رۇستەم قاراسۇ
ئىجادىيەتلىرى
شائىرنىڭ ئارزۇسى
ۋەتەن ئۆچۈن يازغۇم بار ئابدۇخالىقتەك،
دىھقان ئۆچۈن يازغۇم بار رۇزى سايىتتەك.
ئەل يۇرتۇمنىڭ شاتلىقى كۈلكىسى ئۆچۈن،
كۈي شېئرىمۇ يازغۇم بار مۇختەر بوغرادەك.
مۇھاممەتجان راشىدىن ئۇستازىم بولسا،
يازغان شئرىم خەلقىمنى ئويلارغا سالسا.
ناھەق ئۆلۈپ كەتسەممۇ رازى مەن پەقەت،
ئەل ئارسىدا ئۆتكۈردەك بىر نامىم قالسا.
چاپان سالغان نوچى ئەمەس
يۇرىتۋازلىقتىن قوتۇلالماي قىلدۇق كۆپ جىدەل،
بىلەلمىدۇق بىلسەك ئەسلى شۇمۇ بىر كىسەل.
ئاچچىق سۆزۈم چۆشەنسەڭ گەر سەن ئۆچۈن ھەسەل،
چاپان سالغان نوچى ئەمەس ھازىر ئۇيغۇرۇرم.
ئاچ كۆزۈڭنى ئەتراپىڭغا قارا ئويغۇنۇپ،
يىتىۋەرمە ھۇرۇنلۇقتا قپماي تولغۇنۇپ.
ئىشىپ كەتتى ھەر جەھەتتە باشقىلار قۇيۇپ،
چاپان سالغان نوچى ئەمەس ھازىر ئۇيغۇرۇم.
كۆكتە ئوچساڭ نوچى دەيدۇ دۇنيامۇ سىنى،
ئىلىم پەندۇر شۇ ئۇچماقنىڭ ئۆرلەشنىڭ يۇلى.
بولۇپ قالما ئۇچقانلارنىڭ ھەرگىزمۇ قۇلى،
چاپان سالغان نوچى ئەمەس ھازىر ئۇيغۇرۇم.
شائىر يىغلايدۇ
ھەر بىر شائىر يىغلايدۇ كۆرسە بىر ئىللەت،
چۈنكى ئىللەت ئاپەتتۇر ياغدۇرار كۆلپەت.
ۋەتەن ئۆچۈن ئەل ئۆچۈن يىغلايدۇ شائىر،
ئىللەتلەرنى تۆزەت شۇ ئالغىن دەپ ئىبرەت.
ياخشىلارنى كۈيلەيدۇ يالغاننى قاتماي،
دەمدەر بولۇپ ئۈنلەيدۇ ئەل ئۆچۈن ھارماي.
ئارىمىزدىن چىقسا گەر ئادىمى شەيتان،
ئوۋچى بولۇپ ئوۋلايدۇ ئارىغا قاتماي.
بەر دىمەيدۇ پايدا نەپ قىلغىنى ئۆچۈن،
ئويلىشايلى ئادەملەر بۇ زادى نىچۈن.
قەلەم تۇتقان قولىغا سۆيسەكمۇ مىڭ رەت،
ئارتۇق كەتمەس شائىرنىڭ قان تەرى ئۆچۈن.
ئاتۇشۇم
مىھرى ئىسسىق ئاتەش ماكان يۇرتۇم ئاتۇشۇم،
تۇنجى بولۇپ مەكتەپ ئاچقان يۇرتۇم ئاتۇشۇم.
شەرىقتىكى گۆھەر بولۇپ چاقنىغىن مەڭگۈ،
ئەجدادىمدۇر بوغرا خاقان پەخرىم ئاتۇشۇم.
ئۆز يۇرتىنى ئەلا بىلمەس كېم ئۆزگە يۇرتتىن،
ئەۋزەل دەي مەن ئۆزگە يۇرتنى قانداقمۇ سەندىن.
يىتىلدىم مەن شۇ قوينۇڭدا ئۆستۈم باغرىڭدا،
ئارتۇق دەيمەن سىنى پۆتكۈل دونيا ئەللەردىن.
ساڭا بولغان مۇھاببىتىم چوڭقۇر ھەم چەكسىز،
سەندە ئۆتكەن مىنڭ گۆدەك چاغلىرىم كەپسىز.
ئاتاممۇ سەن ئاناممۇ سەن يۇرتۇم ئاتۇشۇم،
سىنڭ ئۆچۈن جىنىم پىدا ھەر ۋاقىت شەرتسىز.
دىھقان كۆرسەڭ تۇر ئورنىڭدىن
خىزىر سۆپەت كېشىلەردۇر دىھقانلار دىگەن،
ھەر بىر ناندا ئەجرى باردۇر بىلسەك بىز يىگەن.
بوي ئەگمەيدۇ جاپالارغا قاداق قوللىرى،
ۋايسىمايدۇ پۇتلىرىغا كىرسىمۇ تىكەن.
سەھرالىق دەپ كۆلمە ئۇنداق دىھقاننى كۆرسەڭ،
سەھرا دىگەن شەھەر باقار ئەزەلدىن بىلسەڭ.
شۇ سەھراسىز نەدىن كىلەر شەھەرگە ئاش نان،
نەپرەتلىنەر ئەلمۇ ساڭا دىھقانغا كۆلسەڭ.
تاج كەيدۈرسەڭ كەيدۈر ئاۋال دىھقان ئاكامغا،
قان تەرىدىن نېمەت سۇنار چۈنكى ئاۋامغا.
مەيلى شاھ بول ياكى پۇلدار كاتتىلاردىن بول،
دىھقان كۆرسەڭ تۇر ئورنىڭدىن ھۆرمەت سالامغا.
ئۇيغۇر قىزى
ئۇيغۇر قىزى ئايدەك ئۆزى شەرمى- ھايالىق،
مەپتۇن قىلار بىر جۆپ كۆزى بەكمۇ خۇمالىق.
ئىشچان قولى گۈلدەك بويى چاچلىرى تال- تال،
گۆزەللىكتە تەڭدىشى يوق زەپمۇ چىرايلىق.
ئەتلەس كۆينەك ،چىمەن دوپپا ئۇلار زىننىتى،
ۋىجدان -غۇرۇر، شەرمى- ھايا ئۇلار قىممىتى.
تاپماق مۆشكۈل يەتتە ئىقلىم كىزىپ جاھاندىن،
شۇ قىزلاردا بار خىسلەتنى يوقتۇر ئىللىتى.
ئۇيغۇر قىزى پەرى دىسەم ئارتۇق سۆز ئەمەس،
كۆكتە تۇرۇپ تۇلۇن ئايمۇ قىلىدۇ ھەۋەس.
شۇ سەۋەپلىك ئۇيغۇر قىزى ئاسقان كۆز مۇنچاق،
ئۇز گۆزەللىك ئەجداتلاردىن ئۇلارغا پەۋەس.
قېنى دوسىتلۇقۇڭ
پۇل تاپماستا دوستۇم دەيتىڭ قېنى دوسىتلۇقىڭ،
پۇل تىپىپلا ئۇنتۇپ قالدىڭ قېنى دوسلۇقۇڭ.
دوست دەپ كەلسەڭ بىلمەستىن مەن دوستۇم دەپتىمەن،
ئەمدى چاندى ئىيتقىن سىنڭ قېنى دوسىتلۇقۇڭ.
كۆرەڭلەيسەن بايلىقڭدىن كۆرسەڭ ھەر نۆۋەت،
دىيىشىڭچۇ تىخى سەندىن ماشىنام قىممەت،
نامەرىتلىكىڭ ئايان بولدى ئىيىتقىنە نامەرىت،
ئۇنتۇلدىمۇ غەملىرىڭگە بولغىنىم ئۆلپەت.
بەزلىگەننى ئۇنتۇپ قاپسەن يىغلىغىنىڭدا،
ئۆتمۈشلەرنى كەلمەس دەمسەن، ئەمەس سەن خۇدا.
ئامەتلىرىڭ كىتىپ قالسا قولۇڭدىن بىر كۈن،
ئۈتۈلىدۇ چىن دوسىتلۇقنىڭ قەدرى شۇ چاغدا.
ئۈمۈد
ھاياتلىقنىڭ سىرىنى ھىچكىم بىلمەيدۇ،
قانچە جاپا تارىتسىمۇ ئادەم ئۆلمەيدۇ.
لىكىن كىمكى ئۈمۈدتىن قالسا ئايرىلىپ،
تىرىك مۇردا دىسەكمۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ.
ياخشى كۈنلەر ئالدىڭدا دېگىن كۆڭلۈڭگە،
رەنجىمىسۇن ئۇ ھەرگىز كەلگەن تەغدىرگە.
يىقىلساڭمۇ يىغلىما دەس تۇر ئورنىڭدىن،
يىغلاش بىلەن يەتمەك تەس كۆتكەن مەنزىلگە.
ئۈمۈد بىلەن گۈزەلدۇر ھايات بىزلەرگە،
ھاياتىڭنى ھەر ئىنسان ئۆزۈڭ قەدىرلە.
ئۈمۈد بولسۇن ھەمرايىڭ ھايات يولۇڭدا،
ئۈمۈدسىزلىك دۆشمەندۇر بىلسەڭ ئۆزۈڭگە.
رۇستەم قاراسۇ...ئاتۇش
<1> توپلام