مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 951|ئىنكاس: 14

«ئىزدىنىش» رومانىدىن تاللانغان ھېكمەتلەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72516
يازما سانى: 215
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 734
تۆھپە نۇمۇرى: 10
توردا: 155 سائەت
تىزىم: 2012-1-3
ئاخىرقى: 2012-6-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 10:59:29 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
            
      ☆ تەقدىرگە رەھمەت،تەقدىر بەزىدە قوناق شېخىغا لاچىن قوندۇرىدۇ،بەزىدە شوخ مارالنى كېگىز ئۆيدە ئۇخلىتىدۇ.  
☆ دۇنيادىكى ھەممىلا نەرسە ئادەمنىڭ ئىرادىسىگە قاراپ يارالغان بولسىدى،دۇنيادا خاپىلىق بولمىغان بولاتتى.
☆ ئۇلۇغ مەقسەتنى كۆزلىگەن ئادەم ئۈچۈن ھىسياتقا ،شەخسى ھەۋەسكە بىرىلىش ئىرادىسىزلىك سانىلىدۇ .
☆ گۈلنىڭ ئېچىلىدىغان ۋاقتى بولىدۇ .ۋايىغا يەتكۈزمەي ئۇنى مەجبۇرىي ئچىلدۇرىمەن دىسەڭ ئۆلتۈرىسەن.
☆ قىيىن شارائىت ئىنسان ئىرادىسىنى سىنايدىغان بىردىنبىر ئۆلچەم.
☆ ئىنسان دۇنياغا ياشىغىلى تۇغۇلمايدۇ،ياراتقىلى تۇغۇلىدۇ.بىر كېسەك ياراتساڭمۇئىنسانسەن. بىر كۆچەت تىكسەڭمۇ ئىنسانسەن ، لىكىن باشقىلارنىڭ ياراتقىنىنى بىكار يېتىپ  يەۋەرسەڭ ،يايرىغان ، سەمرىگەن،نام ئاتاق تاپقان بىلەنمۇ ھايۋانسەن.
☆ پەزىلەتلىك ئادەمنىڭمۇ ئەيىبى بولىدۇ. يېقىن دوستنىڭ بىرلا ئەمەس ، بىر قانچە ئەيىبىنىمۇ كەچۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.
  ☆  ئارتۇقچە مەغرۇرلۇق ئادەمنىڭ باشقا پەزىلەتلىرىنى خىرەلەشتۈرۈپ قويىدۇ.
     ☆ ئۇلۇغ ئىشقا بەل باغلىغان بىر ياش تەلەپچان ۋە قەتئىي بولمىسا،ھەر قانچە ئەقىللىق بولغىنى بىلەنمۇ يېرىم يولدا توختاپ قالىدۇ . ئەقىل سېنى غايە يولىدا ئۇچۇرىدىغان قانات ، تەلەپچانلىق  بىلەن قەتئىيلىك شۇ قاناتقا ھەرىكەت بېرىدىغان كۈچنىڭ مەنبەسى.
    ☆ ياشاشتىكى مەقسىتىمىز ـ ئىنسانلارغا پايدا يەتكۈزۈش ۋە شان– شەرەپ ئۈچۈن ئۆمۈر بويى ئىنتىلىش.
    ☆ دۇنيادا مۇھەببەتتىنمۇ لەززەتلىك ئىش بار. ئۇبولسىمۇ غايە يولىدا ئىزدىنىش.
     ☆«قوغلىغاندىن قاچ، قاچقاننى قوغلا»دەپتىكەن. ئوڭايلا ساڭا بېرىلگەن قىزنىڭ قانچىلىك قەدىر-قىممىتى بولاتتى؟
  ☆باشقىلارنى بەخىتسىزلىككە ئۇچرىتىشنىڭ ئۆزى ئەڭ چوڭ بەخىتسىزلىك.
☆ ئىنسان بار ئىكەن مۇھەببەت بار بولىدۇ، ئىنسان ئۈچۈن مۇھەببەت يۈكسەك قەدىر-قىممەتكە ئىگە بىر پەزىلەت.
  ☆خىيالدىن ئەمەلىيەتكە ئۆتۈش بىر چوڭ سىناق، كىتابلاردىكى چىرايلىق سۆزلەرنى يادلىۋالغان بىلەن ئىستىقبال قولغا كەلمەيدۇ.
  ☆ ناچار تۇرمۇش ئىچىدىمۇ راھەتلىنىشنى بىلىش ـ بىر ئىنسانىي خىسلەت.
  ☆ تۇرمۇش جەڭگىۋار ھاياتنىڭ بىر قاينىمى بولسۇنكى، ئۇ ھەرگىزمۇ ھېچكىم قىيا كۆزىنى     سالمايدىغان شىۋاق باسقان بىر چۆل بولۇپ قالمىسۇن.
  ☆ ئەمەلىيەت بىلەن كىتاب ئەقىدىلىرى ئوتتۇرسىدا بىر كۆرۈنمەس سېپىل بولغانغا ئوخشاش ،  بىزنىڭ ھاياتقا قارىشىمىزدىمۇ بىزنى مەڭگۈ ئايرىپ تۇرىدىغان بىر خىل يۇشۇرۇن سېپىل بار.
     ☆بەزىدە سەۋرى- تاقەتمۇ بەخىت كەلتۈرىدۇ . لېكىن بەزىدە سەۋرى- تاقەتمۇ  ھالاكەتكە ئېلىپ بارىدۇ . مەن نېمىشقا ھالال ئەمگىكىم  بىلەن  ھاياتىمغا  يېڭى  مەنە  ـ  خۇشاللىق بېرەلمەيمەن؟                                                                        
☆ ساپ مۇھەببەتلىك پاكىز يۈرەكنى پۇل  بىلەن ئۆلچىگىلى بولمايدۇ.         
☆  ئۈمىدۋارلىق ـ ئەڭ چوڭ بايلىق، كەڭ ئالىي پەزىلەت.                  
          ☆  كەچۈرۈش كېرەك. ئۆزۈڭنى پۇتلىغان بىرسىنى كەچۈرۈش ـ كەچۈرمەسلىكىڭ سېنىڭ پەزىلىتىڭگە باغلىق. ساڭا تىغ ئۇرمىغانلا بولسا سەن ئۇنى ئۆز پەزىلىتىڭ بىلەن قولىدىكى تىغنى تاشلاشقا مەجبۇر قىل . ھەرگىزمۇ ئۇنى تىغ ئۇرۇشقا مەجبۇر قىلىپ قويما.
     ☆ بەزى ئادەملەرنىڭ نادان بولۇپ ئۆسكەنلىكىدىن رەنجىشنىڭ ھاجىتى يوق بىراق ئۇلارنىڭ بەزىلىرى نادانلىقتىن قۇتۇلغان . ئۇلار سېنى ئۆزىدىن تۆۋەن ھېسابلايدۇ. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى سېنى باشقۇرىدۇ.ساڭا ئىش بۇيرۇيدۇ. ۋەزىپە تاپشۇرىدۇ. ئۇلارنىڭمۇ بەزىلىرى ئاقككڭۈل ۋە مېھرىبان،لېكىن ئۇلار ھاياتقا ھامان شەپقەتسىز مۇئامىلە قىلىدۇ.مەسىلەن: گۈزەل بىر باغقا بىر ئېشەك كىرىپ قالغان بولسا ، ئۇلارمۇ ئېشەكنى ھەيدەيدۇ. لېكىن ئېشەكنى ئۇرۇش ئۈچۈن باغدىكى ئەڭ ئېسىل مېۋىلىك دەرەىنى ئوشتۇپ تاياق قىلىۋالىدۇ!...
         ☆  ئۆزۈڭنىڭ كىم ۋە قانداق ئادەم بولۇشۇڭنى غايە ۋە ئىنتىلىشلىرىڭ ئەمەس، بەلكى جەمئىيەتنىڭ تەلىپى بەلگىلەيدۇ.
         ☆  قانائەت ـ كۆرەڭلىكنىڭ باشلىنىشى . قانائەت قىلماسلىق ـ بىلىم تەشنالىقى ، ئالغا ئىلگىرلەشكە ئۈندەيدىغان پەزىلەت، سىزدىكى روھى قانات...
       ☆  ئادەمنىڭ قەلبى ئەينەككە ئوخشايدۇ. ئۇ بىرلا سۇنسا قاداق تۇتمايدۇ.
      ☆  مېۋىلىك دەرەخنىڭ شاخلىرى كۆپ سۇنىدۇ. سەۋەب كىشىلەر ئۇنىڭغا كۆپرەك تاش ئاتىدۇ.
      ☆   كەتمەننىڭ دەردىنى قول بىلىدۇ، لەززىتىنى دىل.
      ☆   دەرەخكە ياپراق قانچىلىك زۆرۈر بولسا ، ئىنسانغا پەزىلەت شۇنچىلىك زۆرۈر. خۇددى نەچچە كىشىنىڭ غۇلىچى يەتمەيدىغان دەرەخنى ئادەمنىڭ كۆزىچىلىك يوپۇرماقلار ياشناتقىنىغا  ئوخشاش،  ئىنساندىكى ئەخلاق – پەزىلەتنىمۇ كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان ئۇششاق ـ چۈشەك نەرسىلەر تەمىنلەپ تۇرىدۇ.


                         مەنبە :  «ئىزدىنىش» رومانى      




تەخسىكەش،چېقىمخورلار يەر يۈزىدىن تامام يوقالسا...

ئۈمىدسىزلىك يىرىم ئۆلۈم.

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60672
يازما سانى: 175
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 953
تۆھپە نۇمۇرى: 249
توردا: 461 سائەت
تىزىم: 2011-10-15
ئاخىرقى: 2012-6-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 04:36:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
''قىيىن شارائىت ئىنسان ئىرادىسىنى سىنايدىغان بىردىنبىر ئۆلچەم.
☆ ئىنسان دۇنياغا ياشىغىلى تۇغۇلمايدۇ،ياراتقىلى تۇغۇلىدۇ.بىر كېسەك ياراتساڭمۇئىنسانسەن. بىر كۆچەت تىكسەڭمۇ ئىنسانسەن ، لىكىن باشقىلارنىڭ ياراتقىنىنى بىكار يېتىپ  يەۋەرسەڭ ،يايرىغان ، سەمرىگەن،نام ئاتاق تاپقان بىلەنمۇ ھايۋانسەن.''

ياخشى ھىكمەتلەركەن، ساقلىۋالدىم.   تىما ئىگىسىگە رەھمەت.

ئىنسان قىغان ياخشى-يامان ئېشلىرىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرگۈچىدۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73887
يازما سانى: 346
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 251
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 385 سائەت
تىزىم: 2012-1-24
ئاخىرقى: 2012-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 04:41:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى ھىكمەتلەرنى بىزگە يەتكۈزگېنىڭىزگە تەشەككۈر قېرىدىشىم،

ئاز بولسىمۇ ھالالدىن يەيمەن !!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57921
يازما سانى: 304
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2139
تۆھپە نۇمۇرى: 210
توردا: 2003 سائەت
تىزىم: 2011-9-25
ئاخىرقى: 2012-6-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 04:46:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى رومان ئىدى ، بۇنىڭ ئېلكىتابى بارمۇ ؟

ئىزلار نەدە.......

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49283
يازما سانى: 358
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1791
تۆھپە نۇمۇرى: 50
توردا: 257 سائەت
تىزىم: 2011-7-27
ئاخىرقى: 2012-6-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 04:50:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  ☆«قوغلىغاندىن قاچ، قاچقاننى قوغلا»دەپتىكەن. ئوڭايلا ساڭا بېرىلگەن قىزنىڭ قانچىلىك قەدىر-قىممىتى بولاتتى؟
ما گەپ......

ھەقىقى تارىخ تومۇرۇمدا،بوۋام ئۇنى قېلىچ بىلەن يېزىپ قانغا سىڭدۇرۋەتكەن!!!

كىشىگە قىلساڭ ئۆ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3708
يازما سانى: 165
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7079
تۆھپە نۇمۇرى: 359
توردا: 3020 سائەت
تىزىم: 2010-7-10
ئاخىرقى: 2012-6-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 04:54:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
☆باشقىلارنى بەخىتسىزلىككە ئۇچرىتىشنىڭ ئۆزى ئەڭ چوڭ بەخىتسىزلىك.


  كەچۈرۈش كېرەك. ئۆزۈڭنى پۇتلىغان بىرسىنى كەچۈرۈش ـ كەچۈرمەسلىكىڭ سېنىڭ پەزىلىتىڭگە باغلىق. ساڭا تىغ ئۇرمىغانلا بولسا سەن ئۇنى ئۆز پەزىلىتىڭ بىلەن قولىدىكى تىغنى تاشلاشقا مەجبۇر قىل . ھەرگىزمۇ ئۇنى تىغ ئۇرۇشقا مەجبۇر قىلىپ قويما

ماڭا ماۋۇ ئىككسى يارىدى رەھمەت


شۇنداق بىر ئادەم بولغىنكى ھەممە ئادەم سىنى ياخشى كۆرسۈن ھۆرمەتلىسۇن ئەسلىسۇن

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1041
يازما سانى: 2490
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 18117
تۆھپە نۇمۇرى: 1035
توردا: 1129 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2012-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 06:13:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دۇنيادا  مۇھەببەتتىنمۇ  لەززەتلىك  ئىش  بار .  ئۇ  بولسىمۇ  غايە  يولىدا  ئىزدىنىش .
چۇڭقۇر   پەلسەپىۋى  ھەقىقەت مۇجەسسەملەنگەن  ئىكەن.


دۇنياغا  سەيلىگە ئەمەس بەيگىگە كەلدىم.

مىڭ  ئېغىز   گەپتىن  ، بىر قېتىملىق ئەمەلىي ئىش ئەلا...

سەنسىزمۇ كۈن ئۈت

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11654
يازما سانى: 483
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12217
تۆھپە نۇمۇرى: 792
توردا: 253 سائەت
تىزىم: 2010-9-26
ئاخىرقى: 2012-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 06:44:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى  ھېكىمەتلەركەن ، ساقلۋالدىم .. رەھمەت سىزگە !

*ئادەمدە پاك ۋىجدان بولمىسا ئەگەر، ئۇ بولۇپ قالمامدۇ مېغىزسىز شاكال. قىممىتى بولمىغان ئۇنداق شاكالنى، ئۇچۇرتۇپ كەتمەمدۇ قۇدرەتلىك شامال.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28592
يازما سانى: 95
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4137
تۆھپە نۇمۇرى: 800
توردا: 75 سائەت
تىزىم: 2011-1-31
ئاخىرقى: 2012-6-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 07:07:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بۇ ھىكمەتلەرنى شىنجاڭ مەدەنىيىتى ژۇرنىلىدا كۆرگەنىدىم

ئالىمجان توختىمەت (جانبەر)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 71880
يازما سانى: 283
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 741
تۆھپە نۇمۇرى: 10
توردا: 14 سائەت
تىزىم: 2011-12-25
ئاخىرقى: 2012-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 09:08:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىككىنچى ھىكمەت يۈزدە مىڭ پرسەنت خاتا
ھەممە ئىش ئادەمنىڭ ئىرادىسى بويىچىلا بولسا ئامرىكىدەك رەزىل دۆلەتلەرنىڭ ئىپلاس ئىرادىلىرى ئەمەلگە ئېشىۋەرسە جاھاننى يىغا زار قاپلايدۇ

كۆڭۈل ئىشەككە چۈشسە ئىغىلدا ياتماي ئىلاج يوق
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش