بېيجىڭدا 25- نۆۋەتلىك «تەڭرىتاغ لوڭقىسى» پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى
25-نۆۋەتلىك «تەڭرىتاغ لوڭقىسى» پۇتبول مۇسابىقىسى 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 21-كۈنى (بېيجىڭ ۋاقتى) سائەت 8:00 دە مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرستېتىدا رەسمىي باشلىنىپ، 2012- يىلى 4-ئاينىڭ 22- كۈنى (بېيجىڭ ۋاقتى) 18:00 دە غەلبىلىك ئاخېرلاشتى.
تۇنجى نۆۋەتلىك «تەڭرىتاغ لوڭقىسى» پۇتبول مۇسابىقىسى 1988-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، شۇ ۋاقىتلاردا بېيجىڭغا ئوقۇغىلى كەلگەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يىراق ئانا يۇرتلىرىدىن ئايرىلىپ، مۇساپىرچىلىقتا يۇرتلىرىنى سېغىنىشلىرىغا بۇ پائالىيەت ئارقىلىق ئاز ـ تولا بولسىمۇ تەسەللىي تېپىش مەقسىتىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. شۇ يىلدىن باشلاپ بۇ مۇسابىقە شارائىت يار بەرگەن ئەھۋال ئاستىدا بېيجىڭغا ئوقۇشقا كەلگەن ئوقۇغۇچىلار تەرىپىدىن داۋاملاشتۇرۇلۇپ، يىلدىن يىلىغا مۇكەممەللەشتۈرۈپ بۈگۈنگە يەتكۈزۈلگەن.
بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىگە، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرستېتى كوماندىسى، بېيجىڭ تەنتەربىيە ئۇنىۋېرستېتى كوماندىسى، جۇڭگو يېزا ـ ئىگىلىك ئۇنىۋېرستېتى كوماندىسى، جۇڭگو كان ئىلمى ئۇنىۋېرستېتى، USL بىرلەشمە كوماندىسى، بېيجىڭ سانائەت ئۇنىۋېرستېتى كوماندىسى، بېيجىڭ پوچتا ـ تېلگراف ئۇنىۋېرستېتى كوماندىسى، شىمالىي جۇڭگو ئېلىكتىر كۈچى ئۇنىۋېرستېتى، بېيجىڭ خىمىيە ـ سانائەت ئۇنىۋېرستېتى بىلەن جۇڭگو نېفىت ئۇنىۋېرستېتى بىرلەشمە كوماندىسى قاتارلىق 16 كوماندا قاتناشتى.
ئىككى كۈنلۈك كەسكىن مۇسابىقىلىشىش نەتىجىسىدە ، بېيجىڭ تەنتەربىيە ئۇنىۋېرستېتى كوماندىسى بىرىنچىلىككە، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرستېتى كوماندىسى ئىككىنچىلىككە، بېيجىڭ خىمىيە ـ سانائەت ئۇنىۋېرستېتى بىلەن جۇڭگو نېفىت ئۇنىۋېرستېتى بىرلەشمە كوماندىسى ئۈچىنچىلىككە ئېرىشتى. شىمالىي جۇڭگو ئېلىكتىر كۈچى ئۇنىۋېرستېتى كوماندىسى ۋە بېيجىڭ خىمىيە ـ سانائەت ئۇنىۋېرستېتى بىلەن جۇڭگو نېفىت ئۇنىۋېرستېتى بىرلەشمە كوماندىسى «مەدەنىيەتلىك كوماندا» شەرىپىگە ئېرىشتى.
بۇ نۆۋەتلىك «تەڭرىتاغ لوڭقىسى» پۇتبول مۇسابىقىسى ئەل سۆيەر، مىللەت سۆيەر ساخاۋەتچىلىرىمىزدىن «دوڭ فاڭ خۇڭ» گوروھى ۋە «روزى باي» رېستۇرانى قاتارلىقلارنىڭ مەبلەغ بىلەن تەمىنلىشى، مەكتەپ ئىتتىپاق كومېتىتى ۋە مەكتەپنىڭ ھەر قايسى قاتلام رەھبەرلىرىنىڭ، خىزىر سۈپەت ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ قىزغىن قوللاپ ـ قۇۋۋەتلىشى، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرستېتى ئوقۇغۇچىلىرىنى ئاساس قېلىپ تەشكىللەنگەن ئارقا سەپ خىزمەتچىلىرىنىڭ خالىسانە كۈچ چىقىرىشى، ھەر قايسى كوماندىلارنىڭ قىزغىنلىق بىلەن مۇسابىقىگە قاتنىشىشى، بېيجىڭدىكى ھەر قايسى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان، تەنھەرىكەت سۆيەر ئوغۇل ـ قىزلىرىمىزنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىشى نەتىجىسىدە غەلبىلىك تاماملاندى.
بۇ نۆۋەتلىك «تەڭرىتاغ لوڭقىسى» پۇتبول مۇسابىقىسىدىكى ئىلگىرىلەشلەر خېلى زور بولۇپ، «تەڭرىتاغ لوڭقىسى» پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ بايرىقى لاھىيىلەپ چىقىلدى، نومۇر خاتىرىلىگۈچىلەرنىڭ كىيىملىرىمۇ بىرلىككە كەلتۈرۈلۈپ، پۇتبول مۇسابىقىسى يىللاردىن بۇيانقى ئەڭ كەسىپلەشكەن، ئۆلچەملەشكەن ۋە تېخنىكىلىق شەكىلدە ئېلىپ بېرىلدى.
بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە مودا بولغان سۆزلەر : «مەيلى...، مەيلى...»
«ھېچقىسى يوق»
«ياخشى...، ياخشى....»
بۇ سۆزلەردىن ھېس قىلىپ يېتىشكە بولىدۇكى، بۇ قېتىمقى مۇسابىقە يىگىتلىرىمىزنىڭ دوستلۇق، ئادىللىق، كەڭ قورساقلىق ۋە مەردانە پوزىتسىيىسى ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلىپ، مۇسابىقە جەريانىدا يېگىتلىرىمىز ئۇيغۇر يىگىتلىرىنىڭ قېنىغا سىڭىپ كەتكەن غەييۇرلۇق ۋە مەردلىك پەزىلىتىنى ئىزچىل نامايەن قىلىپ ھەممەيلەننى سۆيۈندۈردى ۋە ھاياجانلاندۇردى.
تۆۋەندە مۇسابىقە تەييارلىق ئەھۋالىغا ئالاقىدار سۈرەتلەر:
تەڭرىتاغ لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ تەكلىپنامىسى
مۇسابىقە مەيدانىغا ئېسىش ئۈچۈن تەييارلانغان چوڭ پىلاكاتنىڭ لاھىيىسى
بۇ نۆۋەتلىك «تەڭرىتاغ لوڭقىسى» پۇتبول مۇسابىقىدە لاھىيلىنىپ چىققان بايراق
تۆۋەندە ئېچىلىش مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈشلەر:
مۇسابىقىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى
مۇسابىقىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى (تەنھەركەتچىلەر ۋەكىلى سۆز قىلماقتا)
ئېچىلىش مۇراسىمىغا ھۆسۈن قوشقان پەرى سۈپەت ئۇيغۇر قىزلىرى
مۇسابىقىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا ئۇستازلىرىمىزدىن ھېبىبۇللاھ مۇدىر، ئالىم مۇئەللىم، ئابدۇرەئوپ پولات تەكلىماكانىي مۇئەللىم ۋە ياردەمدە بولغان ئورۇنلارنىڭ ۋەكىللىرى قەدەم تەشىرىپ قىلدى.
تۆۋەندە مۇسابىقە ئەمىلىي ئەھۋالىدىن كۆرۈنىشلەر:
ساھىپخان كوماندا ـــ مەركىزىي مىللەتلەر ئۈنېۋىرسىتېتى كوماندىسى (سىلەر بىزنىڭ پەخرىمىز!)
مۇسابىقىلەر كەسكىن داۋام قىلدى.
مۈرىنى مۈرىگە تېرەپ تەڭ ئىلگىرلەيمىز!
نادىر كوماندىلاردىن بېيجىڭ تەنتەربىيە ئۈنېۋىرسىتېتى كوماندىسى بىلەن بېيجىڭ يېزا-ئىگىلىك ئۈنېۋىرسىتېتى كوماندىسى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە
بۇنداق ئەھۋاللار بولۇپ تۇرىدۇ، پۇتبولدىكى قاراملىقمۇ ئۇنىڭ ھۆسنىدۇر.
يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە تەڭلىشىپ قالغاندىن كېيىن نۇقتا توپ تېپىپ غەلبە قىلغان مەركېزىي مىللەتلەر ئۈنېۋىرسىتېتى كوماندىسىدىكى ماھىرلار تەنتەنە قىلىشماقتا.
پايتەخىتتىكى ھەر قايسى ئۈنېۋىرسىتېت ۋە ئېنىستۇتلاردىن كەلگەن كۆرۈرمەنلەر ئىشتىياق بىلەن مۇسابىقە كۆرمەكتە.
دوستلۇق بىرىنچى مۇسابىقە ئىككىنچى ^ـ^
ئالغا!!!!!!!!!!
كوماندىمىزغا مەدەت تىلەيمىز!
باشقىلارنىڭمۇ بۇ قاتاردىن ئورۇن ئالغۇسى بارمۇ؟ @ـ@!
ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ـــ بېيجىڭ تەنتەربىيە ئۈنېۋىرسىتېتىدىن كەلگەن 1-كوماندا بىلەن مەركېزىي مىللەتلەر ئۈنېۋىرسىتېتى كوماندىسى
ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدىن بىر كۆرۈنۈش (ئوتتۇرىدىكىسى «تەڭرىتاغ لوڭقىسى» پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ بايرىقى)
مۇكاپاتلاش ئۈچۈن تەييارلانغان لوڭقا ۋە مىداللار
مۇسابىقىنىڭ يىپىلىش مۇراسىمىدىن بىر كۆرۈنۈش
مەدەنىيەتلىك كوماندا باھالاپ چىقىلدى
مەركېزىي مىللەتلەر ئۈنېۋىرسىتېتى كوماندىسى 2-لىككە ئېرىشتى.
ھۆرمەت ئېھتىرام بىلەن: شەۋقىي تورى
شەۋقىي تورى مۇخبىرى: دوست ۋە زۇمرەت خەۋرى
2012-يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى
مەنبە: http://www.shewqiy.com/thread-1268-1-1.html
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا شەۋقى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-23 12:41 AM