بىر ئاغىنەم مەندىن تۇپراقنى ئاسراش توغرىلىق ئازراق مەسلىھەت سورىغان، سۆزلەپ كىلىۋىتىپ بۇنىڭ بەك ئەھمىيەتلىك تىما ئىكەنلىگىنى ھىس قىلدىم، ھەم بۇ يەرگە بۇ توغرىلىق چۈشەنچىلەرنى تاشلىدىم.شۇنداق ، تۇپراق بەك ئۇلۇغ،ئىنسان تۇپراقتىن يارىتىلغان، ھەم تۇپراققا قايتىدۇ. زىمىن ، تۇپراق قايسى مەينەتچىلىك قايسى سىسىقچىلىقلارنى ئۆز باغرىغا سىڭدۇرۋىتەلمىگەن؟ دىخان بولماي نان نەدە؟ تۇپراق بولماي دىخان نەدە؟ تۇپراق، سۆيۈملۈك تۇپراق، سەن بىزنىڭ ئەسلىمىزۋە ۋەسلىمىزسەن، بىزمىڭ قۇۋۋىتىمىز روھىمىز غورۇرىمىزسەن. لىكىن خىجىلمىزكى ئانا تۇپراق...قىستاپ كەتسە ئۇ ياق بۇ ياققا تىز- تىز قارىۋىتىپ كىچىك تەرىتىمىزمى ئالدىراپلا قويۇۋىتىپ ئۇستىڭدىن بىسىپ ئۆتۈپ كىتىۋەرگەندەك سىنىڭ ئۇلۇغلۇغۇڭ، خۇددى ئىنسان پەرزەنتلىرىڭدەك نازۇكلىغۇڭ، كەتسە كەلمەسلىگىڭ توغرىلىق تىخى ئويلانغىدەك بولماپتۇق.
ئەمىسە تۇپراقنىڭ غەيۋىتىنى باشلايلى......
تۇپراق ۋە تۇپراق تەركىۋى
تۇپراق يەر شارى يۈزىنىڭ ئوخشىمىغان قېلىنلىقتىكى ھەر خىل تاغ جىنىسلىرى قاتلىمىدىن تۇزۇلگەن ئۈستۈنكى قەۋەت قىسمى بولۇپ مىنىرالنى ماددا (تاغ جىنىس تەركىپلىرى)، ئورگانىك ماددا(تۇپراق تەركىۋىدە مەۋجۇت بولغان ھەر خىل شەكىلدىكى ئۆسۈملۈك ۋە ھايۋان چىرىندىلىرى، باكتىرىيە زەمبۇرۇغلار)، سۇ ۋە ھاۋادىن ئىبارەت ئاساسلىق تەركىپلەردىن تۈزۈلگەن. سىتاتىسكىلارغا ئاساسلانغاندا تۇپراق تەركىۋىنىڭ 90-95% قىسمى مىنىرالنى ماددىلار،1-10% قىسمى ئورگانىك ماددا بولۇپ ئادەتتە تۇپراق ئورگانىك تەركىپ ئاز كۆپلىگى تۇپراقنىڭ ئۈنۈمىنى بەلگىلەيدۇ.ئادەتتە دىخانچىلىقتا تۇپراققا يەرلىك ئوغۇت بىرىشىمىزنىڭ مەقسىدىمۇ تۇپراقنىڭ ئورگانىك تەركىپ نىسبىتنى ئاشۇرۇش ۋە شۇ ئارقىلىق تۇپراقنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈندۇر. تۇپراق سۇيۇقلىغى بولسا تۇپرانىڭ نىسبى سۇ تەركىۋى، ۋە سۇدا ئىرىگەن ھەر خىل ئىرىگۈچى ماددىلارنىڭ ئومۇملاشتۇرۇلۇپ ئاتىلىشىدۇر. تۇپراق سۇيۇقلىغى ئۆسۈملۈك ۋە مىكرو ئورگانىزىملارنىڭ تۇپراقتىن سۇ ۋە ئوزۇقلۇق قوبۇل قىلىشىنڭ كاپالىتى، سۇ يەنە تۇپراق تەركىۋىدىكى نورمىدىن ئارتۇق تۇزلار ۋە بۇلغانما ماددىلارنىڭ تۇپراق تەركىۋىدىن ئايرىلىپ تازىلىنىپ چىقىپ كىتىشىدىكى ۋاستىچى، بۇنى بىز دىخانچىلىقتا ئوسا دەيمىز، يەنى تىرىقچىلىقتىن بۇرۇن تۇپراقنى مۇنچىغا چۈشۈرۈپ تازىلاپ تاراش جەريانى.ھاۋا تۇپراق تەركىۋىدىكى مىكرو تۆشۈكچىلەردە مەۋجۇت بولۇپ تۇپراق ئىچى ۋە سىرتىدىكى ماددا ئالماشتۇرۇشتا تونىللىق رولىنى ئوينايدۇ، بۇ تونىلنى بىز ئادەتتە كاپىليار نەيچە دەيمىز؟ نىمە ئۈچۈن يەر ئاغدۇرىمىز؟ مەقسەت يەرنى يۇمشۇتۇشتىن باشتا بايا دىگەن كاپىليار نەيچىلەرنى يەنى ھاۋا تونىللىرىنى بۇزۇۋىتىش بۇ ئارقىلىق تۇپراق سۇ تەركىۋىنىڭ ھاۋا تونىلى ئارقىلىق كۆپلەپ پارغا ئايلىنىن چىقىپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش.
تۇپراقنىڭ رولى
تۇپراق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئوزۇقلۇق ئامبىرى بولۇپ يەر شارى قۇرۇقلىغىدىكى بارلىق جانلىقلارغا زۆرۈر بولغان ئوزۇقلۇق ماددىلىرىنىڭ كىلىش مەنبەسى.
تۇپراق جانلىقلار پائالىيىتىنىڭ يۆلەنچۈگى ۋە تايانچ ئاساسى، بارلىق يىشىل ئۆسۈملۇكلەرنىڭ يىلتىز ۋە غول قىسىملىرى تۇپراقنى تايانچ قىلغان بولسا ھەر خىل ھەر ياڭزا جانلىق تۈركۈملىرىنىڭ ھاياتلىق پائالىيەتلىرى تۇپراقنى ئاساس قىلغان يەر يۈزىدە ئىلىپ بىرىلىدۇ
تۇپراق يامغۇر يىشىن ھۆل يىغىنلارنى ئۆزىگە سىڭدۇرۇپ سۇ ئايلىنىشنى تەڭشەپ تۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ.
تۇپراق ھاياتلىق ۋە مۇھىت ئارىسىدىكى ئۆز-ئارا ماددا ئايلىنىش ۋە دەۋرىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ جانلىقلار ھاياتلىق پائالىيىتىنىڭ ئۈزلۈكسىزلىگىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.
تۇپراقنىڭ سىرتقى مۇھىتنىڭ تىپپراتورىسى، نەملىگى، كىسلاتالىغى قاتارلىق خۇسۇسىيەتلىرىنى تۇراقلىق ساقلاشتا رولى چوڭ بولۇپ بۇنىڭدىن باشقا سىرتقى مۇھىتتىن كەلگەن ئورگانىك، ئانورگانىك بۇلغانمىلارنى سۈزۈش، پارچىلاش، چۆكمىلاشتۈرۈش ۋە زەھەرسىزلەندۈرۈش رولى بار.
تۇپراقنىڭ توپا-تاش ۋە ئۆي زىمىن قۇرۇلۇشىدىكى تۆھپىسى، بۇنى دىمىسەممۇ بىلىسىلەر، بىز ئولتۇرۇۋاتقان بىنا ئۆيلەرنىڭ ھەر بىر تال كىسىكى نەچچە يىللا بۇرۇن بۇغداي قوناقلارلار يەلپۈنۈپ تۇرغان مۇنبەت ئىتىزلارنىڭ توپىسىتى.
ئەمىسە يۇقۇرىقىلاردىن تۇپراق بۇلغۇنىش ۋە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراش ئىلىپ كىلىدىغان ئاقىۋەتلەر قانداق بولىدۇ دىگەن سوئالغا جاۋاپ چىققاندەك تۇرىدۇ، بۇنى ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن بۇنى ھازىرچە يوللاپ تۇراي، ئاخرىنى ئىنكاس شەكلىدە يازىمەن، كۆپچىلىكنىڭمۇ ئاكتىپلىق بىلەن پىكىر قاتناشتۇرىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا aksiya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-22 12:59 AM