مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3529|ئىنكاس: 38

مۇھەممەت ساللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئوغلى ئىبراھىمنىڭ ۋاپات [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78578
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3653
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 4 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2012-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-23 09:05:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىس (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) رەسۇلۇللاھ 62يىشىدا يەنى ۋاپات بولۇشقا بىريىل قالغاندا ئاللاھنىڭ ئەڭ قاتتىق سىناقلىرىدىن ئۆتۈپ بولغاندا، ئىنسان بالىسى كۆتۈرەلمەيدىغان، بەرداشلىق بىرەلمەيدىغان ئىمتىھانغا دۇچ كەلدى. رەسۇلۇللا پەيغەمبەرلىككە ۋەھيى كېلىشتىن بۇرۇن خەدىچە ئانىمىزدىن ئككى ئوغۇل پەرزەنت كۆرگەن ئىدى. بىرىنىڭ ئىسمى قاسىم يەنە بىرىنىڭ تاھىر ئىدى. لېكىن ئۇلار كىچىكىدە ئالەمدىن ئۆتكەن ئىدى.رەسۇلۇللاھ پەيغەمبەر بولغاندىن كېيىن ئوغۇل پەرزەنت كۆرمىگەنلىكى ئۈچۈن دائىم ئوغۇل پەرزەنتتى بولۇشنى ئارزۇ قىلاتتى، شۇچاغلاردا كافىرلارنىڭ 10-15تىن خوتۇنلىرى بولغاچقا ئوغۇللىرى جىق ئىدى ھەم شۇنىڭدىن پەخىرلىنەتتى ۋە رەسۇلىللاھقا لەقەم قويۇپ (ئەبتەر) يەنى (دىنى كېسىك،ئاخىرى يوق) ئوغلى يوق، ئۇ ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئىشلىرى توختاپ قالىدۇ،دەپ رەسۇلۇللاھنىڭ دىلىغا ئازار بەردى. بۇنى رەسۇلۇللاھ ئاڭلاپ كىرىپ ئى ئاللاھ بۇندىن كىيىن ئشلىرىم توختاپ قالمىسا ئوغۇل پەرزەنت بەرسەڭ دەپ يىغلاپ دۇئا قىلدى. شۇندا جەبرائل ئەلەيھسسالام قۇرئاندىكى ئەڭ كىچىك سۈرە بولغان (سۈرە كەۋسەر) دىن ۋەھيى ئېلىپ كەلدى. رەسۇلۇللاھنىڭ بۇ سۈرىدىن كۆڭلى يورىغاندەك بولدىيۇ لېكىن ئاتىلىق مېھرى يەنە جۇش ئۇرۇپ تۇراتتى. كېيىنچە ئاللاھنىڭ ھېكمىتى بىلەن مارىيە ئانىمىزدىن بىر ئوغۇل پەرزەنت كۆردى ۋە ناھايىتى خۇرسەن بولۇپ پۈتۈن قۇرەيىشلەرگە خەۋەر يەتكۈزدى، ھەممەيلەنگە دۇئالارنى قىلدى. 7 كۈنلۈك بولغاندا ئوغۇلغا (ئبراھىم) دەپ ئىسىم قويدى. يەنى رەسۇلىللاھ ئوغلۇم ئىبراھىم خەلىيلۇللاھدەك بولسۇن دەپ ئبراھىم دەپ ئىسىم قويدى. بۇ ئوغۇل 5 ياشقا كىرگەن يىلى يەنى رەسۇلۇللاھ 62 ياشقا كىرگەن يىلى قاتتىق ئاغرىپ قالدى. بۇنىڭدىن رەسۇلۇللاھنىڭ كۆڭلى پەرىشان بولۇپ يىغلاپ«يا رەببىم 5 كە كىرگەن شۇ ئوغلۇمدىن ئايرىلالمەنمۇ؟ يا رەببىم! ئۆزۈڭ شىپالىق بەرگەيسەن!» دەپ دۇئالار قىلدى، ۋە ئورنىدىن تۇرۇپ سىرتقا قارىسا ئوغلى يۈگۈرۈپ تالادا يۈرگەنلىكىنى كۆرۈپ«سۇبھەناللاھ رەببىم ! دۇئايىمنى ئىجاۋەت قىلىپسەن شۈكرى» دەپ، ئوغلى يېنىغا ماڭدى. دەل شۇ پەيىتتە جەبرائىل ئەلەيھىسسالام كېلىپ قالدى، يەنى جەبرائىل ئەلەيھىسسالام رەسۇلۇللاھقا بەزىدە ئەرەب شەكلىدە كۆرۈنەتتى، بەزىدە كۆرۈنمەي رەسۇلۇللاھنى بىر يۈك باسقاندەك بولاتتى. بۇ قېتىم ئۇ كۆرۈنمەي رەسۇلۇللاھنىڭ يەلكىسىدىن باستى. رەسۇلۇللاھ جەبرائىلغا قاراپ« ئەي جەبرائىل بۇ قېتىم يىغلاپ كېلىپسىزغۇ؟ نىمە بولدىڭىز؟»دەپ سورىدى. جەبرائىل دېدىكى« يا رەسۇلۇللاھ! قىيامەتنىڭ خەۋىرى كەلدى.» دېدى. ۋە ئاز ۋاقىتتىن كىيىن «يا رەسۇلۇللاھ قىيامەتنىڭ خەۋىرى كەلگىنى يوق! ئوغلۇم شىپا تاپتى، دەپ خۇرسەن بولۇپسىز»دېدى. رەسۇلۇللاھ« شۇنداق ئەي جەبرائىل، ئوغلۇمنى دۇنياغا تېگىشمەيمەن، ئۇنى ھەقىقەتەن ياخشى كۆرىمەن!» دېدى. شۇ زامان جەبرائىل يەنە يىغلىدى . «يا رەسۇلۇللاھ! مەن بىلەن كىمنىڭ كەلگىنىنى بىلەمسىز؟»دېدى. رەسۇلۇللاھ:« كىم كەلدى؟ ئەي جەبرائىل؟»دېدى. « ئەزرائىل ئەلەيھسسالام كەلدى، بۈگۈن ئوغلىڭىز روھى قەبىز قىلىنىدۇ يا رەسۇلۇللاھ! ئاللاھ سىزگە ھېچقاچان ئوغۇل پەرزەنت بەرمەيدىكەن، چۈنكى سىزدىن كېيىن ئۈممەتلىرىڭىز ئوغلىڭزنى پەيغەمبەرلىك ماقامىغا كۆتۈرۈپ قويىدۇ دەپ تەشۋىشلىنىمىز ۋە بىر قەلبتە ئىككى مۇھەببەت بولمايدۇ، يا رەسۇلۇللاھ! سىز ئۈممىتىڭىزنى تاللاڭ ياكى ئوغلىڭىزنى» دېدى. رەسۇلۇللاھنىڭ ۋۇجۇدلىرى تىترەپ «يا رەببىم! قېرىغان چېغىمدا قانداق ئىمتىھان بولدى ئەمدى بۇ ماڭا؟» دەپ يىغلاپ كەتتى.جەبرائىلمۇ يىغلاپ تۇرۇپ« يا رەسۇلۇللاھ بارچە پەرىشتىلەرنىڭ قوللىرىنى دۇئاغا ئېچىپ قويدۇم، كېلىڭ،بىرگە ئاللاھقا دۇئا قىلايلى! ھېچ بولمىسا سىز دۇنيادىن كەتكىچە ئوغلىڭىز تۇرۇپ تۇرسۇن» دېدى. رەسۇلۇللاھ« شۇنداقمۇ؟ يا جەبرائىل،مەن ئوغلۇمنىڭ ئۆمرىنى سوراشقا كەلگەن پەيغەمبەرئەمەسمەن، ماڭا ئىختىيار بېرىلسە مەن ئۈممەتنى تاللىدىم. سىز ھەم دۇئا قىلىڭ مەن ھەم دۇئا قىلاي ئاللاھ ئوغلۇمنىڭ ئورنىغا ئىسلامغا خىزمەت قىلىدىغان پەرزەنتلەردىن ساھابە ئۈممەتلىرىمگە، ئاخىر زامان ئۈممەتلىرىمگە، ئوغلۇمنىڭ ئورنىغا ساداقەتمەن، ئىنساپلىق پەرزەنتلەردىن بەرسە ئەجەپ ئەمەس، دۇئا قىلىڭ» دەپ يىغلاپ تۇرۇپ دۇئا قىلدى ۋە ئەزرائىل ئەلەيھسسالامغا« ئەي ئەزرائىل! شۇ كۆزۈمنڭ قارىسى بىلەن خوشلىشىۋالغىلى رۇخسەت قىلىڭ!» دېدى. شۇچاغدا جەبرائىل ئەلەيھسسالام يىغلاپ تۇرۇپ دېدىكى«يا رەسۇلۇللاھ! ئەزرائىل ئەلەيھسسالام سىزنىڭ ئىشارىڭىزنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتىدۇ.» رەسۇلۇللاھ ئوغلى يېنىغا چىقتى. ئوغلى ئىبراھىم ئۆز تەڭتۇش ساھابە بالىلىرى بىلەن ئويناپ يۈرەتتى ۋە شۇنچە ساغلام بوپقالغان ئىدى. رەسۇلۇللاھ قارىسا شۇنچە كۆپ بالىلار ئارىسىدا ئەڭ چىرايلىقى يەنە ئۆز ئوغلى. گۈزەل خۇلقلىق، گۈزەل سۈپەتلىك. رەسۇلۇللاھ ئۇزاق ئوغلىغا تىكىلىپ قاراپ تۇردى ۋە« ئەي كۆزۈمنىڭ قارىسى بالام بۇ ياققا كېلىڭ» دېدى. ئوغلى يۈگرەپ كەلگەن ئىدى. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ باشلىرىنى سىلاپ، باغرىغا باستى ۋە«ئوغلۇم، سىز سەپەرگە چىقىدىغان بولۇپ قالدىڭىز!» دېدى. ئوغلى خۇرسەن بولۇپ« ئۇنداق بولسا يېڭى كىيىملىرىمنى كىيىپ تەييار بولايمىكىن!» دېدى. رەسۇلۇللاھ ئوغلىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ يىغلاپ كەتتى ۋە« ئەي ئوغلۇم سىزگە كىيىم كېرەك بولمايدىغان، دۇنيا كېرەك بولمايدىغان جايغا كېتىدىغان بولۇپ قالدىڭىز، ئۆيگە كىرىپ بىر مېھمان بىلەن كۆرۈشۈپ چىقىڭ»دېدى. ئەقلى پاراسەتتە رەسۇلۇللاھنىڭ قېنى بولغانلىقى ئۈچۈن ئوغۇل ئاتىسى رەسۇلۇللاھنىڭ نېمە دېگىنىنى دەرھال چۈشەندى ۋە قولىدىكى ئوينىغان ئويۇنچىقىنى كۆتۈرۈپ« ئۇنداق بولسا بۇنى ئامانەت ئالغان ئىدىم، بۇنى بېرىپ قوياي»دېدى. بۇ گەپلەرنى رەسۇلۇللاھ ئاڭلاپ «ئوغلۇم دەۋەتتى ۋە يا رەببىم! شۇنداق ئامانەتچى، شۇنداق پاراسەتلىك ئوغلۇم بار ئىدى» دېدى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   diyana12 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-23 09:06 PM  


ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
allo2010 + 10 ماختاشقا تېگىشلىك
ARAL52 + 300
OMAR0998 + 300 رەھمەت سىزگە

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 610   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35342
يازما سانى: 214
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 13724
تۆھپە نۇمۇرى: 959
توردا: 2040 سائەت
تىزىم: 2011-3-26
ئاخىرقى: 2013-12-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-23 11:06:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسسەللەم...

‹روھىنى پاكلىغان ئادەم چوقۇم مۇرادىغا يىتىدۇ ›___   سۈرە شەمسى 9_ئايەت

غەلبە مۆئمىنلەرگە مەنسۇپ!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3235
يازما سانى: 2958
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15637
تۆھپە نۇمۇرى: 2247
توردا: 2517 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2015-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-23 11:13:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە بىر رىۋايەتتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مىراجغا چىققاندا ئۆز ئاتا-ئانىسىنى دوزاختا كۆرۈپ قاتتىق ئازابلانغان،جىبرىئىل سىز ئاتا-ئانىڭىزنى تاللامسىز ئۈممىتىڭىزنىمۇ دەپ سورىغاندا ئۈممىتىمنى تاللايمەن دەپتىكەن.

‹‹شاھادەت›› ئەڭ بۈيۈك مۇھەببەت،‹‹شىھىد›› ئەڭ بۈيۈك ئاشىقتۇر! ياردەم ۋە مەدەت بەرگۈچى ئىھ رەببىم،سەن ۋەدەڭدە تۇرىسەن ۋە تۇرۇپ كەلدىڭ،سەندىن نائۈمىد قىلمىغىن،شەيتان ۋە ئەگەشكۈچى پاسىقلارغا قارشى قەدەملىرمىزنى مۇستەھكەم قىلغىن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40351
يازما سانى: 501
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4523
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1991 سائەت
تىزىم: 2011-5-11
ئاخىرقى: 2014-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-23 11:17:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بولسا ئاشۇ دىيىلگەن گەپلەرنىڭ  مەبەسىنى دەپ قويغان بولسىىڭز  ياخشى بۇلاتتى.

نىكاھ تەڭ باراۋەرلىك-ئادالەت ئۈستىگە ئەمەس، پەزلى- مەرھەمەت ئۈستىگە قۇرۇلىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78259
يازما سانى: 177
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3745
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 310 سائەت
تىزىم: 2012-4-1
ئاخىرقى: 2014-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-23 11:34:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىما ئىگىسىگە رەخمەت. يەنە مۇشۇنداق تىمىلار بولسا كۆپرك يوللاپ تۇرارسىز. بولسا تىمىڭىزنىڭ كىلىش مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويغان بولسىڭىز،بىزمۇ كىرىپ كۆرۇپ باققان بولساق..

كۆيگىن كۆيدۈرگىن، كۆيدۈرەلمىسەڭ كۆيگىنىڭنى بىلدۈرگىن....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30164
يازما سانى: 694
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6695
تۆھپە نۇمۇرى: 887
توردا: 3505 سائەت
تىزىم: 2011-2-12
ئاخىرقى: 2015-2-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-23 11:38:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يا ئاللاھ!  يارەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسسەللەم...

ئوۋچىنىڭ ئوقياسى بولسا،كىيىكنىڭ خۇداسى يوقمىكىن!

تاڭ ساباسى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3506
يازما سانى: 594
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11629
تۆھپە نۇمۇرى: 452
توردا: 2833 سائەت
تىزىم: 2010-7-7
ئاخىرقى: 2014-11-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 12:02:51 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىھرىبان ھەق سۇبھانىتائالا بارلىق موئىمىن قېرىنداشلىرىمىزنى مۇھەممەت سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئۇممەتلىرى قاتارىدىن قىلغايلا ،بۇ تېمىنى  ئوقۇپ كۆزلۇرۇم ياشقا تولدى. بىر يۈرەككە ئىككى مۇھەببەت سىغمايدۇ ، ھەر قانداق مۇھەببەت ئاۋال بىزنى يوقتىن بار قىلغان ئاللاھقا ئاندىن قالسا باشقا كىشلەرگە بىغىشلانسا مانا بۇ ھەقىقى مۇھەببەت . بۇ تېمىنى يوللىغان قېرىندىشىمىزغا ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن .

ھايات شامى ئۆچىدۇ تۇرمايدۇ يىنىق ،
كەلدىڭمۇ دۇنياغا كەتمىگىڭ ئىنىق .
شۇ كىلىپ كىتىشنىڭ ئۆزى بىر سۇئال ،
تەييار بول سۇئالغا پۇتكىچە تىنىق .

*گۇناھنىڭ كىچىكلىكىگە قارىمىغىن ،لكىن ئۆزۈڭ ئاسىيلىق قىلىۋاتقان زاتنىڭ كاتتىلىقىغا قارىغىن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 68572
يازما سانى: 178
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3991
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 446 سائەت
تىزىم: 2011-12-5
ئاخىرقى: 2013-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 12:33:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللا رەھمەت قلسۇن قىرندىشم،ئاللانىڭ رەھمتى ۋە ھممتى بارلىق مۇسۇلمان قىرنداشلىرىمزغا بۇلسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73000
يازما سانى: 1053
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 126
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2637 سائەت
تىزىم: 2012-1-12
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 09:35:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر ئىسىل تېما بۇلۇپتۇ ...

پىلدىن بۈيۈك پىل ئوۋچىسى بار . ـــــــــــــــــــ بۆرىلەر ۋادىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32639
يازما سانى: 290
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 61
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 4740 سائەت
تىزىم: 2011-3-4
ئاخىرقى: 2015-1-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 11:17:29 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت سىزگە مۇنبەردىن ئىسىل تىمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش