2012يىلى 4-ئاينىڭ 21-كۈنى ئۈرۈمچى كونسول كوچىسى ئەتىراپى ( ئەتىگەن سائەت 11 )
بۈگۈن مەن ئۈچۈن ئۇنتۇلغۇسىز بىر كۈن ، شۇنداقلا كۆڭلۈم پەرىشانلىق ھەم تەشۋىشلىك ئىچىگە مەھكۈم بولغان كۈن . بۈگۈن ئەتىگەن ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىدا داۋالىنىۋاتقان ھەدەمنى ئاپتونوم رايونلۇق 2-دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ ، مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشلەرنى قىلىپ بولۇپ ، ھەدەمنى ئۈرۈمچىنىڭ داڭلىق يەرلىرىنى كۆرسىتىش مەقسىتىدە دۆڭ كۆرۈك ، چوڭ بازار قاتارلىق جايلارنى كۆرسىتىپ بولۇپ ، كونسول كوچىسى تەرەپكە كېتىپ بېرىپ ، بىر ئايالنىڭ يول بويىدا يىقىلىپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ قالدىم ،بۇ چاغدا ھەدەمنىڭ يولدىشى ئۈرۈمچىدە بۇنداق تىلەمچىلىك قىلىدىغان ئادەملەر بەك كۆپ ئىكەن ، ئالدىنقى قېتىم كەلگەن ۋاقتىمدا بىرسىگە پۇل بەرسەم ، بىرسى كېلىدۇ .. يول بويى پۇل تارقىتىپ ماڭسام ،يىنىمدىكى دوستۇم ماڭا << بۇنداق پۇل بېرىۋەرسەڭ ، بۇلار تۈگىمەيدۇ >>دەپ مېنى توسۇپ قالغان ئىدى دەپ پاراڭ بىلەن مېنى ئېلىپ كەتتى ، لېكىن نېمىشقىكىن ئۇ ئايالدىن كۆزۈمنى ئۈزەلمىدىم . ھەدەملەرگە كونسول كوچىسىنى كۆرسۈتۈپ بولۇپ ، يەنە ئەسلى يول بىلەن 912-يولنىڭ بىكىتىگە قايتىپ كەلدۇق ، يەنە شۇ ئايالنىڭ يىنىدىن ئۆتۈپ كەتتۇق ، ئۇ ئايالنىڭ ھالسىز ، روھسىز ھالىتى يۈرۈكىمنى ئىزىۋەتتى .. ئاستا قەدەملەر بىلەن كۆزۈمنى ئۈزەلمەي ئۇ ئايالدىن يىراقلاپ كەتتىم . ھەدەملەرنى 912-يولنىڭ ئاپتۇبۇسىغا چىقىرىپ يولغا سېلىپ قويدۇم . ئەمدى قىلىدىغان ئىشىم ئاكامنىڭ ھاۋالىسى بىلەن ئۇ تۇرۇشلۇق مەكتەپنىڭ پوتبول كوماندىسىغا كىيىم كۆرۈش ئىدى . مەن بۇرۇنقى بوغدا دوختۇرخانسىنىڭ ئۇدۇلدىكى ئىزچىلار تەنتەربىيە كىيىملىرى دۇكىنىغا بارماقچى بولدۇم ، بۇرۇنقى بوغدا دوختۇرخانسىنىڭ ئالدىغا كىلىپ ، شۇ يەردە يىتىپ قالغان ئايالنىڭ يىنىغا يەنە كەلدىم ،يىراقتىن يولنىڭ ئۇ تەرىپىگە ئۆتۈش ئۈچۈن تۇرۇپ ، ئۇ ئايالغا قاراپ تۇردۇم . ئۇ ئايالنىڭ نۇرسىز كۆزلىرى ، تاتىراڭغۇ چىرايى مېنى يولنىڭ ئۇ تەرپىگە تېزدىن ئۆتۈپ كېتىشتىن توسۇپ تۇراتتى . مەن ئۇ ئايالغا قاراپ ، يېنىغا بېرىپ زادى نىمە ئىش بولغانلىقنى بىلىپ بېقىش ئويىغا كەلدىم ،دەل شۇ چاغدا بىر قىزچاق ئۇ ئايالنىڭ يىنغا كەلدى، ھەم بىر نەرسىلەر دىيىشكە باشلىدى ... مەن تېزدىن ئۇ ئايالنى يىنىغا باردىم ، ئۇ ئايالنىڭ يىنىدا بەدىنىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان سۇيدۇك خالتىسنى كۆرۈپ قالدىم ھەم بۇ ئايال دوختۇرخانىدا يېتىۋاتقان بولسا ، دوختۇرخاندىن سىرىتقا چىقىپ ، كسىلى قوزغىلىپ ،بۇ يەردە يىتىپ قالغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلىدىم ، شۇڭا ئۇ ئايالدىن بىرىنجى بولۇپ سورىغان سۇئالىم : ھەدە نىمە بولدىڭىز ، دوختۇرخانىغا قايتالمىدىڭىزمۇ ؟ دەپ سورىدىم . ئۇ ئايال تۇيۇقسىز يىغلاپ كەتتى .مەن نىمە بولدىڭىز ، بىر يېرىڭىز ئاغرىۋاتامدۇ؟ دەپ سورىدىم . ئۇ ئايال يىغلاپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى :
مەن كىچىك تەرەت قىلالماس بولۇپ قالغان ئىدىم ، دوختۇرلار ماڭا سۈيدۈك چىقىرىش نەيچىسى بىلەن خالتىسنى ئورنىتىپ قويغان ئىدى ، 15كۈندە بىرقېتىم ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشۇم كېرەك ئىدى ، مانا ھازىر 25كۈندەك بولدى پۇلۇم يوق ئالماشتۇرالمىدىم ، بۇرۇن بۇغدا دوختۇرخانسىدىكى دوختۇرلار ماڭا ھەقسىز ئالماشتۇرۇپ قوياتتى ، لېكىن ئۇ يەرگە يەنە بېرىشتىن خىجىل بولىدىكەنمەن ، باشقىلار ماڭا خان ساراينىڭ ئالدىغا بېرىپ ياردەم تىلىسىڭىز ، پۇلى بار كىشلەر سىزنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ ، ئالماشتۇرۇپ قويىدۇ دېگەن ، ئۇ يەرگە بارالماي بۇ يەردە يىتىپ قالدىم ، قورسقۇم ۋە دوۋسۇنۇم بەك ئاغرىپ كېتىپ بارىدۇ -دېدى .
دەل شۇ چاغدا بىر ئايال بىلەن بىر ئەر كىشى يىنىمىزغا كەلدى ، ئۇ ئايال كىشى بۇ ئايالنى كۆرۈپلا تۇنۇۋالدى ، ئەسلىدە بۇ ئايال بۇغدا دوختۇرخانىسىدا ئىشلەيدىغان بولۇپ ( مېنىڭ پەرىزىمچە ) ، بۇغدا دوختۇرخانىسىدا بۇ ئايالنى كۆرگەن ئىكەن . ئۇ ئايال :
-سىزكەنسىزغۇ ؟ نىمە بولدىڭىز ؟ بۇ نەيچىنى ئالماشتۇرمىغانغا نەچچە كۈن بولدى ، نىمىشقا دوختۇرخانىغا بارمىدىڭىز - دەپ سورىدى .
- مەن يەنە بېرىشتىن خىجىل بولىدىكەنمەن ، ئۇلار دائىم بارسام ،ماڭا يىنىدىن پۇل چىقىرىپ ، ئالماشتۇرۇپ قويىدۇ ، مەن يەنە بېرىشتىن خىجىل بولدۇم ،پاتگۈل دېگەن سېستىرا ھازىر بارمۇ - دەپ ئاران گەپ قىلالىدى .
مەن ھەممە ئىشنىڭ تىگى تەھتىگە يەتكەندەك بولدۇم ھەم ئۇ ئايالغا :
- يۇرۇڭ ھەدە ، مەن سىزنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ ، ئالماشتۇرۇپ بېرەي -دېدىم .
بۇ چاغدا يىنىمىزغا كەلگەن بىر ياشنىپ قالغان ئايال كىشى :
- شۇنداق قىلىڭ بالام ، ياردەم قىلىڭ - دېدى .
بۇ چاغدا يىنىمدا تۇرغانلار يىنىدىن پۇل چىقىرىپ ، ئۇ ئايالغا تاماق يەڭ دەپ بېرىشتى .
مەن بۇ ئايالنى يۆلەپ تۇرغۇزۇپ ، يولنىڭ بويىغا كېلىپ ، ماشنا توسۇپ تۇردۇق ، تەلىيىمىزگە بىر ئۇيغۇر شوپۇر ماشنىسنى توختاتتى . بىز بوغدا دوختۇرخانىسىغا باردىغانلىقىمىزنى ئېيتىپ ، ماشىنىغا چىقتۇق . مەن يول بويى بۇ ئايالدىن ئەھۋال ئىگەنلەپ ماڭدىم .
بۇ ئايالنىڭ ئىسمى رۇقىيە بولۇپ ، بۇ يىل 38 ياشقا كىرىپتۇ . يۇرتى گۇچۇڭ بولۇپ ، بىر نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا ئۈرۈمچىگە كەلگەن ئىكەن . يولدىشى كاۋاپ ساتىدىغان بولۇپ ، 7.5ۋەقەسدىن كېيىن تۇتۇلۇپ ، ھازىرغىچە ئىزدېرىگى بولمىغان ئىكەن . بۇ ئايالنىڭ ئىككى بالىسى بولۇپ ، ئەڭ كىچىكى تىخى قۇچاقتا ئىكەن . بۇ ئايال ئائىلىسنى قامداش ئۈچۈن ، باشقىلانىڭ ئۆيىدە ئىشلەپ ، دېرىزە سۈرتىۋاتقاندا ،بىنادىن چۈشۈپ كەتكەن بولۇپ ، شۇ ۋەقەدىن كېيىن ، ئۇمۇرتقىسى ۋە يۇلۇن زەخمە يەپ ، بىر پۇتى سەزمەس ، چوڭ كىچىك تەرەتنى باشقۇرالماس بولۇپ قالغان . نۇرغۇن ئاماللار بىلەن داۋالانغان بولسىمۇ ، ئۈنۈمى بولمىغان ، دوختۇرلار ئۇنىڭغا بەدەن سىرتىدىن سۈيدك خالتىسى ئورنىتىپ قويغان . بۇ ئايالنىڭ دادىسى يوق بولۇپ ، ئائىلىسى بەكلا نامىرات ئىكەن ، بۇ ئايال بۇ يەردە تۇرالماي ، ئۆزىنىڭ ئۆيىگە قايتىپ كەتكەن ، لېكىن چوڭ تەرەتنى تۇتالمىغاچقا ، نۇرغۇن سەۋەپلەر تۈپەيلى ئۆيىدىن ئايرىلىپ ، قايتا ئۈرۈمچىگە يېنىپ كەلگەن ھەم بۇ يەردىكى بىر ھامما ئاچىسىنىڭ يەر ئاستى ئۆيىدە تۇرۇۋىتىپتۇ. بۇ ئايالنىڭ كىرىم مەنبەسى بولمىغاچقا ، دائىم باشقلارنىڭ ياردىمى بىلەن بۇ سۈيدۇك خالتىسنى ئالماشتۇرۇپ يۈرۈپتۇ . ئەڭ ئىچىنشلىق يېرى شۇكى بۇ بىچارە ئاننىڭ قۇچاقتىكى بالىسنى باشقىلار بېقىۋالغان بولۇپ ، سەۋەبى دوختۇرخانىدا يېتىۋاتقان ۋاقىتتا يىنىدا بىلەن داۋالانغان بىر ئۇيغۇر ئايال بۇ كىچىك بالنىڭ بەكلا قىيلىنىپ كەتكىنى كۆرۈپ ، بۇ ئايالدىن تەلەپ قىلىپ ، ئۆيىگە ئېلىپ كېتىپ ، بۇ نارسىدىنى بېقىۋىتىپتۇ .يەنە بىر بالىسى كىچىك بولسمۇ ، لېكىن ئائىلنى قامداش ئۈچۈن باشقىلارنىڭ ئېتىز ئېرىق ئىشلىرىغا ياردەملىشىپ ، ئۆزىنىڭ جىنى ئۆزى بېقىۋىتىپتۇ . بۇ بىچارە ئانا كۆزلىرىدىن ياشلىرىنى يامغۇردەك تۆكۈپ ،بۇ ئىشلانى ماڭا سۆزلەپ بېرىۋاتاتتى .... بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ، مېنىڭ كۆز ياشلىرىم كۆز چاناقلىرىمنى نەمدەشكە باشلىدى .. مەن كۆز ياشلىرىمنى چىقارماسلىققا تىرشىپ ، ئۇنىڭ گەپلىرىنى جىم ئاڭلاپ ئولتۇراتىتىم .
بۇغدا دوختۇرخانىسىغا كەلدۇق ، يولدا كەلگۈچە سۆزلىرىمىزنى ئاڭلاپ ، توختىماي << ئاھ خۇدا >> دەپ ئولتۇرغان شوپۇر ئاكىمىز كىرا پۇلىنى تەڭلىسەم ئالغىلى ئۇنىمىدى ( مەن بۇ ئاكىمىزغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن ). مەن بۇ ئايالنىڭ ھالسىرىغان بەدىنى يۆلەپ دوختۇرخانا ئىچىگە ئېلىپ كىرىدىم ،زالدىكى بىر دوختۇر ئايالنىڭ كۆرسەتمىسى بويىنچە ئىككنجى قەۋەتكە چىقتۇق ، مەن ئۇچىرىغان بىر سېستىرا قىزغا :
- بۇ ئايالنىڭ سۈيدۈك خالتىسنى ئالماشتۇرۇپ قويساڭلار ، كەتكەن چىقىمنى مەن تۆلەيمەن - دېدىم .
بۇ سېستىرا بىزنى بىر دوختۇرنىڭ قېشىغا باشلاپ كىردى . بۇ دوختۇر بۇ ئايالنى كۆرۈپلا تۇنۇۋالدى ھەم سېستىرالارنى چاقىرىپ ، ئالماشتۇرۇش ئىشنى ئورۇنلاشتۇردى . بۇ جەرياندا بۇ دوختۇر ماڭا بۇ ئايال ماڭا دېگەن ئىشلارنى دەپ بەردى . ھەم ھەق ئېلشنى رەت قىلىپ ، ھەقسىز ئالماشتۇرۇپ قويدى .(مەن بۇ دوختۇرغا ۋە سېستىرالارغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن )
بۇ جەرياندا بۇ بىچارە ئانىدىن تاماق يەمسىز دەپ سورسام ئۇنىڭ جاۋابى مېنى شۇنچىلىك ئىچىندۇردىكى كۆز ياشلىرىم بولدۇقلاپ ئېقىپ كەتتى .
- مەن چوڭ تەرەتنى تۇتالمىغاچقا ، چوڭ تەرەت قىلىشتىن قورقۇپ ، تاماق يىمەيمەن -دېدى .
تورداشلار ، بۇ بىر ئىنسان ئۈچۈن نەقەدەر ئازاپ ئىش ، بۇنى بىزدەك نورمال ئىنسانلار ھېس قىلىپ بولالمايمىز . مەنمۇ بىر دوختۇر ، مەن بۇ ئايالنىڭ ھازىر ناھايىتى خەتەرلىك ئەھۋالدا قالغانلىقنى بىلىپ يەتتىم . تورداشلار ، سىلەر بىلەمسىلەر ... بۇ سىرىتىن ئورنۇتۇلغان سۇيدۇك خالتىسنى چوقۇم ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش كېرەك ، ھەم ئادەم ناھايىتى پاكىز ھالەتنى ساقلىشى كېرەك . ئەگەر ئۇنداق بولمايدىكەن ، يۇقۇملىنىش يۈز بېرىپ ، پۇتۇن سۇيدۇك يولى ، بۆرەك يۇقۇملىنىپ ، بۆرەك زەيىپلىشىش كېلىپ چىقىپ ، بۇ ئايال بەلكىم ئاشۇ يول بويىدا ، ئاشۇ قاراڭغۇ ، زەي يەر ئاستى ئۆيىدە بۇ ئالەمدىن ئەلەم بىلەن خوشلىشى مۇمكىن . ھازىرىقى ئەھۋالدىن قارىغاندا يۇقۇملىنىش ئەھۋالى ناھايىتى ئېغىر بولۇپ ، ھەتتا تىرە ئۈستىگە سۇلۇپ قاپارتقۇ چىقىپ كەتكەن .
بۇ قاپارتقۇلار ئەھۋالنىڭ ناھايىتى يامانلىشىپ كەتكەنلىكنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ . بۇ ئايال تاماق يىمەي ، بەدىنى زور دەرجىدە ئاجىزلىشىپ كەتكەن بولۇپ ،ئەگەر يەنە مۇشۇنداق كېتىۋەرسە ،بىر ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ، ئۇرۇمچىنىڭ ئاپتاپلىق كوچىسىدا ، بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدا ئۆلۈپ قېلىشى مۇمكىن .بىچارە نارسىدە بالىلار ئەقلىنى تاپقاندائۆز ئاپسنىڭ ئۈرۈمچىنىڭ ئاۋات كوچىسىدا ، ئۈرۈمچنىڭ زەي يەر ئاستى ئويىدە ئۆلۈپ قالغانلىقىنى بىلسە نىمە بولۇپ كېتەر ... بىز بەلكىم مەلۇم بىر كۈنى تۇيۇقسىز قولىمىزغا چىقىپ قالغان ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى ، قانۇنچىلىق گېزىتى قاتارلىق گېزىتلەردە بىر ئايال ئۈرۈمچى كوچىسدا ئۆلۈپ قاپتۇ ، بىر ئايال يەر ئاستى ئۆيىدە ئۆلۈپ قاپتۇ ، بۇ ئايالنىڭ ئىككى بالىسى بارئىكەن دېگەن خەۋەرنى كۆرۈپ قېلىشىمىز مۇمكىن ، بەزلىرىمىز بەلكىم بىچارە ئايال ، باشقىلار ياردەم قىلماپتۇ دە دەپ ئۆز ئۆزىمىزگە سۆزلەپ قۇيۇشىمىز مۇمكىن . بىز نىمشقا باشقىلار ياردەم قىلماپتۇ دېگەن سۆزنىڭ ئورنىغا ، مەن نېمىشقا ياردەم قىلالمىدىم دېگەن سۆزنى ، مەن بىلگەن بولسام ، بۇ ئايال ئۆلمەيتىغۇ دېگەن سۆزنى ئىشلەتمەيمىز ؟ ، مانا بۇ بىز ئويلىنىشقا تىگىشلىك ئەڭ ھالقىلىق مەسىلە !
مەن ئۇ ئايالغان نەچچە ۋاراق قەغەزگە تېلىفۇن نۇمۇرۇمنى يېزىپ بەردىم ، ھەم ئۇ ئايالغا قانداق ئىش بولسا تېلفۇن قىلشنى تاپلاپ ، ئايرىلاي دەپ مېڭىپ بولۇپ ، كۆڭلۇم قىيماي ، ئۇ ئايالدىن قايتا تۇرۇشلۇق ئورنى سوردىم ھەم ئېنىق يىزىۋىلىپ ،ئۇ ئايالنىڭ رۇخسىتى بىلەن بىر نەچچە پارچە رەسىمگە تارتىپ قايتىپ كەلدىم .
مەن بۇ بىچارە ئايالنى كۆرگەندىن تا بۇ مۇراجەتنامنى يازغىچە ، ئۆزۈمنىڭ زادى نىمە بولغانلىقىمنى بىلەلمىدىم . كۆپ ئويلاندىم ، كالام بۇ بىچارە ئانىنىڭ سىمايسى بىلەن تولۇپ كەتتى . بۇ جەميىئەتتە بۇنداق بىچارە ئانىلار ، بىچارە دادلار ، بىچارە بالىلار زادى قانچىلىك باردۇر ... قانچىلىك ئادەملەر ئۈمدسىزلىك ، يوقسۇزلۇق ئىچىدە ئۆلۈپ كېتىپ بارغاندۇ ؟
ھازىر دۇنيا پۇل ئۈچۈن چۆگىلىمەكتە ... پۇل ھەممە نەرسنى كونتۇرۇل قىلىپ ، بىزنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى ئادىمىيلىك ھۇجەيرىلىرىمىزنى گۇمران قىلماقتا ..بىز بۇ دۇنياغا نىمە ئۈچۈن كەلدۇق .. ئۆزىمىز ياسىغان ، بىسىپ چىقارىغان پۇل ئۈچۈنمۇ ؟ پۇلنىڭ سانى بىلمەيدىغان غوجاملار كۈندە ئەيىش ئىشرەت بىلەن ، دادسنىڭ پۇلى بىلەن قىز - يىگىتلىرىمىز كەيىپ ساپادا .....بىچارە يوقسۇل قېرىنداشلىرىمىز كوچا كويلاردا كىسەل بىلەن ئەجەل ئارسىدا يۈرمەكتە ...
تورداشلار بۇ بىچارە ئانا بىزنىڭ ياردىمىمىزگە موھتاج ، بەلكىم بەزىلەر بۇنداق ئادەملەر كۆپ تۇرسا ، قايسىغا ياردەم قىلىپ بولالايمىز دېيىشىمىز مۇمكىن ، شۇنى بىلىش كېرەككى << كۆرۈپ تۇرۇپ ، كۆرمەسكە سېلىش >> بىز ئۈچۈن بىر نۇمۇس ئىش . بۇگۈن بىز بۇ بىچارە ئاننىڭ ئەھۋالدىن خەۋەردار بولدۇق ،ئەگەر بىز ياردەم قىلمىساق ، بۇ ئايال ئۆلۇپ كېتىدۇ .. ئەگەر بۇنداق بولسا ، ۋىجدانى بار ، ئادىمىيلىكنى يوقاتمىغان ئادەم ئۇ جان ئۈزگەن يەردىن ئۆتكەندە . مەن بۇ ئايالنى تۇنۇيتۇم دەپ چۇقۇم ۋىجدان ئازابى تارتىدۇ . ئەگەر بىز بۇ بىچارە ئاننى كۆرمگەن بولساق ، ئۇ جان ئۈزگەن يەردە بەلكىم ئۇنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا قىلىشمىز ، بىز سىزگە ياردەم قىلالماپتۇق دەپ ۋىجدان ئازابى تارتىشىمىز مۇمكىن . ئۇنداقتا سىز قايسنى تاللايسىز ؟ بۇ بىچارە ئانا بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدا ، بىزنىڭ ئاشۇ ئاۋات كوچىمىزدا ئۆلۈپ قالسۇنمۇ ؟ ياكى بىزنىڭ كىچىككىنە ياردىمىز بىلەن ئۆمرىنىڭ ئاخىرىقى مىنۇتلىرىنى ئىنسانلىق قەدىر قىممىتى بىلەن ئۆتكۈزۈپ ، قېرىنداشلىق ، ئىنسانلىق مېھىر مۇھەبىتىگە سۈيۈنگەن ھالدا بۇ ئالەمدىن خوشلاشسىنمۇ ؟ بىز جىمجىت ئۆي ئىچىدە ، ئويلىنىپ باقايلى ...... بىچارە ئانىنىڭ ئاشۇ بىچارە كۆزلىرىگە قاراپ ، ئويلىنىپ باقايلى ... بىز زادى قانداق قىلىشمىز كېرەك ؟
مېنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا دەيدىغان سۆزۈم : ئەگەر بۇ ئايال داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتسمۇ ، دوستلار بۇ بىچارە ئايال ئادەمدەك قەدىر قىممىتى بىلەن ئۆلۈپ كەتسۇن !!!
بۇ بىچارە ئايال ھازىر بىزنىڭ تېزدىن ياردەم قىلىشىمىزغا مۇھتاج :
1. پاكىز كىيىم كىچەك : تاشقى كىيىم ۋە ئىچكى كىيىم . بۇ كىيىملەرنى ئالماشتۇرۇشتا چۇقۇم قىزلار بولۇشى كېرەك.
2. يىمەك ئىچمەك : بۇ بىچارە ئايال ، ئۇزۇن مەزگىل تاماق يىمىگەچكە ، بەدىنى بەكلا ئاجزلاپ كەتكەن .
3.ياللۇغ قايتۇرۇش دورسى : بۇنى دوختۇرلار بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ، ھەل قىلساق بولىدۇ .
4. ئۆيىگە بېرىپ ، ئەھۋال ئىگەللەپ ، زادى قانداق ياردەم كېرەكلىكنى ئېنىقلاش .
5. بۇ بىچارە ئاننىڭ ھازىرىقى ئەھۋالدىن قارىغاندا ، چۇقۇم دوختۇرخانىدا يېتىپ ، بېسىپ داۋالنىپ ، بۆرەك ۋە سۈيدۇك يولىدىكى ياللۇغ قايتۇرۇلمىسا ، بۇ ئايالنىڭ ھاياتىغا چۇقۇم خەۋىپ يېتىدۇ . بۇ مەن بىر ئادەمنىڭ قولدىن كەلمەيدۇ .. شۇڭا جەمىئەتتىكى ساخاۋەتچى كىشلەردىن ياردەم تەلەپ قىلمىساق بولمايدۇ ...
مەن بۆرىتالا ئوبلاستلىق خەلىق دوختۇرخانسىدىن ئاپتۇنۇم رايونلۇق 2-دوختۇرخانىغا ئۈگۈنۈشكە كەلگەن ئاددى بىر دوختۇر ، بۇ ئىشلار يالغۇز مېنىڭ قولۇمدىن كەلمەيدۇ ، شۇڭا جەمىئىيەتىن ياردەم قىلشنى خالايدىغان دوستلارنىڭ مەن بىلەن ئالاقلشىشنى ئۈمىد قىلىمەن . مەن بۇ ئايالنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنى بىلىۋالدىم . ھازىرقى مۇھىم ئىش بۇ ئايالنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنىغا بېرىپ ئەھۋال ئىگەللەش ، شۇڭا ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق ياردەم قىلشنى خالايدىغان دوستلارنىڭ مەن بىلەن تېزدىن ئالاقىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن .
تېلىفۇن نۇمۇرۇم : 13209090903 ئۆمەرجان ئابدۇرىيىھىم
باشقا يەرلەردىن بۇ ئىشقا كۆڭۈل بولىدىغان تورداشلارنىڭ تۆۋەندىكى تور بەتكە كىرىپ ، بارلىق ئەھۋاللاردىن خەۋەردار بولۇشنى ئۈمىد قىلىمەن .
http://www.bloghumar.com/?p=826 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا كەپتەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-22 09:19 PM