مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1690|ئىنكاس: 64

پىكىر ئەركىنلىكىنىڭ ئىسلام مەدەنىيىتىدە تۇتقان ئورنى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78398
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 171
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 21 سائەت
تىزىم: 2012-4-5
ئاخىرقى: 2012-5-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 01:36:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

پىكىر ئەركىنلىكىنىڭ ئىسلام مەدەنىيىتىدە تۇتقان ئورنى




ئىسلام مەدىنىيتى سايىسىدىكى پىكىر ئەركىنلىكى دېگىنىمىزدە، ھەر بىر شەخىسنىڭ مەيلى ئومومنىڭ ئىشىدا بولسۇن ۋەياكى خۇسۇسى ئىشلاردا بولسۇن ئۆزى توغرا دەپ قارىغان قاراشنى ئىختىيار قىلىپ تاللىشى، تاللىغان قارىشىنى ئوتتۇرغا قويۇشى ۋە ئۇنى باشقىلارغىمۇ ئاڭلىتىش ھوقۇقىغا ئېگە بولىشى دېگەنلىك مەقسەت قىلىنغان بولۇپ، ئەمەلىيەتتە بۇ خىل ھوقۇق ناۋادا باشقىلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلىشقا ئىلىپ بارمىسىلا، ھەر بىر شەخسنىڭ ئۆز پىكىرى ۋە تۇيغۇلىرىنى ئۆز ئىختىيارىچە بىمالال ئىپادىلىشى شەخستە بولۇشقا تېگىشلىك ئىنسانى ھەق- ھوقۇق بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.


پىكىر ئەركىنلىكى ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ ھوقۇقىدۇر.


پىكىر ئەركىنلىكى بىر مۇسۇلمان ئۈچۈن ئىلىپ ئىيتقاندا، ئىسلام مەدەنىيىتىدە كاپالەتلەنگەن ۋە مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن ھوقۇقى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ، چۈنكى ئىسلام شەرىئىتى ھەر بىر مۇسۇلمان ئۈچۈن بۇ خىل ھوقۇقنى بېكىتىپ بەرگەن بولۇپ، ئىسلام شەرىئىتى شەخس ئۈچۈن قانداقلا بىر ھەقنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن بولسا ھەر كىمنىڭ ئۇ ھوقوقنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ياكى خىلاپلىق قىلىش ۋە ياكى ئىنكار قىلش ھوقۇقى بولمايدۇ.

شۇنداقلا پىكىر ئەركىنلىكى ئىسلام شەرىئىتىدە ھەر بىر مۇسۇلمان ئۈستىگە ۋاجىپتۇر. چۈنكى ئاللاھ تائالا مۇسۇلمانلارغا ئۆز ئارا نەسىھەت قىلىش ۋە ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسۇشنى مەجبۇرىيەت قىلىپ بىكىتكەن، شۇنداق ئىكەن مۇسۇلمانلار پىكىر ئەركىنلىكىدىن ئىبارەت بۇ ھوقۇقتىن بەھىرلىنەلمىگەن ئەھۋالدا، ئاللاھ بۇيرۇغان يۇقىرىقى مەجبۇرىيەتلەرنى ئورۇنداش ئىمكانىيتىگە ئىگە بولالمايدۇ، دېمەك بۇ نۇقتىدىن پىكىر ئەركىنلىكىدىن ئىبارەت بۇ ئەمەلنىڭ، يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتۈلگەن مەجبۇرىيەتلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ۋاستىسى ئىكەنلىكى ئېنىق بولۇپ، شەرئى قائىدىدە كەلگىنىدەك: «ۋاجىپ ئەمەلنى ئورۇنداش ئۈچۈن كېتەرلىك ۋاستىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشمۇ ئوخشاشلا ۋاجىپتۇر».

ئىسلام دىنى دۇنيالىققا ئائىت بولغان ئومۇمىيلىق ۋە ئىجتىمائىيلىققا ئوخشىغان ھەرقانداق ئىشلاردا پىكىر ئەركىنلىكى بولۇشىنى يولغا قويغان بولۇپ، بىز تەكىتلىمەكچى بولغان بۈ چۈشەنچىلەر، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەھزاب ئۇرۇشى بولۇۋاتقان كۈندە، غەتەفان قەبىلىسى بىلەن ئۇلارنىڭ مۇشرىكلار بىلەن قىلغان ئىتتىپاقداشلىقىدىن ۋاز كىچىشلىرى ئۈچۈن مەدىنە خورمىلىرىنىڭ ئۈچتىن بىرىنى بۆلۈپ بىرىش خۇسۇسىدا سۈلھى تۈزۈش توغرۇلۇق سەئد ئىبن مۇئاز ۋە سەئد ئىبن ئۇبادەلەر بىلەن مەسلىھەت قىلغان ۋاقتىدىكى جەريانلاردا ئەمىلى ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان.

ئەبۇھۆرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە ئۇ مۇنداق دەيدۇ: غەتافانلىق ھارىس پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۇزۇرىغا كىلىپ: ئى مۇھەممەد، بىزگە مەدىنە خورمىلىرىنىڭ يىرىمنى بۆلۈپ بەرسەڭ-دىگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «سەئدىلىكلەر بىلەن مەسلىھەت قىلىپ كۆرەي» دېدى ۋە سەئد ئىبن مۇئاز، سەئد ئىبن ئۇبادە، سەئد ئىن رەبىيئ، سەئد ئىبن خەيسەمە ۋە سەئد ئىبن مەسئۇد قاتارلىقلارنى چاقىرتىپ كىلىپ ئۇلارغا :« كۆرۈپ تۇرغىنىڭلاردەك پۈتۈن ئەرەبلەر بىر يەڭدىن قول چىقىرىپ سىلەرگە ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇش ئاچتى، ھارىس سىلەردىن مەدىنە خورمىلىرىنىڭ يىرىمنى بۆلۈپ بېرىشىڭلارنى سوراۋاتىدۇ، ناۋادا سىلەر بۇيىل بىرىپ تۇرۇشقا ماقۇل بولۇپ ئۇلارنى ئۇرۇشتىن چېكىندۈرۈپ تۇرساڭلار، كېيىنچىرەك قايتا قاراپ بىر ئىش قىلساڭلارمۇ بولىدۇ» دېدى، ئۇلار ئېيتتىكى، ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى، ناۋادا ئېيتقانلىرى ئاسماندىن كەلگەن ۋەھىي بولغىنىدا، بىز ئاللاھنىڭ ئەمرىگە شەكسىز بويسۇنىمىز، ئەگەر ئېيتقانلىرى سىلىنىڭ ئۆز پىكىرلىرى ياكى كۆڭۈللىرىگە كەچكىنى بولسا، بىز سىلىنىڭ ئويلىغانلىرىغا ۋە پىكىرلىرىگە قوشۇلىمىز، ناۋادا سىلى بۇئىشنى بىزنىڭ مەيلىمىزگە قويۇپ بىرىپ قالسىلا، ئاللاھ گۇۋاھ بولسۇنكى، بىز ۋە ئۇلار ئىسلام كېلىشتىن ئاۋۋال ئوخشاش شېرىك ئەقىدىدە بىرگە ياشىغان، ئۇلار بىزدىن ئىلىم-سېتىم قىلماستىن بىر تال خورمىنى ئالىمەن دەپ خام-خىيال ئەيلىمىسۇن.[1]


ئۆز-ئارا نەسىھەت قىلىش ۋە ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسۇش ۋاجىپتۇر


ئۆز ئارا نەسىھەت قىلىش ۋە ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسۇش خۇسۇسىدا قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىسلەردە تۆۋەندىكىدەك ئىبارىلەر كەلگەن: «مۆمىن ئەرلەر ۋە مۆمىن ئاياللار بىر ـ بىرى بىلەن دوستتۇر، ئۇلار (كىشىلەرنى) ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، يامان ئىشلاردىن توسىدۇ »[2] «دىن دېگەن ئاللاھ ئۈچۈن، ئاللاھنىڭ كىتابى ئۈچۈن، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئۈچۈن، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىماملىرى، باشلىقلىرى ئۈچۈن ۋە ئومومىيۈزلۈك مۇسۇلمانلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن نەسىھەت قىلىشتۇر »[3]

ئىمام نەۋەۋىي يۇقىرىقى ھەدىسنىڭ شەرھىسىدە مۇنداق دەيدۇ: «ھەدىستىكى "دىن دېگەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئىماملىرى ئۈچۈن نەسىھەتتۇر" دېگەنلىك ئۇلارنىڭ ھەقىقەت يولىدا ئۆز ئارا بىرى-بىرىگە ياردەملىشىشى، دىن يولىدا ئىتائەتمەن بولىشى، ئۆز ئارا ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسۇشى، بىر-بىرىگە چىرايلىقچە نەسىھەت قىلىشى ۋە ئۆز ئارا بىر-بىرىنىڭ دىققەت قىلىنماي قالغان تەرەپلىرىنى مۇسۇلمانلارنىڭ ھەق- ھوقۇقىغا دەخلى- تەرز قىلمىغان ئاساستا كۆرسىتىپ قويۇشى لازىم ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ»

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دەيدۇ: « بىر ئادەمنىڭ ئۆزى بىلگەن ھەقىقەتنى سۆزلىشىگە، ئىنسانلارنىڭ ھەيۋىسى توسالغۇ بولۇپ قالمىسۇن»[4] «جىھادنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى زالىم پادىشاھنىڭ ئالدىدا ھەق گەپنى قىلىشتۇر»[5]

دېمەك ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسۇشنىڭ ۋاجىپ ئەمەل قىلىپ بېكىتىلىشى، مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرغا قويۇش ئەركىنلىكىدىن بەھرىمەن بولىشىنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

شۇنداقلا ئاللاھ تائالانىڭ مۇسۇلمانلارغا ئۇشبۇ مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىشقا بۇيرىغانلىقىنىڭ ئۆزى، ئەمەلىيەتتە ئۇلارغا ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى ياخشى دەپ قارىغان ياكى يامان دەپ قارىغان ۋەياكى بىر-بىرىنى ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسىغان ئەھۋاللاردا ئۆز قارىشىنى دادىل ئوتتۇرغا قويۇش ھوقوقىنى بەرگەنلىكى بولۇپ، بۇ خۇددى مۇسۇلمانلارغا رەھبەر بولغان كىشلەرنىڭمۇ ئۆز ئارا كېڭەش ئىلىپ بىرىشنىڭ ۋاجىپ قىلىنىشى، ئاشۇ رەھبەرلەرگە مەسلىھەتچى بولغانلارنىڭمۇ ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرغا قويۇش ھوقۇقىنىڭ بولىشىنى كەلتۇرۇپ چىقارغىنىغا ئوخشايدۇ.

پۈتۈن ئىسلام تارىخى مابەينىدە ھەقىقەتەنمۇ پىكىر قىلىش ئەركىنلىكىدىن ئىبارەت بۇ ھوقۇق ناھايىتى ئەلا دەرىجىدە ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ كەلگەن بولۇپ، مىسال قىلىدىغان بولساق بۈيۈك ساھابىلەردىن ھەبباب ئىبن مۇنزىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بەدر غازىتىدا مۇسۇلمانلارنىڭ بارگاھ قۇرۇشى خۇسۇسىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قارىشىنىڭ ئەكسىچە ئۆز قارىشىنى ئوتتۇرغا قويغان ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ پىكرىنى ماقۇل كۆرۈپ قوبۇل قىلغان.

شۇنىڭدەك ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ تۆھمەتكە ئۇچراش ھادىسىسىدىمۇ بىر قىسىم ساھابىلەر ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرغا قويۇپ باققان بولۇپ، ئۇلار ئىچىدىن ھەتتا ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانى تالاق قىلىۋېتىش خۇسۇسىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا مەسلىھەت بەرگەنلەرمۇ بولغان، ئەمما قۇرئان كەرىم ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا تۆھمەت قىلىنغانلىقىنى جاكارلاپ، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانى ئاقلىغان... ئۇندىن باشقا يەنە ساھابىلەر ۋە ساھابىلەردىن كىينكىلەرنىڭمۇ ئۆزلىرى توغرا دەپ قارىغان ئىشلاردا ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرغا قويغانلىقى ھەققىدە نۇرغۇنلىغان ئەمىلى جەريانلار بار.

ئېيتقىنىمىزدەك پىكىر ئەركىنلىكى ۋە ئۆز قارىشىنى بايان قىلىش، ھەمدە ئۇنى ئوتتۇرغا قويۇش ئەركىنلىكى قاتارلىق ھوقۇقلار ئىسلام شەرىئىتىدە بېكىتىلگەن ھەقلەر قاتارىدىن بولغان ئىكەن، ھەر قانداق بىر شەخسنىڭ بۇ ھوقۇقنى ئىشقا ئاشۇرغانلارغا ئازار بېرىشى توغرا بولمىغان بولىدۇ، چۈنكى شەرىئەت ئۇنىڭ ئاشۇنداق قىلىشىغا رۇخسەت قىلغان، مەسىلەن ئەينى دەۋىردە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئايال كىشىنىڭ مىھىر ھەققى مەسىلىسى توغرۇلۇق مەسچىتتە سۆز قىلىۋاتقاندا، بىر ئايال چىقىپ ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا رەددىيە بەرگەن بولۇپ، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇ ئايالنىڭ رەددىيىسىنى رەت قىلىۋەتمىگەن، بەلكى ئۇ ئايالنىڭ بەرگەن رەددىيەسىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىپ مۇنداق دېگەن: «ئايال توغرا ئىيتتى، ئۆمەر بولسا خاتالاشتى»[6]


كۆز قاراشنى ئوتتۇرغا قويغاندا سەمىمى ۋە راستچىل بولۇش زۆرۈردۇر


مۇسۇلمان كىشى ئۆز پىكرىنى ئوتتۇرغا قويۇش ھوقۇقىنى قوللانغان ۋاقتىدا، سەمىيمىلىك ۋە راستچىللىقنى دوست تۇتمىقى لازىم، ئاشۇنداق بولالىسىلا، ناۋادا بىرەر ئىشتا ھەقىقەتنى سۆزلەش ئۆز زىممىسىگە ئارتىلسىمۇ، ئۇ ئۆزى ھەق دەپ قارىغاننى سۆزلىيەلەيدىغان بولىدۇ، چۈنكى پىكىر بىرىش ئەركىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ھەقنى جاكارلاش، توغرىنى بايان قىلىش ۋە ئاڭلىغۇچىلارغا پايدا يەتكۈزۈش مەقسەت قىلىنغان بولىشى كېرەك، مەقسەت ھەرگىزمۇ كۆز بويامچىلىق قىلىش ۋە ھەقىقەتنى يۇشۇرۇش بولماسلىقى لازىم.

شۇنىڭدەك يەنە مۇسۇلمان كىشى ئۆز پىكرىنى ئوتتۇرغا قويۇشىدا، ئۆزىنىڭ ياخشى نىيەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قويۇشنى مەقسەت قىلىشى، بەرگەن پىكىرىدە بولسۇن ياكى كۆز قارىشىنى ئوتتۇرغا قويۇشتا بولسۇن رىياخورلۇق ۋە ئابروي پەرەسلىك قىلماسلىقى، ھەقىقەتكە داغ چۈشۈرۈش، ھەقنى ناھەق بىلەن ئارىلاشتۇرۇۋېتىش، ئادەملەرنى ئۆز ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم قويۇش، ئىش ئىگىلىرىنىڭ تېخىمۇ ئەسكىلىك قىلىشىغا سەۋەپچى بولۇش، ئۇلارنىڭ قىلغان ياخشىلىقلىرىنى ئاز ساناپ ئۇلارنى پەس كۆرۈش، ئۇلار توغرىسىدا پىتنە تارقىتىش ئارقىلىق ئۆزىنى مەشھۇر قىلىپ كۆرسىتىش ۋە ئارىدىن پايدا كۆرۈش ئۈچۈن كىشلەرنى ئۇلارغا قارشى كۈشكۈرتۈش قاتارلىق ئىشلاردىن يىراق تۇرۇشى لازىم.

مانا مۇشۇ بويىچە بولغاندا ئاندىن ئىسلام شەرىئىتى بىكىتكەن پىكىر ئەركىنلىكى جارى بولغان بولىدۇ، ھەمدە شۇنداق بولغاندىلا پىكىر قىلىش ئەركىنلىكىدىن ئىبارەت بۇ ھوقۇق، خۇددى ئۆزلۈكنى نامايان قىلىشنىڭ ۋاستىسى بولالىغىنىدەك مەدەنىي تەرەققىيات ۋاستىلىرىنىڭ مۇھىم ئامىللىرىدىن بىرىگىمۇ ئايلىنالايدۇ،.


......................................

[1] ئىمام تەبەرانى رىۋايەت قىلغان ۋە ھەيسەم بۇ ھەدىسنى ھەسەن دەرىجىلىك ھەدىس دەپ بىكىتكەن.

[2] تەۋبە سۈرىسى 71-ئايەت

[3] مۇسلىم رىۋايىتى

[4] بۇ ھەدىسنى تىرمىزى رىۋايەت قىلغان ۋە ئالبانى سەھىھ دېگەن

[5] بۇ ھەدىسنىمۇ تىرمىزى رىۋايەت قىلغان ۋە ئالبانى سەھىھ دېگەن

[6] ئىمام قۇرتۇبىينىڭ ئەھكامۇلقۇرئان ناملىق تەپسىرىگە قاراڭ- 95/5

                                                     مىسرانىم مۇنبىرىگە يوللىغۇچى ئابدۇللاھ


مۇئەللىپ: دوكتور راغىپ سىرجانى

رىدا تەرجىمىسى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   كەپتەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-24 02:58 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77386
يازما سانى: 68
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 330
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 30 سائەت
تىزىم: 2012-3-13
ئاخىرقى: 2012-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 03:10:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بازار بىلەن مەسچىتنىڭ توردىكى سايىسىنى ئاممىۋى مۇنبەرلەر بىلەن دىنى بىكەتلەرگە تەققاسلاشقا بولىدۇ، شۇڭا دىنى مۇنبەرلەر ياكى بىكەتلەر بولغاندىكىن دىنى تېمىلارنى دىنى بېكەتلەردە ئېلان قىلساق قانداق...
قۇشقاچنىمۇ قاسساپ سويسۇن.
بۇغۇ ئەركىن پىكىر بولا؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   altiwip تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-24 03:11 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3961
يازما سانى: 506
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 22071
تۆھپە نۇمۇرى: 2998
توردا: 3476 سائەت
تىزىم: 2010-7-14
ئاخىرقى: 2012-6-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 03:22:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
altiwip يوللىغان ۋاقتى  2012-4-24 03:10 PM
بازار بىلەن مەسچىتنىڭ توردىكى سايىسىنى ئاممىۋى مۇنبەر ...

كۆرگىڭىز كەلمىسە باشقا تىما كۆرسىڭىز بۇلىدۇ .

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

مېنىڭ بارلىقىم ئ

ئاكتىپ ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40676
يازما سانى: 736
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6346
تۆھپە نۇمۇرى: 110
توردا: 1239 سائەت
تىزىم: 2011-5-14
ئاخىرقى: 2012-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 04:37:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
altiwip يوللىغان ۋاقتى  2012-4-24 03:10 PM
بازار بىلەن مەسچىتنىڭ توردىكى سايىسىنى ئاممىۋى مۇنبەر ...

نېمىدىگەن لاۋزا ئادەمسەن ھېي ؟!  مۇنبەرنى ئۆيۈم دەپ ئويلاپ قالغان ئوخشىمامسەن ؟ مۇنبەرمۇ سەن تۇرىۋاتقان شەھەرگە ئوخشاش مەۋھۇم شەھەردۇر . سەن شەھىرىڭدە قەيەرنى كۆڭلۈڭ تارتسا شۇ يەرگە كىرگىنىڭدەك ، بۇ يەردىمۇ ئۆزەڭ نېمىنى خۇش كۆرسەڭ شۇ يەرگە كىرمەمسەن ؟!
شەھەردە لەيلەيچىلەر ھەم بولغاندەك ، بۇ يەردىمۇ سېرىق مەزمۇنلۇق قوشاق ئېيتقان ئورۇنلارمۇ بار . خالىساڭ شۇ يەرگە كىر !
دۈمبەڭ قىچىشسا تازا مۇنازىر بولۇپ جاڭجاللىشىدىغان تېمىلارمۇ بار ، شۇ يەرگە كىر !
خۇددى شەھەردە مەسجىدلەر ھەم بولغىنىدەك ، بۇ مەۋھۇم شەھەردىمۇ تىگىشلىك بولغان دىنىي سۇرۇنلارمۇ بولىدۇ . پېشانىسىدە تامغىسى بولغاندىكىن قارىۋاراق كىرگىن !
ئەگەر تېمىلارنىڭ پېشانىسىنى تۇنىمىساڭ ئۆزەڭنىڭ پېشانىسىنى سىلىۋاتقىن . سەن كىم !


ھازىرغىچە 7 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
mirzadam + 10 ماختاشقا تېگىشلىك
alser + 39 ماختاشقا تېگىشلىك
mylovi + 10 ماختاشقا تېگىشلىك
mostafa + 33 بۇ ئىنكاسىڭىزنى كۈرۈپ.
tumurkala + 10 مانا ئىنكاس دىگەن!
atux-0908 + 10
ayrilmas + 11 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 123   باھا خاتىرىسى

سۆزلىرىمنى چۈشەنمىسىڭىز چاپسانلا ئىنكار قىلماڭ . بىر بۇلۇڭغا قويۇڭكى ، بىر ۋاقىتلاردا پايدىسى تىگىدۇ !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48243
يازما سانى: 254
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1855
تۆھپە نۇمۇرى: 50
توردا: 2921 سائەت
تىزىم: 2011-7-18
ئاخىرقى: 2012-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 04:51:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
altiwip يوللىغان ۋاقتى  2012-4-24 03:10 PM
بازار بىلەن مەسچىتنىڭ توردىكى سايىسىنى ئاممىۋى مۇنبەر ...

سىز مۇسۇلمان
ئەمەس ئوخشىمامسىز ئۇكام؟ «قۇچقاچ بولسىمۇ قاسساپ سويسۇن» دىگىنىڭىزگە قاراپ شۇنداق ئويغا كەلدىم! قارىسام تازا ساۋادىڭىز يوق ئوخشايدۇ سىزنىڭ!  خەتنى ئوڭشاپ باسالماي  خاتا بېسىپسىز، ما ئىشلەتكەن ماقال- تەمسىلىڭىزمۇ جايىدا بولماپتۇ. بۇ دىگەن ئونۋېرسال مۇنبەر! بۇ مۇنبەرگە سىزگە ئوخشاش چوققىسى قىزىيدىغانلارمۇ كىرىدۇ، بىز دەك مۇسۇلمانلارمۇ كىرىدۇ .گەپنى سەل ئويلۇشىۋاراق قىلارسىز !ئىسلامى تېمىلارنى كۆرگۇڭىز كەلمىسە، كۆرمىسىڭىزلا بولمىدىمۇ؟ بىرسى سىزنى ئت پوقىدا ئىسرىق سېلىپ چىللاپ كەلمىگەندىكىن؟!

ھەقىقەت ئالدىدا كۆز يۇمالمايمەن، قۇرئانسىز بىر نىشان كۆزلىيەلمەيمەن. پولاتتەك پاكىتلار تۇرسا ئالدىمدا، بوۋامنى مايمۇن دەپ سۆزلىيەلمەيمەن!

مەن ئۇيغۇرلارنىڭ خاقانىمەن-«ئو

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47896
يازما سانى: 395
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4751
تۆھپە نۇمۇرى: 507
توردا: 4098 سائەت
تىزىم: 2011-7-15
ئاخىرقى: 2012-6-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 06:07:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئى مۇھەممەد، بىزگە مەدىنە خورمىلىرىنىڭ يىرىمنى بۆلۈپ بەرسەڭ-دىگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «سەئدىلىكلەر بىلەن مەسلىھەت قىلىپ كۆرەي» دېدى ۋە سەئد ئىبن مۇئاز، سەئد ئىبن ئۇبادە، سەئد ئىن رەبىيئ، سەئد ئىبن خەيسەمە ۋە سەئد ئىبن مەسئۇد قاتارلىقلارنى چاقىرتىپ كىلىپ


سەئىد دىگىنى پەيغەمبەر تۇققانلىرىنى كۆرسىتەمدۇ؟


مەن سىلەرگە بولدۇم خاقان،
ئېلىڭلار يا بىلەن قالقان.
تامغا بولسۇن بىزگە بۇيان،
كۆك بۆرە بولسۇن ئۇران.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 854
يازما سانى: 464
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7723
تۆھپە نۇمۇرى: 311
توردا: 5067 سائەت
تىزىم: 2010-5-26
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 06:26:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تازا دەشنام ئىشتقۇسى كەپ قاغاندىن بىرى كىرگەن ئوخشىمامدۇ مۇنبەرگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74255
يازما سانى: 1043
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3673
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 559 سائەت
تىزىم: 2012-1-29
ئاخىرقى: 2012-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 06:58:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
altiwip يوللىغان ۋاقتى  2012-4-24 03:10 PM
بازار بىلەن مەسچىتنىڭ توردىكى سايىسىنى ئاممىۋى مۇنبەر ...

مىسرانىم دىنى مۇنبەر ئەمەس لىكىن دىنسىزلار مۇنبىرىمۇ ئەمەس

ھەقىقى جەسۇر بولۇش ئۈچۈن

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48523
يازما سانى: 1106
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2470
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 511 سائەت
تىزىم: 2011-7-20
ئاخىرقى: 2012-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 07:01:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
altiwip يوللىغان ۋاقتى  2012-4-24 03:10 PM
بازار بىلەن مەسچىتنىڭ توردىكى سايىسىنى ئاممىۋى مۇنبەر ...

ئاللا بىچارە بايقۇش، سەل ئالدىراپ قاپسىزدە ئىنكاس يوللاشقا. مىنىڭچە بۇ تىمىنى كۆرگەن ھەرقانداق ئادەم سىزنى بىر قېتىم ئەيىبلەپ ئىنكاس يازمىسا بولمايدىغان بوپ قاپتۇ. ئەسلى ئۆزىڭىزگە ماس كىلىدىغان يازمىلارنى كۆرسىڭىزمۇ بولاتتىكەن، خاتا كىرىپ قالغان بولسىڭىزمۇ جىم قايتقان بولسىڭىزچۇ ئىسىت...

ئاڭلا دۇنيا، مەن چوڭ بولدۇم! ياق سەن تېخى كىچىك، ئىمىزگەڭنى ئىمىپ جىم يات!...دەيدۇ ناتونۇش بىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75010
يازما سانى: 249
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 393
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 64 سائەت
تىزىم: 2012-2-7
ئاخىرقى: 2012-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 07:24:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەرقانداق ئادەم ئۆزى توغرا دەپ قارىغان ،باشقا كىشىنىڭ ھەق ھۇقۇقىغا تاجاۋۇز قىلىدىغان ئىش ھەركەت ۋە پىكىردىن ساقلانسا بولىدۇ.مەن مۇشۇ ئىنسانى ھۇقۇققا تەۋە بولغان،باشقىلارنىڭ ئىززەت ھۆرمىتى ۋە ئەركىنلىكىگە يات ھەر خىل ساۋات،پائالىيەت،مەجبۇرلاش خارەكتىردىكى ئاتالمىش ئىلاھى ۋەھى ياكى بۇيرۇق ئاڭاھىغا خاس ئىشلارغا قارشى تۇرىمەن.ھەممە ئادەمدە تاللاش بولغىنىدەك ھەممە ئىنساندا مەلۇم دەرىجىدە ئىتىقاد بولىدۇ.دىمەك ھەممە ئادەم بىر بىرىگە ھۆرمەت قىلىش،خاتالىقىنى ئەمىلىيەت بىلەن كۆرسىتىش،خاتا يولغا ماڭغانلارغا ياخشى يول كۆرسىتىش  بىلەن بولسا تالاش تارتىشسىز،جىدەل ماجىراسىز بولىدۇ.لىكىن مەلۇم بىلىمگە ئىگە بولىۋىلىپلا ئۆز كۆز قارىشىنى باشقىلارغا زۇرلاپ تىڭىش مىنىڭچە شۇ ئىنساننىڭ ئەخلاقى كۆز قارىشىغا تاجاۋۇز قىلىش بىلەن باراۋەر.
ئىنسان بولغانكەن چوڭ بولغانسىرى تاشقى دۇنيا بىلەن ئالاقە قىلىش جەريانىدا ئىدىيەدە مۇئەييەن دەرىجىدە ئىتىقاد بولىدۇ.مەسىلەن:ئامرېكا،ئىسرائىلىيە،ياپۇنىيە قاتارلىق ئىسلام  مۇسۇلمانلىرى يوق ياكى ئاز بولغان دۆلەتلەردە كىشىلەر بەزى كەچۈرمىش ۋە ئىش پائالىيەت ئارقىلىق بۇ دىننى قۇبۇل قىلىۋاتىدۇ.ئىران سەئۇدى تۈركىيە قاتارلىق بىز مۇسۇلمان دۆلىتى دەپ قارايدىغان مەملىكەتلەردە بولسا قۇرئان كىرىمنىڭ ئۇرنىغا تەۋرات،ئىنجىللارنى كۆتۈرۈۋىلىپ بۇيۇنلىرىغا كىرسىت بەلگىسىنى ئىسىۋىلىپ يۈرىدۇ.مانا،دىيارىمىزدىمۇ بەزى ياشلىرىمىز خىرىستىيان چىركاۋلىرىدا ئىبادەت قىلىۋاتىدۇ.دىمەك ئىتىقاد ھەممە كىشىنىڭ ئخىتىيارى تاللىشى ھىسابلىنىدۇ.ئەمما بىرلا كۆز قاراش ئومۇمەن ئوخشاش،يەنى ياراتقۇچىسىغا بولغان ئىبادەت.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   izqel تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-24 07:32 PM  


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش