مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2877|ئىنكاس: 77

تېمىلارغا چەك قۇيۇش لاھىيسى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

ئىشچان باشقۇرغۇچى ئەستايىدىل باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53836
يازما سانى: 897
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 17318
تۆھپە نۇمۇرى: 1799
توردا: 6794 سائەت
تىزىم: 2011-8-30
ئاخىرقى: 2012-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 04:49:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېمىلارغا چەك قۇيۇش لاھىيسى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،قەلبى ئاتەش،تىرىشچان، ھەر كۈنى مۇنبەردە مۇنازىرە قىلىپ كېلىۋاتقان ، ئۆزىنى ئىلىم ئۆگنىش يولىغا ئاتىغان مۇنبەردىكى ئەزىز دوستلار، بۈگۈن قولۇمغا قەلەم ئېلىپ، سىلەر بىلەن بىر قانچە ئىشتا ئورتاقلىشىپ بېقىش مەقسىتىدە بۇ تېمىنى يېزىپ ئولتۇرۇۋاتىمەن.
    ئەلۋەتتە،بۇ تېمىنى ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بۇيان يوللىنۋاتقان تېمىلار ۋە تېمىغا چۈشكەن بەزى ئىنكاسلار سەۋەبلىك بولدى.ئەمدى مەقسەتكە كەلسەك،يېقىندىن ۋاقىتلاردىن بۇيان مۇنبەردە ئەزالار مۇئەييەن سانغا يەتتى،لېكىن،سان ۋە سۈپەت جەھەتلەردىكى نوقسانلار ئاز ئەمەس. مۇنبەر-تەرەقىياتى نۇرغۇن قىسمەتلەرنى باشتىن كەچۈردى،مۇنبەر قۇرۇلۇپ تا ھازىرغا كەلگۈچە بولغان ئارىلىقتا،بەزى مۇھىم ئىشلارنى نۇرغۇن ئەزالار ئۆز كۆڭۈل سۆزىدە ئىپادىلەپ كەلمەكتە،پىكىر-تەكلىپنى ئايرىم تېما ياكى ئىنكاسلاردا يازماقتا،لېكىن،بۇ ئىشنىڭ ئەمىللىشى،مۇنبەردىكى بارلىق ئەزالارنىڭ كۆڭلىگە ياققۇدەك بىر مۇنازىرە مەيدانى تەييارلاشتا كۆرۈلگەن كەمچىللىك تۈپەيلى،نۇرغۇن ئىشلار يەنىلا ئۆز سەنىمىگە دەسسەپ مېڭىۋاتماقتا.شۇ نۇقتىنى كۆزدە تۇتۇپ تۇرۇپ،ئۆز مەيدانىمدا تۇرۇپ،پىكىر-بېرىپ باقماقچى، بىز ھەممىمىز ئۆگەنگۈچى مۇنبەردە نۇرغۇن ئەزالار بار، لېكىن،ئۇلارنىڭ بىرلا ۋاقىتتا،ھەر دائىم تورغا چىقىپ بۇلۇشى قەتئىيلا مۇمكىن ئەمەس،شۇڭا،بىز شۇ نۇقتىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەككى،مۇنبەردە 2-3كۈندە بىر،ھەپتىدە بىر ئارىلاپ كۆرىدىغان ئەزالار بار. ھەممىمىزنىڭ كاللىسىدا چوقۇم بىر روشەن خاسلىققا ئىگە بولغان بىر ئىلغار-كۆز قاراش شەكىللىنىشى كېرەك،بۇ قاراشنى شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن ھەممە ئەزالار چوقۇم بىلىشكە تېگىشلىك بولغان بەزى مەسىللەرنى بايان قىلىپ ئۆتمەكچىمەن.

1. شېئىرنىڭ سان سۈپىتىگە ئەھمىيەت بەرسەك.
دەلىل:ھەر كۈنى مۇنبەرگە كىرىدىغان چاغدا، ئارقا بەتكە قارايمەن،لېكىن،10تېمىنىڭ 7-8شېئىر بوپ چىقىدۇ،بۇلارنى كۆرۈپ شۇنداق بىرخىل كۆڭلۈم يېرىم بولىدۇ،ئويلاپ بېقىڭلار ئەزىزلەر،بىز ئاشۇ ئالتۇندەك قىممەتلىك ۋاقتىمىزنى ئۇمۇمىي نىسبەتتە تۇتقا قىلماي،3-4كۇبلىت شېئىرنى، جانغا ئەسقاتمايدىغان كۆيدۈم-پىشتىم ، مۇھەببەت شېئىرى ئارقىلىق ئۆزىمىزگە مەنىۋى ئۇزۇق تۇلۇقلايمىزمۇ؟ ئاشۇ 3-4كۇبلىت شېئىرلارنى ئايرىم قلىىپ تېما يوللاپ قىلسا،بىر بوشلۇق ئىگەللەيدىغان گەپ، ئاشۇ بوشلۇق نەچچە مىڭ ئەزالارنىڭ ۋاقتىنى بىھۇدە ئىسراپ قىلمامدۇ؟ شۇ نۇقتا ئېسىمىزدە بولسۇنكى،ھازىر چىقىۋاتقان شېئىرلارمۇ بىزنىڭ ئۇقۇشىمىزغا 100يىل يېتىدۇ، مۇنبەردە خېلى ياخشى شېئىرلارنى  يازالايدىغان، يېڭىچە ئىستتىك تۇيغۇ ئاتا قىلايدىغان قەلەمكەش، شائىرلىرىمىز بار، بولسا ئەنە شۇ قەلەمكەش، شائىرلىرىمىز باشقىلارغا باشلامچى بولۇپ، ياشلىرىمىزنى ئويغۇتالايدىغان، ئوقۇرمەنلەرگە ئىستىتىك زوق بېغىشلايدىغان ئېسىل شېئىرلارنى تەغدىم ئەتسە شۇنداقلا باشقىلار يازغان شېئىرنىڭ بەدىئى قۇرۇلمىسى، تىلى، ئىپادىلەش ئۇسۇلى جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىق ۋە يېتەرسىزلىكلەرنى ئىنكاس شەكلىدە قالدۇرۇپ ھەۋەسكار شائىرلارنىڭ يېتىشىپ چىقىشى ئۈچۈن كۆپرەك كۈچ چىقارسا دېگەن ئۈمىدتىمەن.
يەكۈن:مۇنبەر نۇرغۇن ئەزالارنىڭ ئورتاق پايدىلىنىش ئۈچۈن قۇرۇلغان،مەن ئەمدى شۇ خۇلاسىنى چىقىرىمەنكى، مۇنبەردە شېئىر يازساق بولىدۇ،لېكىن،5-6پارچە شېئىرنى بىر توپلام قىلىپ يوللىساق دېگەن ئۈمىدتىمەن. بۇنداق بولغاندا،نۇرغۇن ئەزالارغا پايدىلىق بۇلۇپلا قالماي، يەنە نۇرغۇن بىز بىلىشكە تېگىشلىك بولغان مۇھىم تېمىلارنىڭ تېزدىن ئارقا بەتكە ئۆتۈپ كېتىشنى مۇۋاپىق دەرىجىدە تېزگىنلىگىلى بولىدۇ.

2. كۆچۈرمە تېما:يوللىنۋاتقان كۆچۈرمە تېمىلار مۇنبەردە ھەقىقەتەن كۆپ،نۇرغۇن ئەزلار بۇ ئىشقا سەل قاراۋاتىدۇ، باشقا مۇنبەردىكى ئەسەرلەرنىڭ مەنبەسى ئېنىق بولسا،شۇنى مەنبە قىلىپ، تور ئادىرسىنى ئۇنتۇغان ھالەتتە ئۆزى مۇستەقىل يوللىغان بوپ يوللاۋاتىدۇ.
دەلىل:مەن نۇرغۇن مۇنبەردىكى تېمىلارنى ھەر دائىم كۆرۈپ كېلىۋاتىمەن،لېكىن،شەكىلۋازلىق تا ھازىرغا كەلگۈچە تېخى تۈگىگىنى يوق،بەزى تېمىلارنى ئىزدەش ماتۇرىغا سالسىلا،ئۇ تېمىلار ئېكران يۈزىگە پاتماي قالىدۇ،بۇ ھەقتە مۇنبەر سەھىپىلىرى ئىچىدە تەرمىلەر، خانىم-قىزلار، تارىخ بەتلىرى، ساغلاملىق قاتارلىق سەھىپىلەردە روشەن كۆرۈلۈپ كەلمەكتە ۋە بەزى چىقىپ بولغان تېمىلار يەنە قايتا چىقماقتا، بۇنىڭ ئالدىنى ئالمىساق بولمايدۇ.
يەكۈن:مەيلى قايسى سەھىپىگە يوللايلى،باشقا تور بەتنىڭ ياكى كونا تېمىلارنى تېما قىلىپ يوللىمىساق، لېكىن ياشلارنى ئويلىنىشقا سالالايدىغان، پايدىلىنىش قىممىتى يوقۇرى تېمىلارنى شۇ مۇنبەر ياكى ئاپتورنىڭ رۇخسىتى بىلەن يوللىساق بولىدۇ .  

3. يۇمۇر-لەتىپىلەر  ھەققىدە: كۈلكە جاننىڭ ئوزۇقى. يېڭى ، كۈلكىلىك يۇمۇر بىزگە شادلىق بەخش ئېتىپ، چارچىغان تېنىمىزگە ئاراملىق بەخش ئېتىدۇ.  دەلىل:يۇمۇر لەتىپە ھەر كۈنى دېگۈدەك 2-3تېمىلار بار دېگۈدەكلا بار،ئۇنىڭ كېلىش مەنبەسى ئېنىق ئەمەس، بەزىلىرى ھەممە تور بەتلەردە ئېقىپ يۈرگەن.
يەكۈن: تورداشلارنىڭ يۇمۇر - لەتىپە يوللىغاندا ئەڭ يېڭى ، كۈلكىلىك، باشقا تور بەتلەردە ئېلان قىلىنمىغان، باشقىلارغا ھەقىقىي كۈلكە ئاتا قىلالايدىغان يۇمۇر - لەتىپىدىن 7-8 نى بىرلا تېما قىلىپ يوللىساق.

4.مەنبە:كۆپ تېمىلارنىڭ ئېنىق مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن،بۇ مۇنبەردە تېما تەستىقلاشتا ئەڭ باش قاتۇردىغان مەسىلە.
دەلىل:مۇنبەردە يوللىنۋاتقان تېمىلار ئىنتايىن كۆپ،لېكىن،كۆپ تېمىلارنىڭ ئېنىق كېلىش مەنبەسى يوق،بۇ جەھەتتە ماقالە-ئوبزۇرلار،تەرجىمە ئەسەرلەر كۆپ ساننى ئىگەللەپ كەتتى.
يەكۈن:تېما ئەۋەتكۈچى چوقۇم مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، مەنبەسى يوق تېمىنى كۆچۈرمە،ئوغۇرلىغان تېمىكەن دەپ بىزنىڭ گۇمانلىنىشقا،ئۇ تېمىنى رەھىمسىزلەرچە ئۆچۈرۈشكە ھەقلىقمىز. چۈنكى، شۇنچە ئۇزۇن تېمىنى يېزىش ئۈچۈن كۆپ ۋاقىت ئىسراپ قىلغان كىشىنىڭ بىر ئېغىزمۇ كەلمەيدىغان مەنبەنى يازالماسلىقى ۋەمەنبەنى تور دۇنياسى دەپ يېزىشى ئۇ تېمىنىڭ ئۆزىنىڭ ئەمەسلىكى قىل سىغماس پاكىت. شۇڭا، بىز ئۇنداق ھەقىقىي مەنبەنى ئەسكەرتمىگەن، ساختىلىق ئىشلەتكەن تېمىلارنى بۇندىن كېيىن يۈز-خاتىرە قىلماي ئۆچۈرۈپ تاشلايمىز، يەنە خەنزۇچە تور بەتلەردىن تەرجىمە قىلغان ئەسەرلەرنىڭ شۇ تور بەتنىڭ ئۇلىنىش ئادىرسى بۇلۇشى كېرەك، سېلىشتۇرۇپ،دەلىللەنگەندىن كېيىن تەستىقلىنىدۇ،بولمىسا،ئۆچۈرۈپ تاشلىنىدۇ.

5.ئىملا: بۇ مۇنبەردىكى ئەڭ چوڭ خاتالىق بۇلۇپ،ھەربىر ئەزانىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى.
دەلىل:مۇنبەردە تېما يوللاۋاتقانلار ئىچىدە نۇرغۇن ئەزالار ئىملاغا دىققەت قىلماسلىق،سۆزلەرنى خاتا يېزىش سەۋەبلىك نۇرغۇن ئىشلارغا دەخلى بولماقتا، مۇنبەردە مىللەت توغۇرلۇق ئالامەت گەپ قىلىدىغان بالىلار بار، پىكىر ئۆزگىچىلىكى، جەلپ قىلىش كۈچى ئادەمنى ھەقىقەتەن ئويلاندۇرۇپ قويىدۇ، لېكىن،ئانا تىلغا بولغان ھۆرمەتسىزلىك كىشىنى ئچېىندۇرىدۇ.
يەكۈن: تېمىدىكى ئىملا خاتالىقنى كۆپ سادىر قىلغان،مىللىتىنى سۆيىمەن دەپ ھەرخىل ژانىردا ئەسەر يېزىپ.لېكىن،ئىملاغا دىققەت قىلمىغان كىشىنىڭ ئەسىرى مىڭ ياخشى بوپ كەتكەن تەغدىردىمۇ، ئىملا خاتالىقى دەرىجىدىن تاشقىرى خاتا بولىدىكەن، ئۇ كىشىنىڭ تېمىسى ئۆچۈرۈلۈپ تاشلىنىدۇ،ئاخىردا شۇنى ئەسكەرتىمەنكى، ئۆز مىللىتىنى سۆيۈپ، ئانا تىلنى قەدىرلىمىگەن كىشىنى قانداق چۈشىنىمىز؟

6.ئىسلام توغۇرسىدىكى تېمىلار.
ئىسلام تېمىسى ئاساسلىقى قانۇنلۇق ئىسلام تور بەتلىرىدىن كۆرسەك بولىدۇ،لېكىن،باشقا ئىسلام تور بەتلىرىدىن كۆچۈرۈپ ئەكەلگەن تېمىلار بىردەك تەستىقلانمايدۇ، ئاپتۇر ئۆز تەپەككۇرىغا تايىنىپ قۇرئان-كەرىم، ھەدىسنى مەنبە قىلىپ يازغان تېمىلار بۇنىڭ سىرتىدا.
لېكىن،شۇ نۇقتا ئېسىمىزدە بولسۇن،ئىسلام بىلىملىرى ۋە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بولغان ياردەم تېمىلىرى تەستىقلانمايدۇ،ئۇ سوئاللارنى شۇ مەھەللە،رايۇندىكى دىننىي ئۆلىمالاردىن سورىسا،ئۇلار ئەڭ ياخشى جاۋابنى بېرىدۇ ۋە كىشىنى قانائەتلەندۈرىدۇ.

7.قىسقا فىلىم ۋە كۆڭۈلدىكى سۆز ھەققىدىكى تېمىلار.
قىسقا فىلىم، كۆڭۈلدىكى سۆز ھەققىدە تور بەتلەردە يوللىنۋاتقان قىسقا فىلىملار ھەقىقەتەن كۆپ، بۇندىن كېيىن، پايدىلىنىش قىممىتى بولمىغان، باشقا تور بەتلەردىن كۆرۈۋالسىمۇ بولىدىغان قىسقا فىلىملەر قەتئىي تەستىقلانمايدۇ، پەۋقۇللادە ئەھۋال ئاستىدا،بەك زۆرۈر.مۇھىم،كۆرۈش چەكلىمىسى بولغان بەزى فىلىملار بۇنىڭ سىرتىدا. ئەڭ مۇھىمى << بۇنىمۇ كۈرۈپ قۇيۇڭ!>>، ...... دېگەندەك قىسقا فىلىمنىلا يوللاپ قوغان تېمىلارغا چەك قويۇلىدۇ. چۈنكى مەلۇم قىسقا فىلىمنى كۆرگەنكەنىمىز چوقۇم شۇ فىلىمغا نىسبەتەن ئۆزىمىزدە مەلۇم چۈشەنچە پەيدا بولىدۇ . شۇڭا قىسقا فىلىم يوللىغاندا شۇ فىلىم ھەققىدە قىسقىچە چۈشەندۈرۈشنى يېزىپ يوللىشى كېرەك.

8. ياردەم تېمىسى: كۆڭۈلدىكى سۆز دېگەن سەھىپىگە تومتاق، چۈشىنىكسىز، ئۆزى ھەل قىلىپ كېتەلىسىمۇ بولدىغان تېمىلار تەستىقلانمايدۇ. مۇنبەردە مۇئەييەن ئويلىنىش ھاسىل قىلالايدىغان، پىكىر توپى ھاسىل قىلدىغان تېمىلار بۇنىڭ سىرتىدا. بولۇپمۇ ياردەم تېمىسىدا ئەتراپتىكى مۇھتاجلىققا جىددى ياردەم بولغان كىشىلىرىمىز ھەققىدىكى تەپسىلى مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلەنگەن تېمىلار، شۇنداقلا خەلقىمىزگە پايدىلىق ئشلار بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان كىشىلىرىمىزگە بېلەت تاشلاش چاقىرىقى مەزمۇنىدىكى تېمىلار بىردەك تەستىقلىنىدۇ. ئەمما يېنىدىكى خوشنىلىرىدىن ياكى چ چ توپلىرىدىكى تورداشلاردىن سورىسىمۇ بىر دەمدىلا جاۋاپقا ئېرىشەلەيدىغان ياردەم تېمىلىرى بىردەك تەستىقلانمايدۇ.   

مۇنبەردە خاتالىق، سەۋەنلىك بولسا،يۈز ئايىماي دېسەك بولىدۇ، تېما تەستىقلىۋاتقان باشقۇرغۇچىلارغا قانداق تەلەپ پىكىرلەر بار، بۇنى يەنە بىر ئاڭلاپ باقساق،بىزمۇ كۈچىمىزنىڭ يېتىشچە ياخشى مۇنازىرە كەيپىياتىنى شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن،بارلىق كۈچىمىزنى چىقىرىمىز،شۇ نۇقتا ئېنىق ئېسىمىزدە بولسۇن،بۇ ھەممىزنىڭ ئورتاق مەنپەتى ئۈچۈن دېيىلۋاتقان گەپ-سۆزلەر،شۇڭا،مېنىڭ تەلەپ-پىكىرلىرىمگە ئۆز كۆز-قاراشلىرىڭلارنى بايان قىپ باققان بولساڭلار دېگەن ئۈمىدتىمەن.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-22 06:32 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
zvmrat + 500 مەنمۇ بۇنىڭدىن كىيىن .

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 500   باھا خاتىرىسى


Hey, poor Uyghur, wake up, you have slept long enough,
You have nothing, what is now at stake is your very life.
If you don’t rescue yourself from this death,
Ah, your end will be looming, your end will be looming.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3317
يازما سانى: 397
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7716
تۆھپە نۇمۇرى: 320
توردا: 1442 سائەت
تىزىم: 2010-7-4
ئاخىرقى: 2012-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 05:07:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنچىۋالا چەك قويسا بولماسمىكى دەيمەن ، سىز ھەتتا يۇمۇر لەتىپىلەرنىڭ بىزگە ھىچقانداق پايدىسى يوق دەپسىز ، بۇ دېگەن مۇنبەر ، نوپۇزلۇق ئالى ژۇرنال ئەمەس ، خەخ مەيلى بىر ئېغىز گەپ قىلسۇن مەيلى ئىككى ئېغىز گەپ قىلسۇن تورداشلارنىڭ پىكىر ئەركىنلىكى بولۇشى كېرەك ، چەتئەللەرنىڭ ۋە خەنلەرنىڭ مۇنبەرلىرىگە قاراپ بېقىڭ ، ئەمدى بەزىلەر بىزنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىمىزگە چەك قويۇۋاتىدۇ، بۇنى ئازدەپ ئۆزىمىز ئۆزىمىزگە چەك قويمايلى !

ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
elijan + 11 لاۋزا گەپ
ARSLAN + 126 ئوغۇل بالىدەك گەپ قىل.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 137   باھا خاتىرىسى

ئوغۇل بالا ئېسىل ياشاپ شەرەپلىك قۇربان بولۇشى كېرەك . ئابدۇل.

سىرلىقلىقىڭىزنى

مەستانە ئـــەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18700
يازما سانى: 1931
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 41368
تۆھپە نۇمۇرى: 3084
توردا: 6451 سائەت
تىزىم: 2010-11-23
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 05:15:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناۋاتتەك گەپ بوپتۇ .ئىستىل تۇزۇتۇش ئىسلاھ قىلدىغان يەرگە كەپ قالغان زادى

كۆڭۈلچەككە ئالدامچى ئامراق كىلىدۇ. گۈلنىڭ ئومرى قىسقا كىلىدۇ ،چۇنكى ھەممىغا يارىغاچ، تىكەننىڭ ئورى ئۇزۇن بۇلىدۇ ،چۇنكى ھەممىگە سانچىلغاچ.....

ئاللاھ ئۆزىگە ئە

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1423
يازما سانى: 370
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8116
تۆھپە نۇمۇرى: 410
توردا: 11227 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2012-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 05:17:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ چەكنى نېمىگە ئاساسەن بېكىتىدىغىنىنى بېلىۋالساق بولاتتى، نەدىكى بىر تېمىلارنى تەستىقلايدىكەن، شۇنداق ياخشى تېمىلارنى تەستىقلىمايدىكەن. يەنە تېخى ئوخشاش بىر تېمىنى مەن يوللىسام تەستىقلىماي يەنە بېرى يوللىسا تەستىقلايدىكەن، بۇلارنى نېمە دەپ چۈشەنسە بولار ئەمدى؟ ياكى مىسرانىمنىڭمۇ «قارا تىزىملىك» دەپتىرىڭلار بارمۇ؟ ماۋۇ ئادەمنىڭ تېمىسى تەستىقلانمىسۇن دەپ بۇيرۇق قىلىدىغانلار بامۇ ياكى؟ چۈشەنچە بەرسەڭلار.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئۈمىد تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-22 05:19 PM  


ئانا يۇرت رومانىنىڭ تۇنجى نەشرى لازىملار مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭلار:591769621QQ. باشقا تاپالمايۋاتقان قەدىمكى قىممەتلىك كىتابلار لازىم بولسىمۇ ئىزدەڭلار!!
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 68555
يازما سانى: 36
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 98
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 34 سائەت
تىزىم: 2011-12-5
ئاخىرقى: 2012-4-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 05:17:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19616
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3065
تۆھپە نۇمۇرى: 210
توردا: 2 سائەت
تىزىم: 2010-11-29
ئاخىرقى: 2012-5-31
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 05:24:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يۇقۇرقى  بايانلار  ھەقىقەتەن  مەۋجۇت  

مەنمۇ بىر مەسىلىنى  دەپ  ئۆتسەم   ، ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىدە  ئادەمنى بىئارام قىلىدىغان  ئىش خەۋەر تۇسىنى ئالغان  تىما  بۇيەر مۇنازىرە مۇنبىرى بولغاندىكىن  مۇنازىرىگە لايىق  تىمىلارنى يولىساق  ،يەنە بەزى يازغۇچىلىرىمىز  بىر ئىجادى ئەسىرىنى  ھەممە مۇنبەرگە دىگۇدەك  يوللاپ قويىدىكەن  بۇنداق بولغاندا  بىرخىل زىركىنىشلىك  ھالەت شەكىللىنىپ قالىدىكەن  ،بولسا  يازغۇچىلار  ئۆزىگە ماس كەلگۇدەك  مۇنبەرگە  سادىق بولسىكەن (بۇ مىنىڭ  شەخسى كۆز قارىشىم)


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3241
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6800
تۆھپە نۇمۇرى: 297
توردا: 360 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2012-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 05:26:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر مۇنبەردە تايىنى يوق شېئىرلار توللاپ كەتتى، ئادەمنى شېئىردىن سەسكەندۈرۈپ تاشلىدى، خۇددى مارشال ئەپەندى ئېيتقاندەك، مىسرانىم ئاتالمىش ھەۋەسكارلارنىڭ مەشىق دەپتىرى بوپ قالدى، شۇ قوشاق، شېئىرلىرىنى نېمە ئۈچۈن باشقا مۇنبەرلەردە تەستىقلىتالمايدۇ؟ چۈنكى باشقا مۇنبەرلەر يوقات نېرى مۇنداق نېمەڭنى دەيدۇ؟ يۇقىرى سەۋىيىدە بولمىسا تەستىقلىمايدۇ.
ئەگەر مىسرانىم مۇنبىرى موشۇنداق كېتىۋەرسە بىر يىلغىچە گۇمران بولىدۇ، مانا بىزلەر بۇ گۇمرانلىقنىڭ شاھىدى بوپ قالىمىز.
بەزى باشقۇرغۇچىلاردىمۇ سەۋەنلىك با، شىئېرنى تەستىقلىمايمىز دەيدۇ، لېكىن بىرەر قىزبالا يېزىپ قالسا خوشامەت قىلغاندەك تەستىقلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن باشقا ئەزالارمۇ بەس-بەستە مەشىق قىلىشنى باشلايدۇ.
يۇمۇر لەتىپە بولسىمۇ مەيلى، لېكىن مەنبە پالانى دېيىشى كېرەك، كونىراپ كەتكەنلىرىنى يوللىماي، يېڭىلىرىنى يوللىشى، يا بولمىسا تەرجىمە قىلىپ يوللىشى كېرەك.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76857
يازما سانى: 206
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1098
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 125 سائەت
تىزىم: 2012-3-3
ئاخىرقى: 2012-6-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 05:27:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم باشقۇرغۇچى مارشال ئەپەندى. يۇقارقى بايانىڭىزنى كۆرۈپ مىسرانىمنىڭ بۇندىن كېيىنكىن پارلاق ئىستىقبالىنى كۆرگەندەك بولدۇم. مۇنبەرنى ئەزالارغا نەپ يەتكۈزەلەيدىغان ئىلمىي مۇنازىرە سورۇنى ۋە بىلىم، ئۇچۇر ئىگىلەش سورۇنى قىلىش ئۈچۈن سىز يۇقۇرىدا تىلغا ئالغان نۇقىلار ھەقىقەتەن مۇھىم. دېمىسىمۇ نۇرغۇن مۇنبەرلەر يۇقارقى نۇقتىلارغا دىققەت قىلمىغانلىقى ئۈچۈن پاخپاق تېمىلار ۋە پۇچەك ئىنكاسلار قاپلاپ ئاللىقاچان پايدىلىنىش قىممىتىنى يوقاتتى. مىسرانىممۇ بۇ جەھەتتە جىددىي ئويلىنىشقا تېگىشلىك ئىدى. بۇ ھەقتە ئايرىم تېما يوللىماقچى ئىدىم. لېكىن سىزنىڭ بۇ بايانىڭىز دەل ۋاقتىدا بولدى. يەنە بىر قىسىم پىكىر - تەكلىپلىرىم بار ئىدى. خالىسىڭىز ئۇچۇرلىشايلى.
بىر قوشۇمچە تەكلىپىم ئىنكاس يازمىسىڭىز كۆرەلمەيسىز دەپ پۇچەك نەرسە يوللاپ باشقىلارنى ئىنكاس يازغۇزۇپ ئەخمەق قىلدىغان تېتىقسىز تېمىلارنىڭ تەستىقلانماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن. مۇنبەرگە 100 بەت پاخال ئىنكاستىن بىر جۈملە نەپ تېگىدىغان سۆز ياخشى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72402
يازما سانى: 502
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2743
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 231 سائەت
تىزىم: 2012-1-2
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 05:28:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  
  بەك جىق چەك قۇيىۋەتسەڭلار يازىدىغانغا نەرسە تاپالماي قالارمىزمۇ ؟؟؟

مېنىڭچە يۇمۇرلارغا چەك قۇيۇش ھاجەتسىز ،لېكىن بەك ئاز ياكى  ئانچە كۈلىلىك ئەمەس يۇمۇر بولسا بۇ ئۇنىڭ سىرتىدا .

ئادەم ئۇ گوياكى بىر ئۇچۇم تۇپراق،
كېتىدۇ ئەبەتكە كەلمەيدۇ بىراق،
شۇ ئۇچۇم تۇپراقتىن ئۈنەر قىزىل گۈل،
ۋە ياكى شۇمبۇيا ۋە ياكى يانتاق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 70862
يازما سانى: 198
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1528
تۆھپە نۇمۇرى: 200
توردا: 483 سائەت
تىزىم: 2011-12-18
ئاخىرقى: 2012-6-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 05:28:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن پىكىرىڭىزنى قوللايمەن. دىمىسىمۇ بۇ مۇنبەرگە بەكلا تايىنى يوق تىمىلار كۆپ يوللىنىۋاتىدۇ.
مىنىڭچە بۇمۇنبەردىكى تىمىلارغا چەك قويۇپ تىمىلارنىڭ دەرجىسىنى بىر دەرجە يۇقۇرى كۆتۈرۈپ مۇنبەرنى تىخىمۇ جەلبكار قىلىش كىرەك.
قىرىنداش مىللەتلەر ئارا زىدىيەت ئۇرۇقى چاچىدىغان تارىخچىلارنى مۇنبەردىن قوغلاش كىرەك.
گەپنىڭ قىسقىسى مۇنبەردە كىچىك بىر ئسلاھات ئىلىپ بىرىلىشى كىرەك.
مىنڭچە بۇ ھەرگىزمۇ ئەركىنلىكنى چەكلىگەنلىك ئەمەس.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش