ھەر دۆلەت سىياسىئونلىرىنىڭ ئوسال بولۇپ قالغان ۋاقىتلىرى ( قىزىقارلىق !)
چىلىنىڭ زۇڭتۇڭى توپ باشلىغاندا ئايىغى ئۇچۇپ كەتكەن
2008-يىلى،11-ئاينىڭ6-كۈنى،U20ئاياللار پۇتبول كوماندىسى دۇنيا ياشلار مۇسابىقىسىنىڭ چىلى تېمكىدا مۇسابىقىنى باشلىغان،چىلى زۇڭتۇڭى باچسات توپ باشلاش مۇراسمىدا توپ باشلايمەن دەپ ئايىغىنى ئۇچۇرتىۋەتكەن.
موكېر ساركوزىنىڭ بېسىپ سۆيىۋىلىشىغا ئۇچرىغان،ھەمدە فىرانسىيەگە دېپلوماتىيە نارازىلىق بىلدۈرگەن.
ئېچىلغىنىغا ئۇزۇن بولمىغان پارژدا ئېلىپ بېرىلغان تۆت دۆلەت باشلىقلىرى ئۇچرىشىشى يىغىنىدا گىرمانىيە زۇڭلىسى موكېر ئۆزىنىڭ فىرانسىيە زۇڭتۇڭ ساركۇزىنىڭ «لاتىن»چە كۆرۈشۈش ئۇسۇلىنى قوبۇل قىلالمىغانلىقىنى،ناھايىتى ئوسال بولۇپ قالغانلىقىنى ئېيىتقان.
ۋىلىيام شاھزادە كوچىدا كىچىك تەرەت قىلىۋاتقاندا باشقىلار ئۇنى ئوغۇرلۇقچە رەسىمگە تارتىۋالغان .
ئەنگلىيە«كۈندىلىك چولپان گېزىتى»نىڭ 11-ئاينىڭ22-كۈنىدىكى خەۋىرى،26ياشلىق ئەنگلىيە شاھزادىسى ۋىلىيام ئالدىنقى ئايدا موتسىكىلىت بىلەن ئافرىقىنىڭ قاقاس چۆلىدىن ئۆتۈپ ساخاۋەت فوندى ئۈچۈن ئىئانە توپلىغاندا،يېرىم يولدا يول بويىدا كىچىك تەرەت قىلغاندا باشقىلار تەرىپىدىن سۈرەتكە تارتىۋىلىنغان،ھەمدە تورغا چىقىرىۋىتىلگەن.بۇ رەسىمنى كۆرۈشكە ئىنتىلگەن تورداشلار ناھايىتى كۆپ بولۇپ كەتكەنلىكتىن،ژۇرنالغىلا چىقىرىلغان،بۇ رەسىملەرنى كۆرۈش نىسبىتىنىڭ يۇقىرىلىقىدىن تور بېكەتلەر قېتىپ قالغان.
ئامېرىكا سابىق زۇڭتۇڭى بۇشنى ھەرە بوزەك قىلىپ كەتكەن.
ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بۇش 2003-يىلى5-ئاينىڭ 23-كۈنى،تېكساس ئىشتاتىدىكى شەخسىي دېھقانچىلىق مەيدانىدا ياپونىيە باش ۋەزىرى بىلەن كۆرۈشكەندە،ئۇ نۇتۇق سۆزلىگەندە بىر ھەرە ئۇنىڭ بېشىنى پىقىراپ كېتەلمىگەن،ئۇ ھەرىنى قوغلاش ئۈچۈن ئامال يوق قوللىرىنى پۇلاڭلىتىپ نۇتۇقنىمۇ ئوڭۇشلۇق سۆزلىيەلمەي قالغان.
ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىنىڭ دۇربۇننىڭ ياپقۇچىنى قايرىۋەتمەيلا مانېۋېرنى كۆزدىن كەچۈرىشى گېزىتلەرگە بېسىلىپ كەتكەن.ئۇ ھېچنېمىنى كۆرەلمەي تۇرۇپ مانېۋېرنى راسا ماختاپ سېسىپ قالغان.
پۇتىن«تۇيۇقسىز قۇچاقلاشقا»ئۇچراپ كەتكەن.
2006-يىلى10-ئايدا،رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن كرېمل سارىيىدا ھەرساھەدىكى مۇنەۋەر كىشلەرگە مېدال تارقاتقان،.ئۇ بىر ئايال كىنو ئارتىسىغا ئۈچىنچى دەرىجىلىك مېدالنى تارقاتقاندا ھاياجانلىنىپ كەتكەن ئايال زۇڭتۇڭ تەييارلىقسىز تۇرغاندا بېرىپ قۇچاقلىۋالغان،تېخى بېلىدىن تۇتۇپ بېشىنى مەيدىسىگە قويۇپ تۇرىۋالغان،زۇڭتۇڭ ھەم بارلىق تاماشىبىنلار بۇنىڭدىن قاتتىق ھەيران قالغان.
پەنجىۋېن قورقۇپ جوزىنىڭ ئاستىغا كىرىۋالغان.
2007-يىلى،بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى پەنجىۋېن ئىراقنىڭ پايتەختى باغدادقا تۇيۇقسىز زىيارەتكە بارغان،ئۇ بۇنىڭ ۋەزىپىگە چۈشكەندىن بۇيانقى تۇنجى قېتىم ئىراققا كېلىشى بولۇپ،دەل مۇشۇ چاغدا ئۇ ئىراقنىڭ زۇڭلىسى مارىج بىلەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىۋاتقاندا،50مېتىر يىراقلىقتا بومبا پارتىلغان ئاۋاز ئاڭلانغان،بومبا دەل ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى باشلانغاندا پارتىلغان بولۇپ،قورقۇپ كەتكەن پەنجىۋېن جوزىنىڭ ئاستىغا مۆكىۋالغان،ئۇ ئورنىدىن تۇرغاندا يەنە بىر خىل چۆچۈپ ئەتراپىغا قاراپ-قاراپ قويغان.
بۇشنىڭ كۈنلۈك بىلەن ئېلىشىشى
2005-يىلى6-ئاينىڭ1-كۈنى،ئامېرىكا سابىق زۇڭتۇڭى بۇش يامغۇرلۇق كۈندە كۈنلۈك بىلەن «جەڭ»قىلغان،بۇ چاغدىكى بۇشنىڭ ئوسال بولغىننى ياكى شۇنداق ئويناشقىننى بىلگىلى بولمايدۇ.
ساركۇزى بىلەن ئايالى رەسىمگە چۈشكەندە ساركۇزى دائىم پۇتىنى كۆتۈرىۋالىدۇ.
فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ساركۇزى بىلەن رەپىقىسى بۇرۇنى ئەنگىلىيەگە زىيارەتكە بارغاندا،ئەنگلىيە تاراتقۇلىرى بويى ئايالىدىن پاكار ساركۇزىنىڭ بۇرۇنى بىلەن رەسىمگە چۈشكەندە،بويىنى تەڭ چىقىرىش ئۈچۈن پۇتىنى كۆتۈرىۋالىدىغانلىقىنى بايقىغان،ساركۇزىنىڭ بوي ئېگىزلىكى 1.65مېتىر،بۇرۇنىنىڭ بولسا 1.75مېتىركەن.
دۇنيا بانكىسى بانكا باشلىقىنىڭ تېشىلىپ قالغان پايپىقى
2007-يىلى1-ئاينىڭ28-كۈنى،دۇنيا بانكىسى بانكا باشلىقى تۈركىيەگە زىيارەتكە بارغاندا،بىر مەسچىتنى ئېكسكۇرسىيە قىلغىلى كىرگەندە ئايىغىنى سالغاندا پايپىقىنىڭ تۆشۈكلىكى چېنىپ قالغان،بۇ رەسىمگە قارىتا تورداشلار قاتتىق غۇلغۇلا قىلغان.
ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بۇش ئۇكرائىناغا زىيارەتكە بارغاندا،قارشى ئېلىش مۇراسىمىدا ئۇ ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭىنىڭ خانىمىنى چىڭ قىزغىن سۆيىۋالغان،بۇشنىڭ رەپىقىسى لورا بۇنى كۆرۈپ ئۇنىڭ پېشىدىن تارتىپ ماڭغان.
پۇتىننىڭ رەپىقىسىنى قىزغىن سۆيىۋالغان بۇش
پۇتىن بىلەن تۇنجى قېتىم يۈز كۆرۈشكەندە،بۇش پۇتىننىڭ رەپىقىسىنى قىزغىنلىق بىلەن سۆيگەن،بۇنى كۆرگەن پۇتىن كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ رەپىقىسىنىڭ چاپىنىنىڭ پۇشقىقىنى تارتقان.
مەنبە _ مەنبە : news.xinhuanet.com