مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 740|ئىنكاس: 11

بەرنا - (پوۋىسىت) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79197
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2012-4-22
ئاخىرقى: 2012-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 01:52:07 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بەرنا

( پوۋىسىت )
م.مۇھەممەد(ئۆزلەت)


1  .تاغ يولىدا


    يازلىق تەتىل مەزگىلى يىتىپ كەلگەن، قۇياش يىپەكتەك شولىلارنى يايغان چاغ .تاغلىق كەنتكە ساياھەتكە چىقىشقان بىرنەچچە قىز- ئوغۇل ئادەم شالاڭ يېزا بازىرى، يامغۇرنىڭ تولا يېغىشىىدىن قېتىپ كەتكەن توپىلىق يوللار، ئۆگزىلىرىگە ئوت- چۆپ ئۈنۈپ كەتكەن پاكار ئۆيلەرنى قالدۇرۇپ، نەمخۇش ساپ ھاۋادىن نەپەس ئالغىنىچە، ئوڭغۇل-دوڭغۇل تاغ يولىنى داۋام قىلىپ كىتىپ باراتتى. يىراق-يىراقلاردىن كۆرۈنگەن ئاقباش چوققىلارغا قاراپ ،مەھەللىگە كۆزى يەتمىگەن بالىلار پات-پات ۋايساپ قۇيۇشاتتى.
-ۋاي نىمانچە كىلىپ بۇلالمايمىز،،شۇنچە يىراقما؟
-ئازقالدۇق چىداڭلار،ئەنە ئاشۇ دۆڭدىن ئۆتسەكلا مەھەللىگە يىتىپ بارىمىز.
ئەتىگەندىن بىرى بەزىلىرى پىيادە بەزىلىرى ئىشەككە مىنىۋېلىشقان بۇ ياش سەپەرچىلەر ئۇسسۇزلۇق ۋە ھارغنىلىق ئىچىدە يول بېسىپ كىتىپ باراتتى، بىردىنلا ھەممەيلەن چۇرقىرىىشپ كەتتى :
-ھوي قاراڭلار بالىلار! ئالدىمىزدا دەريا بار ئىكەن.
-ۋاي نىمىدىگەن چىرايلىق !
ھاياجانلانغان ئوغۇللار چاپانلىرىنى ئاسمانغا ئېتىشتى،ئۇلار سۇ يالاپ پارقىرىتىۋەتكەن ئاق، قارا، چىپار تاشلار ئۈستىدە ئولتۇرۇپ قېتىپ كىتىشكەن نانلىرىنى يىيىشكە تۇتۇندى.سۈپسۈزۈك تاغ سۇيىنىڭ تاشتىن تاشقا ئۇرۇلۇپ شارقىراپ ئېقىشلىرى، قۇشلارنىڭ يېقىملىق سايراشلىرى بۇيەرنى تېخىمۇ جانلاندۇرۋەتكەنىدى....ئۇلار خېلىلا جان كىرىپ قالغاندەك بۇلۇپ بوخچلىرىنى قايتىدىن ئېسىشتى.
- مىنىۋىلىڭە بەرنا، سىزمۇ ھېرىپ كەتكەنسىز ھەرقاچان؟-دىدى سادىق ئىشىكىنىڭ چۇلۋۇرىدىن تارتقانچە.
- بولدى، مەن پىيادە مېڭىۋىرەي.
- بولدى ،بولدى مىنىۋېلىڭ دىگەندىكن مىنمەمسىز؟
ئالدىدا كىتىۋاتقان سەپەرچىلەر خېلىلا ئۇزاپ كەتكەن ئىدى،
-تىز ھەيدىدى دەپ ئاۋۇ قىزلاردەك چىقىراپ يۈرمەڭ ماخما ئەمىسە،- سادىق شۇنداق دىگەچ ئىشەكنى دىۋىتتى.
ئىگىز-پەس تاغ يولىدا يولنى ياخشى پەرق ئەتمىسە ئاسانلا يولدىن ئېزىپ قالىدىغان ئىشلار بۇلۇپ تۇراتتى. ياردىن ئۇچۇپ چۈشكەن قوي-كالا تاپلىرىغا ئۆگىنىپ كەتكەن قاغىلارنىڭ سەت غاقىلداپ ئۇچۇپ ئۆتۈشلىرى تاغ قاپتىلىنىڭ جىملىقنى بۇزۇپ تۇراتتى.ئۇلار يول ئۆستىدە ھىلى ئىگىز دۆڭلەرگە ياماشسا ھىلى ئويمانغا پەسلەپ چۈشۈپ، ئىشەكتە ئولتۇرۇشنىڭ ئۆزىمۇ خېلى تەسكە توختايتتى. بۇ ۋاقىتتا بەرنا ھىلىلا چۈشۈپ قالىدىغاندەك سادىقنىڭ پىشىگە چىڭ ئېسىلىپ ۋارقىرىۋېتىشتىن ئىھتىيات قىلغاندەك لىۋىنى چىڭ چىشلىۋالاتتى. ئۇلار شۇ تەرىقىدە مېڭىپ ئەگرى-بۈگرى كەنت يولىغا ئۇلاشتى.
- قارىڭە ئاۋۇ قويلارغا –دىدى سادىق يىراقتىكى ياپيشىل تاغ باغرىنى ئىما قىلىپ،- مەنمۇ كىچىك ۋاقتىمدا قوي باقاتتىم دەڭا،
-بەك كۆڭۈللۈك بولغىيتتى ھەقىچان؟
-ئۇنى بىر دىمەڭ، ھەممە ئىشلار ھېلىقىدەك يادىمداتۇرۇپتۇ، توشقان قوغلاپ جاڭگاللاردا ئېزىقىپ كىتىشىمىزچۇ تېخى.
- كەڭرى يايلاق بولسا قانغۇچە كۆرۈۋالسام دەيمەن-ھە؟
- ئالدىرىماڭ، تاغنىڭ مەنزىرىسنى كۆرسڭىز كەتمەيمەن دەپ تۇرۇۋالامسىز-تېخى؟
-كەتمەيمەن دىسەم قۇيۇپ كىتەرسىلەر-بولمىسا؟
-ئەمدى، مۇنداقلا قۇيۇپ كەتكىلى بولمايدۇ –دەڭا، ھە شۇڭا،- كۈلدى سادىق ھەييارلىق بىلەن
-ھەنىمە؟
-ئەمدى قويچىدىن بىرى ئالاي دىسە...
-ئەمدى سىز گە گەپ قىلمايمەن، قېلىن،- دىدى بەرنا دومسىيىپ.



2          . تاش ئالدىڭمۇ،كۆڭۈلمۇ؟

تارغىنە ئويمان مەھەللە، يىراقلاردىن ھەيۋەت كۆرۈنىدىغان ئاپئاق چوققىلار، يېقنلا يەردىكى دەريانىڭ شاۋقۇنلاۋاتقان ئاۋازى، تاغلىقلار دۆڭ دەپ ئاتاپ قۇيىدىغان يېىشل ئىگىزلىكلەر،تۇخۇمچىلىك كۆرۈنىدىغان، بەخىرامان ئوتلاۋاتقان قويلار، كىمدۇر بىراۋنىڭ كۆڭلىدىكى سىرلارنى تۆكۈۋاتقاندەك مۇڭ بىلەن تارقىلىۋاتقان نەي ئاۋازى، نەمخۇش ھاۋاغا قۇشۇلۇپ كىلىدىغان گۈللەرھىدى بۇ تاغلىق مەھەللىنىڭ ئۆزگىچىلكى ئىدى.
ئەتىسى ئۇلار چۇرقىراشقىنىچە ئاشۇ ئىگىزلىكلەرنى كۆزلەپ ئاتلىنىشتى.
بىر ئېقىننى بويلاپ چىرايلىق تاشلارنى تىرىپ كىتىۋاتقان بەرنا سادىقنى چاقىردى.
-سادىق قارىڭە ماۋۇ تاشلارنى، چىرايلىقمىكەن؟
-چىرايلىقكەن، لىكىن ....
- لىكىن نىمە؟
لىكىن سىزدەك سۈزۈك ئەمەسكەن؟
-قېلىن!-بەرنا قېيىداپ سادىققا سۇ چېچىشقا باشلىدى. ئۇلار شۇ تەرزدە باتناپ- چاقچاقلىشىپ، بىر-بىرىگە سۇ چېچىشىپ مېڭىپ باشقىلاردىن خىلىلا ئارقىدا قالغانىدى.
بىردىنلا يىراقتىن نەي ئاۋازى ئاڭلىنىشقا باشلىدى.
- ئاڭلىدىڭىزمۇ –دىدى بەرنا بىرتۈپ جىغانننىڭ يېنىدا جىممىدە قۇلاق سېلىپ - نىمىدىگەن مۇڭلۇق،غېرىب چالغان –ھە؟
- بىرەر قىزغا كۆيۈپ يىتەلمىگەن غېرىبتۇ، ھەقاچان؟
-باشقا گىپىڭىزمۇ يۇقمۇ سىزنىڭ؟
- سىزمۇ بېشىڭىزغا كەلگەندە بىلىسىز خىنىم... –سادىق بەرنانىڭ شامال چۇۋۇپ يۈزلىرىگە چۈشۈۋالغان تال- تال چاچلىرىغا، قىزىرىپ كەتكەن مەڭزىگە قاراپ كۈلۈمسىرىدى.
-يامانمۇ بىقانداق بالا بۇلاپتىكەنسىز-دىدى بەرنا ئۆزىنى ئەپقېچىپ- ياخىجىل بۇلۇشنى بىلمىگەن.
-قېلىىننى كۆرسىڭىز-دىدى سادىق ھۇزۇرلىنىپ كۈلۈپ- نىمە دەرسىز ئەمدى؟
ئۇلار تىرىۋالغان تاشلىرىنىىڭ بۇلىدىغانلىرىنى ئايرىشقا باشلىدى.
-ماۋۇ تاشنى سىزگە سوۋغا قىلاي.
-مەنمۇ سىزگە بۇلارنى- سادىق قۇلىدىكى ئۇششاق ئاپئاق تاشلارنى خىللاپ ئالدى.
-ماۋۇ ئاخماقلارنى كۆرۈڭلار- دىدى ئوغۇللاردىن بىرى ئۇلارنىڭ قوللىرىغا قاراپ مازاق قىلغاندەك كۈلۈپ- ئەرزىمەس تاشلارنىڭ ھەممىسىنى يىغىۋاپسىلەرغۇ؟
كىيىنكى كۈنلەردە ھېچكىم بۇ ئەرزىمەس تاشلارنىڭ ئەتىۋارلىنىپ ساقلىنىدىغانلىقىنى خيالىغا كەلتۈرمىگەن ئىدى.


3   . ئۇقۇش ھاياتى



-سادىق!- بەرنا قىزلار ياتىقنىڭ ئالدىدا ئىشارە قىلىپ تۇراتتى
-ھە؟...
- سىزدىن سورايدىغان ئش بارئىدى
-ھىم..
سادىق بەرنا بىلەن ئۇزاققىچە مۇڭداشتى، ئۇ ياتاققا كىرىشى بىلەن گەپكە تۇتۇلدى:
-ھە، سادىق قىزبالىنىڭ قۇلىنىڭ ئۇچىنى تۇتالماي، ھىكايە سۆزلەپ بىرىپ كىردىڭمۇ يەنە؟
- ھەقاچان بۈگۈن رومان سۆزلىگەندەك تۇرىدۇ، قاراڭلار ئۇنىڭ خوش بوپ كەتكىنىگە...
-كۈندە قۇرۇق گەپ ئاڭلاپ زىرىكمەيدىغان قانداق قىزبالا ئۇ؟ھەيتاڭ جۇمۇ! ئاز تولا ئېغىز گارمۇنىمۇ چېلىپ قويغانسەن؟
-قاچانغىچە يالغۇز ئۆتىسەن ئاداش! بىرەرىنى تۇتۇۋالماي، قالمىغاندا ‹‹ۋاي›› دىسەڭلار يوق جۇمۇ!
- سادىقنىىڭ قۇلىقىغا ھېچنىمە كىرمدى، بەرنانىڭ سۆزلىرىنى كۆڭلىدە ئۆتكۈزىۋېتىپ بىردىنلا ‹‹ ئۇنىڭمۇ كۆڭلى بارمىدۇ؟››دىگەن بىر خىيال كەچتى.
بالىلىق ئەسلىمە ، ئائىلىدىكى ئىشلار، كەلگۈسىگە بولغان ئىنتىلىش، مۇھەببەت، كىتابلاردىن ئالغان تەسىراتلار قۇشۇلغان قىزغىن مۇڭدىشىىش سادىقنىڭ كۆڭلىگە تاتلىق تۇيغۇلارنى سېلىپ ئۆتتى. ئىلگىرى سادىقنىڭ ئانچە دىققتىنى تارتمىغان بەرنا زىلۋا بويى، گۈللۈك ياغلىقىدىن چىقىپ تۇرغان ئۆرۈمە چاچلىرى، قاپقارا قوي كۆزلىرى بىلەن قۇشۇلۇپ سادىققا بۆلەكچە نۇرلۇق كۈرۈنۈپ كىتەتتى.
سادىق بارا-بارا بەرنانى كۆرمىسە بىر نەرسىسى كەمدەك ھىس قىلىدىغان، ئارامسىزلىنىغان بۇلۇپ قالغانىدى.
‹‹ئوقۇش ھاياتى نەقەدەر گۈزەل –ھە! كەڭ كەتكەن مەيدان، چىملىقلار ،گۈللۈكلەر، ئايدىڭ كەچلەردە ئولتۇرۇپ ئۆزۈڭ ياخشى كۆرگەن كىشىڭ بىلەن ئۇزاق-ئۇزاق مۇڭدىشىش، كەلگۈسى ھەققىدە گۈزەل ئارزۇلارنى قىلىش ...قانداق شىرىن –ھە؟›› سادىق خىيال قىلغانسىرى ئۆزىگە قىلغان ۋەدىسى ئەسكە چۈشۈپ ئۆزىنى ئەيىبلەپ كىتەتتى. ئۇنىڭچە بۇ خىل ھالەتتىن قۇتۇلۇشنىڭ چارىسى ھېچكىمگە بىلىندۈرمەي يۇشۇرۇن كۆيۈش ئىدى.
‹‹ياق، ئۆزۈمنى بويسۇندۇرالايمەن، ھازىر كاللىنى چاچىدىغان چاغ ئەمەس...›› دەپ ئويلايتتى سادىق، گەرچە ئۆزىنىڭ بلىپ بىلمەي ئەس-يادىنىڭ بىر قىزغا باغلانغانلىقنى ئىنكار قىلالمىسىمۇ ئالدىراشچىلىق ئىچىدە ھىسسيات ئۆستىىدىن غالىب كىلىشنى كۆڭلىگە پۈككەن ئىدى.
ئۈچ يىللىق ئوقۇش ھاياتى نۇرغۇن ئىشلارنى جىمجىتلا ئۆز قوينىغا سىغدۇرۇپ كەتتى...ئۇنىڭ ئىچىدە بەرناغا بولغان يۇشۇرۇن كۆيۈك، شىرىن مۇڭدىشىشىلار، تاكاللىشىشلار، گۈزەل ئارزۇلار، يېڭى-يېڭى ئىلىملەر، كوللىكتىپ تۇرمۇش، كۆيۈمچان باغۋەنلەر، مەكتەپ قۇرۇسى، تالاي رەت ئۆچۈرۈلگەن دوسكا .....سادىق نۇرغۇن نەرسىلەرگە قىيالمايدىغاندەك ئۆپكىسى ئۆرۈلۈپ يۇرتىغا يول ئالدى...

                              4.سۆز-چۆچەك

ئۇقۇش پۈتتۈرۈپ جەمئىيەتكە چىققان ياشلارغا ھەممىنى يېڭىدىن باشلاشقا توغرا كىلىدۇ، خىزمەت ئىزدەپ بېرىپ ئۇچرىغان سوغۇق مۇئامىلىلەر، پەرزەنتلىرىدىن چوڭ ئۈمىدلەرنى كۈتۈپ مۈكچەيگەن ئاتا-ئانىلار، كىشىنى يەكلەۋاتقاندەك بىلىنىدىغان جەمئىيەت...
‹‹ دەرۋازىسى يوق مەكتەپ دىگىنى مۇشۇمۇ؟ ئەمدى بىلمىگەننى سورايدىغان ئۇستازىڭ يوق،يېقىلساڭ ئۆزۈڭ تۇرۇپ ماڭىدىغان گەپ، تەنتەك قىلىڭلىرىڭغۇ ھەرگىز ياراشمايدۇ.›› سادىق تالاي ئالىي مەكتەپ ياشلىرىدا بۇلىدىغان چىگىش ئويلار بىلەن بۇ چوڭ دەرياغا شۇڭغۇدى.
كۆرۈشمىگىلى ئۇزۇن بولغان ئۈچ دوست قىزغىن پاراڭغا چۈشۈپ كەتكەنىدى.
-ئۆتكەنكى ساۋاقداشلار يىغىلىشىدا بەرنا كەلدىمۇ؟-
يەنە شۇ بەرنا،- دىگەچ چاي لىقلىدى تۇرغۇن ،- كۆيگەن يەرنىڭ ئوتى قالىدۇ-ھە؟
- نىمە دىگىنىڭ ئەمدى بۇ؟
-ئاڭلىساق ئۇ جەمئىيەتتە بەزى بالىلاربىلەن ئارلىشىپ يۈرۈۋاتقانىمىش...
-نىمە؟ نىمە دەيسەن؟ بەرنا ئۇنداق قىز ئەمەستىغۇ؟
- ساڭا نىمە دىسەم بۇلار ئاداش، بۇنداق دىسەم بەرناغا ئەيىب قويغانلىقىم ئەمەس،لىكىن سىنىڭ كىشىگە ئاسانلا ئىشىنىپ كىتىدىغان مىجەزىڭنى شۇ...
- ئۆتكەندە ماڭا باشقا بىرنەرسە دىمىگەن بولمىسا.
- سەن ئاشۇنداق مۆرىمەي يۈرسەڭ ساڭا ھەممىنى دەپ بۇلالامتى! ئۇنىڭدىمۇ بىر كۆڭۈل باردە، يامىنى بىرەر ئەسكىنىڭ قۇلىغا چۈشۈپ ئۆزىنى تۈگەشتۈرۋالمىسا مەيلىتىغۇ، ئۆزەڭمۇ بىلىسەن ئاداش، قىز بالا دىگەن بەك ساددا نىمە، قالغىنى ئۆزۈڭ بىر كۆرۈشۈپ باقمامسەن؟
ئۆتكەنكى ئىشلار تېخى تۈنۈگۈندىكىدەكلا ئىسىدە تۇرۇپتۇ:‹‹ تېخى تەييارلىقىم پۈتمىدى...›› دەيتتى سادىق ئۆز-ئۆزىگە-‹‹ ئۇقۇش پۈتمەي تۇرۇپ قانداقمۇ بۇ ئىشنى... ھازىر كۆڭۈل ئىشىدىن سۆز ئاچىدىغان چاغمۇ؟›› ئەينى ۋاقىتتا كۆپلىگەن ئوغۇللار ئۇنىڭ بۇقارىشىغا تازا قۇشۇلۇپ كەتمەي‹‹ كەلگۈسىدىكى ئشىلارنى ۋاقتى كەلگەندە، ھازىر كۆڭلىمىز تارتقىنىنى قىلدۇق-شۇ ››دەپلا ئۆزىنى قاچۇراتتى. كۆڭۈل غەۋغاسىغا پېتىپ قالغان بۇ تەنتەكلەر ئۆزلىرىنى ئۇقۇش ھاياتىدىكى نوچىلاردىن سانايتتى-يۇ، ئىلىم نىسىۋىسدىن قۇرۇق قېلىپ، بىر كۈنلەردە بۇ قۇرۇق ۋەدىلەردىن ئۇياتقا قېلىشنى ئويلاپمۇ قويمايتتى.
ئەجەبا سادىق ئۆتكەنگە پۇشايمان قىلسۇنمۇ؟ ياق! كىمنىڭ خاتا؟ كىمنىڭ توغرا تېخى بالدۇرغۇ؟
سادىق خىيالىدىن شۇلارنى ئۆتكۈزدى: ‹‹قىز بالا دىگەننىڭ قايسى بىرى سۆز-چۆچەكتىن خالى بۇلالايدۇ؟ئاڭلىغان گەپنىڭ ھەممىسىگە ئىشەنگىلى بۇلامتى؟ بۇمۇ بىر ئۆسەك سۆزدۇ بەلكىم ، ئارتۇقچە گۇمان قىلىپ بىكاردىن بىكار ئۇۋال قىلىپ قويماي-يەنە؟››.


                              5. قايتا ئۇچرىشىش

ئارىدىن خېلى يىللار ئۆتۈپ سادىق بەرنابىلەن قايتا كۆرۈشتى.
سادىق سەل بوي تارتقان، چاققانغىنە بۇرۇتى، گۈللۈك كانۋاي كۆڭلىكى ئۆستىدىن كىيىۋالغان قاراكاستۇمى ئۇنى خېلىلا سالاپەتلىك قىلپ كۆرسىتەتتى. سادىق ئۆزىگە قاراپ كۈلۈمسىرەپ چىققان بەرنانى كۆرۈپ تۆت يىل بۇرۇنقى سەبىي بەرناغا سېلىشتۇرۇپ ئۆلگۈردى. بەرنا چىرايلىق ھاۋارەڭ ياغلىق ئارتىۋالغان، ياغلىقىدىن چىقىۋالغان ئۆرۈم چاچلىرى يىنىك پۇلاڭلاپ نازۇك  بىلىگە ئۇرۇلۇپ تۇراتتى.... ئىككەيلەن دەماللىق نىمەدىيىشنى بىلەلمەي سەل تۇرۇپ قالغاندىن كىيىن بەرنا دەرھال ئۆزىنى ئوڭشاپ ئۇنى دۇكانغا تەكلىپ قىلدى.
-قانداق بالىلار بىلەن ئىزدىشىپ ئۆتۈۋاتقانسىز؟
- ھەي، نىمىسىنى دەيسىز يەنىلا بۇرۇنقىدەك ئەمەس.
بەرنانىڭ كەيپىياتىدىن يالغۇزلۇق تارتىۋاتقانلىقى چىقىپ تۇراتتى.
- ساۋاقداش دىگەننىڭ مىھىرى باشقابۇلىدىكەن، سىنىپتىكى بالىلاردىن مۇتەللىپنى، سىزنى بەكرەك كۆرگۈم كىلىدۇ،-دىدى بەرنا كۆڭلىدىكىنى ئاشكارىلاپ
-خۇداغا شۈكرى، كۈن ئايلىنىپ جاھاندا بىزنىمۇ كۆرگۈسى كىلىدىغانلار چىقىدىكەن،-دىدى سادىق چاخچاق ئارىلاشتۇرۇپ.
-كۆرگۈسى كەلمەمدىكىن دىگەنمۇ؟-دىدى بەرنا شوخلۇق بىلەن تەبەسسۇم قلىپ ، سىلەرنىڭ كەلمىگەن بىلەن...
ئەينى ۋاقىتتا –تىلىنى چايندى سادىق، ھەي بولدىلا
-ھە –دەڭا، گەپنىڭ بېشىنى چىقىرىپ قۇيۇپ ،-دىدى بەرنا قېيدىغاندەك بۇلۇپ
-سىزنى ئۇنتۇپ كەتسەم بۇلاتتى،-دىدى سادىق قەستەن قېيىشقاندەك چىرايىنى ئۆزگەرتمەي
-ئۇنتۇيمەن دىسڭىز تەس ئەمەس...
-يا سىز يا مەن توي قىلمىسام بۇ رىشتە ئاياقلاشمايدىغاندەك تۇرىدۇ،
-شۇنداق قىلايلى،- بەرنانىڭ ئاۋازى قېيىپ لىۋىنى چىشلىدى،-قانداق قىلارمىز ئۆزىمىزنى قىيناپ،-. چاقچاق پېتى داۋاملىشىۋاتقان پاراڭ يەنە سۈكۈتكە ئۇرۇن بۇشاتتى. سادىق بىرنەچچە كىتابنى بەرناغا سۇندى ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ مەيۈس كۆزلىرى بىلەن ‹‹چوغلۇقنىڭ يېشى››،‹‹نىقاب ئاستىدىكى يۈز›› دىگەن خەتلەرنى كۆردى.
ئۇلار خوشلاشتى. سادىق ئانچە ئۇزۇن ماڭمايلا ياشلار باغچىسى تەرەپكە قايرىلدى، كۆڭلى جىملىقنى خالىغاچقىمۇ باغچا مەنزىرسى ئۇنىڭغا بىرخىل يېقىشلىق تەسىر بەردى. تىنىچ كۆل يۈزى، توپ - توپ ئۈزۈپ تاماشا قىلىۋاتقان بېلىقلار، خىلۋەت چىغىر يول، ئاسما كۆۋرۈك، ئايلانما پەلەمپەيلىك ئىگىز راۋاق، تەكشى قىرقىلغان ئۆسۈملۈكلەر، مىۋىلىك كۆچەتلەر، تاش ئۇرۇندۇق، قۇيۇق جىگدىلكلەر، تىمتاس بۈك-باراقسان يېشىللىق بۇيەرگە ئۆزگىچە ھۆسىن قۇشۇپ تۇراتتى. ئۇخىيال سۈرۈۋېتىپ ئۆتكەن ئىشلارنى ئەسلەپ ‹‹خۇدا ئادەملەرنى مىھر مۇھەببەت بىلەن بىر-بىرىگە چاتقانىكەن، بىراق كىشى خالىغان بىراۋ بىلەن بۇ رىشتىنى ئۇلىيالمايدىكەن. ››دىگەنلەرنى كۆڭلىدىن ئۆتكۈزدى.


6          . ئەمدى نىمىگە تاتىشىمەن

ئۇزۇن يىل ئىزدىشەلمىگەن ساۋاقداشلارغا ‹‹ساۋاقداشلار يىغىلىشى›› ياخشى بىر پۇرسەت. كىملەرنىڭ توي قىلغانلىقى، كىملەرنىڭدۇر ئىگىلىك تىكلەش ئۆچۈن، كىملەرنىڭ بىلىم ئېلىش ئۆچۈن تىپىچەكلەپ تارتقان رىيازەتلىرى، باشتىن ئۆتكەن ئىسسىق-سوغۇقلار... ھەممەيلەن ئىچ-قارنىنى بوشىتىپ قانغۇچە مۇڭدىشاتتى، پىكىرلىشەتتى. بىر-بىرىدىكى ئىلگىرلەشلەرنى مۇئەييەنلەشتۈرەتتى. ئۇلار ئەمدى ئىلگىركى تەنتەك بالىلاردىن بولماي، تەمكىنلىك، ۋە ئېغىر-بېسقلىق بىلەن تور يېيىپ ئولتۇرغان بېلىقچىغا ئايلانغانىدى. ئارىدا بىرخىل قىزغىن كەيپىيات ھۆكۈم سۈرمەكتە ئىدى. سادىق بولسا پات- پات ئىشىك تەرەپكە بۇيۇنداپ قارايتتى.
ساۋاقداشلار تارقىلىشتى، سادىق ئازار يىگەن كىچىك بالىدەك نىشانسىز كوچىلارنى ئايلىنىپ كىتىۋاتاتتى. شۇئەسنادا تۇنۇش بىر چىراي كوچا چىراقلىرى نۇرىدا لاپ قىلىپ يۇرىدى. سادىق قەدىمىنى ئاستىلاتتى.
‹‹ئۇ بەرنا ئەمەسمۇ؟›› بەش-ئالتە قەدەم نېرىسىدىكى بوتكىدا بەرنا بىرىگە تېلفۇن قىلىش بىلەن ئاۋارە ئىدى. ئۇزۇن ئۆتمەي پىيادىلەر يولىغا يانداپ توختىتىلغان كىچىك ماشىننىڭ ئىشكى قىيا ئېچىلىپ ئىگىز بوي بىرسى پەسكە چۈشتى. سادىق ئۇلارنى تۇنۇيالمدى، پەقەت ئۇنىڭ بەرناغا قوللرىنى پۇلاڭلىتىپ قىزغىن پاراڭلىشىپ كىتىشلىرىدىن يېڭى تۇنۇشلاردىن ئەمەسلىگنى پەرەز قىلدى. ‹‹گۈپ›› قىلىپ يىپىلغان ئاۋاز بىلەن بەرنامۇ،ماشىنىمۇ كۆزدىن غايىپ بولدى. يۈرىكىدە بىرنەرسە ئاغقاندەك بۇلغان سادىق يائالدىغا يا كەينىگە مېڭىشنى بىلمەي بىردەم تۇرۇپ قالدى. ئەمدىلىكتە قارا چاقماقتەك تۇيۇقسىزيۈز بەرگەن بۇ ئىش بىلەن تەڭ پۈككەن پىلانلارنىڭ ھەممىسى بەربات بولغانىدى، سۇغۇققانلىق بىلەن ئويلانغان سادىق بەرنا بىلەن ھەممىنى باشتىن باشلىماقچى، ئۇزاق يىللار يۇشۇرۇنۇپ ياتقان سۆزلىرىنى ئىزھار قىلماقچى بەرنا ماقۇل بولسىلا كەلگۈسى تۇرمۇش ئىشى توغرىسىدا رەسمى ئېغىز ئاچماقچىمۇ بولغانىدى . ئەمما رىئاللىق...ئۇ راستىنلا ئۆلگۈرەلمىدىمۇ؟
ئەتىسى چۈشلەرگە يېقىن مۇتەللىپ، سادىق ئىككەيلەن ئۆگىنىش قىلىۋاتقان باغچا دەرۋازىسى ئالدىدا بەرنا پەيدا بولدى. بەرنانىڭ كۆزلىرى قىزىرىپ، سەل ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن ئىلگرىكى لاتاپىتى، گىرىمىسز تۇرقىدىن ئەسەرمۇ قالمىغان ، سەبىيلىگى، قىزغىن مىجەزى نەلەرگىدۇر يۇقالغان ئىدى. ئىككەيلەن سۇسلا سالاملاشتى.
-ئۇزۇن بوپتۇ كۆرۈشمىگىلى
-شۇنداق ئارىدا نۇرغۇن ئىشلار ئۆتتى...
-سىز كۆپ ئۆزگىرىپسىز
--ھەممە ئادەم ئۆزىنىڭ تاللىغان يۇلىدا ماڭىدىكەن، ئەسلى سىزبىلەن ياخشى ئۆتەرمەن دەپ ئويلىغان ئىدىم، ئەمما كۆڭلىڭىزنى كۆپ رەنجىتتىم.-دىدى بەرنا خىجالەت بولغاندەك
-ئىككىمىزنى بىر يولدا دەپ ئويلاپتىمەن –شۇ
-قانداق ئويلىسىڭىز مەيلى-دىدى بەرنا تەن بەرمىگەندەك،- قىلىۋاتقان ئىشىم توغرا بولسا بولدى، مەن ئۆزۈمنى ئاقلاپ ئولتۇرمايمەن.
ئاقلاپ نىمەقىلاتتىڭىز؟بۇ كەمدە كىمىنىڭ كىمگە چىشى پاتاتتى؟-دىدى سادىق چىراينى ئۆزگەرتمەي.
-قاچانمۇ تەنە قىلىشنى تاشلارسىز-ھە؟
-تەنە قىلمدىم، ئۆزىڭىزنى بەختلىكمەن دىيەلسىىڭىز شۇنىڭ ئۆزى كۇپايە.
ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن بەخت تىلەشنىمۇ، قېيداشنىمۇ ئاڭقىرغىلى بولمايتتى.
بەرنا ئۈندىمەستىن لەۋلىرىنى بوشقىنە چىشلىدى.
بەزىلەر كۆكلەۋاتقان ئەشۇ يۇمران مايسىغا قەلبىدىكى مۇنبەت ئېتىزلاردىن ئۇرۇن قالدۇرىدۇ، تاكى ئۇ مىۋە بەرگۈچە سەبىر بىلەن كۈتىدۇ....بەزىلەرچۇ؟ پۈچەك ھەۋەس- خوشلۇقلار ئۆچۈن ئۇنى يىلتىزىدىن قۇرۇتىۋېتىدۇ؛ باشقىلارنىڭ كۆڭۈل بېتىگە چىكىلگەن گۈزەل سىماسىنى قاراسىياھلار بىلەن بۇلغاپ تاشلايدۇ. ئەجەبا بەرنا شۇنداق قىزمىدۇ؟
ئۇلار سوغۇقلا خوشلاشتى. قاچانلاردىندۇ كۆڭۈل تۆرىگە چىققان سىما، بىردىنلا ھەممىسى گۈمۈرۈلۈپ چۈشتى. ئەسلىدە سادىق قاتتىق بۇلامدۇ، يۇمشاق بۇلامدۇ ھەممنى دەپ بىراقلا پۇخادىن چىقماقچى بولدىيۇ ئەمما تىلىىدىن چىقىرالمىدى، ئۇزۇن يىللار ئۇچقۇندىغان يۇشۇرۇن كۆيۈك، ئۇ بىردەم بەرنادىن نەپرەتلەنسە،بىردەم ئۆزىنى كەمسىتەتتى. ئەجەبا ئۇ بۈگۈنگىچە بەرنانىڭ زادى نىمىسى؟ ساۋاقدېشىمۇ؟ياكى دوستىمۇ؟ ياكى بەرنا ئىچى پۇشسا مۇڭلانسا تىلىفۇندا كۆرۈشۈپ تەسەللىي بىرىدىغان ھىماتچىسىمۇ؟ ‹‹ھەقىقەتەن ئۇنىڭدىن كۆپ نەرسلەرنى كۆتۈپ كىتىپتىمەن...››سادىق ئاستا شىۋىرلاپ قويدى.-‹‹ ‹‹ئەجەبا مەن ئەمدى نىمىگە تارتىشىمەن؟ ››
دوستلار بىر يەرگە كەلسە ھامان شۇ تۇرمۇش،كەلگۈسى توغرىسىدىكى پاراڭلار ئايلىنىپ يەنە شۇقىزلارتىمىسدىن كۆچەلمەيتتى...
- بولدى ئاداش-دىدى مۇتەللىپ چورتلا،- گىپىنى قىلما ئەمدى ئەڭ ياخشىسى ئۈزۈلۈشۈپ كەتكىنىڭ ياخشى،مەن ھېچ چۈشەنمىدىم،ئەمدى نىمىگە تارتىشىسەنكىن-تاڭ؟
- ھەي.- سادىق ئېغىر خۇرسىنىپ قويدى.
- بىزمۇ ئەمدى چوڭ بۇلۇپ قالدۇق، ھىسسياتنىڭ قۇلى بولساق ياراشمايدۇ-دە.
-دىمىسەڭمۇ كۆڭلۈم سۇۋۇپلا كەتتى ئاداش
- ئۇنى سەندىن ئۆزىنى تارتقىنىغا قاراپ يامان دەۋاتقان يېرىم يوق،ئارلىشىۋاتقان ئادەملىرىنى كۆرمىدىڭ ئۇنىڭ! ئادەمدەك بىرى بىلەن يۈرسىمۇ بىر....ھايا-نۇمۇس دىگەننى بىر يەردىن ئۆگنىۋالىدىغان نەرسە ئەمەس –يا؟
-ئۆزۈڭچۈ؟ كۆڭلۈڭدە سان بارمۇ؟
-ئەمدى شۇ، خۇتۇن دىگەننى ئۇنى قىلىپ بەرسە، بۇنى قىلىپ بەرسە دەپ ئالمايدۇ ئاداش،مۇھىمى دىيانىتى ، ئىمانى بولسا، شۇ بالىلىرىڭنى ئوبدان تەربىيلەپ قاتارغا قۇشالىغۇدەك دىتى بولسا ....
-خۇتۇن ئالماي تۇرۇپ موللام بوپ كەتتىڭلىمۇ نىمە؟
-ئەمدى،ئاداش...


                  7.بەرنا

ئىشلار قانداقچە بۇنچە مۇرەككەپلشىپ كەتتىكىنە؟ قانداقچە ئۇلارنىڭ ئارىسى بۇنچىۋالا يىراقلاپ كەتتى؟ بەرنا ئۆتكەن كۈنلەرنى ئەسلەپ ئۆزىدىكى سەھۋەنلەرنى كىچىكىپ ھىس قىلۋاتقاندەك چوڭقۇر ئىزتىراپ چەكمەكتە ئىدى.
سەلىمە بىلەن ئارىلىشپ ئۆتكەندىن بىرى بەرنانىڭ تۇرمۇشىدا ئۆزگىرىش بۇلۇۋاتاتتى. بۈگۈن سەلىمە بەرنانى بىر ئولتۇرۇشقا باشلاپ بارماقچى بۇلۇپ ئۇنىڭ مەڭدەپ تۇرۇپ قېلىشلىرىغا قاراپ ھەدەپ ئۆز پىكرىنى بازارغا سالماقتا ئىدى.
- نىمانچە ئارتۇق ئويلاپ كىتىسەن ئاداش،-دەيتتى ئۇ قاشلىرىنى سۈزۈپ ھازىر قانداق جاھان؟ ئۆزىمىزنىڭ كۆڭلىنى ئۆزىمىز ئېلىشنى بىلمىسەك بۇلامدۇ؟
- شۇنداقتىمۇ ئاداش، باشقىلار كۆرسە خاتا چۈشىنىپ قالارمىكىن دەيمەن؟
- ماڭە ۋاي، قورسىقىڭنىڭ ئاغىرىقى بولمسا تاۋۇز يىيىشتىن قورقما دەپتىكەن، تارتىشىدىغان كىشىڭ بارمىتىيا؟
شۇ كۈنى رىستۇرانغا كىشىلەر تولۇپ كەتكەن بۇلۇپ چەتتكى بىر ئۇرۇندا بىر بىرنەچچە قىز-يىگىت تاغدىن-باغدىن پاراڭ سېلىشىپ قاقاقلاپ- كۆلۈشۈپ ئولتۇراتتى.
سەلىمە ئۇلارغا بەرنانى تۇنۇشتۇرۇۋاتقاندا بەرنانىڭ كۆزلىرى ئۆزىگە ئاچكۆزلەرچە قاراپ تۇرغان يالقۇننىڭ كۆزلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى.
شۇ كۈنكى ئۇچرىشىشتىن كىيىن يالقۇن گويا خاس بەرنادىن خەۋەر ئېلىشىتن باشقا ئىشى يوقتەك كۈندە نەچچە رەت تېلفۇن قلاتتى. گاھى ئۇزۇنغىچە پارىڭى تۈگىمەيتتى.
يالقۇننىڭ گىپى چىقسىلا سەلىمە ئۇنىڭ تەرىپىنى ئېلىپ :
- ئوغۇل بالا دىگەنچۇ؟ سىنى ياخشى كۆرىدىغان يىرى بولسا مانا ماۋۇ يالقۇنجاندەك ساڭا جان دەپ يېپشىپ يۈرمەمدۇ ماڭە ۋاي ئاخماق نەدە بىر مۆرىمەسنىڭ گپىنى قىلىپ يۈرىدىكەنسەن،- دەپ كۈچەيتتى.
باردى- كەلدىلەر كۆپەيگەنسىرى ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى بارغانسىرى قۇيۇقلىشىۋاتاتتى. بەرنا دەسلىۋىدە ئانچە ئىرەن قلىپ كەتمىگەن بۇيىگىتكە ئەمدىلىكىتە ئۆزى تىلىفۇن قىلىپ ئىزدەيدىغان،ئۆنىڭ بىلەن ئۇزۇنغىچە پاراڭلىشىشىنى، مۇڭدىشىشىنى خالايدىغان،يالغۇزلۇق كۈنلىرىگە ھەمراھ بۇلۇشىنى كۈتىدىغان بۇلۇپ قالغانىدى. ‹‹نىمىلا دىگەن بىلەن يالقۇن يەنىلا كۆڭۈل ئېلشىنى بىلىدۇ، ئادەمگە كۆيۈنۈپ كىتىشلىرىچۇ تېخى؟ ئۇنىڭ كۆڭۈللرىنى ئىرىتپ تاشلايدىغان تاتلىق گەپلىرنىغۇ دىمەيلا قويايلى تۇغۇلغان كۈن، بايرام بولسا ئەڭ ئاۋۋال ئىزدەيدىغىنىمۇ شۇ، ئوغۇل بالا دىگەن ئەسلى شۇنداق بولمامدۇ؟ سادىقچۇ؟ قاچانلا قارىسا ئادەمگە تەنە گەپ قلىشلىرى، يا ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ياساشنى بىلمىگەن، ئادەمگە ئىشەنمىگەندەك نەسىھەت قىلىپ كىتىشلىرى ئۇنىڭ، ھىلىمۇ كۆڭلۈمنى ئاز رەنجىتمىدى ئۇ؟ ›› بەرنانىڭ كۆڭلىدە ئۆزەڭگە سۇقۇشتۇرۇپ ئاخىرى يالقۇن ئۆستۈن كەلگەنىدى.
ئۇلارگاھى رىستۇران، گاھى سەيلىگاھلاردىكى ئولتۇراشلارغا ئىشتىراك قلىپ تۇردى. ئەمما غۇۋا چۈشكە ئوخشاش داۋام كىتىۋاتقان بۇكۈنلەر ئۇزۇنغا بارمىدى.
كۈنلەر ئۆتتى، ھەممە ئىش ئاياقلاشتى. بەرنا يالقۇننىڭ ئىلگىرى سوۋغا قىلغان گۈللىرىنى ئەلەم بىلەن يۈزىگە ئاتتى... ئەجەبا ئۇنىڭ كۈتكەنلىرى ؟ مۇشۇمۇ؟ ھەممسى قاباھەتلىك بىر چۈش، ئايىقى چىقمايدىغان چاكىنا ئۇيۇنپەزلىك! ئۇ تۇنجى قېتىم ئەنە شۇنداق قاتتىق ئازار يەپ، كۆڭلى ھەممىدىن سۇۋۇپلا كەتتى. ‹‹قۇرۇپ كەتسۇن ئۇ كۆڭۈل دىگەن ئۇنى كىم بىلىپتۇ؟ ھازىر ھەممسى بىر كۆزىدە قارايدۇ. ھەي-كىشىلەر نىمىدىگەن تاشيۈرەك –ھە؟ سادىقمۇ تازا بىر قېيدىغاق ئىكەن، شۇكۈندىن كىيىن يۇقاپلا كەتتى دىسە؟ قارىغاندا ئۇمۇ مىنى ئۇنتۇپ كەتكەن بولسا كىرەك. ›› دەپ ئويلايتتى بەرنا مەيۈسلىنىپ.
ئەھۋالىنى بىلگەن سەلىمە غېمىدە يوق ئۆز گىپىنى بازارغا سالماقتا ئىدى:
- نىمە بوپتۇ؟ يەنە بىرىنى سۆرەپ يۈرۈپتىمۇ؟، ئوغۇل بالا دىگەننىڭ خۇيى شۇ، نىمە قىلاتتىڭ خاپا بۇلۇپ ؟
- نۇمۇس قىلىشنى بىلمەيدىغان سەن ھەممىنى بىلىدىكەنسەنغۇ؟-دىدى بەرنا زەردە بىلەن
- سەن قايسى نۇمۇسسزدىن كەم ئىدىڭ-ھە؟ئۆزۈڭ يوقتەك گەپ قىلىسەنغۇ؟ قۇلۇڭنى مەن تۇتقۇزۇپ قويمىغاندىمەن سىنىڭ!
- سەن!...
بەرنا شۇ كىچسى قانغۇچە يىغلاپ چىقتى.
كۆڭۈل دىگەن شۇنچىلىكلا نەرسە، ئادەم ھەر-ھەر قىيىنچلىقلاردىن ئامان ئۆتۈپ كەتكنى بىلەن كۆڭلى ئازراقلا زەخمى يىسە ئۆزىنى تۆگۈشۈپلا كىتىدۇ. بەرنا شۇندىن كىيىن سەلىمە بىلەنمۇ، يالقۇن بىلەنمۇ قايتا ئىزدەشمىدى.ئۇنىڭ قۇلاق تۈۋىدە سادىقنىڭ ئاۋازى جاراڭلايتتى: ‹‹ ھاياتتىكى نۇرغۇن نەرسىلەر بىزگە ئامانەت، بىزمۇ بىر ئامانەت ئىگىسى، مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەن، پاكىز چىنىگە ھەرگىز چىۋىن قونمايدۇ...›› بەرنا تولغىناتتى:‹‹ ئەجەبا سادىق مىنىڭدىن شۇقەدەر شۈبھى قىلامدىغاندۇ؟ ››


               8. سادىقنىڭ كۈنلىرى

ئىشلار ئۇنچىۋالا كۆڭۈلدىكىدەك بۇلۇپمۇ كەتمىدى،سادىقنىڭ تاپقان – تەرگىنىنى جۇغلاپ، كەملىگىنىگە قەرز ئېلىپ باشلىغان تىجارىتى ئۇنچىۋالا ئوڭۇشلۇق بۇلۇپ كەتمىدى. تىجارەت دىگەندە پۇل بولغان بىلەنلا ھەممە ئىش يۈرۈشۈپ كەتمەيتتى. بىر تال سەرەڭگە چاغلىق بىرنەرسە سېتىپ باقمىغان سادىق ئىشلارنى ئاددى ئويلىغان ئىدى. تىجارەتتە گويا بىپايان دېڭىزغا ئوخشاش يۇشۇرۇن خادا تاشلارنى، كۈتۈلمىگەن بوران چاپقۇنلارنى يوق دىگىلى بولمايتتى. پەقەت تەجرىبىلىك كۆپكە پىشقان ماھىر رولچىلار كىمىسىنى تىنىچ-ئامان مەنزىلگە يەتكۈزۈپ باراتتى.
بىراقلا دەسمايىسىدىن ئايرىلىپ قالغان قالغان سادىق بىر مەھەللىك سۈكۈتكە چۆمدى، ئىلگىرى ئىستىپا بىرىپ چىقىپ كەتكەن ئىش ئورنىغا بېرىشنىمۇ ياخشى چارە دەپ كەتكىلى بولمايتتى. ئۇنىڭ ھازىرقى ھالىنى كىممۇ چۈشەنسۇن؟ ئىشەنچ قىلغان ئادىمى گۈلمىرەمۇ ئۇنىڭ يارىسغا تۇز سەپكەن ئىدى.
-نىمە؟ دۇكاننى تاقىۋەتسىڭىز نىمىگە تايىنىپ جان باقىسىز؟يا مۇقىم خىزمىتىڭىز بولمىسا؟
سادىق گۈلمىرەنىڭ بۇنداق دىيىشىنى كۈتمىگەن ئىدى، ئۇ گويا ئۆزىنى يوغان تاغارنىڭ ئاستىدا قالغاندەك ھىس قىلىپ گىپىنىڭ بېشىنىمۇ تاپالمىدى. بەزىلەرنىڭ نەزىرىدە ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن بىرياشنىڭ ‹‹تۈمۈرتاۋاق››نى قوغلاشماي تىجارەت قىلىمەن دەپ يۈرىشى بىر ئەخمىقانىلىك ئىدى. تۇنۇش- بىلىشلىرىنىڭ سۆزلىرىمۇ گويا ئۇنىڭغا مازاق قىلغاندەك، مەنسىتمىگەندەك ئاڭلىناتتى. ئۇ خىلۋەت ئۆيىگە كىرىپ ئاللاھقا تۈۋەنچىلىك بىلەن ئۆتۈنگەن چاغلىرىدىلا ئاندىن ئازار يىگەن، يارىلانغان قەلبىگە تەسكىن تاپاتتى. ئەلۋەتتە بۇمۇ بىر سىناق- تە؟ سادىق ئاخىرى قانداقلا مۇشەققەت بولمىسۇن، يېڭىباشتىىن قەددىنى رۇسلاپ ئۆزىنى بىر كۆرسىتىپ قويمىسا بولمايدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھىس قلدى.
- سىلەر ياشلار مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشى ئويلايسىلەر-يۇ چوقۇم بېسىپ ئۆتۈشكە تىگىشلىك  ئاساس سېلىش، پىشىپ يىتلىش دىگەنلەرنى ئويلىشىپ باقمايسىلەر... ئەمىلىيەتتە جەمئىيەتتە ئۆگىنىدىغان نەرسىلەر ئازمۇ؟ ئارىمىزدا بەزىلەر چوڭ-چوڭ مەكتەپلەرنى پۈتتۈرمەي تۇرۇپمۇ بىر ئوبدان يول تېپىپ كىتىۋاتمامدۇ؟ سىلەر جەمئىيەتنى زادى قانچىلىك چۈشىنىسىلەر؟
   شۇلارنى ئىسىگە ئالغان سادىق ئىسسىق-سوغۇق كەچمىشلەرنىڭ داۋامى سۈپىتىدە مەركىزى شەھەرگە يول ئالدى. تەۋەككۇلچىلىققا تولغان بۇ ھاياتتا ئۇ يەنە ئىزگۈ بۇرۇلۇشلارغا مۇۋەپپەق بولۇشنى ئىزدەيتتى.
ياشاش رىقابىتى تۆت تامدىن قىستاۋاتقان چوڭ شەھەرلەردە ئەلۋەتتە تۆت تامدىن ھالقىپ ئۆزيۇلىنى تاپقانلارمۇ، بۇقاينامغا ئات سېلىپ ئۆز كۈچىڭنى دەڭسەپ كۆرۈپ باقىدىغانلارمۇ، كەينىگە داجىيدىغانلارمۇ ئاز ئەمەس ئىدى.
سادىق بۇ رىقابەتلىك شەھەردە ياشلارنىڭ ھەممىسى چوڭ-چوڭ ئىشلارنى قىلىپ كىتەلمىسىمۇ كەسىپ تاللاش ، تېخىمۇ كەڭ جەمئىيەت بوشلۇقلىرى بىلەن ئۇچرىشىش، ئۆز-ئۆزىنى قېزىش جەھەتلەردە ئېڭىنى چاقلاپ ئىدىيىسىنى موللاشتۇرۇپ ئاددىي ئەمما ئەھمىيەتلىك ياشاپ، ئۆزلىرىنىڭ ئەجىر مىھنىتدىن، ئەقىدە- ئىتىقاتىدامۇستەھكەم تاۋلىنىشتىن كىشلىك قىممىتىنى نۇرلاندۇرغانلارنىڭ ئاز ئەمەسلىكىنى ھىس قىلدى.
ئۇ بېشىنى سلكىۋەتتى...مۇزدەك رىئاللىق ئۇنى سەگىىتپ ئەقىدە، ئىتىقاد، كەسىپ، ھايات يولى ھەققىدە تېخىمۇ كەڭ نەزەر بىلەن ئويلىنشقا مەجبۇرلايتتى. ‹‹ قىزلارغا ئىنتىلىش، ماددى مەئىشەت، يۇقىرى تەمىناتلىق خىزمەت...بىزدىكى قىممەت قاراش پەقەت شۇلىمۇ؟ مەن كەلگۈسى، ھەتتا ئەشۇ ئەبەدىيەت ئالىمى، ئەبەدىي قىممەت ئۆچۈن قانداق تەييارلىق قىلماقچى؟ قانچلىك قىلالىدىم؟ تاكامۇللاشقان روھىي قۇرۇلۇش ئۆچۈن قانداق زۈرۈرلەرنى قىلىمەن؟›› مەنىۋى قۇرغاقچىلىق، داۋالغۇشقا ئۇچراۋاتقان ئىتىقادىنى ساقلاپ قېلىش سەگەك ياشلارغا قۇيۇلغان سۇئال قاتارىدا سادىقنىمۇ تەرلەتتى.
كۆپ ھاللاردا ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىشكە تايىنىپ بىر چەتئەل تىلىنى خىلى ئوبدانلا ئىگەللىۋالغان ئەشۇ تىرىشچان ياشلار سادىقنىڭ ھەۋىسىنى كەلتۈردى.‹‹ئەسلىدە ئىلمنى ھاياتلىق مەنىسى، كىشىلىك روھىي قىممەت ئۆچۈن ئەمەس جان بېقىش ئۆچۈنلا ئۆگەنگىنىمىز ئۆچۈن ئىلىمگە قىزىقالماي، ئىلىمنى سۆيەلمەي، ئىلىمنىڭ ھوزۇرىنى سۈرەلمەي كەلگەن ئىكەنمىز…›› سادىق بۇيەرنىڭ مۇھتى بىلەن تىزلا كۆنۈكۈپ قالدى. ئۇزۇن يىل تىنىپ قالغان كۆل سۈيىدەك تىنىپ ياتقان ئارمانلىرى بىراقلا بۇلدۇقلاپ ئۇمۇ ئىلىم ئېلىۋاتقانلار، تىجارەت قىلىۋاتقانلار ئارىسىدا چېپىپ يۈرۈپ تۇرمۇشنىڭ مۇشەققەتلىك ئەمما شىرىن جاپالىرىنى تېتىپ ئۆلگۈردى.
مۇساپىرلىق كىشىگە نۇرغۇن قىممەتلىك ھاسىلاتلارنى سوۋغا قىلسا كىرەك.ئۇ قەلبىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى ئاستا- ئاستا ھىس قىلماقتا ئىدى.‹‹ ئۆگىنىشىم كىرەك! ئىتىقاد مىۋىسىنى ئۈزمەك ئۆچۈن،ئىنسانىي قىممەتنى ساقلاش ئۆچۈن، شەيتان ئەللىيىدىن ئويغانماق ئۆچۈن، ئىبادەت ھوزۇرىنى سۈرمەك ئۆچۈن،ھەق سۆيگۈسىگە چۆممەك، ئەبەدىيەت ھەقىقىتىگە يەتمەك ئۆچۈن، ئۆگىنىش- ئەقەلللىي ئەمەسمۇ؟ ››
سادىق ئىنگىلىز تىلى ئۆگىنىدىغان ئابدۇلەتىف قاتارلىق بىرنەچچەيلەن بىلەن بىر ياتاقتا تۇراتتى.قاچان قارىسا ئابدۇلەتىفنىڭ مۇسۇلماندارچلىق، پاكىزلىق توغرىسدا ، بالىلارغا كايىپ كىتىشىنى ئۇ ئىچىگە سىغدۇرالماي بەزىدە گەپ تالشىپ قالاتتى.
- نىمىدەپ دوستڭىزغا ماۋۇ ئىشىڭ بولمىدى دەپ ئۇچۇق دىمەيسىز؟ مەن مۇسۇلمان دەپ تۇرۇپ نامازنى جايىدا ئۇقۇماي يۈرسە بۇلامدۇ-ھە؟
-دىگىنىڭىز توغرا،كۆڭلىنى ئاۋايلاپ شۇ...
- گەپ دىگەننى سىلىق، يۇمشاق قىلسىلا ھىساب ئەمەس قاراڭ، تاتلىق نەرسىنى يەۋەرسىمۇ كىسەل بوپقالىدۇ ئادەم، دورا يىسىڭىزمۇ ئاچچىق دەپ ياندۇرۋەتمەيدىغانسىز ھەقىچان؟
- شۇنداقتىمۇ گەپنى سىلىق قىلىش-كىرەكتە؟
- گەپنى سىلىق قىلىمەن دەيسىز قاراڭ، يىلاننىڭمۇ تېشى سىلىق، ئىچى زەھەر،سىز كۆيۈنۈپ گەپ قىلسىڭىز،تىگىگە يەتمىسە، دوستۇم دىگەن ئادەم سىزنىڭ يۇلىڭىزدا ماڭالىدىمۇ؟ ئۆز ئىمانىدىن ھىساب ئېلىپ باقتىمۇ؟ ئادەمنى ئايرىشنى بىلمىسڭىز ئاخىرى ئۆزىڭىز دەرتتە قالىدىغان گەپ. سىز باشقىلارغا باغلىنىپ ياشاپ مەيدانىڭىزنى ئايرىشنى بىلمەيسىز... شۇڭىمۇ دىيىشكە تىگىشلىك گەپنى ئۇدۇل قىلالمايسىز!
سادىقنىڭ دىمى ئىچىگە چۈشۈپ كەتتى، ئۇلار ئۆگنىش، يېڭىققا ئىنتلىش روھىنى مۇشۇ تۇپراقتا يىتىلدۈرگەن. تۇرمۇشنى، تۇرمۇشنىڭ جاپاسىنى، ھالاۋىتىنى سۆيگەن، تۇرمۇشنىڭ تەمىنى تېتىغان ئىدى.سادىق ئۇلاردىن ئۆگىنىدىغان نەرسىلەرنىڭ ئاز ئەمەسلكىنى بارا-بارا ھىس قىلماقتا ئىدى.
ھاياتنى چىن مەنىسىدىن ئىلتىپات دەپ سۆيگەنلەر بىر بۇردا ناندىن جەننەت ھوزۇرىنى سۈرەلەيدىكەن، بەخىتكە بىمالال قول سۇنۇپ، بىمالال ياشايدىكەن،گەرچە ئۇلانىڭ ماشىنىسى،كاتتا ئۆي-زىمىنلىرى بولمىسىمۇ، نەچچىلىگەن چەتئەل تىلىنى بىلمىسىمۇ، چوڭ شەھەرلەردە ياشاپ ئۇنچىۋالا پەملىك بۇلۇپ كەتمىگەن بولسىمۇ....تۇرمۇش ئۆز تەرتىۋى بىلەن داۋام قىلماقتا ئىدى، بار ئۈمىدىنى ئاللاھقا باغلىغان مۇساپىر ياشلار قاتارىدا سادىقمۇ تالاي پەسىللەرنى ئۆتكۈزدى، مەنىۋى دۇنياسىدىكى بىخ سۈرۈشلەر ئۇنىڭغا ھاياتىي كۈچ ئۈمىد بەخىش ئەتكەنىدى.
سادىق بۇ كۈنلەرگە ئاسان يەتتىمۇ؟ ئۆتكەن ھاياتىدا قەلبىنى چىرماپ ئالغان ئۈمىدسىزلىك، چۈشكۈنلۈك، كەلگۈسىدىن گۇمانلىنىش، رىئاللىقتىن ئۆركۈپ ، تىڭىرقاپ ياشاش ئۇنىڭغا كانىدەك چاپلىشىپ كەلدى. پەقەت ئىتىقادنىڭ چىن مەنىسىگە يەتكەنلەر، ئىبادەتنىڭ شاراپىتىگە مۇيەسسەر بولغانلارلا ئۇنىڭ ئەمدىكى ھالىنى تەسەۋۋۇر قىلالايتتى.
‹‹شۇلارمۇ ئايالغۇ››دەپ ئويلايتتى سادىق يولدىشىغا ئىززەت-ھۆرمەت كۆرسىتىدىغان گۈزەل خۇلقىلىق ئاياللاردىن تەسىرلىنىپ ،-‹‹ بىر بەخىتلىك ئائىلە قۇرماقچى بولغان كىشى نىمىلەرنى ئىتىبارغا ئېلىشى مۇمكىن؟ كۆڭۈلگە تەبىر بەرمەك مۈشكۈل،ئەمما كۆڭۈل رايى بىلەن نىكاھنىڭ ئارىسى شۇنچلىك يىراقمۇ؟››
سادىق كەلگۈسىدە ئانا بۇلىدىغان بىر قىزنىڭ ھۆرمەتكە لايىق بىرى بۇلۇشىنى ئارزۇ قىلاتتى، ئەمما بەرناچۇ؟


                      9 .بەختلىك بولۇڭ بەرنا

بەرنا ئانىسىنىڭ زورلىشى بىلەن ئاخىرى بۇ تويغا ماقۇل بولدى.ئۇنىڭ كۆڭلى تۇلىمۇ پاراكەندە ئىدى. ئۇ ئۇسادىق بىلەن ئاخىرقى قېتىم كۆرۈشۈۋېلىشنى ئويلىدى.
- مەن بەك گۆدەككەنمەن، ئىلگىرى... ئىلگىرى سىزنى چۈشەنمەپتىكەنمەن،- بەرنانىڭ ئاۋازى تىترەپ كەتتى.
-ئۇنداقمۇدەپ كەتمەڭ،- سادىق ئوڭايسىزلىنىپ قالدى،- بۇ دۇنيادا كىم كىمنى چۈشەنگەن ھە؟
بەرنا جىمىپ كەتتى، بەلكىم يىغلىۋەتتى بولغاي،ئارىدىن بىرپەس ۋاقىت ئۆتتى.
-كىلەر ھەپتە تويۇمنى قىلۋەتمەكچى...،- ئۇنىڭ ئاۋازى بۇغۇلۇپ كەتكەنىدى.
- - ۋەي، بەرنا!...
سادىقنىڭ گىپى تۈگىمەي تۇرۇپلا ئۆكسۈپ يىغلىغان ئاۋاز بىلەن تەڭ تىلىفۇنمۇ ئۈزۈلۈپ كەتتى
.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قارلۇق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-24 02:18 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78585
يازما سانى: 142
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 563
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 45 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2012-6-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 02:24:52 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن !

ساقلىۋىلىپ، ئەتە ئوقۇي.

ۋەتەنسىز ئادەم ھاياتى ماتەم

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23171
يازما سانى: 53
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4676
تۆھپە نۇمۇرى: 217
توردا: 877 سائەت
تىزىم: 2010-12-21
ئاخىرقى: 2012-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 04:08:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئادەملەر بىر-بىرىنى چۈشەنمەي ،يىنىدىكى ۋاختىدا قەدرىنى بىلمەي كەتكەندىن كېيىن ئسىت دەپ ئوتتۇرىدىكەن شۇ...      ياخشى يىزىلىپتۇ. رەخمەت...


مەيلى زوق ئالسۇن كىم بىر تىلدا،
مىنڭ ئۆز تىلىمغا جىنم مىڭ پىدا.
ئەگەر ئەتە يوقالسا شۇ ئانا تىلىم،
بۈگۈنلا بولايمەن جىنىمدىن جۇدا.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63055
يازما سانى: 654
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2485
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1166 سائەت
تىزىم: 2011-10-31
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 08:29:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەتىگەندە توۋا دەيمۇ،كىچىك ئاپامنىڭ كەچۈرمىشى بىلەن ئوخشاشلاكەن.....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3317
يازما سانى: 396
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7713
تۆھپە نۇمۇرى: 320
توردا: 1439 سائەت
تىزىم: 2010-7-4
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 10:31:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ھازىرقى زاماندا بولۇۋاتقان ھەقىقى ئىشلار يېزىلغان  ياخشى ئەسەركەن ، لېكىن پوۋېست دېمەي ھېكايە دېسەك توغرا بولامدىكەن دەيمەن (مىكرو پوۋېست دەپ گەپ يوقتۇ)

ئوغۇل بالا ئېسىل ياشاپ شەرەپلىك قۇربان بولۇشى كېرەك . ئابدۇل.

..... ئىنكاس شاھى ..

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3619
يازما سانى: 414
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6576
تۆھپە نۇمۇرى: 257
توردا: 218 سائەت
تىزىم: 2010-7-9
ئاخىرقى: 2012-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 01:03:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامى بارمۇ نىمە ھە

ئاللاھ ھەممىمىز

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63408
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 209
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 821 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2012-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 01:06:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن تېخى ئاخىرى بارمىكىن دەپتىمەن... تۈگىدىما؟؟؟؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77603
يازما سانى: 66
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 84
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 13 سائەت
تىزىم: 2012-3-18
ئاخىرقى: 2012-5-31
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 02:44:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەكلا كوپكەنغۇ، كەچتە ئۇقىسام بولغۇدەك............

باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 955
يازما سانى: 272
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6830
تۆھپە نۇمۇرى: 260
توردا: 32 سائەت
تىزىم: 2010-5-26
ئاخىرقى: 2012-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 02:55:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78259
يازما سانى: 137
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 351
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 103 سائەت
تىزىم: 2012-4-1
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 12:23:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوقۇپ چىقتىم، بەك ياخشى يېزىپسىز... ئاقىۋىتىنى ئوقۇپ كۆڭلۈم يىرىم بوپ قالدى، نىمىشقا دائىملا ھەقىقىي بىر-بىىرىنى ياخشى كۆرۈشكەنلەر بىرگە بولالمايدۇ؟؟؟؟

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش