مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 450|ئىنكاس: 9

كۈندىلىك خاتىرەمدە بىر كۈن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74534
يازما سانى: 41
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 225
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 29 سائەت
تىزىم: 2012-2-2
ئاخىرقى: 2012-6-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 10:19:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۈندىلىك خاتىرەمدە بىر كۈن
شۇڭقار قادىر
مەن بۈگۈن تاڭ سەھەردە كورلا شەھىرىگە قەدەم قويدۇم. ساۋاقدىشىمنىڭ ئۆيىدە ناشتىلىق قىلغاندىن كىيىن، ئۇزۇندىن بىرى بىر كۆرۇشنى ئارزۇلىغان تاھىر-زۆھرە مەقبەرىسبى يوقلاشقا ئالدىردىم. ئەمما تەبىئەت بىز ئىنسانلارنىڭ قىلمىشىغا چىداپ بولالمىغاندەك،بوران لەشكەرلىرنى بولشىغا قويۋەتكەن ئىدى.
-بۈگۈن بوران توختايدىغاندەك ئەمەس، ئەتە چىقامدۇق؟ شۇڭقار ئەپەندى.-دىدى ساۋاقدىشىم، مىنىڭ تەخەللۇسىمنى بىۋاستە ئاتاپ
-سىز ماشىنا ھەيدەپ ھاردىڭىز، بىردەم ئۇخلاپ،ئارام ئىلۋىلىڭ. چۇشكىچە توختاپمۇ قالار، -دىدىم مەنمۇ.
«ئۇيقۇ-يىرىم ئولۇم دىيشىدۇ كونلار» شۇنداقتىمۇ ئۇخلىماي بولمايدۇ. چۇشكە يىقىن ئۇيقۇدىن ئويغىنىپ سىرىتقا چىقسام، بوران پەسيىپ، توختايلا دىگەن ئىدى.بىز توت ساۋاقداش ماشىنا بىلەن بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇقلارنىڭ قەۋرىسىگە قاراپ يولغا چىقتۇق. تومۇر قوۋۇق دەپ ئاتالغان بۇ تاغ ئىچىگە كىرگەندە، مىنى ھەيران قالدۇرغىنى بىر قانچە خەنزۇ قىز-ئوغۇل ئوقوغۇچلار پىيادە، چاقچاقلىشىپ، يۇگۇرگەندەك تاغ تەرەپكە پىيادە كىتبارماقتا ئىدى. -بۇلارمۇ تاھىر-زۆھرە قەۋرىسنى كۆرۇشكە ماڭغانلار. ئۇيەر ھازىر بىر ساياھەت ئورنى،- تونۇشتۇرۇشقا باشلىدى، ساھىپغان بىزگە بىر تەرەپتىن،رول باشقۇرغاچ، بىر تەرەپتىن ئۇجاينى تونۇشتۇرۇپ.
-ئۇيەرگە خەنزۇلارمۇ چىقامدۇ؟-سوردۇم قىزىقىپ،-ئەلۋەتتە. ئۇلار چىقىپ تاغنىڭ گۇزەللىكىدىن بەھرىمان بولۇپ، بۇ بىر جۇپلەردىن ئۆزنىڭ تىلەكلىرنى تىلەيدۇ....
بىز تومۇر رىشاتكىلىق دەرۋازا ئالدىدا توختاپ، رەسمىيەت بىجىرگەندىن كىيىن، بىردەمدىلا بىر تاغ باغرىغا يىتىپ كەلدۇق. ھەيران قالغان يەنە بىر ئىش ، بۇ ئورۇننى خەنزۇ يولداشلار مۇھاپىزەت قىلىپ، تاغلارغا ئورمان تىكىپ، سۇغۇرۇپ، يېشىللاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بەرگەن ئىدى.
-مانا مۇشۇ پەلەمپەي بىلەن يۇقۇرغا چىقساق، ئۇلارنىڭ قەۋرىسنى كۆرەلەيمىز. قىنى يېگىتلەر كىم بۇرۇن چىقىدۇكى!
مەن يۇقۇرغا قاراپ يۇرۇپ كەتتىم. تاغ باغرىدىن يۇقۇرغا كىچىك-كىچىك سىمىنۇت پەللەمپەي ياشالغان بولۇپ،ئىككى يەن بوكسۇر سىمى بىلەن مۇقۇملاشتۇرۇلغان ئىدى.مەن چارچىغاننى ھېس قىلماي بىردەمدىلا تاغنىڭ چوقسىغا يىقىنلاپ قالدىم. چىقىپ كىتۋىتىپ، پەللەمپەي ئۇستىگە يېزىلغان ، ئۇيغۇرچە كىشى ئىسىملىرى مەيلىمنى تارتىپ قالدى. «پاتىمە بىلەن پۇلاتنى مەڭگۈ بىر جۇپ قىلغاي» دېگەندەك، خەتلەر ئالبۇلماچ قىلنىپ، جىجاپ يىزىلغان، دەسسەشكە بەكمۇ ئىختىيات قىلىنمىسا، بىزنىڭ بۇ قۇرئان ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن خەتلىرمىز بىزنىڭمۇ ئاياغ ئاستى قىلشىمىزغا ئاران تۇراتتى.
تاغ چوقسىغا بۇرۇنقى ئۇيغۇر قۇرلۇش ئۇسلۇبىدا، چىرايلىق قىلىپ بېزەلگەن شىپاڭ ئاستىدا بىر جۈپ قەۋرە نۇرلىنىپ تۇراتتى.
مەن كۈچلۈك ھاياجان ئىلكىدە قەۋرە يىنىدا ئولتۇرۇپ خەتمە قۇران قىلغاندا ئۇلار ماڭغا كۇلۇمسىرەپ قارىغاندەك تۇيغۇغا كىلىپ قالدىم. قارىسام، بىر قانچە خەنزۇ ياشلار مىنى رەسىمگە تارتىش بىلەن ئاۋارە ئىدى.
-كەچۇرۇڭلار! قەۋرە بىشىدارەسىمگە تارتىش بىزنىڭ ئەنئەنمىزگە ئۇيغۇن ئەمەس، بۇنداق قىلىق قىلمىشاڭلار؟- خەنزۇ تىلدا ئاران بۇ سۆزلەرنى ئىپادىلەپ بىرەلىدىم. ئۇلار كەچۇرۇم سۆراپ، مەندىن بىر نەرسىلەرنى سورماقچى بولاتتى،ساۋاقداشلىرىم يىنىمغا پەيدا بولدى. ئۇلار ئايلىنىپ يۇرگەندە، مەن خەتمە قۇران قىلىشنى ئىيتتىم.
-بىز تۇزۇك سۈر بىلمەيمىز، سىلى بولغاندىن كىيىن، غاچچىدە خەتمە قۇران قىلىپ بەرمەملا؟
مەن خەتمە قۇرئاننى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئىچىمنى ئاچچىق بىر تۇيغۇ قاپلاپ ئالدى. «ھازىر چوڭ بولۋاتقانلار ماركىسزىم، لېنىنىزىم،دېڭ شاۋپىڭ ئىددىيسىدە يېتىلىپ، ئۆزنىڭ نىمە ئادەملىكىنى ئۇنۇتقانمۇ قانداق؟ بۇ كىمنىڭ سەۋەنلىكى؟ ھازىر ئولۇم-يېتىملەردە مەخسۇس قارى-قۇران قېرلارنى پۇلغا تەكلىپ قىلىپ، مەخسۇس خەتمە قۇرئان قىلدۇردىغان ئىش ئەۋجى ئىلىپ كىتىۋاتىدۇ. بۇنداق ئىشلار قاچانغىچە داۋام قىلار؟ ئاشۇ ياشانغان ئولمالار ئولۇپ تۇگسە، بىز چەتئەللەردىن سوپى-ئىشان تەكلىپ قىلارمىزمۇ ياكى ئىسلاھ قىلنىپ ماۋزېدۇڭ تاللانما ئەسەرلىرنى خەنزۇ تىلدا ئوقۇپ يۇرەرمىزمۇ؟!....»
-شۇڭقار ئاكا قاراڭ، ماۋۇ يەرلەردە ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە خەتلەر بىلەن كېشى ئېسملىرى باركەن!
قاردىم. راسلا قەۋرىنىڭ ھەممە تەرىپى خەت بىلەن تولۇپ كەتكەن، ھەتتا ئادەمنىڭ بويى يەتمەيدىغان جايلارمۇ شۇنداق. ئۇلار قەۋرە بىشىغا دەسسەپ يازغانمىدۇ-ھە!  بۇرۇنلاردىن چوڭلار بىزگە قەۋرىگە خەت يازما يامان بولىدۇ، قەۋرىگە دەسسىمەڭلار يامان بولىدۇ...دىگەندەك يامان بولدىلار بىلەن بۇنداق ئىشلارنى توسساتتى، ئالاھال بۈگۈنگە كەلگەندە بىز بۇنداق يامان بولدىلارنى ئۇنۇتۇپ، بىراقلا خۇراپاتلىققا يۆلەپ، ھەممىنى ئۆزمىز بىلگەن سەنەمدە چۇشەندۇر دىغان بولدۇق.
مەن ساۋاقداشلىرىمنىڭ خۇشال چۇشۇپ كىتۋاتقان ھالىتىگە قاراپ خېياللارغا بەنىت بولدۇم:«بىر كۈنى ئاتا-ئانلار يىغىنى ئىچىپ، ئائىلە باشلىقلىردىن پىكىر-تەلەپ ئالغاندا بىر ئاتا ئورۇندىن تۇرۇپ:‹مۇئەللىم، بىزنىڭ ئۇيغۇر تىلمىز قۇرئان يېزىقىغا يىقىن. مەن بايا ھاجەتخانغا كىرىپ بەكمۇ ئازاپلاندىم. نىمىشقا دىسلە، ھاجەتخانا ئىچىدە ساپلا ئۇيۇرچە گېزىت، تاملاردىمۇ سەت خەتلەر، ھەممەيلەن بىلمىز قۇرئاننى ئۇلۇغلايمىز سىللەر مۇئەللىملەر گېزىتتا يەنە كىلىپ ئۇيغۇرچە گېزىتتە سۇركەپ چىققىچە، چالما ئىشلەتساڭلار بولمامدۇ؟ ئوقۇغۇچلارغا سىزلەر مۇشۇنداق ئولگە بولۇپ بەرسەڭلار بولماس، سىزلار ئۆز يېزىقىڭلارنى مۇشۇنداق قەدىرلەمسىزلەر؟ !خۇدادىن قورقىمامسىزلەر؟! باللارغا ھازىر بولسىمۇ يېزىقنى قەدىرلەش تەربىيسى بەرسەڭلار، سىللەرمۇ دىققەت قىلسىڭىزلار!....» مانا خەلقىمىزنىڭ نالىسى ئىدى. شۇڭلاشقىمۇ بۇنداق ئىشلارغا دىققەت قىلىپ يۇرۇش ماڭغا ئادەت بولغان. بۈگۈن يۇقارىقىدەك ئىشلارنى كورۇپ تېخىمۇ تەئەججۇپلەندىم.
ئۇيقۇم قاچقان. ئۈچ كۈندىن كىيىن ئىلىندىغان ئېمتىھان بوغۇپ تۇرسىمۇ، مىللىتمىزنىڭ بىشىغا كىلۋاتقان ئۆزلىكىنى يوقتۇش ، مەدەنىيەتتىكى بۇزلۇشلارنى قانداق ھەل قىلىش.... مىنى تېخىمۇ ئازاپ دېڭىزغا سورىمەكتە ئىدى.
مەنبە: قەلمىم.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   xungkarkader تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-22 10:21 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78259
يازما سانى: 136
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 348
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 101 سائەت
تىزىم: 2012-4-1
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 11:12:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجەپ ياخشى يىزىپسىز. ئوقۇپ بولۇپ ئىچىم بىر خىللا بولۇپ قالدى.ئاللا قىرىنداشلىرىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ-ھىدايەت ئاتا قىلار....ئانا تىل-يىزىقىمىزنى قەدىرلەيلى...

ئۇلۇغ اللاھتىن ك

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 4984
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى : 48441
تۆھپە نۇمۇرى: 2896
توردا: 2082 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 11:29:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
2007 -يىلىمەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلار  كورلا،ئۈرۈمچى،قارىماي،غۇلجا،تۇرپان ...قاتارلىق جايلارغا ساياھەتكە بارغان ئىدۇق، كورلىغا بارغان ۋاقىتتا تاھىر -زوھرە قەبرىسىگە چىققان ئىدۇق،ئۇ ۋاقىتتا سىز يازمىڭىزدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن ئىشلارنى بايقىمىقغان ئىدىم، يازمىڭىزنى ئوقۇپ ئىچىم ئاچچىق بولۇپ  قالدى،ئۆزىمىزنىڭ ئانا تىلىنى،مىللىي ئۆرپ -ئادەتلىرىنى ...يەنە نۇرغۇن نەرسىلىرىمىزنى ئۆزىمىز قوغدىمىساق،ئاخىرىدا يوقۇتۇپ قويىمىز...
ئەھمىيەتىلك تېما يوللاپسىز..

مەيلى ئادەم بار چاغدا بولسۇن ياكى يالغۇز قالغان  ۋاقىتتا بولسۇن،ئازىراقمۇ يامان ئىش قىلما،ئۆز ئىززىتىنى بىلىش ھەممىدىن مۇھىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78088
يازما سانى: 342
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 555
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 39 سائەت
تىزىم: 2012-3-29
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-23 01:13:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ بۇلتۇر كورلىغا بارغاندا تاھىر-زۆھرە قەبرىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن چىمەنتاغققا چىققانئىدىم،سۈرۈشتۈرۈپ تاپالماي ئىچىم ئاچچىق بۇلۇپ كىتىپ قالغان ئىدىم.

ھازىر شەھەرلەردىكى دۇكان-سارايلارنىڭ ۋىۋىسكىسىغا قارىساقمۇ بەزىللىرىدە ئۇيغۇرچە خەت يوق. بار دىيىلگەندىمۇ بەكلا كىچىك يېنىغا يېقىن بېرىپ قارىمسا نىمە خەت ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدۇ،تىل-يېزىق بىر تەرەپ قىلىش كوممىتىتى بۇنداق ئىشلارغا دىققەت قىلمامدىكىنىە؟

يەنە بىر ئىش ئىلان ئىشلەش ئورۇنلىرىمۇ ئىلان چىقارغاندا ئانا تىلنىڭ ساپلىقىغا دىققەت قىلمايدىكەن.ئېغىزىمىزدا قانداق ئېيتىلغان بولسا شۇ پېتىچىلا ئىلان چىقىرىدىكەن.

مەسىلەن-مەلۇ تورخانىغا ۋاڭگۈۋەن قۇبۇل قىلىنىدۇ
مەلۇ ئۇرۇنغا سەنچەي ھەيدىگۈچى قۇبۇل قىلىنىدۇ.
مەلۇم تىز تاماقخانىغا فۇۋۇيەن باتەيدە تۇرغۇچى دىيەنسەي قۇبۇل قىلىنىدۇ دىگەندەك.

تىلىمىز ۋە يېزىقىمىز مۇشۇ سۈرئەتتە ئەبجەشلىشىشكە قاراپ يۈزلىنىۋەرسە كەلگۈسىدە يېزىق ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولغۇدەكمىز.

تىما ئىگىسىگە كۆپ رەخمەت.

ئۈمۈد ئادەمنى غەلبىگە باشلايدۇ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50684
يازما سانى: 167
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1625
تۆھپە نۇمۇرى: 50
توردا: 2965 سائەت
تىزىم: 2011-8-6
ئاخىرقى: 2012-6-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-23 02:35:39 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېما ئىگىسى، ئانا تىل-يېزىقىمىزغا ئالاھىدە مۇھەببىتىڭىز باركەن، شۇڭلاشقا ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزدىن باشلاڭ، يازمىڭىزدا ئىملا خاتالىقى ئىنتايىن كۆپ ئىكەن.

ئۈمۈد28

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30816
يازما سانى: 200
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4897
تۆھپە نۇمۇرى: 741
توردا: 4467 سائەت
تىزىم: 2011-2-18
ئاخىرقى: 2012-6-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-23 03:26:45 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەخسەت ئوچۇق، ياخشى يېزىلىپتۇ.
گىپىمنى تۈزلا دەۋىرەي. تاھىر، زوھرالار بىز مۇسۇلمان بولۇشتىن بەكلا بۇرۇن ياشىغانغۇ دەيمەن؟
شۇنداق بولغاندا ئۇلارنىڭ روھىغا ئاتاپ قۇرئان ئوقۇش توغرىمۇ؟

♥LOVE✿KEY♥

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29588
يازما سانى: 547
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4547
تۆھپە نۇمۇرى: 605
توردا: 546 سائەت
تىزىم: 2011-2-8
ئاخىرقى: 2012-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-23 12:44:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن تىمىڭىزنى ئانچە چۈشەنمىدىمغۇ، سىز ئۆزىڭىزنى مۇئەللىم دەپ تەسۋىرلەپسىز، يەنە تاھىر-زۆھرە قەبرىسىدە ئوقۇغۇچىلىرىڭىز ئالدىدا  خەتمە قۇرئان قىلدىم دەپسىز.............بۇ ..........

مۇئەللىم تۇرۇپ خەتمە قۇرئان قىلدىم دىگەن گىپىڭىز مىنى ھەقىقەتەن ئويغا سالدى، ھازىرقى مائارىپچىلىرىمىز ئىسلام يولىدا مىڭىش ئەمەس ئىسلامنى يوقىتالماي ئاۋارە .........  ئاللا سىزگە رەھمەت قىلسۇن قىرىندىشىم.......
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   @tulpar@ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-23 12:47 PM  


گۈل قانچىكى چىرايلىق بولسا ، بولبۇلنىڭ ھەسرەت -پىغانىمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ .

كۈلۈپ ياشايمەن!

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49711
يازما سانى: 209
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1251
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 4221 سائەت
تىزىم: 2011-7-30
ئاخىرقى: 2012-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-23 01:21:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ ئۆتكەن يىلى بارغان ۋاقتىمدا كۆرگەن خەت يازغۇدەكلا يەر بولسا  ئالا قويماي يېزىپتىكەن.

قەدىرسىز بىلىنەر قولىمىزدابارى،
بىز شۇ يوق نەرسىنىڭ قەرزدارى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7825
يازما سانى: 489
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3773
تۆھپە نۇمۇرى: 305
توردا: 1499 سائەت
تىزىم: 2010-8-25
ئاخىرقى: 2012-6-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-23 01:58:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنغۇ  بېرىپ باقمىدىم. لىكىن ئۇيەرگە بارغاننىڭ قانچىلىك ئەھمىيىتى باردۇ؟ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79075
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 30
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 15 سائەت
تىزىم: 2012-4-19
ئاخىرقى: 2012-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 08:02:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sabaat يوللىغان ۋاقتى  2012-4-23 01:58 PM
مەنغۇ  بېرىپ باقمىدىم. لىكىن ئۇيەرگە بارغاننىڭ قانچىلى ...

ئاپاق غوجىدەك مۇناپىقلارنىڭ قەبرىسىنى يوقلىغاندىن مىڭ ئەۋزەل . ياخشىلار مەڭگۇ ياد ئېتىلىدۇ ،دوستۇم

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش