مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2423|ئىنكاس: 33

تەڭرىتاغ ئەزىمەتلىرى شىئەندە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78376
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 71
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 4 سائەت
تىزىم: 2012-4-4
ئاخىرقى: 2012-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 11:14:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۈگۈن يەنى 2012 - يىلى 4- ئاينىڭ 21- كۈنى شىئەندىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان شىئەن قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن  بىر قەدەر چوڭ دائىرىلىك  2012 - يىللىق نورۇز مەشرىپىدىن كېيىنكى يەنە بىر قېتىملىق كاتتا يىغىلىش. مەملىكەتلىك پۇتبۇل بىرلەشمىسىنىڭ 2012- يىللىق  ب دەرىجىلىكلەر مۇسابىقىسىنىڭ شىنجاڭ كوماندىسى بىلەن ساھىبخان كوماندا شەنشى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان مۇسابىقە شۇ كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت دە قەدەمىي شەھەر شىئەندە ئۆتكۈزۈلدى. شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن
شىئەندە ئوقۇۋاتقان ، بىلىم ئاشۇرۇۋاتقان، خىزمەت ۋە ساياھەتكە كەلگەن ھەم سودا قىلىۋاتقان  ئۇيغۇر قېرىنداشلار ۋە يەرلىك كىشىلەر بولۇپ جەمئى 5000 دىن ئارتۇق تاماشىبىن نەق مەيدان مۇسابىقىنى كۆردى. بۇلارنىڭ ئىچىدە 500 گە يېقىن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۈسىتىگە كۆك رەڭلىك مايكا كېيىۋالغان بولۇپ، مەيدىسىگە ‹‹ ھۇررا، شىنجاڭ ›› دەپ چوڭ خەت بېسىلغان ئىدى. ئوڭ مەيدىسىگە ئېنگلىزچە 1927 - يىلى قەشقەردە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقارالىق پۇتبۇل مۇسابىقىسىنىڭ ئۇچۇرى يېزىلغان بولۇپ، كەينىگە ئاتۇش ئېكساق دېھقانلار كوماندىسىنىڭ ئەنگلىيە كوماندىسىنى 2:1 نەتىجە بىلەن، شىۋىتسىيە كوماندىسىنى 7:0 نەتىجە بىلەن يېڭىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن ئىدى.مۇسابىقە ھۇررا سادالىرى ئىچىدە باشلىنىپ  باشتىن - ئاخىر قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە ئېلىپ بېرىلدى. مۇسابىقە جەريانىدا تاماشىبىنلارنىڭ ئالقىش - سادالىرى ئۈزۈلمىدى، بولۇپمۇ، ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ ۋاقىراش ، ئىسقىرتىشلىرى پۈتۈن مەيداننى ئىنتايىن لەرزىگە سېلىۋەتكەن ئىدى. بەزىلەرنىڭ ۋاقىراپ ئاۋازلىرى پۈتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ھەرگىز توختاپ قالمىدى. ئۇلار خۇددى يېڭىلمەس زور بىر قوشۇندەك ئەزىمەتلىرىمىزگە توختىماستىن مەدەتلەرنى بەرمەكتە. بىزنىڭ تەنھەركەتچىلىرىمىزمۇ بىزنىڭ ۋە پۈتكۈل دىيارىمىزدىكى قېرىنداشلارنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماسلىق ئۈچۈن رىقابەتچىلىرى بىلەن جاپالىق ئېلىشتى.ۋاقىت ئۆتۈۋەردى، مۇسابىقە جىددىي داۋاملاشماقتا. بۇ كەسكىن ئېلىشىش ۋە تىركىشىش ھەممەيلەننى جىددىيلەشتۈرىۋەتتى. 1- مەيدان 0:0 نەتىجە بىلەن ئاخىرلاشتى.  2- مەيدان مۇسابىقىمۇ ئەندىشە ئىچىدە داۋاملاشماقتا، ئەزىمەتلىرىمىز ئۆز - ئارا ياخشى ماسلىشىپ، بارلىق تاكتىكىلىرىنى ئىشقا سېلىپ، ھەتتا يارىلىنىپ، كۆپ قېتىم ھۇجۇمغا ئۆتسىمۇ، شۇنچە كۆپ توپ مەستانىلىرنىڭ مەدىتى بىلەن  ئۆزلىرىگە
روھى كۈچ ئېلىۋاتقان ساھىبخان كوماندىنىڭ ھەيۋىسىنى يەنىلا سۇندۇرالمايۋاتقان ئىدى. بىراق ، بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ سۈر - ھەيۋىسى يەنىلا ھەممىنى بېسىپ چۈشۈپ چۈشەتتى. بۇنىڭدىن ھاڭ - قالغان ھەر قايسى تاراتقۇلارنىڭ مۇخبىرلىرى ئالاھىدە ئالدىمىزغا كېلىپ، بۇ ھەيۋەتلىك كۆرۈنۈشنى سىنغا ئېلىشتى ۋە سۈرەتكە تارتىشتى. مانا مۇشۇنداق ئۆز - ئارا قوللاش، مەدەت بېرىشنىڭ تەسىرى بىلەن مۇسابىقە ئاخىرلىشىشقا 3
مىنۇت قالغاندا مۇسابىقىدە جىددى ئۆزگىرىش كۆرۈلدى. ئەزىمەتلىرىمىز چىريلىق پاسلىشىپ، بىردىنبىر ھالقىلىق غەلىبە  توپىنى ئۈسسۈپ كىرگۈزدى. مانا بۇ ئىناقلىق، ھەمكارلىق ، دوستلۇق ۋە ئۆملۈكنىڭ غايەت زور كۈچ - قۇدرىتى ئىدى. بۇ ۋاقىتتا بىزنىڭ ئالقىش چۇقانلىرىمز تېخىمۇ ئەۋجىگە چىققان بولۇپ، ھۇررا- سادالىرىمىز شىئەن ئاسمىنى لەرزىگە سېلىپ، ھەتتا نەچچە مىڭ يىل ئۇيقۇدا ياتقان قەدەمىي جەسەتلەرنىمۇ قورقۇتۇپ ئويغۇتىۋەتكۈدەك دەرجىدە يىراق - يىراقلارغا تارقىلاتتى.
مۇسابىقە ئاخىرلاشتى، بىز ئەزىمەتلىرىمىزدىن سۆيۈندۇق، پەخىرلەندۇق. ئۇلار ئالدىمىزغا ئۇچقاندەك  يۈگرەپ كېلىپ قوللىرىنى كۆكسىگە ئېلىپ،  بىزگە ھۆرمىتىنى، رەھمىتىنى بىلدۈرۈشتى.  ھەممەيلەن كۆزلىرىدە خوشاللىق، غەلىبە جىلۋىسى، ھەتتا بەزىلەر ھاياجاندىن يىغلاپ تاشىلىدى. بىز كۆرۈش سۇپىسى ئۈستىدە، ئەزىمەتلىرىمىز پەستە. بىر - بىرىمىزگە قانماي بېقىشاتتۇق، توۋلىشاتتۇق، تەبرىكلىشەتتۇق. كۆڭلۇمىزدە نىمىلەرنىدۇر سىرداشقۇمىز كېلەتتى.  لېكىن بىزنىڭ نىشانىمىز، دۇئا - تېلەكلىرىمىز ۋە ئارزۇ - ئارمانلىرىمىز ئۇخشاش ئوخشاش ئىدى.  بىز ئۇلارنى تونۇمايتتۇق، ئۇلارمۇ بىزنى تونۇمايتتى، بىراق بىزنىڭ يۈرۈكىمىز، كۆزلىرىمىز، غايىلىمىز، ئۈمىدلىرىمىز تونۇشاتتى.  يۇرت سۆيگۈسى، يۇرت مۇھەببىتى ۋە ئىستكلىرىمىز،قىسمەتلىرىمىز بىزنى تونۇتتى. قەلبىمىزدە بىرلا سۆز ، ئۇ بولسىمۇ، ئۆملۈك، ئۆملۈك pيەنە ئۆملۈك !......تۆۋەندە مۇسابىقىنىڭ بىر قىسىم سۈرەتلىرىنى تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇق.

现场8.jpg

现场9.jpg
现场11.jpg
现场12.jpg
现场4.jpg
现场5.jpg
现场6.jpg
现场7.jpg
观众22.jpg
现场1.jpg
现场2.jpg
现场3.jpg
观众16.jpg
观众17.jpg
观众19.jpg
观众20.jpg
观众11.jpg
观众12.jpg
观众13.jpg
观众14.jpg
观众7.jpg
观众8.jpg
观众10.jpg
观众3.jpg
观众4.jpg
观众5.jpg
观众6.jpg
观众1.jpg
观众2.jpg


مۇسابىقىنىڭ ئەڭ ھاياجانلىق مىنۇتلىرى




قوشۇمچە: شىئەن قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتى 2012 - يىللىق نورۇز مەشرىپى خەۋەرلىرى.
http://bbs.alkin.cn/read.php?tid=6160
http://bbs.xjtsnews.com/forum.php?mod=viewthread&tid=11854
http://bbs.bagdax.cn/read.php?tid=7833
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-75540-1-1.html

باشقا مۇناسىۋەتلىك مىدىيەلەر تەھرىرلىنىۋاتىدۇ.....
ئەسكەرتىش:كود ھالىتىنى بەك قالايمىقان ئىشلىتىپسىز،تازلاش ئۈچۈن نۇرغۇن ۋاقىت كەتتى،بۇندىن كېيىن،تېكىست ھالىتىدە نورمال ھالەتتە يېزىپ يوللىغان بولسىڭىز!


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-22 03:48 PM  


观众9.jpg

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78376
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 71
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 4 سائەت
تىزىم: 2012-4-4
ئاخىرقى: 2012-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 11:51:48 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالدىنقى يېرىم مەيدان

http://v.youku.com/v_show/id_XMzg1MDU5NDAw.html
كېيىنكى يېرىم مەيدان

http://v.youku.com/v_show/id_XMzg1MDYyOTUy.html
شىئەن 2007 -يىللىق ‹‹ تەڭرىتاغ لوڭقىسى›› پۇتبۇل مۇسابىقىسى


http://v.youku.com/v_show/id_XMzg1MDY5ODU2.html
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-22 04:17 PM  


ھېتلىردەك ياشاپ

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78945
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 59
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 13 سائەت
تىزىم: 2012-4-16
ئاخىرقى: 2012-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 12:06:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھۇررا ئۇيغۇر ئەزمەتلەر ................

داۋاملىق سۈكۈت قىلامدۇق....

♥LOVE✿KEY♥

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29588
يازما سانى: 543
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4532
تۆھپە نۇمۇرى: 605
توردا: 540 سائەت
تىزىم: 2011-2-8
ئاخىرقى: 2012-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 12:10:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ياخشى ئىش بولۇپتۇ
بەك ياخشى خۇش خەۋەركەن، تىما ئىگىسىگە تەشەككۈر

گۈل قانچىكى چىرايلىق بولسا ، بولبۇلنىڭ ھەسرەت -پىغانىمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 44484
يازما سانى: 157
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 793
تۆھپە نۇمۇرى: 648
توردا: 4760 سائەت
تىزىم: 2011-6-15
ئاخىرقى: 2012-5-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 12:11:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھۇررا شىنجاڭ .......بۇ قىسقا فىلىمنى كورۇپ كوزۇمگە ياش كەلدى ....
بۇندىن كىيىن تىخمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۇرۇشىىڭلارنى ئۇمۇد قىلمەن.........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76901
يازما سانى: 83
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 316
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 33 سائەت
تىزىم: 2012-3-4
ئاخىرقى: 2012-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 12:33:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ خۇشاللىقىمدا  يىغلىۋىتەيلا قالدىم       ئەگەر  بۇرۇن بىلگەن بولسام  شىئەنگە  بىېرىپ نەق مەيداندىن  كۇرگەن  بولاتتىم  شىنجاڭ پۇتبۇلچىلىقى  تىخىمۇ  تەرەققى قىلغۇسى                  
ھۇررا شىنجاڭ پۇتبۇلچىلىقى  ........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74255
يازما سانى: 1016
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3628
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 540 سائەت
تىزىم: 2012-1-29
ئاخىرقى: 2012-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 01:07:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق بولغاندا شىنجاڭدا رەسمىي پۇتبول كوماندىسى قۇرۇلدىما؟ ياكى بۇلار ئىشتىن سىرتقى كوماندىمۇ ، بىلىدىغانلار بولسا جاۋاب بېرۋەتسەڭلار

ئارمانغا يەتمەك نىمانچە تەستۇ؟

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11319
يازما سانى: 172
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6713
تۆھپە نۇمۇرى: 412
توردا: 1581 سائەت
تىزىم: 2010-9-23
ئاخىرقى: 2012-6-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 01:13:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىسقا فىلىمنى كۈرۈۋېتىپ كۈزۈمگە لىق ياش كەلدى،بۇغۇزۇمغا بىر نەرسە تۇرۇپ قالغاندەك بۇپ قالدىم،ئاپىرىن ئەزمەتلەر،مەدەت بەرگەن ئوغلان-قىزلىرىمىزغىمۇ ئاپىرىن...

يەيدىغان زەھەر بار،يىمەيدىغان ھەسەل

كۆرەش كەلگۈسى ئۈچۈندۇر،

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17073
يازما سانى: 1275
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1962
تۆھپە نۇمۇرى: 207
توردا: 1864 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2012-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 01:16:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك  خو ش  بولدۇم  ..تىما ئىگىسى مۇشۇنداق  ئىسىل تىمىنى بىز  بىلەن  ئۇچراشتۇرغىنىغا رەخمەت  ..

ئنسان ئۆزئۆمرىدىن ئۈكۈنمەيدىغان بولسۇن            ،ئىمان بىلەن ھايادىن ئايرىلغان ۋاقتىڭ تىرىك  تۇرۇپ ئۆلگەن ۋاقتىڭدۇر،

ئىغىلدا ياشىساڭ ، ئىشەكنىڭ خۇي

تىرىشچان ئەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12462
يازما سانى: 431
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15861
تۆھپە نۇمۇرى: 2156
توردا: 6592 سائەت
تىزىم: 2010-10-2
ئاخىرقى: 2012-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 01:39:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
غەيرەت قىل ئۇيغۇر ! غەيرەت قىل غەربى دىيار !  

يانچۇقچىدىن بىر ئىككىسى تۇرامدۇ . تاماششىبىنلارنىڭ ئارسىدا !  ئۇلارمۇ مەدەت بەرگىلى كەپتۇ مانا ! ياخشى ئىشى دىگەن ھامىنى ياخشى دە ، ئۆملۈك

ئاللاھ جاجاڭنى بەرسۇن . بىزگە قىلغان ئەتكەنلىرىڭنىڭ 1000 مىڭى بولسۇن !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش