ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلىگىدىن ئۆگىنىش ئىقتىدارىنى قانداق يېتىلدۈرگىلى بولىىدۇ؟
نۆۋەتتە پەن-تېخنىكا ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىۋاتقان ،بىلىمنىڭ كونىراش نىسبىتى ئۈزلۇكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلىۋاتقان ،‹قوش تىل›ئوقۇتۇشى يولغا قويۇلۇپ ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مەكتەپلەردە،بالىلار ئۆگۈنۇشتىن زېرىكىش،بىزارلىق ھېس قىلىدىغان بىر خىل قاتماللىق شەكىللىنىپ قېلىۋاتقان بىر خىىل جىددى ۋەزىيەتتە تۇرماقتا.
شۇڭا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلىگىدىن ئۆگىنىش ئىقتىدارىنى –يېتىلدۈرۈش ئوقۇغۇچىلارنى بىلىم خەزىنىسىگە كىرىدىغان ‹.ئالتۇن ئاچقۇچ›لۇق رولىغا ئىگە قىلىش ھازىرقى باسقۇچتا ھەر دەرىجىلىك ،ھەر تۈرلۇك مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇشىدىكى ئىنتايىن مۇھىم مەسىلە بولۇپ قالماقتا.
بۇنىڭ ئۈچۈن ئوقۇتقۇچىلار تۆۋەندىكى بىرقابچە نۇقتىلارغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
1.ئوقۇغۇچىلارنى ئۆگۈنۈشنىڭ خوجايىنىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.
دەرسخانا ئوقۇ ئوقۇتۇش سورۇنىدۇر،بالىلارنى قورقۇتۇش،تەنقىتلەش سورۇنى ئەمەس،بەلكى بىز بۇ سورۇندا ئوقۇغۇچىلارغا ئللىقلىق، مېھرىبانلىق يەتكۈزەلسەك ،ئوقۇغۇچىلار شۇ ئللىقلىق كەيپىيات ئىچىدە خۇشال –خورام ئۆگۈنەلىسە ،ئاندىن ئۆگىنۈشنىڭ خوجايىنلىرىغا ئايلىنالايدۇ.ئامال بار ئۇلارغا مۇستەقىللىق ،ئەركىنلىك بېرىشىمىز كېرەك.
2.ئوقۇغۇچىلارغا ئۆزى مۇستەقىل ئۆگىنىدىغان بىر بوشلۇق يارىتىپ بېرىش كېرەك.
دەرسخانىدا ئوقۇتقۇچ ئامال بار ئاز سۆزلەش،ئوقۇغۇچىلارنىڭ .ئىقتىدارىغا ئىشىنىپ ئۇلارنىڭ قول-مىڭىسىنى ئىشلىتىشىگە شەرت ھازىرلاپ ،ئوقۇغۇچىلارغا بىر مۇستەقىل ئۆگۈنۈش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىشىمىز كېرەك.م:كىتابنى ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇتۇش،ئۆز كۆز قاراشلىرىنى سۆزلۈتۈش،ئاچقۇچلۇق سۆز-جۈملىلەرنى تېپىپ چىقىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە مۇھاكىمە قىلدۇرۇش،خۇلاسىنى ئۆزلىرىگە يازدۇرۇش.
3.ئالدىن ئۆگۇنۇپ كېلىشكە ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك.
ئۆزلۈگىدىن ئۆگىنىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇللىرىدىن بىرى ئوقۇغۇچىلارنى ئالدىن ئۆگۈنۈشكە يېتەكلەش بولۇپ ،بۇ ئۆگۈنۈشكە ئوقۇتقۇچىلار جەزمەن ئوقۇغۇچىلارنى ئۆگىنىش تىزىسى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.م:كىتاب .ئوقۇشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ،تەھلىل ئېلىپ بېرىش،مەشىق ئىشلەش قاتارلىقلار……….
4.ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ئۇسۇلىغا توغرا يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك.
ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارغا توغرا بولغان تەپەككۇر قىلىش ،كۆزۈتىش،پىكىر قىلىش،بىرەرمەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىش ،ئوموملاشتۇرۇش،خۇلاسىلەش قاتارلىق ئۇسۇللارنى ئۆگۈتۈشى كېرەك.مۇشۇنداق بولغاندا ئوقۇغۇچىلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆگۈنۈپ ئاستا-ئاستا بىلىم ئىگەللىيەلەيدۇ.لېكىن ئۆگۈنىشنىڭ ئۇسۇللىرى مۇقىم بېكىتىلگەن بولمايدۇ،ئەھۋالغا قاراپ بەلگىلەش كېرەك.
ئەمما ،شۇنىڭغىمۇ دىققەت قىلىش كېرەككى ئۆزلىگىدىن ئۆگىنىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشنىڭمۇ بىر جەريانى بولىدۇ.ئوقۇتقۇچى تەدرىجى ھالدا ئوقۇتۇشقا بىرلەشتۈرۈپ ئوقۇغۇچىلارغا قانداق ئۆگىنىش ،قانداق ئالدىن ئۆگىنىش،قانداق مەشق قىلىش ،قانداق دەرس ئاڭلاش،قانداق تەكرار قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆگىتىپ ئۇلارنى ئۆگىنىشنى بىلمەسلىكتىن ئۆگىنىشنى بىلىدىغان
قىلىش،ئوقۇتقۇچى يېتەكچىلىكىدە ئۆگىنىشنى مۇستەقىل ئۆگىنەلەيدىغان قىلىش كېرەك.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-21 03:58 PM