مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 261|ئىنكاس: 6

بىرلىكتە ياشاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78898
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 112
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1 سائەت
تىزىم: 2012-4-15
ئاخىرقى: 2012-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-23 04:35:59 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بىرلىكتە ياشاش


شەيخ ئەبدۇللاھ ئەزەم

كەلپاناھ تەرجىمە گۇرۇپپىسى تەرجىمە قىلدى



سەن يالغۇز ياشىيالمايسەن. يالغۇز ياشىما. خۇددى يالغۇز قالغان قوينى بۆرە ئالغاندەك، شەيتانمۇ يالغۇز ئادەمگە يېقىندۇر، ئىككى بولساڭ، ئۈچ بولساڭ، ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ بولساڭ شەيتان شۇنچە يىراقتۇر. ئەگەر سەن مەلۇم بىر يەردە ياشاۋاتقان بولساڭ، ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ بىر كىشى بىلەن بىرگە ياشىغىن ھەمدە ئۇكىشى چوقۇم توغرا يولدىكى كىشى بولسۇن.
دوستلار تۇتاش كەتكەن قاتارى تەجرىبە نەيچىلىرىگە ئوخشايدۇ. ئەگەر سۇيۇقلۇق بىرىدىن تېشىپ كەتسە يەنە بىرىگە ئېقىپ كىرىدۇ، بۇ ئەھۋال تاكى پۈتۈن نەيچىلەردىكى سۇيۇقلۇق يۈزى تەڭپۇڭ ھالەتكە كەلگۈچە داۋام قىلىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، ئەگەر سەن پەس ئادەملەر بىلەن دوست بولساڭ ئۇلار سېنىڭ ياخشى ئادەتلىرىڭنى ئوغۇرلاپ كېتىدۇ ۋە سەندىكى ياخشى خۇلۇقلار ئازلايدۇ، ئازلايدۇ، ئازلايدۇ ئاخىرى سەن ئۇلار بىلەن ئوخشاش بىر ھالەتكە كېلىپ قالىسەن. بىر گۇرۇپتىكى بارلىق دوستلار ئاساسەن بىر-بىرىگە ئوخشايدۇ، بۇ دەل ئاشۇ گۇرۇپنىڭ ئۇزۇن مۇددەتكىچە داۋام قىلىشىنىڭ بىر سەۋەبى.بىر گۇرۇپ ئىچىدىكى ھەربىر كىشىنىڭ خارەكتېر ۋە ھەرىكەت جەھەتتىكى ئوخشاشلىقى دەل بۇ گۇرۇپنىڭ تەرەققى قىلىپ كېڭىيىشىنىڭ ئاچقۇچى.تاكى بىر پەس كىشى ئۆزگىرىپ بىر ياخشى كىشىگە ئەگەشمىگىچە سەن بۇ ئىككى كىشىنىڭ ئۇزۇن مۇددەت بىرگە ياشىيالىشىغا ئىشەنمە.
بۇ دەل سېنىڭ نېمە ئۈچۈن ياخشى كىشى ئىزدەيدىغانلىقىڭنىڭ سەۋەبىدۇر. چۈنكى بىر دوست بىر زەنجىرگە ئوخشايدۇ: ئۇ سېنى يا جەننەتكە تارتىيدۇ ياكى دوزاخقا سۆرەيدۇ. ئۇ يا سېنىڭ ئازغۇنلۇقىڭغا سەۋەب بولىدۇ ياكى ھىدايەت تېپىشىڭغا يول بەلگىسى بولىدۇ.
بۇلاردىن كېيىن تىلىڭغا ئاگاھ بول ۋە ئۇنى ياخشى ئىدارە قىلىشقا تىرىش. چۈنكى دوزاختىكى ئازابلارنىڭ كۆپىنچىسى تىلنىڭ سەۋەبىدىن كېلىدۇ.دەل ئاشۇ تىلنىڭ سەۋەبىدىن«كىشىلەر يۈزلىرى بىلەن جەھەننەمگە سۆرىلىدۇ.»
ئۇنىڭدىن كېيىن، ۋاقتىڭدىن ياخشى پايدىلان، ئۇنى ھەرگىز ئىسراپ قىلىۋەتمە. ھەرۋاقىت ئۆزۈڭ ياشاۋاتقان جەمئىيەتكە بىر ياخشىلىق ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن تىرىش.ئەگەر باشقىلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك، كۈلكە-چاقچاق ئۈستىدە پاراڭلىشىۋاتقىنىنى كۆرسەڭ:«ھەي بالىلار، مەن بۈگۈن سۈرىيەدە يۈز بەرگەن ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك بىر ھېكايە ئوقۇدۇم، سىلەرگە شۇنى دەپ بېرەي،...مەن ئافغانلار توغرۇلۇق بىر خەۋەر كۆردۈم ،سىلەرگە شۇنى يەتكۈزەي...» دەپ پاراڭنىڭ تېمىسىنى پايدىلىق تېمىلار ئۈستىگە بۇرىۋەت. ياكى ئۇلار بىلەن « بۇ ھەدىس ھەققىدە قانداق چۈشەنچەڭلار بار؟ مەن ھېلىقى بىر ئايەت ھەققىدە پالانىچى مۇتەپسىرنىڭ يازغان تەپسىرىنى ئوقۇدۇم، سىلەرگە شۇنى دەپ بېرەي» دەپ ئۇلارنى پايدىلىق تېمىلار ئۈستىدە ئويلىنىش ۋە پىكىر قىلىشقا قىزىقتۇر. بۇنداق قىلىش شۇ يىغىلغان كىشىلەرنىڭ بۇ دۇنيالىقى ۋە ئاخىرەتلىكى ئۈچۈن پايدىلىقتۇر. ھەم ئۇلار بۇنىڭ بىلەن زەررىچىلىك ۋاقىت بولسا ھەم پايدىلىق ئىش ئۈستىدە مەشغۇل بولغان بولىدۇ. ئۇلار بىلەن بىرگە ئولتۇرۇپ قۇرئان ئوقۇ،ئايەتلەرنىڭ مەنىسىنى بىرگە ئانالىز قىل. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەلەمنىڭ سىيرەلىرىنى (تەرجىمالىنى) ئوقۇ. قۇرئاننىڭ ناھايىتى ئاددى ۋە ئېنىق چۈشەندۈرلىشى بولغان تەپسىر كىتابلىرىنى (مەسىلەن تەفسىر ئەلجەلەلەين) ئوقۇ.ئاددىي ۋە چۈشىنىشلىك بولغان فىقھى كىتابلىرىنى (مەسىلەن فىقھى ئەسسۈننە)ئوقۇ.ئۇنىڭدىكى نامازنىڭ ئوقۇلىشى ۋە تاھارەتنىڭ ئېلىنىشىغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى كۆڭۈل قويۇپ ئوقۇپ ياخشى ئۆگەن. چۈنكى ئوقۇغان نامىزىڭنىڭ ئاللاھ دەرگاھىدا قۇبۇل قىلىنىشى ئۈچۈن تاھارەتنىڭ قانداق ئېلىنىشىنى بىلمەي ئوتتۇز يىل جەيناماز ئۈستىدە  ئولتۇرغىنىڭنىڭ ھېچنېمىگە پايدىسى يوق.بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ياخشى دوستلىرىڭ بىلەن بىرگە ئاللاھقا بولغان ساپ نىيىتىڭ بىلەن ئورۇندىغىن.
ئۇنىڭدىن كېيىن، ئاياللاردىن يىراق بول،(ئوخشاشلا، ئەگەر ئايال بولسىڭىز ئەرلەردىن يىراق تۇرۇڭ.) چۈنكى ئۇ سېنىڭ ھازىرقى يېشىڭىدىكى بارلىق پىتنىلەرنىڭ مەنبەسىدۇر. ساڭا ھارام قىلىنغان ئاياللاردىن يىراق تۇر. چۈنكى ئۇلاردىن يىراق تۇتۇرۇش سېنىڭ ئۈستۈڭگە يۈكلەنگەن پەرزدۇر. ئەلۋەتتە سەن بۇ يەرگە باشقا يۇرتتىن كەلگەن بولغاچقا بۇ يەردىكى ئاياللارنىڭ ھەممىسى ساڭا ھارامدۇر.سېنىڭ ئۇلارغا قارىشىڭ ھارامدۇر، سېنىڭ ئۇلار بىلەن بىر يەردە ئولتۇرىشىڭ ھارامدۇر، سېنىڭ ئۇلار بىلەن ھال-مۇڭ بولىشىڭ ھارامدۇر، سېنىڭ ئۇلار بىلەن يالغۇز قېلىشىڭ ھارامدۇر. چۈنكى قەلب بۇنىڭغا چىداملىق كۆرسىتىپ بولالمايدۇ. كىم ئاللاھ ھارام قىلغان نەرسىلەردىن ئۆزىنى چەتكە ئالىدىكەن ئاللاھ ئۇنىڭ قەلبىگە شۇنداق بىر راھەتلىكنى سالىدۇكى ئۇنىڭ لەززىتى ئۇنىڭ شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ ئىنتىلگىنىدىن كۆپ ياخشىدۇر. ئەمما ئاللاھ ھارام قىلغانلارغا بىر قاراش، كەينىدىن يەنە بىر قاراش، توختىماي قاراش بولسا شەيتاننىڭ زەھىرىنىڭ قەلبىڭگە ئېقىپ كىرىشگە رۇخسەت قىلغىنىڭ بولۇپ بۇ سېنى كۈندىن-كۈنگە ئاجىزلاشتۇرۋېتىدۇ ۋە ئاقىۋەتتە تۇرمۇشتىكى ھەرخىل مەسىلىلەردىن ئۆزۈڭنى ئېلىپ قاچىدىغان، راھەتكە ئىنتىلىدىغان، ئىقتىدارسىز ۋە ئاجىز بىر ئادەم بولۇپ قالىسەن.بۇ سېنىڭ نېمە ئۈچۈن يالغۇز ياشىماي ياخشى بىر دوست ئىزدىشىڭنىڭ سەۋەبىدۇر. چۈنكى ئىمانلىق، ياخشى دوستنىڭ قەلبى كۈچلۈك بولىدۇ، شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىلىرى تەرىپىدىن ئۇنداق تېز تەسىرلىنىپ كەتمەيدۇ. ئۇنىڭ قەلبى يالغۇز ئاللاھقا بولغان ئىماندىن كۈچلەنگەن بولۇپ ئۇنىڭدا قورقۇش، قيىنچىلىقتىن قېچىش قاتارلىق ئاجىزلىقلار بولمايدۇ. ئەمما ئاللاھ چەكلىگەننى قىلغانلار بولسا، ئۇلارنىڭ قەلبى ئاللىقاچان شەيتان تەرىپىدىن ئىگەللىنىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇلار ئاجىزلاردۇر، ئاجىزلاردۇر،ئاجىزلاردۇر.

ئاللاھ ئۈچۈن بىرلەش، ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن دوستلىرىڭ بىلەن بىرگە تىرىشىپ ئىشلە. كۈچلۈك قەلبلەرنىڭ بىر يەرگە كېلىشى ۋە سالىھ ئەمەللەر بىلەن ئەڭ كۈچلۈك بىر زاتقا يېقىنلىشىشى ئۇلارنى تېخىمۇ كۈچلۈك قىلىدۇ ۋە ئەتراپىدا ئىززەتلىك قىلىدۇ. ئاخىرىدا دەيدىغىنىم، ھەركۈنى كۈچۈڭنىڭ يەتكىنىچە مىقداردا قۇرئان ئوقۇ،چۈنكى قۇرئان ئۆسۈملۈكلەر ئۈچۈن سۇغا ئوخشايدۇ، شۇنداقلا ئۇ ئىنساننىڭ قەلبى ئۈچۈن ئۇنىڭ ھاياتىدۇر، يەنى قەلبنىڭ ھاياتى ۋە سۈيى قۇرئاندۇر.


♥LOVE✿KEY♥

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29588
يازما سانى: 551
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4577
تۆھپە نۇمۇرى: 605
توردا: 546 سائەت
تىزىم: 2011-2-8
ئاخىرقى: 2012-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-23 12:32:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
««چۈنكى بىر دوست بىر زەنجىرگە ئوخشايدۇ: ئۇ سېنى يا جەننەتكە تارتىيدۇ ياكى دوزاخقا سۆرەيدۇ. ئۇ يا سېنىڭ ئازغۇنلۇقىڭغا سەۋەب بولىدۇ ياكى ھىدايەت تېپىشىڭغا يول بەلگىسى بولىدۇ.»»

ئاللاھ ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر...........  ئاللا ھەممىمىزگە جەننەت يولىغا ماڭغان سالىھ دوسىتلارنى ھەمراھ قىلغاي......... ئامىن.............

گۈل قانچىكى چىرايلىق بولسا ، بولبۇلنىڭ ھەسرەت -پىغانىمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57928
يازما سانى: 1278
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1701
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 407 سائەت
تىزىم: 2011-9-25
ئاخىرقى: 2012-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-23 12:45:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ ھەركىشىنىڭ نىيتىگە قاراپ ھەمراھ ئەۋەتىدۇ  شۇڭا نىيتىمىز توغرا بۇلىشى بەك مۇھىم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67489
يازما سانى: 341
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 651
تۆھپە نۇمۇرى: 50
توردا: 133 سائەت
تىزىم: 2011-11-29
ئاخىرقى: 2012-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-23 02:28:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭ بىر دوستۇم بولىدىغان . ھازىر ئارلىقىمىز بەك يىراقلاپ كەتتى. ئۇ مەن ماڭغان يولغا ماڭمىدى. ياكى مەن ئۇنىڭ يولىغا قايىتمىدىم .  مانا بۇ تىپىك مىسالىكەن....   

ۋاقىت  ئۆتمەكتە   بىزلەرگە   باقماي،
جاھانغا نەزەر سال قورساقنى باقماي.
تەكەببۇر  بولمىغىن  دەۋىر  ئالدىدا
كەمسىتمە بىراۋنى ،ھالىڭغا  باقماي .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78143
يازما سانى: 678
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 840
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 647 سائەت
تىزىم: 2012-3-30
ئاخىرقى: 2012-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-23 06:01:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
bayhenim يوللىغان ۋاقتى  2012-4-23 12:45 PM
ئاللاھ ھەركىشىنىڭ نىيتىگە قاراپ ھەمراھ ئەۋەتىدۇ  شۇڭا  ...

ما گەپنىڭ خىلى جىنى بادەك قىپ تۇرامدۇ نىمە ؟؟؟

ھايات بىر چۇش ، تۇرمۇش ئۇنىڭغا بىرىلگەن تەبىر .

نېمىلەرنى ئويلا

دائىملىق ئــەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12654
يازما سانى: 1184
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8120
تۆھپە نۇمۇرى: 251
توردا: 2908 سائەت
تىزىم: 2010-10-4
ئاخىرقى: 2012-6-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-30 08:32:10 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەھمىيەتلىك تېمىلىرىڭىز ئۈچۈن اللەنىڭ  كۆپ رەھمىتىنى تىلەيمەن ، اميىن !

اللە بىزلەرنى جەننەتكە تارتىدىغان سالىھلاردىن دوست  نىسىپ قىلغاي ، اميىن !

نېمىلەرنى ئويلا

دائىملىق ئــەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12654
يازما سانى: 1184
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8120
تۆھپە نۇمۇرى: 251
توردا: 2908 سائەت
تىزىم: 2010-10-4
ئاخىرقى: 2012-6-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-30 08:33:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئابدۇللاھ ئەززامنىڭ  شاھادىتىنى اللە قۇبۇل قىلغاي ، اميىن !

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش