قارا شىۋىرغان
( ھېكايە)
بامدات نامىزىدىن يانغان ناسىر ئەمەت دارۋازىنىڭ يان تەرىپىگە تىكلەپ قويۇلغان كۆتەكنىڭ ئۈستىدە ئولتۇردى . ئۇنىڭ ئىچىنى قانداقتۇر بىر نەرسە تاتىلاۋاتقاندەك بىئارام بولاتتى . كۆزلىرىدىن غەزەپ نەپرەت ، ئۆچمەنلىك چىقىپ تۇراتتى . قاپىقى پۈرۈشۈپ قوشۇمىسى تۈرۈلگندى ، چىرايىدىن قار – مۇز تۆكۈلۈپ تۇراتتى .
- ناسىراخۇن ، ئۇتتۇرۋەتكەن قىمارۋازدەك ئولتۇرۇپ كېتىپسىلەرغۇ ؟ - تام خوشنىسى قۇرباننىيازاخۇن چاقچاق قىلىپ شۇنداق دىدى .
- ئىت پوق يىمەستە نىمە سەپرايىمنى ئۆرلىتىدىغان گەپ قىلسىنەۋا شوۋچى .
- سىلىگە نىمە بولدى ناسىراخۇن چېچىلىپ قاپسىلەرغۇ،شاللىقىڭلارنى چوشقا پېتىقلىۋەتكەندەك. ئوڭ يېتىپ تەتۈر قوپۇپ قالمىغانسىلەر ، تايىنلىق ؟
- قانداق يېتىپ قوپسام سېنىڭ نىمە كارىڭ ئىتنىڭ يالىقى .
- ئامراق خوشنام دەپ ئىچىم كۆيۈپ مۇنداقلا سەپ قويغان گەپكە نىمانچىلا چېچىلىپ كېتىسىلەر ، مەندىن ئۆتكەن بولسا مىنى كەچۈرۈڭلار ، ئەلپازىڭلار بەك يامان تۇرىدۇ ، مەن سىلەرگە ناماقۇل .
- تولا كۆزۈمگە كىرۋالماي يوقۇلەۋا نائەھلى ، بولمىسا ھېلى بىكار ...
- سەت تۇرىدۇ ، ۋاقىرىماڭلار ، باشقىلارغا ئويۇن قويۇپ بەرمەيلى ، زادى سىلەرگە نىمە بولدى ، ئەتىگەندە كەيپىڭلار چاغقۇ ؟ ...
تۇيۇقسىز كۆتۈرۈلگەن ۋاقىراش – جاقىراشلارنى ئاڭلاپ ، ئۇلارنىڭ جوتۇن – بالىلىرى يۈگۈرەپ چىقىشتى .
- ۋاييەي ، سىلەرگە نىمە بولدى ؟
- بولدى قىلىڭلار ، بۇ نىمە سەتچىلىك ئەمدى ؟
- نىمە تالىشىپ قالدىڭلار ؟
- نۇمۇس قىلساڭلارچۇ ؟
قولىغا ئېسىلىپ ئۆيىگە ئەكىرىپ كىتىش ئۈچۈن ھەدەپ كۈچەپ تارىۋاتقان ئايالىنى زەردە بىلەن ئىتىرۋەتكان ناسىر ئەمەت ئىچ – ئىچىدىن ئېتىلىپ ىقىۋاتقان ئاچچىقىنى باسالماي ، ئاغىزىغا كەلگەننى ياندۇرماي چالۋاقايتتى .
- ماڭاۋا پاسكىنا قانجۇق ، كۆزۈمدىن يوقال .
ماۋۇ ئادەم ساراڭ بولدىمۇ نىمە ؟
- ھەئە ، مەن ساراڭ ، يېمەي يېدۈرۈپ ، كەيمەي كىيدۈرۈپ سەندەك بىر رەسۋاغا ئەقىدە باغلاپ كەلگەندىكىن مەن ساراڭ بولماي كىم ساراڭ بولاتتى .
- دادىسى نىمىنداق پەلىپەتىش سۆزلەپ يۈرۈيسىلەر ؟
- مەن پەلىپەتىش سۆزلىدىمما ؟ مانا ئۇنداق بولسا ، - ناسىر ئەمەت ئايالىنىڭ ئاغىزىغا كۈچەپ بىر مۇشت ئۇردى . شۇئان ئايالنىڭ ئېغىز – بۇرنىدىن قان ئوقتەك ئېتىلپ چىقتى .
- ناسىراخۇن ماۋۇ ئىشىڭلار قاملاشمىدى . بىگۇناھ ئايالنى نىمىشقا ئۇرىسىلەر ؟
- ئۇرسام ئۆزۈمنىڭ جوتۇنىنى ئوردۇم ، ساڭا نىمە دەز كەتتى . خوتۇنىنىڭ كوسىرىنى سېتىپ خەجلەيدىغان گۇي ...
- ئاغىزىڭلارنى چايقىۋېتىپ سۆزلەڭلار ، گەپنى دىدىم دەپلا دېسىلە بولمايدۇ ، بىز ئۇزاق يىللىق قوشنا ، سەت تۇرىدۇ .
- ئىچىمنى سىقىپ نېمانداق تولا سۆزلەيسەن ، گېپىڭ بارما ، - ناسىر ئەمەت قۇرباننىيازاخۇننىڭ ئالدىغا دىۋەيلەپ كەلدى – دە ، ئۇنىڭ قاڭشىرىغا كۈچەپ بىر مۇشت ئۇردى .
- ناسىراخۇن ساراڭ بولۇپ قالمىغانسىلەر ، - قۇرباننيازاخۇن ياڭاق چوڭلىقىدا ئىششىپ چىققان قاڭشىرىنى سىلىلاپ تۇرۇپ ، شۇنداق دىدى .
قۇلۇم – خوشنىلارچىقىپ ئۇلارنى ئۆيلىرىگە كىرگۈزۈۋىتىشتى . ناسىر ئەمەتنىڭ ھويلىسىدىن خېلى بىر ھازاغىچە ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشتۇرىدىغان سېسىق ، بىزەپ تىل – ھاقارەتلەر ئاڭلىنىپ تۇردى . ئارتۇقچە گۇمان ئۇنى رىج ئۇقماس تەلۋىگە ئايلاندۇرۇپ قويغاندى .
شۇنچە يىل ئىجىل ، ئىناق بۇ خوشنىلارغا نىمە بولغانلىقىنى ھېچكىم بىلەلمىدى . ئۇلارنىڭ ئەتتىگەندىلا جدەللىششى دوستلارنى ئازاپلىسا ، دۈشمەنلەر ئۈچۈن ئويۇن – تاماشا بولدى .
بۇ ئاي ، بۇ كۈنلەردە ئادەملەردە مېھرى – مۇھەببەت سۇسلاپ كەتتى ، ۋاپا – ساداقەت پۇچەكلەشتى ، كۆڭۈللەر يىراقلاشتى ، بىر – بىرىگە بولغان ئىشەنچ يىگىلىدى ، قەدىمىي ئەنئەنىلەرگە مىتە چۈشتى ، ئارىغا گۇمانخولۇق ، ئىناقسىزلىق ، پىتنىخورلۇق ، غەيۋەتخورلۇق يامراپ كاتتى . قۇربانىيازاخۇن قوشنىسىنىڭ بۈگۈنكىدەك تەتۈرلىكىنى 35 يىلدىن بىر بىرەر قېتىممۇ كۆرۈپ باقمىغاندى . قوشنىسىغا نىمە بولغانلىقىنى بىلەلمىگەن قۇرباننىيازاخۇن ئىچىنى مۈشۈك تاتىلىغاندەك بىئارام بولاتتى . قوشنىسىنىڭ قىلغان ئازارلىرى ئۇنىڭغا بەكمۇ ئېغىر كەلگەندى .
<< قوشنامغا نىمە بولغاندۇ ؟ ئەجەپ بىر سەتچىلىك بولدىيا ئەتىگەندە ، مەنمۇ ئۇنىڭ كەيپىياتىغا قارىماي چاخچاق قىلىپ يامان قىپتىمەن – دە ، كەيپىياتى جايىدا بولسا بۇ قوشنامدەك چاقچاقچى ، چىقىشقاق كىشى يوقتى . ھەي ئىسىت ... >> ئىچىنى تىت – تىتلىق چىرمىۋالغان قۇرباننىيازاخۇن بېغىغا كىرەتتى ، بېغىدىن ھويلىسىغا چىقاتتى . توختىماي ئۇياندىن – بۇيانغا ، بۇياندىن – ئۇيانغا ماڭاتتى .
<< ئى گەپنى دەيمىنا ئەتىگەندە قىمارۋازغا ئوخشىتىۋاتقىنىنى ئادەمنى ، < ئېتىزىڭنى چوچقا پېتىقلىۋەتمىگەندۇ ؟ > نىمە دېگىنى ئۇنىڭ بۇ ، ئېچىشقان يەرگە تۇز سەپكەندەك ... >> ئويلىغانسېرى ناسىر ئەمەتنىڭ سەرايى ئۆرلەپ ، ئىچىدە چايان قۇتىرىغاندەك ئازاپلىنىشقا باشلىدى .
- ھەي خوتۇن .
- مانا مەن .
- تۈنگۈن ماۋۇ گۇي نىمىشقا كەپتىكەن قاق چۈشتە بىزنىڭ ئۆيگە ؟
- كىمنى دەيدىلا ؟
- بىلمەس بولىۋالما شوۋچى ، سەن ئۇنىڭغا چاپان ياپماقچىما ؟
- ھە قۇرباننىيزاخۇننى دەمدىلا ؟
- ھەئە .
- سۇيۇقئاش ئېتىپتىكەن ، سىلىنى باشلىغىلى كىرىپتىكەن شۇ .
- يالغان ئېيتما ، سىنى باپلىغىلى كىرگەندۇ تايىنلىق .
- نىمە تايىنى يوق گەپلەرنى قىلىپ يۈرۈيسىلەر دادىسى ، ئېلىشىپ قالمىغانسىلەر ، قېرىغاندا نىمە گەپ بۇ ئەمدى .
- مەن قېرغان بىلەن سەن قېرمايسەن ئەمەسمۇ ؟
- دادىسى بۇ پاسكىنا گەپنى باشقا بىرسى ئاڭلاپ قالمىسۇن ، بالا – ۋاقلار ، نەۋرىلەر ئۇقۇپ قالسا بەك سەت بولىدۇ .
- سەت بولىدىغانلىقىنى بىلىدىكەنسەن ئەجەپ . ئۆيگە باشقا بىر ئەرنى باشلاپ كىرىدىكەنسىنا ؟
- سىلىنى باشلىغىلى كىرىپتىكەن دېدىمغۇ ، نېمانداق تەتۈرلۈك قىلىلا ؟
- ئەمىسە نىمىشقا ماڭا گەپ قىلىشقا پېتىنالماي غىپپىدە ھويلىدىن چىقىپ كىتىدۇ .
- كۆرمىگەندۇ سىلىنى تايىنلىق .
- سەن ئۇنى ئاقلايمەن دەپ ئاۋارە بولما ، ئېيتە زادى تۈنگۈن چۈشتە ئۇنىڭ بىلەن نىمە ئىش قىلدىڭ ؟
- توۋا دەڭلا دادىسى ، بۇ نىمە گەپ ئەمدى ...
- توۋا – پوۋاڭنى قويۇپ راستىڭنى ئېيىت ، بولمىسا قوي بوغوزلىغاندەك بوغوزلىۋېتىمەن .
- ئەزبىرايى خۇدا ، مەن مۇشۇ چاققىچە سىلىگە قارا سانىغان بولسام مېنى يەر تۈتسۇن ، غۇسلى تاھارەت ئېلىپ ، قۇرئان تۇتۇپ قەسەم ئىچەي ، نان دەسسەپ بىرەي ، سىلىگە يۈز كېلەلمەيدىغان ھېچ قانداق ئىش قىلمىدىم دادىسى .
30 نەچچە يىللىق قەدىناسنىڭ ئەلپازىنىڭ يامانلىقىدىن قورققان گۈلسۈمخاننىڭ يۈرىكىنى بىر ۋەھىمە چىرمىۋالدى . ئۇ ئېرىنى ھېچقاچان بۇنداق ئەلپازدا كۆرمىگەچكە يۈرۈكىنى بىر قورقۇنۇچ چاڭگىلىغا ئېلۋالغاندى .
- مېنى تولا كولدۇرلاتماي راستىڭنى ئېيىت پاسكىنا ، ئىت پوقىدا زاڭ ئەتكەندەك قىچقىرمىسمۇ قاق چۈشتە يەنە كېلىپ ، مەن ئۆيدە يوق چاغدا ئۇ جومسىغا بىزنىڭ ئۆيدە نىمە بار دەيمەن ؟
- دادىسى گۇمانخورلۇق قىلماڭلار ، گۇمان ئىماننى قاچۇرىدۇ دېگەن گەپ بار ، دېگەنلىرىم راست ، سىلىنى چاقىرغىلى كىرىپتىكەن ، نېمانداق ئادەمنى چۈشەنمەيدىلا دەيمەن ... – خورلۇق ، ئاھانەتتىن گۈلسۈمخاننىڭ كۆزلىرى لىققىدە ياشقا تولغاندى ، ئاۋازىمۇ تىتىرەپ كەتتى .
تۇنۈگۈن ئاياغ مەھەلىدىكى بۇغدايلىرىنىڭ ئاخىرقى سۈيىنى تۇتۇپ قايتقان ناسىر ئەمەت يان ئىشىك بىلەن ھويلىغا كىردى – دە ، دارۋازىدىن غىپپىدە چىقىپ كەتكەن قۇرباننىيازاخۇننى ككردى . ئۆيگە كىرىپ ، ئۆي ئىچىدە ئايالىدىن باشقا ھېچكىمنىڭ يوقلىقىنى كۆرگەن ناسىر ئەمەتنىڭ قاپىقى بىردىنلا تۇتۇلدى . كۆڭلىگە بىر قارا كۆلەڭگۈ چۈشتى . چىۋىن يەۋالغاندەك بىر تۇيغۇ ئۇنى بىئارام قىلىشقا باشلىدى ...
ئەزەن ئېيتىلغىچە گادىرماچ ئوي – خىيالار بىلەن ئۇخلىيالمىغان ناسىر ئەمەت ئورنىدىن تۇرۇپ ، ئايالى تاھرەتكە راسلاپ بەرگەن سۇنى تۆكۈۋىتىپ ، ئۆزى باشقىدىن سۇ راسلاپ ، ئىۋرىقنى كۆتۈرگىنىچە سىرتقا چىقىپ كەتتى . ئېرىنىڭ بۇ قىلىقىدىن كۆڭلى بەك ئازار يىگەن گۈلسۈمخاننىڭ كۆزلىرىدىن ياشلار تاراملاپ تۆكۈلىشكە باشلىدى . تالاي يىللاردىن بۇيدن ئېرىنىڭ بۇنداق تاتۈر خۇيىنىڭ بارلىقىنى بىلمىگەن ئايال ھەسرەت بىلەن ئۇلۇغ – كىچىك تىنىپ ، ئەلەم بىلەن ئېغىر ئۇھ تارتتى . شۇ تاپتا ئۇنىڭ كۆڭلى تولىمۇ پەرشان ، تولىمۇ يېرىم ئىدى ، ئۇنىڭغا بىرەرى تەسەللى بېرەلمەيتتى .
ناسىر ئەمەتنىڭ نامىزى ناماز بولمىدى . << قوشنام ماڭا قارا سانىدى ، خوتنۇم دېگەن يۈزسىز ، شەرمەندە بىر پۇتى گۆرگە ساڭگىلىغاندا ماڭا ۋاپاسىزلىق ، تۇز كورلۇق قىلدى . ناچچە يىلدىن بۇيان باغرىمغا بېسىپ ، مېھرىمنى بىرىپ كەلگىنىم ئايال ئەمەس ، بىر زەھەرلىك يىلان ئىكەن ئەمەسمۇ ، چايان ئىكەن ئەمەسمۇ ، ئاھ خۇدا مەن ئالدىڭدا نىمە گۇناھ ئۆتكۈزگەن بولغىيتىم ، بۇنداق جازالىغىچە ، نەۋرىلىرىم ئېڭىكىمگە تاقاشقاندا بۇ ماڭا نىمە كۆرگۈلۈك ... >> نامازنىڭ پەرزىگە تۇرغاندىمۇ ئاشۇنداق ئوي – خىيالار ئۇنىڭغا زادىلا ئارام بەرمىدى . گۇمانخورلۇق ئۇنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدىنى چىرماپ كەتمەكتە ئىدى . ئۇ نىمىگىدۇر ئالدىرايتىى ، تىت – تىت بولاتتى ، ئىمامنىڭ نامازنى بالدۇرراق ئاخىرلاشتۇرىشىنى ئۆمۈد قىلاتتى .
- ھۇ كوڭلى پەس ئىنجۇ – مەرۇق ، ئايىغى سۇيۇق جالاپ جىم بولۇپ كەتتىڭغۇ مانا ئۆزۈڭنىڭ گۇناھىنى تەن ئالمىغىنىڭ . رەسۋالىقىڭغا قايىل بولمىغىنىڭ ، سىنى شۇ تاپتا قىيما – چىيما قىلىۋەتسەممۇ دەردىم چىقمايدۇ ، - ناسىر ئەمەتنىڭ شۇ تاپتىكى كۆزلىرى ئادەمگە قىزىلمۇچنى ئەسلىتەتتى . ئېرىنىڭ كۆزلىرىنىڭ دەھشىتىگە چىدىيالمىغان گۈلسۇمخاننىڭ يۈرۈكى ئۆڭۈپلا تۇراتتى .
- دادىسى ئادەمگە بۇنچىۋالا ئۇۋال قىلمىسىلا ، مېنى بۇنچىۋالا خورلىمىسىلا ... – گۈلسۇمخاننىڭ بىردىنلا تېنى شۈركۈنىپ ، ۋۇجۇدىنى بىر خىل خورلۇق يىغىسى باستى . كۆز ئالدى قاراڭغۇلاشتى ، تېنىنى بىر خىل ھالسىزلىق چىرماشقا باشلىدى . گۈلسۇمخاندىكى ئاجىزلىق ، يېلىنىش ناسىر ئەمەتنىڭ ئوغىسىنى قاينىتىۋەتتى .
- مەن ساڭا ئۇۋال قىلدىمما ھۇ توخۇ پوقى ، سەن ماڭا ئۇۋال قىلدىڭ ، سەن مېنى يەر قىلدىڭ ، - ئۇنىڭ غەزەپلىك كۆزلىرى ھېلىلا چانىقىدىن چاچراپ چىقىپ كېتىدىغاندەك قىلاتتى .
- ئالاھ گۇۋا ، مەن سىلىنى يەرگە قارىتىدىغان ، ئەرلىك غورۇرۇڭلارنى دەپسەندە قىلىدىغان ھېچقانداق ئىش قىلمىدىم ، خۇدا ھەققى ھېچ ئىش قىلمىدىم .
گۈلسۇمخان لاغىلداپ تىتىرەيتتى ، ئۇنىڭغا ئېرىنىڭ ھاقارەت ، بۆھتانلىرى بەكمۇ ھار كەلگەندى . ئۇ يۈرىكى چوغدا پۇچىلانغاندەك ئازاپلىناتتى . ۋۇجۇدى گۈلخان ئىچىدە كۆيۋاتقاندەك ھەسرەتلىك ، ئەلەملىك ئېچىشاتتى . چەكسىز بىر خورلۇق ئۇنىڭ تومۇر - تومۇرلىرىغا ئېقىپ كىرىپ ، چەكسىز بىر ئازاپ ئۇنى ئامبۇردەك قىسماقتا ئىدى .
<< ئاھ خۇدا ، چدچلار ئاقىرىپ ، ئېغىزدا چىشلار قالمىغاندا بۇ ماڭا نىمە خورلۇق ، نىمە تارتقۇلۇق ، نى ئات ، نى نۇمۇس ، ئىپپەت ، نۇمۇس كىم خالىسا شۇنىڭغا بىرىدىغان بويۇم ئەمەستە ، ئۇ دېگەن ئاياللارنىڭ غورۇرى ، ئىززىتى ھەم قىممىتى . ئايال ئۈچۈن ھاياتىدىنمۇ قىممەت . توۋا بالىلارنىڭ دادىسىنىڭ قىلۋاتقان ئەسكىلىكىنى ، قاراپ تۇرۇپلا مەندىن گۇمانلاندى ، مېنى قاتتىق خورلىدى ، قاتتىق ھاقارەتلىدى ، ئەمدى قانچە قىلساممۇ بىكار ، ئاھ خۇدا بۇ ماڭا نىمە تارتقۇلۇق ... >>
ئەتىسى بامدات نامىزىدىن يانغان جامائەتلەر توپى ناسىر ئەمەتنىڭ ئۆيىگە قاراپ دەۋرىدى . گۈلسۇمخاننىڭ كۈتۈلمىگەن ئۆلىمى ئۇرۇق – تۇققانلارنى گاڭگىرىتىپ ، قۇلۇم – قوشنىلارنى ئۆرە – تۆپە قىلۋەتتى . نادامەتلىك ، مۇڭلۇق ، ھەسرەتلىك يىغا – زارە يۈرەكلەرنى ئېزەتتى .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-22 08:45 PM