مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 7924|ئىنكاس: 118

باجالار گۈرۇھىدىن ئۆزبىك ناخشىچىلىقىغا نەزەر   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9202
يازما سانى: 88
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 7607
تۆھپە نۇمۇرى: 255
توردا: 48 سائەت
تىزىم: 2010-9-5
ئاخىرقى: 2012-6-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 12:08:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

باجالار گۈرۇھىدىن ئۆزبىك ناخشىچىلىغى نەزەر

ئۆزھال

باجالار گۈرۇھى ئۇيغۇر ياش باللىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئىرىشكەن بىر گۈرۇھ بوپ قالدى . دىيارىمىزغا نەچچە يىل ئىچىدە ئىككى قىتىم كىلىپ ياشلىرىمىزنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئىرىشتى .  بۇ يەردىكى سەۋەپ باللىرىمىزنىڭ ئەخمەقلىغى ياكى باجالار گۈرۇھىنىڭ ناخشلىرىدىكى تېكىستنىڭ ئالاھىدە ياخشىلىغى ئەمەس پەقەت ئۇلارنىڭ موزىكسىدىكى جۇشقۇنلۇق ئېڭىنىڭ كونا ، ئەنئەنىدىن ھالقىغان زامانىۋىلىققا خاس ئىسيانكارلىق روھىدۇر .

بۇ گەپنى دىيىش ئۈچۈن ئۆزبىك سەنئىتىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى توغۇرسىدا توختىلىشقا توغرا كىلىدۇ .ئۆزبىكلەردە بىزگە تونۇشلۇق بىرىنچى ئەۋلات (بۇ پەقەت مىنىڭ ھىساپلىغىنىم ) ناخشىچىلاردىن شىر ئەلى جۇرايۇف . ئارتۇق ئاتاجانۇف . كامالىددىن رەھىمۇف . غۇلامجان ياقۇپ قاتارلىق ناخشىچىلار دىيارىمىزغا كەلمىگەن بولسىمۇ ئۆزىنىڭ ياڭراق سادالىرى ئارقىلىق بىزنىڭ مەنيىۋىتىمىزگە ئىزچىللىق بىلەن تەسىر كۈرسىتىپ كەلدى ۋە ئۆزىنىڭ ئۆزبك سەنئىتىدە سەركەردىلىك رولىنى ئىلىپ تا ھازىرغا كىلىۋاتىدۇ . ئۇلارنىڭ ناخشىلىرىدىكى مۇڭنىڭ ئەسلى مەنبەسى سوپىزىم ئىدىيىسى ئاساسىدا يىزىلغان مۇناجاتلار بۇلۇپ تېكسىتنىڭ تەلىۋىگە ئاساسەن موزىكا خاسلىغى تەلەپ قىلدى . جالالىدىن رۇمى . ئەھمەد يەسەۋىدىن باشلانغان مۇناجاتلار نەۋائىي . بابۇر . شاھ مەشرەپ . فۇرقەت قاتارلىق شائىرلارنىڭ سوپىستىك ئىدىيىسى سىڭگەن شېئىرلار كىينكى دەۋىرلەردە خەلىق ناخشىسىغا ئايلىنىپ ئاجايىپ ھەيۋەتلىك بىر كۈي ئېقىم دۇنياسىنى ياراتتى . بۇ ناخشىلاردىن مۇڭ ۋە ھەسرەتلىك نىدا ۋە دۇنيانىڭ مەھىشەتلىرىدىن ۋاز كېچىپ ئەدەبىيەتنى كۆزلەيدىغان ئالىجاناپ روھ بىلەن سۇغۇرۇلغان بىر روھ بىلەن مەيدانغا چىققان ئەسەرلەر ئىدى . ئۆزبىكنىڭ بەستىكارلىرى ۋە مۇغەننىلىرى خانىقا ئاھاڭىدىن ئىبارەت بىر يولدا نەچچە يۈز يىل مىڭىش . قايتا قايتا ئىجاد قىلىش ئارقىلىق مانا ھازىرقى شىر ئىلى جۇرايۇف قاتارلىق بىر تۈركۈم ناخشىچىلارنىڭ يولىنى بەلگىلىدى . كىين دۇنيا ئىللىكتىرۇنلۇق تەرەققىيات دەۋرىگە كىردى تىخى مۇستەقىل بۇلۇپ دۇنياغا ئۆزىنىڭ ئاۋازىنى يەتكۇزۇش ئىمكانىيىتى بولمىغان ئۆزبىكلەرمۇ ئىگىلگەن بىشىنى تىك تۇتۇش ئارقىلىق باراۋەر بىر دۇنيانىڭ ئۆزىگە قۇچاق ئېچىشىنى ئۈنسىز تىلىدى . ئۇلار مىللى چالغۇ بىلەن ياۋرۇپا چالغۇلىرىنى بىرلەشتۇرۇش ئارقىلىق ئۆزبىك مىلۇدىيىسىنى يارىتىپ،  ئۆزىنىڭ سەنئىتىنى دۇنيا موزىكا ئىلمى بىلەن بىرلەشتۇرۇشنى نىشان قىلغان ئىككىنچى ئەۋلات ناخشىچىلار ۋە ئىجادكارلار ئارقا ئارقىدىن يېتىشىپ چىقىپ مىللىك بىلەن ئىلمىلىكنى جىپىسلاشتۇرۇش . زامانىۋىلىق بىلەن ئەنئەنۋى سەنئەت ئەقىدسىنى جارى قىلدۇرۇش . ئۆزلۇكنى ساقلاش ئاساىسدا تەرەققى قىلىش قانۇنىيىتى بويىچە بىر تۈركۈم يىڭى ناخشىلار ۋە ناخشىىچلار ئۆزبىك سەھنىسىدە پەيدا بولدى . بۇلارنىڭ ۋەكىللىرىدىن بولغان ئەرلەردىن پەرغانىلىك ئاخۇنجان مەدەلىۋ . نۇردۇن ھەيدەرۇف . موخۇرددىن خالقۇف . غىياس بايتايۇفلار بۇ جەھەتتە ئۆزبىك خەلقىغە ناھايىتى كۆپ ئىجاد مىۋىلىرىنى بەخىش ئەتتى . ئاياللاردىن كۈمۈش . نەسىبە . يۇلدۇز ئوسمانىۋا ۋە زۇلەيخا  بايخانىۋا قاتارلىق ھاپىزلار ئارقىمۇ ئارقىدىن گۇرۇھ بۇلۇپ شەكىللەندى . ئالدىنقى بىر ئەۋلات بىلەن كىينكى بىر ئەۋلاتنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرغۇچى ئۆزبىك سەنئىتىنىڭ زامانىۋى موزىكا ئوركىتسىرىنى تۇنجى بۇلۇپ قۇرغۇچى فەرۇخ زاكىرۇفنىڭ ئۆزبىك سەنئىتىگە كۆرسەتكەن 25 يىلدىن ئارتۇق تىرىشچانلىقلىرىنى چوقۇم نەزەرگە ئىلىش كىرەك . چۈنكى ئۇلار زامانىۋى چالغۇلار بىلەن ئۆزبىك ئاھاڭلىرىدا يىڭىچە بىر تۈركۈم ناخشىلارنى ئىجاد قىلىش ئارقىلىق ئۈزبىكىستان ئەمەس رۇسىيىگە تونۇلغىدەك كۈچ قۇۋەتكە ئىگە بولغاندى . ئۇلار 70- يىلنىڭ بىشىدىن تارتىپ تاكى 95- يىلغىچە بولغان ئارلىقتا ئۆزىنىڭ ناخشىلىرىنى يەككە يىگانە خاسلىغى بىلەن خەلىققە سۈندى .  فەرۇخ زاكىرۇف دەۋرىدىن باشلانغان يىڭى زامان ئىدىيە ئېقىملىرى ئۆزىنىڭ كۆرەشلىرىنى توختىماي داۋاملاشتۇردى . ئەينى دەۋىردە مۇخۇرددىن خالقۇف ئېيتقان «زىلالە» « قانداق قىلارمەن» «باقما» «قىز بالايا» قاتارلىق ناخشىلار . نۇردۇن ھەيدەرۇف ئىيتقان «مىنىڭ يۇلدۇزۇم» رۈستەم غايىبۇف ئېيتقان «ئىيتار ئىدى بىر زامان ئانام » «مەلىكەم » غىياس بايتايۇف ئىيتقان «مۇھەببەت يوق ئىكەن »«سۈرەييا » «ئايرىلدىم » قاتارلىق ناخشىلار يالغۇز ئۆزبىك ۋە ئۇيغۇرلاردىلا ئەمەس ئەتراپتىكى تۈركى مىللەتلىرىگە ئىزچىللىق بىلەن تەسىر كۆرسىتىپ كەلگەن ئىدى . زامانىۋى يىڭى ئېقىم سەنئەتكارلىرى ئۆزىنىڭ يىڭىچە پىكىرلىرىنى ئىلىپ كەلگەندە ئەنئەنىۋى ئاھاڭغا كۆنگەن خەلىق باشتا تازا قۇبۇل قىلالمىغاندى . لىكىن بۇ كەلگۈلۈكلەر فەرۇخ زاكىرۇفنىڭ ئۇزۇن يىللىق تىرشچانلىق كۈرسىتىشى ۋە مۇشۇ يولدا بىر ئۈمۈر تىرىشچانلىق كۆرسىتىىش بىلەن ئاساسەن ئاياغلاشقان بۇلۇپ ئۆزبىكنىڭ سەھنىسى كىينكى ئەۋلاتلارغا قىزغىن قۇچاق ئېچىپ ئۇلارنىڭ قۇچىغىنى سەمىمى كۈڭۈللەرنىڭ قوللاشلىرى ۋە مەدەت بىرىشى بىلەن تولدۇردى . بۇلار ئىككىنچى ئەۋلاتلىق ۋەزىپىسىنى ئاخىرلاشتۇردى . چۈنكى ئەڭ داڭلىق تۆت سەنئەتكارنىڭ ئۈچى بىلەن يەنە زامانغا خالدەك ياراشقان شائىر مۇھەممەد يۈسۈف ياشلا قازا قىلدى . ئاخۇنجان مەدەلىۋ 37 يىشىدا بۇ ئالەم بىلەن خوشلاشتى . مۇخۇرددىن خالىقۇف ماشىنا ھادىسسگە يولۇقۇپ قازا قىلدى . نۇردۇن ھەيدەرۇف يۈرەك كېسىلى بىلەن ئالەمدىن ئۆتتى  بىر دەۋىرنىڭ ساداسى بىلەن نىداسىنى . ئارزۇ ئارمانلىرىنى ئەكىس ئەتتۇرۇپ بىرىۋاتقان بىتەكرار سەنئەتكارلاردىن بولغان ئۆزبىك سەھنىسدىكى تۆت يۇلدۇز بىراقلا ئېقىپ چۈشۈپ ئۆزبىك خەلىقنىڭ باغرىنى خۇن قىلىدى ۋە ئۇلارنىڭ مەنىۋىيتىدە سۆز بىلەن تەسىۋىرلەپ بولمايدىغان غايەت زور چڭقىلىش پەيدا قىلدى . بۇ خىل چىڭقىلىش پارتىلاش خارەكتىرلىك بىر نەتىجە سەۋەپ مۇناسىۋىتىنى كۈتۈش ئىچىدە داۋاملاشتى . مۇخۇرىددىن خالقۇفنىڭ بىردىن بىر ۋارىسى بولغان ئازادبك نەزەربىكۇف نەزەربەندىكە ئىلىندى . ئۆزبىك سەنئەت ئېقىمى ئۆزىنىڭ رەڭگى جۇلاسىنى ئەۋەلقى پىتى ساقلاشقا مەجبۇر بولدى . يىڭى كۈچلەر چىقىشى كىرەك ئىدى . بىر پۇتكۇل جەمىيەتنىڭ تەرەققىيات ساداسىنى . زامانىۋى ئاڭغا ئىگە باللارنىڭ مەنىۋى ئىھتىياجى ئۈچۈن يىڭى سەنئەتكارلار چىقىشى كىرەك ئىدى . شۇ دەۋىر باللار ئۆزىن ئىپادىلىشى ئۈچۈن ئۇلار بىلەن تەڭتۇش سەنئەتكارلار چىقىشى كىرەك ئىدى . لىكىن ئۆزبىك سەنئىتى دىنى ئەقىدىگە تويۇنغان ھالەتتىكى بىر قەۋىمنىڭ ئۈزۈلمەس دەريا ئېقىنىدەك كەڭ مەنبەگە ئىگە ئىدى . لىكىن ئۇلاردىن تالايلىغان سەنئەت ئەھلى يىتىشپ چىققان بولسىمۇ لىكىن خەلىقنىڭ مەنىۋىيتىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرالمايتتى . سۈكۈت ئىچىدىكى ئۆزبىك روھى قەدىردان شائىرى مۇھەممەت يۇسۇفتىن ئايرىلغان ھىسياتىنى باغرىغا چىڭ باسقانچە يەنە بىر مۆجىزىنىڭ پەيدا بۇلىشىنى ئۆمىت قىلاتتى . لىكىن شائىر بىلەن سەنئەتكارنى زامان ئۈزى تۇغىدۇ . ئۆزى ئۆستۈرىدۇ . ئۆزى باغرىدا پەرۋىش قىلىپ ئاۋايلاپ قاتارغا قاتىدۇ . ئۆلگەنلىرى ئۈلۈپ . تۈرمىدا ياتقىنى تۈرمىدە يىتىپ ئەمدى ئۈسۈپ يىتىلىۋاتقانلىرى تىخى بىر كىچېلىك دەستۇرى ئارقىلىق خەلىقنىڭ ئالدىغا چىققىدەك قۇۋەتكە ۋە ماغدۇرغا ئىگە ئەمەس ئىدى . ئىككىنچى ئەۋلات 1- نۇمۇرلۇق ئاۋازى بىلەن غىجەك چالىدىغان ناخشىچى ئاتالغان غىياس بايتايۇف ئۆزىنىڭ مىسكىن ۋە جاراڭلىق ئاۋازى بىلەن يەنىلا ئۆزبىك روھىنى سۈيۈندۇرۇپ بەش يىلدا بىر قېتىم كېچىلىك قىلىش ۋەدىسىنى ئادا قىلىپ كەلدى . رەۋشەن كامىلۇفقا ئوخشاش بىر تۈركۈم سەنئەتكارلار ئۆزىنىڭ يا يۇقۇرى ئەمەس يا تۈۋەن ئەمەس ئىللىق ئېقىمنى ساقلاپ كەلدى . ئاياللاردىن ئازادە نۇر سەئىدىۋا . مەۋلۇدە قاتارلىق ناخشىچىلارمۇ ئەنئەنە بىلەن زامانىۋلىقنىڭ ئارىسىدا تىڭىرقىغانچە يولىنى داۋام ئەتتى.   ئارقىدىن ئۆزبىك سەنئىتىدە پارتىلاش خارەكتىرلىك تەسىر قوزغىغان سەنئەتكار ئازادبىك مەيدانغا چىقتى . ئۇ ئىماننىڭ كامىللىغى شىر ئەلى جۇرايۇفقا ئوخشىسا ئاۋازدىكى رەڭ . زىللىقى . سۈزۈك جاراڭلىقلىغى ۋە  ئورۇنلاش جەھەتتە ئۇستازى موخۇرددىن خالقۇفقا ئوخشايتتى . ئۇ چىقتى چىققاندىمۇ ئاجايىپ سالاپەت ۋە پاساھەت بىلەن ئوتتۇرغا چىقتى . ئۆزبىك سەنئىتى قايتىدىن ئۇزىنىڭ گۈزەل مىلودىيسىنى ئازادبىكنىڭ ئاۋازى ئارقىلىق جاھانغا جاكارلىدى . ئازادبىك بىلەن دەۋىرداشلار قىزلاردىن گۇلسەنەم مەمەت زايىتىۋا . زىيادە . شاھزادە . رەيھان قاتارلىق ناخشىچى قىزلار  ئۇنىڭغا يانداشتى . ئازادبىك دەۋىرى پىشىپ يىتىلگەندىن كىين دەۋىر يەنە يىڭى سەنئەتكارنى ئىھتىياج قىلدى . چۈنكى ئازادبىكمۇ پەقەتلا ئەنئەنۋى ئىدىيەنىڭ يىڭى تۇيغۇ ئىچىدە ئىپادىلەش يولدىن چەتنىيەلمىگەندى .

باجالار دەل 80- يىلىدىن كىين تۇغۇلغان ئۆزبىك بالىلىرىنىڭ ئىدىيسىنى مەيدانغا تاشلىيالايدىغان ھالەتتە بارلىققا كىلىشى كىرەك ئىدى . ئۇلار ئەنئەنىۋى يولدىن تامامەن چەتنەپ كەتتى . ئۇلارنىڭ ئىيتقان ناخشىلىرى ئەنئەنۋىى رەڭدار مىلودىيەلەردىن چىكىنگەن ھالەتتە بولسىمۇ لىكىن ھازىرى زامان باللىرىنىڭ زامانىۋى ئىلىكتۇرۇنلۇق قۇراللار ئىچىدە ئۈسۈپ يىتىلىۋاتقان چۈشكۈن ھاياتىغا شاتلىق ۋە جاسارەت بەخىش ئەتتى  .

ئۇلار ئەڭ ئاۋال موزىكىدىكى كونا قىلىپنى يەنى سوپىسىتىك ئىدىيە بىلەن تويۇنغان مىلودىيە ئىڭىنى ئىنكار قىلدى . ئاندىن كىين ئەنئەنىۋى ئۇسلۇپتىكى پەلسەپىۋىلىكى كۈچلۈك . تەلىم تەربىيە بىرىدىغان . نەسىھەت قىلىدىغان تېكىستلەردىن يىراقلاپ پەقەت خۇشاللىق ئىزدەيدىغان . زامانىۋى موزىكىنىڭ زامانىۋى ھىسياتىدىن پايدىلىنىش ئارقىلىق مۇكەممەل تېكسىت يوق . پەقەت موزىكىلىق ھىسياتقا تايىنىپ سەنئەتنى زوقلىنىش دەپ قارايدىغان باللارنىڭ نەزىرىدە تىزلا باش كۆتۈرۈپ چىقتى . نەچچە يىل بۇرۇن باجالار گۈرۇھىنى ئۆزبىك سەنئەت كېچلىكلىرىدە كۆرگىلى بولمايتتى . مانا ئەمدىلىكتە ئۇلار ئۆزىنىڭ ئورنىنى تىكلىگەندىن سىرىت ھەۋەسكارلىقتىن ئۇستازلىق ئورنىغا ئۆتكەنلگىنى ھىس قىلماق تەس ئەمەس . ئۇيغۇر باللىرىمىز ئەنە شۇنداق ئۆزىنىڭ ھىسياتىنى قاراڭغۇلۇق . زۇلمەتلىك يالغۇزلۇق ھىسياتىدىن قۇتۇلۇش . ئۆزىنىڭ ئەسلى ھىسياتىنى ئىپادە قىلىدىغان بوشلۇق ئىزدەۋاتقان ۋاقىتنىڭ ئۈزىدە بۇ خۇشاللىقنى ئۇيغۇر سەنئەتكارلىدىن ئەمەس دەل باجالاردىن تاپتى . ھەر دەۋىردە بىر توپ خەلىق ئۆزىنىڭ زامانداش . دەۋىرداش سەنئەتكارلىرى بىلەن تەڭ ئۈسۈپ تەڭ يىتىلىپ بىر تەرەققىياتتىن تەڭ بەھرىمان بۇلىدۇ . ھازىر باجالار بىلەن تەڭ تۇغۇلۇپ ئۆسكەن باللارنىڭ نەزىرىدە باجالار ئەڭ زوق بىرىدىغان بىر سەنئەتكار . ئەنئەنىۋى ناخشىچىلىق ئۇسلۇبىنى پەقەت يىزا قىشلاقلاردا ئافغان راۋابىنى ئاڭلاپ چوڭ بولغان باللار ياخشى كۆرىشى مۈمكىن . لىكىن يەر شارى ئۇچۇر دەۋرىدە بىر بىرگە قىزغىنلىق بىلەن سالام قىلىۋاتقان مۇشۇنداق دەۋىردە يەنە ئەنئەنە ئۈچۈن ھازىرنى قۇربان قىلىۋاتقانلارنى قۇشقۇن ساداسى ئارقىلىق ئىنكار قىلىدۇ . ياشلاردا شۇنداق جاسارەت بار . مەن ئەمەلىيەتتە باجالارنىڭ ناخشىلىردىن ھۇزۇر ئالالمايمەن . مەن ئابلاجان ئاۋۈت ئايۇپنىڭ ناخشىلىرىدىن سۈيۈنگۈچى ۋە ئۇنى قوللىغۇچى . لىكىن مانا مۇشۇنداق روھقا ئىگە ياشلار بولسا قوللايمەن ھەم ئۇلارنى تەتقىق قىلىش ئوبىكتى قىلىمەن .  بىز ھە دىسە ئۆزىمىزنىڭ گىپىنى قىلىپ تۇرىۋالساق باللىرىمىزغا بىرىدىغان ئىمكانىيىتمىز تار بۇلىدۇ . ئىمكانىيەت تار بولغانكەن باللىرىمىزنىڭ ئىدىيىسىنى بوغىمىز . ئىدىيىسى بوغۇلغان باللار ۋاختى كەلگەندە بىزدەك زامانۋىلىقنىڭ ھەممىنى ئىتىراپ قىلماي ئۆزىنىڭ سەزگۈسى بىلەنلا ياشاپ باشقىنى ئىنكار قىلىدىغان مۇتئەسسىپلەرنى . زوراۋان ھۈكۈمرانلارغا ئوخشاش كۆزدە قاراپ ئەسلى ۋەسلىمىز بىلەن قوشۇپ دەپنە قىلىۋىتىش ئارقىلى پۇخادىن چىقىدۇ . ئاخىرىدا مەن بىر تۈرك قىنىنى روھى ۋۇجۇدىغا يۈكىلىگەن بارلىق ئۆزبىك قىرىنداشلارنىڭ سالامەتلىگىنى تىلەيمەن .


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   كەپتەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-24 09:55 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33849
يازما سانى: 65
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1333
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 4035 سائەت
تىزىم: 2011-3-14
ئاخىرقى: 2012-6-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 01:30:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەرقانچە يېڭى زامانىۋى بولسىمۇ يەنىلا ئوزىنىڭ مىللى سەنئىتىگە يەتمەيدۇ ھە!!!!    ئوز ئاھاڭىمىز ئوز ناخشىمىزنى ئاڭلىغاندا قۇلاق ئەمەس يۇرەك ئاڭلايدۇ ئەمەسمۇ!!

UZ

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 70069
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 53
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 100 سائەت
تىزىم: 2011-12-13
ئاخىرقى: 2012-6-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 01:31:46 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
Vafosizda hayo yo‘q, hayosizda vafo yo‘q.ۋاپاسىزدا ھايا يوق،ھاياسىزدا ۋاپا يوق

قۇشقاچ ئوۋلايمەن

مەستانە ئـــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66
يازما سانى: 1528
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 23369
تۆھپە نۇمۇرى: 861
توردا: 1536 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-6-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 02:20:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىلە  زادى نىمە دىدمەكچى ئۆزھال تورداش ، كاللىنى ساراڭ ئەتمەي ئۇدۇللا دېمەمسىلە .

تىكەن

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60705
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 185
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 434 سائەت
تىزىم: 2011-10-16
ئاخىرقى: 2012-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 07:23:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30164
يازما سانى: 704
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3952
تۆھپە نۇمۇرى: 797
توردا: 3262 سائەت
تىزىم: 2011-2-12
ئاخىرقى: 2012-7-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 07:48:51 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
«سىزنى ئەسلىدىم» ئەسلى كىم ئىيتقان؟؟

ئوۋچىنىڭ ئوقياسى بولسا،كىيىكنىڭ خۇداسى يوقمىكىن!

ئارسلاندەك ياشا

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17211
يازما سانى: 870
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 17844
تۆھپە نۇمۇرى: 1248
توردا: 2961 سائەت
تىزىم: 2010-11-11
ئاخىرقى: 2012-7-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 08:13:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مانا مەن ئۆزبىك قېرنداشلىرىمىزنىڭ نادېر ناخشلىرىنىمۇ يېقتۇرۇپ ئاڭلايمەن ، ئازادبىكنىڭ ناخشىللرى شۇنداق ياخشى ، ‹‹ھاجىم ، موللاملار ›› زىددىيەت ئۇرۇقىنى ئاز تېرشسىلا ، تورداشلار شۇنداق زىددىيەت تېرىپ كۆڭۈلسىزلىك چىقىرىدىغانلارنى تىلللاپ ۋەتىۋەرىكىنى چىقىرىپ ئىككىنجى تېتىقسىز گەپ قىلمايدىغان ، گەپنى ئويلىنىپ قىلىدىغان قىلىۋەتسە مانا خو

ھەربىر ئادەمنىڭ قىلغان - ئەتكىنى شۇ ئادەمنىڭ پەزىلىتىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ  بىرىدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73000
يازما سانى: 355
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 177
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 455 سائەت
تىزىم: 2012-1-12
ئاخىرقى: 2012-7-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 09:17:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جاھانگىر دېگەن كىم؟  باجىلار دېگەنچۇ؟ بۇ باجا دېگەن خوتۇنۇمنىڭ سىڭلىسىنىڭ ئېرىنى باجا بولىدىغاندۇ؟؟
بوجالار دىمەمسىلە دەيمە
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   joda☠ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-24 01:12 PM  


دەرت-ئەلەم كەلمىگىچە، بەندە خۇدا دەپ يىغلىماس! ـــــــــــــــ جودا

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66667
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10615
تۆھپە نۇمۇرى: 313
توردا: 943 سائەت
تىزىم: 2010-1-24
ئاخىرقى: 2012-7-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 09:59:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممە تېمىدا ئۇرۇش چىقىرۋاتقان بىر نەچچە قۇتراتقۇلارنى ئۇدۇللا چەكلەپ مېڭىۋاتىمىز ،تېمىنىڭ نورماللىقى ئۈچۈن بىر قىسىم ئىنكاسلار ئۆچۈرۈلدى... تېمىنى ھېسيات نۇقتىسىدىن ئەمەس بەلكى ئاساسىي مەزمۇنىنى چۈشەنگەن ھالدا تەھلىل قىغايسىزلەر.. يەنە قالايمىقانچىلىق چىقارغانلار IP بىلەن قوشۇپ چەكلىنىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40351
يازما سانى: 476
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 933
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1523 سائەت
تىزىم: 2011-5-11
ئاخىرقى: 2012-7-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 10:08:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باجالارنىڭ   ناخشىللىرى قۇلاق مىڭىنى يەپلا كىتىدىغۇ زادى. ئەمما  ئۆزبەك قېرىنداشلىرىمىزنىڭ كىلاسسىك ناخشىللرى يۈرەكنىڭ بېغىشىغىلا تىگىدىغۇ زادى.

نىكاھ تەڭ باراۋەرلىك-ئادالەت ئۈستىگە ئەمەس، پەزلى- مەرھەمەت ئۈستىگە قۇرۇلىدۇ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش