زۇلمەت ئىچىدە ئۆتەر مىنىڭ كۈنۈم تۈنۈم
مەنھەم سىزدەك كۆرگۈم كىلۇر ئايقۇياشنى
ھىچ تەغدىردىن ئاغرىنماستىن ياشايمەن ھەم
پەرياد سېلىپ تاشقا ئۇرماڭ ئەزىز باشنى
مىڭلاپ شۇكۇر پۇتۇم قۇلۇم سالامەتتۇر
مەن زارلىسام بۇ ئاللاغا مالامەتتۇر
مىڭلاپ شۈكۈر كۆككە يىتەر بويلارىمىز
ھەركۈن تويغا ئۇلانماقتا تويلارىمىز
تىرىك جاننىڭ رىسقىنى بىرەر قادىر خۇدا
ئەلگە تىچلىق بىرەر دۇئا كويلەرىمىز
مىھنەتلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى ھالاۋەتتۇر
گەر قاخشىساق بۇ خۇداگە ملامەتتۇر
كۆرگەنىمدىن تاپقىنىڭ چىن يارۇ دوسلەر
بىلىنمەيدۇ ماڭا ئۇنچە كەمۇ كۆزلەر
پەرزەنتلىرىم كۈلكىسىنى ھىس قىلساممەن
خاتىرجەممەن كۆرمىسە ھەم مەيلى كۈنلەر
قەلىب بىلەن كۆرمەك ئۈزى كارامەتتۇر
گەر قاخشىساق بۇ خۇداغا مالامەتتۇر
كىملەرگە كەچ كىملەرگە كۈندۈز كەلگەي دەۋران
كىملەرگە دۇر شۇ كۈنلەر ھەم بولغان ئارمان
سىناقلارغا سەۋىر قىلماق قانچە گۈزەل
شۇندا ئۈزى قوللار بىزنى بۈيۈك راخمان
شۈكۈر قىلماق مۆمىنلىكتىن دەلالەتتۇر
گەر قاخشىساق بۇ خۇداغا مالامەتتۇر
تىرىكلىكنىڭ ئۆزى ھەم زور مۇكاپاتتۇر
گەر قاخشىساق بۇ خۇداغا مالامەتتۇر
ئاخىرىنى سەل تۇرۇپ تەرجىمە قىلىۋىتەي. چۈشۈنەلمىدۇق دىگەن دوسلار ئۈچۈن بىلىشىمچە تەرجىمە قىلىپ قويدۇم .دەپ قۇياي مەن كەسپى تەرجىمان ئەمەس. خۇسۇرچىلار ھايھاي ھە!!!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا arslanhan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-24 09:18 PM