ئۆزۈمنىڭ تېمىسىغا ئۆزۈم يەنە ئىنكاس يېزىشقا مەجبۇر بولدۇم،ئازراق تۇلۇقلايدىغان مەزمۇنلار بار ئىدى.
‹ئاتلان تالانتلىقلرى كېچىلىكى›ھەققىدە ئىككى كەلىمە سۆز:
مېھىر-مۇھەببەت ئىنسانغا قانات.ئىنساننىڭ قەلبىدە ھامان مۇھەببەت بولىدۇ.مەيلى ئۇ قانداق مۇھەببەت بۇلىشىدىن قەتئىينەزەر..
تېخى باياتتىنلا بىر ئىگە-چاقسىز،سۈيدۈك تۇتىۋالالماسلىق كېسلىگە گىرىپتار بولغان ئانا ھەققىدىكى تېمنى كۆرۈپ ئىچىم ئېچشىقان،ئىزتىراپىلىق ئويلارغا چۆمگەن ئىدىم.لېكىن مېھىر-مۇھەببەتلىك كىشلىرىمىز يەنىلا كۆپكەن،تېما ئىگىسى ۋە ھەرقايسى تورداشلار يەنىلا شۇنداق مېھىرلىككەن.
ئاتلاننىڭ بۇ قېتىمقى كېچىلكىدە يىغلىغان 51مىڭ يۈەندىن كۆپرەك پۇل بىزدىكى ساخاۋەت ئىگلىرىنىڭ،مېھىرلىك قەلبلەرنىڭ يەنىلا كۆپ ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.مۇنىرە غۇپۇرنىڭ چۈشەندۈرىشى ئارقىلىق بىزگە مەلۇم بولغان مۇھەببەتكە،ساخاۋەتلىك قوللارغا تەشنا ئاشۇ قېرىنداشلىرىمىز ئىللىقلىقىنى يەنە بىر قېتىم ھېس قىلغان بولسا،مۇھەببەتلىك يۈرەكلەرنىڭ كۆپلىكىنى بىزمۇ ھېس قىلدۇق.ئاتلاننىڭ قۇرغۇچىىسى قاسمىجان مۇئەللىمنىڭ‹بۇگۈنكى بۇ نەتىجە مېنىڭ ئەمەس،ئولتۇرغان كۆپچىلكىنىڭ›دېگەن بىر ئېغىز سۆزى قەلبمىنى لەرزىگە سالدى.
سىز تەسىرلەنمىدىم دېيەلەمسىز؟ئېكراندىكى بىر گۆدەكنىڭ ساندۇققا پۇل تاشلاۋاتقان كۆرۈنۈشىنى كۆرۈپ سۆيۈنمىدىم دېيەلەمسىز؟ياق،چۈنكى سىز مۇھەببەتلىك ئىنسان،بىزمۇ ھەم شۇنداق...
قەلىبلەر قەلبىلەرگە تۇتاشسسۇن.مۇھەببەت مۇھەببەتلىك يۈرەكلەرنى ئاپىرىدە قىلسۇن.شۇ مۇھەببەتلىك يۈرىكىڭىزنى،ساخاۋەتلىك قولىڭىزنى ياردەمگە مۇھتاج بولغانلاردىن ئايىماڭ. چۈنكى سىز مۇھەببەتلىك ئىنسان،بىزمۇ ھەم شۇنداق.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا چېچەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-22 10:55 PM