ئاتاقلىق رەسسام،تۆھپىكار ئۇستاز غازى ئەھمەد رەسىم كۆرگەزمىسى
مەركىزى ئەدەبىيات – تارىخ تەتقىقات ئورنى، جوڭگو گۈزەل سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق پارتىكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى قاتارلىق ئورۇنلار بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن ‹‹تەڭرىتاغ روھى›› غازى ئەھمەد رەسىم كۆرگەزمىسى 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 7-كۈنى جوڭگو گۈزەل سەنئەت سارىيدا باشلىنىپ،4-ئاينىڭ 15-كۈنى چۈشتىن كېيىن 1:00 ئاياقلاشتى.
باشلىنىش مۇراسىمىغا دۆلەت رەھبەرلىرىدىن ئىسمائىل ئەھمەد، ئابلەت ئابدۇرېشىت، مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق مىنىستىرى ۋاڭ مېڭ، نۆۋەتتىكى مۇئاۋىن مىنىستىر ۋاڭ ۋېنجاڭ، جوڭگو رەسساملار جەمىئىيتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن فەن دى ئەن،چاڭشانا، ۋاڭ مىڭ مىڭ،فېڭ يۈەن، ليۇ داۋېي قاتارلىق رەھبىرى كادىرلار، بېيجىڭدا خىزمەت قىلىۋاتقان شىنجاڭلىق كادىرلار، ئوقۇغۇچىلار ۋە باشقا ساھەدىكى كىشلەردىن بولۇپ 500 دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى ۋە تەبرىك سۆزى قىلدى
كۆرگەزمە پائالىيىتى دۆلەتلىك گۈزەل – سەنئەت سارىيىنىڭ 8-9- كۆرگەزمە (ئالاھىدە) زاللىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، پائالىيەتكە ئۇستاز غازى ئەھمەدنىڭ 1960 – يىللىرىدىن باشلاپ سىزىلغان ۋە يېزىلغان 200 پارچىگە يېقىن نادىر ئەسەرلىرى قاتناشتۇرۇلدى،چوڭقۇر تەپەككۈر،چىن ھىسيات، پەۋقۇلئاددە ماھارەت بىلەن ئىجاد قىلىنغان رەسىم ۋە ھۆسىن خەتلەر بىر ھەپتىلىك كۆرگەزمە جەريانىدا دۆلىتىمىز ئىچى – تېشىدىن كەلگەن 50مىڭدىن ئارتۇق گۈزەل سەنئەت ھەۋەسكارلىرى ۋە ھەر ساھەدىكى زاتلارنىڭ قەلبىدە ئۆچمەس ئەسلىمە ۋە كارتىنىلارنى قالدۇردى.
مەن بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىنى كۆرگەندىن كېيىن ئايرىلغىلى ئۇزۇن بولغان مېھرى ئىسسىق يۇرتۇم، ئەزىز مىللىتىم،مىللىتىمىزنىڭ شانلىق مەدەنىيەت- تارىخى، خەلقىمىزنىڭ ئاددى-ساددا لېكىن ھالال مېھنەتلىك تۇرمۇشى كۆز ئالدىمدا بىر- بىرلەپ نامايان بولۇپ، ئۇلارغا بولغان سۆيگۈ - مۇھاببىتىم ھەسسىلەپ كۈچەيدى .شۇنداقلا دەۋىر ۋە زاماننىڭ رەڭگاھرەڭ دولقۇن تۇمانلىرىد ا ئۆزىمىزدىن كۈنسىرى يىراقلىشىپ كېتىۋاتقان مىللى ئۆزلۈكىمىز مەن ۋە بارلىق قېرىنداشلىرىمنىڭ كۆز ئالدىدا قايتىدىن جۇلالانغاندەك بولدى.
شۇ سەۋەپتىن مەن مۇشۇ ئېسىل ئەسەرلەر بىلەن خەلقىمىزنى، مەدەنىيەت - تارىخىمىزنى تېخىمۇ كۆپ خەلق ۋە جامائەتكە تۇنۇتۇش ۋە ئىنسانىيەتكە ھوزۇر ئاتا قىلىش ئۈچۈن بىر ئۆمۈر ئىزدىنىپ، تىرىشىپ ئەجىر قىلىۋاتقان ھۆرمەتلىك ئۇستازىمىز غازى ئەھمەد ئاكىغا رەھمەت ئېيتىش بىلەن بىرگە كۆرگەزمىگە ئىشتىراك قىلىش پۇرسىتى بولمىغان تېخىمۇ كۆپ قېرىنداشلارنىڭ ۋاقىپ بولىشى ھەم يۈز كۆرۈشۈشى ئۈچۈن، مۇئەللىپنىڭ ئوغلى كۆرگەزمە باشقۇرغۇچى دولقۇن غازى ئەپەندىنىڭ ماقۇللىقىنى ئالغاندىن كېيىن بىر قىسىم ئەسەرلىرىنى سۆرەتكەتارتىپ، سىزلەرگە سۇندۇق.ھوزۇرلانغايسىلەر!
ئىلاۋە: غازى ئەھمەد 1933-يىلى قەشقەردە تۇغۇلغان،ئۇ 9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئەزاسى،جوڭگو گۈزەل سەنئەتچىلەر جەمىيتىنىڭ ئەزاسى،دۆلەتلىك رەسساملار ئىدارىسىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ پەخرى رەئىسى، ئاپتونۇم رايۇنلۇق گۈزەل سەنئەتچىلەر جەمىيتىنىڭ پەخرى رەئىسى، ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئەدەبىيات – تارىخ تەتقىقات ئورنىنىڭ پەخرى مۇدىرى. ئۇ ئىلگىرى يەنە ئاپتونۇم رايۇنلۇق گۈزەل سەنئەتچىلەر جەمىيتىنىڭ رەئىسى،شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت ئىنىستوتىنىڭ مۇدىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.
ئەسكەرتىش: بىر قىسىم رەسىملەر بىر قەدەر چوڭ،ئاپاراتنىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسى يوقۇرى بولمىغاچقا سۈزۈك ھەم ئېنىق چىقمىدى،يەنە بەزىلىرىنىڭ نامى تارتىلغان سۆرەتلەر يۇيلۇپ كەتكەچكە نامى بېرىلمىدى، شۇنداقتىمۇ كۆپچىلىككە بەدىئىي زوق ئاتا قىلىش قىممىتىگە ئىگە دەپ قارپ يوللاپ قويدۇم،خاتالىق بولسا ئەپۇ قىلىشىڭلارنى سورايمەن.
مېنىڭ ئەجىر قىلىپ بۇ تېمىنى يوللىشىم ئاز بولسىمۇ كۆپچىلىكنىڭ مەنىۋىيىتىنى بېيىتىش،ھەم زوق ئاتا قىلىش، شۇڭا باشقىلارنىڭ ئەجرىگە ھۆرمەت قىلىش پىرىنسىپىغا ئاساسەن تېمىدىن مۇناسىۋەتسىز ھەرقانداق ئىنكاسلارنى،بولۇپمۇ بىر-بىرىڭلارغا قارىتلغان سەلبى ئىنكاسلارنى يازماسلىقىڭلارنى، ساغلام پىكىرلىشىشىڭلارنى سەمىمى ئۈمىت قىلىمەن.
ھۆرمەت بىلەن : ھېكمەت ئېلى
1- ھۆسىنخەتلەر: