نەدىن يۇقتى يامان ئىللەت،
نەگە كەتتى ئېسىل خىسلەت.
بولالمامدۇق بىرلا نىيەت ،
بىز نىمانچە ئەخمەق مىللەت.
ئېسلىۋالدۇق بوتۇلكىغا ،
ئوتنى ياقتۇق ھەم كانايغا.
كىرىۋالدۇق تار يوپكىغا،
بىز نىمانچە ئەخمەق مىللەت.
بىراۋ چىقسا كۆتۈرۈپ باش،
ئارقىدىنلا ئاتىمىز تاش .
ھامان بىر كۈن تۆكىمىز ياش،
بىز نىمانچە ئەخمەق مىللەت.
بۆرە تۇرۇپ ئىتتىن قوقتۇق،
سۆڭەك بەرسە غاجاپ ياتتۇق.
تۆت تەڭگىگە تەننى ساتتۇق،
بىز نىمانچە ئەخمەق مىللەت.
بىزگە ئەمدى كەلدىغۇ كۈز،
ئەللەر ئارا قالمىدى يۈز .
نىشانىمىز بولمىدى تۈز،
بىز نىمانچە ئەخمەق مىللەت.
ئىمانلارغا ئۇرساق خەندان،
مۇسۇلمانلار بولسا چەندان .
ئازدۇرالماس قانخور شەيتان،
بىز نىمانچە ئەخمەق مىللەت.
يول باشچىمىز ئەسلى قۇرئان،
شۇڭا ھايات ئۆتكەن قىران .
بايلىق دېسە ئازدۇق شۇئان،
بىز نىمانچە ئەخمەق مىللەت.
جەننەت دېدۇق بۇ زاماننى ،
ئوقالمىدۇق بەش نامازنى ،
ئۇنۇتتۇق ھەم شۇ دوزاقنى.
بىز نىمانچە ئەخمەق مىللەت.
قېنى ئۇيغۇر كۆزۈڭنى ئاچ،
ئەتراپلارغا نۇرۇڭنى چاچ .
ھاراملاردىن يىراققا قاچ،
بىز نىمانچە ئەخمەق مىللەت.
يۈزۈڭ ئەمەس قېلىن بىرداپ،
ئىلىم ئىزلەپ ھېكمەتلەر تاپ.
توسقانلارنىڭ باشىنى چاپ ،
بىز نىمانچە ئەخمەق مىللەت.
قېنى ئەمدى ئويغان تاۋغاچ ،
ئىمانىڭغا كېيىۋال تاج.
مۇسۇلماندىن ئالمايدۇ باج،
بىز نىمانچە ئەخمەق مىللەت.
باغراش كاككۇكى.....
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-25 02:05 AM