مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 735|ئىنكاس: 11

يالغۇزلۇق ( ھېكايە ) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36126
يازما سانى: 144
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 2175
تۆھپە نۇمۇرى: 310
توردا: 1656 سائەت
تىزىم: 2011-4-2
ئاخىرقى: 2012-6-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-20 09:31:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

يالغۇزلۇق


ھېكايە

سەئىدە زۇنۇنوۋا ( ئۆزبەكىستان )


ئۆزبەكچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى : ئېرپان


ئىقبالخان ئۆيىگە قانداق كېلىپ قالغانلىقىنى بىلمەي قالدى. سەپەر چىقىشتىن بۇرۇن قانداق كۆڭلى يېرىم بولغان بولسا شۇ كۆڭلى يېرىمچىلىقبىلەن قايتىپ كەلدى .پەلەمپەيدىن ئاستا، ھارغىن قەدەملەر بىلەن ئىككىنجى قەۋەتكەچىقتى –دە ،خىيال بىلەن ئىشك قوڭغۇرىقىنىڭ تۇگمىسىنى باستى .ئاندىن پلاشنى سېلىپ ،يېنىدىكى چامدىنىنىڭ ئۇستىگە پۇكلەپ تاشلاپ قويدى .ئۇ ئىشىك گىرۋىكىگە يولەنگۇنىچەئىشىكنىڭ ئېچىلىشىنى كۈتتى. بىردىنلا ، ئوغلىنىڭ ئۆيدە يوقلىقى دەرسكە كەتكەنلىكى ئېسىگە كەلدى .شۇ چاغدا قارشىدىكى ئىشىك ئېچىلىپ ئىشىكتە ئوتتۇرا ياشلىق بىرئايالنىڭ بېشى كۆرۈندى.

-    ئىقبال ئەزىروۋنا،سىزمىدىڭىز ؟ ھازىر كەلدىڭىزما ؟ دولقۇن ئاچقۇچنى ماڭا قويۇپ كەتكەن ئىدى. ھازىرلائاچىقاي – ئايال ئىشىكنى قىيا ئېچىپ قويۇپ شىپىلاق ئاياقنى سۆرۈگىنىچە ئىچكىرگەكىرىپ كەتتى -   بىردەمدىن كېيىن ئاچقۇچنىئېلىپ كەلدى – دولقۇن سىزنى بۈگۈن كېلىپ قېلىشى مۇمكىن دېگەن ئىدى .

-    قىينىلىپ قالمىغاندۇ ھە ؟

-    ياق ، ياق،مەنمۇ ھالىدىنخەۋەر ئېلىپ تۇردۇم. ئاخشام مەكتەپتىن كېلىپ تازا ئۆي تازلىدى .ئاجايىپ ئوغلىڭىزبار جۇمۇ ئىقبال ئەزىزوۋنا ،قىزىم بولغان بولسا ئۆزۈم كۇيئوغۇل قىلىۋالاتتىم .

بۇرۇن ئۇ ئوغلىنى ماختىغان بۇنداق ماختاشلارنى ئاڭلىسا ئاغزى قۇلۇقىغا يېتەتتى .لېكىن ھازىر قوشۇمىسى تۈرۈلۈپ لەۋلىرى ئۆمچەيدى.ئاشۇ غەشلىك يەنە كۆڭلىگە چاڭگال سالدى. ئۇ گەپ قىلماي ئىشىكنى ئاچتى. ئۆينىڭئىچىگە ۋە تېشىغىمۇ ئاياق سۈرتۈش ئۈچۈن نەملەنگەن لاتا قويۇپ قويۇلغان ئىدى. ئۇ توفلىيىنى بۇرۇنقىدەك لاتىغا تەپسىلى سۈرتمىدى ، پەرۋاسىزلا بىر – ئىككىسۈرتۈپ قويدى – دە ، ئىچكىرىگە كىردى .ئۆي ئىچى ھەقىقەتەن لاچىندەك بىر ئايالنىڭ قولى تەككەندەك ، بىرەر يەردە بىرەر ئارتۇقچە نەرسە يوق، بىرمۇ يۇيۇقسىز چىنە يوق ئىدى.

ئىقبالخاننىڭ ئىش ئۇستىلى ئۇستىدىكى كىچىك لوڭقىداسوغاقتىن تېخى ئېچىلمىغان ئىككى تال ئەتىرگۈل غۇنچىسى تۇراتتى. ئىقبالخان لوڭقىنىئاستا قولىغا ئېلىپ، بۇرنىغا ئەكىلىپ پۇرىدى. ئاپتاپ كۆرمىگەن غۇنچىنىدىن خۇشپۇراق كەلمەيتتى .بىردىنلا ئۇنىڭغا بۇ ئىككى غۇنچنىڭ بىرى ئۆزى ، يەنە بىرى ئوغلىبولۇپ كۆرۈنۈپ يۈرۈكى ئېزىلىپ كەتتى. غۇنچىلار چىرايلىق بولغان بىلەن ئۇنىڭداپۇراق يوق،ئۇلار ئانا- بالىغا ئوخشاش سوغۇق قاراپ تۇراتتى.ئانا-بالا ئىككىسى كېيىنكى كۈنلەردە ئەنە شۇنداق جىمجىت ئولتۇرۇشىدىغان بولۇپ قالغان ئىدى. ئىقبالخان چوڭقۇر خۇرسىنىپ قويدى، ئۇ لوڭقىنى ئۇستەل ئۇستىگە قويۇپ قويۇپ باشقا ئۆيگە كىردى.ئۇستەل ئۇستىگە چايدان قويۇلغان. ئۇستى لۇڭگە بىلەن يېپىلغان بىر چىنىدە ئىككى تال يۇمشاق بۇلاچكا ،يەنە بىر چىنىدە مۇراببا بار ئىدى. يەنە ‹‹ ئاپا سىزنى كېلىپ قالامدىكىن دەپ چايدانغا چاي دەملەپ قويدۇم. ئاشخانىدا تاماقمۇ بار. قالغان نەرسىلەر توڭلاتقۇدا ›› دەپ بىر پارچە باغاقچىمۇ بار ئىدى.

ئۇ بۇ ختنى كۆرۈپ ئۇنى بۇرۇنقىدەك كۆزىگ سۈرتۈپ سۆيمىدى. ئۇ بۇ شېرىن سۆزلەرنىڭ تېگىدە بىر ئازاپنىڭ ،ئازاپلانغان يۈرەكنىڭبارلىقىنى ياخشى تونۇپ يەتكەن ئىدى.ئۇ ئۆزىنىڭ قانچىلىك گۇناھكارلىقىنى، ھاياتىنىڭئۆزى ئارزۇ قىلغاندەك ئۆتمىگەنلىكىنى ، بۇ سەپەرگە چىقىشتىن بۇرۇنقى ئوغلى بىلەن بولۇپ ئۆتكەن ئاچچىق سۆھبەتتىن بىلگەن ئىدى.بۇ سۆھبەت باشتا ئۇنىڭ كىچىك بىر پارچەئەينەكتەك ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ بىر بۆلىكىنى يورۇتۇپ بەرگەندەك قىلغان ئىدى. لېكىن ئۇچوڭقۇرىراق ئويلىغانسېرى بۇ ئەينەك تېخىمۇ چوڭۇيۇپ ئۇنىڭ پۈتۈن قىياپىتىنى ۋەئۆمرىنى ئەكس ئەتتۇرۇپ بەرگەن ئىدى.

مانا ئەمدى ئاشۇ ئەينەك ئونىڭ قارشىسىدا يەنە پەيدابولماقتا ئىدى. ئۇ چايداندىن بىر پىيالە چاي قويدى .ئۇ چىنىدىن چىقىۋاتقان ھۆرغا قارىغىنىچە ،كۆز ئالدىدىكى ئەينەكتە كۆرۈنىۋاتقان خاتىرىلەر ئالدىدا باش ئېگىپئۆزىنى گۇناھكاردەك سەزمەكتە ئىدى.

ئىقبالخان توساتتىن موسكىۋادىكى ئالىملارنىڭ يىغىلىشىغا بارىدىغان بولۇپ قالدى. مېڭىشتىن بۇرۇن ئوغلى بىلەن بىللە ئولتۇرۇپتاماق يىدى. ئوغلىنىڭ يالغۇز قالىدىغانلىقىنى ئويلىغان ئانا بىردىنلا كېلىنلىك بولۇشنى ئويلاپ قالدى. ئۇ ئوغلىنىڭ ئالى مەكتەپنىڭ ئۈچۈنجى يىللىقىدا ئوقۇيدىغان بىر قىز بىلەن يۈرۈۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان ئىدى. لېكىن دولقۇن تا ھازىرغىچە بۇھەققتە گەپ قىلمىغان ئىدى. شۇنداق گەپ چىقىپ قالدى ئوغلى ئورنىدىن تۇرۇپ كېتىپ قالاتتى. شۇلارنى ئويلىغان ئىقبالخان ئوغلىدىن بىلمىگەن بولۇپ گەپ تەشتى.

-    ياخشىراق قىزلاردىن بولساسېنى ئۆيلەپ قويغان بولسام ، مەنمۇ سەندىن خېلى خاتىرجەم بولۇپ قالاتتىم – بىردىنلا دولقىننىڭ چىرايى جىددى تۇس ئالدى.

-    بىزنىڭ بۇ ئۆيگە ئادەمسىغاتتىمۇ ؟

-    نېمە ؟ دولقۇن نېمە دېدىڭ ؟ئاپاڭ ئادەم ئەمەسمۇ ؟

دولقۇن ئۆزىنى بېسىۋېلىشقا تىرىشىپ ئورنىدىن تۇرۇپكەتتى. ئانىسىنىڭ ئالدىدىكى چىنىنى ئېلىۋېتىپ زەھەەرخەندىلىك بىلەن كۈلۈپ قويدى .

-    بۇ ئۆيدىكى ھەممە نەرسەسىزنىڭ رايىڭىزغا بوسۇنىشى  كېرەك .مەن بالىڭىز بولغانلىقىم ئۈچۈنلا چىداپ كېلىۋاتىمەن .

-    نىمىگە چىداۋاتىسەن ؟ مەنساڭا نىمە زۇلۇم قىلدىم ،ئەخمەق ؟ - ئىقبالخانىڭ پۈتۈن بەدىنى تىترەپ كەتتى.سۆيۈملۈك ئوغلىنىڭ ئاغزىدىن چىقىۋاتقان بۇ گەپ ئۇنىڭ ۋۇجۇدىنى قوقاس قىلغان ئىدى.دولقۇن گەپ قىلماي ئاشخانىغا چىقىپ كەتتى. ئىقبالخان ھاسىرغىنىچە ئۇنىڭ كەينىدىن ئاشخانىغا كىردى.

-    نىمىشقا گەپ قىلمايسەن ؟جاۋاپ بەر دەۋاتىمەن ساڭا ؟

-    بەرىبىر چۈشەنمەيسىز .

-    نىمىنى چۈشەنمەيمەن ؟

-    ئاپا ، مەن بالىڭىز بولۇپبۇ ئۆيىڭىزدە شوخلۇق قىلىپ ئۆز خايىشىم بويىچە ئويناپ باققىنىمنى بىلمەيمەن. ئۆزەمبىلىپ بىرەر دوستۇمنى بۇ ئۆيگە ئەكەپ باقمىدىم. ئىشىكتىن كىرمەي تۇرۇپ ئاياقىمنى سېلىپ ،ئايىقىمنى كۆتۈرۈپ ئاندىن بۇ ئۆيگە كىرىمەن. قولۇمدىن ئۇستەل ئۇستىگە نانئۇۋىقى چۈشۈپ كەتسىمۇ خاپىلاپ قارايسىز . ھەممە ئىش ئۆز ئۆيىدە بولىدىغۇ .

-    ۋاي ، تەنتەك ، بىلىسەنئاناڭنىڭ ئۆي تازلاشقا ۋاقتى يوق . ساڭا ئاسان بولسۇن دەيمەن .ئەخلەت باشقاتاقاشسا ياخشىمۇ ئەمىسە ؟

-    مەيلى ئەمەسمۇ ، پاسكىنابولسا تازلايمەن .مەنمۇ بالىلارنىڭ ئۆيىگە بارىمەن ، ئۇ يەردە تاماق يەيمىز ،ئوينايمىز . ئەلبەتتە ئۆي قالايمىقان بولۇپ پاسكىنا بولىدۇ .كېيىن ئايلىنىپ يەنەشۇ ئۆيگە بارساق يەنىلا پاكىز  قىلىپتازلاپ قويىدۇ .

-    ئانىسىنىڭ باشقا ئىشىيوقتۇر بەلكىم .

-    ئۇنداق ئەمەس ، ئۇلارمۇئىشلەيدۇ .بەرىبىر نىمە دىسەممۇ چۈشەنمەيسىز. ئادەمگە ئۆي نىمىشقا كېرەك ..

-    پاسكىنا قىلىش ئۈچۈنمۇ ؟

-    ئۇنداق چاغلارمۇ بولىدىغۇ .ئۆيگە ھېچكىم كەلمىسە،قىسىلىپ ئولتۇرۇپ تاماق يىسە ئادەم . ھەممە ئىشتا ئېھتىياتقىلىپ ھېچ ئىش قىلالمىسا ...بولدى ئاپا، بەرىبىر چۈشەنمەيسىز .

-    سەن بەك چۈشۈنۈپسەن .

-    بالىڭىزنىڭ ئويۇنچۇقلىرىنىيىغىشتۇرغۇڭىز كەلمىسە ،ئېرىڭىزنىڭ كىرلىرىنىمۇ يۇيۇشنىمۇ خالىمىسىڭىز ... قانداق ئۆي بۇزادى .

ئىقبالخان گەپ قىلالماي قالدى . ئاچچىقى كەلگەن ھالدا كىيىنىپ چامدىنىنى كۆتۈرۈپ ماڭدى.دولقۇنمۇ ئالدىراپ كىيىندى ،ئىشىكنى قۇلۇپلاپ ئانىسىنىڭ كەينىدىن پەسكە چۈشتى. دولقۇن ئاپىسىنىڭ يېنىغا چۈشكەندى ئىقبالخان تاكسى ساقلاپ تۇراتتى. دولقۇن ئۇنىڭ قولىدىكى چامداننى ئالدى. ئايرۇپورتقابارغۇچە ئىككىسىدىن سادا چىقمىدى. ئايرۇپىلانغا چىقىش ئالدىدا ئىقبالخان ئوغلىنىسۆيۇپ تۇرۇپ :

-    ئۆزەڭگە دىققەت قىل – دېدى.

بۇ قېتىمقى سۆھبەت ئۇ يولدا كېتىۋاتقاندا بولسۇن ،مەجىلىستە بولسۇن، كوچىغا چىقسۇن خىيالىدىن زادىلا نېرى بولمىدى .بۇ سۆھبەت ئۇنىڭغا ئۆتكەن ئۆمرىگە ئەقىل كۆزى بىلەنلا ئەمەس ،روھىي يۈتۈك يۈرەك بىلەنقاراشقا ئۈندەيتتى. ‹‹ بالىڭىزنىڭ ئويۇنچۇقلىرىنى يىغىشتۇرغۇڭىز كەلمىسە،ئېرىڭىزنىڭ كىرلىرىنىمۇ يۇيۇشنىمۇ خالىمىسىڭىز ...›› بۇ ئىككى جۇملە سۆز ئۇنىڭقۇلاق تۇۋىدىن كەتمەيتتى. ھەر بىر ئاڭلانغاندا ۋۇجۇدى ئازاپتىن سىلكىنىپ كېتەتتى .ئۆزى تەن ئېلىشتىن قورقۇپ قەلبىنىڭ چوڭقۇر يېرىگە كۆمۈۋەتكەن بۇ تاش ،ئۇنىڭغا ئۆزىئويلىغاندىمۇ بەك قاتتىق تەككەن  ئىدى.

ئىقبالخان ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇۋاتقان چاغدا تۇرمۇشقاچىقتى .ئېرىمۇ ئاسپىرانت ئىدى. ئارىدىن بىر يىل ئۆتمەي دولقۇن تۇغۇلدى.  يولدىشى ئاسپىرانتلىقتىن دېسسىرتاتسىيىيە ياقلاپ بولدى، ئامما ئىقبالخاننىڭ كەينىگە سۈرۈلۈپ كەتتى. ئۇنىڭ كۈنى ئوغلىنى بېقىش بىلەنئۆتەتتى .ئۇ ئويلانغانلىرىنى بىر پارچە قەغەزگە يېزىپ ئېلىشقىمۇ ۋاقتى يوق تۇرغانچاغلاردا ، ئېرى يېرىم كېچىگىچە گېزىت كۆرۈپ ، كىتاپ كۆرۈپ ئولتۇراتتى. كېچىسىتۈزۈك ئۇخلىيالماي ئەتىسى ئتتىگەندە ئېرىگە ناشتىلىق تەييارلاۋاتقاندا ئېرىبىخىرامان ساقىلىنى ئېلىپ، ئۆزىگە ئەتىر چېچىپ تاماق ئۇستىلىگە كېلىپ ئولتۇراتتى.

دولقۇن يېشىغا توشقاندا يەسلىگە بېرىشتى. ئىقبالخان قېلىپ قالغان ئىشلىرىنى ئىزىغا چۈشۈرگۇچە خېلى قىينالدى. لېكىن پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشتى.بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىندېسسىرتاتسىيەنى ياقلاپ بولدى .ئۆيىگە دوستلىرى تولۇپ ، ئۇنىڭ ئۈچۈن قەدەھسوقۇشتى،پراففىسورلار ئۇنىڭدىن مەمنۇن بولۇشتى.ئۇمۇ ئەمدى ئالى مەكتەپتە دەرس بېرىشكە باشلىغان ئىدى. دولقۇننىڭمۇ ئەمدى ئۇنىڭغا ئانچە ئېغىرلىقى چۈشمەيدىغان بولغان ئىدى. يەسلىدىن ئېلىپ كېلىپ تامىقىنى بېرىپ قويسا ئۆينىڭ بىر بۇلۇڭىدائۆزىنىڭ ئويۇنچۇقلىرىنى ئويناپ ئولتۇرۇۋېرەتتى .ئۇ  ئىشتىن چۈشۈپ ئۆي ئىشلىرىنى قىلاتتى، كېچىدەدولقۇننى ئۇخلۇتىپ قويۇپ دەرس تەييارلايتتى. بۇ ۋاقىتتا يولدىشىنىڭ دوكتورلىق ئوقۇشىمۇ تۇگەي دەپ قالغان ئىدى .ئىقبالخان ئېرىگە قاراپ ئۇنىڭغا ھەۋەس قىلدى ھەمھەسەت قىلدى .بىرچاغلاردا ئۆزى بىلەن ئوخشاش بولغان ئېرى يېققىندا دوكتۇر بولىدۇ.ئۇنىڭ بولسا ئۆي ئىشى ۋە بالىسىدىن ئاشقان ۋاقتى ئاران دەرس تەييارلاشقا يېتەتتى.بۇنداق ئويلارغا پاتقان چاغدا ئۆي ئۇنىڭغا ئۆزىنى دەم تارتقان ئەجدىھادەك سوغاق كۆرۈنىدىغان،كىچىككىنە ئىشلارمۇ ئۇنىڭغا ئېغىر كېلىدىغان بولۇپ قالدى .

بىر كۈنى يولدىسى خېلى چاققۇچە ئىشلىدى، ئۇ ئەمدىياتاي دەپ تۇرۇشىغا ئۇنىڭدىن چاي سورىدى .    ئۇچاينى ئېلىپ كىرگەندە ئۆي ئىچى تاماكا ئىسىغا تولغان ئىدى ، يولدىشى بولسا بېشىنى كۆتەرمەي ئىشلەۋاتاتتى. ئۇ دەرىزىنىڭ كىچىك كۆزنىكىنى ئېچىپ قويۇپ ، گەپ قىلمايچىقىپ كەتتى. ئەمما كۆڭلىدە ، گازغا مۇنداقلا قويسا قاينايدىغۇ ،بۇنداق ھۆرۈنبولامدۇ بۇ ئەرلەر.دەرىزىنى ئېچىپ قويۇشمۇ قولىدىن كەلمەسمۇ ، تامنى ئىسلاپ تۇگەتتى، يا بالىنى ئويلىمىغان دېگەن ئويلار كەچتى .

ئەتىسى ئەتتىگەندە يولدىشى ئالدىراپ – تېنەپكىيىملىرىنى كىيىپ تىك تۇرۇپلا ناشتىلىق قىلدى .

-    پاكىز قولياغلىق بارمۇ ؟

ئوغلىنى كىيىدۇرۋاتقان ئىقبالخاننىڭ پىغانى ئۆرلەپكەتتى .

-    تازا ھەددىڭزىدىن ئاشقىلىتۇردىڭىزغۇ ئەمدى . مەنمۇ سىزگە ئوخشاش ئادەم جۇمۇ

-    مەن نىمە قىلدىم ؟

-    قولياغلىقنىمۇ ئۆزىڭىزئالالمامسىز ؟

-    ئايىقىم بىلەن كىرمەي دىدىمشۇ

-    باشقا چاغدىمۇ شۇ سىز .ئادەمگە كۆڭۇل بۆلۈشنى بىلمەيسىز زادى .

-    مېنى نىمە قىل دەيسىز ؟

ئېرىنىڭ بۇ گېپى ئۇنىڭغا تولىمۇ سوغۇق بىلىندى .

-    مېنىمۇ ئويلاپ قويامسىز؟  ئۇمۇ بىر ئادەم ،بۇنىڭمۇ ئىشى بار ،ئۇمۇ ئىشلىشى كېرەك دېگەنلەرنى ئويلامسىز سىز ؟

-    نىمە قىلاي  بۇنىڭدىن باشقا ؟ سىزنىڭ ئورنىڭىزغا ئۆتۈپ ئايال بولالمايمەنغۇ ئاخىر – ئۇ شۇنداق دېدى – دە ، ئالدىراپ چىقىپ كەتتى. بۇگەپلەر ئىقبالخانغا شۇنداق سۆرۈن ،شۇنداق دەھشەتلىك ئاڭلاندىكى كەچكىچە قۇلاقتۇۋىدىن كەتمىدى .ئۇنىڭغا بۇ گەپلەر بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئىللىق مۇناسىۋەتئاخىرلاشقاندەك بىلىندى .ئۇ ئوغلىنى ئەركىلەتمىدى ،خۇددى بۇ ئىشلارغا ئوغلىئەيىپداردەك سىلكىپ – تارتىشتۇرۇپ يەسلىگە ئاپاردى.شۇ كۈنى كەيپى بۇزۇلۇپ بىر كۈننىپەرىشانلىق ئىچىدە خىيال بىلەن ئۆتكۈزدى .نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭ بىللە ئۆتىمەن ؟ ئۇنىڭبىلەن ئۆتمىسەم كۈنۈم ئۆتمەسمۇ ؟ بىر بالامنى گۈلدەك بېقىپ كتەلەيمەن دەپ ئويلىدىئۇ . دېسسىرتاتسىيە ياقلىغاندا باشقىلاردىن نۇرغۇن ياخشى گەپلەرنى ئاڭلىدى. مېھنەت قىلىۋىدى يۈز تاپتى. ئابرويى ئۆستى .ئۆي ئىشىچۇ ؟ شۇنچە قىلسام ھېچكىم مەندىن مىنەتدار بولمايدۇ .ئەقەللىسى خاپا بولماڭ قانداق قىلىمىز دەپ قويمايدۇ .  مېنىڭ  ئورنىمغائۆتۈپ ئايال بولالماسمىش تېخى .ئۇ كىشى يېققىندا دوكتۇر بولىدۇ ئەمەسمۇ ،بېشىئاسمانغا تاقىشىۋاتقان گەپ ،مېنى كۆزگە ئىلماي قىلىۋاتقىنى ئۇ !

ئۆيگە كەلگەندىمۇ شۇنداق خىياللار كاللىسىدىن زادى نېرى بولمىدى. كەچلىك تاماقنىمۇ تەييارلىمىدى. ئوغلىغا يارىشا تاماق قىلىپ ئۇنىڭغايىگۈزۈپ بولۇپ ،ئۆزى ئىش ئۇستىلىگە ئولتۇردى .ئېرىگە ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ، بۇ ئۆيبولمىسا قېنى نېمە قىلالايدىغانلىقىنى بىلدۇرۇپ قويماقچى بولغان ئىدى.

ئېرى ئۆيگە كەلگەندە بۇرۇنقىدەك ئاشخانىدا تاماقئېتىلگەنمۇ ئاۋاز يوق ، ئۆي جىمجىت ،خوتىنى ئۆز ئىشىغا موكلا چۆككەن ئىدى. بۇنىڭئۆزىنىڭ ئەتتىگەن خاپا بولۇپ قوپاللىق قىلغانلىدىن بولغانلىقىنى سېزىپ پۇشايمان

قىلدى . ئۇ كىيىملىرىنىمۇ ئالماشتۇرماستىن خوتۇنىنىڭ يېنىغا كېلىپ بىر قولىنى ئۇنىڭ يەلكىسىگە قويدى ، يەنە بىر قولى بىلەن ئۇستەلگە تىرەلگىنىچە ئۇنىڭغا بىردەم قاراپتۇردى .ئېرى مۇشۇ ئۇسۇلدا ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سوراۋاتاتتى .ئىقبالخان بۇنى سەزدى ،لېكىن ئەتتىگەنكى سوغۇق گەپتىن يۈرۈكىدە توڭغان مۇز  ئېرىمىگەن ئىدى.  ئېرى كىيىم ئالماشتۇرۇپ يۈيۈنۇپ چىقتى . كېيىن ئاشخانىغا ئۆتۈپ ئۇ ياق – بۇ ياققا قارىدى .ئۆزىگە چاي قۇيدى .ئۇنىڭ قوسۇقى بەكئاچقان ئىدى. ئۇ توڭلاتقۇدىن گۆش ۋە پىياز ئېلىپ توغرىدى. كېيىن ئۇنىڭ يېنىغا كىردى.

-    تۇرۇڭە ئىككىمىز بىرلىشىپ تاماق ئېتەيلى

-    ماڭا ئۆيمۇ ، تاماقمۇ كېرەك ئەمەس .

-    قويىڭە ئەمدى ئۇ گەپلەرنى .

-    باشقا خوتۇن ئېلىڭ.ئۆيدە ئولتۇردىغان خوتۇن ئېلىڭ ھە ، ئۆيدە ئولتۇردىغاندىن . شۇندىلا ھەممىسى ئۆز ئىشىنى قىلىدۇ .

-    ئىقبالخان ...

-    قوسۇقۇم ئاچ قالغىنى يوقمېنىڭ .

-    ئاشۇ قوساقنى دەپياشايمىزغۇ ئاخىر ...

-    تەر پۇراپ تۇرغان كۆڭلىكىڭىزنى يۇمۇسام بولماس . ئەمدى يۇمايمەن .

ئېرىنىڭ قاپىقى چۈشتى ، لېكىن گەپ قىلمىدى.توغرالغان گۆش بىلەن پىياز شۇ پېتى قېلىۋەردى.ئېرى كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۇپ بىردەم تاماكا چېكىپ ئولتۇردى .بىردەمدىن كېيىن سىرتقا قاراپ ماڭدى .

-    مەن سىز بىلەن تۇرۇشنىخالىمايمەن ، سىز بىلەن ئۆي تۇتقۇم يوق – دېدى ئۇنىڭ كەينىدىن ئىقبالخان .ئېرى ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلىدى.ئۇ قولىنى ئىشىك تۇتقۇچىدىن ئالماي بىردەم تۇرۇپ قالدى.كەينىدىن ئىشىكنىڭ يېپىلغان ئاۋازى ئاڭلاندى. پەلەمپەيدن ئۇنىڭ چۈشۈۋاتقانئاياق تىۋىشى ئالاندى، بىردەمدىن كېيىن ئاياق تاۋۇشىمۇ جىمىپ قالدى. ئىقبالخان ئورنىدىنمۇ تۇرمىدى، دەرىزىدىن ئۇنىڭ قايسى تەرەپكە كېتىۋاتقانلىقىغىمۇ دېققەت قىلمىدى.‹‹ مېنى كەچۇرۇڭ ، سىزنى بىلمەي خاپا قىلىپ قويدۇم دېسە تىلىغا ئۇچۇق چىقاتتىمۇ ئۇنىڭ ؟ شۇ گەپلەرنى دېيەلەيدۇ – يۇ ،كەچۇرۇم سوراش شۇنچە قىيىنمۇ ؟ بۇنداق ئادەم بىلەن بىللە ياشاپ نېمە قىلىمەن ؟ ›› ئىقبالخاننىڭ قارارى قەتئىي ئىدى.

ئېرى يېرىم كېچىدە غىق مەس بولۇپ قايتىپ كەلدى . ئۇ يەنىلا ئىندىمىدى. ئۇلارنىڭ بۇ ئۈچ ئېغىزلىق ئۆينىئالغىنىغىمۇ ئۇزۇن بولمىغان ئىدى. ئىقبالخان بالىلارنى يىغىۋېلىش ئۆيىدە چوڭبولغان ،  بىرمۇ ئۇرۇق – تۇققىنى يوق ئىدى.ئېرى بولسا سەيھۇن دەرياسىنىڭ بويىدىكى بىر يېزىدىن كەلگەن بولۇپ ، تاشكەنتكەئوقۇشقا كېلىپ مۇشۇ يەردە ئۆيلىنىپ ، مۇشۇ يەردە تۇرۇپ قالغان ئىدى. ئىككىسىنىڭلا مۇشۇ ئۆيدىن باشقا بارىدىغان يېرى يوق ئىدى. لېكىن ئىقبالخان قارارىنى ئۆزگەرتەلمىدى. ئەتىسى ئۇ ئىككىسىدىن بىرسىنىڭ ئۆي تېپىپ چىقىپ كېتىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى .ئېرىنىڭ چىرايى ئاقىرىپ كەتتى ئەمما ئۇمۇ ئىندىمىدى .

-    سىز بالا بىلەن قىينىلىپ قالماڭ . ھەر نىمە بولمىسىمۇ مەن ئەر كىشى ...ھېچ بولمىسا دولقۇننى ئويلاپ قويسىڭىز بولاتتى .

-    سىزنىڭ بار – يوقلىقىڭىز ئۇنىڭغا نىمە پايدا ؟

-    بىراق ... سىز يەڭگىللىك قىلىۋاتىسىز

-    بىلىسىز،  بىز ھازىر ياش بالا ئەمەس، يەڭگىللىك قىلغان بولساممۇ بىرنەرسىلەر ئويلىغاندىمەن .

-    شۇنداقمۇ ؟

-    شۇنداق .

ئۇ چىقىپ كەتتى . ئەمما ئىقبالخاننىڭ يۈرۈكى ئېچىشىپمۇ قويمىدى.كېيىن ئېرىنىڭ مەكتەپتە يېتىپ – قوپۇۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدى. دوستلار ئارىغا كىردى، لېكىن ئۇئۇنۇمىدى. ئۇنىڭ خىيالى دوكتۇرلۇقنى ئېلشتا ئىدى .

ئۇ كېيىن دوكتۇرمۇ بولدى ، پۇلمۇ تاپتى ، ئابرويمۇتاپتى .ئوغلىمۇ چوڭ بولۇپ يىگىت بولدى .لېكىن يىللارنىڭ ئۆتىشى بىلەن ، نېمىدۇربىر نەرسىنىڭ يۈرۈكىنى ئېزىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىۋاتاتتى ، لېكىن بۇنىڭ يالغۇزلۇق،تەنھالىق ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلشىتىن قورقاتتى .ئېرى كېيىن توي قىلىپ بالا –چاقىلىق بولۇپ كەتتى . ئۇ كىرىنى باشقىلارغا يۇغۇزدى ، ئۆيىنى باشقىلارغاتازلاتقۇزدى.ھەممە ۋاقتىنى ، ئۆمرىنى ئەلمىي ئىشلار ئۈچۈن سەرپ قىلدى. ئۇزۇن يىلئۆزىنىڭ ئىشلىرىدىن ئۆزىنى خۇش قىلىپ يۇردى. ئەمما  ئەمدىچۇ ؟ ئۇ ھەممىسىنى چۈشۈنۈپ يەتتى، ئەمدى نېمە پايدا ، ئۆتكەن ئۆمۇر ئۆتتى. ئۇ ئۆي ،ئائىلە تەشۋىشلىرىگە چىدىمىغانلىقىنى،ئېرىنىڭ يامان ئەمەس ئادەم ئىكەنلىكىنى چۈشۈنۈپ يەتتى. لېكىن قەلبىدىن كەچكەن بۇ ھېسلىرىنى ئوغلىدىن يوشۇرۇپ كەلگەن ئىدى. ئۇ ئوغلىنىڭ .ئۆزىنى شۇنچىلىك مۇھاكىمە قىلىشقا ئەقلى يېتىپ قالغانلىقىنى بىلمەي قالغان ئىدى. دولقۇن كەم سۆزلۈك بولۇپچوڭ بولدى .بۇنى ئىقبالخان بەزىدە ئاتىسىنى تارقان دېسە ، بەزىدە يالغۇزلۇقتىن دەپ بىلەتتى .بەزىدە يولدىشىنىڭ يېنىغا بېرىپ تۇرغانلىقىدىن كۆرۈپ كېتەتتى .مەيلى قانداق بولمىسۇن ئۇ ئوغۇل بالىدە ، ئاتىسى بىلەن بىللە تۇرغۇسى كېلىدۇ – دە .بەلكى دادىسى بار بالىلارغا ھەسەت قىلىدىغاندۇ .

‹‹ بالىڭىزنىڭ ئويۇنچۇقلىرىنى يىغىشتۇرغۇڭىز كەلمىسە ،ئېرىڭىزنىڭ كىرلىرىنىمۇ يۇيۇشنىمۇ خالىمىسىڭىز... ›› ئۇنىڭ يۈرۈكىگە بىر نەرسە سانچىلغاندەك بولدى. بۇ گەپ ئۆزىمۇ سەزمەيقەلبىدە يوشۇرنۇپ ياتقان دەرتلىرىنى يۈرۈكىگە باشلاپ كىرگەن ئىدى. ئۇ خۇرسىنىپ ئورنىدىن تۇردى. پىيالىدىكى چاي ئاللىقاچان سوۋۇپ قالغان ئىدى. ھازىر ئۇ تاماكاقالدۇقى بىلەن تولغان كۈلداننى ،ئۆزىگە تەشۋىش سالغان ئاشۇ ئۆي ئىشلىرىنى تولىمۇسېغىنىپ قالغان ئىدى. ئۇنىڭ يۈرۈكىدىكى بۇ ئارزۇلار كۆز ياشقا ئايلىنىپ ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ئېقىشقا باشلىدى. بۇ يىغا ، بۇ ئىرادىلىك ئايالنىڭ تۇنجى قېتىم ئۆكۈنۈپ يىغلىشى ئىدى. ئەنە شۇ ئېھتىياج – ئاياللىق مۇشەققەت ،ئاياللىق بەخت ئۇ قىز بولۇپ تۇغۇلغاندىلا ئۆزى بىلەن بىللە تۇغۇلغانلىقىنى ئەمدى ياخشى تونۇپ يەتتى .مۇكەممەل بەخت ئۈچۈن بولسا ئائىلە ۋە بىر  -بىرىنىڭ ئېغىرچىلىقىنى كۆتۈرۈش كېرەك ئىكەن. ئىشىك ئېچىلدى. دولقۇن ئىڭىشىپ ئايىقىنىڭ يىپىنى يېيىشكە باشلىدى.

-    كىرىۋەر ، شۇنداق كىرىۋېرەئوغلۇم  !

-    مانا . ئاپا – ھەر دائىمئاپىسىنى ئىش ئۇستىدە ئالدىراش ئىشلەۋاتقان ھالىتىدە كۆرۈپ ئادەتلەنگەن دولقۇن ئاپىسىنىڭ يىغلاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قورقۇپ كەتتى – نېمە بولدى ئاپا بىرسى سىزنى خاپا قىلدىمۇ؟

بۇنى ئاڭلاپ ئىقبالخاننىڭ تېخىمۇ كۆڭلى يېرىم بولدى .ئوغلىنى باغرىغا باستى .

-      مېنى ھېچكىم خاپا قىلغىنى يوق . سېنى تولىمۇ سېغىندىم ، ئۆيلەن ئوغلۇم ، بالىلىرىڭنى مانا مەن بېشىمغا ئېلىپ  جان دەپ باقىمەن.مېنى باغرى تاش دەپ ئويلىما ، قورقما مەندىن ، ئوغلۇم. بالىلىرىڭغا ئويۇنچۇقلارنى

ئۆزۈم ئېلىپ بېرىمەن،باغچىغا ، مۇزىكا دەرسىگە ئۆزەم ئېلىپ بارىمەن .ئۆيلەنگىن جان بالام .

دولقۇن بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ تەمتىرەپ قالغان ئىدى.ئۆزىنىڭ گېپىنىڭ ئانىسىغا ئېغىر كەلگنلىكىنى ئويلاپ دىگىنىگە ئەپسۇسلاندى.يۈزلىرىگە تېگىپ تۇرغان تېگىدىن ئېقى كۆرۈنۈپ قالغان شالاڭ ، قىزغۇچ چاچلارنى سىلاپ تۇرۇپ ھەدەپ :

-    ماقۇل ئاپا ، گېپىڭزىنى ئاڭلاي ،ئەمما پەقەت يىغلىماڭ -  دەيتتى .ئىقبالخان يۈرۈكىدىكى بوشلۇقنى ،پۈتۈن ئۆمرىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇپ تۇرغان بۇ يەككە – يىگانەبەختىدىن سۆيۈنۈپ ،ئەنە شۇ ۋۇجۇتنىڭ نەپەسلىرىدىن ئۆزىنىڭ يوقاتقان ئاياللىقىنى ۋەئانىلىق مۇشەققەتلىرىنى ئىزدەيتتى .  

-     

تەرجىمە مەنبە : ئۆزبەكچە ئەدەبىيات تور بېكىتى



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   eerpan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-20 09:50 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73736
يازما سانى: 288
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 952
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 322 سائەت
تىزىم: 2012-1-22
ئاخىرقى: 2012-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-20 11:02:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجرىڭىزگە رەھمەت قېرىندىشىم ، يوللىغان تېمىلىرىڭىزنى تۇلۇق كۆرۈپ كېلىۋاتىمەن

جاھان ئەركىسى

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3358
يازما سانى: 491
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7535
تۆھپە نۇمۇرى: 275
توردا: 989 سائەت
تىزىم: 2010-7-5
ئاخىرقى: 2012-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-20 11:28:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دۇنيادىكى ئەڭ قۇدىرەتلىك ئادەم - ئەڭ تەنھا ئادەمدۇر ، دەپ يازغانمەن ھىكىمەت خاتىرەمگە .

زىمىندىكى يىگانە تەڭرى ___ ئانا .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57921
يازما سانى: 304
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2143
تۆھپە نۇمۇرى: 210
توردا: 2003 سائەت
تىزىم: 2011-9-25
ئاخىرقى: 2012-6-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-20 11:47:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەربىيىۋى ئەھمىيىتى يۇقىرى ھېكايىكەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78191
يازما سانى: 198
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 291
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 53 سائەت
تىزىم: 2012-3-31
ئاخىرقى: 2012-6-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 01:46:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى چىقىپتۇ





mkop.blogbus.com

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79123
يازما سانى: 222
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 370
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 56 سائەت
تىزىم: 2012-4-20
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 08:02:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەربىيىۋى ئەھمىيىەتكە ئىگە تىما ئىكەن    رەخمەت سىزگە!~~~~!~!~

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78586
يازما سانى: 316
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 577
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 111 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2012-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 10:45:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى چىقىپتۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 854
يازما سانى: 465
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7728
تۆھپە نۇمۇرى: 311
توردا: 5067 سائەت
تىزىم: 2010-5-26
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 12:07:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەرجىمە ئەسەرلىرىڭىز بەك ئىسىل جۇمۇ سىزنىڭ ،ھارمىغايسىز ...

كۈيۈمچان مەلىكە

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5323
يازما سانى: 168
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5840
تۆھپە نۇمۇرى: 264
توردا: 1475 سائەت
تىزىم: 2010-8-1
ئاخىرقى: 2012-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 01:40:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنچىلىك تەرجىمە قىلماقمۇ ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس.

دۇنيادىكى ئەڭ قىممەتلىك نەرسە: نۇقسانسىز ۋە خۇلۇقسىز ئايالنىڭ بولۇشى؛ئاياللاردىكى ئەڭ قىممەتلىك ئىككى خىسلەت: ياخشى - ياماننى پەرق ئىتىش ئۇسۇلى ۋە خىجىل بولۇشتۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74754
يازما سانى: 56
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 244
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 92 سائەت
تىزىم: 2012-2-4
ئاخىرقى: 2012-6-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 04:46:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ.كۆزۈمدىن ياشمۇ چىكەتتى.

ئوماق
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش