مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 283|ئىنكاس: 3

غەم ۋە پەم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مەغرۇرلانما،سەن

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50622
يازما سانى: 60
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3972
تۆھپە نۇمۇرى: 1649
توردا: 2155 سائەت
تىزىم: 2011-8-5
ئاخىرقى: 2012-6-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 04:58:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پەلسەپىدە دۇنيا قارىمۇ قارشىلىقىنىڭ بىرلىكى ئىكەنلىكى مۇئەييەنلەشتۈرۈلىدۇ . كېچىنىڭ كۈندۈزى بۇلغىنىدەك ، خۇشاللىقنىڭ  خاپىلىقى ، كۈلكىنىڭ يىغىسى بولىدۇ. كىشىلىك ھايات ،تۇرمۇشتا خۇشاللىق بىلەن قايغۇ قوشكېزەك . پۈتۈنلەي خۇشاللىققا تولغان ھايات بولمايدۇ ، پۈتۈنلەي قايغۇ بىلەن ئاخىرلىشىدىغان ھاياتمۇ ھەم شۇنداق . ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇش ۋە ھاياتقا تۇتقان پوزىتسىيەسىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى << ئۇپىراش >> ۋاقتىنىڭ ئىلگىرى - كېيىنلىكى ياكى ئۇزۇن - قىسقىلىقىنىڭ سەۋەبچىسىلا ، خالاس ، شۇڭا بىزدە : << ئادەمنى غەم قاقشىتىدۇ ، ئۈنىد ياشنىتىدۇ>> دېگەندەك ساغلاملىق دەستۇرلىرى بارلىققا كەلگەن . ئۇنداقتا ، بۇ يەردە تىلغا ئېلىنىۋاتقان << پوزىتسىيە >> زادى نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟
بىر باي يېتىپ ئاشقۇدەك پۇلى ، دۇنياسى تۇرۇقلۇقمۇ خۇشال يۈرەلمەسلىكى ، بىر نامرات يوقسۇزلۇقتىمۇ خۇشال ياشىيالىشى مۇمكىن . مانا بۇ پوزىتسىيەنىڭ قۇدرىتى. << پوزىتسىيە ھەممىنى بەلگىلەيدۇ >> دېگەن گەپمۇ شۇنىڭغا قارىتىلغان . ھاياتقا دىققەت بىلەن قارايدىغان بولسىڭىز ، خۇشاللىق ، ساغلاملىق ئاتا قىلالايدىغان نەرسىلەر ، ئىشلار نۇرغۇن . قايغۇغا ، كېسەللىككە مۇپتىلا قىلالايدىغانلىرىمۇ ھەم نۇرغۇن . كېيىنكى تاللاش پوزىتسىيەيىڭىزنىڭ قانداقلىقىدىن بېشارەت بېرەلەيدىغان كۆرسەتكۈچ . تۇرمۇشتا بەزى ئادەملەر كىچىككىنە ئوڭۇشسىزلىقلارغىمۇ ، خاپىلىقلارغىمۇ بەرداشلىق بېرىش جەھەتتە ئىنتايىن ئاجىز كېلىدۇ، ئارتۇقچە غەم يەپ ، ئازابلىنىدۇ. يەنە بەزى ئادەملەر بار ، تاغدەك قايغۇ ئالدىدىمۇ ئۆزىنى ناھايىتى تەمكىن تۇتۇپ ، قايغۇنى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ ، ئىشەنچ ، ئغمىدۋارلىق بىلەن ئىشلىرىنى يۈرۈشتۈرۈپ كېتىۋېرىدۇ. تۇرمۇشنى كۆزەتسىڭىز ، خاپىلىق ، ئوڭۇشسىزلىق قەدەمدە بىر پۇتلىشىپ تۇرىدۇ. ئۇلاردىن قانداق << ئاتلاپ >> ئۆتۈشنى بىلسىڭىز ، توسالغۇ بولالمايدۇ. بەزىدە ئۇنچىلا قايغۇرۇپ ، دەرد چېكىپ ياشاشنىڭ ئورنى ۋە ئەھمىيىتى يوقلۇقىنىمۇ بايقاپ قالىدىكەنسىز . دېمىسىمۇ ، قىسقا ھاياتتا ئارتۇقچە ئازاپ چېكىپ ، غەم - ئەندىشىدە ياشاشنىڭ نە قىممىتى ، نە ئورنى بولسۇن ؟
گەرچە ئادەم ئۆمرىنىڭ ھامىيسى بولالمىسىمۇ ، مەلۇم دەرىجىدە مەنىلىك ئۆتكۈزەلىشىنىڭ ھوقۇقدارى . بۇنىڭ رېتسىېپى دەل شۇ ئادەمنىڭ ھاياتقا تۇتقان << پوزىتسىيە >> سىدە.
<< قايغۇرماڭ ، باتۇرلاچە ياشاڭ >> ، << مەغلۇبىيەت مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئانىسى >> ، << بىر ئوڭۇشسىزلىققا يولۇقساڭ ، بىر ئەقىل تاپىسەن>> دېگەن گەپلەر شۇنى ئۇقتۇرىدۇكى ، << غەم >> نى <<پەم >> بىلەن بىر تەرەپ قىلىش كىشىگە ئۇنتۇلغۇسىز راھەت ، مۇۋەپپەقىيەتلەرنى ئاتا قىلىدۇ، شۇڭا ئەجداتلىرىمىز ئېيتقاندەك ؛ << تاماققا تەم كېرەك ، ئادەمگە پەم >>

مەنبە ؛شىنجاڭ  قانۇنچىلىق گېزىتى

بۈگۈنىگە باش قاتۇرمىغان ، ئەتىسىگە نىشان بەلگىلىمىگەن ئىنساننىڭ ئىستىقپالى قاراڭغۇ بولىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57928
يازما سانى: 1184
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1592
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 387 سائەت
تىزىم: 2011-9-25
ئاخىرقى: 2012-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 07:58:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى تىما بوپتۇ  بۇتىمنى ئوقۇپ ھاياتتىكى نۇرغۇن ئىشلارنى تەپەككۇر قىلىپ قانداق قىلغاندا يەڭگىلى بۇلىدۇ باشقا بىرەر ئىش كەلسە دەپ ئويلاۋاتىمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72237
يازما سانى: 650
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1575
تۆھپە نۇمۇرى: 10
توردا: 414 سائەت
تىزىم: 2011-12-29
ئاخىرقى: 2012-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 08:57:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تېيمىدىن بىرنى كۆرگىنىمدىن خۇرسەن بولدۇم ، غەم قىلغۇچە ، پەم قىل.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78586
يازما سانى: 310
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 567
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 107 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2012-6-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-23 11:14:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش