مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 779|ئىنكاس: 9

قانۇن ئۇگۇنۇپ ھۇقۇقىمىزنى قۇغدايلى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مەن تىنىچلىق ئەل

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39646
يازما سانى: 277
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3415
تۆھپە نۇمۇرى: 650
توردا: 917 سائەت
تىزىم: 2011-5-4
ئاخىرقى: 2012-6-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-23 08:16:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەمگەك توختام قانۇنى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى
65- نومۇرلۇق
  جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەمگەك توختامى قانۇنى» 2007- يىل 6- ئاينىڭ 29- كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 10- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 28- يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، ھازىر ئېلان قىلىندى، 2008- يىل 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

      جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى خۇجىنتاۋ    2007- يىل 6- ئاينىڭ 29- كۈنى
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەمگەك توختامى قانۇنى
2007 يىل 6- ئاينىڭ 29- كۈنى 10- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 28- يىغىنىدا ماقۇللاندى

مۇندەرىجە
1- باب ئومۇمىي پرىنسىپ
2- باب ئەمگەك توختامى تۈزۈش
3- باب ئەمگەك توختامىنى ئادا قىلىش ۋە ئۆزگەرتىش
4- باب ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىش ۋە ئاخىرلاشتۇرۇش
5- باب ئالاھىدە بەلگىلىمە
1- پاراگراف كوللېكتىپ توختام
2- پاراگراف ئەمگەك كۈچى ئەۋەتىش
3- پاراگراف پۈتۈن كۈنلۈك بولمىغان تۈزۈمدە ئەمگەكچى ئىشلىتىش
6- باب نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش
7- باب قانۇن جاۋابكارلىقى
8- باب قوشۇمچە پرىنسىپ

1- باب ئومۇمىي پرىنسىپ

1- ماددا بۇ قانۇن ئەمگەك توختامى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئەمگەك توختامى تۈزۈشكۈچى ئىككى تەرەپنىڭ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، ئەمگەكچىلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق- مەنپەئىتىنى قوغداش، ئىناق، مۇقىم ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.
2- ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگرىسى ئىچىدىكى كارخانا، يەككە ئىگىلىك تەشكىلاتى، كارخانا ئەمەس پۇقراۋى ئورۇن قاتارلىق تەشكىلاتلار (تۆۋەندە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن دېيىلىدۇ) ئەمگەكچىلەر بىلەن ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، ئەمگەك توختامىنى تۈزۈش، ئادا قىلىش، ئۆزگەرتىش، بىكار قىلىش ياكى ئاخىرلاشتۇرۇشتا مۇشۇ قانۇن تەتبىقلىنىدۇ. دۆلەت ئورگىنى، كەسپىي ئورۇن، ئىجتىمائىي تەشكىلات ۋە ئۇلار بىلەن ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئورناتقان ئەمگەكچى ئەمگەك توختامىنى تۈزۈش، ئادا قىلىش، ئۆزگەرتىش، بىكار قىلىش ياكى ئاخىرلاشتۇرۇشتا مۇشۇ قانۇن ئىجرا قىلىنىدۇ.
3- ماددا ئەمگەك توختامى تۈزۈشتە، قانۇنلۇق، ئادىل، باراۋەر بولۇش، ئىختىيار قىلىش، بىر پىكىرگە كېلىش، سەمىمىي بولۇش، لەۋزىدە تۇرۇش پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش كېرەك. قانۇن بويىچە تۈزۈلگەن ئەمگەك توختامىنىڭ چەكلەش كۈچى بولىدۇ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەمگەكچى ئەمگەك توختامىدا پۈتۈشكەن مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك.
4- ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەك قائىدە- تۈزۈمىنى قانۇن بويىچە ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەمگەكچىنىڭ ئەمگەك ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇشىغا، ئەمگەك مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەك ھەققى، ئىش ۋاقتى، ئارام- ئوتپوسكا، ئەمگەك بىخەتەرلىكى- ساقلىق ساقلاش، سۇغۇرتا، پاراۋانلىق، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى تەربىيىلەش، ئەمگەك ئىنتىزامى شۇنىڭدەك ئەمگەك نورمىسىنى باشقۇرۇش قاتارلىق ئەمگەكچىلەرنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك قائىدە- تۈزۈملەرنى چىقىرىش، تۈزىتىش ياكى چوڭ- چوڭ ئىشلارنى قارار قىلىشتا، ئىشچى- خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيى ياكى بارلىق ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ مۇزاكىرىسىدىن ئۆتكۈزۈپ، لايىھەسى ۋە پىكىرىنى قويۇپ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ياكى ئشىچى- خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرى بىلەن باراۋەر كېڭىشىپ بېكىتىشى كېرەك. قائىدە- تۈزۈمنى ۋە چوڭ- چوڭ ئىشلار ھەققىدىكى قارارنى يولغا قويۇشتا، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ياكى ئىشچى- خىزمەتچىلەر مۇۋاپىق ئەمەس دەپ قارىسا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنغا پىكرىنى قويۇپ، كېڭىشىش ئارقىلىق تۈزىتىپ مۇكەممەللەشتۈرۈشكە ھوقۇقلۇق. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەكچىلەرنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك قائىدە- تۈزۈمنى ۋە چوڭ- چوڭ ئىشلار توغرىسىدىكى قارارنى ئېلان قىلىشى ياكى ئەمگەكچىلەرگە ئۇقتۇرۇشى كېرەك.
5- ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمگەك مەمۇرىي تارمىقى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ۋە كارخانا ۋەكىلى بىلەن بىرلىكتە ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى ماسلاشتۇرىدىغان 3 تەرەپ مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەمگەك مۇناسىۋىتىگە ئالاقىدار چوڭ- چوڭ مەسىلىلەرنى ئورتاق مۇھاكىمە قىلىپ ھەل قىلىدۇ.
6- ماددا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئەمگەكچى بىلەن ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ئەمگەك توختامىنى قانۇن بويىچە تۈزۈشىگە، ئادا قىلىشىغا ياردەم بېرىشى ۋە يېتەكچىلىك قىلىشى ھەمدە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن كوللېكتىپ كېڭىشىش مېخانىزمى ئورنىتىپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق- مەپەئىتىنى قوغدىشى كېرەك.

2- باب ئەمگەك توختامى تۈزۈش
7- ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئادەم ئىشلەتكەن كۈندىن باشلاپ ئەمگەكچى بىلەن ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئورنىتىدۇ. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئىشچى- خىزمەتچىلەر تىزىملىكى تۇتۇشى كېرەك.
8- ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەكچى ئالغاندا، ئەمگەكچىگە قىلىدىغان ئىشى، ئىش شارائىتى، ئىش ئورنى، كەسىپ خەۋپى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالى، ئەمگەك ھەققى شۇنىڭدەك ئەمگەكچى بىلمەكچى بولغان باشقا ئەھۋاللارنى ئەينەن ئېيتىشى كېرەك؛ ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەكچى بىلەن ئەمگەك توختامىغا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك ئاساسىي ئەھۋالنى بىلىشكە ھوقۇقلۇق، ئەمگەكچى ئەينەن ئېيتىشى كېرەك.
9- ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەكچى ئالغاندا ئەمگەكچىنىڭ كىملىكى ۋە باشقا گۇۋاھنامىلىرىنى تۇتۇپ قالسا بولمايدۇ، ئەمگەكچىدىن كېپىل تېپىشنى تەلەپ قىلسا ياكى باشقا نام بىلەن پۇل- مال ئالسا بولمايدۇ.
10- ماددا ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئورنىتىشتا، يازما ئەمگەك توختامى تۈزۈش كېرەك. ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئورناتقان بولسىمۇ، يازما ئەمگەك توختامى تۈزمىگەنلەر ئادەم ئىشلەتكەن كۈندىن باشلاپ 1 ئاي ئىچىدە يازما ئەمگەك توختامى تۈزۈشى كېرەك. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئادەم ئىشلىتىشتىن بۇرۇن ئەمگەكچى بىلەن ئەمگەك توختامى تۈزگەن بولسا، ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئادەم ئىشلەتكەن كۈندىن باشلاپ ئورنىتىلىدۇ.
11- ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئادەم ئىشلەتكەندە يازما ئەمگەك توختامى تۈزۈشمىگەن، ئەمگەكچى بىلەن ئەمگەك ھەققىنى ئېنىق پۈتۈشمىگەن بولسا، يېڭى ئالغان ئەمگەكچىنىڭ ئەمگەك ھەققى كوللېكتىپ توختامدا بەلگىلەنگەن ئۆلچەم بويىچە بولىدۇ؛ كوللېكتىپ توختام تۈزمىگەن بولسا ياكى كوللېكتىپ توختامدا بەلگىلىمىگەن بولسا، ئوخشاش ئىشقا ئوخشاش ھەق بېرىلىدۇ.
12- ماددا ئەمگەك توختامى تۇراقلىق مۇددەتلىك ئەمگەك توختامى، تۇراقسىز مۇددەتلىك ئەمگەك توختامى ۋە مۇئەييەن ئىشنى پۈتتۈرۈش مۇددەت قىلىنغان ئەمگەك توختامى دەپ ئايرىلىدۇ.
13- ماددا تۇراقلىق مۇددەتلىك ئەمگەك توختامى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەمگەكچى توختامنى ئاخىرلاشتۇرۇش ۋاقتىنى پۈتۈشكەن ئەمگەك توختامىنى كۆرسىتىدۇ. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەمگەكچى بىر پىكىرگە كەلگەندە، تۇراقلىق مۇددەتلىك ئەمگەك توختامى تۈزۈشسە بولىدۇ.
14- ماددا تۇراقسىز مۇددەتلىك ئەمگەك توختامى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەمگەكچى ئاخىرلاشتۇرۇش ۋاقتىنى پۈتۈشمىگەن ئەمگەك توختامىنى كۆرسىتىدۇ.
ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەمگەكچى كېڭىشىپ بىر پىكىرگە كېلىپ، تۇراقسىز مۇددەتلىك ئەمگەك توختامى تۈزۈشسە بولىدۇ. ئەمگەكچى تۇراقلىق مۇددەتلىك ئەمگەك توختامى تۈزۈشنى ئوتتۇرىغا قويغىنىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىدە، ئەمگەكچى ئەمگەك توختامىنى داۋاملاشتۇرۇش، تۈزۈشنى ئوتتۇرىغا قويغان ياكى ئۇنىڭغا قوشۇلۇشنى لايىق تاپقاندا ، تۇراقسىز مۇددەتلىك ئەمگەك توختامى تۈزۈش كېرەك: (1) ئەمگەكچىنىڭ شۇ ئورۇندا ئۇدا ئىشلىگىنىگە 10 يىل توشقان بولسا؛ (2) ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەك توختامى تۈزۈمىنى يېڭى يولغا قويغاندا ياكى دۆلەت كارخانىسى تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتىپ ئەمگەك توختامىنى قايتا تۈزگەندە، ئەمگەكچىنىڭ ئادەم ئىشلەتكۈچى شۇ ئورۇندا ئۇدا ئىشلىگىنىگە 10 يىل توشقان ھەمدە قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيە يېشىغا توشۇشىغا 10 يىل قالمىغان بولسا؛ (3) تۇراقلىق مۇددەتلىك ئەمگەك توختامى 2- قېتىم داۋاملىق تۈزۈلگەن بولسا ھەمدە ئەمگەكچى مۇشۇ قانۇننىڭ 39- ماددىسى ۋە 40- ماددىسىنىڭ (1)، (2) تارماقچىسىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋال بولمىغانلىقتىن ئەمگەك توختامىنى داۋاملىق تۈزۈشكەن بولسا.
ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئادەم ئىشلەتكەن كۈندىن باشلاپ بىر يىلغىچە ئەمگەكچى بىلەن يازما ئەمگەك توختامى تۈزۈشمىگەن بولسا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەمگەكچى تۇراقسىز مۇددەتلىك ئەمگەك توختامى تۈزۈشتى دەپ قارىلىدۇ.
15- ماددا مۇئەييەن ئىشنى پۈتتۈرۈش مۇددەت قىلىنغان ئەمگەك توختامى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەمگەكچى مەلۇم ئىشنى پۈتتۈرۈشنى توختام مۇددىتى قىلىپ پۈتۈشكەن ئەمگەك توختامىنى كۆرسىتىدۇ. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەمگەكچى كېڭىشىپ بىر پىكىرگە كەلگەندە، مۇئەييەن ئىشنى پۈتتۈرۈش مۇددەت قىلىنغان ئەمگەك توختامى تۈزۈشسە بولىدۇ.
16- ماددا ئەمگەك توختامى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەمگەكچى كېڭىشىپ بىر پىكىرگە كەلگەندە ھەمدە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەمگەكچى ئەمگەك توختامى ھۆججىتىگە ئىمزا قويغان ياكى تامغا باسقاندا كۈچكە ئىگە بولىدۇ.
ئەمگەك توختامى ھۆججىتىنى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەمگەكچى بىر نۇسخىدىن ساقلايدۇ.
17- ماددا ئەمگەك توختامىدا تۆۋەندىكى مەزمۇن بولۇشى كېرەك:
(1) ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ نامى، تۇرۇشلۇق جايى ۋە قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىلى ياكى ئاساسىي مەسئۇلى؛
(2) ئەمگەكچىنىڭ ئىسىم- فامىلىسى، ئادرېسى، كىملىكى ياكى باشقا كۈچكە ئىگە سالاھىيەت ئىسپاتىنىڭ نومۇرى؛
(3) ئەمگەك توختامىنىڭ مۇددىتى؛
(4) قىلىدىغان ئىشى ۋە ئىش ئورنى؛
(5) ئىش ۋاقتى ۋە ئارام- ئوتپوسكا؛
(6) ئەمگەك ھەققى؛
(7) ئىجتىمائىي سۇغۇرتا؛
(8) ئەمگەك مۇھاپىزىتى، ئەمگەك شارائىتى ۋە كەسپىي خەۋپ مۇداپىئەسى؛
(9) قانۇن، نىزاملاردا ئەمگەك توختامىغا كىرگۈزۈلىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن باشقا ئىشلار. ئەمگەك توختامىدا ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن زۆرۈر مەزمۇنلاردىن باشقا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەمگەكچى سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتى، تەربىيىلەش، مەخپىيەتلىك ساقلاش، تولۇقلىما سۇغۇرتا ۋە پاراۋانلىق تەمىناتى قاتارلىق باشقا ئىشلارنى پۈتۈشسە بولىدۇ.
18- ماددا ئەمگەك توختامىدا ئەمگەك ھەققى ۋە ئەمگەك شارائىتى قاتارلىقلارنىڭ ئۆلچىمىنى ئېنىق پۈتۈشمەي تالاش- تارتىش كېلىپ چىققان بولسا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەمگەكچى قايتا كېڭەشسە بولىدۇ؛ كېلىشەلمىگەن ئىشلار كوللېكتىپ توختامدىكى بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ؛ كوللېكتىپ توختام بولمىسا ياكى كوللېكتىپ توختامدا ئەمگەك ھەققى بەلگىلەنمىگەن بولسا، ئوخشاش ئىشقا ئوخشاش ھەق بېرىلىدۇ؛ كوللېكتىپ توختام بولمىسا ياكى كوللېكتىپ توختامدا ئەمگەك شارائىتى قاتارلىقلارنىڭ ئۆلچىمى بەلگىلەنمىگەن بولسا، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە بولىدۇ.
19- ماددا ئەمگەك توختامىنىڭ مۇددىتى 3 ئايدىن يۇقىرى، بىر يىلدىن تۆۋەن بولسا، سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتىنى 1 ئايدىن ئاشۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ؛ ئەمگەك توختامىنىڭ مۇددىتى 1 يىلدىن يۇقىرى، 3 يىلدىن تۆۋەن بولسا، سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتىنى 2 ئايدىن ئاشۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ؛ 3 يىلدىن يۇقىرى تۇراقلىق مۇددەتلىك ۋە تۇراقسىز مۇددەتلىك ئەمگەك توختامى تۈزگەن بولسا، سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتىنى 6 ئايدىن ئاشۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ. ئادەم ئىشلەتكۈچى بىر ئورۇن بىر ئەمگەكچى بىلەن سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتىنى بىرلا قېتىم پۈتۈشىدۇ. مۇئەييەن ئىشنى پۈتتۈرۈش مۇددەت قىلىنغان ئەمگەك توختامىدا ياكى مۇددىتى 3 ئايغا يەتمەيدىغان ئەمگەك توختامىدا سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتىنى پۈتۈشۈشكە بولمايدۇ. ئەمگەك توختامى مۇددىتى سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەمگەك توختامىدا سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتىلا پۈتۈشۈلگەن بولسا، سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتى كۈچكە ئىگە بولمايدۇ، بۇ مۇددەت ئەمگەك توختامى مۇددىتى بولىدۇ.
20- ماددا ئەمەگەكچىنىڭ سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتىدىكى مائاشى شۇ ئورۇندىكى ئوخشاش ئىش ئورنىدىكىلەرنىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاشىدىن ياكى ئەمگەك توختامىدا پۈتۈشكەن مائاشىنىڭ %80 ىدىن تۆۋەن بولسا بولمايدۇ، ھەمدە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن تۇرۇشلۇق جايدىكى ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىدىن تۆۋەن بولسا بولمايدۇ.
21- ماددا سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتىدە ئەمگەكچىدە مۇشۇ قانۇننىڭ 39- ماددىسى ۋە 40- ماددىسىنىڭ (1)، (2) تارماقچىسىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋال كۆرۈلمىسە، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا بولمايدۇ. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلاردىن سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتىدە ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىدىغانلىرى ئەمگەكچىگە سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ قويۇشى كېرەك.
22- ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلاردىن ئەمگەكچىنى مەخسۇس تەربىيىلەش ھەققى چىقىرىپ كەسپىي تېخنىكا بويىچە تەربىيىلىگەنلىرى ئەمگەكچى بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ، ئىشلەپ بېرىش مۇددىتىنى پۈتۈشسە بولىدۇ. ئەمگەكچىلەردىن ئىشلەپ بېرىش مۇددىتى ھەققىدىكى پۈتۈمگە خىلاپلىق قىلغانلىرى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنغا پۈتۈم بويىچە خىلاپلىق پۇلى تۆلىشى كېرەك. خىلاپلىق پۇلىنىڭ سوممىسى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن چىقارغان تەربىيىلەش ھەققىدىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەكچىگە تۆلەتكۈزىدىغان خىلاپلىق پۇلى ئىشلەپ بېرىش مۇددىتىنىڭ قېپقالغان قىسمى ئۈچۈن تۆلەيدىغان تەربىيىلەش ھەققىدىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەمگەكچى ئىشلەپ بېرىش مۇددىتىنى پۈتۈشكەن بولسا، ئەمگەكچىنىڭ ئىشلەپ بېرىش مۇددىتىدىكى ئەمگەك ھەققىنى نورمال مائاش تەڭشەش مېخانىزمى بويىچە ئۆستۈرۈشكە تەسىر يەتمەيدۇ.
23- ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەمگەكچى ئەمگەك توختامىدا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ سودا مەخپىيىتى ۋە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا مۇناسىۋەتلىك مەخپىيەتلىكنى ساقلاشنى پۈتۈشسە بولىدۇ. ئەمگەكچىنىڭ مەخپىيەتلىك ساقلاش مەجبۇرىيىتى بولغاندا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەك توختامى ياكى مەخپىيەتلىكنى ساقلاش كېلىشىمىدە كەسىپ رىقابىتىگە چەك قويۇش مەزمۇنىنى ئەمگەكچى بىلەن پۈتۈشسە ھەمدە ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلغان ياكى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، كەسىپ رىقابىتىگە چەك قويۇش مۇددىتىدە ئەمگەكچىگە ئايمۇ- ئاي ئىقتىسادىي تولۇقلىما بېرىشنى پۈتۈشسە بولىدۇ. ئەمگەكچىلەردىن كەسىپ رىقابىتىگە چەك قويۇش پۈتۈمىگە خىلاپلىق قىلغانلىرى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنغا پۈتۈم بويىچە خىلاپلىق پۇلى تۆلىشى كېرەك.
24- ماددا كەسىپ رىقابىتىگە چەك قويۇلىدىغانلار ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى خادىملىرى، يۇقىرى دەرىجىلىك تېخنىك خادىملىرى ۋە مەخپىيەتلىك ساقلاش مەجبۇرىيىتى بار باشقا خادىملار بىلەنلا چەكلىنىدۇ. كەسىپ رىقابىتىگە چەك قويۇلىدىغان دائىرە، جاي ۋە مۇددەتنى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەكچى بىلەن پۈتۈشىدۇ، كەسىپ رىقابىتىگە چەك قويۇش پۈتۈمى قانۇن، نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ كەلسە بولمايدۇ. ئەمگەك توختامى بىكار قىلىنغان ياكى ئاخىرلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن خادىملاردىن ئۆز ئورنى بىلەن ئوخشاش مەھسۇلاتنى ئىشلەيدىغان ياكى تىجارەت قىلىدىغان، ئوخشاش كەسىپنى يولغا قويغان، رىقابەت مۇناسىۋىتى بولغان ئادەم ئىشلەتكۈچى باشقا ئورۇنغا بارغانلىرى ياكى ئوخشاش مەھسۇلاتنى ئۆزى ئىشلەيدىغان ياكى تىجارەت قىلىدىغان، ئوخشاش كەسىپنى يولغا قويىدىغانلىرىنىڭ كەسىپ رىقابىتىگە چەك قويۇش مۇددىتى 2 يىلدىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ.
25- ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 22- ۋە 23- ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋالنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن خىلاپلىق پۇلىنى ئەمگەكچى ئۈستىگە ئېلىشنى ئەمگەكچى بىلەن پۈتۈشسە بولمايدۇ.
26- ماددا ئەمگەك توختاملىرىدىن تۆۋەندىكىلىرى كۈچكە ئىگە بولمايدۇ ياكى قىسمەن كۈچكە ئىگە بولمايدۇ: (1) ئالداش، مەجبۇرلاش ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىپ ياكى قىيىن ئەھۋالدا قالغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، قارشى تەرەپنى ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا تۈزگەن ياكى ئۆزگەرتكۈزگەن ئەمگەك توختامى؛ (2) ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن قانۇندا بەلگىلەنگەن جاۋابكارلىقىنى خالاس قىلىۋەتكەن ئەمگەكچىنىڭ ھوقۇقىنى چەتكە قاققان ئەمگەك توختامى؛ (3) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك بەلگىلىمىگە خىلاپ ئەمگەك توختامى. ئەمگەك توختامىنىڭ كۈچكە ئىگە ئەمەسلىكى ياكى قىسمەن كۈچكە ئىگە ئەمەسلىكى ئۈستىدە تالاش- تارتىش كۆرۈلسە، ئەمگەك تالاش- تارتىشى كېسىم ئاپپاراتى ياكى خەلق سوت مەھكىمىسى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ بېرىدۇ.
27- ماددا ئەمگەك توختامى قىسمەن كۈچكە ئىگە بولمىغاندا، باشقا قىسمىنىڭ كۈچىگە تەسىر يەتكۈزمىسە، باشقا قىسمى كۈچكە ئىگە بولىۋېرىدۇ.
28- ماددا ئەمگەك توختامى كۈچكە ئىگە ئەمەس دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەندە، ئەمگەكچىنىڭ بۇرۇنقى ئەمگىكىگە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ھەق بېرىشى كېرەك. ئەمگەك ھەققى شۇ ئىش ئورنىدىكى ئوخشاش ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئىش ئورنىدىكى ئەمگەكچىنىڭ ئەمگەك ھەققى سوممىسىدىن پايدىلىنىپ بېكىتىلىدۇ.
3- باب ئەمگەك توختامىنى ئادا قىلىش ۋە ئۆزگەرتىش
29- ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەمگەكچى ئۆزلىرىنىڭ مەجبۇرىيىتىنى ئەمگەك توختامىدا پۈتۈشكىنى بويىچە تولۇق ئادا قىلىشى كېرەك.
30- ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەك توختامىدىكى پۈتۈمى ۋە دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئەمگەكچىگە ئەمگەك ھەققىنى ۋاقتىدا، تولۇق بېرىشى كېرەك.
ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەك ھەققىنى نېسى قىلسا ياكى تولۇق بەرمىسە، ئەمگەكچى خەلق سوت مەھكىمىسىدىن بېرىم بۇيرۇقى چىقىرىشنى قانۇن بويىچە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، خەلق سوت مەھكىمىسى قانۇن بويىچە بېرىم بۇيرۇقى چىقىرىشى كېرەك.
31- ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەك نورمىسى ئۆلچىمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىشى كېرەك، ئەمگەكچىنى سمېنا قوشۇپ ئىشلەشكە مەجبۇرلاشقا ياكى باشقا يول بىلەن مەجبۇرلاشقا يول قويۇلمايدۇ. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلاردىن سمېنا قوشۇپ ئىشلەشنى ئورۇنلاشتۇرغانلىرى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە، ئەمگەكچىگە سىمېنا قوشۇپ ئىشلەش ھەققى بېرىشى كېرەك.
32- ماددا ئەمگەكچىلەردىن ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇندىكى باشقۇرغۇچى خادىملارنىڭ قائىدىگە خىلاپ قوماندانلىقىنى، قاراملىق بىلەن مەشغۇلات قىلىش بۇيرۇقىنى رەت قىلغانلىرى ئەمگەك توختامىغا خىلاپلىق قىلدى دەپ قارالمايدۇ.ئەمگەك شارائىتى ئەمگەكچىنىڭ ھاياتىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىغا خەۋپ يەتكۈزىدىغان ئەھۋالدا ئەمگەكچى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننى تەنقىدلەشكە، پاش قىلىشقا ۋە ئەرز قىلىشقا ھوقۇلقۇق.
33- ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ئۆزىنىڭ نامى، قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىلى، ئاساسلىق مەسئۇلى ياكى مەبلەغ سالغۇچىسى قاتارلىقلارنى ئۆزگەرتسە، ئەمگەك توختامىنىڭ ئادا قىلىنىشىغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.
34- ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇندا قوشۇۋېتىش ياكى ئايرىۋېتىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە، ئەسلىدىكى ئەمگەك توختامى كۈچكە ئىگە بولىۋېرىدۇ، ئەمگەك توختامىنى ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتكە ۋارىسلىق قىلغان ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئادا قىلىۋېرىدۇ.
35- ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەمگەكچى كېڭىشىپ بىر پىكىرگە كەلگەندە، ئەمگەك توختامىدا پۈتۈشكەن مەزمۇننى ئۆزگەرتسە بولىدۇ. ئەمگەك توختامى يازما شەكىلدە ئۆزگەرتىلىشى كېرەك. ئۆزگەرتىلگەن ئەمگەك توختامى ھۆججىتىنى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ۋە ئەمگەكچى بىر نۇسخىدىن ساقلايدۇ.
4- باب ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىش ۋە ئاخىرلاشتۇرۇش
36- ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەمگەكچى كېڭىشىپ بىر پىكىرگە كەلگەندە ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا بولىدۇ.
37- ماددا ئەمگەكچى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنغا 30 كۈن بۇرۇن يازما ئۇقتۇرۇش قىلغان بولسا، ئەمگەك توختامى بىكار قىلىنسا بولىدۇ. ئەمگەكچى سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتىدە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنغا 3 كۈن بۇرۇن ئۇقتۇرۇش قىلغان بولسا، ئەمگەك توختامى بىكار قىلىنسا بولىدۇ.
38- ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇندا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، ئەمگەكچى ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا بولىدۇ:
(1) ئەمگەك مۇھاپىزىتى ياكى ئەمگەك شارائىتىگە ئەمگەك توختامىدىكى پۈتۈم بويىچە ئىگە قىلمىسا؛
(2) ئەمگەك ھەققىنى ۋاقتىدا، تولۇق بەرمىسە؛
(3) ئەمگەكچىنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا پۇلىنى قانۇن بويىچە تاپشۇرمىسا؛
(4) ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ قائىدە- تۈزۈمى قانۇن- نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ بولۇپ، ئەمگەكچىنىڭ ھوقۇق- مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزسە؛
(5) مۇشۇ قانۇننىڭ 26- ماددىسىنىڭ 1- تارمىقىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋال كۆرۈلۈپ، ئەمگەك توختامى كۈچكە ئىگە بولمىسا؛
(6) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئەمگەكچى ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا بولىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش ياكى جىسمانىي ئەركىنلىكنى قانۇنسىز چەكلەش قاتارلىق ۋاسىتىلەر بىلەن ئەمگەكچىنى ئەمگەك قىلىشقا مەجبۇرلىغان ياكى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن قائىدىگە خىلاپ قوماندانلىق قىلىپ، قاراملىق بىلەن مەشغۇلات قىلىشقا بۇيرۇپ، ئەمگەكچىنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزسە، ئەمگەكچى ئەمگەك توختامىنى دەرھال بىكار قىلسا بولىدۇ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنغا ئالدىن ئۇقتۇرۇش ھاجەتسىز.
39- ماددا ئەمگەكچىدە تۆۋەندىكى ئەھۋالنىڭ بىرى كۆرۈلسە، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا بولىدۇ:
(1) سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتىدە شەرتكە توشمايدىغانلىقى ئىسپاتلانغان بولسا؛
(2) ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ قائىدە- تۈزۈمىگە ئېغىر خىلاپلىق قىلغان بولسا؛
(3) ئېغىر دەرىجىدە مەسئۇلىيەتسىزلىك، نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنغا زور زىيان سالغان بولسا؛
(4) ئەمگەكچى ئادەم ئىشلەتكۈچى باشقا ئورۇن بىلەنمۇ ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئورنىتىۋېلىپ، ئۆز ئورنىنىڭ ئىشىنى پۈتتۈرۈشىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزسە ياكى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن نەسىھەت قىلسىمۇ تۈزەتمىسە؛
(5) مۇشۇ قانۇننىڭ 26- ماددىسىنىڭ 1- تارمىقىنىڭ (1) تارماقچىسىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋال كۆرۈلۈپ، ئەمگەك توختامى كۈچكە ئىگە بولمىغان بولسا؛
(6) قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلغان بولسا.
40- ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋالنىڭ بىرى كۆرۈلسە، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن شۇ ئەمگەكچىگە 30 كۈن بۇرۇن يازما ئۇقتۇرۇش قىلغان ياكى ئەمگەكچىنىڭ بىر ئايلىق مائاشىنى ئارتۇق بەرگەندىن كېيىن، ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا بولىدۇ:
(1) ئەمگەكچى كېسەل بولۇپ ياكى ئىش سىرتىدا يارلىنىپ، بەلگىلەنگەن داۋالىنىش مۇددىتى توشقاندىن كېيىن ئەسلىدىكى ئىشىنى قىلالمايدىغان بولۇپ قالسا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن باشقىدىن ئورۇنلاشتۇرغان ئىشنىمۇ قىلالمىسا؛
(2) ئەمگەكچى ئىشىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالماي، تەربىيىلەنگەن ياكى ئىش ئورنى تەڭشىگەندىن كېيىنمۇ ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىسا؛
(3) ئەمگەك توختامى تۈزۈشكەندە ئاساسلانغان ئوببيېكتىپ ئەھۋالدا زور ئۆزگىرىش بولۇپ، ئەمگەك توختامىنى ئادا قىلغىلى بولمىغاندا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەمگەكچى كېڭىشىپ ئەمگەك توختامىنىڭ مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلالمىسا.
41- ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋالنىڭ بىرى كۆرۈلۈپ، 20 دىن ئارتۇق ئادەمنى قىسقارتىشقا توغرا كەلسە ياكى قىسقارتىدىغان ئادەم 20 گە يەتمىسىمۇ، كارخانا خىزمەتچىلىرى ئومۇمىي سانىنىڭ %10 ىدىن ئاشقاندا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ياكى بارلىق ئىشچى- خىزمەتچىلەرگە 30 كۈن بۇرۇن ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ياكى ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ پىكرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئادەم قىسقارتىش لايىھىسىنى ئەمگەك مەمۇرىي تارمىقىغا يوللاپ، ئادەم قىسقارتسا بولىدۇ:
(1) كارخانا ۋەيرانچىلىقى قانۇنىدىكى بەلگىلىمە بويىچە قايتا تەرتىپكە سېلىنىدىغان بولسا؛ (2) ئىشلەپچىقىرىش، تىجارىتىدە ئېغىر قىيىنچىلىق كۆرۈلگەن بولسا؛ (3) كارخانا باشقا مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش، زور تېخنىكا يېڭىلاش ياكى تىجارەت ئۇسۇلىنى تەڭشەش سەۋەبىدىن، ئەمگەك توختامىنى ئۆزگەرتكەندىن كېيىنمۇ ئادەم قىسقارتىشقا توغرا كەلسە؛ (4) ئەمگەك توختامىنى تۈزۈشكەندە ئاساسلانغان باشقا ئوبېيكتىپ ئىقتىسادىي ئەھۋالدا زور ئۆزگىرىش بولۇپ، ئەمگەك توختامىنى ئادا قىلغىلى بولمىسا.
ئادەم قىسقارتقاندا، تۆۋەندىكىلەرنى ئالدىن ئېلىپ قېلىش كېرەك: (1) شۇ ئورۇن بىلەن ئۇزاقراق مۇددەتلىك، تۇراقلىق مۇددەتلىك ئەمگەك توختامى تۈزگەنلەر؛ (2) شۇ ئورۇن بىلەن تۇراقسىز مۇددەتلىك ئەمگەك توختامى تۈزگەنلەر؛ (3) ئائىلىسىدە ئىشقا ئورۇنلاشقىنى بولمىغان، باقىدىغان ياشانغانلار ياكى قۇرامىغا يەتمىگەنلەر بولغانلىرى.
ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلاردىن مۇشۇ ماددىنىڭ 1- تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئادەم قىسقارتىپ، 6 ئاي ئىچىدە قايتا ئادەم ئالىدىغانلىرى قىسقارتىۋېتىلگەنلەرگە ئۇقتۇرۇش قىلىشى ھەمدە ئوخشاش شارائىتتا ئۇلارنى ئاۋۋال ئېلىشى كېرەك.
42- ماددا ئەمگەكچىلەردە تۆۋەندىكى ئەھۋالنىڭ بىرى كۆرۈلسە، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن مۇشۇ قانۇننىڭ 40-، 41- ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا بولمايدۇ: (1) كەسپىي كېسەل خەۋپى بار مەشغۇلات قىلغان ئەمگەكچىنىڭ كەسپى سالامەتلىكى ئىش ئورنىدىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن تەكشۈرتىلمىگەن بولسا ياكى گۇمانىي كەسپىي كېسەللىكى دىئاگىنوز قويۇلىۋاتقان ياكى تېببىي كۆزىتىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان بولسا؛ (2) شۇ ئورۇندا كەسپىي كېسەل بولغان ياكى ئىشتا يارلانغان ھەمدە ئەمگەك ئىقتىدارىنى يوقاتقان ياكى قىسمەن يوقاتقانلىقى ئېتىراپ قىلىنغان بولسا؛
(3) كېسەل بولۇپ ياكى ئىش سىرتىدا يارىلىنىپ بەلگىلەنگەن داۋالىنىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان بولسا؛ (4) ئايال ئىشچى- خىزمەتچىلەر ھامىلىدارلىق مەزگىلى، تۇغۇت مەزگىلى، بالا ئېمىتىش مەزگىلىدە بولسا؛ (5) شۇ ئورۇندا ئۇدا ئىشلىگىنىگە 15 يىل توشقان ھەمدە قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيە يېشىغا توشۇشقا 5 يىل قالمىغان بولسا؛
(6) قانۇن، مەمۇرىي- نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار.
43- ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەك توختامىنى ئۆز ئالدىغا بىكار قىلماقچى بولسا، سەۋەبىنى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىغا ئالدىن ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە ياكى ئەمگەك توختامىدىكى پۈتۈمگە خىلاپلىق قىلسا، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تۈزىتىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ پىكرىنى مۇھاكىمە قىلىشى ھەمدە بىر تەرەپ قىلىش نەتىجىسىنى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىغا يازما ئۇقتۇرۇشى كېرەك.
44- ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، ئەمگەك توختامى ئاخىرلىشىدۇ:
(1) ئەمگەك توختامىنىڭ مۇددىتى توشقان بولسا؛
(2) ئەمگەكچى قانۇن بويىچە ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولۇشقا باشلىغان بولسا؛
(3) ئەمگەكچى ئۆلۈپ كەتكەن بولسا ياكى خەلق سوت مەھكىمىسى ئۆلگەنلىكىنى ياكى يوقاپ كەتكەنلىكىنى جاكارلىغان بولسا؛
(4) ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ۋەيران بولغانلىقى قانۇن بويىچە جاكارلانغان بولسا؛
(5) ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ تىجارەت كىنىشكىسى بىكار قىلىنغان، تاقاشقا بۇيرۇلغان، ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان بولسا ياكى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن مۇددەتتىن بۇرۇن تارقىلىپ كېتىشنى قارار قىلغان بولسا؛
(6) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار؛.
45- ماددا ئەمگەك توختامىنىڭ مۇددىتى توشۇپ، مۇشۇ قانۇننىڭ 42- ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋالنىڭ بىرى كۆرۈلسە، ئەمگەك توختامى شۇ ئەھۋال تۈگىگەندە ئاخىرلىشىدۇ. لېكىن مۇشۇ قانۇننىڭ 42- ماددىسىنىڭ (2) تارماقچىسىدا بەلگىلەنگەن ئەمگەك ئىقتىدارىنى يوقاتقان ياكى قىسمەن يوقاتقان ئەمگەكچىنىڭ ئەمگەك توختامىنىڭ ئاخىرلىشىشى دۆلەتنىڭ ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە بولىدۇ.
46- ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋالنىڭ بىرى كۆرۈلسە، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەكچىگە ئىقتىسادىي تولۇقلىما بېرىشى كېرەك:
(1) ئەمگەكچى مۇشۇ قانۇننىڭ 38- ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلغان بولسا؛
(2) ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن مۇشۇ قانۇننىڭ 36- ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئەمگەكچىگە ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسا ھەمدە ئەمگەكچى بىلەن بىر پىكىرگە كېلىپ، ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا؛
(3) ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن مۇشۇ قانۇننىڭ 40- ماددىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلغان بولسا؛
(4) ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن مۇشۇ قانۇننىڭ 41- ماددىسىنىڭ 1- تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلغان بولسا؛
(5) ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەك توختامىدا پۈتۈشكەن شەرتلەرنى ساقلاپ قېلىش ياكى ئۆستۈرۈش يولى بىلەن ئەمگەك توختامىنى داۋاملاشتۇرماقچى بولغاندا، ئەمگەكچى داۋاملاشتۇرۇشقا قوشۇلمىغانلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، مۇشۇ قانۇننىڭ 44- ماددىنىڭ (1) تارماقچىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە تۇراقلىق مۇددەتلىك ئەمگەك توختامى ئاخىرلاشتۇرۇلغان بولسا؛
(6) مۇشۇ قانۇننىڭ 44- ماددىسىنىڭ (4)، (5) تارماقچىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئەمگەك توختامى ئاخىرلاشتۇرۇلغان بولسا؛
(7) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار.
47- ماددا ئىقتىسادىي تولۇقلىما ئەمگەكچىنىڭ شۇ ئورۇندا ئىشلىگەن ۋاقتىغا قاراپ،يىلغا بىر ئايلىق مائاش بېرىش ئۆلچىمى بويىچە ئەمگەكچىگە بېرىلىدۇ. 6 ئايدىن ئاشقان، بىر يىلغا توشمىغان بولسا، بىر يىل بويىچە ھېسابلىنىدۇ؛ 6 ئايغا توشمىغان ئەمگەكچىلەرگە ئىقتىسادىي تولۇقلىما ھېسابىغا يېرىم ئايلىق مائاش بېرىلىدۇ.
ئەمگەكچىنىڭ ئايلىق مائاشى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن تۇرۇشلۇق بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر، رايون بار شەھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان شۇ رايوندىكى ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ئالدىنقى يىللىق ئايلىق ئوتتۇرىچە مائاشىنىڭ 3 ھەسسىسىدىن يۇقىرى بولسا، ئىقتىسادىي تولۇقلىما بېرىش ئۆلچىمىگە بىنائەن، ئەمگەكچىگە ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ئايلىق ئوتتۇرىچە مائاشىنىڭ 3 ھەسسىسى بويىچە بېرىلىدۇ، ئىقتىسادىي تولۇقلىما بېرىلىدىغان يىل چېكى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 12 يىلدىن ئاشمايدۇ. بۇ ماددىدا ئېيتىلغان ئايلىق مائاش ئەمگەكچىنىڭ ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىش ياكى ئاخىرلاشتۇرۇشتىن بۇرۇنقى 12 ئايلىق ئوتتۇرىچە مائاشىنى كۆرسىتىدۇ.
48- ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلغان ياكى ئاخىرلاشتۇرغاندا، ئەمگەكچى ئەمگەك توختامىنى داۋاملىق ئادا قىلىشنى تەلەپ قىلسا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن داۋاملىق ئادا قىلىشى كېرەك؛ ئەمگەكچى ئەمگەك توختامىنى داۋاملىق ئادا قىلىشنى تەلەپ قىلمىغاندا ياكى ئەمگەك توختامىنى داۋاملىق ئادا قىلغىلى بولمىغاندا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن مۇشۇ قانۇننىڭ 87- ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە تۆلەم پۇلى بېرىشى كېرەك.
49- ماددا دۆلەت تەدبىر قوللىنىپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مۇناسىۋىتىنى باشقا جايغا يۆتكەپ داۋاملاشتۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.
50- ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىش ياكى ئاخىرلاشتۇرۇشتا، ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىش ياكى ئاخىرلاشتۇرۇش ئىسپاتى بېرىشى ھەمدە ئەمگەكچىنىڭ ئارخىپ ۋە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مۇناسىۋىتىنى يۆتكەش رەسمىيىتىنى 15 كۈن ئىچىدە ئۆتەپ بېرىشى كېرەك. ئەمگەكچى ئىككى تەرەپنىڭ پۈتۈشكىنى بويىچە ئىشنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن مۇشۇ قانۇندىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە ئەمگەكچىگە بېرىدىغان ئىقتىسادىي تولۇقلىمىنى ئىشنى ئۆتكۈزۈپ بەرگەندە بېرىشى كېرەك. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىكار قىلىنغان ياكى ئاخىرلاشتۇرۇلغان ئەمگەك توختام ھۆججىتىنى ئاز دېگەندە 2 يىل ساقلىشى كېرەك

5- باب ئالاھىدە بەلگىلىمە
1- پاراگراف كوللېكتىپ توختام
51- ماددا كارخانا ئىشچى- خىزمەتچىلىرى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن باراۋەر كېلىشىش ئارقىلىق ئەمگەك ھەققى، ئىش ۋاقتى، ئارام- ئوتپوسكا، ئەمگەك بىخەتەرلىكى ساقلىق- ساقلاش، سۇغۇرتا، پاراۋانلىق قاتارلىق ئىشلاردا كوللېكتىپ توختام تۈزۈشسە بولىدۇ؛ كوللېكتىپ توختام لايىھىسىنى ئىشچى- خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيىنىڭ ياكى بارلىق ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكۈزۈش كېرەك. كوللېكتىپ توختامنى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى كارخانا ئىشچى- خىزمەتچىلىرىگە ۋاكالىتەن ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن تۈزىدۇ؛ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قۇرۇلمىغان ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇندا يۇقىرى دەرىجىلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئەمگەكچىلەر كۆرسەتكەن ۋەكىل ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن تۈزىدۇ.
52- ماددا كارخانا ئىشچى- خىزمەتچىلىرى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەمگەك بىخەتەرلىكى ساقلىق- ساقلاش، ئايال ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ھوقۇق- مەنپەئىتىنى قوغداش، مائاش تەڭشەش مېخانىزمى قاتارلىقلاردا مەخسۇس كوللېكتىپ توختام تۈزسە بولىدۇ.
53- ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن رايوندىكى بىناكارلىق، كانچىلىق، يېمەك- ئىچمەك مۇلازىمىتى قاتارلىق ساھەلەردە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى كارخانا ۋەكىلى بىلەن ساھە كوللېكتىپ توختامى تۈزسە ياكى رايون كوللېكتىپ توختام تۈزسە بولىدۇ.
54- ماددا كوللېكتىپ توختام تۈزۈلگەندىن كېيىن، ئەمگەك مەمۇرىي تارمىقىغا يوللاش كېرەك؛ ئەمگەك مەمۇرىي تارمىقى كوللېكتىپ توختام ھۆججىتىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە باشقىچە پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويمىسا، كوللېكتىپ توختام كۈچكە ئىگە بولىدۇ. قانۇن بويىچە تۈزۈلگەن كوللېكتىپ توختامنىڭ ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ۋە ئەمگەكچىنى چەكلەش كۈچى بولىدۇ. ساھە، رايون كوللېكتىپ توختامىنىڭ شۇ جاينىڭ شۇ ساھەسىدىكى، شۇ رايوندىكى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننى ۋە ئەمگەكچىنى چەكلەش كۈچى بولىدۇ.
55- ماددا كوللېكتىپ توختامدىكى ئەمگەك ھەققى ۋە ئەمگەك شارائىتى ئۆلچىمى قاتارلىق ئۆلچەملەر شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى بەلگىلىگەن ئەڭ تۆۋەن ئۆلچەمدىن تۆۋەن بولسا بولمايدۇ؛ ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەمگەكچى تۈزگەن ئەمگەك توختامىدا ئەمگەك ھەققى ۋە ئەمگەك شارائىتى ئۆلچىمى قاتارلىق ئۆلچەملەر كوللېكتىپ توختامدا بەلگىلەنگەن ئۆلچەمدىن تۆۋەن بولسا بولمايدۇ.
56- ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن كوللېكتىپ توختامغا خىلاپلىق قىلىپ، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ھوقۇق- مەنپەئىتىگە چېقىلغان بولسا، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇندىن جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشنى قانۇن بويىچە تەلەپ قىلسا بولىدۇ؛ كوللېكتىپ توختامنى ئادا قىلىش سەۋەبىدىن تالاش- تارتىش كۆرۈلۈپ كېلىشىم ھاسىل قىلىنمىغان بولسا، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قانۇن بويىچە كېسىم قىلىشنى ئىلتىماس قىلسا ۋە دەۋا قىلسا بولىدۇ.
2- پاراگراف ئەمگەك كۈچى ئەۋەتىش
57- ماددا ئەمگەك كۈچى ئەۋەتكۈچى ئورۇن شىركەت قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە قۇرۇلۇشى كېرەك، رويخەتكە ئالدۇرغان كاپىتالى 500 مىڭ يۈەندىن كەم بولسا بولمايدۇ.
58- ماددا ئەمگەك كۈچى ئەۋەتكۈچى ئورۇن مۇشۇ قانۇندا ئېيتىلغان ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بولۇپ، ئۇ ئەمگەكچى ئالدىدا مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك. ئەمگەك كۈچى ئەۋەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەۋەتىلگەن ئەمگەكچى تۈزگەن ئەمگەك توختامىغا مۇشۇ قانۇننىڭ 17- ماددىسىدا بەلگىلەنگەن مەزمۇننى كىرگۈزگەندىن سىرت، ئەۋەتىلگەن ئەمگەكچىنى ئىشلىتىدىغان ئورۇن شۇنداقلا ئەۋەتىش مۇددىتى، ئىش ئورنى قاتارلىق ئەھۋاللارنىمۇ كىرگۈزۈش كېرەك. ئەمگەك كۈچى ئەۋەتكۈچى ئورۇن ئەۋەتىلىدىغان ئەمگەكچى بىلەن 2 يىلدىن يۇقىرى تۇراقلىق مۇددەتلىك ئەمگەك توختامى تۈزۈشى، ئەمگەك ھەققىنى ئايمۇ- ئاي بېرىشى كېرەك؛ ئەۋەتىلگەن ئەمگەكچى ئىشلىمىگەن مەزگىلدە ئەۋەتكۈچى ئورۇن تۇرۇشلۇق جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى بېكىتكەن ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى بويىچە ئەمگەكچىگە ئايمۇ- ئاي ھەق بېرىشى كېرەك.
59- ماددا ئەمگەك كۈچى ئەۋەتكۈچى ئورۇن ئەمگەكچى ئەۋەتىشتە، ئەۋەتىلگەن ئەمگەكچىنى ئىشلىتىدىغان ئورۇن (تۆۋەندە ئەمگەكچى ئىشلەتكۈچى ئورۇن دېيىلىدۇ) بىلەن ئەمگەك كۈچى ئەۋەتىش كېلىشىمى تۈزۈشى كېرەك. ئەمگەك كۈچى ئەۋەتىش كېلىشىمىدە ئەۋەتىلىدىغان ئەمگەكچىنىڭ ئىش ئورنى، سانى، ئەۋەتىش مۇددىتى، ئەمگەك ھەققى ۋە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنىڭ سوممىسى، تۆلەش ئۇسۇلى شۇنىڭدەك كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىش جاۋابكارلىقىنى پۈتۈشۈش كېرەك. ئەمگەكچى ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئىش ئورنىنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىغا قاراپ، ئەمگەك كۈچى ئەۋەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەۋەتىش مۇددىتىنى بېكىتىشى كېرەك، ئۇدا ئەمگەكچى ئىشلىتىش مۇددىتىنى بۆلۈپ، قىسقا مۇددەتلىك ئەمگەك كۈچى ئەۋەتىشكە دائىر بىر نەچچە كېلىشىم تۈزۈشكە بولمايدۇ.
60- ماددا ئەمگەك كۈچى ئەۋەتكۈچى ئورۇن ئەمگەك كۈچى ئەۋەتىش كېلىشىمىنىڭ مەزمۇنىنى ئەۋەتىلىدىغان ئەمگەكچىگە ئۇقتۇرۇشى كېرەك. ئەمگەك كۈچى ئەۋەتكۈچى ئورۇن ئەمگەكچى ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ئەمگەك كۈچى ئەۋەتىش كېلىشىمى بويىچە ئەمگەكچىگە بەرگەن ھەقنى قىسىپ قالسا بولمايدۇ. ئەمگەك كۈچى ئەۋەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەمگەكچى ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ئەۋەتىلگەن ئەمگەكچىدىن ھەق ئېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
61- ماددا ئەمگەك كۈچى ئەۋەتكۈچى ئورۇن باشقا جايغا ئەمگەكچى ئەۋەتكەن بولسا، ئەۋەتىلگەن ئەمگەكچى بەھرىمەن بولىدىغان ئەمگەك ھەققى ۋە ئەمگەك شارائىتى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن تۇرۇشلۇق جاينىڭ ئۆلچىمى بويىچە بولىدۇ.
62- ماددا ئەمگەكچى ئىشلەتكۈچى ئورۇن تۆۋەندىكى مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىشى كېرەك:
(1) دۆلەتنىڭ ئەمگەك ئۆلچىمىنى ئىجرا قىلىش، مۇناسىپ ئەمگەك شارائىتى ۋە مۇھاپىزىتىگە ئىگە قىلىش؛
(2) ئەۋەتىلگەن ئەمگەكچىنى ئىش تەلىپى ۋە ئەمگەك ھەققىدىن خەۋەرلەندۈرۈش؛
(3) سمېنا قوشۇپ ئىشلەش ھەققى، ئۈنۈم مۇكاپاتى بېرىش، ئىش ئورنىغا ئالاقىدار پاراۋانلىق تەمىناتى بېرىش؛
(4) ئىش ئورنىغا ئەۋەتىلىدىغان ئەمگەكچىلەرنى ئىش ئورنىغا لايىق تەربىيىلەش؛
(5) ئەمگەكچىنى ئۇدا ئىشلىتىدىغانلار نورمال مائاش تەڭشەش مېخانىزمىنى يولغا قويۇش.
ئەمگەكچى ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەۋەتىلىدىغان ئەمگەكچىنى ئادەم ئىشلەتكۈچى باشقا ئورۇنغا ئەۋەتسە بولمايدۇ.
63- ماددا ئەۋەتىلگەن ئەمگەكچى ئەمگەكچى ئىشلەتكۈچى ئورۇندىكى ئەمگەكچىلەر بىلەن ئوخشاش ئىشقا ئوخشاش ھەق ئېلىش ھوقۇقىغا ئىگە. ئەمگەكچى ئىشلەتكۈچى ئورۇنلاردىن ئوخشاش ئىش ئورنىدا ئەمگەكچىسى بولمىغانلىرى ئەمگەك ھەققىنى ئەمگەكچى ئىشلەتكۈچى ئورۇن تۇرۇشلۇق جايدىكى ئوخشاش ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئورۇندىكى ئەمگەكچىنىڭ ئەمگەك ھەققىدىن پايدىلىنىپ بېكىتىدۇ.
64- ماددا ئەۋەتىلگەن ئەمگەكچى ئەمگەكچى ئەۋەتكۈچى ئورۇن ياكى ئەمگەكچى ئىشلەتكۈچى ئورۇندا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىغا قانۇن بويىچە قاتنىشىپ ياكى ئۇنى تەشكىللەپ، ئۆزىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق- مەنپەئىتىنى قوغداشقا ھوقۇقلۇق.
65- ماددا ئەۋەتىلگەن ئەمگەكچى مۇشۇ قانۇننىڭ 36-، 38- ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، ئەمگەكچى ئەۋەتكۈچى بىلەن تۈزۈشكەن ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا بولىدۇ.
ئەۋەتىلگەن ئەمگەكچىلەردىن مۇشۇ قانۇننىڭ 39- ماددىسى ۋە 40- ماددىسىنىڭ (1)، (2) تارماقچىسىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋال كۆرۈلگەنلىرىنى ئەمگەكچى ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەكچى ئەۋەتكۈچى ئورۇنغا قايتۇرۇۋەتسە بولىدۇ، ئەمگەكچى ئەۋەتكۈچى ئورۇن مۇشۇ قانۇندىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە، ئەمگەكچى بىلەن تۈزۈشكەن ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا بولىدۇ.
66- ماددا ئەمگەكچى ئادەتتە ۋاقىتلىق، قوشۇمچە ياكى سەپلىمە ئىش ئورنىغا ئەۋەتىلىدۇ.
67- ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەكچى ئەۋەتكۈچى ئورۇن قۇرۇپ، ئۆز ئورنىغا ياكى قاراشلىق ئورۇنلارغا ئەمگەكچى ئەۋەتسە بولمايدۇ.

3- پاراگراف پۈتۈن كۈنلۈك بولمىغان تۈزۈمدە ئەمگەكچى ئىشلىتىش

68- ماددا پۈتۈن كۈنلۈك بولمىغان تۈزۈمدە ئەمگەكچى ئىشلىتىش سائەت بويىچە ھەق ھېسابلاش ئاساس قىلىنىدىغان، ئەمگەكچىنىڭ ئوخشاش بىر ئەمگەكچى ئىشلەتكۈچى ئورۇندا ئىشلەيدىغان ۋاقتى ئادەتتە ئوتتۇرىچە 4 سائەتتىن ئاشمايدىغان، ھەپتىلىك ئىش ۋاقتى يىغىندىسى 24 سائەتتىن ئاشمايدىغان ئەمگەكچى ئىشلىتىش شەكلىنى كۆرسىتىدۇ.
69- ماددا پۈتۈن كۈنلۈك بولمىغان تۈزۈمدە ئەمگەكچى ئىشلىتىشتە، ئىككى تەرەپ ئاغزاكى كېلىشىم تۈزسە بولىدۇ.
پۈتۈن كۈنلۈك بولمىغان تۈزۈمدە ئىشلەيدىغان ئەمگەكچى بىر ياكى بىردىن ئارتۇق ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەمگەك توختامى تۈزسە بولىدۇ؛ لېكىن، كېيىن تۈزگەن ئەمگەك توختامى ئاۋۋال تۈزگەن ئەمگەك توختامىنىڭ ئادا قىلىنىشىغا تەسىر يەتكۈزسە بولمايدۇ.
70- ماددا پۈتۈن كۈنلۈك بولمىغان تۈزۈمدە ئەمگەكچى ئىشلىتىشتە، ئىككى تەرەپ سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتىنى پۈتۈشسە بولمايدۇ.
71- ماددا پۈتۈن كۈنلۈك بولمىغان تۈزۈمدە ئەمگەكچى ئىشلىتىشتە، ئىككى تەرەپتىن بىرى خالىغان ۋاقىتتا يەنە بىر تەرەپكە ئۇقتۇرۇش قىلىپ ئەمگەكچى ئىشلىتىشنى ئاخىرلاشتۇرسا بولىدۇ. ئەمگەكچى ئىشلىتىش ئاخىرلاشقاندا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەكچىگە ئىقتىسادىي تولۇقلىما بەرمەيدۇ.
72- ماددا پۈتۈن كۈنلۈك بولمىغان تۈزۈمدە ئەمگەكچى ئىشلىتىشتە، سائەت بويىچە ھەق ھېسابلاش ئۆلچىمى ئەمگەكچى ئىشلەتكۈچى ئورۇن تۇرۇشلۇق جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى بەلگىلىگەن ئەڭ تۆۋەن سائەتلىك مائاش ئۆلچىمىدىن تۆۋەن بولسا بولمايدۇ.
پۈتۈن كۈنلۈك بولمىغان تۈزۈمدە ئەمگەكچى ئىشلىتىشتە، ئەمگەك ھەققىنى راسچوت قىلىپ بېرىش ۋاقتى ئۇزۇن بولغاندىمۇ 15 كۈندىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ.

6- باب نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش

73- ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئەمگەك مەمۇرىي تارمىقى مەملىكەتنىڭ ئەمگەك توختامى تۈزۈمىنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ.
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمگەك مەمۇرىي تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئەمگەك توختامى تۈزۈمىنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ.
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئەمگەك مەمۇرىي تارمىقى ئەمگەك توختامى تۈزۈمىنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىدە، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ۋە كارخانا ۋەكىلى شۇنىڭدەك ئالاقىدار ساھە مەسئۇل تارمىقىدىن پىكىر ئېلىشى كېرەك.
74- ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمگەك مەمۇرىي تارمىقى ئەمگەك توختامى تۈزۈمىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا دائىر تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنى قانۇن بويىچە نازارەت قىلىپ تەكشۈرىدۇ:
(1) ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ئەمگەكچىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك قائىدە- تۈزۈملەرنى چىقىرىش شۇنىڭدەك ئۇنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالى؛
(2) ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ئەمگەكچى بىلەن ئەمگەك توختامىنى تۈزۈش ۋە بىكار قىلىش ئەھۋالى؛
(3) ئەمگەك كۈچى ئەۋەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەمگەكچى ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ئەمگەك كۈچى ئەۋەتىشكە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىش ئەھۋالى؛
(4) ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ دۆلەتنىڭ ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىش ۋاقتى ۋە ئارام- ئوتپوسكىسى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە رىئايە قىلىش ئەھۋالى؛
(5) ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ئەمگەك توختامىدا پۈتۈشكەن ئەمگەك ھەققىنى بېرىش ۋە ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالى؛
(6) ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتىلارغا قاتنىشىش ۋە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەقلىرىنى تاپشۇرۇش ئەھۋالى؛
(7) قانۇن- نىزاملاردا بەلگىلەنگەن ئەمگەك مەمۇرىي تەپتىشلىكىگە دائىر باشقا ئىشلار.
75- ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمگەك مەمۇرىي تارمىقى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشتە، ئەمگەك توختامى ۋە كوللېكتىپ توختامغا ئالاقىدار ماتېرىياللارنى كۆرۈشكە ھوقۇقلۇق، ئەمگەك سورۇنىنى تەكشۈرۈشكە ھوقۇقلۇق، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەمگەكچىلەر ئالاقىدار ئەھۋال ۋە ماتېرىياللار بىلەن ئەينەن تەمىنلىشى كېرەك.
ئەمگەك مەمۇرىي تارمىقىنىڭ خادىملىرى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشتە، گۇۋاھنامىسى كۆرسىتىپ، خىزمەت ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشى، قانۇننى مەدەنىي ئىجرا قىلىشى كېرەك.
76- ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرۇلۇش، سەھىيە، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قاتارلىق ئالاقىدار مەسئۇل تارماقلىرى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ئەمگەك توختامى تۈزۈمىنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ.
77- ماددا ئەمگەكچىلەردىن قانۇنىي ھوقۇق- مەنپەئىتى زىيانغا ئۇچرىغانلىرى ئالاقىدار تارماقلاردىن قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلىشقا ياكى قانۇن بويىچە كېسىم قىلىشنى ئىلتىماس قىلىشقا، دەۋا قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
78- ماددا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئەمگەكچىلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق- مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغدايدۇ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ئەمگەك توختامى، كوللېكتىپ توختامنى ئادا قىلىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىدۇ. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەككە دائىر قانۇن- نىزاملارغا ۋە ئەمگەك توختامى، كوللېكتىپ توختامغا خىلاپلىق قىلغان بولسا، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى پىكىر بېرىشكە ياكى تۈزىتىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق؛ ئەمگەكچى كېسىم قىلىشنى ئىلتىماس قىلسا، دەۋا قىلسا، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قانۇن بويىچە قوللايدۇ ۋە ياردەم بېرىدۇ.
79- ماددا ھەر قانداق تەشكىلات ياكى شەخس مۇشۇ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى پاش قىلىشقا ھوقۇقلۇق، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمگەك مەمۇرىي تارمىقى ۋاقتىدا ئېنىقلىشى، بىر تەرەپ قىلىشى ھەمدە پاش قىلىشتا تۆھپىسى بارلارنى مۇكاپاتلىشى كېرەك.

7- باب قانۇن جاۋابكارلىقى

80- ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلاردىن ئەمگەكچىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك قائىدە- تۈزۈملەرنى قانۇن- نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا چىقارغانلىرىنى ئەمگەك مەمۇرىي تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ ۋە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ؛ ئەمگەكچىگە زىيان سالغانلىرى تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
81- ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلاردىن ئۆزى بەرگەن ئەمگەك توختامى ھۆججىتىگە مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئەمگەك توختامىدىكى زۆرۈر مەزمۇنلارنى كىرگۈزمىگەنلىرى ياكى ئەمگەك توختامى ھۆججىتىنى ئەمگەكچىگە بەرمىگەنلىرىنى ئەمگەك مەمۇرىي تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ ئەمگەكچىگە زىيان سالغانلىرى تۆلەم جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
82- ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلاردىن ئادەم ئىشلەتكەن كۈندىن باشلاپ 1 ئايدىن ئاشقان، 1 يىلغا توشمىغان ۋاقىتتا ئەمگەكچى بىلەن يازما ئەمگەك توختامى تۈزمىگەنلىرى ئەمگەكچىگە ھەر ئايدا 2 ھەسسە مائاش بېرىشى كېرەك.
ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلاردىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئەمگەكچى بىلەن تۇراقسىز مۇددەتلىك ئەمگەك توختامى تۈزمىگەنلىرى تۇراقسىز مۇددەتلىك ئەمگەك توختامى تۈزۈشكە تېگىشلىك بولغان كۈندىن باشلاپ ئەمگەكچىگە ھەر ئايدا 2 ھەسسە مائاش بېرىشى كېرەك.
83- ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلاردىن ئەمگەكچى بىلەن سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتىنى پۈتۈشۈشتە مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىرىنى ئەمگەك مەمۇرىي تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ پۈتۈشكەن سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتى ئادا قىلىنغاندا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەكچىنىڭ سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتىدىكى تولۇق ئايلىق مائاشىنى ئۆلچەم قىلىپ، ئادا قىلىنغان ھەمدە قانۇندا بەلگىلەنگەن سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتىدىن ئېشىپ كەتكەن ۋاقىت ئۈچۈن ئەمگەكچىگە تۆلەم پۇلى بېرىدۇ.
84- ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلاردىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئەمگەكچىنىڭ كىملىكى قاتارلىق كىنىشكىلىرىنى تۇتۇپ قالغانلىرىنى ئەمگەك مەمۇرىي تارمىقى سۈرۈك ئىچىدە ئەمگەكچىگە قايتۇرۇپ بېرىشكە بۇيرۇيدۇ ھەمدە ئالاقىدار قانۇنلاردىكى بەلگىلىمە بويىچە جازالايدۇ.
ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلاردىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، كېپىل بولۇش نامى ياكى باشقا نام بىلەن ئەمگەكچىدىن پۇل- مال ئالغانلىرىنى ئەمگەك مەمۇرىي تارمىقى سۈرۈك ئىچىدە ئەمگەكچىگە قايتۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ، قوشۇمچە ھەر بىر كىشى ئۈچۈن 500 يۈەندىن يۇقىرى، 2000 يۈەندىن تۆۋەن ئۆلچەم بويىچە جەرىمانە قويىدۇ؛ ئەمگەكچىگە زىيان سالغانلىرى تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
ئەمگەكچى ئەمگەك توختامىنى قانۇن بويىچە بىكار قىلغان ياكى ئاخىرلاشتۇرغاندا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەكچىنىڭ ئارخىپى ياكى باشقا بۇيۇملىرىنى تۇتۇپ قالغان بولسا، ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
85- ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلاردىن تۆۋەندىكى ئەھۋالنىڭ بىرى كۆرۈلگەنلىرىنى ئەمگەك مەمۇرىي تارمىقى سۈرۈك ئىچىدە ئەمگەك ھەققى، سمېنا قوشۇپ ئىشلەش ھەققى ياكى ئىقتىسادىي تولۇقلىما بېرىشكە بۇيرۇيدۇ؛ ئەمگەك ھەققى شۇ جاينىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىدىن تۆۋەن بولۇپ قالسا، كەم قالغان قىسمىنى بېرىشى كېرەك؛ سۈرۈك ئۆتسىمۇ بەرمىسە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بېرىشكە تېگىشلىك سوممىنىڭ %50 ىدىن يۇقىرى، %100 ىدىن تۆۋەن ئۆلچەم بويىچە ئەمگەكچىگە تۆلەم پۇلىمۇ بېرىشكە بۇيرۇلىدۇ:
(1) ئەمگەكچىنىڭ ئەمگەك ھەققىنى ئەمگەك توختامىدىكى پۈتۈم ياكى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ۋاقتىدا، تولۇق بەرمىگەنلەر؛
(2) ئەمگەكچىنىڭ مائاشىنى شۇ جاينىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىدىن تۆۋەن بەرگەنلەر؛
(3) سمېنا قوشۇپ ئىشلەشكە ئورۇنلاشتۇرۇپ، سمېنا قوشۇپ ئىشلەش ھەققى بەرمىگەنلەر؛
(4) ئەمگەك توختامى بىكار قىلىنغان ياكى ئاخىرلاشتۇرۇلغاندا، ئەمگەكچىگە مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىقتىسادىي تولۇقلىما بەرمىگەنلەر.
86- ماددا ئەمگەك توختامى مۇشۇ قانۇننىڭ 26- ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە كۈچكە ئىگە ئەمەس دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەندە، قارشى تەرەپ زىيانغا ئۇچرىسا، خاتالىقى بار تەرەپ تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
87- ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلاردىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلغان ياكى ئاخىرلاشتۇرغانلىرى ئەمگەكچىگە مۇشۇ قانۇننىڭ 47- ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئىقتىسادىي تولۇقلىما ئۆلچىمىنىڭ 2 ھەسسىسى بويىچە تۆلەم پۇلى بېرىشى كېرەك.
88- ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلاردىن تۆۋەندىكى ئەھۋالنىڭ بىرى كۆرۈلگەنلىرىگە قانۇن بويىچە مەمۇرىي جازا بېرىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ ئەمگەكچىگە زىيان سالغانلىرى تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك:
(1) زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش ياكى جىسمانىي ئەركىنلىكنى قانۇنسىز چەكلەش ۋاسىتىسى بىلەن مەجبۇرىي ئەمگەككە سالغانلار؛
(2) قائىدىگە خىلاپ قوماندانلىق قىلىپ ياكى قاراملىق بىلەن مەشغۇلات قىلىشقا بۇيرۇپ، ئەمگەكچىنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەنلەر؛
(3) ئەمگەكچىنى ھاقارەتلىگەن، تەن جازاسى بەرگەن، ئۇرغان، قانۇنسىز ئاختۇرغان ياكى قاماپ قويغانلار؛
(4) ئەمگەكچىنى شارائىتى ناچار، مۇھىت بۇلغىنىشى ئېغىر بولغان جايدا ئىشلىتىپ، جىسمانىي، روھىي ساغلاملىقىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزگەنلەر.
89- ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلاردىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئەمگەكچىگە ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلغانلىقى ياكى ئاخىرلاشتۇرغانلىقى ھەققىدە يازما ئىسپات بەرمىگەنلىرىنى ئەمگەك مەمۇرىي تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ ئەمگەكچىگە زىيان سالغانلىرى تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
90- ماددا ئەمگەكچىلەردىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىپ ياكى ئەمگەك توختامىدىكى پۈتۈمنىڭ مەخپىيىتىنى ساقلاش مەجبۇرىيىتى ياكى كەسىپ رىقابىتىگە چەك قويۇش پۈتۈمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنغا زىيان سالغانلىرى تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
91- ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلاردىن باشقا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلمىغان ياكى ئاخىرلاشتۇرمىغان ئەمگەكچىنى ئىشلىتىپ، ئادەم ئىشلەتكۈچى باشقا ئورۇنغا زىيان سالغانلىرى چاتما تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
92- ماددا ئەمگەك كۈچى ئەۋەتكۈچى ئورۇنلاردىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىرىنى ئەمگەك مەمۇرىي تارمىقى ۋە باشقا ئالاقىدار مەسئۇل تارماق تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا ھەر بىر كىشى ئۈچۈن 1000 يۈەندىن يۇقىرى، 5000 يۈەندىن تۆۋەن ئۆلچەم بويىچە جەرىمانە قويىدۇ ھەمدە سودا- سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى تىجارەت كىنىشكىسىنى بىكار قىلىدۇ؛ ئەۋەتىلگەن ئەمگەكچىگە زىيان سالغان بولسا، ئەمگەك كۈچى ئەۋەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەمگەكچى ئىشلەتكۈچى ئورۇن چاتما تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
93- ماددا قانۇنلۇق تىجارەت سالاھىيىتى ھازىرلىمىغان ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكىتى ئۈچۈن قانۇن بويىچە قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ ئەمگەكچىنىڭ قىلغان ئەمگىكى ئۈچۈن، شۇ ئورۇن ياكى ئۇنىڭ مەبلەغ چىقارغۇچىسى مۇشۇ قانۇندىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە ئەمگەكچىگە ئەمگەك ھەققى، ئىقتىسادىي تولۇقلىما ۋە تۆلەم پۇلى بېرىشى؛ ئەمگەكچىگە زىيان سالغان بولسا، تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
94- ماددا شەخسىي ھۆددىگەرلەر مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئەمگەكچى ئىشلىتىپ، ئەمگەكچىگە زىيان سالغان بولسا، ھۆددە بەرگۈچى تەشكىلات بىلەن شەخسىي ھۆددىگەر چاتما تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
95- ماددا ئەمگەك مەمۇرىي تارمىقى، باشقا ئالاقىدار مەسئۇل تارماق ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىدىن خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماي ياكى خىزمەت ھوقۇقىنى قانۇنغا خىلاپ يۈرگۈزۈپ، ئەمگەكچىگە ياكى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنغا زىيان سالغانلىرى تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك؛ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

8- باب قوشۇمچە پرىنسىپ

96- ماددا كەسپىي ئورۇننىڭ تەكلىپلىك ئىشلىتىش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدىغان خادىملار بىلەن ئەمگەك توختامىنى تۈزۈشى، ئادا قىلىشى، ئۆزگەرتىشى، بىكار قىلىشى ياكى ئاخىرلاشتۇرۇشى ھەققىدە قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئايرىم بەلگىلىمە بولسا ياكى گوۋۇيۈەننىڭ ئايرىم بەلگىلىمىسى بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ؛ بەلگىلىمە بولمىسا، مۇشۇ قانۇندىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.
97- ماددا مۇشۇ قانۇن يولغا قويۇلۇشتىن بۇرۇن قانۇن بويىچە تۈزۈلگەن ھەم مۇشۇ قانۇن يولغا قويۇلغان كۈنى داۋاملىشىۋاتقان ئەمگەك توختامى ئادا قىلىنىۋېرىدۇ؛ مۇشۇ قانۇننىڭ 14- ماددىسىنىڭ 2- تارمىقىنىڭ (3) تارماقچىسىدا بەلگىلەنگەن تۇراقلىق مۇددەتلىك ئەمگەك توختامىنى داۋاملىق تۈزۈش قېتىم سانى مۇشۇ قانۇن يولغا قويۇلغاندىن كېيىن مۇددەتلىك ئەمگەك توختامىنى داۋاملىق تۈزگەن ۋاقىتتىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ.
مۇشۇ قانۇن يولغا قويۇلۇشتىن بۇرۇن ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئورناتقان بولسىمۇ، يازما ئەمگەك توختامى تۈزمىگەنلەر مۇشۇ قانۇن يولغا قويۇلغان كۈندىن باشلاپ 1 ئاي ئىچىدە تۈزۈشى كېرەك.
مۇشۇ قانۇن يولغا قويۇلغان كۈنى داۋاملىشىۋاتقان ئەمگەك توختاملىرىدىن مۇشۇ قانۇن يولغا قويۇلغاندىن كېيىن بىكار قىلىنىپ ياكى ئاخىرلاشتۇرۇلۇپ، مۇشۇ قانۇننىڭ 46- ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىقتىسادىي تولۇقلىما بېرىلىدىغانلىرىدا ئىقتىسادىي تولۇقلىما بېرىلىدىغان يىل چېكى مۇشۇ قانۇن يولغا قويۇلغان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ؛ ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن مۇشۇ قانۇن يولغا قويۇلۇشتىن ئىلگىرى شۇ چاغدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە ئەمگەكچىگە بېرىدىغان ئىقتىسادىي تولۇقلىمىنى شۇ چاغدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە بېرىدۇ.
98- ماددا بۇ قانۇن 2008- يىل 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ

قانۇن تەشۋىقاتى   ماتىريالى

شىنجاڭ دىنار دەرياسى ئادۇۋكاتلار ئۇرنى

24 سائەت قانۇندىن ھەقسىز  مەسلىھەت بىرىش لىنىيسى 18299819854(بەختىيار ئادۇۋكات)

توردا ماتىريال يوللاش شەكىلدە ھەقسىز  مەسلىھەت بىرىش نۇمۇرى 1471561935

.



مەن خەلق ئادۇۋكاتى ،مەن خەلقنىڭ مەنپەتىنى قۇغدايمەن.

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28343
يازما سانى: 506
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11854
تۆھپە نۇمۇرى: 1750
توردا: 5782 سائەت
تىزىم: 2011-1-30
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-23 11:49:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بولسا مۇشۇنداق قانۇنى بىلىملەرنى كۆپرەك يوللاڭ،قانۇننى ياخشى ئۆگۈنۈپ ئۆز ھوقوق-مەنپەتىمىزنى جانلىق قوغدايلى!!!!

ئۇيغۇر،ئۇيغۇر،يەنە سۈيدىغىنىم سەن ئۇيغۇر!!! http://weibo.com/2109745207/profile/ شىنلاڭ مىكرو بىلوگ.

ئىزلار نەدە.......

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49283
يازما سانى: 359
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1498
تۆھپە نۇمۇرى: 50
توردا: 262 سائەت
تىزىم: 2011-7-27
ئاخىرقى: 2012-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 12:40:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
زادى ئۆگەنمەي بولمىدى جۇمۇ!!
لىكىنزە ئاپتونومىيە دەپ يوغان ھۆقۇقىمىزدىن بىرى بار بىزنىڭ، شۇڭا قانۇنلىرىمىز  مەركەزدىن ئەمەس ئاپتونۇم رايوندىن سىياسەت نامىدا كېلىدۇ..............

ھەقىقى تارىخ تومۇرۇمدا،بوۋام ئۇنى قېلىچ بىلەن يېزىپ قانغا سىڭدۇرۋەتكەن!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40745
يازما سانى: 262
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2298
تۆھپە نۇمۇرى: 251
توردا: 3041 سائەت
تىزىم: 2011-5-14
ئاخىرقى: 2012-6-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 03:01:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قانۇن ئۆزىمىزنىڭ  ھوقۇقىمىزنى قوغداشتىكى ئاساسلىق يۆلەنچۈك.


باشقۇرغۇچىلارغا: مۇشۇ كۈنلەردە باشقۇرغۇچىلار بەكلا مەسئۇليەتسىز بوپكەتتىمۇ قانداق ؟ نىمىشقا تىمىلارنى نورمال تەھرىلەپ ئاندىن تەستىقلىمايدۇ؟

سەن گىلەمگە سانچىلغان يىڭنىنىڭ ئۆتكۈرلىكىدىن ئەمەس،بەلكى پۇتۇڭنىڭ چىدىماسلىقىدىن ئاغرىنىشىڭ كېرەك!
ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلار بۇ يەردە!قېنى مەرھەمەت!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79243
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 61
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 6 سائەت
تىزىم: 2012-4-23
ئاخىرقى: 2012-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 05:32:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ  قانۇننى  كۆتۈرۈپ  كىرىپمۇ   گەپ  ئاقتۇرالمىدىم  ، قانۇنغا  ئىشەنمەس  بولۇپ  قالدىم ..........

چىن  يۈرىكىمدىن  چىقىرىپ  كۈلۈپ  باقسام  دەيمەن..........................................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48243
يازما سانى: 254
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1855
تۆھپە نۇمۇرى: 50
توردا: 2921 سائەت
تىزىم: 2011-7-18
ئاخىرقى: 2012-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 07:27:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
xerrari يوللىغان ۋاقتى  2012-4-24 05:32 PM
مۇشۇ  قانۇننى  كۆتۈرۈپ  كىرىپمۇ   گەپ  ئاقتۇرالمىدىم  ، ق ...

قانۇن، بەزى كىشىلەرنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتىقنى قوغدىغان بىلەن بەزى كىشىلەرنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش ئۇياقتا تۇرسۇن.................،
ھازىر قانۇن ئادەمگە قاراپ  تەدبىقلىنىدىغان بولۇپ قالدى......

ھەقىقەت ئالدىدا كۆز يۇمالمايمەن، قۇرئانسىز بىر نىشان كۆزلىيەلمەيمەن. پولاتتەك پاكىتلار تۇرسا ئالدىمدا، بوۋامنى مايمۇن دەپ سۆزلىيەلمەيمەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31333
يازما سانى: 391
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4357
تۆھپە نۇمۇرى: 888
توردا: 3845 سائەت
تىزىم: 2011-2-22
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 07:40:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەگەر مۇشۇ قانۇننى بىلگەنلىكىمىز ئۈچۈن ھوقۇق- مەنپەئەتىمىزنى قوغدىيالايدىغان ئىش بولسا مەن كىچە-كۈندۈز ئۆگىنەتتىم.
   پۇقرالار «بىزنىڭ ھوقۇقىمىز كاپالەتكە ئىگە بولمىدى» دىگەندە، ھۆكۈمەت گۇناھنى پۇقرالارغا ئارتىش ئۈچۈن پۇقرالارنىڭ قانۇننى بىلمىگەنلىكىدىن ھوقۇق مەنپەئەتىنى قوغدىيالمىغانلىقىنى، شۇڭا قانۇن ئۆگىنىشى كىرەكلىكىنى ئەسكەرتىشىدۇ. ئۆگەنگىلا ئاقىدىغان ئىش بولسا دىھقانلىرىمىزمۇ قانۇنشۇناس بوپ كىتەتتى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   motiwarlar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-24 07:41 PM  


ھەر بىر مىنۇتنىڭ

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 52340
يازما سانى: 911
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4048
تۆھپە نۇمۇرى: 804
توردا: 2664 سائەت
تىزىم: 2011-8-20
ئاخىرقى: 2012-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 10:49:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىز قانۇندىن پايدىلىنىپ ھۇقۇق-مەنپەتىمىزنى قۇغدايلى دىسەك قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلار ئاساسسىز گەپلەر بىلەن قانۇنى يول بىلەن كەلگەن ھۇقۇقلاارنى چەكلەۋاتسا ئۇ ئاتاللمىش قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلارنىڭ نوقتىسىنى تارتىتىدىغانلار نەدە ئۇلارنى تېپىپ بولغۇچە پۇقرالار يەنىلا قاقتا-سوقتا قىلىنىشقا ئۇچىراپلا تۇرىدۇھەيييييييييييييييييييييييييييييييييييييييييي

كۆپرەك  دوستۇم بولسا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36697
يازما سانى: 410
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1210
تۆھپە نۇمۇرى: 10
توردا: 4208 سائەت
تىزىم: 2011-4-7
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 12:29:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
motiwarlar يوللىغان ۋاقتى  2012-4-24 07:40 PM
ئەگەر مۇشۇ قانۇننى بىلگەنلىكىمىز ئۈچۈن ھوقۇق- مەنپەئە ...

بۇ تېمىغا چۈشكەن ئەڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭ نادىر ھەق ئىنكاس

سۇقۇلدىغان ساندال بۇلغۇچە، ئۇرىدىغان بازغان بۇل

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 265
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5572
تۆھپە نۇمۇرى: 557
توردا: 1052 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 06:02:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قانۇننىڭ خاس پىرىنسىپ ۋە ئومومى پىرىنىسىپ دىگەن ئۇقۇملىرىنى قانداق چۈشۈنىش كىرەك؟

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش