مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 358|ئىنكاس: 5

ياشاش-ئالىي ھوقۇق [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32830
يازما سانى: 281
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9838
تۆھپە نۇمۇرى: 1679
توردا: 6339 سائەت
تىزىم: 2011-3-6
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 03:33:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ياشاش-ئالىي ھوقۇق

ئىككى شېرىكى بىلەن بۇلاڭچىلىق قىلدى، ماشىنا بۇلىدى. بۇلاڭچىلىق قىلىۋېتىپ ئوق چىقاردى، ئادەم ئۆلمىدى. تۇتۇلدى، سوت قىلىندى، ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلدى. نارازى بولدى. ئالىي سوت نارازىلىق ئەرزنى رەت قىلدى. ئەمدى ھۆكۈمنى ئىجرا قىلىدۇ، مىلتىق بىلەن ئاتامدۇ، دارغا ئاسامدۇ ياكى چاپامدۇ، ئىش قىلىپ ئۆلتۈرىدۇ.

ب د ت دېيىلىدىغان خەلقئارالىق تەشكىلات بارلىقىنى بىلدى. ب د ت نىڭ قۇرۇلتىيىدا «پۇقرالىق ھوقۇقى ۋە سىياسىي ھوقۇق خەلقئارا ئەھدىنامىسى» ماقۇللانغاننى، كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى كومىتېتى، دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئاپپارات بارلىقىنىمۇ بىلدى. شەخسلەر ئەرز سۇنسا بولىدىكەن، ئەرز سۇندى. «بۇلاڭچىلىق قىلىۋېتىپ ئوق ئاتتىم، ئادەم ئۆلتۈرمىدىم، ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلدى، مەن قايىل ئەمەس، قاتىللىق قىلغان بۇلاڭچىدىن پەرقلەندۈرۈش كېرەكتى»، دېدى. ئەرزى قوبۇل قىلىندى.

ئەرزىيەتچى زامبىيەلىك ئىدى، زامبىيە ھۆكۈمىتى جاۋاب قايتۇردى: بۇيەردە قۇراللىق بۇلاڭچىلىق بىر ئاپەت، بۇلاڭچىلىق قىلغاندا قۇرال ئىشلەتكەنلەرگە ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلىش قانۇنىمىزدا بەلگىلەنگەن، ھۆكۈمنى لاياقەتلىك سوت چىقارغان، دېدى.

كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى كومىتېتى ئېيتتى: «ئەھدىنامە»دە ئەڭ ئېغىر جىنايەتكىلا ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلىشقا ئىجازەت بېرىلگەن، ئەرزىيەتچى بۇلاڭچىلىق قىلغاندا ئوق چىقارغان، ئادەم ئۆلمىگەن، يارىلانمىغان. جازا ئۆلچەشتە بۇنى ئويلىشىش زۆرۈر ئىدى، قاتىللىق قىلغان بۇلاڭچىدىن پەرقلەندۈرۈش كېرەك ئىدى، سوت قانۇن بويىچە جازا ئۆلچىگەندە بۇ تەرەپلەرنى نەزەرگە ئېلىشقا ئامالسىز قالغان. ئەرزىيەتچىنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىش «ئەھدىنامە»دىكى ھاياتلىق ھوقۇقىنى قوغداشقا ئائىت ماددىسىغا خىلاپ.

بىگۇناھ پۇقرانى تۇتقۇن قىلدى. تۇتقۇن قىلغۇچىلار يوشۇرۇنىدىغان ئۆي مەلۇم بولدى، ساقچىلار ئوقتەك بېرىپ ئۆينى ئاختۇردى، ئادەم تېپىلمىدى. ئۆيگە يوشۇرۇنۇپ كۈتۈپ تۇردى. يەتتە ئادەم كەلدى، ئارىسىدا بىرى ئايال ئىدى، ئىشىكتىن كىرىپلا ئوققا تۇتۇلدى.

ئايالنىڭ ئېرى ئەرز قىلدى. ساقچىلار يوللۇق قوغداندۇق، ئاۋال بىزگە ئوق چىقاردى، دەپ ئۆزىنى ئاقلىدى. يالغانچىلىق ئاقمىدى، ئۆلگەنلەرنىڭ ئوق چىقارمىغانلىقى ئېنىقلاندى. شۇنداقتىمۇ ساقچىلار گۇناھسىز، دېيىلدى، تۇتقۇن قىلغۇچىلارنى توسۇش ۋە تۇتۇشتا ساقچىلار ئوق چىقارسا بولىدۇ، دېيىشتى. بۇ ئىش كولومبىيەدە بولغان ئىش ئىدى.

كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى كومىتېتى ئېيتتى: ھاياتلىق ئەڭ ئالىي ھوقۇق، ئىنساننى ھاياتىدىن خالىغانچە مەھرۇم قىلىش قاتتىق چەكلىنىدۇ. ساقچىلار ئاگاھلاندۇرمىغان، تەسلىم بولۇشقىمۇ پۇرسەت بەرمىگەن، تۇتقۇق قىلغۇچى دەپ گۇمانلانغان يەتتە ئادەمنى قەستەنمۇ-قەستەن ئېتىۋەتكەن، دۆلەت ھەرقانچە چوڭ خەتەرگە يولۇققان، جىددى ھالەت يۈرگۈزۈلگەن تەقدىردىمۇ پۇقرانى ھاياتىدىن مەھرۇم قىلىشنىڭ باھانىسى بولماسلىقى كېرەك. ئەرزىيەتچىگە ئايالىنىڭ ئۆلۈمى ئۈچۈن تۆلەم بېرىلىشى كېرەك.

مۇئەللىپ زامبىيەگە، كولومبىيەگە بارمىغان، بۇ ئىشلارنى كۆزى بىلەن كۆرمىگەن، قۇلىقى بىلەن ئاڭلىمىغان، كىتابلاردىنلا ئوقۇغان. بەزىلەر ئۆزىنىڭ، ئۆزگىنىڭ ھاياتلىق ھوقۇقىنى قوغداشقا شۇنداق ئەھمىيەت بېرىدۇ، يەنە بەزىلەر ئۆزىنىڭ، ئۆزگىنىڭ جېنى بىلەن ئوينىشىدۇ. بۇنداق ئىشلار مۇئەللىپنىڭ ئەتراپىدا پات-پات يۈز بېرىپ تۇرىدۇ:

پالتا-پىچاقلارنى ئېلىپ بازارغا باردى، بازارچىلارغا پالتا چاپتى، پىچاق تىقتى، بىرمۇنچە ئادەم ئۆلدى-يارىلاندى، ئۇلار ئۆز تىرىكچىلىكىنى قىلىۋاتقان ئاۋام-پۇقرا ئىدى. ساقچىلار كەلدى، ئوق ئالدىدا پالتا-پىچاق كارغا كەلمىدى، ئۆلگىنى ئۆلۈپ، ئۆلمىگىنى تۇتۇلدى، سوت قىلىنىپ ئېتىلدى.

سۇ تالىشىپ ئۇرۇشتى، كەتمەن بىلەن چانىدى، ئۆلدى.

خوتۇنى يامانلاپ كەتتى، ئارقىسىدىن بېرىپ، قېيىنئانىسى بىلەن تۇتۇشتى، خوتۇننىمۇ، ئانىسىنىمۇ ئۆلتۈردى.

ئادەملەر توپىنى ماشىنا بىلەن سوقتى، موتسېكىلتنى پارتلاتتى، بىر مۇنچە ئادەم ئۆلدى...

«جان بولسا جاھان، ئاش بولسا قازان». ياشاش-ئالىي ھوقۇق. ئۆزىنىڭ، ئۆزگىنىڭ جېنى بىلەن ئويناشقانلار چۈشىنەرمۇ؟...

مەنبە: قەلەم


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35357
يازما سانى: 330
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4403
تۆھپە نۇمۇرى: 529
توردا: 2581 سائەت
تىزىم: 2011-3-27
ئاخىرقى: 2012-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 04:01:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېمىنىڭ بېشى تاققا تۇققا ئۇقۇۋېتىپ ئايغىغا كەلسە مەنىلىك ، ئىشقىلىپ مەن تازا چۇشۇنەلمىدىم ، ئادەتتە ھەرقانداق يازما تەپسىلى بولمىسا ئانچە چۇشۇنۇپمۇ كەتمەيمەن ، ھەي بۇ دۆتلۇكۇمنى ..........

نىتىڭىز خالىس ئەمىلىڭىز سالىھ بولسۇن.

ئىغىلدا ياشىساڭ ، ئىشەكنىڭ خۇي

تىرىشچان ئەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12462
يازما سانى: 451
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15888
تۆھپە نۇمۇرى: 2156
توردا: 6600 سائەت
تىزىم: 2010-10-2
ئاخىرقى: 2012-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 04:27:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چۈشۈنۈشلىك ، لىكىن ئالىي ھوقۇقمۇ يوق ، چۈنكى چىۋىننىڭ نەشتىرى بار ئەمەسمۇ ؟ قۇلقىمۇ بار ؟

ئاللاھ جاجاڭنى بەرسۇن . بىزگە قىلغان ئەتكەنلىرىڭنىڭ 1000 مىڭى بولسۇن !

ھەرقاچان خۇشال ي

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58510
يازما سانى: 395
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2432
تۆھپە نۇمۇرى: 200
توردا: 1188 سائەت
تىزىم: 2011-9-29
ئاخىرقى: 2012-6-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 05:31:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق ھەرخىل ئىشلار ئەتراپىمىزدا يۈز بېرىپ تۇرىۋاتىدۇ.  

ھەربىر مىنۇت ۋاقتىىڭنىمۇ مەنىلىك ئۆتكۈزۈشكە تىرىشقىن! ئېسىڭدە بولسۇن يېيىش ئۈچۈن ياشىمىغىن، ياشاش ئۈچۈن يىگىن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67489
يازما سانى: 338
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 642
تۆھپە نۇمۇرى: 50
توردا: 133 سائەت
تىزىم: 2011-11-29
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 09:36:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن  بىر  نەرسە  چۈشەنگەندەك بولدۇم . رەخمەت سىزگە.

ۋاقىت  ئۆتمەكتە   بىزلەرگە   باقماي،
جاھانغا نەزەر سال قورساقنى باقماي.
تەكەببۇر  بولمىغىن  دەۋىر  ئالدىدا
كەمسىتمە بىراۋنى ،ھالىڭغا  باقماي .

ئۇلۇغ اللاھتىن ك

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 4984
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى : 48441
تۆھپە نۇمۇرى: 2896
توردا: 2082 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 10:21:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‹‹ياشاشنىڭ ئۆزى ئالىي ھوقۇق››دېگەن ماۋزۇنىڭ ئۆزىدىنلا چوڭقۇر مەنا چىقىپ تۇرىدۇ،مەزمۇنى چوڭقۇر تېمىكەن....
كۆڭلۈمدە ئويلىغانلىرىم كۆپ ئىدى....

مەيلى ئادەم بار چاغدا بولسۇن ياكى يالغۇز قالغان  ۋاقىتتا بولسۇن،ئازىراقمۇ يامان ئىش قىلما،ئۆز ئىززىتىنى بىلىش ھەممىدىن مۇھىم.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش