|
|
|
|
"كىتاب بىلىم بۇلىقى "بۇ ناھايتى توغرا ۋە ياخشى ئېيتىلغان سۆز. كىتابنى ئۇقۇش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلنىش ئىنسانىيەت تارىخىدىكى غايەت زور مۆجىزە . دەل شۇ سەۋەبلىك ئىنسانلار بۈگۈنكى تەرەققىياتلارنى ۋە دۇنيانى ئۆزگەرتىش غايىسىنى قىسمەن تەرەپلەردىن ئەمەلگە ئاشۇرالىدى. دىمەك بۇ ھەقتە قانچە سۆزلىسەك ۋە تەسۋىرلەش ئېلىپ بارساق دىمەكچى بولغانلىرىمىزنى تۇلۇق ئىپادىلەپ بۇلالمايمىز. نەخ گەپنى قىلغاندا ھەر خىل ۋاستە ۋە ئۇسۇلدا كىتابقا يىقىنىلىششنى بىلىش ۋە ئۇنىڭ تەرىپىنى قىلىش قەتئى خاتا ئىش ئەمەس.ئۆز نۆۋىتىدە ئەھمىيەتلىك ئىش. جەمىيتىمىزدە نۇرغۇنلىغان بايراملار ۋە خاتىرىلەر يىلدا ئۆتكۈزىلىدۇ. مەسىلەن ئاشىق مەشۇق بايرىمى، تۇغۇلغان كۈنى بايرىمى. روژىستوۋا ، دىگەندەكلەرمۇ خاتىرلىنىدۇ. لىكىن ھەر يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى «دۇنيا كىتاپ ئۇقۇش كۈنى» ئىكەنلىكىنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كۆپلىگەن پەرزەنىتلىرى «ئاشىق مەشۇقلار بايرىمى»نى بىلگەنچىلىك بىلىپ كىتەلمەيدۇ. دىمەكچىمىزكى بۇنداق دەپ ھەممىنى بىرتاياقتا ھەيدەپ يوققا چىقارماقچى ئەمەسمىز .پەقەت ئەھۋالغا قاراپ سېلىشتۇرما قىلىۋاتىمىز .شۇڭلاشقا دۇنيادا مۇشۇنداق بىر كۈننىڭ بارلىقىنى تورداشلارغا ئەسكەرتىش مەقىسدىدە بىز كىتاپ ھەققىدە ئۈزىمىزنىڭ تەييارلىغان بۇ پىروگىراممىسىنى سۇندۇق. بۇ قىتىملىق پىروگىراممىنى ئىشلەشكىمۇ ئوخشاشلا كۆپ ئەجىر سىڭدۈرۈلدى. دەسلىۋىدە تورىمىزدا «قەلىپ كۆزنىكى » نامىدا سىناق قىلىپ بۇ تور تىلىۋىزىيەسىنى يول قويغان ئىدۇق. كىيىن بۇ سىناقنى ئۇستازىم پەرھات مۇئەللىمنىڭ تەۋسىيەسى ۋە ياردىمى بىلەن ئۇ فىلىمنىڭ نامىنى «مىھىر ئالىمى»گە ئۆزگەرىتىپ «دەرمان شىركىتى »نىڭ قۇرغۇچىسى ئابلاجان ئاكىنى زىيارەت قىلىپ تارقاتتۇق. مانا ئەمدى بىز مۇقىم بولغان پىروگىرامما ئىشلەش گۇرۇپىسىنى ئاخىرى تەسىس قىلىپ، مۇقىم پىروگىرامما ئىشلەش گۇرۇپىسىغا ئايلاندۇق. بىز مۇۋاپىق پەيىتتە ياخشى تىمىلارنى تاللاپ ، تورداشلارغا سۇنىمىز. شۇڭلاشقا بۇ نۆۋەت «مىھىر ئالىمى پىروگىراممىسى» نىڭ 2-سانى يوللاندى كۈرۈپ باھا بىرەرسىلەر.
ئالاھىدە ياردەم بەرگەن ئۇرۇنلار : ئۈرۈمچى ئەلكۈن كىتابخانىسى ئۈرۈمچى ئۇغۇز كىتابخانىسى ساھىبەلەر گىرىمچىلىكى نازىنىن توي كىيىم كىچەك مەركىزى
ئانا تۇپراق تور بېكىتى ئانا تۇپراق تورى فىلىم ئىشلەش گۇرۇپپىسى 2012 - يىلى04 - ئاينىڭ 22 - كۈنى
|
|
|
|
|
|