مۇھەببەتكە بولما مەستانە
شۇنچە نازۇك شۇنچىلىك شىرىن،
ئۇبولغاچقا كۈنلەر رومانتىك.
گەر ئايرىلىپ قالساق ناۋادا،
تۇرالمايمىز ھەرگىز روھلۇق تىك.
كۈنلەرنىڭمۇ باردۇر ھەم تۈنى،
ئاق بار يەردە قارا بولغان كەبى.
ئۇنىڭ بىلەن بولساڭ بالدۇر دوسىت،
بولالمايسەن ھەرگىزمۇ سەبى.
ئۇ بولسىلا شىرىن خىيالدا،
ئۇيقۇ سىزلا باقارسەن ئايغا.
ئايرىلدىڭمۇ تۈگەشكىنىڭ شۇ،
ئازاپلىنىپ پاتارسەن لايغا.
شۇڭا بالدۇر ياشلىق قىلىپلا ،
مۇھەببەتكە بولما مەستانە.
بار كۈچ بىلەن يېڭىلىق يارتىپ،
ياشىغىن سەن بولۇپ مەردانە.
2011-يىلى5-ئاينىڭ19-كۈنى.
يولۇڭغا قاراپ
گەر ئاقسىمۇ كۆزۈمدىن قان ياش،
چاندۇرماستىن يۈرگەنتىم ساڭا.
سەۋەپ شىرىن سۆزلىرىڭ بىلەن،
ۋەدىلەرنى بەرگەنتىڭ ماڭا.
قېنى يارىم ئاشۇ ۋەدىلەر؟
كەتتى نەگە نىمە سەۋەپتىن؟
ئايرىلىشقا بېرەلمەي بەرداش،
قان ئاقماقتا كۆيگەن يۈرەكتىن .
كۈنۈم ئۆتەر يولۇڭغا قاراپ،
كېلىشىڭنى يېنىمغا يارىم.
ۋەدەم شۇ ئۆزگەرمەس مەڭگۈ،
سېنىڭ بولسۇن ھاياتىم بارىم.
2011-يىلى5-ئاينىڭ16-كۈنى
ئا.ئابلىز(ئۇچارى)
مەنبە_____ ئۆز ئجادىيتىم.