1- ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ چۈشىشىگە دالالەت قىلىدىغان «ھەدىس» لەرنىڭ تەھلىلى
ئەبۇلفاتىھ
مۇقەددىمە
ياخشىلىقى چەكسىز، ئىنئامى كۆپ ئااللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن
قېرىنداشلار! ئادىتىم بويىچە بۇ تەھلىلدىمۇ ئايەتلەرنى ئاساس قىلىمەن. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزگە قۇرئان كەرىمنى قالدۇرۇپ كەتكەن. قۇرئان كەرىم، رەببىمىز اللەنىڭ كىتابى بولۇپ بىزنىڭ ئىككىلى دۇنيادا نىجاتلىققا ئېرىشىشىمىز، ئۇ كىتابقىلا ئەمەل قىلىشىمىزغا باغلىق.
شۇڭا بىز مۇسۇلمانلار دىنىمىز ئىسلامنىڭ نامىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھەرقانداق كۆزقاراشنى مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر بىلەن بىرلىكتە تەھلىل قىلىشىمىز، ئايەتنى ئاساس قىلىشىمىز، ئايەتكە زىت كەلگەن ھەرقانداق كۆزقاراشنى «بۇ كۆزقاراشنى ئوتتۇرىغا قويغانلار بىلىدۇ» دەپ قوبۇل قىلماي «اللە ھەممىدىن ئۇبدان بىلىدۇ» دەپ رەت قىلىشىمىز كېرەك! مۇسۇلمانلىقنىڭ تەقەززاسىمۇ مۇشۇ.
شۇنى ئۇنتۇماسلىقىمز لازىمكى: بىز مۇسۇلمانلارغا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات قىلىنىپ بىرقانچە ئەسىر ئۆتكەندىن كېيىن ئىنسانلار تەرىپىدىن يېزىلىپ، ئىچىدىكى نەرسىلىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا نىسبەت بېرىلگەن «كىتاب» لارغا ئەمەس، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان كىتابقا ئىمان كەلتۈرىشىمىز پەرز قىلىنغان!
بۇنىڭغا ئاساسەن بىز، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا نىسبەت بېرىلگەن قۇرئان كەرىمدىن باشقا ھەرقانداق بىر سۆزگە شۇ قۇرئان كەرىمنىڭ كۆزى بىلەن قارىشىمىز لازىم. بولمىسا تۇيماستىن رەببىمىزنىڭ كىتابى ئۇ قىرغاقتا، بىز بۇ قىرغاقتا بولۇپ قالىمىز.
بۇ يەردە شۇنى ئەسلىتىپ ئۆتۈشنى مۇھىم دەپ قارايمەن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام اللەنىڭ ئەلچىسىدۇر، ئۇنىڭغا اللەنىڭ تەرىپىدىن قۇرئان كەرىم نازىل قىلىنغان. ئۇ، قۇرئان كەرىمگە بۇيسۇنۇشقا ۋە ئۇنى ئىنسانلارغا يەتكۈزۈشكە بۇيرۇلغان. ئەلچىنىڭ ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكۈچى بەرگەن كىتابتا يوق نەرسىنى يەتكۈزۈش ئەركىنلىكى بولمىغاندەك ئۇ كىتابقا خىلاپ بىر سۆز - ھەرىكەتتە بولۇش ھوقۇقىمۇ بولمايدۇ. مەن ھەر يازمامدا قېرىنداشلىرىمنىڭ دىققىتىنى بۇ مەسىلىگە جەلب قىلىشقا تىرىشتىم.
بۇ يازمامدىمۇ ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ چۈشىشىگە ياكى قايتا كېلىشىگە دالالەت قىلىدىغان «ھەدىس» لەرنىڭ مەزمۇنىنىڭ، بەزى ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنىغا ئوچۇقتىن - ئوچۇق زىت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتمەكچىمەن.
تىرىشچانلىق بىزدىن، مۇۋەپپەقىيەت اللەدىندۇر.
ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ چۈشىشىگە دالالەت قىلىدىغان «ھەدىس» لەر:
1- ئەبۇ ھۇرەيرە (رەزىيەللاھۇئەنھۇ)نىڭ رىۋايەت قىلىشىچە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «جېنىم قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەمكى، مەريەمنىڭ ئوغلى ئادىل بىر ھۆكۈم قىلغۇچى بولۇپ پات-يېقىندا ئاراڭلارغا چۈشىدۇ. ئۇ چۈشۈپ كرېستنى چېقىپ تاشلايدۇ، توڭگۇزلارنى ئۆلتۈرىدۇ، جىزيىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ، مال- دۇنيا شۇ قەدەر كۆپ بولىدۇكى، ھېچكىم ئۇنىڭغا قاراپمۇ قويمايدۇ. بىر سەجدە دۇنيادىن ۋە دۇنيا ئىچىدىكى بارلىق نەرسىلەردىن ياخشى بولىدۇ» .
2- يەنە ئەبۇ ھۇرەيرە (رەزىيەللاھۇئەنھۇ)نىڭ رىۋايەت قىلىشىچە پەيغەمبەر ئەلەيسسالام مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەرلەر دادا بىر ئانا باشقا بىر تۇغقانلاردۇر. ئۇلارنىڭ دىنى بىردۇر. مەن ئىنسانلارنىڭ ئىچىدە مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيساغا ئەڭ يېقىنىمەن، چۈنكى مەن بىلەن ئۇنىڭ ئارىسىدا پەيغەمبەر يوق. ئۇ چوقۇم چۈشىدۇ. ئۇنى كۆرسەڭلار تونۇيسىلەر: ئۇ ئوتتۇرا بوي، رەڭگى قىزىل بىلەن ئاققا مايىل بىر كىشىدۇر. ئۇنىڭ ئۈستىدە سېرىغىش ئىككى كىيىم بار. ئۇنىڭ بېشى ھۆل قىلىنمىسىمۇ سۇ تامچىلاتقاندەك تۇرىدۇ. ئۇ كرېستلەرنى چېقىپ تاشلايدۇ، توڭگۇزلارنى ئۆلتۈرىدۇ. جىزيىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ، ئىنسانلارنى ئىسلامغا دەۋەت قىلىدۇ. اللە ئۇنىڭ زامانىدا ئىسلامدىن باشقا پۈتكۈل دىنلەرنى ھالاك قىلىدۇ. اللە ئۇنىڭ زامانىدا دەججال مەسىھنىمۇ ھالاك قىلىدۇ. زېمىندا شۇ قەدەر ئامانلىق ۋە تىنچلىق پەيدا بولىدۇكى، شىرلەر تۆگىلەر بىلەن، يولۋاسلار كالىلار بىلەن، بۆرىلەر قويلار بىلەن ئوتلايدۇ. كىچىك بالىلار يىلانلار بىلەن ئوينايدۇ. ئۇ، زېمىندا قىرىق يىل تۇرغاندىن كېيىن ۋاپات قىلىنىدۇ، مۇسۇلمانلار نامىزىنى ئوقۇپ دەپنە قىلىدۇ» .
3- «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيسا ئۈممىتىمنىڭ ئىچىدە ناھايىتى ئادىل ھاكىم ۋە ئادالەتلىك بىر يېتەكچى بولىدۇ. ئۇ كرېستلەرنى چېقىپ تاشلايدۇ، توڭگۇزلارنى بۇغۇزلايدۇ. جىزيىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ، سەدىقىنى تەرك ئېتىدۇ (چۈنكى ئۇ چاغدا ئىنسانلارنىڭ سەدىقە ۋە زاكاتلارغا ئېھتىياجى قالمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنى يىغىشقىمۇ ئېھتىياج قالمايدۇ)، شۇنىڭ بىلەن قوي ۋە تۆگىلەرنىڭ زاكىتىنى ئېلىشقا ھېچكىم بارمايدۇ. ئاداۋەت ۋە دۈشمەنلىشىش كۈتۈرىلىپ كېتىدۇ. پۈتكۈل زەھەرلىك ھايۋانلارنىڭ زەھىرى تارتىپ ئېلىنىدۇ، بۇ شۇ دەرىجىدە بولىدۇكى ھەتتا كىچىك ئوغۇل بالا يىلاننىڭ ئاغزىغا قولىنى تىقىدۇ، يىلان ئۇنىڭغا زىيان يەتكۈزمەيدۇ. كىچىك قىز بالا شىرنىڭ ئاغزىنى تۇتۇپ چىشلىرىنى ئاچىدۇ، شىر ئۇنىڭغا زىيان يەتكۈزمەيدۇ. بۆرە قويلارنىڭ ئىچىدە بولىدۇ، خۇددى ئۇ قويلارنىڭ ئىتى بولۇپ قالىدۇ. قاچىلار سۇ بىلەن تولدۇرۇلغاندەك زېمىن تىنچلىق بىلەن تولدۇرۇلىدۇ. سۆز بىر بولىدۇ، (دىن بىرلىكى مەيدانغا كېلىدۇ)؛ اللەنىڭ غەيرىيگە ئىبادەت قىلىنمايدۇ، ئۇرۇش ئۆزىنىڭ ئېغىر يۈكلىرىنى تاشلايدۇ (ئۇرۇش توختايدۇ)» .
بۇ ماۋزۇ بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەر 100 گە يېتىدۇ. لېكىن مەن بۇ قىسقا يازمىدا ئۇلارنىڭ ئاساسلىق بولغانلىرىدىن يۇقارقى 3 نى زىكىر قىلىش بىلەن كۇپايىلىنىمەن. چۈنكى ئۇ «ھەدىس»لەرنىڭ ھەممىسى شەكىل جەھەتتە پەرقلىق بولسىمۇ مەنا ئېتىبارى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن بۇ ئۈچ «ھەدىس»نى زىكىر قىلىپ ئاندىن ئۇلارنىڭ ھەر بىر ئىپادىسىنى مۇناسىۋەتلىك ئايەت بىلەن تەھلىل قىلىمەن. شۇنىڭ بىلەن بۇ ھەقتىكى «ھەدىس» لەر ۋە بۇ ھەدىسلەرگە ئاساسلانغان ئېتىقادلار بىر تەرەپ قىلىنغان بولىدۇ.
يۇقارقى ھەدىسلەردىكى بىرىنچى ئىپادە:
بىرىنچى ھەدىستىن: «مەريەمنىڭ ئوغلى ئادىل بىر ھۆكۈم قىلغۇچى بولۇپ پات-يېقىندا ئاراڭلارغا چۈشىدۇ».
ئىككىنچى ھەدىستىن: «ئۇ چوقۇم چۈشىدۇ».
ئۈچىنچى ھەدىستىن - «مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيسا ئۈممىتىمنىڭ ئىچىدە ناھايىتى ئادىل ھاكىم ۋە ئادالەتلىك بىر يېتەكچى بولىدۇ».
بۇ ئىپادىگە خىلاپ ئايەتلەر:
1- «مۇھەممەد پەقەتلا بىر ئەلچىدۇر، ئۇنىڭدىن بۇرۇن كۆپ ئەلچىلەر ئۆتتى...» (ئال ئىمران 3/144). بۇ ئايەتتە ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن بۇرۇن ئۆتۈپ كەتكەنلىكى ئېنىق بىر شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
2- «ئى مۇھەممەد! سەندىن ئىلگىرى ھېچ كىشىنى مەڭگۈ ياشاتقىنىمىز يوق...» (ئەنبىيا 21/34). بۇ ئايەتتىنمۇ ئىيسا ئەلەيھىسسالام دېيىلىدىغان كىشىنىڭ ھايات ئەمەسلىكى چىقىپ تۇرىدۇ.
3- «ئۆز ۋاقتىدا مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيسا مۇنداق دېدى: ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! مەن، چوقۇم اللەنىڭ سىلەرگە ئەۋەتكەن ئەلچىسى. مەن، مەندىن بۇرۇن كەلگەن تەۋراتنى تەستىلايدىغان، مەندىن كېيىن كېلىدىغان ئەھمەد ئىسملىك بىر پەيغەمبەر بىلەن خۇش خەۋەر بېرىدىغان بىر پەيغەمبەرمەن...» (سەف 61/6). بۇ ئايەت ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ، تەۋراتنىڭ نازىل قىلىنىشىدىن كېيىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر بولۇپ كېلىشتىن بۇرۇن دۇنياغا كەلگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. دىققەت قىلىدىغان بولساق، ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ يەنە بىر قېتىم دۇنياغا كېلىشى بۇ ئايەتكە ئوچۇقتىن- ئوچۇق زىت كېلىدۇ.
4- «مۇھەممەد، پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاخىرقىسىدۇر» (ئەھزاب 33/40.). بۇ ئايەتكە ئاساسەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاخىرقىسى ئىيسا ئەلەيھىسسالام بولماستىن بەلكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدۇر!
ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىيسا ئەلەيھىسسالام چۈشىدۇ ياكى قايتا كېلىدۇ دېگەنلىك، يا ئىيسا ئەلەيھىسسالام تېخى ھايات ۋەيا اللە تەئالا ئۇنى قايتا تىرىلدۈرۈپ ئاندىن ئەۋەتىدۇ دېگەنلىك بولىدۇ. ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تېخى ھايات ئىكەنلىكى، يۇقارقى ئايەتلەرگە ئوچۇقتىن- ئوچۇق زىت كېلىش بىلەن بىرگە تۆۋەندىكى ئايەتلەرگىمۇ زىت كېلىدۇ:
1- «ئى ئىيسا! مەن سېنى ئۆلتۈرۈپ ئۆز تەرىپىمگە كۆتۈرىمەن...» (ئال ئىمران 3/55).
بۇ ئايەتتە اللە تەئالا ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى ۋاپات قىلدۇرۇپ (قەبزى روھ قىلىپ/ ئۆلتۈرۈپ) ئۆز تەرىپىگە كۆتۈرىدىغانلىقىنى ۋەئدە قىلىدۇ. نىسا سۈرىسىنىڭ 158- ئايىتىدە «بەلكى اللە ئۇنى ئۆز تەرىپىگە كۆتۈردى...» دەپ ئۇنى ئۆز تەرىپىگە كۆتۈرگەنلىكىنى، يەنى كۆتۈرۈپ بولغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.
بەزىلەر: «بۇ يەردە كۆتۈرۈش ۋەئدىسىنىڭ ئەمەلگە ئاشقانلىقى بايان قىلىنغان، ۋاپات قىلدۇرۇش ۋەئدىسى ئەمەلگە ئاشقانلىقى بايان قىلىنمىغان» دېيىشى مۇمكىن. بۇنداقلارغا دەيمىزكى:
اللە تەئالا يۇقارقى ئايەت (ئال ئىمران 3/55) دە ئىككى ئىشنى قىلىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلىدۇ: بىرى ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى ۋاپات قىلدۇرۇش (قەبزى روھ قىلىش/ ئۆلتۈرۈش)، يەنە بىرى ئۇنى ئۆز تەرىپىگە كۆتۈرۈش. ئۆز تەرىپىگە كۆتۈرۈش ۋەئدىسىنىڭ ئەمەلگە ئاشقانلىقى، ئۆلتۈرۈش ۋەئدىسىنىڭمۇ ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، چۈنكى ئۆلتۈرۈش ۋەئدىسىمۇ كۆتۈرۈش ۋەئدىسى بىلەن بىرلىكتە بەلكىدە ئۇنىڭ ئالدىدا ۋەئدە قىلىنغان. (قۇرئان كەرىمدە بۇ خىل ئۇسلۇبلار ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدۇ).
2- «مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى چېغىمدا ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى كۆزىتىپ تۇرغان ئىدىم، لېكىن سەن مېنى ۋاپات قىلدۇرغاندىن كېيىن، ئۇلارغا پەقەت سەنلا كۆزەتكۈچى بولدۇڭ. سەن ھەر نەرسىنى كۆزىتىپ تۇرغۇچىسەن» ( مائىدە 5/117).
ئىيسا ئەلەيھىسسالام تېخى ھايات دېگەنلىك، ئىيسا ئەلەيھىسسالام بىزنىڭ ئارىمىزدا بار بولۇپ، ئۇ بىزنىڭ ئەمەللىرىمىزنى كۆزىتىپ تۇرىدۇ دېگەنلىك بولىدۇ. چۈنكى يۇقارقى ئايەتتە اللە تەئالا ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى ۋاپات قىلدۇرۇش (قەبزى روھ قىلىش/ ئۆلتۈرۈش) تىن بۇرۇن، ئۇنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇپ ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى كۆزىتىپ تۇرغانلىقى بايان قىلىنغان.
3- (ئىيسا ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «...ھاياتلا بولىدىكەنمەن اللە ماڭا ناماز بىلەن زاكاتنى تەۋسىيە قىلدى...» (مەريەم 19/31).
بۇ ئايەتتە، ئىيسا ئەلەيھىسسالام ھاياتلا بولسا نامازنى ئوقۇش بىلەن زاكاتنى بېرىشكە بۇيرۇلغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن ئىيسا ئەلەيھىسسالام تېخى ھايات دېگەنلىك، ئۇ ھازىرمۇ نامازنى ۋە زاكاتنى ئادا قىلىپ تۇرىدۇ دېگەنلىك بولىدۇ. چۈنكى ئايەتنىڭ ئىپادىسى ئىيسا ئەلەيھىسسالام ناماز بىلەن زاكاتنى ھايات تۇرغان ۋاقتىنىڭ ھەممىسىدە ئادا قىلىدۇ دېگەننى كۆرسىتىدۇ.
ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى اللە تەئالا قايتا تىرىلدۈرۈپ ئاندىن ئەۋەتىدۇ دېگەنلىك، نۇرغۇنلىغان ئايەتنىڭ مەنىلىرىگە خىلاپ كېلىش بىلەن بىرگە اللە تەئالانىڭ، ھەر ئىنساننى دۇنياغا بىر قېتىم ئەكېلىپ بىر قېتىم ئېلىپ كېتىدىغانلىقىدىن ئىبارەت قانۇنىيتىگىمۇ خىلاپ.
قۇرئان كەرىمنىڭ ئۆلۈم ۋە ھايات بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەتلىرىگە قارايدىغان بولساق، ھەر جانلىق بىر قېتىم دۇنياغا كېلىپ ئۆلۈمنىڭ تەمىنى بىر قېتىم تېتىيدىغانلىقىنى، شۇنداقلا بۇنىڭدىن ھېچكىمنىڭ مۇستەسنا ئەمەسلىكىنى ئېنىق بىلەلەيمىز.
يۇقارقى «ھەدىس» لەردىكى ئىككىنچى ئىپادە:
بىرىنچى «ھەدىس» تىن: «ئۇ چۈشۈپ كرېستلەرنى چېقىپ تاشلايدۇ».
ئىككىنچى «ھەدىس» تىن: «ئۇ كرېستلەرنى چېقىپ تاشلايدۇ».
ئۈچىنچى «ھەدىس» تىن «ئۇ كرېستلەرنى چېقىپ تاشلايدۇ».
اللە تەئالا مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەرلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى پەقەت روشەن تەبلىغ قىلىشتىنلا ئىبارەت» (نەھەل 16/35).
بۇ ئايەتكە ئاساسەن، ئىيسا ئەلەيھىسسالام ئەگەر پەيغەمبەر بولۇپ كەلسە تەبلىغ قىلىشى لازىم. چۈنكى ئۇ بىر پەيغەمبەر، پەيغەمبەرنىڭ روشەن تەبلىغ قىلىشتىن باشقا ۋەزىپىسى يوق. تەبلىغ قىلىش، كرېستلەرگە چوقۇنۇشنىڭ خاتالىقىنى شۇ كرېستلەرگە چوقۇنغۇچىلارغا بايان قىلىش بىلەن بولىدۇ.
ئەگەر بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋارىس بولۇپ كەلسە، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەزىپىسى بولغان تەبلىغنى ئەينەن داۋاملاشتۇرۇشى لازىم. چۈنكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەزىپىسىمۇ باشقا پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋەزىپىسىگە ئوخشاشلا تەبلىغ قىلىشتۇر، خالاس. (نەھل 16/82، نۇر 24/54، ئەنكەبۇت 29/18، شۇرا 42/48، تەغابۇن 64/12 قاتارلىق ئايەتلەر، بۇنى كۆرسىتىدۇ).
ھەم بۇ ئىش (كرېستلەرنى چېقىپ تاشلاش) نىڭ ئەقلەن ئەمەلگە ئېشىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى «ھەدىس» لەردىكى ئىپادە بۇ ئىشنى ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭلا قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. يەر يۈزىدىكى پۈتكۈل كرېستلەرنى بىر كىشىنىڭ چېقىپ تاشلىشى، تېخىمۇ توغرىراقى چېقىپ تاشلاپ بولالىشى ئەقىلگە سىغمايدۇ.
يۇقارقى «ھەدىس» لەردىكى ئۈچىنچى ئىپادە:
بىرىنچى «ھەدىس» تىن: «توڭگۇزلارنى ئۆلتۈرىدۇ»
ئىككىنچى «ھەدىس» تىن: «توڭگۇزلارنى ئۆلتۈرىدۇ»
ئۈچىنچى «ھەدىس» تىن: «توڭگۇزلارنى بۇغۇزلايدۇ» قۇرئان كەرىمدە تۆت يەردە (بەقەرە 2/173، مائىدە 5/3، ئەنئام 6/145، نەھل 16/115 دە) توڭگۇزنىڭ گۆشىنىڭ ھارام قىلىنغانلىقى بايان قىلىنغان. توڭگۇزنىڭ گۆشىنى يېيىش ھارام قىلىنغان بىلەن، ئۇنىڭ باشقا تەرەپلەردىن پايدىلىق ئىكەنلىكى ئېنىق، چۈنكى اللە تەئالا بەقەرە سۈرىسىنىڭ 29- ئايىتىدە «اللە يەر يۈزىدىكى ھەممە نەرسىنى سىلەرنىڭ مەنپەئەتىڭلار ئۈچۈن ياراتتى...» دەيدۇ.
ئايەتتە ئۆتكەن «لەكۇم/ سىلەرگە» دىكى «سىلەر» نىڭ پۈتكۈل ئىنسانىيەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقىغا ۋە توڭگۇزلارنىڭ «يەر يۈزىدىكى ھەممە نەرسە» نىڭ بىر تۈرى ئىكەنلىكىگە قارىغاندا، ئۇلارنىڭ يەر شارىدا ئىنسان ياشىغان مۇددەت ئىچىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى مۇقەررەر.
يەنە كېلىپ ھېچبىر پەيغەمبەرنىڭ توڭگۇزنى ياكى باشقا بىر ھايۋاننى قەتلىئام قىلىش ۋەزىپىسى يوق. پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋەزىپىسىنىڭ نېمىلىكى «كرېستنى چېقىپ تاشلاش» مەسىلىسىدە بايان قىلىندى.
اللە تەئالا ئىنسان سۈرىسى (76- سۈرە) نىڭ باشلىرىدا ئىنساننى ئارىلاشما مەنىيدىن ياراتقانلىقىنى، ئۇنى ئۆزىنىڭ سىنايدىغانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى ئاڭلايدىغان ۋە كۆرىدىغان قىلىپ ياراتقانلىقىنى، ئۇنىڭغا ياخشى- يامان يولنى كۆرسەتكەنلىكىنى، ئۇنىڭ يا مۇئمىن يا كاپىر بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. مۈلك سۈرىسى (67- سۈرە) نىڭ 2- ئايىتىدە «سىلەردىن قايسىڭلارنىڭ ئەمەلى ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى سىناش ئۈچۈن اللە ئۆلۈمنى ۋە ھاياتلىقنى ياراتتى» دەيدۇ.
دېمەك، يەر يۈزىدە ئىنسان دەپ ئاتىلىدىغان مەخلۇق مەۋجۇتلا بولىدىكەن، ئۆلۈم ۋە ھاياتلىق بارلا بولىدىكەن اللەنىڭ سىنىقى بار دېگەن گەپ. سىناقتىن ئۆتۈش، ياخشى يولدا مېڭىپ يامان يولنى تەرك ئېتىش بىلەن بولىدۇ. اللە تەئالا بۇنىڭ ئۈچۈن ياخشى- يامان يولنى كۆرسەتكەن. گۆشىنى يېيىش ھارام قىلىنغان ۋە بۇ ھارامغا يېقىن كەلمىگەنلەر سىناقتىن ئۆتكەن بولىدىغان توڭگۇز قەتلىئام قىلىنىپ تۈگىتىۋېتىلسە، بۇنىڭدىن كېيىن ياشىغان ئىنسانلار توڭگۇز گۆشىنى اللە تەئالا ھارام قىلغانلىق ئۈچۈن ئەمەس يەر يۈزىدە توڭگۇز تېپىلمىغانلىقتىن يېمىسە، سىناقتىن ئۆتكەن بولامدۇ؟؟؟ ھەم بۇ تەقدىردە دۇنيانىڭ ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلىقى بۇۇزلۇپ كەتمەمدۇ؟؟؟
بىر كىشى يالغۇز يەر يۈزىدىكى توڭگۇزلارنى قانداق ئۆلتۈرۈپ بولالايدۇ؟ «ھەدىس» لەرنىڭ ئىپادىسى، بۇ ئىشنى ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ يالغۇز قىلىدىغانلىقىنى، ھەتتا ئۆلتۈرۈشنىڭ پىچاق بىلەن بۇغۇزلاش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ھايۋاننىڭ يەرلىكى ۋە ياۋىسى بار. يەر يۈزىدىكى يەرلىك ۋە ياۋا بولۇپ پۈتكۈل توڭگۇزلار ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۇزۇىغا يىغىلىپ، مېنى ئۆلتۈرۈڭ دېيىشىپ ئۆچىرەت بولۇپ تۇرغان تەقدىردە، ئىيسا ئەلەيھىسسالام ھەممە ئىشنى تاشلاپ قويۇپ ئۇلارنى بۇغۇزلىغىلى تۇرسا (چۈنكى ئۇ «ھەدىس» لەرنىڭ بىرىدە «بۇغۇزلايدۇ» دەيدۇ)، قانچە يىلدا بۇغۇزلاپ بولار؟ كرېستلەرنى چېقىپ تاشلاشقا قانچە يىل كېتەر! بۇ ئىش يۇقارقى ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنىغا خىلاپ كېلىش بىلەن بىرگە ئەقىلگىمۇ سىغمايدۇ.
يۇقارقى «ھەدىس» لەردىكى تۆتىنچى ئىپادە:
بىرىنچى «ھەدىس» تىن: «ئۇ چۈشۈپ جىزيىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ ».
ئىككىنچى «ھەدىس» تىن: «جىزيىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ».
ئۈچىنچى ھەدىستىن «جىزيىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ».
ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ چۈشۈپ جىزيىنى ئەمەلدىن قالدۇرشىغا ئىشىنىدىغانلار، بۇ مەسىلىنى مۇنداق ئىككى خىل شەكىلدە چۈشەندۈرۈشى مۇمكىن:
1- ئىيسا ئەلەيھىسسالام چۈشۈپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ھاكىمىيتىگە بويسۇنۇپ ياشاۋاتقان غەيرىي مۇسۇلمانلارنىڭ شۇ ھاكىمىيەتكە ھەر يىلى تۆلەيدىغان جىزيەسىنىڭ ھۆكمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۋىتىدۇ.
2- ئىيسا ئەلەيھىسسالام چۈشكەندە يەر يۈزىدىكى پۈتكۈل ئىنسانلار مۇسۇلمان بولۇپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن جىزيە تۆلەيدىغانغا كاپىر قالمايدۇ.
بىرىنچى خىل چۈشەنچىگە بىرىدىغان جاۋابىمىز شۇكى:
ئىسلام ھاكىمىيتى ئاستىدا ياشاۋاتقان غەيرىي مۇسلىملەردىن جىزيە ئېلىش، تەۋبە سۈرىسى (9- سۈرە) نىڭ 29- ئايىتىنىڭ مەزمۇنى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەدبىقلىشى بىلەن دىنىمىزنىڭ بىر ھۆكمى ھېسابلىنىدۇ.
بۇ ھۆكۈمنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى ئۈچۈن اللە تەئالانىڭ، جىزيەنىڭ ھۆكمىگە ئوخشاش بىر ھۆكۈمنى ياكى ئۇنىڭدىن ياخشى بىر ھۆكۈمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر ئايەت نازىل قىلىشى شەرت. چۈنكى ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
«بىز قانداقلا بىر ئايەتنى ئەمەلدىن قالدۇرساق ياكى ئۇنتۇلدۇرساق ئورنىغا ئۇنىڭدىن ياخشىراقىنى ياكى شۇنىڭ ئوخشىشىنى كەلتۈرىمىز» (بەقەرە 106).
دېمەك، بۇ ئىش بىرەر ئىنساننىڭ مەن بۇ ھۆكۈمنى ئەمەلدىن قالدۇرىمەن دېيىشى بىلەن بولمايدۇ. ئەكسىچە اللە تەئالانىڭ ئىنسانلارنىڭ ئىچىدىن بىرىنى تاللاپ، شۇنىڭغا يېڭى ئايەت نازىل قىلىشى بىلەن بولىدۇ. بۇ ئايەتكە «ۋەھىي»، ئايەت نازىل قىلىنغان كىشىگە «پەيغەمبەر» دېيىلىدۇ. اللە تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«بىز بىر ئايەتنى يەنە بىر ئايەتنىڭ ئورنىغا ئالماشتۇرغىنىمىزدا - ئاللاھ ئۆزىنىڭ نېمە نازىل قىلىشىنى ئۆزى ئۇبدان بىلىدۇ- ئۇلار: «ئى مۇھەممەد! سەن ئاللاھقا يالغان چاپلىدىڭ» دەيدۇ. ئۇنداق ئەمەس، ئۇلارنىڭ تۇلىسى ئۇقمايدۇ» (نەھل 16/101).
بۇنىڭغا ئاساسەن ئاللاھ تائالا ئۆزى نازىل قىلغان كىتابنىڭ بىرەر ھۆكمىنى ئەمەلدىن قالدۇرماقچى بولسا، ئۇنى يەنە ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزى ئۇ ئايەتنىڭ ھۆكمىگە ئوخشاش بىر ھۆكۈمنى ياكى ئۇ ئايەتنىڭ ھۆكمىدىن ياخشىراق بىر ھۆكۈمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقا بىر ئايەت نازىل قىلىش ئارقىلىق ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ.
يەنى ئىيسا ئەلەيھىسسالام جىزيەنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئۈچۈن يېڭىدىن پەيغەمبەر بولۇپ كېلىشى شۇنداقلا ئۇنىڭغا جىزيەنى ئەمەلدىن قالدۇرىدىغان بىر ئايەت نازىل قىلنىشى لازىم.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاخىرقى پەيغەمبەر، قۇرئان كەرىمنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا نازىل قىلىنغان كىتاب ئىكەنلىكىنى دىققەتكە ئالغان ۋاختىمىزدا بۇنداق ئەھۋال مۇمكىن ئەمەس. اللە تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«مۇھەممەد پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاخىرقىسىدۇر» (ئەھزاب 33/40).
ئىككىنچى خىل چۈشەنچىگە بىرىدىغان جاۋابىمىز شۇكى:
ئاللاھتائالا يەر يۈزىدىكى پۈتكۈل ئىنسانلارنى مۇسۇلمان قىلىۋىتىشنى خالىمىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. اللە تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«ئەگەر رەببىڭ خالىسا ئىدى، يەر يۈزىدىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئىمان ئېيتاتتى. ئۇ ھالدا سەن ئىنسانلارنى مۆمىن بولۇشقا زورلامسەن؟» (يۇنۇس 10/99).
«... ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئەلۋەتتە سىلەرنى بىر ئۇممەت قىلاتتى ...» (مائىدە 5/48).
«... ئەگەر ئاللاھ خالىسا، ئۇلارنى ھىدايەت ئۈستىدە بىرلەشتۈرەتتى. ئۇنداقتا سەن جاھىللاردىن بولمىغىن» (ئەنئام 6/35).
«ئەگەر رەببىڭ خالىسا ئىدى پۈتكۈل ئىنسانلارنى بىر ئۈممەت قىلاتتى...» (ھۇد11/118).
«ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى سىلەرنى ئەلۋەتتە بىر ئۈممەت قىلاتتى...» (نەھل 16/93).
مانا بۇ يۇقارقى ئايەتلەردىن ئاللاھ تائالانىڭ پۈتكۈل ئىنسانلارنى بىر ئۈممەت (ئوخشاش بىر يولدىكى ئادەملەر) قىلمايدىغانلىقى چىقىدۇ. ھەتتا بىر ئايەتتىن پۈتكۈل ئىنسانلارنى ھىدايەت ئۈستىدە بىرلەشتۈرمەيدىغانلىقى ئۇچۇق- ئاشكارا بىر شەكىلدە ئوتتۇرغا چىقىدۇ.
پەيغەمبەرلەرنىڭمۇ ئۇنداق بىر ۋەزىپىسى يوق، ھەم ئۇنداق بولۇشنى ئاللاھ خالىمىغان ئىكەن ئۇنىڭغا ھېچكىمنىڭ كۈچى يەتمەيدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
«پەيغەمبەرلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى پەقەت روشەن تەبلىغ قىلىشتىنلا ئىبارەت» (نەھەل 16/35).
«دىندا ھېچ زورلاش يوق. چۇنكى توغرا بىلەن خاتا بىر- بىرىدىن ئايرىلدى. تاغۇتنى ئىنكار قىلىپ اللەغا ئىشەنگەنلەر، ھەرگىزمۇ سۇنۇپ كەتمەيدىغان مۇستەھكەم تۇتقىنى تۇتقان بولىدۇ. اللە ئاڭلىغۇچىدۇر، بىلگۈچىدۇر» (بەقەرە 2/256).
خۇلاسە قىلىپ ئېيتقاندا، ئاللاھ تائالا پۈتكۈل ئىنساننى ھىدايەت ئۈستىدە بىرلەشتۈرمەيدۇ، يەنى ھەممە ئىنسان مۇسۇلمان بولۇپ كەتمەيدۇ. چۈنكى اللە تەئالا ئىنسانغا پىكىر ئەركىنلىكى بەرگەن، ئۆز ئەركىنلىكى بىلەن مۇسۇلمان بولغانلار اللە تەئالا تەرىپىدىن مۇكاپاتلىنىدۇ. ئۆز ئەركىنلىكى بىلەن مۇسۇلمان بولمىغانلار بولسا اللە تەئالا تەرىپىدىن جازالىنىدۇ. بۇ اللە تەئالانىڭ ئۆزگەرمەس قانۇنى. اللە تەئالانىڭ قانۇنىغا خىلاپ بىر ئىش ھېچبىر زامان مەۋجۇت بولمايدۇ، بۇ ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ھېچكىمنىڭ كۈچى يەتمەيدۇ.
يۇقارقى «ھەدىس» لەردىكى بەشىنچى ئىپادە:
بىرىنچى «ھەدىس»تىن: «مال- دۇنيا شۇ قەدەر كۆپ بولىدۇكى، ھېچكىم ئۇنىڭغا قاراپمۇ قويمايدۇ».
ئىككىنچى «ھەدىس»تىن: «ئىنسانلارنى ئىسلامغا دەۋەت قىلىدۇ».
ئۈچىنچى ھەدىستىن: «سەدىقىنى تەرك ئېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن قوي ۋە تۆگىلەرنىڭ زاكىتىنى ئېلىشقا ھېچكىم بارمايدۇ».
ئۈچىنچى ھەدىستىن: «ئاداۋەت ۋە دۈشمەنلىشىش كۈتۈرىلىپ كېتىدۇ».
بۇ ئىپادىلەر پەرقلىق بولغانلىقى ئۈچۈن ھەربىر ھەدىسنىڭ ئىپادىسىنى ئايرىم-ئايرىم تەھلىل قىلىپ ئۆتىمەن.
بىرىنچى «ھەدىس» نىڭ ئىپادىسى: «مال- دۇنيا شۇ قەدەر كۆپ بولىدۇكى، ھېچكىم ئۇنىڭغا قاراپمۇ قويمايدۇ».
تۆۋەندىكى ئايەتلەرگە قارايدىغان بولساق بۇنىڭمۇ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى چۈشۈنىۋالالايمىز. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
«ئەگەر ئاللاھ بەندىلىرنىڭ رىزقىنى كەڭ قىلسا، ئۇلار ئەلۋەتتە زېمىندا پىتنە-پاسات تېرىيتتى. لېكىن ئاللاھ خالىغان نەرسىنى ئۆلچەم بىلەن چۈشۈرىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن بەندىلىرىدىن تولۇق خەۋەرداردۇر، كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر» (شۇرا 42/27).
بۇ ھەقتىكى ئايەتلەر ناھايىتى كۆپ بولۇپ تۆۋەندە ئۇ ئايەتلەرنىڭ قۇرئان كەرىمدىكى ئورنىنى كۆرسىتىپ ئۆتۈش بىلەن كۇپايىلىنىمەن:
بەقەرە 2/245، رەئد 13/26، ئىسرا 17/30، قەسەس 28/82، ئەنكەبۇت 29/62، رۇم 30/37، سەبەئ 34/36 ۋە 39، زۇمەر 39/52.
مەزكۇر ئايەتلەرگە دىققەت بىلەن قارالسا، بارلىق ئىنسانلارنىڭ ئوخشاشلا پېقىر ياكى ئوخشاشلا باي بولۇپ كەتمەيدىغانلىقى ۋە ئاللاھ تائالانىڭ بۇ خۇسۇستىمۇ بىر تەڭپۇڭلۇق ئورناتقانلىقى مانا مەن دەپ چىقىپ تۇرىدۇ.
ئىككىنچى «ھەدىس» نىڭ ئىپادىسى:
«ئىنسانلارنى ئىسلامغا دەۋەت قىلىدۇ».
ئەگەر ئىيسا ئەلەيھىسسالام چۈشۈپ ئىنسانلارنى ئىسلامغا دەۋەت قىلىدىغان ئىش بولسا ئىسلامنىڭ بىر ھۆكمى بولغان جىزيەنى نىمە ئۈچۈن ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ؟ توڭگۈزلەرنى ئۆلتۈرۈش ئىسلامنىڭ ئەمرى ئەمەس، بۇنى نىمىگە ئاساسەن قىلىدۇ؟.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ۋىدا ھەججىدە «... بۈگۈن سىلەرنىڭ دىنىڭلارنى پۈتۈن قىلدىم، سىلەرگە نېئمىتىمنى تاماملىدىم، ئىسلام دىنىنى سىلەرنىڭ دىنىڭلار بولۇشقا تاللىدىم....» (مائىدە 5/3). بۇ ئايەت نازىل بولغاندىن كىيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر خۇتبە ئۇقۇغان بولۇپ، ئۇ خۇتبىسىدا بىزگە قۇرئان كەرىمنى قالدۇرۇپ كەتكەنلىكىنى سۆزلىگەن، شۇنداقلا قۇرئان كەرىمنى مەھكەم تۇتساق ئېزىپ كەتمەيدىغانلىقىمىزنىمۇ ئوتتۇرغا قويغان ۋە بۇ سۆزنى باشقىلارغا يەتكۈزۈشكە بۇيرۇغان. ئارقىسىدىن ئەتراپىدىكى ساھابىلەردىن «تەبلىغ قىلدىممۇ؟» دەپ سورىغاندا ئۇلار بىردەك «تەبلىغ قىلدىڭ» دەپ جاۋاپ بىرىشكەن، بۇ چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۈچ قېتىم «ئى ئاللاھ گۇۋاھ بولغىن» دەپ ئاللاھ تائالادىن ئۇلارنىڭ بۇ سۆزىگە گۇۋاھ بولۇشىنى تىلىگەن.
دېمەك، ئىسلام دىنى شۇ كۈنى پۈتۈنلۈنۈپ بولغان ۋە تولۇق تەبلىغ قىلىنىپ بولغان. ئەگەر ئىيسا ئەلەيھىسسالام چۈشۈپ ئىنسانلارنى بۇ ئىسلامغا چاقىرىدىغان ئىش بولسا، شۇ ئىسلامنىڭ ھۆكۈملىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرماي ھەمدە ھېچبىر يېڭى ھۆكۈم قوشماي ئەينەن يەتكۈزىشى ۋە ئىجرا قىلىشى لازىم. شۇنداق بولغاندا شۇ كۈنى پۈتۈنلۈنۈپ بولغان ئىسلامغا چاقىرغان بولىدۇ. لىكىن ئۇ ھەدىسلەرنىڭ ئىپادىسىدە زىكىر قىلىنغان ئىشلارنىڭ پۈتۈنلۈنۈپ بولغان ئىسلامدا ھېچقانداق ئورنى يوق.
مەزكۇر ھەدىسلەرنىڭ ئۆز ئىچىدىمۇ زىتلىق مەۋجۇت. بۇ ھەدىسلەرنى مۇلاھىزە قىلغان ھەربىر ئەقىل ئىگىسى شۇنى سورىماي تۇرالمايدۇ: ئەگەر ئەيسا ئەلەيھىسسالام كىلىپ ئىسلامغا دەۋەت قىلىدىغان ئىش بولسا بۇ يېڭى ھۆكۈملەر نەدىن چىقتى؟. ئەگەر يېڭى ھۆكۈملەر ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغان ئىش بولسا ئىسلامغا دەۋەت قىلىشى قانداق گەپ؟. يېڭى ھۆكۈملەرنى ئىسپاتلايدىغان يېڭى ۋەھىيلەر يېزىلىدىغان يېڭى كىتابنىڭ ئىسمى نېمە؟
ئۈچىنچى «ھەدىس» نىڭ ئىپادىسى:
«سەدىقىنى تەرك ئېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن قوي ۋە تۆگىلەرنىڭ زاكىتىنى ئېلىشقا ھېچكىم بارمايدۇ».
بىرىنچى ھەدىسنىڭ بەشىنچى ئىپادىسىگە قارىشى دەلىل كەلتۈرگەن ئايەتلەر بۇ توغرىدىمۇ ئەينەن كۈچكە ئىگە. يەنى ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانلار ئارسىغا بېكىتىپ قويغان ئىقتىسادى تەڭپۇڭلۇقتىن ئىبارەت قانۇنى قىيامەتكە قەدەر كۈچكە ئىگە. ئىسراپىل ئەلەيھىسسالام بۇرغىسىنى چالغانغا قەدەر باي-كەمبەغەل، سودىگەر-دېھقان، خوجايىن-ئىشچى، پادىشاھ-پۇقرا دەيدىغان سىنىپلار مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. بۇنى يۇقىردىكى ئايەتلەردىنمۇ چۈشۈنۋېلىشىمىز قىيىن ئەمەس. بۇ سىنىپلەر مەۋجۇت بولۇپلا تۇرىدىكەن سەدىقە-زاكات، ئۆزئارا ياردەملىشىش، قاتارلىق ئىشلارمۇ ئوخشاشلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. يەنى ئاللاھ تائالانىڭ سەدىقە ۋە زاكات بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئايەتلىرى ھېچبىر زامان ئەمەل قىلىنمايدىغان ھالەتكە چۈشۈپ قالمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز قۇرئان كەرىمنى قىيامەتكىچە كۈچكە ئىگە دەپ ئىشىنىمىز.
ئۈچىنچى «ھەدىس» نىڭ ئىپادىسى:
«ئاداۋەت ۋە دۈشمەنلىشىش كۈتۈرىلىپ كېتىدۇ».
ئاللاھ تائالا مائىدە سۈرىسىنىڭ 14- ۋە 64- ئايەتلىرىدە بەزى ئىنسانلارنىڭ ئارىسىغا قىيامەتكە قەدەر داۋاملىشىدىغان ئاداۋەت سالغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. بۇ سۈرىنىڭ 82- ئايىتىدە بولسا يەھۇدىيلارنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ ئەشەددىي دۈشمىنى ئىكەنلىكى بايان قىلىنىدۇ. يۇقىرىدىكى ئىپادە مەزكۇر ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنىغا ئوچۇقتىن-ئوچۇق زىت. يەنى بۇنىڭغا ئاساسەن ئۇ دۈشمەنلىك ۋە ئاداۋەتلەر قىيامەتكە قەدەر كۈتۈرلۈپ كەتمەيدۇ. چۈنكى ئاللاھنىڭ سۆزى راست، ئاللاھنىڭ سۆزىگە خىلاپ كەلگەن ھەرقانداق سۆز- كىمنىڭ سۆزى بولۇشتىن قەتئىينەزەر- يالغان. بۇنىڭغا چۇقۇم ئىشىنىشىمىز لازىم. چۈنكى ئاخىرەتتىكى ھېسابىمىز مۇشۇ بويىچە ئېلىنىدۇ.
يۇقارقى ھەدىسلەرنىڭ باشقا ئىپادىلىرى دۇنيانىڭ تەڭپۇڭلىقىنىڭ تامامەن بۇزۇلۇپ كىتىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭ قىيامەت قايىم بولۇشتىن بۇرۇن بۇنداق بولمايدىغانلىقى توغرۇلۇق قۇرئان كەرىمنىڭ ھەر سەھىپىسىدىن ئايەتلەر كۆزىمىزگە چېلىقىپ تۇرىدۇ. يەنى قۇرئان كەرىم باشتىن-ئاخىر كائىنات يارىتىلغاندىن تارتىپ قىيامەتكىچە دۇنيانىڭ مۇشۇنداق تۇرىدىغانلىقىنى بىزگە بايان قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ھەدىسنىڭ ئۇ ئىپادىلىرى ئۈستىدە ئارتۇقچە توختىلىپ ئولتۇرمىدىم. چۈنكى قۇرئان كەرىمگە ئىشەنگەن ۋە ئۇنى ھاياتىنىڭ رەھبىرى قىلغان ھەركىم بۇنى بىلىدۇ.
ئەسكەرتىش:
ئەسلىدە ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاسماندىن چۈشىشىگە ياكى قايتا كىلىشىگە دالالەت قىلىدىغان ھەدىسلەرنىڭ ھەممىسى «ئاھاد خەبەر» لەر بولۇپ بۇ تۈردىكى ھەدىسلەردە زىكرى قىلىنغان نەرسىلەرنى بۇ قەدەر كۈچەپ رەت قىلىشنىڭمۇ زۆرۈرىيتى يوق ئىدى. چۈنكى ھەدىس ئۇسۇلى ئىلمى مۇتەخەسسىسلىرى ئاھاد خەۋەرلەرنىڭ ئەقىدە مەسىلىسىدە دەلىل بولالمايدىغانلىقىنى، باشقا مەسىلىلەردە ئۆزىدىن كۈچلۈك بىر دەلىل بىلەن قارشىلىشىپ قالماسلىق شەرتى بىلەن دەلىل بولالايدىغانلىقىنى يازىدۇ. بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇماتقا ئېرىشمەكچى بولغانلار ئۇسۇل كىتابلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بابلىرىغا قاراپ باقسا بولىدۇ.
ئەھۋال مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق بۇ ئالىملار ياكى بۇ ئالىملارنىڭ يولىدا ماڭىدىغانلىقىنى دەۋا قىلىدىغانلار ئۇ ھەدىسلەرگە ئاساسلىنىپ، ئىيسا ئەلەيھىسسالام چۈشىدۇ دەپ قارايدۇ. باشقىلارنىڭمۇ شۇنداق ئېتىقاد قىلىشىنىڭ لازىملىقىنى ئوتتۇرغا قويۇشىدۇ. بۇلارنى ئۆز ئىختىلاپلىرى بىلەن قويۇپ مەن يۇلۇمنى داۋاملاشتۇرىۋەرسەم بولاتتى. لېكىن ئۇنداق قىلمىدىم ۋە قىلالمىدىم. چۈنكى، ئۇ ھەدىسلەرگە ياكى ئۇ ھەدىسلەرنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ بىر نەرسە دېگەنلەرگە ئالدىنىپ قۇرئان كەرىمدىن ئۇزاقلىشىپ كەتكەن، شۇنداقتىمۇ يەنىلا ئۆزىنى مۇسۇلمان ھېسابلايدىغان نۇرغۇن «مۇسۇلمان» لار بار. بۇلارغا ھەقىقەتنى چۈشەندۈرۈشنى بىر مەسئۇلىيەت ھېسابلاپ بۇ مەسىلە ئۈستىدە بۇ قەدەر توختالدىم.
خۇلاس
ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ يېڭى بىر پەيغەمبەر بولۇپ كېلىشى مۇمكىن ئەمەس، شۇنداقلا ئۇنىڭ بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىزنىڭ ۋارىسى بولۇپ كېلىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس. يۇقىرىدا دەپ ئۆتكىنىمدەك بۇ ئىشنىڭ نەقىلگە ۋە ئەقىلگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ھېچبىر تەرىپى يوق. مەن بۇ يازمامنى قۇرئان كەرىمنىڭ مۇنۇ ئايەتلىرى بىلەن ئاخىرلاشتۇرىمەن:
«ھەرقانداق قەۋم ئۆز ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگىچە، اللە ئۇ قەۋمنىڭ ئەھۋالىنى ھەرگىزمۇ ئۆزگەرتمەيدۇ» (رەئد 13/11).
«شۇنىڭ بىلىنىشى لازىمكى، ئىنسان پەقەت ئۆز تىرىشچانلىقىنىڭلا نەتىجىسىنى كۆرىدۇ» ( نەجم 53/39).
داۋامى بۇ بەتتە
https://uyghur-archive.com/misranim/blog-74611-1831.html