رۇستەم قاراسۇ
ئىجادىيەتلىرى
دەۋىر بىلەن تويلۇقمۇ تەڭ ئۆرلىدى،
توي قىلىشقا پۇل تاپمىسام بولمىدى.
يىللاپ ئىشلەپ تاپقان پۇلۇم يەتمىدى،
توي قىلىشقا پۇل تاپمىسام بولمىدى.
ئاتا ئانام تاپقان بىسات كەملىدى،
ئەللىك مىسقال ئالتۇن ئالماق شەرىت ئىدى.
ئەجداتلاردا بۇ ئۆرىپ ئادەت بارمىدى.
توي قىلىشقا پۇل تاپمىسام بولمىدى.
بايلار ئۈچۈن ئاسان بەكمۇ توي قىلىش،
ئۇنۇڭدىنمۇ ئاساندۇر بەك خەت بىرىش.
بىزدەك يوقسۇل نامراتلاردا قىيلىنىش،
توي قىلىشقا پۇل تاپمىسام بولمىدى.
مۇھاببەتمۇ يالغان بولدى ئەمدى بەس،
پۇل بولمىسا يارىم دىمەك ئىكەن تەس.
\مەندىن مۇھىم بولسا كېرەك پۇل قەغەز،
توي قىلىشقا پۇل تاپمىسام بولمىدى.
ھەممە بىلەر تەڭ ئەمەستۇر بۇ بەش قول،
نامراتلاردا كۆپ ئەمەستۇر بايدەك پۇل.
قىز پەرزەنىتنى شۇ باققانلار دەمدۇ قۇل،
توي قىلىشقا پۇل تاپمىسام بولمىدى.
گەپ سۆز تىپىپ بويتاقلارنى كۆرسەڭلار،
كەينىدىن ھەم غەيۋەت قىلىپ يۆرمەڭلار.
بويتاقلارنى مازەك قىلىپ كۆلمەڭلار،
توي قىلىشقا پۇل تاپمىسام بولمىدى.
پۇلى يوقنى ھۇرۇن دىمەڭ ھەرگىزمۇ،
سىنار شۇنداق نامرات قىلىپ تەغدىرمۇ.
پەرزەنتىڭىز پۇلغا ساتار ئات قويمۇ،
توي قىلىشقا پۇل تاپمىسام بولمىدى.
تويلۇق ئۈچۈن سالماڭ سىلىق زىيادە،
بۇنداق ئادەت بۇرۇن يوقتى بىزلەردە.
مال دۇنيادىن بەخىت كۈتكەن بار نەدە،
توي قىلىشقا پۇل تاپمىسام بولمىدى.
ئەسلى بىلسەك نەقى يوقتى قىزلارنىڭ،
قويدۇققۇ بىز ئورنىغا شۇ تاۋارنىڭ.
ئۇنتۇلدىمۇ ماڭغان يۇلى چوڭلارنىڭ،
توي قىلىشقا پۇل تاپمىسام بولمىدى.
قىز باققانلار نۇرمال سىلىڭ تويلۇقنى،
قوغلاشماڭلار ھەشەمەتنى بايلىقنى.
ساتماڭلار ھەم مال دۇنياغا قىزلارنى،
توي قىلىشقا پۇل تاپمىسام بولمىدى.
تىڭشاپ قۇيۇڭ سۆزلىرىمنى ئادەملەر،
قىينالمىسۇن تويلۇق ئۈچۈن بىزدەكلەر.
تۈرۈلمىسە بولمىدى بۇ بىلەكلەر،
توي قىلىشقا پۇل تاپمىسام بولمىدى.
ناخشا تىكسىتى.
تۇققانلار
نېمە بولغاندۇ تۇققانلار بىزگە،
ئۇچراپ قالدۇقمۇ يا يامان كۆزگە.
كۆندە بىر جىدەل قىلدۇق ئۆز ئارا،
ئەلنىڭ ئالدىدا قالدۇق گەپ سۆزگە.
جىنىم تۇققانلار ئەزىز تۇققانلار،
ياتلاشمايلى بىز قان قېرىنداشلار.
ئاتىمىز كەتكەن ئەپ ئۆتۈڭلار دەپ،
ئانىمىز كەتكەن سەپ تۈزۈڭلار دەپ.
لىكىن تۇققانلار ياتلاشتۇق ھەجەپ،
ئەس يادىمىزدىن چىقتىمۇ شۇ گەپ.
جىنىم تۇققانلار ئەزىز تۇققانلار،
ياتلاشمايلى بىز قان قېرىنداشلار.
ئاي يىللار ئۆتتى بولالماي بىر جەم،
قىلىشىپ كەلدۇق دۆشمەنلەردەك جەڭ.
پىتىشالمايمىز بىز زادى نىچۈن،
چەكسىز بۇ دۇنيا تۇرسا شۇنچە كەڭ.
جىنىم تۇققانلار ئەزىز تۇققانلار،
ياتلاشمايلى بىز قان قېرىنداشلار.
يەتسۇن سىلەرگە مىنڭ بۇ نالەم،
ياتلاشمايلى بىز تۆت كۈنلۈك ئالەم.
بۇ بېشىمىزغا كەلگىچە ماتەم،
ئىزدىشىپ ئۆتسەك تۇققانلار ھەر دەم.
جىنىم تۇققانلار ئەزىز تۇققانلار،
ياتلاشمايلى بىز قان قېرىنداشلار.
يالغۇز قالمىسۇن ئاتا ئانىلار.
ماغدۇردىن قالدى پەرزەنىت دەردىدە،
ھەم ئۆمرى ئۆتتى ئاشۇ كەپىدە.
شۇڭا پەرزەنتلەر يەتسەك قەدرىگە،
يالغۇز قالمىسۇن ئاتا ئانىلار.
كېچىنى ئۇلاپ نەچچە تاڭلارغا،
بىقىپ چوڭ قىلىپ قاتتى قاتارغا.
پەرزەنىت يوق ئۆيلەر ئوخشار مازارغا،
يالغۇز قالمىسۇن ئاتا ئانىلار.
بىر ئۆمۈر خىزمەت قىلساقمۇ سەن بىز،
قايتۇرالمايمىز قەرزىنى ھەرگىز.
كۆپ ئەجىر قىلدى بىزگە مىننەتسىز،
يالغۇز قالمىسۇن ئاتا ئانىلار.
يالغۇزلۇق ئازاپ قىرىلق يامان،
موھتاجدۇر ئۇلار بىزگە ھەر قاچان.
رەڭگى رويىنى قىلمايلى سامان،
يالغۇز قالمىسۇن ئاتا ئانىلار.
قالدۇرساق يالغۇز بۆگۈن ئۇلارنى،
ياندۇرار پەرزەنىت بىزگىمۇشۇنى.
يۇيماق بەكمۇ تەس بۇنداق گۇناھنى،
يالغۇز قالمىسۇن ئاتا ئانىلار.
ئۇنتۇلمىسۇن تۇققانلار پەتە
دىيەلمەيمىز مەن بار دەپ ئەتە،
ئەجەل دىگەن بەرمەيدۇ شەپە.
بولايلى بىز مەيلى نەلەردە،
ئۇنتۇلمىسۇن تۇققانلار پەتە.
غەنيىمەتتۇر بۈگۈن بىزلەرگە،
ئىزلەپ بىرىپ ھەتتا كەپىگە.
يوقلىشايلى قويماي ئەتىگە،
ئۇنتۇلمىسۇن تۇققانلار پەتە.
يالغۇزلۇقتا قالمىسۇن تۇققان،
گەر بولسىمۇ سەھرادا دىھقان.
بوپ كەتسەكمۇ تۇنۇلۇپ چولپان،
ئۇنتۇلمىسۇن تۇققانلار پەتە.
توققۇز ئاي بىر قورساقتا ياتقان،
قىنىمىز بىر تۇمۇردا ئاققان.
ئەجداتلاردىن ئۆرىپ ئادەت قالغان،
ئۇنتۇلمىسۇن تۇققانلار پەتە.
ئىجىل ئىناق ئۆتسەك قوشنىلار
ھەۋەس قىلار بىزگە باشقىلار،
ئىجىل ئىناق ئۆتسەك قوشنىلار.
ئەلمۇ بىزنى دەيدۇ ياخشىلار،
ئىجىل ئىناق ئۆتسەك قوشنىلار.
ياخشى قوشنا تۇققاندىن ئەلا،
دەپ ئىيىتقانكەن بورۇن بىر دانا.
كۈڭۈللەرنى قىلىشماي يارا،
ئىجىل ئىناق ئۆتسەك قوشنىلار.
ئارىمىزغا كىرەلمەس شەيتان،
ئىتتىپاقلىق بولسىلا قالقان.
ئىشەنمەستىن سۆزلەرگە يالغان،
ئىجىل ئىناق ئۆتسەك قوشنىلار.
بەربات قىلىپ دۆشمەن قەستىنى،
ھەمرا قىلساق بىرگە كۈلكىنى.
ئادا قىلىپ قوشنا قەرزىنى،
ئىجىل ئىناق ئۆتسەك قوشنىلار.
ياخشى ياشا قالغان ئۆمرۈڭدە
ئۆكۈنمىگىن كەتكەن ئۆمرۈڭگە،
ياخشى ياشا قالغان ئۆمرۈڭدە.
ئۆكۈنسەڭمۇ يانماس كەينىگە،
ياخشى ياشا قالغان ئۆمرۈڭدە.
كەتكەن بولسا شۇ ئۆمرۈڭ زايە،
سەن بىز ئاجىز بەندە يوق چارە.
يۈرۈكۈڭنى قىلغىچە پارە،
ياخشى ياشا قالغان ئۆمرۈڭدە.
ئۆكۈنمەسكە يەنە قايتا رەت،
ياخشى يامان يولنى بىلىپ يەت.
ساۋاقلاردىن ئىلىپ سەن ئىبرەت،
ياخشى ياشا قالغغان ئۆمرۈڭدە.
ئازمايدىغان ئىنسان يوق بەلكىم،
ھاياتلىقتا ئازمىغان بار كىم؟
ئاقىل بولساڭ ئاڭلىغىن ھەر كىم،
ياخشى ياشا قالغان ئۆمرڭىدە.
تەلۋە ئاشىقلار ئۆچۈن
مۇھاببەتكە ئالساڭ سەن قەدەم،
چاغلىشىپ ئال ئۈزۈڭگە ئادەم.
مۇھاببەتنىڭ دەردى بار كىيىن،
يىغلاپ يۈرمە ئىست دەپ ھەردەم.
مۇھاببەتنىڭ ھەر خىل يۇلى بار،
گاھى سىنى قىلىپ قۇيار خار.
سۆيسەڭ ئەگەر بىلمەي ناداننى،
پۇشايماندا يىغلايسەن زار زار.
مۇھاببەتتە خۇشاللىقمۇ بار،
مۇھاببەتتە ئازاپ دەرىتمۇ بار.
ئاگاھ بولغىن ئۈجمە كۈڭۈلدىن،
ۋاپاسىزلار ئالداشقا تەييار.
قەدەم ئالساڭ تەۋەككۇل قىلىپ،
گۈلدىن بىرگە قالغاندا كۈيۈپ.
ئۆزگە گۈلگە قىلما سەن ھەۋەس،
مەڭگۈ ئۆتكىن شۇ گۈلنى سۈيۈپ.
مۇھاببەتتىن كۈتمە پايدا نەپ،
يالغان كۈيدۈم يالغان سۆيدۈم دەپ.
ۋىجدان بىلەن سۆيگىن سۈيۈلگىن،
بىر ئۈمۈرلىك بەختىڭنى كۆزلەپ.
ئاشىقلىق
ياشاپتىمەن يىگىرمە بەش يىل،
ئۈتۈپتۇ تىز ھەجەپ بۇ ئۈمرۈم.
كۈرۈپتىمەن قىسمەتنى ھەر خىل،
سوقتى بىردىن باشقىچە يۈركۈم.
كۈيۈپ قالدىم گۈلدىن بىرىگە،
كۈڭلۈم تارتىپ تۇرار ھەر كۈنى.
كۈرگۈم كىلەر شۇ گۈلنى كۈندە،
ئەمدى بىلدىم سۈيگۈ سىرىنى.
بولسا كېرەك ئاشىقلىق شۇندا،
ئوخلالمايمەن تولغۇنۇپ ھەر تۈن.
شىرىن چۆشلەر كۈرىمەن ئوڭدا،
ئوخلىماستىن تۇرسىمۇ شۇ كۈن.
مۇھاببەتنى بىلمەيتىم ئەسلا،
غەمسىز ئۆتكەن كۈنلىرىم بۇرۇن.
بىلىپ يەتتىم كىرىپ بۇ ياشقا،
ئويلاندىم ھەم جاۋاپنى ئۇزۇن.
مۇھاببەتكە تاپتىم مەن جاۋاپ،
مۇھاببەتكەن ئاشىقلىق دىگەن.
شۇ گۈل ماڭا تۇتسىكەن شاراپ،
بەرپا قىلساق ئىككىمىز چىمەن.
يالغانچىنڭ يارى بولمايدۇ
يالغانچىلار راس گەپ قىلمايدۇ،
چىن سۈيگۈنى ئەسلا بىلمەيدۇ.
ۋەدە قەسەم ئۇلارغا شاراپ،
يالغانچىنىڭ يارى بولمايدۇ.
كۆيدۈم دىيىش ئۇلارغا ئاسان،
دىيەلەيدۇ خالىسا قاچان.
لىكىن دىمەس چىن دىلدىن ھامان،
يالغانچىنىڭ يارى بولمايدۇ.
ئىشەنگەنلەر شۇلار سۆزىگە،
قالار بىركۈن سۈيگۈ دەردىگە.
يەتسۇن سۈزۈم ھەر بىر يۈرەككە،
يالغانچىنىڭ يارى بولمايدۇ.
ئويلاپ قوي
يەنە سىنى ئويلاپ قالدىمغۇ،
ئويلىماي دەپ نىيەت قىلساممۇ.
چۆشلىرىڭگە كىرىپ قالمامدىم،
دەتلىرىڭدە ئازاپ چەكسەممۇ.
ۋاپاسىزلىق قىلساڭمۇ ماڭا،
قوزغالمىدى نەپرىتىم ساڭا.
ۋاپاسىز دەپ يۈرسەممۇ ئۈزۈم،
ئۇنتالمىدىم كۆيگەچكە ساڭا.
مەن كۈتەرمەن تەلمۈرگەن پىتى،
ئەسلەش بىلەن سىنى ھەر كۈنى.
ئۇنتالمىدىم ئۇنتاي دەپمۇ مەن،
ئويلاپ قويغىن سەنمۇ يار مىنى.
كۈتۈش
ئۇزاق كۈتتۈم كۈتەرمەن يەنە،
ئۆتسە بىر كۈن كىلەر دەپ ئەتە.
كەلمىسەڭمۇ مەيلى بىر ئۈمۈر،
مەن كۈتەرمەن ۋەدەمدۇر ۋەدە.
يىللاپ كۈتتۈم يولۇڭغا قاراپ،
كاككۇك كەبى ئىشقىڭدا سايراپ.
كەلسەڭ ئەگەر مەندەك بەخىتلىك،
دۇنيادا يوق قالمايدۇ ئازاپ.
كۈتۈش ئۆچۈن سەۋرىم يەتكىچە،
ۋاس كەچمەيمەن تاكى ئۆلگىچە.
يالغۇزلۇققا قىلمايمەن پىسەنىت،
چۆشلىرىمگە كىرسەڭلا كىچە.
مۇھاببىتىم مەڭگۈلۈك ساڭا،
نەدە بولساڭ يەتسۇن بۇ نېدا.
بىر سەن ئۆچۈن كۈيگەن يۈرەك بۇ،
كۈيەلمەيدۇ ئۆزگىگە قايتا.
قېرىنداشلارنىڭ توغرا چۆشنىشنى ئۈمۈت قىلمەن
بۇ شېئرلارنىڭ بەزىسى بۇرۇن مۇنبەرگە يوللانغان
مەخسەت بىر توپلام كىلىش ئۆچۈن يوللۇدۇم
توغرا چۆشنىشڭىلارنى ئۈمۈت قىلمەن .
قىممەتلىك تەكلىپ پىكىر بەرگەيسىلەر.
رۇستەم قاراسۇ ...ئاتۇش
<<2.توپلام>>
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا rustorahbar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-24 06:50 PM