ھېكمەتلەر
بىلىم_تەجىربىنىڭ جۇغلانمىسى،قابىليەت_جاپانىڭ سەۋرى تېشى.
******
ئەمگەك_ئەڭ ئۇلۇق گۈزەللىكتۇر شۇنداقلا ئەڭ مۇشەققەتلىك ئىشتۇر.
******
سىياسەت ئادىل بولسا،يەرمۇ ئالتۇن بېرەر.
******
كىمىكى بىلىمدانلىقى ۋە نادانلىقىنى پەش قىلسا،ئۇنىڭدا بىلىممۇ،دانالىقمۇ يوق دەۋىرىڭ.
******
ئامال بار ئازراق قانۇن چىقىرىڭ،لېكىن ئۇلارنىڭ ئىجراسىنى نازارەت قىلىڭ.
******
ئۈزى قانۇنغا رىئايە قىلمايدىغان ئادەممۇ باشقىلار ئۈچۈن قانۇن چىقىرىشى مۇمكىن.
*******
ئادەمنى ئەمگەك باقىدۇ،ھۇرۇنلۇق چەتكە قاقىدۇ.
******
ئەڭ ئەقىللىق كىشى شۇنداق كىشىكى،ئۇ ئۆز نەپسىگە ھەكىملىك قىلالايدۇ.
******
گۈزەللىك ئۆز-ئۈزىنى تەربىلەشنىڭ مۇھىم ۋاستىسى.
*******
مۇھەببەتتىكى ئەخلاق پاكلىقى ئىنسان روھىنىڭ بىر ئەينىكى.
*******
بەرگەننى چىشلىگەندىن تەر ئاققۇزۇپ كىشنىگەن ياخشى.
*******
ئېشەك ئاز يەپ رىيازەت چەككەن بىلەن ئەقىللىق بولۇپ قالمايدۇ.
*****
بىكار يۈرمەڭ لاغايلاپ،پۇلنى خەشلەڭ ئاۋايلاپ.
******
بىلەك تالدۇرۇپ ئاش ئەتسەڭ،يۈرەك قاندۇرۇپ ئىچەرسەن.
******
ئەقىللىققا گەپ قىلساڭ ئاڭلىدى،بىلدى.ئەقىلسىزغا گەپ قىلساڭ ئاڭلىدى،كۈلدى.
*******
پۇلۇڭنىڭ كەتكىنىگە قارىماي،ئىشىڭنىڭ پۈتكىنىگە قارا.
******
ئايرىم ئالىملار پەقەت ماختىنىش ئۈچۈنلا بىلىم ئاشۇرۇدۇ.
******
بايلار ئاقچىسى بىلەن،قانۇن ساقچىسى بىلەن.
******
قابىليەتلىككە تەربىيە بىرىش نىجاسەتكە چۈشۈپ كەتكەن گۆھەرنى يۇيغانغا ئوخشىشىدۇ.
*********
مەنبە: "شىنجاڭ خەلق قورۇلتىيى ژورنىلى"