ئوت ئىچىدىن سۇ ،ئۆكۈزدىن سۈت تەمە قىلىش. (ماقال)
ھەرگىياھ ھەرتۇپرىقىڭ تۇتىيا يۇرتۇم ماڭا ،
سەن ئۈچۈن جاندىن كىچىپ مۇپتىلا بولدوم ساڭا.
ئانىلار تۇغمايدۇ ئاپەتنى ،
ئانىلار ياراتقان تاقەتنى.
ئانىلار بولمىسا ئالەمدە،
يەريۈزى بىلمەيتى موھاببەتنى.
قارايمەن ئىشىككە پەرىشان تەنھا،
تونوغۇم كەلمەيدۇ ئۆيۈمنى زادى.
ئۇكەتتى غەم-غۇسسە يادىكار ماڭا،
ھەم قالدى ھەرجايدا توپىلا ئىزى.
مەكتەپتىكى موھاببەت،
شۇنچە شىرىن كارامەت.
دەسلەپتە كۈلدۈرگەن بىلەن،
يامانغا ياخشىلىق قىلغان ياماندۇر،
يامانلىق ياخشىغا قىلغان ھاماندۇر، (زاھىردىن مۇھەممەت بابۇر)
كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ ،
كۆرمىگەنىنى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ. (ن . بوساقۇب)
كىبىر نىمە، قومۇشتىن سوراڭ،
پىپىكىنى مىۋە دەرئىمىش.
پىپەك ئەگر مىۋە ئاتالسا،
نېمە ئاتىلار شاخ ئەگكەن يىمىش. (ب. ئابدۇللا)
ئالىسەن نىشانغا باشقىلارنى سەن،
ئۇئاسان ئۆزوڭنى ئالمىقىڭ قىيىن.
باشقىلار يولىغا كولىساڭ ئورا ،
سېنىڭمۇ تىنىچ ئامان قالمىغىڭ قىيىن. (م. زۇنۇن)
بارمىكىن ھىچنىمە ئالەمدە ھىجىراندىن يامان،
ھەرنەكىم ئاندىن يامانراقتۇر بۇدۇر ئاندىن يامان، (زاھىردىن مۇھەممەت بابۇر)
ئىلىم مۆجىزىلەرنىڭ سىرىن ئاچقۇچى،
بىر كۈن ياشاش ئۈچۈن ئوقو ئون يىل.
كۆزلا ئەمەس ئالدىڭدا نۇر چاچقۇچى،
قاراڭغۇنى يوروتقان بۇيوروق دىل. (لۇتپۇللا مۇتەللىپ)
ئالدىراقسان كىشىنىڭ ،
ساپاسى يوق ئىشىنىڭ.
ساقايمايدۇ ئاغرىقى .
ئۆمۈرۋايەت بىشىنىڭ. (ۋ. غوپور)