مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 305|ئىنكاس: 5

زاكالەت ، پۇتۇم پۇلى.رەنە، زىيان پۇلى... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مەن تىنىچلىق ئەل

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39646
يازما سانى: 277
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3415
تۆھپە نۇمۇرى: 650
توردا: 917 سائەت
تىزىم: 2011-5-4
ئاخىرقى: 2012-6-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 02:03:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

زاكالەت ، پۇتۇم پۇلى.رەنە، زىيان پۇلى،خىلاپلىق قىلىش پۇلى ، كاپالەت،  گۆرۆ ، قالدۇرۇپ قۇيۇش

ھازىرقى زامان سۇدا تىجارەت  توختامىدا كۆپلىگەن قانۇنى ئاتالغۇلار ۋە  سۇدا ئادەت ئاتالغۇللىرى  بۇلۇپ بەزىدە بۇنى سودا قىلىۋاتقۇچىلارمۇ بىلمەيدۇ. قانۇنى ئاتالغۇ  ۋەسۇدا ئاتالغۇ   ئۇقۇملىرنى  توختامدا بىلىپ بىلمەي ئىشلىتىپ بەزى مۇۋاپىق بۇلمىغان ئاۋارىچىلىقلارغا ئۇچرايدۇ. تۇختامدا كۆپ ئۇچرايدىغان قانۇن ئاتالغۇ ۋە تەرەپلەر پۇتۇشىدىغان سۇدا ئاتالغۇ  ئۇقۇملىردىن زاكالەت (定金) ، پۇتۇم پۇلى (订金).رەنە  (抵押)، زىيان پۇلى (赔偿金) ،خىلاپلىق قىلىش پۇلى (违约金) ، كاپالەت (保证) ، گۆرۆ    (质押)، قالدۇرۇپ قۇيۇش (留置)، قاتارلىقلار بار . بۇلارنىڭ ،ئىشلىتىش ئورنى ،قانۇنى ئۇنۇمى جەھەتلەردىن زۇر پەرىق بۇلۇپ ھەر قايسىسنىڭ ئۇز ئالدىغا قانۇنى ئۇنۇمى ۋە رولى بار.

  زاكالەت پۇلى .بۇ بىر  خىل قانۇنى ئۇقۇم بۇلۇپ توختامنىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۇچۇن قانۇن بۇيىنچە توختامدا بىكىتىدىغان قانۇندا بەلگىلەنگەن ياكى  تەرەپلەر بىكىتىدىغان پۇلدۇر.«تۇختام قانۇنى» نىڭ 115 –ماددىسدا «ئالاقىدارلار‹ كىپىللىك قانۇنى› بۇيىنچە ھەقدارلىق كىپىلى سۇپىتىدەبىر تەرەپنىڭ قارشى تەرەپكە زاكالەت بىرىشىنى پۇتۇشسە بۇلىدۇ.قەرىزدار قەرىز تۆلىگەندىن كىيىن ،زاكالەتنى مال پۇلىغا ھىساپلىىشى ياكى قايتۇرلىشى لازىم .پۇتۇشكەن قەرىزنى تۆلىمىگەن زاكالەت بەرگۇچىدە زاكالەتنى قايتۇرۋىلىشنى تەلەپ قىلىش ھۇقۇقى بۇلمايدۇ.پۇتۇشكەن قەرىزنى تۆلىمىگەن زاكالەت ئالغۇچى زاكالەتنى ئىككى ھەسسە بۇيىنچە قايتۇرىشى كىرەك» دىيلگەن .كىپىللىك قانۇنىنڭ 91-ماددىسىدا «زاكالەتنىڭ مىقدارىنى تەرەپلەر بىكىتىدۇ ،بىراق تۇختام نىشانىنىڭ %20 دىن ئىشىپ كەتمەسلىك كىرەك »دىيىلگەن .بۇنىڭدىن قارىغاندا تەرەپلەر توختام تۇزگەندە زاكالەت بەرسە بۇلىدۇ ،زاكالەت توختام  ئۇمۇمى نىشان قىلغان سۇدا سۇممىسىنىڭ %20 دىن ئىشپ كەتسە بۇلمايدۇ.ئەگەر زاكالەت قانۇندا بەلگىلەنگەن ساندىن ئىشىپ كەتسە قانداق بۇلىدۇ؟ئىشىپ كەتكەن قىسمى زاكالەت ئەمەس ،ئالدىن تۆلەنگەن پۇل دەپ قارالسا بۇلىدۇ.زاكالەت تاپشۇرۇلغاندىن كىيىن زاكالەت بەرگۇچى ئەگەر سۇدىدىن يىنىۋالسا زاكالەت پۇلىنى تەلەپ قىلىش ھۇقۇقى بۇلمايدۇ،زاكالەت ئالغۇچى ئەگەر سۇدىدىن يىنىۋالسا زاكالەتنى زاكالەت بەرگۇچىگە ئىككى ھەسسە قىلىپ قايتۇرۇشى كىرەك. سودا پۇتۇپ مال پۇلى پۇتۇنلەي تۇلەپ بۇلۇنغاندا زاكالەت پۇلى زاكالەت بەرگۇچىگە قايتۇرىلىشى ياكى زاكالەت توختامدىكى سۇدا پۇلىغا تۇغىرلىنىشى كىرەك. شۇنىڭ بىلەن زاكالەت ئاياغلشىدۇ.زاكالەت تەرەپلەرنىڭ «توختامدىن يىنىۋىلىشىنى ئالدىنقى شەرىت قىلىدۇ ،توختامدىن يىنىۋىلىش ھەركىتى شەكللەنسىلا تەرەپلەرنىڭ زىيانغا ئۇچرىغان ئۇچرىمىغىنىغا شەرىت قىلماي زاكالەتنى تەدبىقلاشقا بۇلىدۇ.شۇنىڭ ئۇچۇن زاكالەت بىر جازا خاراكتىردىكى ھەق تۆلەش ھەركىتىدۇر.توختام تۇزۇشكۇچىلەر توختام ماددىللىرغا زاكالەت دەپ ئىنىق يىزىشى كىرەك ،ئەگەر ئىنىق يازمىسا بۇ پۇل پۇتۇم پۇلى ياكى ئالدىن تاپشۇرغان پۇل دەپ قارىلدۇ.

پۇتۇم پۇلى. ئالى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ «كىپىللىك قانۇنى » ئىزاھاتىنىڭ 118-ماددىسدا پۇتۇم پۇلى دىگەن ئاتالغۇ ئۇچرايدۇ  .پۇتۇم پۇلى  توختام تۇزۇشكۇچىلەر تۇختام تۇزگەندە ئالدىن بىر قىسىم پۇلنى بىرىپ ئىككى تەرەپنىڭ ئىشەنچىنى چىڭىتىدىغان پۇلدۇر.بۇ توختامدىكى سودا ئۇچۇن ئالدىن بىرىلگەن پۇل خاراكتىردە بۇلۇپ بۇ دەل پۇتۇم پۇلىدۇر.ئۆي مۇلۇك سۇدىسدا پۇتۇم پۇلى بىرىش كۆپرەك ئۇچرايدۇ.يەنى ئۆي مۇلۇك سۇدىسىدا ئالدىن بىر قىسىم پۇل بىرىلىپ قالغان پۇل يىلغا بۇلۇپ تۆلىنىدۇ.ئالى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ «كىپىللىك قانۇنى » ئىزاھاتىنىڭ 118-ماددىسدا «ئالاقىدارلار قالدۇرۇپ قۇيۇش پۇلى ،كىپىللىك پۇلى ،كاپالەت پۇلى ،پۇتۇم پۇلى ،ياكى زاكالەت قاتارلىقلارنى تاپشۇرغان بۇلسمۇ ،زاكالەتنىڭ خاراكتىرىنى پۇتۇشمگەندە ئۇلارزەكالەت ھۇقۇقىنى تەشەببۇس قىلسا خەلق سوت مەھكىسمى قۇللىمايدۇ» دىيلگەن . دىمەك يۇقارقى پۇللارنى پۇتۇشكەندە توختامدا خاراكتىرى ئىنىق يىزىلىشى كىرەك. ئىنىق يىزىلمىسا ئاقىۋەتتە ئاۋارىچىلىك كىلىپ چىقىدۇ.پۇتۇم پۇلى تۇختامنىڭ پۇتۇشى ئۇچۇن تۇلىنىدىغان بۇلغاچقا ئۇ سودا ئادىتىدە مال پۇلى دەپ قارىلىدۇ .بۇ ئەمىلليەتتە قانۇنغا ئۇيغۇن، ئۇزۇن مەزگىللىك سودا ئادىتىنىڭ مەھسۇلى .

رەنە .كىپىللىك قانۇنىنىڭ 33-ماددىسدا «مۇشۇ قانۇندا ئىيتىلغان رەنە قەرىزدار ياكى ئۇچۇنچى كىشى مۇشۇ قانۇننىڭ 34-ماددىسدا كۆرسىتلگەن مال مۇلۇكنى ئىگىلەشنى يۆتكىۋەتمەي ،بۇ مال مۇلۇكنى ھەقدارلىقنىڭ كىپىلى قىلىشىنى كۆرسىتىدۇ.قەرىزدار قەرىز مەجبۇريىتنى ئاداقىلمىغاندا ،ھەقدار مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن بۇ مال مۇلۇكنى باھاغا سۇندۇرۇش ياكى كىم ئارتۇق سودىسى قىلىش ۋە سىتىۋىتىش يۇلى بىلەن كەلگەن مال پۇلىدىن ئالدىن تۆلەم ئىلشقا ھۇقۇقلۇق » دىيلىگەن .بۇ ماددىغا ئاساسلانغاندا رەنە دىگىنىمىز توختامدىكى بىر تەرەپ ئۇزىنىڭ تۆلەش ئىقتىدارىنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلاش ئۇچۇن مەلۇم مال مۇلۇكنى تۇختامدا پۇتۇشۇپ ،قەرىزنى تۆلىيەلمىگەندە قارشى تەرەپنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا بىرىشكە قۇشۇلىدىغانلقىنى بىلدۇرىدىغان ھەركەتتۇر.رەنە ھەركىتىدە رەنە بەرگۇچى رەنە مۇلكىنى رەنە ئالغۇچىغا توختام تۇزۇلگەندە ئەمەس بەلكى توختامنى ئادا قىلىشقا ئامالسىز قالغاندا بىرىدۇ.رەنە ھۇقۇقى قانۇن بۇيىنچە تىزىملىغان كۇندىن باشلاپ  كۇچكە ئىگە بۇلىدۇ.قانۇنغا ئاساسەن تۆۋەندىكى بۇيۇملارنى رەنىگە قۇيۇشقا بۇلىدۇ.1.رەنە قويغۇچىنىڭ ئىگىدارلىقىدىكى ئۆي جاي ۋە يەر ئۇستىدىكى مۇقۇم مۇلۇكلەر .2.رەنە قۇيغۇچىنىڭ ئىگدارلىقىدىكى ماشىنا ،قاتناش ۋاستىللىرى .3.رەنە قويغۇچى قانۇن بۇيىنچە بىر تەرەپ قىلىش ھۇقۇقىغا ئىگە دۆلەت ئىلكىدىكى يەرنى ئىشلىتىش ھۇقۇقى ،ئۆي جاي ۋە يەر ئۇستىدىكى  باشقا مۇلۇكلەر.4. رەنە قويغۇچى قانۇن بۇيىنچە بىر تەرەپ قىلىش ھۇقۇقىغا ئىگە دۆلەت ئىلكىدىكى قاتناش ۋاستىللىرى .5.رەنە قويغۇچى قانۇن بۇيىنچ ھۆددە ئالغان ھۆددە بەرگۇچى تەرەپ قۇشۇلغان قاقاس تاغ ،قاقاس جىلغا ،قاقاس ئىدىر ،قاقاس ساھىل قاتارلىق يەرلەرنى ئىشلىتىش ھۇقۇقى .ئۆي مۇلۇكنى رەنىگە قۇيۇشتا يەر ئىشلىتىش ھۇقۇقىنىمۇ بىراقلا رەنىگە قۇيۇش كىرەك.يەر ئىشلىتىش ھۇقۇقىنى رەنىگە قۇيۇشتا يەر ئۇستىدىكى قۇشۇمچە مۇلۇكنىمۇ بىراقلا رەنىگەقۇيۇش كىرەك .يىزا كەنىت كارخانىللىرنىڭ يەر ئشلىتىش ھۇقۇقىنى رەنىگە قۇيۇشقا بۇلمايدۇ،رەنىگە قۇيۇشقا توغرا كەلسە يەر ئۇستىدى زاۋۇت ،كارخانىلارنى بىراقلا رەنىگە قۇيۇش كىرەك .تۆۋەندىكى مۇلۇكلەرنى رەنىگە قۇيۇشقا بۇلمايدۇ.1.يەرگە بۇلغان ئىگىدارلىق ھۇقۇقى .2.تىرىلغۇ يەر ،ئۆي ئورنى ،قالدۇرۇق يەر ،قالدۇرۇق تاغ قاتارلىق كۆللىكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى يەرلەرنى ئىشلىتىش ھوقۇقى .3.مەكتەپ،بالىلار باغچىسى، دختۇرۇخانا قاتارلىق پاراۋانلىقنى مەقسەت قىلغان كەسپى ئورۇنلار ئىجتىمايى تەشكىلاتلار نىڭ مائارىپ ئەسھەلىرى ،داۋالاش ساقلىقنى ساقلاش ئەسھەلىرى ۋە باشقا ئىجتىمايى پاراۋانلىق ئەسھەلىرى ،4.ئىگىدارلىق ھۇقۇقى ،ئىشلىتىش ھوقۇقى ئىنىق بۇلمىغان تالاش تارتىش بار مۇلۇكلەر.5.پىچەتلەنگەن ،تۇتۇپ قىلىنغان ،نازارەت ئاستىدا تۇرۇۋاتقان مۇلۇكلەر.ئالاقىدارلار مۇلۇكنى رەنىگە قۇيۇش توختىمى ئىمزالىغاندىن كىيىن رەنە قۇيۇلغان مۇلۇكنى تىزىملىتىش كىرەك ،رەنە تىزىملاتقان كۇندىن باشلاپ كۇچكە ئىگە بۇلىدۇ.رەنە تىزىملاشقا شۇ رەنە مۇلكىگە مۇلۇك ھۇقۇقى ۋە ئىشلىتىش ھۇقۇقى بەرگەن ئۇرۇن مەسئۇل بۇلىدۇ.ئەگەر بىر توختام ماجراسدا تىزىملاتقان رەنە ھۇقۇقى بىلەن تىزىملاتمىغان رەنە ھوقۇقى تەڭلا مەۋجۇد بولسا،ئۇلارنىڭ ۋاقتىغا قارىماي رەنەنى تىزىملاتقاننى كۇچكە ئىگە دەپ بىكىتىش كىرەك.ئورتاق ئىگىدارلىق قلىدىغان مۇلۇكنى رەنىگە قۇيۇشتا ئورتاق ئىگدارلىق قىلغۇچى يەنە بىر تەرەپنىڭ ماقۇللىقىنى ئالمىسا كۇچكە ئخگە بولمايدۇ.ئۆز ئۆلۇشى بۇيىنچە مۇلۇككە ئىگىدارلىق قلغۇچىلار شۇ مۇلۇكتىكى ئۆز ئۆلۇشىنى رەنىگە قويسا كۇچكە ئىگەبۇلىدۇ.رەنە ھەقدارلىقىنىڭ دائىرسى ھەققىدە تەرەپلەر پۇتۇشسە بۇلىدۇ،پۇتۇشمىگەن بۇلسا رەنە ھەقدارلىقى ئاساسى ھەقدارلىق ،ئۇسۇم ،توختامغا خىلاپلىق قىلىشى پۇلى ،تۆلەم پۇل،رەنە ھۇقۇقىنى ئەمەلىيلەشتۇرۇش ھەققىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.رەنە قۇيغۇچى ئىجارە قويغان مۇلۇكنى رەنىگە قويغان بۇلسا ئىجارە ئالغۇچىغا دەل ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇش كىرەك ،رەنە ئىجارىگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.رەنە قويغۇچى رەنە مەزگىلىدە رەنە مۇلۇكنى رەنە ئالغۇچىغا ئۇقتۇرماي ئۇتۇنۇپ بەرسە بۇ رەنە ھەركتى كۇچكە ئىگە بۇلمايدۇ.تەرەپلەر كىڭىشىپ رەنە قويغۇچى مۇۋاپىق كىپىللىك بىلەن تەمىنلەپ ئاندىن رەنە مۇلكىنى بىر تەرەپ قىلسا بولىدۇ.توختام ۋاقتى توشۇپ قەرىزدار قەرىزنى تۆلىيەلمىگەندە رەنە ئالغۇچى رەنە مۇلۇكنى باھاغا سوندۇرۇش ياكى كىم ئارۇتۇق قىلىپ ساتسا بولىدۇ،بو مەسلىدە تەرەپلەر كىلىشەلمسە رەنە ئالغۇچى سوتقا ئەرىز سونسا بۇلىدۇ.رەنە قۇيۇلغان مۇلۇك پىچەتلەنسە،تۇتۇپ قىلىنسا ،ئامان ساقلانسا،ئىجرا قىلىنسا رەنە ھۇقۇقىنىڭ كۇچىگە تەسىر كۇرسەتمەيدۇ.رەنە قۇيغان مۇلۇكتىن ئۇسۇم  پەيدا بولسا بۇ ئۇسۇمنى رەنە قويغۇچى ئالىدۇ،توختام مۇھلىتى تۇشۇپ مەجبۇريەت ئادا قىلىنمىغاندا ئۇسۇم پەيدا بولسا بۇ ئۇسۇمنى رەنە قۇيۇلغۇچى ئالىدۇ.رەنە ھۇقۇقىغا ئىگەكىشى رەنە ھۇقۇقى داۋاملىشىۋاتقان مەزگىلدە ،رەنە قويغۇچىنىڭ ماقۇللىقىنى ئىلىپ ئۇزىگە رەنىگە قۇيۇلغان مۇلۇكنى ئۇزى توختام مۇناسىۋتى بولغان ئۇچۇنچى كىشىگە رەنىگەقويسا بولىدۇ.بۇ ۋاقىتتا ئەسلىدىكى رەنە ھوقۇقىدىن كىيىنكى رەنە ھۇقۇقنىڭ كۇچى يۇقۇرى بولىدۇ.تەرەپلەر توختامدا رەنىگە قۇيۇلغان مۇلۇكنىڭ ئىگىدارلىق ھۇقۇقى رەنە ئالغۇچىغائۆتىدۇدەپ پۇتۇشسە بۇ مەزمۇن كۇچكەئىگە بولمايدۇ،بىراق بۇ كۇچكە ئىگە بۇلماسلىق كۆچمە مۇلۇك رەنە ئىشلىرغا قارىتىلغان.پىرۋوت چىكى ،خاس چەك ،پۇل چىكىنى رەنىگە قۇيۇشتا رەنە قويغۇچى يۇقارقى چەكنىڭ كەينىگە «رەنىگە قۇيۇلدى »دەپ يىزىش كىرەك .يۇقارقى چەكلەردىكى مال ياكى پۇل ئىلش ۋاقتى بىلەن توختامدكى مۆھلەت بىردەك بولمىغاندا شۇ چەكتىكى ۋاقىتتا ئاندىن رەنە ھۇقۇقى  يۇرگۇزىلىدۇ.  قانۇن بۇيىنچە ئۇتۇنۇشكە بولىدىغان تاۋار ماركىسى ھۇقۇقى ،پاتىنىت ھوقۇقى ،ئەسەر ھۇقۇقى ئىچىدىكى مال مۇلۇك ھۇقۇقىنى رەنىگە قۇيغاندىن كىيىن رەنە قويغۇچى رەنە ئالغۇچىنڭ رۇخسىتنى ئالماي بۇ ھۇقۇقنى  باشقلارغا ئۇتۇنۇپ بەرسە ،ئىشلىتىشكە بەرسە كۇچكە ئىگە ئەمەس دەپ قارىلىدۇ.ئەڭ يۇقۇرى سۇممىدىكى رەنە دەپ بىر رەنە بۇلۇپ بۇ توختامدا پۇتۇشىدىغان لىكىن ھازىرچە ھەقدارلىق نىشانىنى  مۇلچەرلىگىلى بولمايدىغان رەنەدۇر.

  زىيان پۇلى .زىيان پۇلى بۇلسا توختامدىكى بىر تەرەپ توختامغا خىلاپلىق قىلغانلىقتىن خىلاپلىق قىلمىغان تەرەپكە كەلتۇرگەن زىياننى كۆرسىتىدۇ.ئەمىلليەتتە  زاكالەت ۋە خىلاپلىق قىلىش ھەققىمۇ زىيان پۇلى خاراكتىرىگە ئىگە ،بىراق زاكالەت ۋە خىلاپلىق قىلىش ھەققىنى تەرەپلەر توختام تۇزگەندە پۇتۇشىدۇ.زىيان پۇلى بولسا تەرەپلەر ئالدىن مۆلچەرلىيەلمەيدۇ،ئۇ توختامدىكى بىر تەرەپ توختامغا خىلاپلىق قىلغاندا كىلىپ چىقىدۇ.بۇ زىياننىڭ قانچىلىك ئىكەنلىگىگە دائىر ئىسپاتنى  توختامغا خىلاپلىق قىلمىغان تەرەپ كۇرسىتىدۇ. تۇختامدا زاكالەت بىلەن زىياننى ،خىلاپلىق قىلىش بىلەن زىياننى تەڭ قۇللىنىشقا بۇلىدۇ.«توختام قانۇنى»نىڭ 116-ماددىسدا «دەۋالاشقۇچىلار خىلاپلىق قىلىش ھەققىنى ۋە زاكالەتنى پۇتۇشكەن بۇلسا قارشى تەرەپ خىلاپلىق پۇلى ياكى زاكالەتكە دائىرى ماددىلارنى تاللاپ تەدبىقلسا بولىدۇ» دىيىلگەن .شۇڭا  توختامدا زاكالەت بىلەن خىلاپلىق قىلىش ھەققىنى پۇتۇشكەندە ئارىدىن بىرنى تاللاشقا تۇغرا كىلدۇ،ئىككىسنى بىرلا ۋاقىتتا قۇللىنىشقا بولمايدۇ.تەرەپلەر زىيان پۇلى تەلەپ قىلماقچى بۇلسا قارشى تەرەپنىڭ خىلاپلىق قىلغانلىقىغا ،زىياننىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىگە دائىر ئىسپاتلارنى توپلىشى كىرەك.

  كاپالەت. كاپالەت بۇلسا ئىككى تەرەپ ئۇتتۇرسدىكى قەرىز مۇناسىۋتىدە قەرىز تۆلىگۇچىگە ئۇچۇنچى بىر تەرەپنىڭ كاپالەت بىرىشىنى كۆرسىتىدۇ.كاپالەت ئادەتتە ئادەم كاپالىتى ،نەرسە كاپالىتى دەپ بۆلىنىدۇ.ئادەم كاپالىتىدە قەرىزدار قەرىز تۆلىيەلمىگەندە كاپالەت بەرگۇچى تۆلەيدۇ.نەرسە كاپالىتىدە قەرىزدار قەرىز تۆلىيەلمىگەندە ھەقدار نەرسىنى بىر تەرەپ قىلىپ ھەققە ئىرىشىدۇ.(«كىپللىك قانۇنى»نىڭ خەنزۇچىسنىڭ 6-ماددىسدا  保证 دىيگەن سۇز  ئۇيغۇرچىغاتەرجىمە قىلىنغاندا كىپىللىك دەپ تەرجىمە قىلىنغان .مىنىڭچە خەنزۇچىدىكى保证 سۆزىنى كىپىللىك دەپ تەرجىمەقىلىش بىر خاتالىق .) كاپالەت ئادەتتىىكى كاپالەت ۋە چاتما كاپالەت دەپ بۆلىنىدۇ.ئادەتتىكى كاپالەت بەرگۇچنىڭ كاپالەت مەسئۇليىتىنى ئۇستىگە ئىلىشنىڭ مۇنداق شەرتى بار: يەنى ئاساسى قەرىز سوتقا ئەرىز قىلىنغان ياكى كىسىم قىلىنغان بۇلۇش كىرەك.باشقىچە ئىيتىقاندا ھەقدار ئادەتتىكى كاپالەتلىك قىلغۇچىدىن كاپالەتلىك قىلىش مەسئۇليىتىنى بىۋاستە تەلەپ قىلسا بولمايدۇ.ئاۋال قەرىزدارنىڭ مۇلكىگە مەجبۇرى ئىجرا تەدبىرى قۇللىنىلىشى كىرەك .(ئادەتتىكى كاپالەتتە كاپالەت بەرگۇچى ۋە قەرىزدارنى بىرلا ۋاقىتتا ئەرىز قىلىشقا بۇلىدۇ،لىكىن ھۇكۇمدە ئاۋال قەرىزدارنىڭ مۇلكى ئىجرا قىلىنىدۇ ئاندىن يەتمىگەندە كاپالەت بەرگۇچىنىڭ مۇلكى ئىجرا قىلىنىدۇ دەپ يىزىلىدۇ)مەجبۇرى ئىجرا تەدبىرى قۇللانغاندا قەرىزدارنىڭ مۇلكى تۆلەشكە يەتمىسە ئاندىن ھەقدار ئادەتتىكى كاپالەت بەرگۇچىدىن تۆلەپ بىرىشنى تەلەپ قىلالايدۇ.ئەگەر تەرەپلەر ئالاقىدار توختامدا قايسى كاپالەتلىك ئىكەنلىگىنى ئىنىق دىيىشمىگەن بولسا بۇ چاتما كاپالەت دەپ قارىلىدۇ.چاتما كاپالەتلىك دىگەندە توختامدىكى قەرىزگە قارىتا چاتما جاۋاپكارلىقنى ئۇستىگەئىلشنى كۇرسىتىدۇ.چاتما كاپالەتتە قەرىزدار توختامدا پۇتۇشكەن قەرىزنى تۆلىيەلمىگەندە ھەقدار كاپالەت  بەرگۇچى ،قەرىزدارنىڭ ئىككىلسىنى جاۋاپكار قىلىپ ياكى خالىغان بىرىنى جاۋاپكار قىلىپ ئەرىز سۇنسا بولىدۇ.كاپالەت بىرىشنىڭ مۇھلىتى بۇلۇپ بۇنى تەرەپلەر توختامدا پۇتۇشسىمۇ ،قانۇندا بەلگىلەنگەن بۇيىنچە بىكىتسىمۇ بۇلىدۇ.بۇ مۇھلەتتە سۇرۇككە ئۇخشاش توختىتىپ تۇرۇش ،ئۇزۇلۇپ قىلىش،ئۇزارتىش ئەھۋاللىرى مەۋجۇد ئەمەس .ئالاقىدارلار كاپالەت مۆھلىتىنى قەرىز مۇددىتىدىن قىسقا قىلىپ پۇتۇشسە تەرەپلەر توختامدا كىلىشىپ پۇتۇشمىگەن دەپ قارىلىدۇ.ئىككى خىل كاپالەتنىڭ قانۇندا  بەلگىلەنگەن ۋاقتى ئالتە ئاي ،تەرەپلەر ئىختىيارى پۇتۇشسە بۇنىڭدىن ئۇزۇن پۇتۇشۇش كىرەك، قىسقا پۇتۇشۇشكە قەتئى بولمايدۇ.بۇ مۆھلەت قەرىز قايتۇرۇش ۋاقتى تۇشقان كۇندىن باشلاپ ھىساپلىنىدۇ.تەرەپلەرنىڭ توختامدا پۇتۇشكىنى ئىنىق بولمىسا ئىككى خىل كاپالەتتە كاپالەت بىرىش مۆھلىتى ئىككى يىلى دەپ قارىلىدۇ.كاپالەتلىك قىلغۇچى ھەقدارغا نىسپەتەن مەسئۇليەتنى ئۇستىگە ئالغاندىن كىيىن قەرىزداردىن تۆلىتىۋىلىش ھۇقۇقى بولىدۇ.«كىپىللىك قانۇنى»نىڭ 24-ماددىسدا «ھەقدار بىلەن قەرىزدار كىڭىشىپ ئاساسى توختامنى ئۆزگەرتىشتە كاپالەت بەرگۇچىنىڭ يازما  ماقۇللىقنى ئىلىش كىرەك.كاپالەت بەرگۇچىنىڭ يازما ماقۇللىقىنى ئالمىسا كاپالەت بەرگۇچى كاپالەت جاۋاپكارلىقىنى ئۇستىگە ئالمايدۇ.كاپالەت توختامىدا ئايرىم پۇتۇشكەن بولسا شو پۇتۇم بۇيىنچە بولىدۇ » دىيلگەن .«كىپىللىك قانۇنى » ئىزاھاتىنىڭ 30-ماددىسدا « كاپالەت بەرگەن مەزگىلدە ھەقدار بىلەن قەرىزدار ئاساسى توختامدىكى مىقدار ،مال پۇلى ،پۇل تۇرى ،ئۇسۇم نىسپىتى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۇزگەرتىپ ،كاپالەت بەرگۇچىنڭ ماقۇللىقىنى ئالمىغاندا ،قەرىزدارنىڭ قەرزى ئازىيىپ كەتسە ،كاپالەت بەرگۇچى ئۇزگەرگەندىن كىيىنكى توختام ئۇچۇن يەنىلا كاپالەت جاۋاپكارلىقىنى ئۇستىگە ئىلىشى لازىم .قەزىزدارنىڭ قەرزى كۇپۇيىپ كەتسە كاپالەت بەرگۇچى كۆپەيگەن قىسمى ئۇچۇن كاپالەت جاۋاپكارلقىنى ئۇستىگە ئالمايدۇ.ھەقدار بىلەن قەرىزدار ئاساسى توختامنى ئادا قىلىشى مۆھلتىنى ئادا قىلىش مۆھلىتىنى ئۆ زگەرتىپ كاپالە ت بەرگۇچىنڭ يازما ماقۇللىقىنى ئالمىغان بۇلسا كاپالەت سورۇكى ئەسلى توختامدا پۇتۇشكەن ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن سۇرۇك بولىدۇ.....» دىيلگەن .«كىپىللىك قانۇنى »نىڭ 24- ماددىسى بىلەن «كىپىىللىك قانۇنى» ئىزاھاتىنىڭ 30- ماددىسى ئۇز ئار زىت بۇلۇپ توختام ماجراسى «كىپىللىىك قانۇنى» 30-ماددىسغا ئاساسەن ھەل قىلنىشى كىرەك .توختامدىكى ھەقدار ۋە قەرىزدار كاپالەت بەرگۇچىنىڭ يازاما ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ تۇختامنى ئۇزگەرتىشكە بولمايدۇ،ئۇنداق بۇلمايدىكەن كاپالەت بەرگۇچىنڭ كاپالەت مەجبۇريىتى شۇ ھامان يۇقۇلىدۇ.تۆۋەندىكى ئۇرۇنلار كاپالە ت بەرگۇچى بۇلسا بولمايدۇ: دۆلەت ئۇرگانلىرى ،مەكتەپ ،يەسلى ،دوختورخانا،قانۇنى ئىگىنىڭ تارماق ئاپپاراتى ،بانكا ،ئىجتىمايى تەشكىلاتلار پارۋانلىق خاراكتىردىكى ئۇرۇنلاردۇر.

  گۆرۆ.گۆرۆ بولسا تەرەپلەر تۇزگەن  توختامدا ھەقدارلىق ھۇقۇقىنىڭ ئەمەلگە ئىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۇچۇن قەرىزدار ياكى ئۇچۇنچى كىشى ئۇزىنىڭ كۆچمە مۇلكى ياكى ھۇقۇقىنى ھەقدارنىڭ تۇلۇق ئىگىلىشىگە تاپشۇرىدىغان ھۇقۇقتۇر.ئادەتتە كۆچمەس مۇلۇكنى گۆرۇگە قۇيۇشقا بولمايدۇ.گۇرۆ مۇلۇكنى ۋە ھۇقۇقنى گۆرۆ ئالغۇچى ئەمىلىي ئىگەللىمىسە گۇرۆ ھۇقۇقى شەكىللەنمەيدۇ.«كىپىللىك قانۇنى » نىڭ 64-ماددىسدا« گۆرۆ بەرگۇچى بىلەن گۆرۆ ئالغۇچى يازما شەكىلدىكى گۆرۆ توختامى تۇزۇشى كىرەك..»دىيلگەن .بۇنىڭدىن قارىغاندا گۆرۆگە قۇيۇش ئىشى يازما ئىلىپ بىرلىشى كىرەك.«كىپىللىك قانۇنى» ئىزاھاتىنىڭ 94-ماددىسدا « رەنە ھۇقۇقىغائىگە كىشى رەنە ھۇقۇقى داۋاملىشىۋاتقان مەزگىلدە ئۇزىنىڭ قەرىزدارلىقىغا كىپىللىك بىرىش ئۇچۇن رەنىگە قۇيغۇچىنڭ ماقۇللىقىنى  ئىلىپ ،ئۇزى ئىگەللاۋاتقان رەنىگە قۇيۇلغان نەرسە ئارقىلىق ئۇچۇنچى كىشى بىلەن رەنە ھۇقۇقىنى بىكىتىشتە ئەسلىدىكى رەنە ھۇقۇقى ئارقىلىق كىپىللىك بەرگەن ھەقدارلىق دائىرسىدە بىكىتىشى كىرەك.ئىشىپ كەتكەن قىسمىنىڭ ئالدىن تۆلىتىۋىلىش كۇچى بولمايدۇ.يۆتكەلگەن رەنە ھۇقۇقىنىڭ كۇچى ئەسلىدىكى رەنە ھۇقۇقىدىن ئۇستۇن تۇرىدۇ......»دىيلگەن . بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا گۆرۆ ئالغۇچى گۆرۆ ئالغان نەرسىنى گۆرۆ بەرگۇچىنىڭ ماقۇللىقىنى ئالغاندىن كىيىن ،ئۇزىنىڭ ئۇچۇنچى كىشىدىكى ئالغان  قەرزى ئۇچۇن يەنە گۆرۆگەقويسا بولىدۇ. بۇندىن باشقا تۆۋەندىكىچە ھۇقۇق گۆرۆ سى بار : پىرۋۇت چىكى ،خاس چىكى ،پۇل چىكى،زايوم،پول ئامانەت تالۇنى ،ئىسكىلاتتا ساقلاش تالۇنى ،مال ئىلىش تالۇنى پاي چىكى ،تاۋار ماركىسى ھۇقۇقى ،پاتىنىت ھۇقۇقى ،ئەسەر ھۇقۇقىدىكى مال مۇلۇك ھۇقۇقى قاتارلىقلار.ئۇتۇنۇپ بىرىش چەكلەنگەن پاي چىكىنى گۆرۆگە قۇيۇشقا بولمايدۇ.يۇقۇرقى ھۇقۇقلارنى گۆرۆگە قۇيغاندا ھۇقۇق گۇۋاھنامسنىڭ كەينىگە «گۆرۆگە قۇيۇلدى » دەپ يىزىلمىسا گۆرۆ شەكىللەنمەيدۇ. تاۋار ماركىسى ھۇقۇقى ،پاتىنىت ھۇقۇقى ،ئەسەر ھۇقۇقىدىكى مال مۇلۇك ھۇقۇقى،پاي چىكىنى گۆرۆگە قويغاندا ئالاقىدار ھۇقۇق گۇۋاھنامەسى بەرگەن ئۇرۇنلارغا تىزىملىتىش كىرەك.

قالدۇرۇپ قۇيۇش . «ھەق تەلەپ قانۇنى » نىڭ 89-ماددىسدا «،،،،،،،،،توختامدىكى پۇتۇم بۇيىنچە بىر تەرەپ ئىككىنچى تەرەپنىڭ مال مۇلكىنى ئىگىلىگەن،ئىككىنچى تەرەپ توختام بۇيىنچە تاپشۇرۇشقا تىگىشلىك پۇلنى بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە تاپشۇرمىغان بولسا ،مال مۇلۇكنى ئىگىلىگەن كىشى شۇ مال مۇلۇكنى ئىپقىلىشقا ،قانۇندىكى بەلگىلىمە بۇيىنچە ،ئىپ قىلىنغان شۇ مال مۇلۇكنى باھاغا سۇندۇرۇپ ياكى شۇ مال مۇلۇكنى سىتىپ ،ئۇنىڭ پۇلىنى تۆلەم سۇپىتىدە ھەممىدىن بۇرۇن ئىلىشقا ھۇقۇقلۇق» دىيلگەن .بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا  قالدۇرۇپ قۇيۇش دىگىنىمىز قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن توختامدا پۇتۇشۇپ بىر تەرەپ توختامنىڭ ئادا قىلىنىشى ئۇچۇن مەلۇم مۇلۇكنى يەنە بىر تەرەپكە قۇيۇپ قۇيىدىغان ،توختام ئادا قىلىنمىغاندا قالدۇرۇپ قۇيۇلغان مۇلۇكنى ئالغۇچى بۇ مۇلۇكنى بىر تەرەپ قىلىدىغان ھۇقۇقنى كۆرسىتدۇ. بۇ ھۇقۇقنى يۇرگۇزۇشتە قالدۇرۇپ قۇيۇلغان مۇلۇكنى ئالغۇچى مۇلۇك قالدۇرۇپ قويغۇچىغا مەجبۇريىتىنى ئادا قىلىشقا مەلۇم ۋاقىت بىرىش كىرەك. «كىپىللىك قانۇنى »نىڭ 84-ماددىسدا «ساقلاش توختامى ،تىرانسىپۇرۇت توختامى،پىششىقلاپ ئىشلەشنى ھۆددە ئىلىشى توختاملىردا بارلىققا كەلگەن ھەقدارلىقتا قەرىزدار قەرىزدارلىق مەجبۇريىتىنى ئادا قىلمىسا ،ھەقدار ئىپقىلىش ھۇقۇقىغا ئىگە بولىدۇ.قانۇندا ئىپقىلىشقا بولىدۇ دەپ باشقا توختاملارغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمىلەر تەدبىقلىنىدۇ .ئالاقىدار تەرەپلەر توختامدا ئىپقىلىشقا بولمايدىغان نەرسىلەر ھەققىدە پۇتۇشسە بولىدۇ» دىيىلگەن .يەنە « كىپىللىك قانۇنى » نىڭ 83-ماددىسدا « ئىپقىلىش كىپىللىكىنىڭ دائىرسى ئاساسى ھەقدارلىق ۋە ئۇسۇم ،توختامغا خىلاپلىق قىلىش ھەققى ،تۆلەم پۇلى ،ئىپقالغان نەرسىلەرنى ساقلاش خىراجىتى ۋە ئىپقىلىش ھۇقۇقىنى ئەمەلىيلەشتۇرۇش راسخۇتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ » دىيلگەن .بۇ قانۇن ماددىللىرغا ئاساسلانغاندا ئىپقىلىش ھۇقۇقى ساقلاش توختامى ،تىرانسىپۇرۇت توختامى،پىششىقلاپ ئىشلەشنى ھۆددە ئىلىشى توختامى،رىمۇنۇت توختامى ،تۇشۇش توختامى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ ،لىكىن باشقا مۇلۇكلەرگە بۇ ھۇقۇقنى ئىشلەتمەكچى بۇلسا تەرەپلەر پۇتۇشسە بۇلىدۇ.ئىپقالغۇچى ھۇقۇقىنى يۇرگۇزگەندە ئاساسى ھەقدارلىق ۋە ئۇسۇم ،توختامغا خىلاپلىق قىلىش ھەققى ،تۆلەم پۇلى ،ئىپقالغان نەرسىلەرنى ساقلاش خىراجىتى ۋە ئىپقىلىش ھۇقۇقىنى ئەمەلىيلەشتۇرۇش راسخۇتى قاتارلىقلارنى تۆلىتىۋالسا بۇلىدۇ .

  قەرىزدارلىق ،سودا ، ئۆي زىمىن ئۇتۇنۇپ بىرىش قاتارلىق ھازىرقى زامان توختام مۇناسىۋەتلىردە زاكالەت (定金) ، پۇتۇم پۇلى (订金).رەنە  (抵押)، زىيان پۇلى (赔偿金) ،خىلاپلىق قىلىش پۇلى (违约金) ، كاپالەت (保证) ، گۆرۆ    (质押)، قالدۇرۇپ قۇيۇش (留置) قاتارلىقلارنىڭ ئىشلتىلىشى ئورنى قانۇنى ئۇنۇمىنى چۇشۇنىۋىلىش بەكمۇ مۇھىم.دۆلىتىمزنىڭ توختام قانۇنى .كىپىللىك قانۇنى .شىركەت قانۇنى . كىپىللىك قانۇنى ئىزاھاتى ، ھەق تەلەپ قانۇنى ، ھەق تەلەپ- قانۇن ئىزاھاتى ، مۇلۇك ھۇقۇق قانۇنى ،......قاتارلىق قانۇنلاردا يۇقۇرقى ئۇقۇملار ھەققىدە ئاز بولمىغان چۇشەنچىلەر بولسىمۇ ،لىكىن يەنىلا نۇرۇغۇن يىتەرسىزلىكلەر مەۋجۇد. كەڭ قانۇن مۇتەخىسسلىرى  ۋە ئادۇۋكاتلار توختامغا ئالاقىدار بۇ مەسىللەرنى تىخمۇ چۇڭقۇر تەتقىق قىلىشى ۋە مۇلاھىزە قىلىىشى كىرەك.

   قانۇنچىلىق تەشۋىقاتنى كۇچەيتىپ خەلق ئاممىسنىڭ قانۇنى ھۇقۇق مەنپەتىنى قۇغداش ئۇچۇن  تىرىشايلى .
شىنجاڭ دىنار دەرياسى ئادۇۋكاتلار ئۇرنىدىن:  بەختىيار ئادۇۋكات
24 سائەت قانۇندىن مەسلىھەت بىرىش تىلفۇنى: 18299819854
  توردا مەسلىھەت بىرىش :    
1471561935 ( ماتىريال يۇللاش شەكىلدە مەسلھەت بىرىلىدۇ)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-22 06:26 PM  


مەن خەلق ئادۇۋكاتى ،مەن خەلقنىڭ مەنپەتىنى قۇغدايمەن.

ئىزلار نەدە.......

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49283
يازما سانى: 359
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1498
تۆھپە نۇمۇرى: 50
توردا: 262 سائەت
تىزىم: 2011-7-27
ئاخىرقى: 2012-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 02:37:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پۇتۇم پۇلى.
مۇنۇ گەپتىن ئۆرگىلەي...................

ھەقىقى تارىخ تومۇرۇمدا،بوۋام ئۇنى قېلىچ بىلەن يېزىپ قانغا سىڭدۇرۋەتكەن!!!

ئۈمۈد ئادەمنى غەلبىگە باشلايدۇ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50684
يازما سانى: 167
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1625
تۆھپە نۇمۇرى: 50
توردا: 2965 سائەت
تىزىم: 2011-8-6
ئاخىرقى: 2012-6-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 04:04:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پۇتقا ئايرىم پۇل بارمىدۇ؟

ئۈمۈد28

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67489
يازما سانى: 338
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 642
تۆھپە نۇمۇرى: 50
توردا: 133 سائەت
تىزىم: 2011-11-29
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 04:12:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پۇتۇم  پۇلى  ئەمەس ، پۈتۈم پۇلى

ۋاقىت  ئۆتمەكتە   بىزلەرگە   باقماي،
جاھانغا نەزەر سال قورساقنى باقماي.
تەكەببۇر  بولمىغىن  دەۋىر  ئالدىدا
كەمسىتمە بىراۋنى ،ھالىڭغا  باقماي .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57928
يازما سانى: 1233
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1647
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 393 سائەت
تىزىم: 2011-9-25
ئاخىرقى: 2012-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 06:49:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئانچە چۈشەنمىدىمغۇ  

مەن تىنىچلىق ئەل

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39646
يازما سانى: 277
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3415
تۆھپە نۇمۇرى: 650
توردا: 917 سائەت
تىزىم: 2011-5-4
ئاخىرقى: 2012-6-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-23 02:17:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قانۇنى مەسىللەر ھەققىدىكى ماقالە ئىنتايىن زۇر ئىقتىدار تەلەپ قىلىدۇ ،ئاتالغۇ گەپ سوز ئىملا جەھەتتىكى خاتالىقلار بولسا كۆپچىلىكنىڭ تەنقىدى پىكىرلىنى ئايىماسلىقىنى ئۇمۇد قىلىمەن .چۇنكى مەن ئۇزۇم ئالى مەكتەپتە ئۇقۇمىغان ،باشلانغۇچنى تۇگۇتۇپلا ئۆزلۇگۇمدىن قانۇن ئۇگەنگەن ،بىلىمىم چەكىلىك ،داۋامىلىق ئۇگۇنىۋاتىمەن .

مەن خەلق ئادۇۋكاتى ،مەن خەلقنىڭ مەنپەتىنى قۇغدايمەن.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش