مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1245|ئىنكاس: 12

بابارەھىم مەشرەپ تەرجىمھالى ۋە شېئىرلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77803
يازما سانى: 56
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 134
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 52 سائەت
تىزىم: 2012-3-23
ئاخىرقى: 2012-10-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 01:58:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىلاۋە: بۇ شېئىرلار ئۇنىڭ «شىنجاڭ خەلق نەشرىيات»2001-يىل 1-ئايدا نەشىر قىلغان« مەشرەپ شېئىرلىرىدىن تاللانما» دىن ئېلىندى...  

  



تەرجىمھالى:


خەلىقىمزنىڭ ئەسرلەردىن بۇيان چوڭقۇر ھۆرمەت ۋە مۇھەببەت تۇيغۇسى بىلەن ياد ئېتىپ كېلىۋاتقان يېتۈك مۇتەپەككۇر شائىر، ئاتەش نەپەس غەزەلخان بابارەھىم مەشرەپ(شاھ مەشرەپ) ئۆزبېك، ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدا بارلىققا كەلگەن بۈيۈك نامايەندە. ئۇ ئۆزىنىڭ سۇنماس ھاياتى ئېتىقادى، يىمىرىلمەس ئىسىيانكارلىق روھى ۋە ئاجايىپ يۈكسەك بەدىئىي كامالىتى بىلەن ئۆزبېك، ئۇيغۇر تەسەۋۋۇپ شېئىرىيىتىنىڭ گۈللەنگەن بىر دەۋرىنى ياراتقان.

بابارەھىم مەشرەپ 1653-يىلى پەرغانە ۋادىسىدىكى نامانگان شەھرىنىڭ ئەندىجان يېزىسىدا بىر ھۈنەرۋەن ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ 12 يېشىغىچە ئۆز يېزىسىدىكى موللىلاردىن، 18 يېشىغىچە نەمەنگاندىكى ئۆلىمالاردىن  تەلىم ئېلىپ ئەرەب ۋە پارس تىللىرىنى پىششىق ئۈگەنگەن. بابارەھىم مەشرەپ 1672-يىلى ئادالەت ۋە مەرىپەت ئىزدەپ ئۆز دەۋرىنىڭ ئىلىم-مەرىپەت مەركەزلىرىنىڭ بىرى بولغان قەشقەرگە كېلىپ 18 يىل ئىشلەپ ۋە ئىلىم تەھسىل قىلىپ، 37 ياشقا كەلگەندە ئۆزىنىڭ 20يىللىق سەيياھلىق ۋە سەرگەردانلىق ھاياتىنى باشلىغان، بۇ جەرياندا تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىدىكى بىر مۇنچە شەھەر ۋە يۇرتلارنى كېزىپ، ماۋەرائۇننەھر ۋە خۇراسان قاتارلىق ئۆلكە، رايۇنلارنى ئايلىنىپ، ئەمگەكچى خەلىقنىڭ ئازاب-ئۇقۇبەتلىك ھاياتىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ، جاھالەت ۋە تەڭسىزلىك بىلەن تولغان زۇلمەتلىك دۇنيانىڭ ماھىيىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەنگەن. ئۇزىنىڭ ئەقىدە ئېتىقادىدا چىڭ تۇرۇپ، جاھالەت ۋە ئادالەتسىزلىكنى شەپقەتسىز پاش قىلغىنى ئۈچۈن بەلخ ھاكىمى ماھمۇدخان تەرىپىدىن 1711-يىلى دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرۈلگەن.

بابارەھىم مەشرەپ ئىنسان ۋە ئۇنىڭ تەقدىرى ئۈستىدە بىر ئۆمۈر ئازابلىق ئىزدىنىپ ئۆتكەن ئەلەملىك شائىر. ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ ئۇلۇغ نەرسە ئىلاھى ئىشىق بىلەن ئىنسانى مۇھەببەت. ئەڭ مۇقەددەس نەرسە ئازاب-ئۇقۇبەتتتىن قەلبى مۇجۇلغان جاپاكەش خەلىقنىڭ ئەلەملىك مۇڭ زارى. بۇ نەرسىلەر بابارھىم مەشرەپنىڭ ھايات ۋە ئەخلاقى قاراشلىرىنىڭ جەۋھىرى، ئۇنىڭ بەدىئىي ئىجادىي ئىزدىنىشىنىڭ يۈكسەك پەللىسدۇر. شۇڭا مەشرەپ شېئىريىتىدە ئادالەت ۋە ھەققانىيەت بىلەن پاكلىق ۋە ھالاللىق چەكسىز مۇھەببەت بىلەن كۈيلىنىدۇ. قەلبى گۈزەللىك ۋە ئىزگۈلىك بىلەن نۇرلانغان ئالىيجاناپ ئادەم ئەخلاقى يۈكسەكلىكنىڭ يارقىن تىپى سۈپىتىدە مەدھىيلىنىدۇ. ئىنسان ۋە ئۇنىڭ ئەبەدىيلىككە ئىگە بولغان ھاياتىي غايىلىرى ئۇلۇغلىنىدۇ. زۇلۇم ۋە زوراۋانلىق بىلەن ھاياتىي رەزىللىك ۋە مەنىۋى پەسكەشلىك ئوتلۇق نەپرەت بىلەن قارىلىنىدۇ.

مەشرەپ شېئىرلىرى مەردانلىق، ئىىسىيان، ساداقەت ۋە ئىنسانى غورۇر تۇيغۇلىرىغا تولۇپ تاشقان بولۇپ، كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالىدۇ. ئۇلاردا ئەكىس ئەتكەن كەڭ ۋە چوڭقۇر ھاياتىي مەزمۇن، رەڭدار ۋە جىلۋىگەر ئىجادىي سەنئەت، چوڭقۇر ۋە مۇرەككەپلىكىدە تەڭدىشى بولمىغان قاتلاملىق شېئىرىي تەپەككۇرى ۋە پايانى بولمىغان بەدىئىي تەسەۋۋۇر كەڭلىكى كىتابخاننى ھەيران قالدۇرىدۇ.

شۇنى ئەستىن چىقارماسلىق كېرەككى، مەشرەپ شېئىرلىرى ئكزى مەيدانغا كەلگەن ماكان ۋە زامان تەقەززاسى بىلەن قىسمەن نوقسانلاردىنمۇ خالىي ئەمەس. بۈگۈنكى دەۋرىمىزدە ئۇنداق تەرەپلەرگە تەنقىدىي مۇئامىلىدە بولۇشىمىزغا، ئۇنى توغرا تۇنۇشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.




غەزەللەر

* * *

ھەر كىشىنىڭ دەردى بولسە يىغلاسۇن يار ئالدىدا،
قالماسۇن ئەرمان يۈرەكدە ئەتسۈن ئىزھار ئالدىدا.  


ئەندەلىې بىنەۋادەك نالەۋۇ ئەفغان ئىلە،
ئايلانىپ سايراپ يۈرۈرمەن ئەينى گۈلزار ئالدىدا.  

  
مەنسۇرى ھەللاجدەك ئىچىپ شەرابى ئەنتەھۇر،
چەرخ ئۇرۇپ يىغلاپ تۇرۇرمەن ئۇشبۇ دەم دار ئالدىدا.  

  
ھەر كىشى بىر جۇرئەئى نۇش ئەيلەسە بۇ بادەدىن،
ئول قىيامەتدە قىلۇر ئەرزىنى جەببار ئالدىدا.  


تەلبە مەشرەپ، قىلماغىل سىررىڭنى زاھىدغە ئەيان، مەنبە : يانغىن
ئايتىپ-ئايتىپ يىغلايسەن ئاشىقى زار ئالدىدا.

Vafosizda hayo yo‘q, hayosizda vafo yo‘q.ۋاپاسىزدا ھايا يوق،ھاياسىزدا ۋاپا يوق

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36500
يازما سانى: 1230
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 896
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 882 سائەت
تىزىم: 2011-4-5
ئاخىرقى: 2015-2-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 03:19:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شا مەشرەپ ئەۋلىيا دىگەن مۇشۇ كىشى شۇمۇ؟

يەنە ئازراق سەۋىر قىلىشنى ئۆگەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36500
يازما سانى: 1230
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 896
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 882 سائەت
تىزىم: 2011-4-5
ئاخىرقى: 2015-2-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 03:19:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شا مەشرەپ ئەۋلىيا دىگەن مۇشۇ كىشى شۇمۇ؟

يەنە ئازراق سەۋىر قىلىشنى ئۆگەن!

دىللار پەقەت ئال

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30340
يازما سانى: 1933
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11534
تۆھپە نۇمۇرى: 3275
توردا: 8639 سائەت
تىزىم: 2011-2-14
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 03:24:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


2-كەلدىم


مەن  ئەردىن  بۇلبۇل  گويا پىغان بىرلەر  چىمەن  كەلدىم
يۇرەكتە دەردى  داغ  گۇل  ئۇزار ياسىمەن  كەلدىم،
مىنڭ  ئاشىپۇ  كۆڭلۇم غۇنچەدەك  ھەرگىز ئىچىلمايدۇ.
يۇرەكىتىن  غەم  كىتەر  دەپ  كاشغەر  ھەم  خوتەن  كەلدىم،

پەيغەمبەر  ئۇممىتمىز  چاھاريارنىڭ  دوستدورمىز.
زىيارەت  ئەيلمەككە  ھەزىرەت   ۋە ياسىن   قۇرئان  كەلدىم،
بۇ مەشىرەپ سۆزىنى دۇردانە  قىممەت  باھا  دەرلەر،
جەمى  خەلق  ئارا  سۆز  بابىدا سۇخەن  ساھىب.سۇخەن  كەلدىم.

مەنبە؛شاھى  مەشىرەپ  كىتابلىرىدىن    تەرجىمە قىلپ ئىلندى،


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   gulbar5 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-24 03:25 PM  


ئۈلۇمدىن قورۇقمايمەن .ئەمما.گورۇمدە يالغۇزلۇقتىن قاراڭغۇلىقتىن گۇرنىڭ ئازاۋېدىن قورقىمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78828
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3230
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 44 سائەت
تىزىم: 2012-4-14
ئاخىرقى: 2014-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 04:05:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاھ!دىدىم ئۇستاز سېغىنىپ سىنى مەن بۈگۈن،
يازاي دىدىم بىر مىسرا،يازالمىدىم يۈرەكتە  تۈگۈن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2975
يازما سانى: 329
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12386
تۆھپە نۇمۇرى: 367
توردا: 1923 سائەت
تىزىم: 2010-6-24
ئاخىرقى: 2014-1-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 04:55:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بەك تولا ئاڭلىغان ئىدىم بۇ مەشرەپ توغورلوق ،بىلىدىغانلار بۇ توغورلوق جىقراق ئۇچۇر قالدۇرۇپ قويساڭلار ...

سىناپ باقماسلىقنىڭ ئۆزى ئەڭ چوڭ مەغلۇبىيەت...
ياشىساڭ ئۆز ئەقىدەڭ يولىدا جان بىرەلىگۈدەك ياشا...
ئۈمىدسىزلىك ئىمانسىزلىق.
ئۈمىدنىڭ تومورى ئۈزۈلسە ھاياتلىقنىڭ ئۇمۇرتقىسى سۇنىدۇ...

كۆرەش كەلگۈسى ئۈچۈندۇر،

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17073
يازما سانى: 1364
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3491
تۆھپە نۇمۇرى: 297
توردا: 2003 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 05:08:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ كىشىنىڭ  ئەسەرلىرىنى  تاپماق  تەس  ھازىر ..

ئنسان ئۆزئۆمرىدىن ئۈكۈنمەيدىغان بولسۇن            ،ئىمان بىلەن ھايادىن ئايرىلغان ۋاقتىڭ تىرىك  تۇرۇپ ئۆلگەن ۋاقتىڭدۇر،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35342
يازما سانى: 214
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 13724
تۆھپە نۇمۇرى: 959
توردا: 2040 سائەت
تىزىم: 2011-3-26
ئاخىرقى: 2013-12-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 06:17:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شاھ مەشرەپ ھەققىدە ھىكايە دەپ بىر پوۋسىت بولىدىغان.

‹روھىنى پاكلىغان ئادەم چوقۇم مۇرادىغا يىتىدۇ ›___   سۈرە شەمسى 9_ئايەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9202
يازما سانى: 135
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 12530
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 97 سائەت
تىزىم: 2010-9-5
ئاخىرقى: 2014-11-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 06:38:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىمكان بولسا بارلىق شېئىرلىرىنى كۆرەلىگەن بولساق ھە ؟ بۇلۇپمۇ ھەق رۇسۇل مىراجىغا چىققاندا مەن بىللە ئىدىم دىگەن مىسرالىرى بار شېئىرىنى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76572
يازما سانى: 100
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3277
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 67 سائەت
تىزىم: 2012-2-26
ئاخىرقى: 2013-8-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 07:27:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
、ئاپاق خوجادىگەن موناپىق دارغائاستۇرغانغۇدەيمەن بۇكىشىنى   

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش