باھار كەلدى، ياز كەلدى، يېشىنىڭلار،
مەجنۇنتالدەك ناز كەلدى، يېشىنىڭلار.
تولغۇنۇپ كېلىڭ مىسلى بىر تەنناز،
نەغمە –ناۋا، ساز كەلدى، يېشىنىڭلار!
ئىللىق قۇياش پىنھانلارنى كۆرىۋالسۇن،
بىر قاراپ جامالىڭلارغا تويۇۋالسۇن!
ئەركە شاماللار ھېيىقماستىن سۆيىۋالسۇن،
سۆيگەنلىرى ئاز كەلدى، يېشىنىڭلار...
بۆك،تۇماق،جۇۋا...پەلتۇنى تاشلاڭلار،
قاقلىنىپ, راسا بەل-پۇتنى ئاشلاڭلار،
قىز-جۇۋانلار ھەددىڭلاردىن ئاشماڭلار،
كۆكتە قاقىر، غاز كەلدى، يېشىنىڭلار.
قايچىنى ئال،چېچېڭ ياپتى بويۇننى،
كېسىۋەت! بىلدۈرۈپ مەدەنىي ئويۇڭنى،
سەن ئوينىمىساڭ كىم ئوينار بۇ ئويۇننى،
ئوت ئۈستىدە ماز كەلدى، يېشىنىڭلار.
«T»مايكا، شىم، باسنوشكا ياراشقان،
ياراشقانلارغا تالاي ئەرك قاراشقان،
سەزگۈلەردە تېخى يولدىن ئاداشقان،
ھېسلىرىمغا باز-باز كەلدى، يېشىنىڭلار.
ئاپئاق پاچاق، ئالما كۆكسى ئېچىلغان،
ئىپار، ئەنبەر دىماقلارغا چېچىلغان،
ساقال سىلاپ،ـ خەپ!-لىرىدە ئېچىنغان،
قامىتى چىنار تاز كەلدى، يېشىنىڭلار!
مۈرىسىگە بىر تال بوغقۇچ ئارتىلغان،
بەل ئۈستىگە كەسمە سىزىق تارتىلغان،
كىيىم-كېچەك زادى نېمىگە يارتىلغان،
ئۇچاڭلاردىكى ئاز كەلدى، يېشىنىڭلار؟!
يوپكىسى كېلەر بىر غېرىچ قىرىق سانتا،
شىم بىلەن تارتىلىپ چىققاندا ساغرا،
ھېسلاردا توختىماس داراڭلاپ«ناغرا!»...
مانا،پەيىت ئىمتىياز كەلدى، يېشىنىڭلار.
لىغىرلايدۇ تەن ئۆستەڭدىكى لايدەك،
خوپ ياراشقانمىش خۇددى مايدەك،
ئول تۇرقى ئىمىش مىسلى ئايدەك،
ساختا تەنناز كەلدى، يېشىنىڭلار.
كەيگەنلىرى ئۇزۇن كەلگەندەك گويا،
ئىچىدە يا كۆيىۋاتقاندەك ئوت-لاۋا،
ئوتقا چىدىماي قىسقا كىيەرمىش شۇڭا،
چات ئېرىقلار ساياز كەلدى،يېشىنىڭلار!
يىپىنچىدىن ئىچ كىيىمنىڭ رېڭى ئوچۇق،
مەيدە ئۆزرە يەنە كىندىكى ئوچۇق،
بەلكى يەنە شىمنىڭ كىلتى ئوچۇق؟!
كۆڭلەكلىرى داراز كەلدى، يېشىنىڭلار...
ئىش پۈتەرمىش بۇ قامەت بىلەن،
ياشاپ،ياشىۋېلارمىش «ئامەت» بىلەن،
باش چايقايدۇ چوقۇم ئاپەت بىلەن،
ياشلىقىغا ئاياز كەلدى، يېشىنىڭلار.
مەيدە ئاچ، بىلەك ئاچ، پاچاق ئاچ،
ئاچ يەنە ئاز كەلدى،توختىماي ئاچ-ئاچ،
لەۋ يالاپ ئۆتتى يېنىڭدىن بىرى ئاچ!
-ئاچ!-دېگەن ئاۋاز كەلدى، يېشىنىڭلار.
كۈن ئىسسىپ، كۆيدۈرسە نە ئىلاج،
ئاچماي تۇرۇپ بولسۇن نەدە راۋاج،
ئۇزۇن كىيىملەر بولۇپ تالان- تاراج!
ئەخلاقىمىزغا ئاراز كەلدى، يېشىنىڭلار.
ئاچقىنىمغا بىكار بۇ ۋايساشلىرىڭ،
يىپىپ بولالماس ھەممىنى قاقشاشلىرىڭ،
جانغا ھوزۇر بۇ ئاچ-ئاچ...لىرىڭ،
ھەممە ھېسقا پەرۋاز كەلدى، يېشىنىڭلار!
ساياز- دۆڭ دېگەن مەنىدە.
داراز-ئۇزۇن دېگەن مەنىدە.
مەنبەسى:ئۆزۈم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-24 02:37 AM