بولدۇم
مۇھەببەت دەپ پىراقىڭدا كېچە -كۈندۈز زار بولدۇم،
ئېرشىش ئۈچۈن ساڭا ئەي يار ئالدىڭدا كۆپ خار بولدۇم.
ئاي يۇلتۇزسىز زۇلمەت كېچە ئىشىكىڭنى ئايلىنىپ،
تاڭ ئاتقۇچە"شام"كۆتۈرۈپ سېنىڭ ئۈچۈن ئاي بولدۇم.
ھومايساڭمۇ ،تىللىساڭمۇ،ھەتتا تاياق بەرسەڭمۇ ،
تىللىغىنى كۆيگىنى،ئۇرغىنىدۇر سۆيگىنى دەپ خوش بولدۇم.
قول يەتمىگەن" توڭ "مىۋە شۇنچە تاتلىق بولغىندەك،
يېتىش ئۈچۈن ۋىسالغا ھارماس ئاساۋ تاي بولدۇم.
خەت خەۋىرىڭ بولمىسا گەر يوقاپ كەتتىم جاھاندىن،
كېلىپ قالسا يار خەۋىرىڭ خۇشاللىقتا سار بولدۇم.
كەيپىياتىم بولغاچقا ھەر قەدەمدە تۇراقسىز ،
دوستلىرىمنىڭ ئالدىدا كېرەكسىز بىر"لاي"بولدۇم.
خەيىر ماڭا ئەزەلدىن نىسىپ بولماس مۇھەببەت،
قىينىغاچقا ئازابىڭ يۈرىكىمدىن ئۆچ بولدۇم.
2012-يىلى3-ئاينىڭ27-كۈنى.
كۆز
كۆرۈپ تۇرغاچ جاھاندا ئاق-قارىنى بىر جۈپ كۆز،
ياخشىغا ئىللىق يامانغا قارار قاپاق تۈرۈپ كۆز.
"كۆز كۆڭۈلنىڭ ئەينىكى"ئەلمىساقتىن دەپ كەلگەن،
سىرلىرىڭنى ئېغىزدىن دەپ قويىدۇ بۇرۇن كۆز.
"كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ "ئەزەلدىن ،
كۆرمىگەننى كۆرۈشكە قىزىقىدۇ قارا كۆز.
كۆرۈپ قالغاچ بەزىدە كۆرمەيدىغان نەرسىنى،
شۇ سەۋەپتىن يۈرەكنى قىلىپ قويار يارا كۆز.
چىدىيالماي كۆرگەن ناھەقچىلىك ،ئازاپقا،
بىلىپ بىلمەي ئۆزىمۇ ياشلار تۆكۈپ قويار كۆز.
ئۆزلىرىڭنى بىكاغا ياشلاپ كەتمە سەن ھەرگىز ،
ئەسكى ئىشنى قىلغانلار ھامان بىر كۈن تويار ......كۆز.
2012-يىلى4-ئاينىڭ23-كۈنى.
ئا.ئابلىز (ئۇچارى)
مەنبە___ ئۆز ئىجادىيتىم.