گۆر ئاغزىدىكى ئانا، بىز زادى نىمە قىلىشىمىز كېرەك !
2012يىلى 4-ئاينىڭ 21-كۈنى ئۈرۈمچى كونسول كوچىسى ئەتىراپى ( ئەتىگەن سائەت 11 )
بۈگۈن مەن ئۈچۈن ئۇنتۇلغۇسىز بىر كۈن ، شۇنداقلا كۆڭلۈم پەرىشانلىق ھەم تەشۋىشلىك ئىچىگە مەھكۈم بولغان كۈن . بۈگۈن ئەتىگەن ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىدا داۋالىنىۋاتقان ھەدەمنى ئاپتونوم رايونلۇق 2-دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ ، مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشلەرنى قىلىپ بولۇپ ، ھەدەمنى ئۈرۈمچىنىڭ داڭلىق يەرلىرىنى كۆرسىتىش مەقسىتىدە دۆڭ كۆرۈك ، چوڭ بازار قاتارلىق جايلارنى كۆرسىتىپ بولۇپ ، كونسول كوچىسى تەرەپكە كېتىپ بېرىپ ، بىر ئايالنىڭ يول بويىدا يىقىلىپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ قالدىم ،بۇ چاغدا ھەدەمنىڭ يولدىشى ئۈرۈمچىدە بۇنداق تىلەمچىلىك قىلىدىغان ئادەملەر بەك كۆپ ئىكەن ، ئالدىنقى قېتىم كەلگەن ۋاقتىمدا بىرسىگە پۇل بەرسەم ، بىرسى كېلىدۇ .. يول بويى پۇل تارقىتىپ ماڭسام ،يىنىمدىكى دوستۇم ماڭا << بۇنداق پۇل بېرىۋەرسەڭ ، بۇلار تۈگىمەيدۇ >>دەپ مېنى توسۇپ قالغان ئىدى دەپ پاراڭ بىلەن مېنى ئېلىپ كەتتى ، لېكىن نېمىشقىكىن ئۇ ئايالدىن كۆزۈمنى ئۈزەلمىدىم . ھەدەملەرگە كونسول كوچىسىنى كۆرسۈتۈپ بولۇپ ، يەنە ئەسلى يول بىلەن 912-يولنىڭ بىكىتىگە قايتىپ كەلدۇق ، يەنە شۇ ئايالنىڭ يىنىدىن ئۆتۈپ كەتتۇق ، ئۇ ئايالنىڭ ھالسىز ، روھسىز ھالىتى يۈرۈكىمنى ئىزىۋەتتى .. ئاستا قەدەملەر بىلەن كۆزۈمنى ئۈزەلمەي ئۇ ئايالدىن يىراقلاپ كەتتىم . ھەدەملەرنى 912-يولنىڭ ئاپتۇبۇسىغا چىقىرىپ يولغا سېلىپ قويدۇم . ئەمدى قىلىدىغان ئىشىم ئاكامنىڭ ھاۋالىسى بىلەن ئۇ تۇرۇشلۇق مەكتەپنىڭ پوتبول كوماندىسىغا كىيىم كۆرۈش ئىدى . مەن بۇرۇنقى بوغدا دوختۇرخانسىنىڭ ئۇدۇلدىكى ئىزچىلار تەنتەربىيە كىيىملىرى دۇكىنىغا بارماقچى بولدۇم ، بۇرۇنقى بوغدا دوختۇرخانسىنىڭ ئالدىغا كىلىپ ، شۇ يەردە يىتىپ قالغان ئايالنىڭ يىنىغا يەنە كەلدىم ،يىراقتىن يولنىڭ ئۇ تەرىپىگە ئۆتۈش ئۈچۈن تۇرۇپ ، ئۇ ئايالغا قاراپ تۇردۇم . ئۇ ئايالنىڭ نۇرسىز كۆزلىرى ، تاتىراڭغۇ چىرايى مېنى يولنىڭ ئۇ تەرپىگە تېزدىن ئۆتۈپ كېتىشتىن توسۇپ تۇراتتى . مەن ئۇ ئايالغا قاراپ ، يېنىغا بېرىپ زادى نىمە ئىش بولغانلىقنى بىلىپ بېقىش ئويىغا كەلدىم ،دەل شۇ چاغدا بىر قىزچاق ئۇ ئايالنىڭ يىنغا كەلدى، ھەم بىر نەرسىلەر دىيىشكە باشلىدى … مەن تېزدىن ئۇ ئايالنى يىنىغا باردىم ، ئۇ ئايالنىڭ يىنىدا بەدىنىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان سۇيدۇك خالتىسنى كۆرۈپ قالدىم ھەم بۇ ئايال دوختۇرخانىدا يېتىۋاتقان بولسا ، دوختۇرخاندىن سىرىتقا چىقىپ ، كسىلى قوزغىلىپ ،بۇ يەردە يىتىپ قالغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلىدىم ، شۇڭا ئۇ ئايالدىن بىرىنجى بولۇپ سورىغان سۇئالىم : ھەدە نىمە بولدىڭىز ، دوختۇرخانىغا قايتالمىدىڭىزمۇ ؟ دەپ سورىدىم . ئۇ ئايال تۇيۇقسىز يىغلاپ كەتتى .مەن نىمە بولدىڭىز ، بىر يېرىڭىز ئاغرىۋاتامدۇ؟ دەپ سورىدىم . ئۇ ئايال يىغلاپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى :
مەن كىچىك تەرەت قىلالماس بولۇپ قالغان ئىدىم ، دوختۇرلار ماڭا سۈيدۈك چىقىرىش نەيچىسى بىلەن خالتىسنى ئورنىتىپ قويغان ئىدى ، 15كۈندە بىرقېتىم ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشۇم كېرەك ئىدى ، مانا ھازىر 25كۈندەك بولدى پۇلۇم يوق ئالماشتۇرالمىدىم ، بۇرۇن بۇغدا دوختۇرخانسىدىكى دوختۇرلار ماڭا ھەقسىز ئالماشتۇرۇپ قوياتتى ، لېكىن ئۇ يەرگە يەنە بېرىشتىن خىجىل بولىدىكەنمەن ، باشقىلار ماڭا خان ساراينىڭ ئالدىغا بېرىپ ياردەم تىلىسىڭىز ، پۇلى بار كىشلەر سىزنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ ، ئالماشتۇرۇپ قويىدۇ دېگەن ، ئۇ يەرگە بارالماي بۇ يەردە يىتىپ قالدىم ، قورسقۇم ۋە دوۋسۇنۇم بەك ئاغرىپ كېتىپ بارىدۇ -دېدى .
دەل شۇ چاغدا بىر ئايال بىلەن بىر ئەر كىشى يىنىمىزغا كەلدى ، ئۇ ئايال كىشى بۇ ئايالنى كۆرۈپلا تۇنۇۋالدى ، ئەسلىدە بۇ ئايال بۇغدا دوختۇرخانىسىدا ئىشلەيدىغان بولۇپ ( مېنىڭ پەرىزىمچە ) ، بۇغدا دوختۇرخانىسىدا بۇ ئايالنى كۆرگەن ئىكەن . ئۇ ئايال :
-سىزكەنسىزغۇ ؟ نىمە بولدىڭىز ؟ بۇ نەيچىنى ئالماشتۇرمىغانغا نەچچە كۈن بولدى ، نىمىشقا دوختۇرخانىغا بارمىدىڭىز – دەپ سورىدى .
- مەن يەنە بېرىشتىن خىجىل بولىدىكەنمەن ، ئۇلار دائىم بارسام ،ماڭا يىنىدىن پۇل چىقىرىپ ، ئالماشتۇرۇپ قويىدۇ ، مەن يەنە بېرىشتىن خىجىل بولدۇم ،پاتگۈل دېگەن سېستىرا ھازىر بارمۇ – دەپ ئاران گەپ قىلالىدى .
مەن ھەممە ئىشنىڭ تىگى تەھتىگە يەتكەندەك بولدۇم ھەم ئۇ ئايالغا :
- يۇرۇڭ ھەدە ، مەن سىزنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ ، ئالماشتۇرۇپ بېرەي -دېدىم .
بۇ چاغدا يىنىمىزغا كەلگەن بىر ياشنىپ قالغان ئايال كىشى :
- شۇنداق قىلىڭ بالام ، ياردەم قىلىڭ – دېدى .
بۇ چاغدا يىنىمدا تۇرغانلار يىنىدىن پۇل چىقىرىپ ، ئۇ ئايالغا تاماق يەڭ دەپ بېرىشتى .
مەن بۇ ئايالنى يۆلەپ تۇرغۇزۇپ ، يولنىڭ بويىغا كېلىپ ، ماشنا توسۇپ تۇردۇق ، تەلىيىمىزگە بىر ئۇيغۇر شوپۇر ماشنىسنى توختاتتى . بىز بوغدا دوختۇرخانىسىغا باردىغانلىقىمىزنى ئېيتىپ ، ماشىنىغا چىقتۇق . مەن يول بويى بۇ ئايالدىن ئەھۋال ئىگەنلەپ ماڭدىم .
بۇ ئايالنىڭ ئىسمى رۇقىيە بولۇپ ، بۇ يىل 38 ياشقا كىرىپتۇ . يۇرتى گۇچۇڭ بولۇپ ، بىر نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا ئۈرۈمچىگە كەلگەن ئىكەن . يولدىشى كاۋاپ ساتىدىغان بولۇپ ، 7.5ۋەقەسدىن كېيىن تۇتۇلۇپ ، ھازىرغىچە ئىزدېرىگى بولمىغان ئىكەن . بۇ ئايالنىڭ ئىككى بالىسى بولۇپ ، ئەڭ كىچىكى تىخى قۇچاقتا ئىكەن . بۇ ئايال ئائىلىسنى قامداش ئۈچۈن ، باشقىلانىڭ ئۆيىدە ئىشلەپ ، دېرىزە سۈرتىۋاتقاندا ،بىنادىن چۈشۈپ كەتكەن بولۇپ ، شۇ ۋەقەدىن كېيىن ، ئۇمۇرتقىسى ۋە يۇلۇن زەخمە يەپ ، بىر پۇتى سەزمەس ، چوڭ كىچىك تەرەتنى باشقۇرالماس بولۇپ قالغان . نۇرغۇن ئاماللار بىلەن داۋالانغان بولسىمۇ ، ئۈنۈمى بولمىغان ، دوختۇرلار ئۇنىڭغا بەدەن سىرتىدىن سۈيدك خالتىسى ئورنىتىپ قويغان . بۇ ئايالنىڭ دادىسى يوق بولۇپ ، ئائىلىسى بەكلا نامىرات ئىكەن ، بۇ ئايال بۇ يەردە تۇرالماي ، ئۆزىنىڭ ئۆيىگە قايتىپ كەتكەن ، لېكىن چوڭ تەرەتنى تۇتالمىغاچقا ، نۇرغۇن سەۋەپلەر تۈپەيلى ئۆيىدىن ئايرىلىپ ، قايتا ئۈرۈمچىگە يېنىپ كەلگەن ھەم بۇ يەردىكى بىر ھامما ئاچىسىنىڭ يەر ئاستى ئۆيىدە تۇرۇۋىتىپتۇ. بۇ ئايالنىڭ كىرىم مەنبەسى بولمىغاچقا ، دائىم باشقلارنىڭ ياردىمى بىلەن بۇ سۈيدۇك خالتىسنى ئالماشتۇرۇپ يۈرۈپتۇ . ئەڭ ئىچىنشلىق يېرى شۇكى بۇ بىچارە ئاننىڭ قۇچاقتىكى بالىسنى باشقىلار بېقىۋالغان بولۇپ ، سەۋەبى دوختۇرخانىدا يېتىۋاتقان ۋاقىتتا يىنىدا بىللە داۋالانغان بىر ئۇيغۇر ئايال بۇ كىچىك بالنىڭ بەكلا قىيلىنىپ كەتكىنى كۆرۈپ ، بۇ ئايالدىن تەلەپ قىلىپ ، ئۆيىگە ئېلىپ كېتىپ ، بۇ نارسىدىنى بېقىۋىتىپتۇ .يەنە بىر بالىسى كىچىك بولسمۇ ، لېكىن ئائىلنى قامداش ئۈچۈن باشقىلارنىڭ ئېتىز ئېرىق ئىشلىرىغا ياردەملىشىپ ، ئۆزىنىڭ جىنى ئۆزى بېقىۋىتىپتۇ . بۇ بىچارە ئانا كۆزلىرىدىن ياشلىرىنى يامغۇردەك تۆكۈپ ،بۇ ئىشلانى ماڭا سۆزلەپ بېرىۋاتاتتى …. بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ، مېنىڭ كۆز ياشلىرىم كۆز چاناقلىرىمنى نەمدەشكە باشلىدى .. مەن كۆز ياشلىرىمنى چىقارماسلىققا تىرشىپ ، ئۇنىڭ گەپلىرىنى جىم ئاڭلاپ ئولتۇراتىتىم .
بۇغدا دوختۇرخانىسىغا كەلدۇق ، يولدا كەلگۈچە سۆزلىرىمىزنى ئاڭلاپ ، توختىماي << ئاھ خۇدا >> دەپ ئولتۇرغان شوپۇر ئاكىمىز كىرا پۇلىنى تەڭلىسەم ئالغىلى ئۇنىمىدى ( مەن بۇ ئاكىمىزغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن ). مەن بۇ ئايالنىڭ ھالسىرىغان بەدىنى يۆلەپ دوختۇرخانا ئىچىگە ئېلىپ كىرىدىم ،زالدىكى بىر دوختۇر ئايالنىڭ كۆرسەتمىسى بويىنچە ئىككنجى قەۋەتكە چىقتۇق ، مەن ئۇچىرىغان بىر سېستىرا قىزغا :
- بۇ ئايالنىڭ سۈيدۈك خالتىسنى ئالماشتۇرۇپ قويساڭلار ، كەتكەن چىقىمنى مەن تۆلەيمەن – دېدىم .
بۇ سېستىرا بىزنى بىر دوختۇرنىڭ قېشىغا باشلاپ كىردى . بۇ دوختۇر بۇ ئايالنى كۆرۈپلا تۇنۇۋالدى ھەم سېستىرالارنى چاقىرىپ ، ئالماشتۇرۇش ئىشنى ئورۇنلاشتۇردى . بۇ جەرياندا بۇ دوختۇر ماڭا بۇ ئايال ماڭا دېگەن ئىشلارنى دەپ بەردى . ھەم ھەق ئېلشنى رەت قىلىپ ، ھەقسىز ئالماشتۇرۇپ قويدى .(مەن بۇ دوختۇرغا ۋە سېستىرالارغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن )
بۇ جەرياندا بۇ بىچارە ئانىدىن تاماق يەمسىز دەپ سورسام ئۇنىڭ جاۋابى مېنى شۇنچىلىك ئىچىندۇردىكى كۆز ياشلىرىم بولدۇقلاپ ئېقىپ كەتتى .
- مەن چوڭ تەرەتنى تۇتالمىغاچقا ، چوڭ تەرەت قىلىشتىن قورقۇپ ، تاماق يىمەيمەن -دېدى .
تورداشلار ، بۇ بىر ئىنسان ئۈچۈن نەقەدەر ئازاپ ئىش ، بۇنى بىزدەك نورمال ئىنسانلار ھېس قىلىپ بولالمايمىز . مەنمۇ بىر دوختۇر ، مەن بۇ ئايالنىڭ ھازىر ناھايىتى خەتەرلىك ئەھۋالدا قالغانلىقنى بىلىپ يەتتىم . تورداشلار ، سىلەر بىلەمسىلەر … بۇ سىرىتىن ئورنۇتۇلغان سۇيدۇك خالتىسنى چوقۇم ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش كېرەك ، ھەم ئادەم ناھايىتى پاكىز ھالەتنى ساقلىشى كېرەك . ئەگەر ئۇنداق بولمايدىكەن ، يۇقۇملىنىش يۈز بېرىپ ، پۇتۇن سۇيدۇك يولى ، بۆرەك يۇقۇملىنىپ ، بۆرەك زەيىپلىشىش كېلىپ چىقىپ ، بۇ ئايال بەلكىم ئاشۇ يول بويىدا ، ئاشۇ قاراڭغۇ ، زەي يەر ئاستى ئۆيىدە بۇ ئالەمدىن ئەلەم بىلەن خوشلىشى مۇمكىن . ھازىرىقى ئەھۋالدىن قارىغاندا يۇقۇملىنىش ئەھۋالى ناھايىتى ئېغىر بولۇپ ، ھەتتا تىرە ئۈستىگە سۇلۇق قاپارتقۇ چىقىپ كەتكەن .
بۇ قاپارتقۇلار ئەھۋالنىڭ ناھايىتى يامانلىشىپ كەتكەنلىكنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ . بۇ ئايال تاماق يىمەي ، بەدىنى زور دەرجىدە ئاجىزلىشىپ كەتكەن بولۇپ ،ئەگەر يەنە مۇشۇنداق كېتىۋەرسە ،بىر ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ، ئۇرۇمچىنىڭ ئاپتاپلىق كوچىسىدا ، بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدا ئۆلۈپ قېلىشى مۇمكىن .بىچارە نارسىدە بالىلار ئەقلىنى تاپقاندائۆز ئاپسنىڭ ئۈرۈمچىنىڭ ئاۋات كوچىسىدا ، ئۈرۈمچنىڭ زەي يەر ئاستى ئويىدە ئۆلۈپ قالغانلىقىنى بىلسە نىمە بولۇپ كېتەر … بىز بەلكىم مەلۇم بىر كۈنى تۇيۇقسىز قولىمىزغا چىقىپ قالغان ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى ، قانۇنچىلىق گېزىتى قاتارلىق گېزىتلەردە بىر ئايال ئۈرۈمچى كوچىسدا ئۆلۈپ قاپتۇ ، بىر ئايال يەر ئاستى ئۆيىدە ئۆلۈپ قاپتۇ ، بۇ ئايالنىڭ ئىككى بالىسى بارئىكەن دېگەن خەۋەرنى كۆرۈپ قېلىشىمىز مۇمكىن ، بەزلىرىمىز بەلكىم بىچارە ئايال ، باشقىلار ياردەم قىلماپتۇ -دە دەپ ئۆز ئۆزىمىزگە سۆزلەپ قۇيۇشىمىز مۇمكىن . بىز نىمشقا باشقىلار ياردەم قىلماپتۇ دېگەن سۆزنىڭ ئورنىغا ، مەن نېمىشقا ياردەم قىلالمىدىم دېگەن سۆزنى ، مەن بىلگەن بولسام ، بۇ ئايال ئۆلمەيتىغۇ دېگەن سۆزنى ئىشلەتمەيمىز ؟ ، مانا بۇ بىز ئويلىنىشقا تىگىشلىك ئەڭ ھالقىلىق مەسىلە !
مەن ئۇ ئايالغان نەچچە ۋاراق قەغەزگە تېلىفۇن نۇمۇرۇمنى يېزىپ بەردىم ، ھەم ئۇ ئايالغا قانداق ئىش بولسا تېلفۇن قىلشنى تاپلاپ ، ئايرىلاي دەپ مېڭىپ بولۇپ ، كۆڭلۇم قىيماي ، ئۇ ئايالدىن قايتا تۇرۇشلۇق ئورنى سوردىم ھەم ئېنىق يىزىۋىلىپ ،ئۇ ئايالنىڭ رۇخسىتى بىلەن بىر نەچچە پارچە رەسىمگە تارتىپ قايتىپ كەلدىم .
مەن بۇ بىچارە ئايالنى كۆرگەندىن تا بۇ مۇراجەتنامنى يازغىچە ، ئۆزۈمنىڭ زادى نىمە بولغانلىقىمنى بىلەلمىدىم . كۆپ ئويلاندىم ، كاللام بۇ بىچارە ئانىنىڭ سىماسى بىلەن تولۇپ كەتتى . بۇ جەميىئەتتە بۇنداق بىچارە ئانىلار ، بىچارە دادلار ، بىچارە بالىلار زادى قانچىلىك باردۇر … قانچىلىك ئادەملەر ئۈمدسىزلىك ، يوقسۇزلۇق ئىچىدە ئۆلۈپ كېتىپ بارغاندۇ ؟
ھازىر دۇنيا پۇل ئۈچۈن چۆرگىلىمەكتە … پۇل ھەممە نەرسنى كونتۇرۇل قىلىپ ، بىزنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى ئادىمىيلىك ھۇجەيرىلىرىمىزنى گۇمران قىلماقتا ..بىز بۇ دۇنياغا نىمە ئۈچۈن كەلدۇق .. ئۆزىمىز ياسىغان ، بىسىپ چىقارغان پۇل ئۈچۈنمۇ ؟ پۇلنىڭ سانى بىلمەيدىغان غوجاملار كۈندە ئەيىش ئىشرەت بىلەن ، دادسنىڭ پۇلى بىلەن قىز – يىگىتلىرىمىز كەيىپ ساپادا …..بىچارە يوقسۇل قېرىنداشلىرىمىز كوچا كويلاردا كىسەل بىلەن ئەجەل ئارسىدا يۈرمەكتە …
تورداشلار بۇ بىچارە ئانا بىزنىڭ ياردىمىمىزگە موھتاج ، بەلكىم بەزىلەر بۇنداق ئادەملەر كۆپ تۇرسا ، قايسىغا ياردەم قىلىپ بولالايمىز دېيىشىمىز مۇمكىن ، شۇنى بىلىش كېرەككى << كۆرۈپ تۇرۇپ ، كۆرمەسكە سېلىش >> بىز ئۈچۈن بىر نۇمۇس ئىش . بۇگۈن بىز بۇ بىچارە ئاننىڭ ئەھۋالدىن خەۋەردار بولدۇق ،ئەگەر بىز ياردەم قىلمىساق ، بۇ ئايال ئۆلۇپ كېتىدۇ .. ئەگەر بۇنداق بولسا ، ۋىجدانى بار ، ئادىمىيلىكنى يوقاتمىغان ئادەم ئۇ جان ئۈزگەن يەردىن ئۆتكەندە . مەن بۇ ئايالنى تۇنۇيتۇم دەپ چۇقۇم ۋىجدان ئازابى تارتىدۇ . ئەگەر بىز بۇ بىچارە ئانىنى كۆرمىگەن بولساق ، ئۇ جان ئۈزگەن يەردە بەلكىم ئۇنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا قىلىشمىز ، بىز سىزگە ياردەم قىلالماپتۇق دەپ ۋىجدان ئازابى تارتىشىمىز مۇمكىن . ئۇنداقتا سىز قايسنى تاللايسىز ؟ بۇ بىچارە ئانا بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدا ، بىزنىڭ ئاشۇ ئاۋات كوچىمىزدا ئۆلۈپ قالسۇنمۇ ؟ ياكى بىزنىڭ كىچىككىنە ياردىمىز بىلەن ئۆمرىنىڭ ئاخىرىقى مىنۇتلىرىنى ئىنسانلىق قەدىر قىممىتى بىلەن ئۆتكۈزۈپ ، قېرىنداشلىق ، ئىنسانلىق مېھىر مۇھەبىتىگە سۈيۈنگەن ھالدا بۇ ئالەمدىن خوشلاشسىنمۇ ؟ بىز جىمجىت ئۆي ئىچىدە ، ئويلىنىپ باقايلى …… بىچارە ئانىنىڭ ئاشۇ بىچارە كۆزلىرىگە قاراپ ، ئويلىنىپ باقايلى … بىز زادى قانداق قىلىشمىز كېرەك ؟
مېنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا دەيدىغان سۆزۈم : ئەگەر بۇ ئايال داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتسمۇ ، دوستلار بۇ بىچارە ئايال ئادەمدەك قەدىر قىممىتى بىلەن ئۆلۈپ كەتسۇن !!!
بۇ بىچارە ئايال ھازىر بىزنىڭ تېزدىن ياردەم قىلىشىمىزغا مۇھتاج :
1. پاكىز كىيىم كىچەك : تاشقى كىيىم ۋە ئىچكى كىيىم . بۇ كىيىملەرنى ئالماشتۇرۇشتا چۇقۇم قىزلار بولۇشى كېرەك.
2. يىمەك ئىچمەك : بۇ بىچارە ئايال ، ئۇزۇن مەزگىل تاماق يىمىگەچكە ، بەدىنى بەكلا ئاجزلاپ كەتكەن .
3.ياللۇغ قايتۇرۇش دورسى : بۇنى دوختۇرلار بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ، ھەل قىلساق بولىدۇ .
4. ئۆيىگە بېرىپ ، ئەھۋال ئىگەللەپ ، زادى قانداق ياردەم كېرەكلىكنى ئېنىقلاش .
5. بۇ بىچارە ئاننىڭ ھازىرىقى ئەھۋالدىن قارىغاندا ، چۇقۇم دوختۇرخانىدا يېتىپ ، بېسىپ داۋالنىپ ، بۆرەك ۋە سۈيدۇك يولىدىكى ياللۇغ قايتۇرۇلمىسا ، بۇ ئايالنىڭ ھاياتىغا چۇقۇم خەۋىپ يېتىدۇ . بۇ مەن بىر ئادەمنىڭ قولدىن كەلمەيدۇ .. شۇڭا جەمىئەتتىكى ساخاۋەتچى كىشلەردىن ياردەم تەلەپ قىلمىساق بولمايدۇ …
مەن بۆرىتالا ئوبلاستلىق خەلىق دوختۇرخانسىدىن ئاپتۇنۇم رايونلۇق 2-دوختۇرخانىغا ئۈگۈنۈشكە كەلگەن ئاددى بىر دوختۇر ، بۇ ئىشلار يالغۇز مېنىڭ قولۇمدىن كەلمەيدۇ ، شۇڭا جەمىئىيەتىن ياردەم قىلشنى خالايدىغان دوستلارنىڭ مەن بىلەن ئالاقلشىشنى ئۈمىد قىلىمەن . مەن بۇ ئايالنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنى بىلىۋالدىم . ھازىرقى مۇھىم ئىش بۇ ئايالنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنىغا بېرىپ ئەھۋال ئىگەللەش ، شۇڭا ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق ياردەم قىلشنى خالايدىغان دوستلارنىڭ مەن بىلەن تېزدىن ئالاقىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن .
تېلىفۇن نۇمۇرۇم : 13209090903 ئۆمەرجان ئابدۇرىيىھىم
باشقا يەرلەردىن بۇ ئىشقا كۆڭۈل بولىدىغان تورداشلارنىڭ تۆۋەندىكى تور بەتكە كىرىپ ، بارلىق ئەھۋاللاردىن خەۋەردار بولۇشنى ئۈمىد قىلىمەن .
مەنبە:باغداش تورى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا osmanjan37 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-22 05:17 PM