turkex يوللىغان ۋاقتى 2012-4-23 01:44 AM 
چېچېنلار ھەرگىزمۇ پارىسلار ئەمەس،ئۇلار كاۋكازتىپىغا ...
چېچىنلەر چېچىنيە ئاپتۇنۇم جۇمھۇرىيىتىدىكى ئاساسلىق مىللەت بولۇپ، نوپۇسى 1 مىليوندىن ئاشىدۇ. چېچىنىيە جۇمھۇرىيىتى روسىيىنىڭ جەنۇبىدىكى شىمالىي كاۋكاز رايونىغا جايلاشقان. چېچېنىيە جۇمھۇرىيىتىدە چېچەنلەردىن باشقا ئىنگۇش ھەم رۇسلار بار. چېچەنلەرنىڭ ئاز بىرقىسمى داغىستان ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىدە تارقاق ئولتۇراقلاشقان.
چېچەنلەرگە ئائىت ئەڭ بۇرۇنقى تارىخىي يازما ماتىرىياللار مىلادىيە 7 _ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا قالدۇرۇلغان. چېچەنلەر شىمالىي كاۋكاز ئەتراپىدا ياشىغۇچى ئەڭ قەدىمكى يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ ئەۋلادى بولۇپ، زاماننىڭ ئۆتۈشى بىلەن پەيدىنپەي بىر مىللەت بولۇپ ئۇيۇشقان. «چېچەن» دېگەن بۇ ئاتالغۇ ئارغۇن دەرياسى بويىدىكى «چوڭ چېچەن» دېگەن كەنتنىڭ ئىسمىدىن كەلگەن، كېيىن ئاستا _ ئاستا چېچەن مىللىتىنىڭ نامى بولۇپ قالغان.
چېچەنلەر ياۋروپا ئىرقىنىڭ كاۋكاز تىپىغا كىرىدۇ، كاۋكاز تىللىرى سىستېمىسى داغىستان تىلى گۇرۇپپىسىنىڭ ناخ تىل تارمىقىغا تەۋە چېچەن تىلىنىڭ 7خىل دىئالېكتىنى قوللىنىدۇ. چېچەنلەرنىڭ ئەسلىدە ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى مىللىي يېزىقى بار ئىدى، كېيىن سىلاۋيان يېزىقىغا ئۆزگەرتكەن. چېچەنلەر ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ.
چېچەنلەر قارا چاچ، بۇغداي ئۆڭ كېلىدۇ، كۆپىنچىسى قويۇق ساقال قويىدۇ، بوۋايلىرى ئۇزۇن ساقال قويىدۇ. قوي تېرىسىدىن ئىشلەنگەن تۇماق كىيىدۇ. چېچەنلەرنىڭ ئەرلىرى ئۇچىسىغا كەڭ يەلكىلىك پىلاش كىيىدۇ؛ ئاياللىرى بېلى تار كەلگەن تىك ياقىلىق كۆڭلەك ياكى كەڭ ئېتەكلىك يوپكا كىيىدۇ، مەيدىسىگە كۈمۈشتىن ياسالغان زىننەت بۇيۇملىرىنى تاقاشنى، ھالقا ئېسىشنى، ئۈزۈك سېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ. چېچەنلەر ئائىلىسىگە، دىنىغا ئىنتايىن سادىق. چېچەنلەر بۈگۈنگىچە قەبىلە باشلىقى تۈزۈمى ۋە ئۇرۇقداشلىق تۈزۈمىنى ساقلاپ كەلمەكتە. ئوخشاش بىر ئۇرۇقتىكىلەر بىر _ بىرىنى ئاكا _ ئۇكا، ئاچا _ سىڭىل دەپ قارايدۇ.
چېچەنلەر ئىنتايىن مېھماندوست مىللەت. بۇ ئۇلارنىڭ ئاساسلىق ئۆرپ _ ئادەتلىرىنىڭ بىرى. كەلگەن مېھماننى قەبىلە باشلىقى ئۆزى كۈتۈۋالىدۇ، مېھمان ئۆيگە كىرسىلا ئۇنىڭ دوست ياكى يات بولۇشىدىن قەتئىينەزەر قەبىلە باشلىقى ئۆزىنىڭ ھۆرمىتىنى بىلدۈرىدۇ ۋە ئۇنى قوغدايدۇ.
چېچەنلەر تارىختىن بۇيان سىرتقى كۈچلەرنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى ئۇرۇش مالىمانچىلىقى ئىچىدە ئۆتكەن مىللەت. بۇخىل «قارشىلىق كۈرىشى» 13 _ ئەسىردىن تا بۈگۈنگە قەدەر چېچېنىيە زېمىنىدا داۋام قىلىپ كەلمەكتە… ئۇزاق مەزگىللىك قانلىق كۈرەشلەر چېچەنلەرنىڭ باتۇر، باش ئەگمەس، قىزىققان، قىساسكارلىق ئېڭى كۈچلۈك مىللەت بولۇپ شەكىللىنىشىگە سەۋەب بولغان. مەشھۇر يازغۇچى لىف. تولىستويمۇ چېچەنلەرنى «ئۆلۈمدىن قورقمايدىغان ئەزىمەتلەر» دەپ تەرىپلىگەن.
13 _ ئەسىردە، چېچەنلەر موڭغۇل ئىستىلاچىلىرى تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان، 14 _ ئەسىردە بولسا، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تېمور خاندانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا بولغان. 17 - 18 ئەسىرلەردە چېچەنلەر پارس، ئوسمان، چارروسىيە قاتارلىق خاندانلىقلارنىڭ تالىشىدىغان ئوبىيېكتى بولۇپ قالغان، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، چېچەنلەر 200 يىلدىن كۆپرەك قانلىق كۈرەشنى باشتىن كەچۈرگەن. 19- ئەسىردە، چارروسىيە ھاكىمىيىتى كاۋكاز ئۇرۇشى ئارقىلىق چېچېنىيىنى ئۆز ئىمپېرىيە خەرىتىسىگە قوشۇۋالغان. 1922- يىلى چېچېنىيە ئاپتونوم ئوبلاستى قۇرۇلغان. 1934- يىلى چېچېنىيە قوشنىدېشى ئىنگۇش بىلەن قوشۇلۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ روسىيەگە قاراشلىق چېچېنىيە _ ئىنگۇش جۇمھۇرىيىتى بولۇپ قۇرۇلغان.
1991 _ يىلى، سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلىنىش ھالىتىگە ئۆتكەن مەزگىلدە، سىرىتقى كۈچلەرنىڭ «قول تىقىشى» ئاستىدا چېچەنلەرنىڭ روسىيە ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان قارشىلىق كۈرىشى كۈچەيگەن. دەل مۇشۇ پەيىتتە، سوۋېت ئىتتىپاقى ھاۋا ئارمىيە گېنىرالى چېچېنىيىلىك دۇدايېف، قورال كۈچى ئارقىلىق ھۆكۈمەتكە قارشى چىقىپ سايلام ئۆتكۈزۈپ، مۇستەقىللىق جاكارلىغان. لېكىن، چېچېنىيىلىكلەرنىڭ بۇ مۇستەقىللىق كۈرىشى روسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىزچىل باستۇرۇشىغا ئۇچراپ، خەلقنىڭ تىنچ _ خاتىرجەم تۇرمۇشقا بولغان گۈزەل ئىستەكلىرى رېئاللىققا ئايلىنالمىغان… بۈگۈنكى كۈندە، بۇخىل «قارشى چىقىش، باستۇرۇش» ھەرىكەتلىرى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ قىززىق نۇقتىسىغا ئايلىنىپ، «چېچىنىيە كىرىزىسى» ھەممە كۆڭۈل بۆلىدىغان ئېقىم مەسىلىلىرىدىن بىرى بولۇپ قالدى.
چېچېنىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى ناھايىتى «ئەۋزەل» ۋە مۇھىم. ئۇ روسىيە بىلەن جەنۇبىي كاۋكاز رايونىدىكى ئۈچ دۆلەتنىڭ نېفىت تۇرۇبىسىنى، تۆمۈر يوللىرىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، چېچەنلەرنىڭ، ئەتراپىدىكى ئىنگۇش، داغىستان، شىمالىي ئوسسېتىيە، ئابغازىيە ۋە ئەزەربەيجان قاتارلىق مۇسۇلمان ئاھالىسى كۆپ جۇمھۇرىيەتلەر بىلەن بولغان ئالاقىسى قويۇق. بۇرۇن چېچېنىيىنىڭ «سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن سىرتقى كاۋكازنى تۇتاشتۇرغۇچى ھاياتلىق لىنىيىسى» دەيدىغان نامى بار ئىدى.
چېچەنلەرنىڭ ئولتۇراق ئۆيلىرى پەلەمپەيسىمان بولۇپ، تاش، ياغاچتىن قوپۇرۇلىدۇ؛ تۈز ئۆگزىلىك، كۆپ قەۋەتلىك كېلىدۇ. چېچەنلەرنىڭ تۈزلەڭلىك رايوندا ياشىغۇچى ئاھالىلىرى دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. دېھقانچىلىقتا بۇغداي، قوناق، ئاپتاپپەرەس قاتارلىقلارنى تېرىيدۇ، ھەمدە مېۋە _ چېۋە يېتىشتۈرىدۇ؛ تاغلىق رايوندا ياشىغۇچى ئاھالىلىرى ئىنچىكە يۇڭلۇق قوي، ئۆچكە قاتارلىق چارۋا باقمىچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. كىگىز بېسىش، خۇرۇم ئىشلەش، خۇمدانچىلىق قاتارلىق ئەنئەنىۋى قول ھۈنەرۋەنچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. بۇلاردىن باشقا، نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، خىمىيە سانائىتى قاتارلىق ھازىرقى زامان سانائىتىمۇ بىرقەدەر تەرەققىي قىلغان. چېچېنىيە نېفىت، تەبىئىي گاز قاتارلىق تەبىئىي بايلىقلىرى مول رايون.
چېچەنلەر كۆممىقوناق تالقىنى ياكى قازان نېنى ۋە باشقا ئۇن غىزالىرىنى ئاساسلىق ئىستېمال قىلىدۇ؛ كاۋاپ، سۈزمە، قۇرۇت قاتارلىقلارنى، چاي ئىچىشنى ياخشى كۆرىدۇ.
چېچەنلەرنىڭ ھېيىت _ ئايەم، توي _ تۆكۈن، ئۆلۈم _ يېتىم ئادەتلىرى ۋە پەرھىزلىرى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان باشقا مىللەتلەرنىڭكى بىلەن ئاساسەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ.
چېچەنلەرنىڭ ئېغىز ئەدەبىياتى مول بولۇپ، ئەل ئارىسىدا داستان، قوشاق، ھېكايە، چۆچەك، رىۋايەت، مەسەل قاتارلىقلار كەڭ تارقالغان، بولۇپمۇ چېچەنلەرنىڭ قەھرىمانلىق داستانى __ «نارىت» ئۆزىگە خاس ئۇسلۇب ۋە مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە.
مەنبە: «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلى مىسرانىم تورى