خەير ........
كۆز ئالدىمدىكى رېئاللىققا ئىشەنمەي قالدىم. شۇ تاپتا كۆز ئالدىم قاپقاراڭغۇ، ھېچنىمىنى ئويلىغۇم يوق. مۇھەببەت دىگەن نىمە ؟؟ بۇ دۇنيادا ھەقىقي مۇھەببەت بارمۇ ؟؟بۇ سوئاللار كاللامنى چىرمىۋالدى؟شۇ تاپتا قولام كۇنۇپكا تاختىسى ئۈستىدە خەت بىسىۋاتامدۇ ياكى كۇنۇپكا تاختىسى مېنى بېسىۋاتامدۇ ؟ بىلمەيمەن.
بۈگۈن چ چ رىمدا ئوغۇل دوستومنىڭ قىز دوستى بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم.ھەم ئۇنىڭ چ چ سىنىڭ بوشلوقىدا ئۇ ئىكبىسىنىڭ رەسىمنى كۆرۈپ قالدىم.يۈرۈكۈم شۇنچىلىك ئاچچىق بولدىكىن ،ئۇنى تىل بىلەن تەسۋەرلەپ بىرەلمەيمەن.
تەنھالىق ئىچىدە ئازاپ چىكىۋاتقان بىچارە ھالىتىمنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرگەندە،ئۆز ئۆزەمگە ئىچ ئىچىمدىن ئىچىنساممۇ،سېنىڭ ماڭا بولغان پەرۋاسىز ھالىتىڭنى ئويلىغىنىمدا سەندىن ئۈمۈدمنى ئۈزمەكچى،سىنى ئۇنتۇپ كەتمەكچى بولدۇم. بىز تونۇشقان شىرىن خىياللار بۆشۈكىدە تەۋرىنىپ،خىيالسىز ئۆتكەن ئاشۇ قىسقا ئەمما ئىنتايىن كۆڭۈللۈك ئۆتكەن ئاشۇ چاغلارنى ئۇنۇتماقچى بولدۇم.
بىراق مەن نىمىشقا ئۇنداق قىلالمايدىغاندىمەن؟ قانچە قىلساممۇ سېنى ئۇنتالمىدىم. ئۇزۇن ھەم دولقونلۇق خىياللىرىم روھىمنى تېنىمدىن يىپنى سۇغۇرغاندەكلام سۇغۇرۋىلىپ سېنى ئەسەبىيلارچە سۆيگەن ئاشۇ ھېچنىمىگە تەڭ قىلغۇسىىز قىسقا ئەمما ئىيتقۇسىز شېرىن دەملەردىكى يۈرەك سوقۇشلىرىمنى ئۈن تىنسىز تىڭشاشقا، ئايدىڭ كېچىلەردە يانمۇ يان مېڭىپ گغزەل ئارزۇلار ھەققىىدە سىرداشقان ئايدىڭ كېچىلەرگەيۈزلەندۈرىدۇ.
قۇيدش شېرىن ئۇيقيسىنى باشلىغان چاغدا،بېشىمنى ياستۇققا قويغان ھامان چۈشلىرىمدە سۇس پىچىرلاپ ئۇيقۇمنى بۇزىسەن،تېپتىنىچ كېچەخۇددى ئايغا چىقماس خىيالىمدەك ئۇزۇن بىلىنىدۇ.ياستۇقلار قار-يامغۇرلادا قالغاندەكلام ھۆل بولىدۇ.ئويلاپ كۆرسەم ئۆزەمنىڭ بۇلمىغۇر خىياللىرىم مەن ئۈچۈن لەيلىمۇ دوزاخ ئىكەن ئەمەسمۇ؟ئۆزۈمنىڭ ساددا ھاماقەتلىكىمدىن چەكسىز نەپرەتلەندىم.
تۆكۈلمەكتە كۆزلىرىمدىن ياش،
چىدالمىغاچ ھىجران دەردىگە.
ئاسماندىكى يۇلتۇزلار گۇۋاھ،
قەلبىمدىكى شۇ پاڭ سۆيگۈمگە.
ئايدىڭ كچە ئايرىلدۇق شۇنداق،
قالمىغاچقا بىزلەرگە پۇرسەت.
خارلىمىغىن ئەمدى سۆيگۈنى،
كىلىپ قالسا يەنە بىر پۇرسەت.
ئۆز-ئۆزۈمگە دىدىمغۇ ئاخىر،
گۇناھسىزغۇ سۆيگۈ ئەسلىدە.
ئۆستۈرمەكچى بولغانتۇق گۈلنى،
غازاڭ قىلدۇق چېچەك پەسلىدە.
سەنەممۇ،غىرىپمۇ،پەرھاتمۇ ئۆلگەن،
جاھاندا شۇ كەبى مەشۇقمۇ ئۆتكەن.
ئويلىنىپ قالىمەن بەزىدە شۇنداق،
مەن ئۈچۈن مۇھەببەت راستىنلا ئۆلگەن؟.
خەير جېنىم......لېكىن شۇ ئېسىڭدە بولسۇنكى دەرەخ قانچىلىك ئېگىز بولسىمۇ،ياپراقلىرى يەنىلا يەرگە تۆكىلىدۇ............!!!!!
مەنبە: ئۆز ئىجادىيىتىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-24 02:23 AM