتقا چىقىدىكەن پۇتىنى چېقىۋىتىمەن. كۆرگىلىكىڭنى كۆرىشىسەن!

ئۈسەن موللام گۇس-گۇس دەسسەپ ئۆيدىن چىقىپ كەتتى. تاجىخاننىڭ يۈرىكى «قاتتىدە» قىلىپ قالدى،ئارقىدىنلا قوقاس ياققاندەك ۋىژىلداپ ئېچىشىپ كەتتى. شۇنىڭدىن كېيىن روزىلەم ئۆيگە قامالدى. ئىشكىگە قۇلۇپ سېلىندى. ئاچىقۇچنى ئۈسەن موللام يانچۇقىغا سالدى. ئابلىمىت ئالالمىغان سادەك ئەگىپ، ئۈسەن موللامنىڭ مەھەلىسىدىن كېتەلمەيتتى. ئۇ تىل- ھاقارەت ئاڭلايتىيۇ، لېكىن پەيلىدىن يانمايتتى:

تۇخۇم كۆمدۇم ئوچاققا،

ئېتىلغاندۇ بۇچاققا.

روزىلەمخان ئامرىقىم،

سېغىنغاندۇ بۇچاققا.

ئاللا،ئاللا روزىلەم ،

دەردى يامان قوزىلەم.

ئۇيقۇم كەلمەي تاڭغىچە،

ناخشا ئېيتىم ھارغىچە.

چىق ئۆيىڭدىن رۇزىلەم،

كۆرىۋالاي قانغىچە.

روزىلەمما،روزىلەم،

ئوتى يامان قوزىلەم.

سەرسان بولدۇم سېنى دەپ،

خىيالىڭدا بارمۇ مەن؟

ئون كۈن بولدى كۆرمىدىم،

ساق –سالامەت بارمۇ سەن؟!

روزىلەمما،رۇزىلەم،

ئوتى يامان روزىلەم..

بۇقۇلدايدۇ دەمدەرلەر،

كۇۋىكىدا، پەغەزدە.

قاچانغىچە ساقلايدۇ،

داداڭ سېنى قەپەزدە.

ئاللا،ئاللا روزىلەم،

ئوتى يامان قوزىلەم.

يېقىندىن بۇيان  ئابلىمتنىڭ ئۈگەي ئانىسى ئۈسەن موللام ئائىلىسىنى تولا يامانلاپ دادىسىنىڭ بېشىنى تېخىمۇ قايدۇرۇپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن دادا ئابلىمىتنىڭ روزىلەمگە ئۆيلىنىشىگە پۈتۈنلەي قارىشى تۇرۇپ، ئابلىمىتنىڭ ناخشا ئوقۇشىنى،كېچىلەردە سىرتقا چىقىشىنى قاتتىق چەكلىدى « غەزەل ئوقىما دېگەندىكىن، ئوقىما ! ھوشۇڭنى تېپىپ يۈر! ئايلىنىسەن؟ ئۆلىسەن، ساراڭ!...». بۇنداق قورقۇتۇشلارنىڭمۇ ئۈنىمى بولمىدى. ئابلىمىت ھەممىگە ماقۇل دەپ قويۇپ،ئۆزىنىڭ بىلگىنىنى قىلدى. روزىلەم بىلەن ئۇچرىشىش ئۈچۈن توختىماي پۇرسەت ئىزدىدى. ھەتتا بەزى كېچىلىرى تامدىن ئارتىلىپ ئۈسەن موللامنىڭ ھويلىسىغا كىرىپ، روزىلەمنىڭ ھوجىرا ئۆيىنىڭ ئىشىكى ئالدىغىمۇ كەلدى. ئۆگزىگە چىقىپ روزىلەم ياتقان ئۆينىڭ تۈڭلىكىدىن قارىدى . مەنمەنچىلىك،سەن،مەن دەستىدىن مۇناسىۋېتى يىرىكلەشكەن ئىلگىرىكى ئامراق قوشنالار ئابلىمىتنىڭ يۇقارقى قىلمىشلىرى بىلەن رەقىپلەرگە ئايلىنىپ قالدى. بۇنىڭدىن ئاشىق – مەشۇقلار تولىمۇ تەڭلىكتە قالدى. دىلى ئازار يىدى.

تۈن تەڭدىن ئاشقان چاغ. سۈتتەك ئايدىڭ ئىدى، ئابلىمىت پەم بىلەن ئۈسەن موللامنىڭ ئۆگزىسىگە چىقىپ، روزىلەم ياتقان ئۆينىڭ تۈڭلىكىگە يېقىنلىشىشقا باشلىدى. ئۇيقىسى كەلمىگەن روزىلەم شەپىنى سىزىپ سەگەكلەشتى « چۇقۇم شۇ» دەپ ئويلاپ تۈڭلۈككە تەلمۈردى. ئاڭغىچە ئابلىمىتمۇ كېلىپ ئېڭىشتى.

-روزىلەم، روزىلەم-چاقىردى ئۇ، ئاۋازىنى تۆۋەن چىقىرىپ.

-ھە.

-بارمۇ سەن؟

-ئۆلدىمىكى دېگەنمۇ ؟

-ھەر كۈنى ئۆيىڭگە كەلدىم، ئەمما ئىلاج قىلالمىدىم. بۇ داداڭنىڭ نېمە قىلغىنى دەيمەن؟ جىنايەتچىنى سولاپ قويغاندەك سولاپ قويدىغۇ سېنى.

-ئوغول بالا بولغاندىكىن ئامالىنى قىلمامسىز...

يەرنىڭ تېگىدىن چىقىۋاتقاندەك ناھايىتى پەس بۇ ئۈنلەرمۇ ئۈسەن موللامنىڭ ئۇيقۇسىنى بۇزۇپ قويدى. ئەسلىدىمۇ ناھايىتى سەگەك ئۇخلايدىغان بۇ ئادەم يېقىندىن بۇيان تېخىمۇ سەگەكلىشىپ كەتكەن ئىدى. ئۇ ئىتتىك تەكىيدىن بېشىنى كۆتۈردى- دە، قىزىنىڭ كىمدۇ بىرىگە گەپ قىلىۋاتقانلىقىنى پەمىلەپ، ۋارقىرىدى:

- ۋوي روزىلەم،كىم بىلەن گەپلىشىۋاتسەن؟

-ھېچكىم بىلەن.

-نىمە گۇدۇڭ-گۇدۇڭ ئەمىسە؟

ـ...

ئابلىمىت چاققانلىق بىلەن ئورنىدىن تۇردى ، ئۆگىزىنىڭ لىپىگە بېرىپ، پەسكە سەكرىدى« گۈپپىدە» قىلغان ئاۋازدىن ئۈسەن موللام تېخىمۇ سەگەكلەشتى –دە، سىرىتقا چىقتى، بىرنىڭ يۈگۈرۈپ كېتىۋاتقان ئاياق تىۋىشنى خېلى بىر ھازاغىچە تىڭشاپ تۇردى« مۇشۇنداق قىلىپ يۈرۈپ بۇلار مېنى يەرگە قاراتمىسا بولاتتىغۇ؟ يەنىمۇ سەگەك بولمىسام بۇ نادانلار مېنى يەر بىلەن يەكسان قىلىدىغاندەك تۇرىدۇ. ماۋۇ قىزىم دېگەن تۇز كورمۇ ... » ئۈسەن موللام غۇدۇرىغىنىچە ئارقىسىغا ئۆرۈلدى. دەل شۇ چاغدا كۆل بويىدىن ئابلىمىتنىڭ ناخشىسى ئاڭلىنىشقا باشلىدى:

پات-پات كېلىپ ئويۈڭگە،

كاككۇك بولۇپ سايرايمەن.

چىقىپ ئىگىز ئۆگزەڭگە،

تۇڭلۇكىڭدىن مارايمەن.

ئاللا،ئاللا روزىلەم،

بوستان سېكىلەك قوزىلەم.

روزىلەمنىڭ ھويلىسى،

چوقچىدىكى كەڭلىكتە.

روزىلەمگە كۆيدۈم دەپ،

ئەمدى قالدىم تەڭلىكتە.

ئاللا ،ئاللا روزىلەم،

ساڭا دەرد ،ماڭا ئەلەم.

(4)

قۇناخۇننىڭ مەنمەنچىلىكى، ئۈگەي ئانىسىنىڭ قارىشىلىق قىلىشى سەۋەپلىك ئابلىمىت بىلەن روزىلەمنىڭ بېشى قوشۇلمىدى. ئۇلارنىڭ ئاھۇ-زارىغا قۇلاق سالىدىغان ئادەم چىقمىدى.

ئىچكىلى چاي بولمىسا،

ئولتۇرغىنى جاي بولمىسا،

ئولتۇرۇپ نېمە قىلاي؟

روزىلەمخان بولمىسا.

ئاللا ،ئاللا روزىلەم،

ساڭا دەرت، ماڭا ئەلەم.

چىقىۋالدىم تىرەككە،

دەرتنى سالدىڭ يۈرەككە.

كۆڭلۈم ھەرگىز ئۇنىماس،

سەن يارىمدىن بۆلەككە.

ئاللا،ئاللا رۇزىلەم،

بوستان سېكىلەك قوزىلەم.

شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۈسەن موللامنىڭ ئۆيىگە روزىلەمنى سوراپ قوشنا مەھەللىدىكى بارات بايلار كىرىپ كەلدى. ئۇلار ئۇزاق مەسلىھەتلىشىپ ئۈچ كۈندىن كېيىن  روزىلەم بىلەن بارات باينىڭ ئوغلى ياسىن قارىغا نىكاھ ئوقۇپ قويدى . ياسىن قارى دىنى بىلىمدە خېلىلا مەلۇماتلىق بولغاچقا ئۈسەن موللامغا ياراپ قالغان ئىدى. شۇڭا روزىلەمنى ئۇنىڭغا بىرىشكە تىزلا قوشۇلىدى. ئۈسەن موللام روزىلەمنى ياتلىق قىلىۋەتسىلا بۇ ئېغىر بېسىمدىن قۇتىلىمەن دەپ ئويلايتتى. ئۇنىڭ قارىشىچە بولغاندا مۇنۇ قوشنا ئۆي بالىسىنىڭ ئېغىزىمۇ ئېتىلەتتى.

ھىچكىمگە تۇيدۇرماي مەخپى ئوقۇلغان نىكاھتىن قاتتىق خورلۇق ھىس قىلغان روزىلەم تاراملاپ تۆكۈلدى. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان ئابلىمىت ئەھۋالنى شۇ چاغدىكى يۇرت كاتتىلىرىغا ئېيتتى. يۇرت كاتتىلرى ئۈسەن موللام بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇنىڭ قىلغان ئىشىنىڭ قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ« مەخپى » ئوقۇلغان نىكاھنى ئەمەلدىن قالدۇردى. بۇنىڭ بىلەن ئابلىمىتنىڭ كۆڭلى سەل ئارام تاپقاندەك بولدى. روزىلەممۇ ئېغىر يۈكتىن قۇتۇلغاندەك يىنىك تىن ئالدىيۇ، يۈرىكىدە جاراھەت قالدى. بۇ دۇنيانىڭ رەزىللىكى، ئادەملەرنىڭ باغرى تاشلىقى ئۇلارنى قاتتىق ئازابلىماقتا ئىدى..

(5)

ئىجارە كېمەيتىش باشلىنىشى بىلەن  تەشكىل ئابلىمىتنى كۆپچىلىك يىغىلغان سورۇنلاردا، ئەمگەك مەيدانلىرىدا ئاممىغا مەدەت  بېرىش ئۈچۈن تەشكىللەنگەن سەنئەت گۇرۇپىسنىڭ ئەزالىقىغا قۇبۇل قىلدى. ئابلىمىت مەيدانغا چىقاتتى –دە،ناخشىنى باشلىۋېتەتتى. ئۇنىڭ ناخشىسىنىڭ تېكىستى ھەرگىز تەكرارلانمايتتى. ئەمما مەزمۇنى روزىلەمدىن چەتنەپ كەتمەيتتى.

دەردى يوق دەمسەن مېنى؟

دەردىم تولا،بىداۋا.

روزىلەمخان قىز بالا،

ھالىمنى سورساڭ نىم بولا؟

ئاللا ،ئاللا روزىلەم ،

ئوتى يامان قوزىلەم.

چاپىنىمنىڭ يىڭىنى،

بېشىمغا قويدۇم تىڭىنى.

روزىلەمنىڭ دەردىدە،

بېسىۋالدى غەم مېنى.

ئاللا ،ئاللا روزىلەم ،

ئوتى يامان قوزىلەم.

بۈگۈن يەنە گۇرۇپا ئەزالىرى ئويۇن قويىۋاتاتتى. ئابلىمىت ئەمدىلا ناخشىسىنى تۈگۈتۈپ تۇرىشىغا دوستى روزى سەيىدىن ئۇنى  چاقىردى. ئۇنىڭ چىرايى ئۆڭگەن بولۇپ،جىددى كۆرىنەتتى. ئابلىمىت دوستىنىڭ ئارقىسىدىن ئەگەشتى. روزى چەتكىرەك چىقىپ ،ئابلىمىتكە ئەنسىز قارىدى.

-نېمە ئىش بولدى؟

-دېمىسەم بولمىدى ئاداش، روزىلەمنى سەن بىلەن بىر نەۋرە  ئابلىز ھوشۇرغا بەرمەكچى بولۇپتىكەن بۈگۈن سەھەردە چارشەنبە بازارغا① ئېلىپ كىرىپ، پەتتە قەغىزى  (توي خېتى) ئېلىپ چىقىدىكەن.

- نېمىلەرنى دەپ يۈرىيسەن، چاقچاق قىلما.

-راست ئاداش، ئىشەنچلىك ئادەمدىن ئاڭلىدىم.

-ئاللا، قانداق قىلسام بولار، ماڭا بىر يول كۆرسەتكىنە، كاللام ھىچنىمىگە  ئىشلىمەي قالدى « يېغى ياندىن ،بالا قېرىنداشتىن » دېگەن شۇ بولدىمۇ ئەمدى؟

-جىددىلەشمە ، ئامالىنى قىلىمىز.

- دېگىنە ئەمىسە؟

ئابلىمىت، روزى سەيىدىن،مۇھەممەت نىياز قاتارلىق دوستلار ئەل ياتقۇدا ئۈسەن موللامنىڭ مەھەللىسىگە كېلىپ ، ئارقىسىدىكى يۇلغۇنلارنىڭ دالدىسىغا مۆكۈندى. ئۇلار كېلىشىۋالغىنى بويىچە ئابلىز ئەيسا رۇزىلەمنى پەتتە خېتى ئېلىشقا ئېلىپ ماڭغادا ئارقىسىدىن ئەگىشىپ مېڭىپ، يۇرتتىن چىقىشى ھامان تارتىپ قاچماقچى بولدى. ئۇلار كۈتتى، لېكىن توي خېتى ئېلىشقا ماڭىدىغانلار چىقمىدى. مەزىننىڭ مۇڭلۇق ئاۋازى مەھەللىنىڭ جىمجىتلىقىنى بۇزدى. ئۈچ دوست ئادەملەر مەسچىتكە ماڭغاندا ئۆيلىرىگە تارقاشتى.

ئابلىمىت بومدات نامىزىنى ئوقۇپ بولۇپ، جاڭگالغا يانتاق چاناشقا چىقىپ كەتتى. چاي ۋاقتى بولغاندا  ئۇنىڭ ئالدىغا جانجىگەر دوستى روزى سەيىدىن ھەسىرەپ- ھۆمىدەپ يۈگۈرۈپ كەلدى.

-ئابلىمىت، تىز بول!

-نېمە بولدى؟

-بىز كېچىچە ساقلىغان روزىلەمنى ئابلىز ئەيسا پەتتە قەغىزى ئالغىنى ئېلىپ كىرىپ

كېتىپتۇ.

-قاچان؟

-بىز يېنىپ كەلگەندىن كېيىن.  ئۇلار تۇيۇپ قالغان ئىكەن شۇڭا بىز تارقاپ كەتكەندىن كېيىن ھەركەت قىپتۇ.بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ئابلىمىتنىڭ تاپنىدىن كىرگەن ئاچچىق مىڭىسىدىن چىقىپ كەتتى. ئۈچ دوست روزىلەمنىڭ كەينىدىن قوغلاپ يۈگۈردى. ئابلىمىت يۈگۈرۈپ كېتىۋېتىپ ناخشا ئوقۇيتتى. ناخشىسى تېخىمۇ مۇڭلۇق، تېخىمۇ ھەسرەتلىك ئىدى:

سۇنى ئاچسام ئېرىققا،

بېرىپ زاكوغا تاقاشتى.

كېچىدە ساقلاپ ياتسام،

ئابلىز ئەيسا ئاقاچتى.

ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ

① چارشەنبە بازار- كاتتايلىقلار پەيزىۋات ناھيىسىنىڭ قىزىلسۇ يېزىسىنى شۇنداق ئاتايدۇ. يەر ئىسلاھاتىغىچە كاتتايلاق پەيزىۋاتقا قارايتى.

ئاللا،ئاللا روزىلەم،

ساڭا دەرد،ماڭا ئەلەم.

ئابلىمىتلەر ئارا ئۆستەڭگە بارغاندا  ( ئارا ئۆستەڭ-كاتتايلاق بىلەن قىزىلسۇ ئارلىقىدىكى ئېشىندا سۇ،كەلكۈن ئاقىدىغان جىلغا) ئۇلارنىڭ قارىسى كۆرۈندى. ئابلىز ئەيسانىڭ ھارۋىسىدا روزىلەم، ئۈسەن موللام، ئابلىز ئەيسا قاتارلىقلار بار ئىدى. ئۇلار ئابلىمىتلەرنى كۆرۈپ ئەنسىرەپ قالدى. بولۇپمۇ ئابلىزنىڭ چىرايىدا قان قالمايۋاتاتتى. ئۈسەن موللاممۇ تاتىرىپ كەتكەن ئىدى. ئۇلارچە پەتتە قەغىزى ئېلىش يەنە ئوڭۇشلۇق بولمايدىغاندەك تۇراتتى. ئۈچ دوست ئۇلار تۇرسا تۇرۇپ، ماڭسا مېڭىپ بىرگە چارشەنبە بازارغا يېتىپ كەلدى. بازارغا كىرىپلا ئابلىمىت ناخشىسىنى باشلىۋەتتى. بازار كۈنى بولغاچقا  ئەتراپىغا بىرمۇنچە ئادەم يىغلدى، بىر قىسىملار ئۇنىڭ ناخشىسىغا جور بولدى.

- ناخشا ئوقۇۋاتقان روزىلەمگە ئاشىق يىگىت شۇ ئىكەن.

-ئاۋۇ ھارۋىدا ئولتۇرغان روزىلەم ئىكەن.

- بۇيى پاكارراق بولغان بىلەن قاملاشقان نېمىكەن بۇ ئابلىمىت دېگەنمۇ.

-روزىلەممۇ چىرايلىقكەن قاراڭلار، ناخشىغا قاتقۇچىلىكى بارئىكەن.

-كۈيۈشكىنى بىكار ئەمەسكەن بۇلارنىڭ.

- گۈلى-گۈلىگە ،خىلى-خىلغا دىگەن شۇ...

توپ ئىچىدىن ھەر خىل گەپلەر ئاڭلىنىپ تۇراتتى. ئادەملەر روزىلەم بىلەن ئابلىمىتقا قىزىقىش، ھېسداشلىق نەزىرى بىلەن قاراشسا،ئابلىز ئەيسالارغا نەپرەت بىلەن قارىشاتتى.

ئالما كۆمدۈم تاللىققا،

تالنى ئاچقاندا چىقار.

روزىلەمنىڭ كۆيىكى،

جان تالاشقاندا چىقار.

ئاللا،ئاللا روزىلەم،

ساڭا دەرد ،ماڭا ئەلەم.

سۇغا چىقتىم كۆلچەككە،

كۆزۈم چۈشتى ئۆدەككە،

ئۆمرىم بويى كۆيمەسمەن،

روزىلەمدىن بۆلەككە.

روزىلەمما-روزىلەم،

ساڭا دەرد،ماڭا ئەلەم.

ئابلىمىت ناخشا توۋلىغىنىچە ،پەتتە قەغىزى كېسىدىغان ئىشخانىغا كىردى.  ئىشخانىدىكى ئادەم ئۇنى باشتا ساراڭمىكىن دەپ ئويلاپ قالدى. ئابلىمىتتىن  بولغان ئەھۋاللارنى ئۇجۇر-بۇجۇرىغىچە ئۇققاندىن كېيىن ھەممىنى چۈشەندى –دە، كۈلۈپ كەتتى. مۇھەببەتنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ئۇنى ھەيران قالدۇرغان،تەسىرلەندۈرگەن ئىدى.

- يىگىت ئىش ئەسلى مۇنداقمىدى؟

-ھەئە.

-ئۇنداق بولسا تەشكىلگە دېمىدىڭمۇ؟

-تەشكىلنىڭ قولى بىلەن ئادەم جايلاش ئۇچىغا چىققان نامەردلىك.

-ئۇنداق بولسا قانداق قىلماقچى؟

- ئىش قىلىپ كۆرىدىغىنىم بار، ياكى ئۇلارنىڭ كۆرىدىغىنى بار.

-سەن چىقىپ تۇرغىن،خاتىرىجەم بول ،ئۇلار كىرگەندە مەن پەتتە قەغىزى بەرمەي چىقىرىۋېتىمەن. ئەگەر سەن روزىلەمنى ئېلىپ كىرەلىسەڭ ساڭا پەتتە قەغىزى بېرىمەن -دېدى. پەتتە قەغىزى كەسكۈچى ئابلىمىتكە بولغان قايىللىقىنى بىلدۈرۈپ.

ئابلىمىت پەتتىخانىدىن چىقىپ، تۇرىشىغا ئابلىز ئەيسا روزىلەمنى ئەگەشتۈرگىنىچە پەتتىخانىغا قاراپ كەلدى. روزىلەمنىڭ كۆزلىرى يىغىدىن قىزىرىپ كەتكەن ئىدى . ئۇ تۇرۇپ-تۇرۇپ ئىسەدەپ قوياتتى. ئۇلاردىن سەل نېرىدا ئۈسەن موللام  ئۇلارغا قاراپ تۇراتتى. ئۇ ئابلىمىتنى كۆرۈپ كۆزىنىڭ پاختىسىنى چىقىرىپ  ئالىيىپ قويدى. ئۇنىڭ قاراشلىرىدىن « ئەجەپمۇ يۈزۈمنى تۆكتىڭ، ساڭا بىرىدىغان قىزىم يوق... » دېگەن مەنا چىقىپ تۇراتتى.

ھاۋادىكى بوز تورغاي،

سايرىمىساڭ نىم بولغاي.

ئوتى يامان روزىلەم،

قىينىمىساڭ نىم بولغاي.

ئاللا،ئاللا روزىلەم،

ساڭا دەرد ماڭا ئەلەم.

قاپاق تىرەك كېسىلدى،

ھىچ كىشىنىڭ كارى يوق.

مېنى سەندىن ئايرىدى،

داداڭ دېگەن ئەقلى يوق.

ئاللا،ئاللا روزىلەم،

ساڭا دەرد ماڭا ئەلەم.

ئابلىمىت غەزەل ناخشىسىنى ئوقۇغىنىچە ئۈسەن موللامنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كەتتى.

بەزلەر ئۇنى ئاشىق ئىكەن دېسە،بەزىلەر ساراڭ ئىكەن دېيىشەتتى. ئۇنىڭ روزىلەم دېگەن ناخشىنى ئېيتقان ئابلىمىت ئىكەنلىكىنى بىلگەندە بولسا ئارىغا ئېلىۋېلىشاتتى. ئابلىز ئەيسا پەتتە قەغىزى ئالالماي سولاشقىنىچە  يېنىپ چىقتى...

يۇرتقا چىققاندىن كېيىن ئابلىز ئەيسانىڭ بېشى زادىلا يەردىن كۆتۈرۈلۈپ باقمىدى. ئۇنى كۆرسىلا  ئابلىمتنىڭ قۇيقا چاچلىرى تىك تۇراتتى. ئۇنى چايناپ پۈركىۋەتكۈسى كېلەتتى. ئەمما ھامما ئاچىسىنىڭ يۈزىنى قىلىپ  ئۆزىنى بېسىۋالاتتى. ئابلىز ئەيسامۇ ئابلىمىتنىڭ قارىسىنى كۆرگەن ھامان ئۆزىنى چەتكە ئالىدىغان بولدى.

(5)

ئابلىز ئەيسا پەتتە قەغىزىنى ئالالماي چارشەنبە بازاردىن يېنىپ چىققادىن كېيىن رۇزىلەم يەنە ئۆيگە بەنت قىلىندى. ئابلىمىت شۇنچە قىلىپمۇ ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشالمىدى. ئابلىمتنىڭ كۈندىن-كۈنگە مىسكىنلىشىپ كېتىۋاتقان ھالى ئۆز ئانىسى تاجىخاننىڭ يۈرەك- باغرىنى ئۆرتىسە، روزىلەمنىڭ سارغايغان چىرايىغا قاراپ ئانىسى تاجىخان ئېغىر ئۇھ تارتاتتى.

-ئابلىمىت، ئۆزۈڭنى تاشلىۋەتمە بالام، ئوغول بالىدەك ياشىمامسەن، ئالاي دېسەڭ، روزىلەمدىن باشقا يەنە بىرمۇنچە قىزلار بارغۇ دىدى بىر كۈنى ئۇنى ئىزدەپ كەلگەن ئۆز ئانىسى تاجىخان.

-بولدى قىلىڭ ئانا، روزىلەمدىن باشقىغا پەقەتلا كۆڭلۈم بارمىدى..

- ئەمىسە مۇشۇنداق يۈرەمسەن؟

- پۇرسەت تاپساملا ئېلىپ قاچىمەن.

-ئۇنداق قىلساڭ بولمايدۇ،بالام!

- نېمىشقا؟

- بۇنداق قىلىش ئۆرپ-ئادىتىمىزگە يات، ھەممىمىزنى ئازاپلاپ قويىسەن.

-نىمىلا بولسا مەيلى ئانا، مەيلى!

- بۇنداق كۇپىرانە گەپنى قىلما...

-...

ئانا ئوغلىنىڭ مىسكىن چىرايىغا قاراپ ئىختىيارسىز ئۇھ تارتتى. كەسكىن گەپلىرىنى ئاڭلاپ « دادىسىدەكلا جايىل ئادەم بولۇپتۇ » دېگەنلەرنىمۇ ئويلاپ ئۈلگۈردى- دە، جىم بولۇپ قالدى.

قۇناخۇن ئوغلى ئابلىمىتنى باشقا قىزغا ئۆيلىنىشكە كۆندىرەلمىگەندىن  كېيىن ئابلىمىتىن قاتتىق رەنجىدى. نەچچە كۈنگىچە قاپاقمۇ ئاچمىدى. ئابلىمىتنى ئۆيلىسە تۇرمۇشىدا ئۈزۈكچىلىك بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرىگەن ئۈگەي ئانا ئىچىدە خوش بولدى. بىر كۈنى قۇناخۇن ئابلىمىتنى نەچچە كۈن بولسىمۇ مەھەللىدىن يىراق قىلىش مەقسىدىدە كەڭ سايغا ئوتۇنغا ماڭغانلارغا قوشۇپ قويدى. بۇ 1952-يىلنىڭ ئاخىرىلرى ئىدى. ئۇي ، ئات-ئىشەكلەر قېتىلغان ھارۋىلار سۇغۇن ئېغىزى  ئارقىلىق كەڭ سايغا قاراپ ئىلگىرلىمەكتە ئىدى. ئېغىزنىڭ ئىككى  تەرىپىدىكى تاقىر تاغلار تولىمۇ سۈرلۈك كۆرىنەتتى. ئابلىمىت ئاق قاشقا ئات قېتىلغان ھارۋىنىڭ ئوڭ ياۋىنىدە ئولتۇرۇپ، ئىككى قۇلىقىنى مەھكەم تۇقىنىچە ناخشىسىنى باشلىدى. ئۇنىڭ ئاۋازى تاغدىن –تاققا ئۇرۇلۇپ ئەكسى سادا قايتۇراتتى. قايتقان ئەكسى سادالار خىلى ئۇزاققىچە تاغ ئىچىدە جاراڭلايتتى.

سۇنى ئاچسام ئاقمىدى،

بىلىڭدىكى قاقمىدى.

روزىلەمدىن باشقىسى ،

مىجەزىمگە ياقمىدى.

ئاللا،ئاللا روزىلەم،

دەردى تولا قوزىلەم.

مەن نېمە بولدۇم بۈگۈن،

خىيال قىلدىم ئاخشامدا.

روزىلەمنىڭ دەردىنى،

قېتىۋالدىم ناخشامغا.

روزىلەمما-روزىلەم.

ساڭا دەرد، ماڭا ئەلەم.

تاغ كەينىدە تاغلار بار،

يۈرەكلەردە داغلار بار.

پەخەس بولايلى دائىم،

ئارىمىزدا زاغلار بار.

ئاللا،ئاللا روزىلەم،

دەدى تولا قوزىلەم.

-ئوغول بالا!

- ياشاپ كەت!

-ئېيتە  ناخشاڭنى، ئېيتە !- دەيتتى  ئوتۇنچىلار ئۇنىڭغا مەدەت بېرىپ.  تاغدىن-تاغقا ئۇرۇلۇپ  يانغان ناخشا ساداسى يۈرەكلەرنى تىترىتەتتى. ئابلىمىت سۇغۇن ئېغزىدىن كىرىپلا ناخشا باشلىغان بولۇپ، توغرا سۇغا كەلگەندە توختاتتى. ئوتۇنچىلار لاچىن ئۇۋىسى دېگەن جايدا ئات-ئىشەكلىرىگە يەم بېرىپ، قورساقلىرىنى ئەستەرلەپ،بىر ئاز ئارام ئالدى. ئاندىن يولىنى داۋام قىلدى.

ئايمۇ چىقىپ ئۆرلەيدۇ،

كۈنمۇ چىقىپ ئۆرلەيدۇ.

مېنىڭ تارتقان دەردىمنى،

خەلقى-ئالەم بىلمەيدۇ.

روزىلەمما-روزىلەم،

ساڭا دەرد، ماڭا ئەلەم.

روزىلەمنى ئويلىسام،

قولۇم ئىشقا بارمايدۇ.

ئوت يانىدۇ ئاھىمدىن،

ئارامىمنى قويمايدۇ.

ئاللا،ئاللا روزىلەم،

ئوتى يامان قوزىلەم.

ئابلىمىت ناخشىسنى يەنە باشلىدى. ناخشا تاغ ئىچىنى جاراڭلىتىۋەتتى. ئۇتۇنچىلار ئابلىمىتنىڭ ناخشىسى تۈگىمەستىن تۇرۇپ كەڭ سايغا يېتىپ كەلدى. كەڭ سايدا سۆزگەن،قاخشال، سوكسوك، بۇلۇتخان قاتارلىق ئوتۇنلار كۆپ ئىدى. ئۇلار يېتىپ كەلگەندە كەچ بولۇپ قالغاچقا، چاي ئىچىپ،ئازىراق ئۇخلىۋالغاندىن كېيىن سەھەردە ئوتۇن كەسمەكچى بولۇپ پۈتۈشتى. شۇڭا بەزىلىرى ئوت قالاش ئۈچۈن  ئوتۇن يىغىشقا، بەزىلىرى چاي قاينىتىش ئۈچۈن ھاڭدىكى بۇلاقتىن سۇ ئېپ كىلىشكە ماڭدى. سەھەردە تاھارەت ئېلىشقا سۇ ئېپ كېلىش ئۈچۈن ئابلىمىتمۇ  قاپاقنى يۈدكىنىچە ئۇلارغا ئەگەشتى.

- ئابلىمىت قالتىس بالا بولدى جۇمۇ،قول-پۇتى چاققان، ناخشا دىگەننىمۇ ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئېيتىپ قويىدۇ.

- ئاق كۆڭۈللىكىچۇ، بۇنىڭ؟

- خۇدايىم تەلىيىنى بەرسە بولاتتى.

ئابلىمىت ناخشىسىنى يەنە باشلىدى:

كەڭ ساي دېگەن چوڭ جاڭگال،

قاخشىلى ئاز،سۆزگەن كۆپ.

يۈرەك-باغرىم چاكۇ-چاك،

مىڭ تىرىلدىم ،مىڭ ئۆلۈپ.

ئاللا،ئاللا روزىلەم،

ساڭا دەرد، ماڭا ئەلەم.

روزىلەمنىڭ ئوتلىرى،

يۈرىكىمنى كۆيدۈرەر.

...................

ناخشا بىردىنلا ئۈزۈلۈپ قالدى.جۇۋىلىرىنى ئەمدىلا  ئۈستىللىرىگە يېپىپ تۇرغان ئوتۇنچىلارنىڭ يۈرىكى ئاغدى. ئۇلار خۇددى بىرى كاماندا بەرگەندەك تەڭلا ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى.

-ئاپلا،ئابلىمىت ھاڭغا چۈشۈپ كەتتىمۇ نېمە؟

-ئۇنىڭغا بىرەر پىشكەللىك بولمىسلا بولاتتىغۇ –ئۇلار ھەممىسى دىگۈدەك ھاڭغا قاراپ يۈگۈردى. ئۇلار بارغاندا ئابلىمىت راستىنلا بولاق ئىچىدە ياتاتتى، بېشىدىن قان چىقىۋاتاتتى. ناخشا ئوقۇپ كېلىۋاتقان ئابلىمىت ھاڭغا چۈشۈپ بۇلاق تۈۋىگە يېقىنلاشقاندا پۇتلىشىپ كېتىپ، موللاقشىغىنىچە بۇلاققا چۈشۈپ كەتكەن، بېشى تاشقا  تىگىپ ھۇشىدىن كەتكەن ئىدى. بىر نەچچىسى بولاق ئىچىدىن ئابلىمىتنى كۆتۈرۈپ ئەپچىقتى-دە، يۈدۈپ ئارامگاھقا ئېلىپ كەلدى. ئوتۇنچىلارنىڭ يۈرىكى ئەنسىز سوقاتتى. ئۇلار بىرەر كېلىشمەسلىكنىڭ يۈز بىرىپ قېلىشدىن ئەنسىرىشەتتى. بىرى ئابلىمىتنىڭ يۈزىگە سوغاق سۇ سەپتى. ئابلىمىت ئەندىكىپ  ھۈشىغا كەلدى –دە، زىڭىلداپ ئاغرىۋاتقان بېشىنى سىيلاپ قويۇپ، يەنە ناخشا باشلىدى:

قۇناي دېسەم پاناھ يوق،

سايدا ياتتىم ئەمەسمۇ.

رۇزىلەمنىڭ دەردىدە،

ھاڭدا ياتتىم ئەمەسمۇ.

ئاللا ، ئاللا روزىلەم،

ساڭا دەرد ،ماڭا ئەلەم ...

-قارا ماۋۇنى، ئۆلەۋېتىپمۇ « روزىلەم » دەيدۇ- يا؟ ئوتۇنچىلار كۈلىشكىنىچە ھەدەپ ناخشا ئوقۇۋاتقان ئابلىمىتنى ئوتنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى.

تاڭ ئاتتى، ئوتۇنچىلار سەھەردىلا ئوتۇن يىغىشقا باشلىدى. ئابلىمىتمۇ بوش كەلمىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ھارۋىسىنى توشقۇزۇپ بولۇپ، ياشتا چوڭراق بىرىنىڭ ئوتۇن يىغىشىغا، ھارۋىغا بېسىشىغا، ئاندىن تېڭىشىغا ياردەم بەردى. ئۇلار ئوتۇننى ئېلىپ كەڭ سايدىن ئۆيگە قاراپ يولغا چىقتى. ئوتۇنچىلار تۇرۇپ قالغان ھارۋىلارنى ئۆز-ئارا ئىتتىرىشىپ يول بويى بىر-بىرىگە ھەمدەم بولۇپ ئىلگىرلىمەكتە ئىدى. ئابلىمىت پات-پات ناخشا توۋلاپ قوياتتى:

پات-پات سۆزگەن تۈۋىدىن،

توشقان چىقىپ قاچىدۇ.

روزىلەم يادىمغا يەتسە،

كۆز ياشلىرىم ئاقىدۇ.

ئاللا، ئاللا روزىلەم،

ساڭا دەرت، ماڭا ئەلەم.

سۇدا بىلىق ئوينايدۇ،

قۇشلار كۆكتە يايرايدۇ.

روزىلەم يادىمغا يەتسە،

ئىچىمدە ئوتلار قاينايدۇ.

ئاللا، ئاللا روزىلەم،

قوينىڭ بالىسى قوزىلەم.

ئوتۇنچى بولۇپ قالدۇق،

ئاقمەتتە قونۇپ قالدۇق.

ئەلەمگە بولۇپ بەندە،

ناخشىچى بولۇپ قالدۇق.

ئاللا، ئاللا روزىلەم،

ساڭا دەرت، ماڭا ئەلەم.

      4-كۈنى  ناماز شامدا ئوتۇنچىلار كەڭ سايدىن قايتىپ كەلدى. ئابلىمىت ھارۋىدىن ئاتنى چىقىرىپ، قاڭتۇرۇپ تۇرىشىغا دوستى روزى سەيىدىن يەردىن چىققاندەكلا  پەيدا بولدى. ھەمدە قىسقىلا ئەھۋال سورىغاندىن كېيىن ، بىر كۈن روزىلەمنىڭ تويى بولغانلىقىنى ئېيتتى . بۇنى ئاڭلىغان ئابلىمىت  مەھەللىنىڭ يۇقۇرىسىدىكى جاڭگالغا قاراپ يۈگۈردى. ئۇنىڭ كۆز ياشلىرى تاراملاپ تۆكۈلەتتى. ۋىسالغا يىتەلمىگەن يۈرىكى ۋىژىلداپ ئېچىشاتتى. ئۇنىڭغا شۇ تاپتا ئاسمان بىلەن يەر ئالمىشىۋاتقاندەك، پۈتۈن دۇنيا توختىماي پىقىراۋاتقاندەك، ھەممە نەرسە ئوت ئىچىدە قالغاندەك تۇيۇلاتتى:

ئارقىدىكى چوڭ ئېتىز،

تېرىۋاتقان يەرمىدى.

روزىلەمگە شۇنچە كۆيسەم ،

ئۈسەن موللام  بەررمىدى.

ئاللا ، ئاللا روزىلەم،

ساڭا دەرد،ماڭا ئەلەم.

كاتتايلاقنىڭ يولىغا،

پېتىپ قالدى ھارۋىلار.

روزىلەمگە قەسىت قىلدى،

ھارام تاماق لالمىلار.

روزىلەمما-روزىلەم،

ساڭا دەرد، ماڭا ئەلەم.

رۇزىلەم دەپ ئاھ ئۇرۇپ،

ھەسرەتتە ياش تۆكىمەن.

بۇ دۇنيادىن ئەمدى مەن،

ئارمان بىلەن ئۆتىمەن.

ئاللا ،ئاللا روزىلەم،

ئوتى يامان قوزىلەم.

ئىچىمدىكى بۇ ئوتلار،

كۈيۈپ تۇرار داۋامەت.

ئۆلمەي تىرىك ئايرىلدۇق،

خۇدايىمغا ئامانەت.

روزىلەمما-روزىلەم،

ساڭا دەرد ماڭا،ئەلەم...

ئابلىمىتنىڭ ھەسرەتلىك ئاۋازى مەھەللىنى بىر ئالدى. ئۇنىڭ ناخشىسىنى ئاڭلىغان ھەر بىر ئادەمنىڭ يۈرىكى ئېزىلەتتى. كۆزلىرىدىن ئىختىيارسىز ياش قۇيۇلاتتى.

شۇنداق بولۇپ، ئابلىمىت بىلەن روزىلەمنىڭ رىسقى قوشۇلمىدى. ئابلىمىت ئوتۇنغا كەتكەن نەچچە كۈن ئىچىدە ئۇ قوغان كەنتىدىكى ئابلەت ئىسىملىك بىر موللا بالىنىڭ ئەمىرىگە ئۆتۈپ كەتكەن ئىدى.


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
qartekin + 500 دەلىللەر يېتەرلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 500   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76572
يازما سانى: 100
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3277
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 67 سائەت
تىزىم: 2012-2-26
ئاخىرقى: 2013-8-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 08:35:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ساقلىۋىلىپ ئالدىرماي ئوقۇۋالاي ھە  رەخمەت

چەكلەنگەن ئەزا

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78512
يازما سانى: 240
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3900
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 281 سائەت
تىزىم: 2012-4-8
ئاخىرقى: 2012-8-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 08:36:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوقۇپ بولغۇچە ئادەمنى چارچىتىپ قويىدىكەن ماۋۇ تېما! نىمانچە كۆپ خەت بۇ!
ئادەملەردىمۇ
一键垃圾删除سىستىمىسى بولغان بولسا....

چەكلەنگەن ئەزا   سۆز قىلىش چەكلەندى!   قۇلۇپلانغان
تەۋپىق ئىسلام تورى www.tewpik.com
kishi mini kishi dise`kishi bilen kishi Ishim ،kishi mini kishi dimise`kishi bilen nime Ishim~

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3317
يازما سانى: 761
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11441
تۆھپە نۇمۇرى: 410
توردا: 1685 سائەت
تىزىم: 2010-7-4
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 08:56:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئەسەرنىڭ ژانىرى نېمىدۇ

ئوغۇل بالا ئېسىل ياشاپ شەرەپلىك قۇربان بولۇشى كېرەك . ئابدۇل.

جاپا ئىچىدە ھالاۋەت

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25429
يازما سانى: 1160
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9837
تۆھپە نۇمۇرى: 753
توردا: 5003 سائەت
تىزىم: 2011-1-8
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 09:01:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بۇرۇن ئاڭلىغان .

ئەجىرگە تۇشلۇق نەتىجە چىقىدۇ .

ئاي نۇرلۇق بولغى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13677
يازما سانى: 448
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10193
تۆھپە نۇمۇرى: 507
توردا: 6058 سائەت
تىزىم: 2010-10-12
ئاخىرقى: 2014-8-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 09:03:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇلار ھازىرمۇ ھاياتمۇ؟ھەقىقەتەن تەسىرلىككەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8579
يازما سانى: 36
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8506
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 1018 سائەت
تىزىم: 2010-8-31
ئاخىرقى: 2013-6-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 10:34:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ھەقىقەتەن راس بولغان ۋەقە.

تـــۈن - شــامــ

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 643
يازما سانى: 794
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13102
تۆھپە نۇمۇرى: 401
توردا: 2609 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 10:45:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمىدىگەن تەسىرلىك ...............
بىر بىرىنى ياخشى كۆرۈشكەنلەر مۇرادىغا يىتەلمەيدىغان ئوخشايدۇ


تولدى بۈگۈن بارچە دىلغا ئىشقى پىراق ، لىكىن كەمدۇر بىر - بىرىگە مىھرى ۋاپا . تىپىلمايدۇ ھىچ كىشىدىن ئىنساپ بىراق ، تارقالدىغۇ ئەجەپ  بىر خىل نىجىس ۋابا . .....بەھرام

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75511
يازما سانى: 317
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4583
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 807 سائەت
تىزىم: 2012-2-12
ئاخىرقى: 2014-12-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 11:47:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77333
يازما سانى: 106
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3204
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 52 سائەت
تىزىم: 2012-3-12
ئاخىرقى: 2014-1-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 12:35:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ بەك  تەسىرلىك مۇھەببەت ھىكايىسى بولۇپ،خەلقىمىزنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش