|
|
|
|
مەيىن شامال كەلسە پىچىرلاپ،
سەندىن خەۋەر ئالغاچ كېلەرمۇ؟
يۈرەك ئارام بەرمەس سىرقىراپ،
ئەجەپ قىينىدى پىراقىڭ مېنى،
بۇ سېغىنىش ئۇزىراپ كېتەرمۇ؟
سېغىنىش ئۇزىراپ كەتسە ئەگەردە،
كۆيۈپ كۈل بولۇپ ئۆتۈپ كېتەيمۇ؟
خۇشاللىقتىن قالدۇرماي ئەسەر،
ئەجەپ قىينىدى پىراقىڭ مېنى،
ھىجران بىلەن ئۆلۈپ كېتەيمۇ؟
يەلپۈپ ئۆتەر يۈرەكنى تەشۋىش،
ھەر ئويلىسام ئاشۇ كۈنلەرنى.
مۈشكۈل ئىكەن بەداشلىق بېرىش،
ئەجەپ قىينىدى پىراقىڭ مېنى،
ئۆتكۈزدۈم بىدار نۇرغۇن تۈنلەرنى.
ئەسلەيمەن دائىم شېرىن سۆزۈڭنى،
يىراقلاردا بولساڭمۇ لېكىن،
ئۇنتالمىدىم ئوتلۇق مېھرىڭنى،
ئەجەپ قىينىدى پىراقىڭ مېنى،
ئۈمىدىم قايتىپ كېلەرسەنمىكىن.
كۈندە تەشۋىش،كۈندە قىينىلىش،
يىراق مەندىن ئازابسىز ياشاش.
لېكىن يەنە ئاشۇ ئىنتىلىش،
ئەجەپ قىينىدى پىراقىڭ مېنى،
نېسىپ بولۇرمۇ بەخىتلىك ياشاش ؟
( مەنبە: قەلىمىم )
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-24 09:30 AM
|
|
|
|
|
|